«ئىلاھىي تايغان»-موڭغۇل مىللىتىنىڭ بۆرە توتېمى


«ئىلاھىي تايغان»-موڭغۇل مىللىتىنىڭ بۆرە توتېمى

جىياڭ رۇڭ


    بۆرە موڭغۇللار ئېتىقاد قىلىدىغان ھايۋانىي ئەجداد ۋە توتېم. «ئىلاھىي تايغان» موڭغۇللار تەرىپىدىن بۆرىلەرگە قويۇلغان ھۆرمەت نامى. مۇشۇ سەۋەبلىك، «ئىلاھىي تايغان» ئەمەلىيەتتە موڭغۇللارنىڭ بۆرە توتېمى.

  «ئىلاھىي تايغان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مۇڭغۇلىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ۋە ئالىم گاۋ توبۇ ئەجىم ئەپەندى بولۇپ، لەقىمى «كۆك بۆرە»، موڭغۇلىيەلىك دۆلەتلىك مەركىزىي كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى. «ئىلاھىي تايغان» ئەجىم ئەپەندىنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن يېزىلغان ئەنئەنىۋى نوپۇزغا ئىگە ئىنسكلوپېدىك، كىلاسسىك دەستۇر. ئۇنىڭغا ئەجىم ئەپەندىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان موڭغۇل بۆرىلىرى، بۆرە توتېمى ئېتىقادى، موڭغۇللار بىلەن بۆرىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىپ يېزىپ چىققان 41 پارچە ئىلمىي ماقالىسى بىلەن نەسىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «ئىلاھىي تايغان» ناملىق بۇ كىتاب موڭغۇلىيەدە توپلام بولۇپ نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، «بۆرە مۇڭغۇللارنىڭ توتېمى» دېگەن بۇتېمىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە دەلىللەپ بەردى ھەمدە موڭغۇللارنىڭ بۆرە توتېم مەدەنىيتىگە مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

  «ئىلاھىي تايغان» گەرچە ھېكايە ژانېرىدا يېزىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ھېكايىدىن قېلىشمايدۇ. كىتابقا بۆرە ھەققىدىكى بىز ئاڭلاپ  باقمىغان يۈز نەچچە ھەقىقىي ۋەقە، ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەت- چۆچەكلەر، ئادەمنى ئەييۇھانناس دېگۈزىدىغان سۇژىتلار كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا بۆرە ئېتىقادىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەچچە ئون پارچە قەدىمىي قىيا تاش رەسىملىرى، تام رەسىملىرى، تاش ئابىدە، تاش ئويمىلار قىستۇرما قىلىنغان.

  مەن «بۆرە توتېمى» نى ئوقۇپ باققان مىڭلىغان ، ئونمىڭلىغان جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرنىڭ-ئۇنىڭ ئۇتۇق ياكى كەمچىلىكلىرىگە باھا بەرگەن، ئۇنى ماختىغان ياكى سۆككەنلارنىڭ-مۇڭغۇلىيەلىك يازغۇچى تەرىپىدىن يىزىلغان، موڭغۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان «ئىلاھىي تايغان» نى ئوقۇپ بېقىشىنى سەممىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن. 

  جۇڭگو WTO غا كىرگەندىن كېيىن،تاپ باستۇرۇپلا پۈتۈن جەمىئيەتنىڭ ئورتاق ئېتىراپىدىكى بۆرە بىلەن دەرقەمتە بولىدىغان، بۆرىلەر بۇغا-ماراللارنى سۈر-توقاي قىلىدىغان، يەرشارىلاشقان رىقابەت دەۋرىگىمۇ قەدەم قويدى. ناۋادا دۆلەت پۇقرالىرى ئەركىن، مۇستەقىل، قەيسەر ھالەتتە رىقابەتكە چۈشىدىغان بۆرە روھىنى ھازىرلىمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قوي تەرىقىسىدە يەم بولىدىغان، ئەرزان باھالىق قوي گۆشىنى ساتىدىغانلار قاتارىغا ئۆتۈپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى. تېخىمۇ دېيىشكە تېگىشلىكى، جۇڭگۇلۇقلار موڭغۇل ئېرىقىغا مەنسۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى جەم بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ جەھەتتە سانى ئەڭ كۆپ موڭغۇللار جۇڭگودىن ئىبارەت مۇشۇ زېمىندا. چوڭقۇر قاتلام بويىچە قارىغاندا، ئەگەر دۆلەت پۇقرالىرى موڭغۇللارنىڭ مەنىۋى توتېمىدىن خەۋەر تاپمىسا ياكى ئۇنى قارىغۇلارچە چەتكە قاقسا، دەپسەندە قىلسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ قېنىمىزدىكى موڭغۇل گېنىغا زىت كېلىپ چىققان ھەمدە ئۇنىڭغا دەز كەتكەن بولاتتى. ھالبۇكى بۇ كۈنلەردە خەيئېر، خۇاۋىي قاتارلىق زور بىرتۈركۈم يىراق قەدىمىي گېن ئويغانغان، بۆرە روھىغا ئىگە كارخانا كوللىكتىپلار كەسكىن خەلقئارالىق رىقابەتتە بىر تالاي بازار ۋە ھاياتلىق تەرەققىياتىنىڭ ماكانىنى ئىگىلەپ بولغان يەردە ئىدى.مەنىۋى توتېم مىللەتنىڭ خاراكتېرى بىلەن تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

1

«ئىلاھىي تايغان» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنىڭ جۇڭگودا نەشردىن چىقىشىدا ھەم مۇقەررەرلىك ھەم تاسادىپىيلىق ئامىللىرى بار.

مەن «بۆرە توتېمى» نى ئۇزاقتىن ئۇزاق تەتقىق قىلغان ۋە يېزىۋاتقان جەرياندا، موڭغۇلىيەلىك يازغۇچى ئەجىم ئەپەندىنىڭمۇ «ئىلاھىي تايغان» ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى مۇتلەق ئويلاپ باقمىغانىدىم. «ئىلاھىي تايغان» كۆپ يىللىق ئويلىنىش ۋە يىزىققا ئىلىنىش ئارقىلىق 2007-يىلى 7-ئايدا تاماملانغان. «بۆرە توتېمى» 2007-يىلى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، «ئىلاھىي تايغان»نىڭ موڭغۇلچە ۋە ئېنگىلىزچە نۇسخىسىمۇ 2008-يىلى نەشر قىلىنغان. «بۆرە توتېمى» 2010-يىلى موڭغۇلىيەدە تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىققاندىن كېيىن ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.ئەمدىلىكتە «ئىلاھىي تايغان» مۇ جۇڭگودا تەرجىمە قىلىندى ۋە نەشىردىن چىقتى.ئۇنىڭمۇ جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بۇ ئىككى كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى موڭغۇلىيە جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرشىدىكى خۇشاللىنارلىق ئىش، بۇ ئەھۋال مۇڭغۇلىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەمدە رايۇن مۇقىملىقى ۋە دۇنيا تىنىچلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىدۇ.

 ئېغىزنى چاكىلدىتىشقا ۋە ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىكى 60 ياشقا كىرگەن موڭغۇل خەنزۇ ئىككى نەپەر يازغۇچىنىڭ ئويىلىمىغان يەردىن تەڭلا دېگۈدەك ۋاقىتتا ئوخشاش مەزمۇندىكى، ئوخشاش روھتىكى ،ئوخشاش توتېمدىكى بۆرە ھەققىدىكى كىتابنى يازغانلىقى بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى « پىشانىگە پۈتۈلگەن ئوخشاش قىسمەت» ھەققىدە ئويلاندۇرماي قالمايتتى. لېكىن ،مېنىڭچە بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرق لاگىرى پارچىلىنىڭ، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ بىر چاغلاردىكى قاتماللىشىپ كەتكەن تۈزۈلمىسى يۇمشىغان ياكى قىسمەن يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇزاقتىن بېرى سوغۇق سارايغا بەنت قىلىنغان ئەركىن، قەيسەر شەرق روھىنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرۈدىغان ئاتمۇسفىراغا ئىگە بولغانلىقى دەپ قارىسا بولاتتى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئىسلاھات ئېچىۋىتىش دەۋرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان «مۇقەررەرلىك» بار بىلەن يوقنىڭ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدىكى بىر مۇنچە «تاسادىپىيلىق» نى ئۇچراشتۇرغانىدۇق.

  مەن «ئىلاھىي تايغان» ناملىق كىتابنى 2009-يىلى يازدا «بۆرە توتېمى» نى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن موڭغۇلىيەگە مەنزىرە تاللاش ۋە مەدەنىيەت تەكشۈرۈشكە ماڭغان فىرانسىيەلىك داڭلىق رىژىسسور ژان ياك ئانوغا ھەمراھ بولۇش جەريانىدا تاسادىپىي يوسۇندا ئۇچرىتىپ قالدىم. شۇ چاغدا ئانو بىلەن ئىككىمىز  ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتكەنىدۇق. «ئىككىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلاھىي تايغان» بىلەن «بۆرە توتېمى»  ئاچا-سىڭىل ئەسەر بولۇپ، «ئىلاھىي تايغان»، «بۆرە توتېمى» دىكى  ۋەقەلەرنى، مۇددىئا ۋە قىممەت قارىشىنى قوللىغان يەردە ئىدى. بۇ كىتاب ئانونىڭ بۆرە توتېمىنى فىلىم قىلىپ ئىشلەش ئىشەنچىسىگە غايەت زور دەرىجىدە ھەمدەم بولدى،ئۇنىڭ «بۆرە توتېمى» نىڭ چىنلىقى ئۈستىدىكى دەرگۇمانلىرىنى غايەت زور دەرىجىدە يوقاتتى.

«بۆرە توتېمى» نېمىلا دېگەن بىلەن مەندەك  بىر جۇڭگولۇق خەنزۇ يازغان رومان بولغاچقا، ئۇ موڭغۇل مىللىتىنىڭ توتېمىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلىگەنمۇ-يوق، ئاپتور يايلاق مىللىتىنىڭ  يادرولۇق روھىنى ئاڭقىرالىدىمۇ-يوق دېگەنلەرگە نىسبەتەن، ئانونىڭ دەرگۇمان بولىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئانونىڭ « قوشۇن شەھەر گە يېقىنلاشقاندا»، «ئاشىق- مەشۇقلار»،«ئېيىقنڭ ھېيكايىسى» قاتارلىق كىنو ئەسەرلىرى يەر شارى بويىچە داڭلىق بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ۋەقەنىڭ چىنلىقىنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدىغان دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ رېژىسسور ئىدى. مۇشۇنىڭغا كۆرە، مەنمۇ ئانونىڭ «بۆرە توتېمى» نىڭ چىنلىقىغا بولغان تەلىپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ھالبۇكى ئۇنىڭ دەرگۇمانلىرى مەلۇم ياقتىن ئالغاندا، مۇشۇ كىتاب قوزغىغان ئۇزاققىچە داۋاملاشقان، كۆپتىن كۆپ غۇلغۇلا تۈپەيلى پەيدا بولغانىدى.

 ئىلاھىي ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان بۆرە توتېمى بىلەن جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىدىكى بۆرىدىن ئىبارەت ئىبلىس ئوبراز ئارىسىدىكى پەرق تولىمۇ چوڭ بولغاچقا، ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى بۆرە مەدەنىيتىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق قارىشىغا ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىش ھالىتىدە تالاپەت يەتكۈزدى. نەتىجىدە، «بۆرە توتېمى » ئۇزاق مەزگىل بازارلىق كىتاب بولۇش ۋە ئالقىشقا سازاۋەر بولۇش بىلەن بىللە، كەلكۈندەك دەۋرەپ كىلىۋاتقان تەنقىد بىلەن بېسىمدىنمۇ قۇرۇق قالمىدى. كېيىنىكى كۈنلەرگە كەلگەندە، ئىچكى مۇڭغۇلغا بارغان بىر قىسىم زىيالىي ياشلار ۋە ئالىملارمۇ «بۆرە توتېمى» نىڭ چىنلىقىدىن شۈبھىلەندى، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يايلاقتا ماكانلاشقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەندىكى سەرگۈزەشتلىرىنى پەش قىلىپ، بۆرە ھەققىدىكى بۇ كىتابنى رەزىللىكتە چېكىدىن ئاشقان مەدەنىيەت يالغانچىلىقى دەپ قارىدى. ئۇلارچە بولغاندا، موڭغۇللار بۆرىدىن نەپرەتلىنىدىغان، بۆرىنى يوقىتىدىغان، بۆرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئەھۋالدا،«بۆرە توتېمى» دېگەن نەرسە مۇتلەق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ «بۆرە توتېمى» غا ئېتىقاد قىلىشىدىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. «بۆرە توتېمى»بىر مەھەل مەدەنىيەتتە يالغاننى ياساپ چىققان گۇمانلىق دېلو ھېسابلىنىدىغان دەرىجىگە يېتىپ  باردى. شۇنداقتىمۇ« بۆرە توتېمى» يەنىلا ئەدەبىياتنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋەۋەقەلەرنىڭ چىنلىقىغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا نائىل بولدى. «بۆرە توتېمى» نەچچە ئون خىل چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ بەس-مۇنازىرە ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن چەتئەللەرگىمۇ يېتىپ باردى. مەن ئانونىڭمۇ مۇشۇ مۇنازىرىنىڭ تەسىرىدىن چەتتە قالمىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلالايتتىم.

