«باھادىرنامە» رومانىدىكى ئۆلۈمگە ئائىت بايانلار توغرىسىدا




باھادىرنامە1باھادىرنامە1

«باھادىرنامە» رومانىدىكى ئۆلۈمگە ئائىىت بايانلار توغرىسىدا

رۇقىيە قادىر


    «باھادىرنامە» رومانى يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يىرىك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زور ھەجىمگە سىغدۇرۇپ كەلگەن مول مەزمۇن، ئۆزگىچە تىل، يۈكسەك بەدىئىي تىل، بەلگىلىك دۇنيا قاراش، تۇرمۇش، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلار ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىدى. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، «تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخىت-سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش، زاۋاللىقا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشتەك تارىخىي جەريانى بۇ روماندا داستان (ئىپوس) خاراكتېرلىك يۇرۇتۇپ بېرىلگەن.» ①

روماننىڭ «ئىپوسلۇق خاراكتېرى» گە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭدا پېرسۇناژلارنىڭ تەخىت-سەلتەنەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەش، يۇرت-خەلقنى قوغداش جەريانىدىكى باتۇرلۇقلىرى ئاساسىي لىنيە قىلىندۇ. روماندىكى خىلمۇ-خىل مۇرەككەپ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، شۇنىڭغا ماس ھالدا يارىتىلغان پېرسۇناژ ئوبرازلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىممەتلىك روھى، ئىرادىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلار قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما ھەرقانداق باشلىنىشنىڭ ئاخىرلىشىشى بولغىنىدەك، روماندا تىللاردا داستان بولغان باھادىرلارنىڭ ياكى رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققانلارنىڭ ھاياتىنى مەلۇم يوسۇندا تۈگەللەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ ئىش-پائالىيىتى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئېپوسلاردىكى «سىرلىق ئۆلۈم»، «مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى ئىزدەش»، «ئۆلمەسلىكىنىڭ دورىسى» نى يوقىتىپ قويۇش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىش مۇتىفلىرىغا ئوخشىمىغان ھالدا تەبئىي ئۆلۈم ياكى تاسادىپى ئۆلۈم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇئەللىپ ھەربىر قەھرىماننىڭ كەچۈرمىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ يېزىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ يازىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈمى ھاياتلىقىدا قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولسا، بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈمى تاسادىپى بولىدۇ، بۇ تەپسىلاتلار زىچ گىرەلىشىپ ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى بەلگىلىك پەلسەپەۋى قاراشلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھاياتلىق دېگەن بۇ ئۇقۇم بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ ئۆلۈم ئۇقۇمى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۆلۈم ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرىشىگە ئاساس سالدى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىنى باشقا جانلىقلاردا بولمىغان مەناغا ئىگە قىلدى. ئۆلۈم ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتىگە بولغان چۈشەنچىلىرىگە ئاساس يارىتىپ بەردى. ②

ھاياتقا ئوخشاشلا ئۆلۈممۇ ئىنسان ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئوبيېكتىپ ئامىل. ئادەمنىڭ جىسمى ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن، يەنىلا بىر خىل روھ ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ھەرقانداق جانلىقتىن قىممەتلىك تەرىپى. شۇڭا ھەرقانداق سەنئەت، سەنئەتكار مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆلۈم  تېمىسى ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تېما سۈپىتىدە مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇلدى، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىپادە قىلدى.

