ئەھمەد مەجىد



ئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىدئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىد



ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەھمەد مەجىد ئالەمدىن ئۆتتى

ئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىد

رۇسىيە ئاۋازىنىڭ 22-دېكابر خەۋىرى: ئاسمان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەب تىلى قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىد 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە قاھىرەدە 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. نامىزى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشۈرۈلگەن.

ئەھمەد ئەسمەت ئابدۇل مەجىد 1924-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944-يىلى ئىسكەندەرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1944-يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغان، 1947-يىلى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1950-يىلى مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە كىرگەن ھەمدە نەچچە بۆلۈمدە خىزمەت قىلغان. مىسىرنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتى بولغان.

1970-يىلى فرانسىيدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغان، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1972-يىلى مىسىرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بولغان ھەمدە بۇ ۋەزىپىنى 1983-يىلغىچە ئۆتىگەن. 1984-يىلدىن 1991-يىلغىچە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، 1991-يىلى ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان.

ئۇ 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 89 يېشىدا قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

 

تەرجىمىدە: نەپرەت

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 528 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-23