     ئانو «بۆرە توتېمى» نى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان بولغاچقا، ماڭا بۇ كىتابنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ يېرىملاشتۇرماي تۇرۇپلا ھاياجاندىن قېن-قېنىغا پاتماي قالغانلىقىنى، قولىدىكى ھوللىۋود بىلەن توختاملاشقان ئۈچ- تۆت فىلىمنى تاشلاپ قويۇپ، ئالدى بىلەن «بۆرە توتېمى» نى سۈرەتكە ئېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى دەپ بەرگەنىدى. لېكىن، مەن ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىنىڭ بىرى كىتابنىڭ چىنلىقى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر «يالغان توتېم» سۈرئەتكە ئېلىنسا خېلى چوڭ خەلىقئارالىق مەسخىرىگە قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى، ھەتتا بەزى مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويۇش مۆمكىنلىكىنى بىلەتتىم.

ئانو 2009-يىلى يازدا جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن،«بۆرە توتېمى» فىلىمىنى سۈرئەتكە ئېلىش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كېچىكتۈردى. ئۇ ماڭا ئالدى بىلەن چوقۇم ئىچكى موڭغۇل بىلەن موڭغۇلىيە يايلاقلىرىغا بېرىپ بىۋاستە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئېچىش-ئاچماسلىق ھەققىدە قايتا قارارغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئانو مەن شۇ يىللىرى ئورۇنلاشقان چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، ئالدى بىلەن شۇچاغدىكى چارۋىچىلىق چوڭ ئەتىرتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان، بۈگۈنكى كۈندە يەتمىش ياشتى ھاقىغان پىشقەدەم چارۋىچىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەتتىكى بىرىنچى مەسىلە «جىياڭ روڭ  شۇ يىللىرى بۆرە باققانمۇ؟» دېگەن سۇئالدىن باشلاندى. ئۇ پىشقەدەم ئەترەتنىڭ باشىلىقىنىڭ جىياڭ روڭنىڭ بۆرە كۈچىكىنى باققانلىقىنى مەيداندىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ھەممەيلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتەلەيدۇ دېگەن جاۋابنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇش بولدى. ئۇ شۇ چاغلاردا كەنت باشلىقى بولغان يەنە بىر پىشقەدەم چارۋىچىدىن: «موڭغۇللار بۆرە توتېمىغا ئېتىقاد قىلامدۇ؟» دەپ سورىدى. پېشقەدەم كەنت باشلىقى: «بىز موڭغۇللار بۆرىگە ئېتىقاد قىلىمىز. لېكىن بۆرە دېگەن سۆزنى بىۋاستە تىلغا ئالمايمىز، ئۇنى <ئىلاھىي تايغان >،<چىڭگىزخاننىڭ تايغىنى>،<تۇغقىنىمىز> دەپ ئاتايمىز. بىزنىڭ بۇ يەردىكى موڭغۇللاردا <توتېم> دېگەن سۆز يوق. لېكىن <ئىلاھىي تايغان> جىياڭ روڭ سۆزلىگەن توتېم بىلەن ئوخشاش مەنىدە. مەن «بۆرە توتېمى»نى ئوقۇدۇم (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا نەشر قىلىنغان موڭغۇلچە نەشرى ). ئۇنىڭ ھەممىسى شۇ يىللىرى بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىشلار» دەپ جاۋاب قايتۇردى. ئانو بۇ گەپلەردىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئوپىراتورى زىيارەت جەريانىنى قالدۇرماي سۈرەتكە ئېلىۋالدى.

مەن مۇشۇ قېتىمقى زىيارەتتە،«ئىلاھىي تايغان» دېگەن سۆزنى پىشقەدەم چارۋىچىلارنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى مەرتىبە ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. تولىمۇ ھاياجانلانغانىدىم.لېكىن، ئۇ چاغدا موڭغۇلىيەدىكى يەنە بىر ئەنئەنىۋى نوپوزغا ئىگە «ئىلاھىي تايغان» ئەسىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقى خىيالىمغا كىرىپمۇ قويمىغان ئىدى. موڭغۇلىيەگە بېرىپ ئايروپىلاندىن چۈشۈشىمىزگىلا، ئالدىمىزغا چىققان موڭغۇلىيە ئايال شائىرى، يولباشلىغۇچى تەرجىمان تېگوس خانىم ئانو بىلەن ئىككىمىزگە موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەركىزى كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى ئەجىم ئەپەندىنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشكىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بىزگە موڭغۇلىيەدىكى پېشقەدەم بىر تەرجىماننىڭ«بۆرە توتېمى» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى نېمىسچىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى زور ژورنال ۋە«زىيەت» تە ئۇلاپ ئېلان قىلغانلىقىنى ،شۇنداقلا ئۇنىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەجىم ئەپەندىنىڭمۇ ئوقۇپ بېقىپ قەۋەتلا خۇش بولغانلىقىنى، جىياڭ روڭ بىلەن فىرانسىيەلىك رىژىسسور ئانونىڭ موڭغۇلىيەگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆرۈشۈش ئارزۇسىدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.تېگۇس خانىم مۇشۇلارنى دەۋېتىپ،ئەجىم ئەپەندىنىڭ داڭلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، يىقىندا بۆرە ھەققىدە بىر كىتابمۇ يازغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

  ئانو بىلەن ئىككىمىز ھەتتىدىن زىيادە خۇش بولۇپ، ئەجىم ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن دەرھال دۆلەتلىك كۇتۇپخانىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. كۇتۇپخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن، تۇرقىدىن بىلىملىك، مەدەنىيەتلىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئەجىم ئەپەندى بىز بىلەن كۆرۈشۈپلا ماڭا ئىككى كىتابنى تۇتقۇزدى: بۇ ئىككى كىتابنىڭ بىرى موڭغۇلچە بىرى ئېنگىلىزچە ئىدى. ئەجىم ئەپەندى ئانوغىمۇ ئېنگىلىزچىدىن بىرنى بەردى .مەن موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇلچە يىڭى يېزىقنى تونىمايتتىم. لېكىن، ئېنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ موقاۋىسىدىكى«The Dog Of Heaven» دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپ يۈرىكىم لەرزىگە كەلدى. ئىختىيارسىز ھالدا «ئىلاھىي تايغان!» دەپ توۋلىۋەتتىم. ئېنگىلىزچىنى ئوبدان بىلىدىغان ئانومۇ تۇرالماي قالدى. ئەجىم ئەپەندى كىتابنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداقلا تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، مەن ئالدىراپ-تېنەپ دېگۈدەكلا ئۇنى ئۇستاز تۇتتۇم.ئۇنى ئۆزۈمنىڭ بۆرە ئوقۇتقۇچىىسى دەپ ئاتىدىم، ئۇمۇ بەك خۇش بولدى. كېيىنچە مەن «ئىلاھىي تايغان» ئارقىلىق ئۇنىڭ لەقىمىنىڭ «كۆك بۆرە »ئىكەنلىكىنى بىلىدىم. «ئىلاھىي تايغان»نى كۆك بۆرە ئۇستازنىڭ ئۆزقولىدىن ئېلىش ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز چوڭ ئىش ئىدى. ئەجىم ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگودا نەشردىن چىقىرىش ھوقۇقىنى بېرىشكە قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئەجىم ئەپەندى رازىمەنلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.

ئانۇ موڭغۇلىيە يايلىقىدا تەكشۈرۈش بىلەن بولغان ئارىدا «ئىلاھىي تايغان» نى قولدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ چىقتى. كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ماختاپ ھارمىدى ھەمدە ھېلىقىدەك « <بۆرە توتېمى> يالغان مەدەنىيەت ياسىغان» دېگەن سەپسەتىلەرنى تۈپكى جەھەتتىن ئىنكار قىلدى. موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ بۆرە توتېمى بولۇشقا تېگىشلىك بۇ كىتاب، ئانونىڭ بۆرە توتېمىنى رەسمىي سۈرئەتكە ئېلىش توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قارارغا كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۇ بىېيجىڭغا قايتىپلا ئاخبارات ئېلان قىلىش

يىغىنى چاقىرىشقا دەرھال قوشۇلدى ۋە«بۆرە توتېمى» نى كىنو قىلىپ ئىشلەش خىزمىتى باشلانغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. مۇشۇنىڭغا كۆرە، مېنىڭ كۆك بۆرە ئۇستاز ئەجىم ئەپەندىگە پۈتمەس تۈگمەس مىننەتدارلىقىم بار.

     ياندۇرقى يىلى مەن ئەجىم ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ چاڭجىياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشىرىيات گورۇھىغا بېرىپ، «ئىلاھىي تايغان» نى نەشىر قىلىش توختامنامىسىغا قول قويدۇم. چاڭجىياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىيات گوروھىغا بېرىپ،«ئىلاھىي تايغان» نى نەشر قىلىش توختامنامىسىغا قول قويدۇم. چاڭجىياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتىدىكى ياۋ كېچېڭ ئەپەندىنى تەرجىمانلىققا تەكلىپ قىلدى. بىراق ياۋ كېچېڭ ئەپەندى بەكمۇ ئالدىراش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلاھىي تايغاندا قەدىمىي ئىبارىلەر، شېئىر، ماقال-تەمسىل  ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، تەرجىمە خېلىلا تەسكە توختىغان بولسا كېرەك، كىتابنىڭ تەرجىمىسى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا ئاران تۈگىدى .

     ئىككى يىلنى مىڭ تەستە ئۆتكۈزۈپ بولغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، «ئىلاھىي تايغان» نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىگە ھۆرمەت ئىلىكىدە نەزەر ئېلش ئىمكانىيتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. كىتابنى تېز ئوقۇدۇم، ئىنچىكە ئوقۇدۇم، تۈجۈپىلەپ ئوقۇدۇم، يېنىشلاپ-يېنىشلاپ ئوقۇدۇم. قەدىمىي يايلاق پۇرىقى گۈپۈلدەپ چىقىپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك موڭغۇل بۆرە توتېمى بەجايىكى بىر ئىلاھىي دەستۇر دىلىمنى يورۇتۇۋاتقاندەك، خيالىي تەسەۋۋۇرلىرىمنى كۆكنىڭ قەھرىگە ئېلىپ چىقىپ، مېنى موڭغۇللارنىڭ بۆرە توتېمى بىلەن ھەقىقىي يۈز كۆرۈشتۈردى. مېنىڭ سۆيۈملۈك، ئەقىللىق، كەپسىز بۆرە كۈچۈكۈم خۇشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پاتماي مېنى سۆيۈپ كەتتى، ئېغىز بۇرنۇمنى يالىدى، ماڭا ئېتىلدى، مېنى چىشلەپ باقتى، شۇنداقلا مېنى يېتىلەپ موڭغۇل بۆرىلىرىنىڭ ئەجدادى بىلەن، بۆرە ئىلاھلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى.

        «ئىلاھىي تايغان» نى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مۇنداق ئۇزاق مەزگىللىك يەككە-يىگانە ھالەتتە ياشىماسلىقىمنى ھېس قىلدىم. جۇڭگودىكى بىر تەنھا بۆرە، ياشانغان بۆرە، ئەنئەنە يېقىدىن بۆرىنى ئېبلىس دەپ قارايدىغان دۆلەتتە كۆپ يىللاردىن بېرى  يالغۇز جەڭ قىلىپ، جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە يېڭى بىر دۇنياغا كىرگەندىن كېيىن،ئاقىۋەت موڭغۇل بۆرە شاھى قولىدىكى بۆرە قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە ئېرىشكەنىدى.«ئىلاھىي تايغان» نىڭ«بۆرە توتېمى» نى بۆرە مەدەنىيتىنىڭ يېتەرلىك ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى. شۇنداقلا ئۇ جۇڭگونىڭ بۆرىنى ياخشى كۆرىدىغان، بۆرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئادەملىرى بىلەن كارخانىلىرىنى  چوقۇم ئەركىن ۋە قەيسەرلىك بىلەن  رىقابەتكە  ئىشتىراك قىلالايدىغان مەنىۋى قورال بىلەن  تەمىن ئېتەلەيتتى.

2

 «ئىلاھىي تايغان» گەرچە ھەجىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئىخچاملىقى جەھەتتە مەنىۋى مەشھۇر كىتاب «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخىي » بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەزمۇنى شۇنچىلىك مول، شۇنچىلىك رەڭدارئىدىكى، ئۇنىڭدىكى  ھەر بىر تەبئىي بۆلەكنى بىر ئابزاس تارىخىي ماتېرىيال، بۆرە ھەققىدىكى بىر رىۋايەت، بۆرە ھەققىدىكى بىر ۋەقە دېيىشكە بولاتتى. شۇنداقلا ئۇ بۆرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ –ئادەت، ماقال- تەمسىل،ئىدىيوم سۇژىت بىلەن تولغانىدى. پولاتتەك ئەمەلىي مىسال بىلەن ئەمەلىي پاكىتىنىڭ زىچلىقى « قويۇقلاندۇرىدىغان ئۇران» غا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا مەدەنىيەتنىڭ  روھىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان پارتىلاش كۈچى بار ئىدى.

نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىدىكى خەنزۇلارنى چوڭ بىلىپ، ئۇنىڭ  سىرتىدىكى مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، چارۋىچىلىق مەدەنىيتىنى پەس كۆرىدىغان ۋە باسىدىغان ئىللەتلەر تۈپەيلى دۆلەتتىكىلەرنىڭ موڭغۇل مىللىتى ھەققىدىكى بىلىمى يوقنىڭ ئورنىدا بولدى. شۇڭا مەن بۇيەردە جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەرنىڭ«ئىلاھىي تايغان»نىڭ مەدەنىيەتتىكى مەنىۋى قىممىتىنى ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ چىقىشى، چۈشىنىشى ۋە تونۇشى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرگە بەزى زۆرۈر بولغان ئىزاھاتلارنى بەرمەكچى،ئۇلارنى قويۇق مۇراببانى قويۇلدۇرغاندەك ئېزىپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا سۇنماقچى بولدۇم.