«باھادىرنامە» رومانىدىكى ئۆلۈم تەسۋىرلەنگەن سۆز-جۈملىلەردىن خەلقىمىزنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ھاياتلىق پەلسەپەسى ۋە ئېتقادىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. روماندا قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇشى جەريانىدىكى تەپسىلاتلار ئاساسەن يېزىلمىغان، يېزىلغانلىرىمۇ شۇنداق ئىخچام يېزىلىپلا ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ۋاپاتى شۇنداق تەپسىلىي، ئالاھىدە ئۇرۇنغا قۇيۇلۇپ يېزىلغان. ئۇلارنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى سۆز-جۈملىلەر كۆپ بۇلۇشىغا قارىماي، ئىپادىلەش جەھەتتە تەكرارلىق ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. بۇنى بىر تەرەپتىن ئاپتورنىڭ تىل بايلىقىنىڭ موللۇقى دەپ چۈشەنسەك، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۆلۈمنى ھاياتلىققا ئوخشاشلا مۇھىم بىلىدىغان، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىدىغان، ئۆلۈمنى يارىشىقىدا ئۇزىتىش ۋە سۈپەتلەشنى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدىغان تەپەككۇرىمىزنىڭ ئىپادىسى دەپ تۇنۇشقىمۇ بۇلىدۇ.

بىرىنچى، روماندىكى ئۆلۈم تەسۋىرلىرى

1.ئادالەتلىك، پاراسەتلىك سۇلتانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. رومان سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىڭ ئاتىسى شىرئەلى ئوغلاننىڭ مۇسىبىتى بىلەن باشلىنىدۇ. مەلىكە سۇلتان خاتۇننىڭ تىلىدىن «...رەھمەتلىك پەدەرلىرى شۇڭقار بولغاندىن بېرى...» دېگەن بايان بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى «شۇڭقار بولۇش» تەبئىيلا مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى باتۇر-باھادىرلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. «تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىدا شۇڭقار ياكى بۈركۈت قەھرىماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ئىدى، ئۇنىڭ روھىنى چەكسىز كۆككە ئاچىقىپ كېتەتتى...غەربتىكى تۈركىي قوۋملەر ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان، ھەتتا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ‹ئۇ ئۆلدى› دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹شۇڭقار بولدى› دېگەن ئىدېئومنى قوللىنىپ كەلدى.» ③

2.زالىم، ئىشرەتخور، نەپسانىيەتچى سۇلتانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇنداقلارنىڭ ئۆلۈمى گەرچە خەلقنى خۇشال، رەقىبلىرىنى تەقەززا قىلسىمۇ يەنىلا بىۋاستە ئۆلۈم سۆزىنى ئىشلەتمەستىن، سىلىقلاپ ئېيتىلىدۇ – يۇ، باشقا پېرسۇناژلارنىڭ دېئالوگلىرى ئارقىلىق بۇخىل كەيپىيات ئىپادە قىلىندۇ. مەسلەن : زالىم شىر مۇھەممەدخاننىڭ قازا قىلىشى خانلىق ئۈچۈن پايدىلىق بولسىمۇ كۆپچىلىك ئاشكارا ئىپادىلىمەيدۇ ۋە بۇ ئۆلۈمنى يۇشۇرۇپ، نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ چۈشۈرۈپ، خانلىق ئىچىدىكى زىددىيەت ئۇۋەيىسخاننى تەختتە ئولتۇرغۇزۇش بىلەن ھەل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مۇسىبەت جاكارلىنىدۇ. يەنىلا «ئاللانىڭ رەھمىتىگە كەتتى» دەپ چىرايلىق سۈپەتلىنىدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسياتىغا باغلىق بولماي، تىل ۋە تەپەككۇر ئادىتىمىزگە ناھايىتى ئۇيغۇن. يەنە دوستمۇھەممەدخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن «پادىشاھى ئالەم قازا قىلدى» دېگەن خەۋەر خۇددى «بالايىئاپەت قازا قىلدى» دېگەندەك ئاڭلىنىپ پۈتۈن خەلق خۇشال بولسىمۇ، بۇ خۇشلۇقىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالماي يەنە ئۆز يولىدا قارىلىق تۇتىدۇ.

