ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

 

ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى


شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

 

  ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتقان، ئىچىملىك تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2006-يىلى 12-ئايدا قەدىمكى يىپەك يولىغا جايلاشقان مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئابىدە ماركىسىدىكى بىر تۈركۈم يېڭى ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك سانائىتىگە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك پەخىرى كارخانىسى.

بۇ شىركەت ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى بولغان جەنۇبى ئازادلىق يولى 318-قورۇغا جايلاشقان بولۇپ، 2007-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئيىتى تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى ئسلام دىنى جەمئيىتىگە ئەزا ئورۇن» دېگەن نامغا، 2007-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو تاۋار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى»، «يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلا مەھسۇلاتى»، «جۇڭگونىڭ نۇقتىلىق كېڭەيتىلگەن مەھسۇلاتى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

شىركەتنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتى بولغان ئابىدە ماندارىن ماڭگو قۇۋەت ئىچىملىكى جۇڭگو ئەقلىي مۈلۈك پاتىنېت ئىدارىسى تەرپىدىن «مەھسۇلات سىرتقى ئورالما قېپى پاتىنېت گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشتى.

2007-يىلى 9-ئايدا، شىركەت يەنە «جۇڭگونىڭ A3 دەرىجىلىك ئىشەنچىلىك كارخانىسى» نامغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ شان- شۆھرىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

مەھسۇلاتلارمەھسۇلاتلار

ھازىر مەزكۇر شىركەتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى 200 گە يېتىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە بولۇپ، شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلمەكتە.

شىركەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ بۈگۈنكى قەدەر سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەھسۇلات تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە شىركەتنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، شىنجاڭ بازىردىلا ئورۇن تۇتۇپ قالماستىن، يەنە تەرەققىيات ۋە بازار ئېچىشنى كېڭەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ سېتىش نۇقتىلىرىنى قۇردى.

شىركەت قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كىچىكلىكتىن زورىيىپ، بىر خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىن كۆپ خىللىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىچىملىك تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش شۇنداقلا سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يارىتىپ، سۈپەتلىك ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭلىق ماركا يارىتىش يولىغا قەدەم قويدى.

شىركەت تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى بولغان شىنجاڭ خوتەن ئابىدە يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى زور مەبلەغ بىلەن خوتەن شەھىرى بېيجىڭ سانائەت باغچا رايونىغا قۇرۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشتى.

ئىشىنىمىزكى، بۇ شىركەت كەلگۈسدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئشلەپچىقىرىپ، مىللىي يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي بىر «ئابىدە»گە ئايلانغۇسى.

دىيارىمىزنىڭ ئابىدەسى، ھەممىمىزنىڭ ئابىدەسى.

«ئابىدە» قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى ۋە بالىلار ئىچىملىكلىرى

بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان «ئابىدە» ماركىسىدىكى ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى، ئېنىرگىيىلىك ئىچىملىكى، ۋىتامىنلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكى ۋە ئادىشىم ئىچىملىكلىرى تەمىنىڭ ئېسىللىقى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، سۈپتىنىڭ ياخشىلىقى، سېتىلىشىنىڭ تېزلىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىلىك داڭلىق ماركىلىق  ئىچىملىك مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. تۆۋەندە بىز كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ «ئابىدە» ماركىسىدىكى بۇ يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلەرنىڭ پايدىلىق تەرىپى ۋە زىيانلىق تەرىپى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.                                     

1) «ئابىدە» ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى  

ئابىدە ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكىئابىدە ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكى                         

ماڭگو قۇۋۋەت ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە ساپ سۇ، قويۇقلاندۇرۇلغان ماڭگو شەربىتى، ئاق شېكەر، لىمون، ۋىتامىن ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان پۇراقلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ تەمى تاتلىق، تەبئىيتى مۆتىدىل.                                              

پايدىلىق تەرىپى: ماڭگودا كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك، ۋىتامىنAۋە ۋىتامىن C قاتارلىق مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، راك كېسەلگە قارشى تۇرۇش، قان تازىلاش، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىشتىھاسىزلىق، ئىچى تىتىلداش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى  تۈگىتىش، بەدەن ساغلاملىقىنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار، ئۇنىڭدىن باشقا  قورۇق  چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنى ياخشىلاپ، تېرىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقرىپ تاشلاپ، تېرىنى يۇمران ئاپئاق قىلىدۇ.                                                                   

2) «ئابىدە» ئېنېرگىيىلىك ئىچىملىكى                           

لىمون، ئاق شېكەر، ساپ ھەسەل، ساپ سۇ قاتارلىق بىرىكمىلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ تەبئىيتى ئىسسىق.                 

پايدىلىق تەرىپى:                                                     

ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، تەننى جانلاندۇرىدۇ، كەيپىياتنى روھلۇق كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ، بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارنىڭ ئىچىشىگە بەك ماس كېلىدۇ.

 زىيانلىق تەرىپى:

 ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا زىيانلىق  شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئىچمەسلىكى كېرەك.                                   