 مېنىڭچە «ئىلاھىي تايغان» نىڭ ئەڭ موھىم قىممىتى، ئەجىم ئەپەندىنىڭ «بۆرە موڭغۇللارنىڭ توتېمى» ئىكەنلىكىنى ئادەمنى قايىل قىلىدىغان دەرىجىدە دەلىللەپ بەرگەنلىكىدە ئىدى. تۆۋەندە ئەجىم ئەپەندىنىڭ پاكىتلىرىنى ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تونۇشتۇرىمەن ۋە شەرھلەيمەن.

      1. ئەجىم ئەپەندى موڭغۇللارنىڭ توتېمىنى ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى يېقىدىن ئىسپاتلىدى. ئۇ، موڭغۇللار ۋە ھونلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ بىلىدۇ.كېيىنكى كۈنلەردىكى تۈركلەر ھونلاردىكى مىللىي قانداشلىققا قىسمەن ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە بىرىكتۈردى. شۇڭا تۈرۈكلەرمۇ موڭغۇللارنىڭ ئىتنىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى، ھونلار بىلەن تۈرۈكلەر ئوخشاشلا بۆرىنى توتېم قىلغانلىقى ئۈچۈن موڭغۇللارمۇ بۇ توتېمغا ۋارىسلىق قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.

2.ئەجىم ئەپەندى موڭغۇلىيەدىكى H. نىڭبونىڭ تۈزگەن «فولكلور بۈيۈك لۇغىتى» دىكى «ئارقا ھاڭگاي ئۆلكىسى زارگلانت ناھىيەسىنى بويلاپ ئاقىدىغان ئاسات دەرياسى بويىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كالكالارمۇ ئۆزلىرىنى بۆرتەچىنو دەپ ئاتايدۇ» (p35) دېگەن ماتېريالىنى نەقىل كەلتۈردى. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق ئىككى سۆزگە چوقۇم ئىزاھات بېرىش كېرەك: بىرى ئاتالمىش «كالكالار» بولۇپ، ئۇلار موڭغۇلىيەدىكى ئاساسلىق موڭغۇللار. كالكالار جۇڭگونىڭ چىن خانىدانلىقى دەۋرىدە قۇملۇقنىڭ شىمالىدا ياشىغان موڭغۇللارنىڭ مىللەت نامى بولۇپ ،ئۇلار كالكا دەريا ۋادىسىغا تارقالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتالغان. كالكا موڭغۇللىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى يەر كېيىنچە قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغىچە، يەنى بۈگۈنكى پۈتكۈل         موڭغۇلىيە دائىرسىگىچە كېڭەيگەن.بەيدۇ قامۇسىدىكى «موڭغۇل » دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا موڭغۇلىيەدىكى ئاساسىي گەۋدە ھالىتىدىكى مىللەت كالكا موڭغۇللىرى دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مۇشۇ سەۋەبلىك كالكالارنى موڭغۇلىيەلىكلەر دەپ قارىساقمۇ  بولىۋىرىدىغاندەك قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئاتالمىش «بۆرتەچىنو» بولۇپ، بۇ «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دېگەن كىتابنىڭ باشلىنىشىدىكى: «ئەلقىسسە چىڭگىزخاننىڭ نەسىل-زاتى تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن يارالغان بۆرتەچىنىو....»دىن كەلگەن. «بۆرتەچىنو» نىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى ئاڭلىغان ھامان ئادەمنى سۈر باسىدىغان«كۆك بۆرە»، بۇنى جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى موڭغۇل ئالىملار بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن،«...كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغىللىنىدىغان كالكالارمۇ ئۆزىنى بۆرتەچىنو دەپ ئاتايدۇ.» مۇنداقچە ئېيتقاندا، «كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان موڭغۇللارمۇ ئۆزىنى كۆك بۆرىلەر دەپ ئاتايدۇ.»

      3. ئەجىم ئەپەندى: «چىچىنلار موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادى»،«چىچىنلار بۆرىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىزغان» (P27)كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان چىچىنلار (车巨人) موڭغۇل مىللىتىدىكى چېچىنلار ھەرگىزمۇ كاۋكازدىكى  چېچىنلار ئەمەس. بۇئىككى چېچىن (车距) ئوخشاش ئاتاقتىكى ئىككى مىللەت. چىڭ خانىدانلىقى مەزگىلىدىكى كالكا موڭغۇللىرى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلاردا توشتۇخان، جاساقتۇخان، چېچىن خان دەيدىغان ئۈچ نەپەر فېئودال خان بولغان. چېچىن خان كالكانىڭ شەرقىدە بولۇپ، ئورنى قورۇلۇن دەرياسى ساھىلىغا توغرا كېلەتتى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇ چىنگىزخان تۇغۇلغان ۋە روناق تاپقان جاي ئىدى.چېچىن موڭغۇللىرى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۈچ تەركىبىي قىسمى ئىچىدە ئاساسىي يادرولۇق ئەزالاردىن ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، «چېچىنلارنى بۆرىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىزغانلىقى» چىنگىزخاننىڭ ئانا يۇرتىدىكى موڭغۇللارنىڭ بۆرە توتېمىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈرۈكلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆرىنىڭ ئۆز خاندانلىقلىرىنىڭ تۇغ ئەمەللىرىگە سىزغانىدى.

      4.ئەجىم ئەپەندى يەنە موڭغۇل يازغۇچى لۇ.ئېردۇن چىچىگە يازغان «موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئوردىسىدىكى ناخشىلىق تىياتىر ياكى ئۇنى داۋلا دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدىكى موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى خاندانلىقلىرىدىكى دۆلەت مارشىدىن نەقىل ئالدى. ئەجىم ئەپەندى: «...ئىختىيارسىز ھالدا ھېلىقى<مۇقەددەس ئىگىمىز چىنگىزنىڭ ئىلى>  دېگەن ناخشىسىدىكى <سەن كۆك بۆرىنىڭ پىچاق بىسىدەك تىك قىياغا قانداق چىققانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ پەقەت شۇيەردىلا ۋەدىلەشكەن قېرىنداشلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى يىزىلغان بولىدۇ!> دېگەن مىسرالارنى ئويلاپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە، موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى دەۋىردە تۇغ ئەلەملەرگە بۆرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنگە ئوخشاش، دۆلەت مارشىلىرىدىلا بۆرىنىڭ نامى تېلغا ئېلىناتتى»(P33) دەپ يازدى. بۇ قەدىمكى موڭغۇل خانلىقلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا ھەقىقەتەن بۆرىنىڭ رەسىمى سىزىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خاندانلىقنىڭ دۆلەت مارشىدىمۇ بۆرىنىڭ يۈكسەك ئورنى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

 5. ئەجىم ئەپەندى بويرات موڭغۇل ئالىمىST.سىدنىدەنبايوپنىڭ «بويرات» دېگەن سۆزلەرنى تۈركلەردىكى «بۆرە» بىلەن باغلاپ تۇرۇپ: «بىزدىكى بويرات دېگەن سۆزنىڭ بارلىققا كېلىشى تۈركلەردىكى <بۆرە> بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ سۆز موڭغۇللارنىڭ مۇكەممەل بىرلىككە كەلگەن مەزگىلىدىن باشلانغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىز ھەممەيلەن بۆرىنى توتېم بىلىپ ئېتىقاد قىلدۇق، ئالدى بىلەن موڭغۇللاردا مۇشۇنداق قىلغانلىق ھەققىدە پاكىت بار» (P27) دېگەنلىرىنى داۋاملىق نەقىل كەلتۈردى.

      بويراتلار موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق تارمىقى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى روسىيە بويرات جۇمھۇرىيتىدە ياشايدۇ.«بويرات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بۆرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بويراتلار مۇكەممەل بىرلىكتە «بۆرىنى توتېم دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.»

 6.ئەجىم ئەپەندى: «موڭغۇللاردا ئۆزلىرىنى بۆرە ئۇرۇقىدىن دەيدىغان قاراش بار. ئالايلۇق، ئۇلاردىكى ئەڭ بىر ئۇرۇقنىڭ نامى چىنوس» (P34) دەيدۇ.بۇيەردە چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تېگىشلىكى، جوڭگودىكى نوپۇزلۇق موڭغۇلشۇناس ئالىم خەن رولىننىڭ دەلىللىشى بويىچە، «چىنو » قەدىمكى موڭغۇل تىلىدىكى بۆرە، «چىنوس»بۆرىنىڭ كۆپلۈك ئاتىلىشى. مۇشۇنىڭغا كۆرە، «چىنوس» نىڭ مەنىسى«بۆرە گوروھى» دەپ ئاتاش ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بۆرىدىن بولدۇم دەپ تونىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۆرە-بۇ قەدىمىي موڭغۇل ئۇرىقىدىكى ھايۋانىي ئەجداد ۋە توتېم.

7.ئەجىم ئەپەندى: «موڭغۇل ئالىمى B.رىېنچىن <تاتارلارنىڭ ھاۋا رەڭلىك بايرىقىدىمۇ بۆرە سىياقى تامغا بار> دېگەننى تىلغا ئالغان.موشۇنىڭدىن قارىغاندا بىزنىڭ تاتار بوۋىلىرىمىزبۆرىگە ئېتىقاد قىلغان » (P28) دەپ يازدى.

   تاتار قەدىمكى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى بىر مۇنچە مىللەتنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى. مىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدە، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى موڭغۇللارمۇ تاتار دەپ ئاتالغان. تاتار موڭغۇللىرىنىڭ تۇغ-ئەلەملىرىگە چۈشۈرۈلگەن بۆرە سىياقى تامغا بىلەن چېچىن موڭغۇللىرى ۋە قەدىمكى موڭغۇل خانىدانلىقى مەزگىلىدىكى موڭغۇللارنىڭ خانلىق تۇغ- ئەلەملىرىگىمۇ بۆرە سىياقىنىڭ چۈشۈرۈلىشىدىكى سەۋەبلەر ئوخشاش. شۇڭا ئەجىم ئەپەندى قەتئىيلىك بىلەن: «نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، قەدىمكى موڭغۇل بوۋىلىرىمىزنىڭ  بۆرىگە ئېتىقاد قىلغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلغايدىغان پاكىت» (p27)دەپ كۆرسىتىدۇ.

.8 ئەجىم ئەپەندى يەنە موڭغۇلىيەدىكى «بۆرە بىلەن پال ئېچىش» تەك ئەنئەنىۋى ئادەت ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ بۆرە توتېمى ئېتىقادىنى ئىسپاتلايدۇ.ئەجىم ئەپەندى: موڭغۇللاردا «بۆرە بىلەن پال ئاچىدىغان بىر پەۋقۇلادە بىر ئادەت بار». «كالكا مىللەت تەركىزىسى » دە خاتىرلىنىشچە «پال ئاچقۇچى ئالدى بىلەن بەشتىن توققۇزغىچە مىس يارماقىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ئارىلاشتۇرىدۇ، ئاندىن ئالقىنىنى ئىچىپ ، بۇ مىس يارماقلارنى ئالقىنىغا رەت-رېتى بىلەن ئايلانما دائېرە قىلىپ تىزىدۇ، مىس يارماقلارغا كۈن،ئاي،تاغ،قاغا،بۆرە ۋە شىر قاتارلىق ئىسىملارنى قويىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئىسىم ۋە ئالاھىدە رەت تەرتىپى بىلەن تىزىلغان بۇ يارماقلار <پالنىڭ يىلتىزى> دەپ ئاتىلىدۇ. مىس يارماقلار ۋە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىلەر قارا ۋە ئاق ئىككى رەڭ ئارقىلىق بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاق رەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغان ئىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ،قارا رەڭنىڭ ئىچكى مەنىسى ئاق رەڭنىڭ تەتۈرسىچە بولىدۇ. لېكىن، پالنىڭ يىلتىزىدىكى بۆرە قانداق رەڭدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاق رەڭلىك بۆرە چىقىپ قالسا، ئۇ ھەممە ئىشنىڭ خالىغاندەك بولىدىغانلىقىدىن،ياخشى ئىشنىڭ قوللاپ يۈزبىرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ موڭغۇللارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۆرىگە تەلپۈنىدىغانلىقى ھەمدە بۆرىنى مىللەتنىڭ توتېمى قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىزناسى» (P154) دەيدۇ.

ئەجىم ئەپەندىنىڭ يۇقارىقى پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان دەلىل-ئىسپات «بۆرە موڭغۇللارنىڭ توتېمى» ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

3

ئەجىم ئەپەندىنىڭ « بۆرە موڭغۇللار ئېتىقاد قىلىدىغان ھايۋانىي ئەجداد ۋە توتېم» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ ئىلمىي تۆھپىسى «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دىكى موڭغۇللارنىڭ ئىلاھىي ئانىسى ئالان غوۋانىڭ نۇر سۈپەت سىرغىپ كىرىپ ھامىلدار قىلىپ قويغان «سېرىق ئىت» نىڭ دەل «ئىلاھىي تايغان»، يەنى بۆرە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققانلىقىدا نامايان بولىدۇ. ئەجىم ئەپەندىنىڭ بۇ دەلىللىشى «ئىلاھىي تايغان» نىڭ جەۋھىرى.