3.ياشىنىپ قېلىش ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇ خىل تەسۋىرلەر روشەن ھالدا تەسەللىي ئېيتىش ۋە تەقدىرگە تەن بېرىش تۈسىگە ئىگە. زىيادە قېرىپ كېتىش كېسەللىككە ئوخشاشلا ئازاب. گەرچە قېرىلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمەتلىرى بولسىمۇ، نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر تەۋەررۈك سانىلىپ قەدىرلەنسىمۇ ئۇلار تەبئىيلا باشقىلارغا ھاجەتمەن بولۇپ قالغانلىقىدىن ئازابلىنىدۇ، شۇڭا تەقۋادار كىشىلەر قېرىلىق ئازابىنى تارتىشتىن قۇتۇلۇپ تېزرەك «ئامانەتنى تاپشۇرۇپ، ئارام تېپىش» نى تىلەيدۇ، روماندا بۇ خىل قاراشمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇلۇسبېگى خۇدايداد ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقان ئوغلى قازا قىلغاندا قاتتىق ئازابىنى يوشۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ : «...ئارتۇقچە نالە-زار قىلىپ بىسەرەمجان بولمىسۇنلار، ئەمىرزادەمنىڭ ۋاقتى-سائىتى يەتكەن ئوخشايدۇ، ‹بالاغا سەۋىر، قازاغا رىزا› دەپتىكەن. شۇڭا رىزالىق بېرىپ ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق قىلسۇنلار.» («باھادىرنامە» 84-بەت) سەييىد ئەلى ئالىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ قازا قىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغىچىسى ئۇزسۇلتان مەلىكە ۋاپات بولغاندا ئەتراپىدىكىلەر مۇنداق دەيدۇ : «-دۇئا قىلسىلا ئەمىرزادەم، مەلىكە ئالىيلىرى ئارام تېپىپتۇ...» («باھادىرنامە» 1100-بەت) ئۆلۈم ماھىيەتتە ئانچە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس. ئۇ بىرخىل ئارام تېپىش، مەڭگۈلۈك ئەركىنلىكتىن ئىبارەت.

4.يۇرت-خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە خائىنلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇ خىلدىكى تەسۋىرلەردىمۇ ئوخشاشلا سىلىقلاش تۈسى بار. ئەمما بۇ باشقا ئۆلۈم تەسۋىرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا كەسكىنرەك پوزىتسىيە بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدا «كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىش»، «قىلىچتىن ئۆتكۈزۈش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن قاتاردا «جان رىشتىسىنى كېسىپ تاشلاش»، «كەلمەس بولۇپ كەتكەنلەر قاتارىغا قۇشۇۋېتىش»، «ھاياتلىق دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش» قاتارلىق ئىۋفىمىزملىق سۆزلەرمۇ بار.

5.جەڭدە قازا قىلغانلارنىڭ ئۆلۈم تەسۋىرى. بۇخىل تەسۋىرلەر ئومۇملاشقان تىل ئادىتىمىزدىكى «شېھىت بولۇش، قەتلى قىلىنىش، شاھادەت شارابىنى ئىچىش» ئىبارىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان. جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ قازا قىلىش بىرخىل ساداقەت، شەرەپلىك مەسئۇلىيەت سانالغان. بۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۇلۇغلانغان.

6.ئۆلۈم ئاغزىدىن يېنىپ ئامان قېلىشقا ياكى ئۆلۈپ كېتىشى بەلگىلىك بولۇپ قالغانلىقىقا ئائىت تەسۋىرلەر. مەسلەن، سەييىد  ئەلى ئالىپ مىرزا ئۇلۇغبەگنى يولۋاسنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالغان چاغدا ئۇ «خۇداغا شۈكرى، سەييىد ئەلى ئالىپ جېنىمىزغا ئارا تۇردى» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «ئاش-تائامدىن قاپتۇدەك، بىر-ئىككى كۈنلۈكى قاپتۇدەك» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆلۈمدىن بېشارەت بېرىشتە قوللانغان.

