زوردۇن سابىر



زوردۇن سابىرزوردۇن سابىر

20– ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەببىياتىدىكى مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچى، ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى يېڭىچە قىياپەتكە ۋە يېڭىچە ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ ، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى پروزىچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان، ئوبزورچىلار تەرىپىدىن ‹‹ ئۇيغۇر پروزىسىدىكى بايراقدار يازغۇچى ›› دەپ تەرىپلەنگەن مەشھۇر ﻣﻮﻝ ﮬﻮﺳﯘﻟﻠﯘﻕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩر  1937– يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسى يېڭىتام (ھازىرقى بوستان) كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.    1998يىلى13–ئاۋغۇست تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.   
ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩرنىڭ ئەسەرلىرى:   
 
1980–يىلى 8–ئايدا «ئاۋرال شاماللىرى» ناملىق تۇنجى رومانى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان. 1981–يىلى« قوبۇلخانىدا »ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1983–يىلى «ئىزدىنىش» رومانى مەملىكەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت  يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر رومان»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1983–يىلى8–ئايدا «ساداقەت» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 1984–يىلى5–ئايدا «ئارچا ياپرىقى» ناملىق تۇنجى پوۋېستلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان (بۇ بەلكىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەشىر قىلىنغان بىر يازغۇچىنىڭ بىرىنچى پوۋېستلار توپلىمى بولۇشى مۈمكىن.). 1987–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئىزدىنىش»رومانىنىڭ قازاقچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان. 1989–يىلى12–ئايدا «ئىزدىنش» رومانىنىڭ2–قىسمى نەشىردىن چىققان.   1990–يىلى سىچۈەن مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن يازغۇچىنىڭ «زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق تۇنجى خەنزۇچە توپلىمى نەشىردىن چىققان. 1994–يىلى1–ئايدا «ئاتا» رومانى نەشىردىن چىققان. 1998–يىلى26–ئىيۇن «ئانا يۇرت»رومانىنى يېزىپ تاماملىغان.   
 
   
 
  «ئىزدىنىش»رومانى زوردۇن سابىرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسمى 1978-يىلى يېزىلىشقا باشلاپ ،1981-يىلى تاماملانغان ، 1982-يىلى تۈزىتىلىپ نەشىر قىلىنغان . خەلقىمىزنىڭ روماننىڭ ئىككىنچى قىسمىغا بولغان كۈچلۈك تەقەززاسى ئارقىسىدا ، زوردۇن سابىر 1985-يىلىدىن ~ 1987-يىلىغىچە بولغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھارماي ئىزدىنىش ۋە يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ، روماننىڭ ئىككىنچى قىسمى 1989–يىلى12–ئايدا نەشىردىن چىقىپ ، خەلقىمىز بىلەن يۇز كۆرۈشكەن . بۇ رومان  نەشىر قىلىنىش بىلەن جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپ ،خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن .   
 
يازغۇچى زوردون سابىر ‹‹ ئىزدىنىش ›› رومانىنىڭ  ئاساسىي ۋەقەلىكىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جەريانلار ئاساسىدا تىپىكلەشتۈرۈپ بارلىققا كەلتۇرگەن، بۇلۇپمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دىن ئىبارەت ئون يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق يىللارنى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى قىلغان ئاساستا ، بۇ دەۋر رىئاللىقىنى ئەينەن يورۇتۇپ بەرگەن .   
 
روماننىڭ مەركىزى ئىدىيىسى:  يازغۇچى «ئىزدىنىش»رومانىدا ئەلا، گۈزەلئاي ، رەقىپدىن ئىبارەت ئۈچ پېرسۇناژ ئۇتتۇرىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، باش پىرسۇناژ ئەلادەك بىلىم ئىگەللەشنى ھەممىدىن ئەزىز بىلىدىغان ، توختىماي قىتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغان ،بارلىقىنى ئۆز خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئىلىم سۆيەر كىشىلەرگە مەدھىيە ئۇقۇغان .رەقىپتەك شەخسىي مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ، ھۇقۇق ۋە مال-دۇنيا ئۈچۈن ھەرقانداق يامان  ئىش قىلىشتىن يانمايدىغان ، ئۆز مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ،تىلى شىكەر دىلى زەھەر كىشىلەرنى قاتتىق قامچىلىغان ۋە لەنەت ئۇقۇغان.   
 