 موڭغۇللارنىڭ تارىخى ۋە رىۋايەتلىرىدە ئالان غوۋا «موڭغۇللارنىڭ ئىلاھىي ئانىسى» دەيدىغان قاراش يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى قابۇل موڭغۇللارنىڭ تۇنجى خاقانى، ئون ئىككىنىچى ئەۋلاد نەۋرىسى موڭغۇل بۈيۈك ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىچگىزخان. شۇڭا موڭغۇللار بىرلىكتە ئالان غوۋانىموڭغۇللارنىڭ ئالتۇن جەمەتىنى بۆرجىگىن (بۆرە تېكىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ت) نەسەبىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى دەپ قارايدۇ. دەل مۇشۇ جەمەت بىلەن نەسەبتىن دۇنياغا مەشھۇر موڭغۇل خاقانلىرى، ئالايلۇق، چىنگىزخان، يۈەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئوگداي خان، «تەڭرىنىڭ قامچىسى»  مۆڭكۈخان ھەمدە قۇبلاي خان قاتارلىقلار تۇغۇلدى. مۇشۇ مەنىدن ئېيىتقاندا موڭغۇللارنىڭ ئىلاھىي ئانىسى ئالان غوۋا ئۇلۇغ موڭغۇل جەمەتىنى تەۋەللۇت قىلدى.

 ئالان غوۋا ھەققىدىكى ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنىڭمۇ دۇنياۋى تەسىرى بار مەسىلە، ئۇ بەش ئوغۇلنىڭ ھەربىرىگە بىر تالدىن ئوق بېرىپ، سۇندۇرۇپ بىقىڭلار دەيدۇ. ئۇلار ئوقنى كۈچەپ ئولتۇرمايلا سۇندۇرىۋېتىدۇ. ئۇ يەنە بەش تال ئوقىنى بىر باغلام قىلىپ چىگىپ ئوغۇللىرىنى سۇندۇرىپ بېقىڭلار دەيدۇ. ئوغۇللار ھەرقانداق قىلىپمۇ سۇندىرالمايدۇ. ئوق سۇندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن پەرزەنتىلىرىنى ئۆم-ئىناق بولۇشقا دالالەت قىلىدىغان بۇ ھېكايە جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ بارغان. ئالان غوۋا ھەققىدىكى ھېكايە بىلەن رىۋايەت تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ۋە  تەسىرگە ئىگە. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دا خاتىرلىنىشىچە، ئالان غوۋا دوبۇن مەرگەنگە يەنى چىنگىزخاننىڭ ئون ئىككىنىچى بوۋىسىغا ياتلىق بولۇپ بۈكۈنۈتەي بىلەن بەلگۈنىتەينى تۇغىدۇ. دوبۇن مەرگەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالان بوغا يەنە ئۈچ ئوغۇل تۇغىدۇ.بۇئەھۋال ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەنگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. ئۇلار گۇمانلىنىپ، ئاپىمىز يا ئېرى يوق ،يا يېقىن ئەر ئۇرۇق تۇغقانلىرى يوق تۇرۇقلۇق، بۇ ئۈچ بالىنى تۇغدى، ئۆيىمىزدە ماغالىخ باياغۇداي ئۇۇقىدىن بولغان بىرلا خىزمەتكار بار، بۇ ئۈچ بالىنى شۇ كىشىدىن تاپقاندىمۇ؟-دېيىشىپ، ئانىسىنىڭ كەينىدىن سۆز چۆچەك قىلىپ يۈرىدۇ.

ئۇزاق ئۆتمەي ،ئەقىللىق ئالان غوۋا ئىككى ئوغلىنىڭ كۇسۇر-كۇسۇر گەپلىرىنىڭ تېگىگە يېتىپ،بەش ئوغلىنى يىنىغا چاقىرىدۇ. بەش ئوقيا ئارقىلىق ئۇلارغا پەند-نەسىھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى بىلەن ئىككىنىچى ئوغلىغا ئېرى يوق ئەھۋالدا يەنە ئۈچ ئوغۇل تۇغقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «سىلەر بىلمەيدىغان بىر ئىش بار، ئاشۇ كۈنلەردە قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئاقسېرىق بىر <ئادەم> توڭلىكتىن ۋە ئىشىكنىڭ ماڭلاي ياغىچىدىن سىرغىپ كىرىپ قورسىقىمنى سىلاپ يۈردى،ئۇنىڭ نۇرى قورسىقىمغا سىڭگەندەك بولدى. تاڭ ئاتارغا يېقىن سېرىق تايغاندەك ئۆمىلەپ چىقىپ كەتتى. سىلەر نېمىشقا كەلسە كەلمەس گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسىلەر؟ئويلاپ باقسام، (مەندىن تۇغۇلغان بۇ ئۈچ بالا) تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن يارالغان بولسا كېرەك. سىلەرنىڭ بۇ بالىلارنى ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا نېمە ھەددىڭلار بار؟ ئۇلار بىركۈنى ئەمەس بىر كۈنى ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغاندا، ئاۋام-پۇقرا ئۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىدۇ» دەيدۇ.

راست دېگەندەك، ئالان غۇۋانىڭ ئۈچ كىچىك ئوغلىنىڭ ئەۋلادى تەرەققىي قىلىپ قەدىمكى موڭغۇل قەبىلىسىنى، يەنى نىرون قەبىىلىسىنى شەكىللەندۈردى. كەنجى ئوغلى بودونچارنىڭ ئەۋلادىدىن ئالتۇن ئۇرۇق بورجىگىن ئۇرۇقى بارلىققا كەلدى. چىنگىزخان قاتارلىق داڭلىق موڭغۇل خاقانلىرىنىڭ ھەمىمىسى مۇشۇ ئۇرۇقتىن چىقتى.

«موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دا خاتىرىلەنگەن ئالان غوۋا توغرىسىدىكى ھېكايە-رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ كارامەتلىك، موڭغۇل خاقانلىرى بىلەن ئەڭ زو مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش، ئالان غوۋانى نۇر ئارقىلىق ھامىلدار قىلىپ قويغان ئىلاھىنىڭ زادى قانداق ئىلاھ ئىكەنلىكى ئىدى. ئۇ نۇرمۇ؟ پەرىشتىمۇ؟ سېرىق تايغانمۇ؟ ياكى بىرەر ئىلاھىي ھايۋانمۇ؟ بۇ ھەقتە نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھەركىم ھەرنىمە دەپ ئاغزى بېسىقمىدى.لېكىن مۇنداق ئىككى نوقتىنى مۇئەييەشتۈرىشكە بولاتتى: بىرى، كۆكتىن چۈشۈپ ئالان غوۋانىڭ ھۇجرىسىغا كىزگىنى شەكىل ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان پەرىشتە بولۇپ، كەلگەن چېغىدا سېرىق نۇرغا پۈركەنگەن ئادەم سىياقىدىكى ھالەتتە  بولاتتى؛ كېتىدىغان چاغدا سېرىق تايغان ھالىتىدىكى ئىلاھىي تايغان بولاتتى. يەنە بىرى، شۇ يىلى سېرىق نۇرغا پۈركەنگەن بۇ پەرىشتە «ھەر كېچىسى » كېلىپ يۈرۈپ، ئاي يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «سېرىق پەرىشتە»دىن «سېرىق تايغان»غا، «سېرىق تايغان»دىن «سېرىق پەرىشتە» گە ئۆزگىرىپ تۇرغانىدى، شۇنداقلا بۇ ئەھۋال تاكى ئالان غوۋا ئەڭ كىچىك ئوغلىنى تۇغقانغا قەدەر داۋاملاشقانىدى. مۇشۇلاردىن قارىغاندا،بۇ داڭلىق رىۋايەتتىكى «سېرىق پەرىشتە»«سېرىق نۇر»«سېرىق تايغان» نىڭ ھەممىسى ئالان غوۋانىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا ئىشتىراك قىلغانلاردى ھېساپلىناتتى.

ئۇنداقتا «سېرىق تايغان» قايسى تەقلىدتىكى ھايۋانىي ئىلاھ بولدى؟ ئەجىم ئەپەندى مۇشۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ موڭغۇللاردىكى داڭلىق كىتاب «چىڭگىزخاننىڭ شەجەرىسى» دىن «ئالان غوۋانىڭ ئىرى دوبۇن مەرگەن ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئالان غوۋاغا: <مەن بۇنىڭدىن كېيىن سېرىق نۇر بولۇپ چىدىرغا  كېرىپ تۇرىمەن، ئاندىن بۆرىگە ئايلىنىڭ چىقىپ كېتىمەن> دېدى. ئالان غوۋا ئېرىنىڭ ۋەسىيتىگە ئىشەنمەي، چىدىرنىڭ ئىشىكىگە قوشلاپ قاراۋۇل قويدى.لېكىن، ئۇ رستىنلا راستىنلا بىر سېرىق نۇرنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى، ئازدىن كېيىن بۆرىنىڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى» (P30) دېگەن بۆلەكنى نەقىل كەلتۈردى.

ئەجىم ئەپەندى ئارقىدىنلا: «توپكاپى كۇتۇپخانىسىدا يۆگەكلىك بىر ئائىلە شەجەرىسى بار. ئۈستىگە ئالان غوۋانىڭ < سېرىق تايغان> بىلەن بىللە توغقانلىقى سىزىلغان. بۇسېرىق تايغان شەك-شۈبھىسىزكى بۆرىنىڭ ئۆزى. يۇقارقى ئىككى مىسالنى سىلىشتۇرغاندىن كېيىن: <موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى> دا تېلغا ئېلىنغان سېرىق تايغان چوقۇم بۆرە دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ» (P9)دەپ يازدى.

مەن2099-يىلى ئانو بىلەن بىللە موڭغۇلىيەگە زىيارەتكە بارغاندا ئەجىم ئەپەندىدىن مۇشۇ رەسىمنىڭ مەزمۇنىنى رەسمىي يوسۇندا سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم. ئۇ «ئىلاھىي تايغان» دىكى رەسىم بار بەتنى ئاچتى. رەسىمدە سىزىلغان دەل «سېرىق تايغان» نىڭ دەل ئالان غوۋانىڭ ھۇجرىسىدىن ئايرىلغان كۆرۈنۈشى ئىدى. ئەجىم ئەپەندى سېرىق تايغاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ تايغان ئەمەس بۆرە » دېدى. بىز كۆزىمىزنى مىت قىلماي قاراپ ئۇنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردۇق. چۈكى موڭغۇل تايغانلىرىنىڭ قۇيرۇقى ئادەتتە تۈگۈلۈپ تۇراتتى. لېكىن رەسىمدىكى بۇ ھايۋاننىڭ قۇيرۇقى بۆرىلەردىكى يەرگە سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان تىپتىكى ئۆلچەملىك چوڭ قۇيرۇق ئىدى.

  موڭغۇل رىۋايەتلىرىنى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى بەش قولدەك بىلىدىغان ئەجىم ئەپەندى «سېرىق تايغان» نىڭ بۆرە  ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر مىسال كۆرسەتكەنىدى: «مەن يەنە بىر رىۋايەت ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ بۆرىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۆرىنى بۆرە دەپ ئاتاشتىن ئەيمىنىدىغانلىقىنى، بۆرىلەرنى‹سېرىق تايغان›دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇم. ئارقا ھاڭگاي ئۆلكىسى داتەمىل ناھىيەسىنىڭ چىگراسى ئىچىدە ‹سېرىق تايغانلارنىڭ دوزىقى› دەيدىغان بىر ئۆڭكۈر بار. بۇ ئاتالغۇ ئۆزىگە مۇنداق بىر رىۋايەتنى مەنبە قىلغان» دەپ يازدى ئەجىم ئەپەندى. بۇرىۋايەتتە بىر باينىڭ قويلىرىنى بوغۇۋەتكەن يەتتە بۆرىنى قول ئاستىدىكىلەرگە تۇتقۇزۇپ، چۇڭقۇر بىر ئۆڭكۈرگە سولاپ قويغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. «يەتتە بۆرە ئاچلىققا چىدىماي بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىدۇ. ئاخىرىدا بىرلا چوڭ بۆرە قالىدۇ. بېرىپ-بېرىپ ئۇمۇ ئاچلىق ئازابىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئادەملەر شۇنىڭدىن ئىبارەت بۇ ئۆڭكۈرنى‹سېرىق تايغانلار دوزىقى› دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى› دا تىلغا ئېلىنغان ھېلىقى سېرىق تايغاننى بۆرە  دېيىشكە بولىدۇ.» (p13)

مەن ئەجىم ئەپەندىنىڭ بۇ خىل دەلىللىشىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە مەن 2009-يىلى ئانو بىلەن بىللە خولۇنبېر بايلىقىدىن ئۆتىۋېتىپ، شۇيەرلىك بىر چارۋىچىنى زىيارەت قىلغانىدىم. بىزگە يول باشلىغۇچى بولغان بۇ چارۋىچى:« يۇرتىمىزدىكى موڭغۇللار بۆرە دېگەن نامنى بىۋاسىتە دېيىشتىن ھەزەر ئەيلەيمىز. ئۇنى ‹قارنى يامان›‹يەپ تويماس›‹سېرىق تايغان› دەيمىز» دېگەنىدى. بۇنىڭدىنمۇ موڭغۇللارنىڭ بۆرىنى «سېرىق تايغان» دەپ ئاتىشىنىڭ خېلى ئومۇملاشقان ئىش ئىكەنلىكى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ زىيارەتمۇ سۈرەتكە ئېلىنغان. گۇمانلانغۇچىلار بولسا  خولنىبىر يايلىقىغا بېرىپ سوراپ باقسا بولىدۇ.