3) «ئابىدە» ۋىتامىنلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكى                            

ۋىتامىنلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە ساپ سۇ، ئاق شېكەر، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىنلىق  يېمەكلىكلەرنى ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ تەبئىيتى، ھۆل سوغۇق.                                             

پايدىلىق تەرىپى:

 ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن تولۇقلايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، تاماق سىڭدۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.  

زىيانلىق تەرىپى:                                                      

سوغۇق مىزاجىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ.                                                      

4) «ئابىدە» ئادىشىم  بالىلار ئىچىملىكلىرى 

ئابىدە ئادىشىم بالىلار ئىچىملىكىئابىدە ئادىشىم بالىلار ئىچىملىكى                               

ئادىشىم كالتىسي ئىچىملىكى ۋە ئادىشىم مېۋە ئىچىملىكى دىيارىمىزدىكى سانسىزلىغان ئوماق بالىلارنىڭ تالىشىپ ئىچىدىغان، سېتىلىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان ئىچىملىكى بولۇپ بالىلارنىڭ ئىچىشىگە  مۇۋاپىق. تەركىبىدە كالا سۈتى، شېكەر، ساپ سۇ بولۇپ، كالتىسي ۋە ۋىتامىن تولۇقلاپ، بالىلارنىڭ  ئىشتىھاسىنى ئېچىش، بوينى ئۆستۈرۈش قاتارلىق رولى بار.

  ئۆزگىچە تەم، شېرىن لەززەت «ئابىدە» يۈرۈشلۈك مېۋە شەربەتلىرىدە!

  يۇقىرى سەۋىيە ۋە يېڭى تېخنىكا بىلەن ئانا دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىغا يۈزلەنگەن داڭلىق ماركىلىق ئەلا سۈپەتلىك، ئېسىل تەملىك «ئابىدە» يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ، خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان، ئىشەنچىلىك ۋە بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

كۆپلىگەن خېرىدارلار ئىچىملىكلەرنىڭ  تەمىگە قاراپلا تاللاپ سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالغان شۇ خىل ئىچىملىكنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان–كەلمەيدىغانلىقىغا سەل قارايدۇ.

گەرچە «ئابىدە» يۈرۈشلۈك مېۋە شەربەتلىرىنىڭ شەكلى كۆركەم، تەمى شېرىن بولسىمۇ بىراق ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ماس كېلدىغان دائىرسى ئوخشىمايدۇ.

كەڭ ئىستېمالچىلىرىمىز «ئابىدە» يۈرۈشلۈك مېۋە شەربەتلىرىنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن توغرا تاللاپ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ھەر قايسى مېۋە شەربەتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە  دىققەت قىلشى كېرەك.

1) «ئابىدە» شاپتۇل شەربىتى

شاپتۇل شەربىتى ئاساسلىقى  قويۇقلاندۇرۇلغان شاپتۇل شەربىتى، ئاق شېكەر، لىمۇن كىسلاتاسى ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغان قوشۇمچە خۇشپۇراق ماتېرىياللارنى بېرىكتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، تەمى تاتلىق،  تەبئىيتى ھۆل سوغۇققا مايىل.

پايدىلىق تەرىپى: ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇق  تەشنالىقنى قاندۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، مىزاجى ئىسسىق كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى مۆتىدىللەشتۈرۈش، مېڭىدىكى ئارتۇق ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، سەپرانى پەسەيتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق رولى بار.

زىيانلىق تەرىپى:

سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ، بوۋاق بالىلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى كۆپ، شۇڭا دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار  كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

2) «ئابىدە» چىلان شەربىتى

ئابىدە چىلان شەربىتىئابىدە چىلان شەربىتى

چىلان شەربىتى تەركىبىدە ساپ سۇ، ئاق شېكەر، قويۇقلاندۇرۇلغان چىلان شىرنىسى ۋە يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان مۇئەتتەر قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ئىشلەنگەن بولۇپ، تەبئىيتى مۆتىدىل، سوغۇققا مايىل.

پايدىلىق تەرىپى:

قاننى تازىلاپ قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، قويۇق ماددىلارنى تارقىتىش، ئاۋازنىڭ ئسسىقتىن پۈتۈپ قېلىشىنى داۋالاش، بەدەننىڭ ھەرخىل كېسەللەرگە بولغان قارشى تۇرۇش ئىقتىدارنى كۈچەيتىش، مېڭىنى تىنىچلاندۇرۇش، قىزىتمىنى ياندۇرۇش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سوزۇلما يوتقۇنچاق ياللۇغى، ئېغىز ياللۇغى، گال ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە باشلىنىش دەۋرىدىكى دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.

زىيانلىق تەرىپى:

 يەل پەيدا قىلىدۇ، كۆپ ئىچكەندە ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ. ئىسسىق مىزاجدىكىلەرنىڭ قېنىنى سۇيۇلدۇرۇپ، سوغۇق مىزاجدىكىلەرنىڭ قېنىنى قويۇلدۇرىدۇ.

3)  «ئابىدە ئالما شەربىتى»

ئالما شەربىتى تەركىبىدە ساپ سۇ، ئاق شېكەر، قويۇقلاندۇرۇلغان ئالما شىرنىسى قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، تەمى تاتلىق، تەبئىيتى مۆتىدىل.