ئىزدىنىش   روماندىن نەمۇنىلەر :   
 
      بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ ئالتە يۇز يىللار بۇرۇن ئىدىقۇت، ئىلىك خان ، تەڭرىقۇت، قاغان خاقان دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ ، ئىسلام دىنى كىرگەندىن كىيىن ، قاراخانىيلار دەپ ئاتالغان بۇ يەرلىمىزدە نېمىلەر بولمىدى ؟ قاراخانىيلارنىڭ تۇنجى خانى بوقاخاندىن تارتىپ ئون بەشىنچى خان بۇرھانىدىن خانغىچە بولغان ئون بەش قېتىم خان ئالماشقان دەۋرلەردە بولسۇن ياكى چاغاتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر يۈز ئوتتۇز يىل ، جۇڭغارلار زۇلمى ئاستىدىكى بىر يۈز يىگىرمە ئىككى يىل ياكى ئۇنىڭدىن كىيىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەنچىڭ زۇلمى ئاستىدىكى نەچچە ئونلىغان يىللاردا بولسۇن ، بۇ يەرلەردە تىنىمسىز ھالدا باشلار كىسىلدى، قانلار ئاقتى. ئىككى مىڭ ئالتە يۈز نەچچە يىلدىن بېرى كېسىلگەن باشلارنى يىغسا، سۆڭەكلەردىن تاغ پەيدا بولىدۇ، تۆكۈلگەن قانلارنى توپلىسا ، دەريا ھاسىل بۇلىدۇ.لېكىن شۇنچە قىرغىن-بالايىئاپەتمۇ بىزنىڭ داستان-شېئىرلىرىمىزنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىۋېتەلمىدى، ئەدەبىيات نەچچە مىڭ يىللىق مەزموت چىناردەك كۆكلەۋەردى، ئۇنىڭغا  يىڭى نوتىلار قۇشۇلىۋەردى.   
 
  قارايمەن تەلپۈنۈپ يىراق قىرغاققا ،   
 
  ئۇپۇقتىن نىگارىم چىقسىدى دەيمەن.   
 
  يۈرىكىم پۇچۇندى،بىلمىدىم نە ھال،   
 
دەردىمگە ھەر تاڭدىن شىپا تىلەيمەن.   
 
    
 
…ئەي ئىللىق،مىھرىبان تاڭ شاماللىرى،   
 
ئويغاتقىن يارىمنى سۆيۈپ يۈزىدىن  .   
 
ئېلىپ كەل قەلبىنىڭ جاراھىتىدىن  ،   
 
كۆز يېشى،مۇڭ زارى،سۆيگۈ سۆزىدىن.   
 
    
 
    
 
ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ، ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ. بىر كېسەك ياراتساڭمۇ ئىنسانسەن، بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن. لېكىن، باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ يەۋەرسەڭ ، يايرىغان، سەمرىگەن نام-ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋانسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار تەييارتاپ بايلارغا ئۆچ. كۆك قۇرتتىن تارتىپ پىلغىچە بولغان ھايۋانات ، ھاشاراتلارنىڭ ھەممىسىلا خاراب قىلغۇچىلار. ئۇلار ياراتمايدۇ، تەييارنى يەيدۇ.   
 
بىلىم خۇددى كىيىمگە قونغان چاڭدەك كۆرۈنمەي قونىدۇ، ئاستا-ئاستا قېلىنلىشىدۇ. بىر كىچىدىلا بىلىملىك بۇلۇۋالغان بىرەرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق، بىلىمگە بولغان كۈچلۈك تەشنالىق بولسىلا، كۈنلەر، يىللار ئۆتىۋىرىدۇ-دە ،سىز بىلىدىغان نەرسىلەر كۆپىيىۋېرىدۇ.   
 
ئىنسان بار ئىكەن ، مۇھەببەت بۇلىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن مۇھەببەت يۈكسەك قەدر-قىممەتكە ئىگە بىر پەزىلەت.   
 
دەرەخكە يوپۇرماق قانچىلىك زۆرۈر بولسا، ئىنسانغا پەزىلەت  شۇنچىلىك زۆرۈر.   
 
باشقىلارنى بەختسىزلىككە ئۇچرىتىشنىڭ ئۆزى ـــ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك ! .   
 
سەن خۇشاللىقنى ، بەختنى ، تەلەي –پىشانەڭدىن ئەمەس، ئەمگەك تەرىڭدىن ئىزدە. مېۋىلىك دەرەخ بول، مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ، سەۋەبى كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ......(كەلىمە ۋە دېمىنەدىن.)   
 