 ئەجىم ئەپەندىنىڭ «سېرىق تايغان» نى دەل  بۆرىنىڭ ئۆزى دېگەن يەكۈنىنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغان يېرى، ئۇنىڭ «سېرىق تايغان» نى «ئىلاھىي تايغان» بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرپ دەلىللىگەنلىكىدە كۆرۈنىدۇ.ئەجىم ئەپەندى ئېنىق قىلىپ: «‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى› دا تىلغا ئېلىنغان سېرىق تايغان دەل بۆرە، موڭغۇلارنىڭ بۆرىنى ئىلاھىي تايغان دېيىشىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان...بۇ بۆرىنىڭ كۆكتىن سىرغىپ چۈشكەن سېرىق نۇردىن ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» (P13) دەپ كۆرسەتتى.

ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ماڭا ھەممە نەرسە ئايان بولغانىدى. بۇرۇن موڭغۇللارنىڭ بۆرىنى نىمىشقا تەپ تارتىپ تۇرۇپ «ئىلاھىي تايغان» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرگەن مەندەك بىر ئادەمگە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازىم ئەجىم ئەپەندى: «موڭغۇللارنىڭ بۆرىگە ئىلاھىي تايغان دەپ چوقۇنۇشى، ‹سېرىق تايغاننىڭ موڭغۇللارنىڭ ئانىسىنى نۇر ئارقىلىق ھامىلدار قىلىق قويغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن كەلگەن.‹سېرىق تايغان›كۆكتىن چۈشكەن تايغان بولغانىكەن،ئۇ تەبئىي رەۋىشتە‹ئىلاھىي تايغان› بولىدۇ، ‹ھالبۇكى سېرىق تايغان› موڭغۇللارنىڭ بۆرىنى يەنە بىر ئاتىشى. ئۇنداقتا ‹ھېلىقى سېرىق تايغان بۆرىنىڭ ئۆزى›» ‹بۆرە كۆكتىن سىرغىپ چۈشكەن نۇردىن ئۆزگەرگەن› دېگەن سۆزلەر بىلەن قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بەردى. بۇ يەكۈن ھەقىقەتەن پولات تاختايغا قېقىلغان مىختەك مۇستەھكەم ئىدى.

بىر ئاز چۈشۈنچە بېرىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نىڭ باشلىنىشىدىلا «كۆك بۆرە » بىلەن «ئاق مارال» موڭغۇللارنىڭ قەدىم بوۋىلىرى دەپ بېكىتىلگەندىن ئېتىبارەن، «كۆك بۆرە» موڭغۇللارنىڭ ھايۋانىي ئەجدادى ۋە توتېمى بولۇپ قالدى. مۇشۇنىڭغا كۆرە بۆرىمۇ قەدىم ئەجدادلارغا بولغان ھۆرمەت يۈزسىدىن ئادەملەر ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىن ئەيمىنىدىغان ئىلاھقا ئايلاندى. كېيىنچە ئۇلار بۇ نامنى تايغان دەيدىغان نامغا ئالماشتۇردى. ئالايلۇق، «سېرىق تايغان»«چىڭگىزخاننىڭ تايغىنى» دەيدىغان بولدى. لېكىن، ئادەتتىكى تايغان نامى بىلەن ئاتىغاندا ئىلاھىيلىق ۋە مۇقەددەسلىكتىكى ئالىيجاناپ پەزىلەتنىڭ كەپ بولۇپ قالغانلىقى بىلىندى. «مەخپىي تارىخ» تا كۆكتىن سىرغىپ چۈشكەن «سېرىق تايغان» ھەققىدىكى رىۋايەت خاتىرلەنگەندىن كېيىن، موڭغۇللار ئۇنىڭدىن مۇقەددەس بۆرە ئەجدادىنىڭ نامىنى ئاتايدىغان ئاتاقنى تاپتى. «ئىلاھىي تايغاننىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب مانا شۇ. «ئىلاھىي تايغان» دېگەن بۇ ئاتاق ئارقىلىق ئۇنى ھەم ئالىيجانابلىقى يوق ئۆي تايغانلىرىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى، ھەم ھايۋانى ئەجدادى بولغان بۆرىنىڭ مۇبارەك نامىنى بىۋاستە تىلغا ئېلىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى، شۇنداقلا بۇ نام توتېم بىلەن تەڭ باراۋەر يۈكسەك ئىلاھىيلىققا ئىگە بولالايتتى. مۇشۇ سەۋەبلىك، «ئىلاھىي تايغان» بۆرىنىڭ يەنە بىر قاملاشقان نامى بولۇپ قالدى.

ئەجىم ئەپەندىنىڭ «ئىلاھىي تايغان» دېگەن بۇ ئاتاقنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك دەلىللىشى «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دىكى يادرولۇق مەخپىيەتلىكنى پاش قىلدى. «بۆرە موڭغۇللارنىڭ توتېمى» دىن ئىبارەت بۆرە مەدەنىيتىنىڭ يادروسىنى ئىشەنچلىك ھالدا قوغداپ قالدى. ئەجىم ئەپەندىنىڭ بۇ كىلاسسىك ئەسەرنىڭ نامىنى «ئىلاھىي تايغان» دەپ بېكىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب مۇشۇ يەردە ئىدى.

بۇ ئىلمىي نەتىجە ئوخشاشلا جۇڭگودىكى موڭغۇلشۇناسلىق ساھەسىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئاۋارە قىلىۋاتقان بىرقانچە زور تالاش-تارتىشلارنىمۇ بىر يولى ھەل قىلىۋېتەلەيتتى.

 بىرىنچى، ئۇزاقتىن بېرى بەزى موڭغۇلشۇناس ئالىملار«كۆك بۆرە» بىلەن «ئاق مارال» نى  بۆرە بىلەن مارال ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىسمى، «كۆك بۆرە» بىلەن «ئاق مارال» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال، دەپ كەلدى. ئالايلۇق، داڭلىق موڭغۇل ئالىمى داۋرۈن تىبۇ ئۆزىنىڭ «يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى› غا قىسقىچە ئىزاھات» ناملىق كىتابىدا: «‹تەبئىي بىر كۆك بۆرە بىلەن سۇس ئاق رەڭلىك مارال جۈپلەشتى› دەپ ئېنىق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەلۋەتتە نورمال ئادەملەر چۈشەنمەيدىغان گەپ. قانداقلا بولمىسۇن، بۆرە بىلەن مارالنىڭ جۈپلىششى مۇمكىن ئەمەس، جۈپلەشكەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادەم تۇغۇلمايدۇ...ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەتلا  رىۋايەتتىكى ئىككى ئادەمنىڭ نامى،خالاس» دەپ يازدى («يىڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخىغا قىسقىچە ئىزاھات› تىن كەلتۈرىلگەن نەقىل، 1979-يىل نەشىرى،4 -بەت»). داۋران تىبۇنىڭ بۇ نوقتىنەزەرى موڭغۇلشۇناسلىق ساھاسىدە خىلى زور تەسىر پەيدا قىلدى. مەسىلەن، ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى نەشىرىدىكى «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نىڭ ئىككى نەپەر ئاپتورىمۇ مۇشۇ نوقتئىنەزەردە چىڭ تۇردى. ئۇلار ئۆز ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە: «<بۆرتەچىنو>  بىلەن <غوۋا مارال> ئىككى سۆزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىكى مۇناسىپ ئاتالغۇ گەرچە كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال بولمىسىمۇ، لېكىن ئەگەر ئۇنى ئادەم ئىسمى (ئەسلىدىنلا ئادەم ئىسمى) قىلىپ چۈشەنگەندەك، <بۆرتەچىنو-غۇۋا مارال> نىڭ موغۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت ئىكەنلىكىنى  يەنىلا رىۋايەت بولۇشتىن قالىدۇ» دېدى.

  مېنىڭچە موڭغۇل رىۋايەتلىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ھازىرقى زامان كۆزقارىشى بىلەن شەرھلەش ئۇسۇلى تۈپتىن خاتا، مەنتىق جەھەتتىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

 «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال» نىڭ جۈپلىشىپ پەرزەنتلىك بولغانلىقى ھەققىدە ۋەقە-رىۋايەت، «موڭغۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت»، «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نىڭ ئاپتورى موڭغۇللار توغرىسىدىكى بۇ رىۋايەتنى «مەخپىي تارىخ» قا خاتىرلەپ قويغان، خالاس. ئۇ بۇ رىۋايەتنىڭ ھەقىقىي ئاپتورى ئەمەس. رىۋايەتنىڭ ھەقىقىي ئاپتورى يىراق قەدىم مەزگىلدىكى موڭغۇللارنىڭ ئەجدادى. ئۇنداقتا، يىراق قەدىم مەزگىلدىكى ئىش بولغانىكەن، موڭغۇل ئەجدادلارمۇ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى تۈپەيلى، ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىدائىي بوۋىلىرىنىڭ مەلۇم ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، شۇداقلا ئۇلانى ئۆزلىرىگە توتېم قىلغان، جۇڭگو تارىخى ماتېرياللىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇچار قانات-ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ بالا تۇغۇپ پەرزەنتىلىك بولغان ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. ئالايلۇق، شاڭ دەۋرىدىكىلەرنىڭ ئىپتىدائىي بوۋىسى چى دەل  جيەندى ئايدالادا سۇغا چۆمىلىۋېتىپ، قارلىغاچنىڭ تۇخۇمىنى يۇتىۋەتكەنلىكى تۈپەيلى تۇغۇلغان. «ئىلاھىي قۇشتىن شاڭنىڭ تۇغۇلىشى» دىن كۆرە، شاڭ دەۋرىدىكىلەر ئىلاھىي قۇشنى ئۆزىگە توتېم قىلغان. «ئىلاھىي قۇشتىن شاڭنىڭ تۇغۇلۇشى»، «كۆك بۆرىدىن موڭغۇللارنىڭ تۇغۇلۇشى» قەدىمكى ئادەملەرنىىڭ كۆز-قارىشىدىكى ئوخشاشلىقنى بىلدۈرىدۇ.

 «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال » رىۋايىتى موڭغۇلللارنىڭ يىراق قەدىمكى مەزگىلىدىن كەلگەنىكەن،ئۇنداقتا رىۋايەتتىكى بۆرە دەل بۆرىنىڭ ئۆزى، ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئەمەس.خۇددى «ئىلاھىي قۇشنىڭ شاڭنى تۇغۇشى» ھەققىدىكى  رىۋايەتتىكىدەك، قارلىغاچنىڭ تۇخۇمى قۇشنىڭ تۇخۇمى بولغانغا ئوخشاش بىر ئىش، بۇ يەردىكى قارلىغاچمۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئەمەس. ئۇنداق بولمىغاندا، ئەگەر شاڭ دەۋرىدىكىلەرنىڭ ئىپتىدائىي مومىسى جيەندى، «ئادەمنىڭ ئىسمى» نى يۇتۇۋەتكەن بولسا، ھىچ نەرسىنى تۇغالمىغان، جۇڭگودىكى شيا، شاڭ،جۇ سۇلالىلىرىنىڭمۇ بىرى كەم بولغان بولاتتى.

 مەنتىق يېقىدىن ئالغاندا، ئەگەر «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال» نى بالا تۇغۇپ، پەرزەنتىلىك بولمايدۇ دېگەندە، «مەخپىي تارىخ» تىكى ھېلىقى «سېرىق تايغان» نىڭ موڭغۇللارنىڭ ئىلاھىي ئانىسىنىڭ ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇشىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى قانداق چۈشۈندۈرىمىز؟ «مەخپىي تارىخ» ئۇنىڭ ئادەم ئىسمى ئەمەسلىكىنى، بەلكى «سېرىق تايغان» ئىكەنلىكىنى تىنەپ-تەمتىرەپ يۈرمەي چورتلا مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەسلى تېكىستتىمۇ: «سېرىق ئىتتەك ئۆمىلەپ چىقىپ كېتىدۇ» دەپ يېزىلغان (داۋرۈن تىمۇ يازغان «يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان < موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى> غا قىسقىچە ئىزاھات »تىن ئېلىنغان نەقىل،11-بەت). ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىدىكى «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى » نىڭ تەرجىمىسىدە :«تاڭ ئاتارغا يېقىن سېرىق ئىتتەك ئۆمىلەپ چىقىپ كېتىدۇ» دەپ ئېلىنغان. بۇ يەردىكى «سېرىق ئىت» ئوبرازلىق، ئۇنىڭدا ھايۋانلارنىڭ ئۆمىلەش ھەرىكىتى بار. روشەنكى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «سېرىق ئىت» نىڭ ئۆزى، ئىلاھىي تايغان، ھەرگىزمۇ ئادەم ئەمەس، ئۇنى ئادەمنىڭ ئىسمى دېيىشكەتېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش بىر كىتابنىڭ ئوخشاش بىر جىلدىدا «سېرىق ئىت» ياكى «ئىلاھىي تايغان» موڭغۇللارنىڭ ئىلاھىي ئانىسىنىڭ ھامىلدار بولىشىغا ئىشتىراك قىلىنغانىكەن، «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال » بالا تۇغۇپ، پەرزەنتلىك بولالمامدۇ؟ئەكسىچە بولغاندا، «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال» نىڭ بالا تۇغۇپ، پەرزەنتىلىك بولۇشى «نورمال ئادەملەر چۈشەنمەيدىغان گەپ» ھېسابلانسا، ئۇنداقتا «سېرىق ئىت» نىڭ بالا تېپىپ، پەرزەنتلىك بولۇشى نورمال ئادەملەر چۈشەنمەيدىغان گەپمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىدە داۋرۈن تىبو ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىتابىدا «سېرىق ئىت» ئىزاھات بېرىشتىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى قاچۇردى. ھەم «سېرىق ئىت» نىڭ ھايۋان ئىكەنلىكىگە ئىزاھات بەرمىدى، ھەم «سېرىق ئىت» نى ئادەم  دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمىدى، ئادەمنىڭ ئىسمى دېگەننىمۇ تىلغا ئالمىدى. مۇشۇنداق ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىگە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇش، ھەتتا لام-جىم دېمەي تۇرۇۋېلىش ھەقىقەتەن ئادەمنى شۈبھىلەندۈرىدۇ.