پايدىلىق  تەسىرى:

قان كۆپەيتىدۇ، مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، چىش مىلىكى ۋە بۇرۇن قاناشنى توختىتىش، قۇرۇق ۋەسۋەسىنى يوقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيتى بار، تەركىبىدە زور مىقداردا كالىي بار بولۇپ دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە مۇئەييەن پايدىسى بولىدۇ.

زىيانلىق تەركىبى:

 بوۋاق بالىلارنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئىچسە ئۇنۇتقاق قىلىپ قويىدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلىۋەتسە قورساقنى كۆپتۈرىدۇ.

4) «ئابىدە» ئاپېلسىن شەربىتى

ئاپېلسىن شەربىتى ئاق شېكەر، لىمۇن كىسلاتاسى ئاپېلسىن شىرنىسى ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان قوشۇمچە خۇشپۇراق ماتېرىيال  قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئشلەنگەن بولۇپ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، تەبئىيتى قۇرۇق سوغۇق.

پايدىلىق تەرىپى:

ئاپېلسىن بەدەندىكى ماينى پارچىلاش يۇقىرى قان بېسىمنى پەسەيتىش، ئسسىقنى قايتۇرۇش، تاماق سىڭدۈرۈپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش. بەدەننى كۈچەيتىش قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللىرى بار ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن س بار بولۇپ دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. قۇرۇق ئسسىقتىن بولغان ھۆتەلگە شىپا قىلىدۇ.

زىيانلىق تەرىپى:

ھۆل سوغۇق مىزاجلىقلارغا زىيان قىلىدۇ. كاناي ياللۇغى قاتارلىق نەپەسلىنىش سېستېمىسىنىڭ كېسەللىكى بار كىشىلەر، كىچىك بالىلار، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بەلغەم كۆپ كېلىدىغانلار ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

5)«ئابىدە» ئانار شەربىتى

ئابىدە ئانار شەربىتى
ئابىدە ئانار شەربىتى

ئانار شەربىتى، ساپ سۇ، ئاق شېكەر ۋە قويۇقلاندۇرۇلغان ئانار شىرنىسى يېمەكلىككە ئىشلىتىلدىغان مۇئەتتەر قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن، بولۇپ، تەمى تاتلىق، تەبئىيتى ھۆل ئىسسىق.

پايدىلىق تەرىپى:

قان كۆپەيتىش، يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەش قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، كەم ماغدۇرلۇقنى تۈگىتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش. يۆتەل توختىتىش، ئومۇمىي بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ھۆتەلنى توختىتىش رەڭگى روھىنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.

زىيانلىق تەرىپى:

كاناي ياللۇغى بار ۋە بەلغەم كۆپ  كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى تېخمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. كۆپ ئىچىۋەتسە سەپرانى ئۇلغايتىدۇ.ھەم ئاشقازانغا زىيانلىق، شۇڭا ئىستېمالچىلار ئانار شەربىتىنى سېتىۋالغاندا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

6)«ئابىدە» نەشپۈت-ناۋات شەربىتى

نەشپۈت –ناۋات شەربىتىنىڭ تەركىبىدە ساپ سۇ، ئاق شېكەر، ناۋات ۋە قويۇقلاندۇرۇلغان نەشپۈت شىرنىسى بار بولۇپ، تەمى تاتلىق، تەبئىتى ھۆل سوغۇق.

پايدىلىق تەرىپى:

يۈرەك ۋە مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مىزاجنى تەڭشەش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار.

 زىيانلىق تەرىپى: دىئابېت كېسلى بار بىمارلارغا زىيان قىلىدۇ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، قورساقنى كۆپتۈرىدۇ ۋە ئاغرىتىدۇ، شۆلگەينى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

كەڭ ئىستىمالچىلار «ئابىدە» يۈرۈشلۈك مېۋە شەربەتلىرىنى سېتىۋالغاندا يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئالاھىدە  دىققەت قىلىشى كېرەك. 

«ئابىدە» دىن بارچە تىللار ھۇزۇرلانسۇن، بارچە  دىللار سۆيۈنسۇن.

ئىشىنىمىزكى «ئابىدە»، يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلىرى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكۈسى!                                    

شىركەت نامى: شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

تېلېفون: 0991-8555633

ئورگان تور بېتى: www.xjabida.com

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازادلىق يولى 318-قورۇ

ئېلخەت ئادرېسى: yaghlagaruyghur300@outlook.com

فاكىس: 0991-2878787

 

شىركەتنىڭ خەنزۇچە تولۇق نامى:

新疆阿比德生物科枝开发有限公司

电话 :0991-8555633

官方网站: www.xjabida.com

地址: 乌鲁木齐市解放南路318

电子邮箱: yaghlagaruyghur300@outlook.com

传真: 0991-2878787

 

English:

xinjiang Abida Bio Technology com,LTD

TeL+86+0991-8555633

Address: NO318 theliberation south road,urumchi, XinJiang, China

FAX:0991-2878787

 Website:www.xjabida.com

Email: yaghlagaruyghur300@outlook.com 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 12

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1080 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-10