ئىككىنچى، ئۆلۈم تەسۋىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھاياتلىق-ئۆلۈم پەلسەپەسى

«ئۆلۈم ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئىش. ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپەۋى چۈشەنچىسىگە باغلىق.» ④ روماندىكى ئۆلۈم تەسۋىرلىرىدە ئىپادىلەنگەن پەلسەپەۋى ئىدىيەنى روماندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دەۋىر بىلەن باغلاپ چۈشىنىش تامامەن مۇمكىن. «ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخىدا ‹كەنجى ئويغىنىش دەۋرى› دەپ ئاتالغان بىر باسقۇچ بولۇپ، بۇ ئەرەب مەدەنىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۆمۈرىيلەر سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت ئۆركىشىنى نەزەردە تۇتىدۇ.» ⑤ روماندا ئەكىس ئەتتۈرگىنى دەل مۇشۇ تارىخىي دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «بۇ شۇنداق بىر دەۋر بولغان ئىدى : بىر تەرەپتە تەبىئەت ئىلىمى، ھۈنەر-سەنئەت ئالىملىرى ئۆز لاگېرىنى، ئۆز داھىيلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن، يەنە بىر تەرەپتە ئىلاھىيەتچىلىك، روھانىيەتچىل سوپىزىم ھامىيلىرى ئۆزۈلاگېرىنى، ئۆز ۋەكىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن؛ بىر تەرەپتە دەھشەتلىك نىزا ۋە ئۇرۇشلار، خانىۋەيرانلىق، يەنە بىر تەرەپتە قۇرۇلۇش، بىناكارلىق ۋە مەدەنىيەت گۈللىنىشى، ئالاھىدە تىپىكلىككە ئىگە بولغان بۇ تارىخىي مۇھىت پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدېئولوگىيەسى تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى.» ⑥

ئاپتور يۇقىرىقىدەك  تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تاللىغان تۇرۇقلۇق نېمىشقا پاسسىپ تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرمىدى؟ نېمىشقا شۇ زامانلاردا ئەۋج ئالغان تەركىدۇنياچىلىق ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان ئۆلۈمنىلا كۈتۈپ ياشاش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش روماندا يوق؟ مانا بۇ مەسىلە روماننىڭ ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا.

   سوپىزم ئىسلام پەلسەپەسىدىكى ئالاھىدە بىر ئۇقۇم بولۇپ بۇنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسىپ تەرەپلىرىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. روماندا ئىپادىلەنگەن ئۆلۈم قارىشى ئىسلام پەلسەپەسىنىڭ بۇرمىلانغان شەكلى ئاتالمىش «سوپىي» لارنىڭ تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئۆلۈمنى كۈتۈشى ۋە ئۆلۈمگە خوشاللىق بىلەن يۈزلىنىشى ئەمەس، قىسمەن ئوبرازلارنىڭ ئۆلۈمىدىن باشقا «دوستمۇھەممەدخان، سانىزمىرزا) كۆپلىرىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تەسۋىرلەردە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ خىل مۇقەررەرلىكنى توغرا تۇنۇش، ھاياتلىققا ئوخشاشلا نورمال قۇبۇل قىلىش ۋە دادىل يۈزلىنىش خاھىشلىرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆلۈممۇ ھاياتلىققا ئوخشاشلا ھېكمەتلەرنىڭ بىرى، بۇ دۇنيادىكى ھادىسىلەرنىڭ  ھېچبىرى سەۋەبسىز بولماستىن قانۇنيەتلىك، ھېكمەتلىك بۇلىدۇ. روماندا بىرقانچە قېتىملاپ «بىز ھەممىمىز ئاللانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ھەممىمىز ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەت نەقىل كەلتۈرۈلۈپ بىر تەرەپتىن تەسەللىي ئېيتىش ۋە سەۋر قىلىشقا ئۈندەش مەنىسىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلىنىدۇ.