      ئەمەلىيەتتە، «مەخپىي تارىخ» نىڭ ئاپتورىنىڭ يېزىقچىلىق كۆزقارىشى جەھەتتە مۇنداق روشەن زىددىيەتلىك ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئوخشاش كىتاب ئوخشاش جىلدنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال»رىۋايىتىنى يېزىۋىتىپ ھازىرقى زامان كۆزقارىشىنى بازارغا سالىدىغان، كېيىنىكى قسمىدا«سېرىق ئىت » رىۋايىتىنى يېزىۋىتىپ، ئىپتىدائىي توتېم دەۋرىدىكى كۆزقاراش بولىدىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقشى تېخىمۇ مۆمكىن ئەمەس. دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولغان ئادەمدە مۇنداق چاكىنا تەپەككۇر، قالايمىقانچىلىقنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولغان ئادەمدە مۇنداق چاكىنا تەپەككۇر قالايمىقانچىلىقىنىڭ بولىشىمۇ  مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا، بەزى تەرجىمانلارنىڭ «مەخپىي تارىخ» تىكى«كۆك بۆرە ، ئاق ماراك ،سېرىق ئىت» رىۋايىتىنى ھازىرقى زامان كۆزقارىشى بويىچە شەرھىلىگەنلىكى، ئورنىنى ئالماشتۇرۋەتكەنلىكى تۈپەيلى، مۇقەررەر رەۋىشتە زىددىيەت پەيدا بولغان، قىلىۋاتقان گېپىمۇ قاملاشمىغان. «يېڭىسى ئارقىلىق كونىسىنى ئۆرۈۋېتىش» خاتالىقى كېلىپ چىققان. ئۇلارنىڭ قەدىمىيلىك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان ھەقىقىي ئاسار-ئەتىقىنى يېڭىلاپ، ئۇنى ئۆز قىممىتىنى  يوقاتقان «يالغان ئاسار-ئەتىقە» گە ئايلاندۇرۇپ قويغاندىن كۆرە، موڭغۇل مەدەنىيتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۆرە توتېمى مەدەنىيتىنىڭ چاڭ-توزاندا كۆمۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىدىن يىراق ئەمەس. بۆرە توتېمى مەدەنىيتىگە ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق بىر موڭغۇل ۋە ھەرقانداق بىر جۇڭگولۇق بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

     ئالاھىدە شەرھلەشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، بەزى موڭغۇل ئالىملىرىنىڭ «كۆك بۆرە» نىڭ بالا تېپىپ ، پەرزەنتلىك بولالايدىغانلىقى «مەخپىي تارىخ» تا پەقەت بىر يەردىلا مىسالغا ئېلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولىدىغان بولسا، «مەخپىي تارىخ» گۇمانلانغۇچىلارغا ۋە قارشى تۇرغۇچىلارغا «ئىلمىي ئاجىزلىق» تىن بىرنى تۇرغۇزۇپ قويغاندەك بولىدۇ. چۈنكى، تارىخ ئىلمىي ساھەسىدە ھەممەيلەن ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان «يەككە ئىسپات كارغا كەلمەيدۇ» دەيدىغان ئىلمىي قائىدە ۋە پىرىنسىپ بار.ئ ەگەر «مەخپىي تارىخ» تا راستىنلا باشلىنىش بۆلىكىدىكى بىر مىسالدىن باشقا مىسال يوق دېيىلسە، ئۇنداقتا «كۆك بۆرە» نىڭ بالا تېپىپ پەرزەنتلىك بولۇشىدىن ئىبارەت «مىسال » دەل «يەككە ئىسپات » بولغان بولىدۇ. ئىلىم ساھەسىدىكى بىر تالاي ئادەملەرنىڭ مۇنداق «يەككە ئىسپات» نى پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلماسلىقى، ھەتتا ئۇنى ئۆرۈۋىتىشى، ئورنىغا باشقا گەپنى دەسسىتىشى تۇرغانلا گەپ. ئالايلۇق، «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال» نى ئادەم، ئادەم ئىسمى دەپ چۈشەندۈرۈش مۇشۇ قاتارغا كىرىدۇ.

     ھالبۇكى ،ئەجىم ئەپەندى «سېرىق ئىت» نى «ئىلاھىي تايغان ۋە بۆرە» دەپ دەلىللەپ بېكىتكەندىن كېيىن، «بۆرىنىڭ بالا تېپىشى» دىن ئىبارەت رىۋايەتنى «يەككە ئىسپات» تىن «قوش ئىسپات» قىلىپ چىقتى. بۆرىنىڭ بالا تېپىپ پەرزەنتلىك بولۇشى ھەققىدىكى مىسال ئەمەلىيەتتە «مەخپىي تارىخ» تا ئىككى جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ «قوش ئىسپات» موڭغۇل بۆرە توتېم مەدەنىيتىدىكى ئاتالمىش «ئىلمىي ئاجىزلىق» نى پولاتتەك قاتتىق ئىلمىي ساۋاتقا ئايلاندۇردى.

     ھېلىقىدەك «مەخپىي تارىخ» تىكى «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال» نى ئادەم، ئادەم ئىسمى دەيدىغان نوقتىنەزەر سېپى ئۆزىدىن سوبيېكتىپ پەرەز بولۇپ، ئۇ «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نىڭ ئەسلى ئەقىدىسىگە ۋە ماھىيەتلىك مەنىسىگە ئۇيغۇن كالمەيتتى

       ئىككىنچى، بەزى ئالىملار «كۆك بۆرە بىلەن ئاق مارال» نى ھايۋان ئەمەس ئادەم، ئادەم ئىسمى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن،بۆرە ھەرگىزمۇ موڭغۇللارنىڭ ھايۋانى ئەجدادى ۋە توتېمى بولمايدۇ، دېگەن گەپنى تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ئەجىم ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك دەلىللىشى بۇ نوقتىنەزەرگە زەربە بەردى. «سېرىق ئىت » بىلەن «ئىلاھىي تايغان» بولغانىكەن،ئىلاھىي تايغان ئىلاھىي بۆرە موڭغۇللارنىڭ ئىلاھىي ئانىسىنىڭ نۇر ئارقىلىق ھامىلدار بولۇپ، ئۇلۇغ ئالتۇن ئۇرۇقىنى تەۋەللۇت قىلىشىغا ئىشتىراك قىلغانىكەن،ئۇنداقتا،«كۆك بۆرە » بىلەن «ئاق مارال » موڭغۇل مىللىتىنىڭ تۇنجى ئەۋلادىنى تەۋەللۇت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ دەل «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخ» يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان ھەقىقىي مەزمۇن. بىز ئەجىم ئەپەندىنىڭ دەلىللىشى بويىچە «مەخپىي تارىخ» نى قايتا ئوقۇپ باقساقلا«مەخپىي تارىخ» تىكى موڭغۇل مىللىتىنىڭ تەۋەللۇت بولۇشى ۋە كۆپۈيشىگە ئىشتىراك بولغان ئىلاھىي ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە «كۆك بۆرە»،«ئاق مارال»،«سېرىق ئىت»لارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق كۆرىمىز.«سېرىق ئىت »بىلەن«ئىلاھىي تايغان» بۆرە بولغانلىقى ئۈچۈن، موڭغۇللارنىڭ تەۋەللۇت بولۇپ كۆپۈيىشىگە ئىشتىراك قىلغان ھايۋانمۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىككى خىل، يەنى بۆرە بىلەن مارال بولغان بولىدۇ. بىرىنچى قېتىمدىكىسى بۆرە بىلەن مارال، ئىككىنچى قېتىمدىكىسى يالغۇز بۆرە . ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، مارال بۇ ئىشقا گەرچە بىر قېتىملا ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئانىلىق ئورۇن ۋە ئانىلىق سالاھىيەت بىلەن ئىشتىراك قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۆرە ئىككى قېىتىم ئىشتىراك قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى قېتىمدا ئەرلىك ئورنى ۋە ئەرلىك سالاھىيتى بىلەن ئىشتىراك قىلىدۇ. شۇڭا، «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» دا خاتىرلەنگەن رىۋايەتتە، ئىلاھىي بۆرە موڭغۇللارنىڭ تەۋەللۇت بولۇشى ۋە بارلىققا كېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشتىراك قىلغۇچى بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا كۆرە، ئىلاھىي بۆرىمۇ موڭغۇل مىللىتىنىڭ تۇتسا سېپى بار،توۋلىسا ئىتى بار ئەڭ ئاساسلىق ھايۋانىي ئەجدادى، شۇنداقلا بىردىن بىر ئىلاھىي ئەجدادى، شۇنداقلا بىردىن بىر ئەركەك ھايۋان ئەجدادى. مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، يالغۇز «بۆرە مىللىتىنىڭ توتېمى ئەمەس» دېگەن نوقتىنەزەرلا بۇت تىرەپ تۇرالماستىن، بەلكى «بۆرە موڭغۇللارنىڭ توتېمى بولمىسىمۇ،لېكىن ئاساسلىق توتېمى ئەمەس» دېگەن نوقتىنەزەرمۇ ئوخشاشلا قۇمغا يېزىلغان خەتتەك بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ. گەرچە موڭغۇللار بۈركۈت، ئېيىق، كالا قاتارلىق ھايۋانلارغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ،لېكىن «موڭغۇلارنىڭ مەخپىي تارىخى » دىكى خاتىرە بۈركۈت، ئېيىق، كالا قاتارلىق ھايۋانلار موڭغۇللارنىڭ تەۋەللۇت بولۇشى ۋە كۆپۈيىشىگە ئىشتىراك قىلمايدۇ. مۇشۇلارغا ئاساسەن، «بۆرە موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق توتېمى ئەمەس» دېگەن نوقتىنەزەر ئوخشاشلا «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» نىڭ ئەسلى قائىدىسى بىلەن ماھىيەتلىك مەنىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

4

ئەجىم ئەپەندىنىڭ موڭغۇللارنىڭ بۆرە توتېمى مەدەنىيتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشى ۋە تەتقىقاتى تولىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر. ئۇ بولۇپمۇ بۆرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك موڭغۇل ماقال-تەمسىللىرى، ئىدىيوملىرى، شېئىر ۋە ئۆرۈپ-ئادەتنى توپلاشقا ئالاھىدە نەزەر ئاغدۇرغانلىقم بىز مۇشۇ جەھەتتىكى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ بۆرە مەدەنىيتىنى، شۇنداقلا موڭغۇل ئاۋام –پۇقرالارنىڭ بۆرە توتېمىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە ئىلاھىي تايغاننىىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى تېخىمۇ ئەتراپىق چۈشىنەلەيمىز. ئۇزاقتىن بۇيان كەڭ-كۆلەمدە تارقىلىپ يۈرگەن  خەلق ماقال-تەمسىللىرى بۆرىنىڭ موڭغۇل خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ۋە تەسىرىنى، شۇنداقلا موڭغۇللارنىڭ بۆرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ بەكرەك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

 «ئىلاھىي تايغان» ناملىق كىتابتا موڭغۇل بۆرىلىرى توغرىسىدىكى ماقال-تەسىل كۆزنى قاماشتۇرغىدەك دەرىجىدە كۆپ. ئەجىم ئەپەندىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، كىتابقا «بۆرىگە مۇناسىىۋەتلىك 150تىن ئارتۇق ماقال-تەمسىل ۋە ئىدىيوم كىرگۈزۈلگەن». تۆۋەندە بىر قىسىم ماقال-تەمسىلنى تاللاپ كۆرسىتىمەن:

 ئىتنى ئىگىسى قوغدايدۇ ،بۆرىنى ئىلاھ (قوغدايدۇ).

ئايدالادا بۆرىگە يولۇقۇش،تەلەيدىن بىشارەت.

ئادەم بۆرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئامەتنىڭ يولى ئېچىلىدۇ.

 بۆرىنىڭ ئاغزى ئاق بولىدۇ، ئوغرىنىڭ قولى قارا (موڭغۇللار ئاقنى ياخشىلىق، قارىنى يامانلىق دەپ قارايدۇ).

ئوغرى بۆرىگە يەتمەيدۇ ، ئالدامچىنىڭ قولىدىن زەھەر كەتمەيدۇ.

 يېگەنلەر بۆرە بولىدۇ، يېيېلگەنلەر قوي (بولىدۇ).

 موڭغۇل بۆرىلىرى يارىسىنى ئۈچ كۈندىلا يالاپ ساقايتىدۇ.

 بۆرىنىڭ تېنى ئاجىز بولسىمۇ يەتتە ئىتقا بوي بەرمەيدۇ.

 بۆرىنىڭ كۈچىكىنى قانچە باققان بىلەنمۇ ئىت بولمايدۇ.