    ئۇنتۇما   
 
   سەن كەتتىڭ كەينىڭگە يېنىشلاپ بېقىپ ،   
 
   قالدىم مەن جۇدالىق ياشلىرىم ئىقىپ .   
 
   ئەسلەيمەن ھەر مىنۇت ئۈنسىز سېغىنىپ ،   
 
   يول يىراق، دىل يىقىن، شۇنى ئۇنتۇما.   
 
    
 
   يۈرىكىمنى يېرىپ كۆرسىتەلمىدىم ،   
 
ۋەسلىڭگە تەلمۈرۈپ ھېچ يىتەلمىدىم .   
 
بىردەممۇ دىلىمنى خۇش ئېتەلمىدىم ،   
 
سېنىڭسىز كۈن قىيىن شۇنى ئۇنتۇما .   
 
ئەر كېرەك ، ئەردەك كېرەك .   
 
بۇرغىسى تۇتقان ناردەك كېرەك .   
 
قۇرغىيەك سايىسىدا جان باققىچە ،   
 
بوز لاچىن چاڭگىلىدا ئۆلمەك كېرەك .(قىرغىز داڭلىق قوشىقى)   
 
    
 
يول ئەگرى بولسا پەللىمۇ يىراقلىشىدۇ، لېكىن ئىرادىلىك ئادەم ئۈچۈن يەتكىلى بولمايدىغان پەللە يوق.\   
زوردۇن سابىر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنى يېڭىچە قىياپەتكە ۋە يېڭىچە ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى پروزىچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆز خەلقىگە، مەملىكەتكە، شۇنداقلا دۇنياغا قايتىدىن تونۇتتى. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.   
 
 
مەرھۇمنىڭ ئىجادىيەت چەشمىسىنىڭ مەنىۋى كۇچ-كۇچ قۇدرىتى ئانا تۇپرىقىمىز دىن بوستانلىق ۋە چۆللۇكلىرىنىڭ تەشنالىقىنى قالدۇرۇپ كىتىۋاتقان ئەزىم ئىلى ،تارىم دەريالىرىنىڭ سۇلىرىدەك تومۇرلارغا توختىماي ئاقسا ،قىممىتى ،ئۇستى قار، ئاستى گۇل باغلار بىلەن زىننەتلەنگەن تەڭرىې تاغلىرىدە مەڭگۇ قەد كۆتۇرۇپ تۇرغۇسىې .ئەلۋىدا  ئۇستاز خاتىرجەم  يېتىڭ .ئەۋلادلار سىزنى ئەسىرلەر بويې مەڭگۇ ياد ئەتكۇسې .قەبرىڭىزدىن توزىماس گۇل- چىچەكلەر ئۇنگۇسى....   


نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى:
1-ئابرال شاماللىرى --رۇمان 1980-يىل،، شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 
 
2-ئىزدىنىش -رۇمان (2تۇم)-1983-يىل شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 
 
3-ئاتا --رۇمان (2تۇم)1983-يىل .شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 
4-ئانا يۇرىت -رۇمان (ئۇچ تۇم)2000-يىل شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى 
5-شەبنەم -ھىكايىلەر تۇپلىمى -1986-يىل شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى 
6-جىگدىلەر پىچىرلايدۇ --ھىكايىلەر تۇپلىمى --1984-يىل شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى 
7-ئارچا ياپرىقى --پوۋسىتلار تۇپلىمى --1996-يىل .-----،شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى، 
 
8-باش ئاخرى يۇق خەتلەر --ھىكايە ،زىيارەت خاتىرىسى --1992-يىل شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى 
9-قەرىزدار -ھىكايىلەر تۇپلىمى --1999-يىل --،،-----.شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى. 
10-گۇلەمخان --پۇۋسىتلار تۇپلىمى --1999-يىل شىنجاڭ ياش -ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى  
11-زۇردۇن سابىر ھىكايلىردىن تاللانمىلار --ھىكايىلەر تۇپلىمى --1990-يىل سىچۇەن مىللەتلەر نەشىرياتى (خەنزۇچە ) 
12-ئۇنتالمايمەن گۇلسارە --1989-يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى  
13-خەزىنە--خەنزۇچە -ئۇيغۇرچە ھىكايىلەر تۇپلىمى ---شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى  
14-ساداقەت---ھىكايىلەر تۇپلىمى --1983-يىل--مىللەتلەر نەشرى . 
 
ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-يىل 1-ساندىن




مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 595 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-01