دېمەك، ئۆلۈم ھەققىدىكى تەسۋىرلەردە دىنىي ئېتقادـ ئىسلام پەلسەپەسى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، «ئاللانىڭ رەھمىتىگە مۇشەررەپ بولۇپ باقىيغا سەپەر قىلدى»، «ئاللانىڭ رەھمىتىگە كەتتى»، «رەھمەت دەرياسىنىڭ شەربىتىنى تېتىدى» دېگەندەك تەسۋىرلەردىن ئۆلۈمنى بىرخىل ئارام تېپىش، ئاللا تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات دەپ بىلىشتەك قاراشلارنى بىلگىلى بۇلىدۇ. «ئامانەتنى تېزرەك تاپشۇرۇپ، جانابى ھۆسنى مۇتلەقىنىڭ دەرگاھىغا بېرىش»، «مۇبارەك روھلىرىنىڭ لاچىنى پاكلىق ئالىمىدە پەرۋاز قىلىپ، جانابى ھەقنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىپتۇ»، «جانابى ھەققە ئامانەتنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىتلىرىم يېقىنلىشىپ قالدى» دېگەندەك تەسۋىرلەردىن سوپىزم ئىدىيەلىرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ئۆلۈمگە ئائىت بايانلاردا ئىپادىلەنگەن يەنە بىر مۇھىم ئىىدىيە ھاياتلىقىدا قانداق نام-ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۆلۈمىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بولىدۇ، دېگەن ھاياتلىق پەلسەپەسى. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە دىنىي ئېتقاد بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسز، زالىم پادىشاھ دوستمۇھەممەدخاننىڭ ۋاقىتسىز، رەسۋالارچە ئۆلۈشى، سەييىد ئەلى ئالىپنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ھەممە پىلانلىرىنى ئۇرۇنلاپ بولۇپ خاتىرجەم كۆز يۇمۇشى قاتارلىقلار بىزنى ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقتىكى كەچۈرمىشلەرنى بىۋاستە باغلاپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ھاياتلىق تۈرلۈك تاسادىپىيلىق بىلەن تولغان بولۇپ، تەقدىرنىڭ ئىرادىسى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن قاراشمۇ بار، سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىڭ ئۆز سەركەردىسىنىڭ تاسادىپىي قېيىپ كەتكەن ئوقىدىن ھايات ئايرىلىشى، ئۇ سەركەردىنىڭ ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشى، سانىز مىرزىنىڭ شۇنچە ھەيۋەتلىك جەڭدىن ئامان قېلىپ ئاتتىن يىقىلىپ، يۇلغۇن كۆتىكى سانجىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشى  ۋە مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆز ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى مانا شۇ پىكىرنىڭ دەلىلىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇلۇغبەگنىڭ تىراگېدىيەسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇلۇغبەگ ئۆزىنىڭ ئوغلى لەشكىرى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ ئۇنى جەڭگە چاقىرغاندا ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ : «...ئۆز پەرزەنتىمدىن ۋاپا كەلمىگەن بۇ ئالتە كۈنلۈك دۇنياغا نېمانچە تارتىشىمەن؟ نېمىشقا مەردلىك بىلەن ئۆلۈمگە يۈزلىنەلمەيمەن؟ شۇنچىلىك قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىممۇ ئەمدى؟...» («باھادىرنامە» 846-بەت) بۇ دۇنيانىڭ سىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، ئۆلۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بىر ئۇلۇغ ئالىم، كاتتا پادىشاھنىڭ ئۆز پۇشتى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشى ئىنسان، ھايات ماھىيىتى ھەققىدىكى سىر بولماي نېمە؟