 بۆرە قوينى يېمەكچى بولسا يوڭنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھىسابلاشمايدۇ.

  كۈچۈكى ئوغرىلانغان بۆرە ئۆچ ئالماي قالمايدۇ.

  كۈچۈكىنى قوغدايدىغان بۆرىنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.

  قېرى بۆرە قاپقانغا دەسسىمەيدۇ.

  بۆرىنىڭ دەھشەتلىك بولۇشى چىشىنىڭ چىڭلىقىغا باغلىق.

 بۆرىنىڭ چىشى كاردىن چىقسا، ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ

 بۆرە ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىدا مىھرىبان.

 بۆرە شامال بىلەن دوست.

 بۆرە گۆشكە ئامراق بولسىمۇ كىچىكىدە سۈت بىلەن ئۆسىدۇ.

 چىدىرنى تاشلىق جايغا تېكىش كېرەك، قوينى بۆرە بار جايدا بېقىش كېرەك.

 (بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللارغا نەسىھەت: تاشلىق يەر ئېگىز بولىدۇ. كەلكۈندىن ساقلىنىشقا ئاپلىك؛ بۆرە بار جايدا ئوت-چۆپ كۆپ بولىدۇ. ئوت-چۆپ كۆپ جايدا ياۋايى ھايۋانلارمۇ كۆپ، بۆرە ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاشقا ئەپلىك.)

  بۆرە يوق يەردە توشقان ئۆزىنى چوڭ بىلىدۇ، قاتارلىقلار.

 بەزى موڭغۇل شائىرلىرىنىڭ بۆرە ھەققىدە يازغان شېئىرلىرى شۇنچىكى جانلىق، سۆز-جۈملىلەردىن بۆرىنىڭ خۇيى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ. ئەجىم ئەپەندى كىتابقا شامان دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان  ئالىم ئاۋ پوربۇنىڭ بۆرىنى تاغ ئاتا دەپ ئاتىغان مۇنداق بىر شېئىرىنى كىرگۈزگەن:

     سەن ماڭا تاغ ئاتا،

     سەۋسەر قۇيرۇق، چىشلىرىڭ تەڭ پولاتقا.

     سەۋسەر قۇيرۇقۇڭ ماڭا قارايدۇ،

     پولاتتەك چىشلىرىڭ قادالغان ياتقا.

     ئەجىم ئەپەندى: «قوسقۇر ئۆلكىسىنىڭ چاغانئولا ناھىيەسىدىكى ئادەملەر بۆرىنىڭ مۇبارەك نامىنى <تاغلىق راھىپ كالان> دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا ئۇلاردا بۆرىنىڭ ھال-ئەھۋال سورىغاندا ئىشلىتىدىغان: تاغدىكى مەرھەمەتلىك راھىب كالان، مەن سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن. يېقىندىن بۇيان قانداق تۇردىڭىز، ياشىغانسىز بىز ئۈچۈن تىمەن،دەيدىغان قوشاق بار» (P65)دەپ يازىدۇ.

پەلسەپىۋى ئىدراك ۋە ئەبەدىيلىك بىلەن تولۇپ-تاشقان يۇقىرىدىكى موڭغۇل ماقال-تەمسىللىرى ۋە شېئىرلىرى ئىچىدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ھېلىقى «تاغ ئاتا» ناملىق قىسقا شېئىر. ئاران تۆت مىسرا، يىگىرمىگە يېقىن سۆزلۈك بىلەن تاماملانغان بۇ شېئىردا بۆرىنىڭ مۇلايىم، قەيسەر تاشقىي قىياپىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى خاراكتېرى شۇنداق دەل،جانلىق ھەم بەدەئىيلىك بىلەن سۈرئەتلەنگەن. تېخىمۇ چوڭقۇر بولغىنى، ئۇ موڭغۇللار بىلەن بۆرىنىڭ«قان-قېرىنداشلىق» مۇناسىۋىتىنى ئاتا- بالا ئوتتۇرسىدىكى يېقىنچىلىققا ئوخشىتىپ ئىپادىلىگەن. موڭغۇل مىللىتى قەدىمىي مىللەت، لېكىن ئۇلار ھايۋانى ئەجداد توتېمى بولغان بۆرە ئاتا ئالدىدا كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. بۇ شېئىردىن شائىرنىڭ ئادەم ياكى بۆرە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس. شۇڭا بۇ شېئىرنى ئادەم بىلەن بۆرىنى ئايرىپ يۈرمەيدىغان موڭغۇل بالىلىرىنىڭ ناخشىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىردىكى كىچىك بالا ئوماق، كەپسىز كىچىك بۆرىگە ئوخشايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، بۇشېئىردا موڭغۇللارنىڭ ئۆزىنى كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ،ئۆزىدە «بۆرە»لەرنىڭ مىللەت كۆز قارىشى بار سەپ قارايدىغانلىقى، موڭغۇللارنىڭ تومۇرىدا مۇلايىم ، قەيسەر، بۆرىلەرنىڭ قېنى ئاقىدىغانلىقى  چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. موڭغۇلىيە بۆرە توتېم مەدەنىيتىنى قىبلىگاھى،پەقەت شۇنداق يەردىلا بۆرىلەر ھەققىدىكى يۇقىرىدىكىدەك مەشھۇر ئەسەرلەر بارلىققا كېلەلەيدۇ.

 يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماقال-تەمسىل، خەلق قوشاقلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ بۆرىگە بولغان ئېتىقادىنىڭ مىللەتنىڭ گېنىغا ئاللىبۇرۇن سىڭىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇنى جۇڭگودىكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بۆرە ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللىرى، ئىدىيوملىرى بىلەن ئالايلۇق狼子野心,狼狈为奸,狼心狗肺قاتارلىق سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرساق، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئارىسىدىكى غايەت زور پەرقىنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز، شۇنداقلا قايسى مىللەتنىڭ بۆرىنى بەكرەك بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بەكرەك ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، بۆرىنى ئەركىن ، قەيسەر  رىقابەتكە چۈشەلەيدىغان روھىي ۋە خاراكتېرىگە قايسى مىللەتنىڭ بەكرەك قول قويىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيمىز. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، جۇڭگو  بۆرە بىلەن دەرقەمتە بولۇپ مەيدانغا چۈشىدىغان ئومۇمۈيۈزلۈك رىقابەت دەۋرىگە قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە، بۆرە روھىي دۇنيانىڭ ئېقىمىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن. مۇشۇ تاپتا مەن بازار رەستىلىرىدى، ئەمەل سورۇنلىرىد، جەڭ مەيدانىدا ۋە رىقابەت مەيدانلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ زەخمىلەنگەن قېرىنداشلارغا بەل قويۇپ بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىللە ،ئۇلارغا« موڭغۇل بۆرىلىرى يارىسىنى ئۈچ كۈندىلا يالاپ ساقايتىدۇ»، «بۆرىنىڭ دەھشەتلىك بولۇشى چىشىنىڭ چىڭلىقىغا باغلىق» دەيدىغان تەمسىلنى تەقدىم قىلغۇم بار. يەنە ھېلىقىدەك سۆرەمپالاس،رەزگى، نىشاننى ئىگىلىيەلمەيدىغانلارغا «بۇ بۆرىنىڭ چىشى كاردىن چىقسا ئاچ قىلىپ ئۆلىدۇ» دېگەن تەمسىلنى سۇنغۇم بار.

 مەن موڭغۇل مىللىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماقال- تەمسىللىرىنىڭ، بۆرە ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلىرىنىڭ ، بۆرە ھەققىدىكى ناخشىلىرىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى، بۇ ئارقىلىق دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ روھىنى ۋە جانلاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

5

«ئىلاھىي تايغان» نىڭ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان يېرى، كىتابنىڭ باش –ئايىغىنى تەلتۆكۈس ئىگىلىگەن ئادەمنىڭ ئەقىلىنى لال قىلىدىغان بۆرە ھەققىدىكى ھەقىقىي ۋەقەلەر. «بۆرە توتېمى» نى يازغان، بۆرە ھەققىدىكى سان-ساناقسىز ۋەقەلەرنى بىلىدىغان مەن جېنىمدا «توۋا» دەپ ياقامنى تۇتۇپ قالدىم. مەن بۆرىلەرنى ئىزچىل يوسۇندا ھېكايە- ۋەقەلەرنىڭ شاھىنشاھى، بۆرىلەر ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايتتىم، لېكىن ئەجىم ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ يېرىم ئۆمرىدە زىيارەت قىلىپ توپلىغان بۆرە ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنىڭ مۇنچىلىك كۆپلىكىنى، مۇنچىلىك سەرخىل ۋە قالتىس ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.

«ئىلاھىي تايغان» غا كىرگۈزۈلگەن بۆرە ھەققىدىكى سان-ساناقسىز ھېكايىلەر دەل مۇشۇ كىتابنىڭ مۇكەممەل قۇرۇلما سېستىمىسىنىڭ ئەڭ غوللۇق، ئەڭ مۇھىم قىسمى. بۇ قىسىمنىڭ فونكىسىيەلىك رولى كىتابنىڭ باش تېمىسى ھېسابىدا بۆرە نېمىشقا موڭغۇللارنىڭ توتېمى بولۇپ قالىدۇ. موڭغۇللار نېمىشقا بۆرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ دېگەنلەرنى دەلىللەشتىن ئىبارەت. «ئىلاھىي تايغان» بۆرە ھەققىدىكى دەل مۇشۇنداق ھېكايە، ۋەقە ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى، ئاقىل–پاراسەت ۋە ھۇشيارلىقنى، بېرىكىش ۋە ھەمكارلىقنى، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىپ، يايلاقىنى قوغدايدىغان شۇنداقلا ھاياتى بەدىلىگە بالىلىرىنى، جەمەتىنى، ھەمراھىنى، جورىسىنى ئاسرايدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئالىيجاناب پەزىلىتى بىلەن روھىنى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەقىل –پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا بۆرىلەر بىلەن بەسلىشىپ باققان يايلاق مىللەتلىرىنىڭ مۇنداق ئالىيجاناب پەزىلەت ۋە روھتىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا قايىل بولىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە رەڭدار ھالەتتە تەسۋىرلەپ بەردى. مانا مۇشۇ موڭغۇل قاتارلىق يايلاق مىللەتلىرىنىڭ بۆرىگە ئېتىقاد قىلىشى، بۆرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ توتېمى قىلىشىدىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەب.

 مەنمۇ يايلاق بۆرىللىرىنىڭ ئالىيجاناب روھى ۋە پەزىلىتىگە قول قويغان بىر ئادەم. «بۆرە توتېمى» دەل بۆرىلەرنىڭ روھىدىن زىلزىلىگە كەلگەن ۋە ئۇلارغا قايىل بولغاندىن كېيىن روياپقا چىققان مەنىۋى مەھسۇلات.شۇنداقلا بۆرە توتېمى مېنىڭ قەلبىمدىمۇ ھەقىقىي رەۋىشتىكى توتېم ۋە ئەركىنلىك ئىلاھىي بولۇپ قالدى.مەن بۆرىلەردىن مەڭگۈ مىننەتدار، ئۇلارغا ماڭگۈ ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. دەل مۇشۇنداق بۆرە روھى مېنى قويغا ئوخشاش مۆمىن، يۇمشاقباش، كىم نېمە قىلسا«خوش» دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرىدىغان ھاياتتىن ۋە تەقدىردىن ئادا-جۇدا قىلدى.

  «ئىلاھىي تايغان» دا بۆرە ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ غايەت كۆپ بولغانلىقىغا قاراپ، بۇ «ھېكايىچى بۆرىلەر» نىڭ ھېكايە ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇۋاتقان جۇڭگو تىلىۋىزىيە  ساھەسىگە، ئەدەبىيات ساھەسىگە، ئويۇن-تاماشىچىلار ساھەسىگە، شۇنداقلا يېڭى ھېكايىلەرگە تەشنا بولۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەرگە سىلكىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ھەمدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «بۆرە توتېمى» ئۈستىدە ئېغۋا تارقاتقان، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان، ئۇنى پۈتۈن ھۈنىرىنى ئىشقا سىلىپ جىن-ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا سوكۇلدىغان «ئادەملەر» گە رەددىيە بېرىشنى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن .

 بىر چاغلاردا ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرىدا ئىشلىگەن زىيالىي ياشلاردىن بەزىلىرى تور بېتىدە ياكى تورنىڭ تۆۋىنىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي: «جياڭ روڭ بۆرىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئۇنى يايلاقىنى مۇفاپىزەت قىلىدىغان ئىلاھ دەپ بىلجىرلاشتىنمۇ يانمىدى، مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بۆرىنى يايلاقتىكى چاشقان ئاپىتىنى يوقاتقۇچى تۆھپىكار دېگەن گەپنى توقۇپ چىقتى. يايلاق بۆرىلىرى ئەمەلىيەتتە چاشقان يېمەيتتى» دەپ كەڭ كۆلەمدە جار سالدى. ئۇنداقتا، بىز «ئىلاھىي تايغان» دىكى ئىككى ھېكايىنىڭ سۇژىتىغا قاراپ باقساقلا كۇپايە:

  «ئوۋچى چاۋ توڭ قاپقان بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن....بىر بۆرىنىڭ قورسىقىدىكى ھىچ يېرى بۇزۇلمىغان، يۇمشاپ كەتكەن ئون يەتتە چاشقاننى كۆرۈپ قالدى. قارىماققا بۇ ئادەمنىڭ ئىچى ئېلىشقۇدەك بىر ئىش ئىدى. يەنە بىر بۆرىنىڭ قورسىقى چېكەتكە بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.» (P78)

  مۇشۇلارنى ئوقۇۋىتىپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى مەنمۇ بۆرىنىڭ چېكەتكە، تاختاق يەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. قىرىق يىلنىڭ ئالدىدىكى مەندۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدا بىر چوڭ چېكەتكە ئۇچۇپ بېرىپ، دەل مەن بېقىۋاتقان بۆرە كۈچۈكىنىڭ كاتىكىگە كىرىپ قالغاندا، بۆرە كۈچۈكى «كاپ» قىلىپلا تۇتۇۋىلىپ، يالماپ يۇتۇۋەتكەنىدى. پىشقەدەپ چارۋىچىلارمۇ ماڭا بۆرىنىڭ قورسىقىدىن چېكەتكە، تاختاق قاتارلىقلارنى ئۇچراتقانلىقىنى دەپ بەرگەنىدى. شۇ چاغدا، مەن بۆرىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا چېكەتكىدە يۇقىرى ئاقسىل ماددىسى بارلىقىنى بىلىدىغان بولغىيمىدى، دەپ  ئەجەپلەنگەنىدىم. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ ئىنچىكە تەرەپلەرنى «بۆرە توتېمى» غا يېزىشقا پىتىنالمىغانىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، شۇچاغدىكى پەرىزىم بويىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنىڭغا چىن پۈتمەيدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ ئىدى. يازغان تەقدىردىمۇ ئەكسىچە ئۈنۈمى ياخشى بولمايتتى. ئەمدىلىكتە موڭغۇل بۆرىلىرىنىڭ قاراپ تۇرۇپلا بىر پاتمان چىكەتكىنى يالماپ يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ  شۇ چاغدىكى قىلىقىمدىن راستىنلا بەك پۇشايمان قىلدىم. مېنىڭ سەۋەنلىكىم بۆرىلەرنىڭ چىكەتكە يوقۇتۇشىدىكى تۆھپىسىنى يوققا چىقارغانىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم، چاشقان ئاپىتى بىلەن چىكەتكە ئاپىتى يايلاقتىكى  جانغا زامىن بولىدىغان چوڭ ئىككى تەبئىي ئاپەت ئىدى. ھالبۇكى، بۆرىلەر چاشقان بىلەن چېكەتكىنىڭ ئەدىپىنى بېرىدىغان تۆھپىكارلاردىن ئىدى. بۇ ئەھۋالمۇ«بۆرە توتېمى» دا بۆرىلەرنى پەردازلاش بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ تەتۈرسىچە بۆرىلەرنىڭ تۆھپىسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەنىدى. مەن بۆرە ئۇستازىم ئەجىم ئەپەندىنىڭ بۇ سەۋەنلىكىمنى ئوڭشاپ قويغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

 بىزمۇ يايلاقتا ياشاپ باققان دەپ چوڭ سۆزلەيدىغان بەزىلەرمۇ جياڭ روڭنىڭ بۆرىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يايلاقتىكى بۆرىلەر «بۆرە توتېمى» دا يېزىلغاندەك ئۇنداق ئەقىللىق، ئۇنداق كارامەت ئەمەس، بۆرە ھەققىدىكى ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى جياڭ روڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ توقۇپ چىققان، دېدى.

   لېكىن «ئىلاھىي تايغان» غا كىرگۈزىلگەن بۆرە ھەققىدىكى كۆپتىن-كۆپ ھەقىقىي ۋەقەلەر بۆرىلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە سىرلىق ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەن ئىككىلا مىسالنى تونۇشتۇرىمەن:

   «بىر كۈنى داگدەن گوتۇب تاغىسى چۆلتوم بىلەن ئولاستاي دەرياسىنى ياقىلاپ ئۇنىڭ ئېقىمىغا كېتىپ بارغاندا، تۇيۇقسىز بىر بۆرىنىڭ ئۇدۇل ئۆزلىرىگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرگەن. ئۇلار بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بۆرە كېلىۋاتقان تەرەپكە قاراپلا، كۆكنىڭ قەھرىدىن بۆرىنىڭ ئۈستىگە ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈۋاتقان يوغان بىر قارا قۇشنى بايقىغان. بۆرە مۇنداق جىددىي مىنۇتتا  قاراقۇشنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك چارىسى مۇشۇ ئىككى ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىكەنلىكىنى پەم قىلغان. بۆرە ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئىككەيلەننىڭ يېنىغا كېلىشى بىلەن، ھېلىقى قارا قۇشمۇ قوغلاشتىن توختاپ، تېزلىك بىلەن ئۇچۇپ كەتكەن. ھېلىقى بۆرە ئاسمانغا زەن سېلىپ قارىۋېتىپ، ئاندىن ئالدىرىماي-تېنىمەي دەريانىڭ شەرقىدىكى تۆپىلىككە ئاقسىغان پېتى مېڭىپ كەتكەن.» (P86)

«دادام ماڭا شەرقىي يايلاقتا يۈزبەرگەن مۇنداق بىر قىززىق ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەنىدى: ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر يەرلىك ئەمەلدارلار قاراڭغۇ چۈشكەن بىر كېچىدە تەنھا بىر بۆرىنى ماشىنا بىلەن قوغلىغان. تولا يۈگۈرپ جېنى تۇمشىقىغا كېلىپ قالغان بۆرە يول بويىدىكى ئېلىكتىر سىتولبىىسىنىڭ قېشىغاكەلگەندە بىراقلا غايىپ بولۇپ كەتكەن. ئەمەلدار ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى قاتار چىراغنى يېقىپ، بۆرىنى بىر ھازا ئىزدىگەن. شۇ چاغدىلا ئۇ بۆرىنىڭ ئېلىكتىر سىتولبىسىنىڭ قېشىغا كەلگەندە بىراقلا غايىپ بولۇپ كەتكەن. ئەمەلدارلار ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى قاتار چىراغنى يېقىپ، بۆرىنى بىر ھازا ئىزدىگەن. شۇ چاغدىلا ئۇ بۆرىنىڭ ئىلىكتىر سىتولبىسىغا چىڭ چاپىلىشىپ (ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرغان) لىقىنى كۆرگەن.» (P84-P83)

موڭغۇل بۆرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان موڭغۇللارنىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋاتقان يەردە، ئۇلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ئۇنچىىلىك ئەمەس دەيدىغانغا بىزنىڭ نېمە ھەددىمىز؟ بىزنىڭ جۇڭگولۇق خەنزۇلىرىمىز پەقەت گەپ ئاڭلايدىغان ئۆي ھايۋانلىرى بىلەنلا تونۇشلۇق، ياۋايى بۆرىلەرنىڭ تۆھپىسىنى، ئەقلىي مىقدارىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەم-پەزىلىتىنى ھېچقانچە بىلمەيدۇ. لېكىن، خوش بولىدىغان ئىش شۇكى، بۆرە بىلەن دەرقەمتە بولىدىغان بۇ دەۋىردە بۆرە ھەققىدىكى بىلىم بىلەن بۆرە مەدەنىيتىنىڭ تارقىلشىغا ئەگەشكەن ھالدا بۆرىنى بىلىدىغان، بۆرىنى ياقتۇرۇپ قالىدىغان، بۆرىنى ھۆرمەتلەيدىغان پۇقرالار گېئومېتىرىك سان شەكىلدە كۆپىيىشكە باشلىدى.

ئەڭ ئاخىرىدا،«ئىلاھىي تايغان» دىكى مەندەك بىر قېرى بۆرىنىڭ كۆزىدىنمۇ ياش ئاققۇزغان ئىككى ئابزاس مۇھەببەت ۋەقەسىنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:

بىر ياش يىلقىچى ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئايدالادا ئوتلاۋاتقان يىلقىلارنى بىر يەرگە يىغىش ئۈچۈن باراتتى. ئۇ يىلقىنى يىغىشىتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ تارقىلىپ كەتكەن جايلىرىنى، شۇنداقلا تۆت ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشنى دۇربۇن بىلەن كۆرۈپ بېقىشقا، كۆزىتىپ بېقىشقا ئادەتلەنگەنىدى. بىر كۈنى ئۇ مۇشۇنداق كۆزىتىۋېتىپ، ئۈچ بۆرىنىڭ تۇمشۇقلىرىنىى يېقىن قىلغان پېتى غەرب تەرەپتىكى بىر قۇم ئازگىلىغا كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئازدىن كېيىن، بىر بۆرە كۆرۈنمىدى، قالغان ئىككىسى داۋاملىق كېتىۋەردى. ياش يىلقىچى ئوخشاش ۋاقىت ۋە ئوخشاش ئورۇندا بۇ ئەھۋالنى ئۇدا بىر نەچچە كۈن كۆزەتتى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى قۇم ئازگىلىغا بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى، نەتىجىدە ئۇيەردە ھېچنەرسە يوق بولۇپ چىقتى. ئۇ غەلىتەلىك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئەجەپلەندۈرگەن بۇ ئىشنى ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە يىگىتكە سۆزلەپ بەردى. ئۇلار زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ۋەدىلەشتى. بىر كۈنى ئۇلار قۇم ئازگىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئازگالنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئاقتۇردى-دە، ئازگالنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كىچىككىنە بىر جايغا ئىنچىكە بىر تال ياغاچنىڭ توغرىسىغا قويۇلغانلىقىنى ، ياغاچ قويۇلغان يەردىكى قۇمنىڭ تېگىدىدىن بۆرىنىڭ بۇرنى چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئالدى بىلەن بىر پاي ئوق ئېتىۋىتىپ، ئاندىن ياغاچنىڭ ئىككى بېشىنى تۇتۇپ شارتتىدە تارتىپلا، ئالدى ئىككى پۇتى يوق بىر ئانا بۆرىنى سۆرەپ چىقتى. ئەسلىدە  ئىككى پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بۇ ئانا بۆرە ماڭالمايدىكەن. ھەركۈنى كېچىسى باشقا ئىككى بۆرە كېلىپ،ئانا بۆرىگە ياغاچنى چىشلىتىدىكەندە، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئىككى بېشىنى چىشلەپ، ئانا بۆرىنى سەيلە قىلدۇرىدىكەن. تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئانا بۆرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ يوشۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى قايتىپ كېتىدىكەن.

 جەنۇبىي گوبى ئۆلكىسىدىكى بىر چارۋىچى يوقىلىپ كەتكەن تۆگىسىنى ئىزدەپ سىرتقا مېڭىپتۇ. ئۇ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قولىدىكى دۇربۇن بىلەن تۆت ئەتراپنى كۆزىتىۋىتىپ تۇيۇقسىزلا قىزغۇچ بىر تۆگىنىڭ سۇنىڭ بويىدىن مېڭىپ چىققانىلىقىنى كۆرۈپتۇ. تۆگىنىڭ ئالدىدا خىرە-شىرە مىدىرلاپ تۇرغان يەنە بىر نەرسە باردەك. قىززىق يېرى، ھېلىقى تۆگە چارۋىچىلىق مەيدانى تەرەپكە ئەمەس، ئەگرى-بۈگرى چىغىر يولنى ياقىلاپ، قورام تاشلار چوقچىيىپ تۇرغان قىيا تەرەپكە ماڭغۇدەك. تۆگىنىڭ ئادىتىنى  پىششىق بىلىدىغان چارۋىچى ئازراق ئويلىنىپلا ئىشنىڭ تېگى-تەگتىگە يېتىپتۇ-دە، دەرھال ئاتقا مېنىپ تۆگە تەرەپكە چېپىپتۇ. تېخى تۆگىگە يېقىنلاشماي تۇرۇپلا، بىر بۆرىنىڭ تۆگىنىڭ ئالدىدىن ئۇچقاندەك قېچىپ يۈگۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. چارۋىچى تۆگىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسا، تۆگىنىڭ ئۈستىدە بىر بۆرە مېنىپ ئولتۇرغۇدەك. ئۇ ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن تۆگىنىڭ لوكىسىنى مەھكەم قاماللىۋالغان ھالەتتە ئىكەن. كەينى ئىككى پۇتى بۆرە تۇتىدىغان قاپقاندا ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە ئەركەك بۆرە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان ئانا بۆرىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، ئۆزى ئالدىدا تۆگىنى يېتىلەپ ماڭغانىكەن. ئۇلارنىڭ زادى قانچە ئۇزۇن يولنى ماڭغانلىقىغا ھېچكىممۇ زادى بىرنەرسە دېيەلمەيدىكەن. بىچارە تۆگە ئورۇقلاپ، بىر تېرە-بىر ئۇستۇخانلا بولۇپ قاپتۇ. چارۋىچى قېشىغا بارغاندا، تۆگىنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش ئېقىپتۇ. ھارۋىچى ھاياتلىق ئۈچۈن تۆگە مىنىپ ماڭغان ئانا بۆرىنى ئۆلتۈرمەپتۇ، ئۇنى توختىغان جايىغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. چارۋىچى كېتىدىغان چاغدا، ئانا بۆرىنىڭ يىغلىغان پېتى ئالدىغا قاراپ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قوينىڭ بىر پۇت گۆشىنى قالدۇرۇپتۇ-دە، تۆگىنى ئېلىپ يولغا چۈشۈپتۇ.....

  2011-يىلى دېكابىر

(«غەربىي يۇرت موڭغۇللىرى مۇنبىرى» « «西部蒙古论坛 ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىىلىق 2-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىمىن ئەھمىدى (شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇنىڭ سابىق مۇدىرى)

تەھرىرلىگۈچى: ھەزرىتى ئەلى بارات

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2012-يىللىق 5-سان


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 744 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-21