ئۈچىنچى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەر

ماقال-تەمسىل بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى. ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي  ئالاھىدىلىكىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ماقال-تەمسىللىرى  بار بولۇپ، بۇ بىر مىللەت مەدەنىيىتىنى كۆزىتىشتىكى  مۇھىم كۆزنەك. ⑦  ئۆلۈم ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەرمۇ روماندا بەلگىلىك پەلسەپىۋى مەزمۇننى ئىپادىلەش رولىنى ئوينىغان. «قازاغا رىزا، بالاغا سەۋىر»، «ئون ئۆلۈكتىىن بىر شېھىت ئەلا، ئون شېھىتتىن بىر تىرىك ئەلا»، «جان بار يەردە قازا بار»، «يىغا يىغىنى كەلتۈرەر، قارا قارىنى چىللار»، «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر ئۆلۈم سەۋەبىدىن ئارتۇقچە قايغۇرۇپ ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويماسلىق، تىرىكلەر يەنە ھاياتىنى  ياخشى داۋاملاشتۇرۇش، ئۆلۈمگە توغرا پوزىتسىيەدە بۇلۇش قاتارلىق قاراشلارنى ناھايىتى جايىدا كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئۆلۈم ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىل ئادىتىدە تابۇ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بىۋاستە قوللىنىلماستىن سىلىقلاپ ئېيتىلىدۇ. روماندىكى بىزنى قايىل قىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە بىز ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا كۆپ قوللىنىدىغان ئۆلۈم ھەققىدىكى ئىۋفىمىزملىق سۆزلەرىن باشقا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئالاھىدە ئىۋفىمىزملارمۇ قوللىنىغان. گۇمانىزملىق نۇقتدىن قارىغاندا روماندا ناھايىتى سىلىقلاپ قوللىنىغان تەسۋىرلەردىن ئىنسانغا بولغان ئۇلۇغلاشنى كۆرۈۋېلىشمۇ مۇمكىن. بىزنىڭ ئۆرۈپ –ئادىتىمىزدە بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قانداق ئۇزىتىلغانلىقى ئۇ كىشىنىڭ قەدەر-قىممىتىنىمۇ ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھەممىنى قۇبۇل قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، بىپەرۋا بولۇۋالماسلىق، زىيادە قايغۇرۇپ ئۆزىنى خوراتماسلىق، ھاياتلىقىدا ئۆلۈمنى ئويلاپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەھمىيەتلىك ياشاش بىزنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى پەلسەپەمىزنىڭ جەۋھىرى. روماندا بۇ نۇقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.خۇلاسىلىگەندە، «باھادىرنامە» زور ھەجىملىك رومان بولغاچقا، پېرسۇناژلارنىڭ ئۆلۈمىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىنى تەقەززا قىلغانلىقتىن ئۆلۈمگە ئائىت تەپسىلاتلارغا بەلگىلىك سەھىپە ئاجرىتىشقا تېگىشلىك بولىدۇ ۋە بۇ تەپسىلاتلار تەبئىي ھالدا روماننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە روماندا جەڭ ۋەقەلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ  كۆپ يېزىلىشىمۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئەمما بىز نەزەر-دائىرىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق بىرقەدەر چوڭقۇر پەلسەپەۋى مەنىنى ھېس قىلالايمىز. روماندا ئۆلۈم ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا مۇنداق كەڭرى ئۇرۇن بېرىلىشى ۋە ئاكتىپ مەنىدىن قەلەمگە ئېلىنىشى بىزنىڭ تۇرمۇش، ھاياتلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردە بەلگىلىك پەلسەپەۋى چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىزدىنىشىمىزدە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزاھلار:

① ياسىنجان سادىق چوغلان : «باھادىرنامە»، 2010-8-ئاي 1-نەشىرى، 1-بەت.

叶舒宪英雄与太阳陕西人民出版社,2005-5月第一版第209

 ئەسئەت سۇلايمان : «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 3-ئاي، 1-نەشىرى، 409-بەت.

④نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى : «ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلى ، 2007-يىللىق 5-سان.

⑤⑥ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن : «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، 2009-يىل 8-ئاي 2-نەشىرى 286-بەت.

⑦گۈلنار ئۇبۇل، بۇئايشەم ئابدۇرىشىت : «ئۇيغۇر تىلىدىكى مىتافۇرا ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2011-يىللىق 3-سان.

ئاپتور : قەشقەر پېداگوكىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە 2010-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى

تەھرىرلىگۈچى : مەرۇپچان مەمتىمىن


مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2012-يىىللىق 6-سان


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1028 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-21