ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب كۇتۇپخانىچىلىقى


ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب كۇتۇپخانىچىلىقى

راھىلە قادىر


ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب كۇتۇپخانىچىلىقىغا ئابباسىيلار خەلىپىلىكى (750-1258) ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ دەۋىردە شەرقتە ئامو دەرياسى بويلىردىن غەربتە شىمالىي ئافرىقا ۋە ئەندۇلۇسىيە (ئىسپانىيە) گە قەدەر بولغان جايلار ئەرەبلەرنىڭ ئىشغالىيتىگە ئۆتتى. بۇ دەۋىردە يەنە ئەرەبلەر ئىشغال قىلىنغان جايلاردىكى ھەرخىل مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن، پارس، تۈرك ھىندى، بەربەرى ۋە گېرىك مەدەنىيتى بىلەن كەڭ دائىرلىك ئۇچرىشىپ، بۇ مەدەنىيەت دائىرلىرىدىن جىددىي ئۆگىنىشكە باشلىدى. ھۆكۈمدارلار سىياسىي ۋە ئىتىسادىي جەھەتتە مەدەنىيەتنى ھىمايە قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش قارارىنى يولغا قويدى، جەمئىيەتتە تەسىرى بار بەزى كىشىلەر خۇسۇسىي ئىلمىي ئورۇنلارنى قۇرۇپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەبلەر تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ زىيالىيلىرىمۇ باغداد ۋە باشقا مەركىزىي شەھەرلەرگە توپلىنىپ، ئىلاھىيەت، پەلسەپە، لوگىكا، ئەدەبىيات دە تەبئىي پەب ساھەسىدىكى كەڭ دائىرلىك ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئارقىلىق ئەرەب جەمئىيتىنى يېڭى ئەسىرلەر بىلەن تەمىنلىدى. نەتىجىدە ئەرەبلەر مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىگە كىرىپ، دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە يېڭى بىر مەدەنىيەتنى ياراتتى. بۇ مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەرق ۋە غەرب مەدەنىيتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.

   ئەرەب تارىخىدىكى تۇنجى كۇتۇپخانا ئۈمەۋىيلەر دەۋرىدە (661-750) بارلىققا كەلدى. مۇئاۋىيە (680-661) شامدا بىر كۇتۇپخانا قۇردى، كېيىن ۋەلىد ئىبىن ئابدۇلمەلىك (705-715) ئۇنى تېخىمۇ مول كىتابلار بىلەن بېيىتتى. ئۇ سەد دېگەن بىر كىشىنى كۇتۇپخانىچى قىلىپ بىكىتكەن، يەنە بىر كىشىنى كىتاب كۆچۈرۈشكە تەيىنلىگەنىدى. سەد ئەرەب تارىخىدا ھازىرغىچە ئىسمى مەلۇم بولغان تۇنجى كۈتۈپخانىچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۆمەر ئىبىن ئابدۇلئەزىز (717-721) بۇ كۇتۇپخانىدىكى مەۋجۇت كىتابلارنى يېڭىدىن تۈرگە ئايرىپ كاتولوگلاشتۇردى. ئۈمەۋىيلەر دەۋرىدە بەزى ئالىملارنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ خاس كۇتۇپخانىلار قۇرۇلدى. لېكىن بۇ دەۋىردىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ سانى چەكلىك بولۇپ، كەپ كۆلەملىك كۇتۇپخانىلارنى كۆپلەپ قۇرۇش ئىمكانىيتى بولمىدى.

  8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشى ئەرەب جەمئىيتىدە كىتاب يېزىش، كىتاب تەرجىمە قىلىش، كىتاب كۆچۈرۈش، كىتاب توپلاش ۋە كىتاب تىجارىتىنىڭ ئوموملىششىغا پايدىلىق شارائىت ياراتتى. بولۇپمۇ ئىلاھىيەتشۇناسلىق بىلەن بىرلىكتە تەبئىي پەنگە بولغان ئىشتىياقنىڭ كۈچىيىشى كىتاب سانىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى. باغداد، شام، قاھىرە، بەسىر قاتارلىق شەھەرلەردە《سۇكۇل ۋەرراكۇن》دەپ ئاتىلىدىغان كىتابچىلار بارلىققا كەلدى. ئابباسىيلار خەلىپىللىرىدىن مەنسۇر(754-775)، مەھدى(785-786)، ھارۇن رەشىد(788-809) ۋە مەئمۇن (813-833) قاتارلىقلار ھەرقايسى جايلارغا كۆپ قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ ئېسىل كىتابلارنى يىغدۇردى.ئۇلارنىڭ ۋىزانتىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىگە《كىتاب تاپشۇرۇش》ھەققىدە مەخسۇس ماددىلار كىرگۈزۈلدى.مەنسۇر سارايدا بىر كۇتۇپخانا قۇرۇلدى،ھارۇن رەشىد ئۇنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە باغدادتا ئوتتۇز نەچچە كۇتۇپخانا ۋە يۈزنەچچە كىتاب سودىگىرى مەيدانغا كەلدى.ئاشۇ كۇتۇپخانىلار ئىچىدەشۇ دەۋىرنىڭ ئەڭ چوڭ پەنلەر ئاكادىمىيسى ۋە كۇتۇپخانا ھىسابلانغان بەيتۇل ھىكمە («ئەقىل سارىيى》دېگەن مەنىدە) تەرجىمە پائالىيتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر بازار بولدى. ئەرەب مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر تەرجىمە ھەركىتىنىڭ كۆپ قىسم خىزمەتلىرى دەل ئاشۇ بەيتۇل ھېكمەدىكى كۇتۇپخانىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،ئوتتۇرا ئاسىيالىق مەشھۇر ماتېماتىك مۇھەممەد مۇسا خەرەزمى بەيتۇل ھىكمە سارىيىدا بىر مەزگىل كۇتۇپخانا مەسئۇللىقىنى ئۆتىگەن.بەيتۇل ھىكمەنىڭ تەرجىمە مەركىزى ۋە كۇتۇپخانىلىق فۇنكىسيىسى بارا-بارا كېڭىيىپ، تەبىئەت پەنلىرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋە ئوقۇتۇش ئورگىنىغا ئايلاندى، ئۆزىنىڭ رولىنىمۇ شۇ شەكىلدە داۋام قىلدۇردى. لېكىن، پايتەخت مۇتەئەسسىم تەرىپىدىن سامېرراغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، بەيتۇل ھىكمە كەڭ دائىرلىك تەتقىقات مەركىزى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ، پەقەت كۇتۇپخانىلىق رولىنى داۋاملاشتۇردى.10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر پائالىيتىنى ناھايىتى جانلىق داۋاملاشتۇرغان بۇ كۇتۇپخانىغا كېيىنكى ۋاقىتلاردا تازا ئېتىبار بېرىلمىگەنلىكى مەلۇم. شۇنداقتىمۇ ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى ئۈچۈن 500يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت مۇھىم بىر مەنبە بولۇش رولىنى ئوينىدى.بۇ كۇتۇپخانا1258-يىلى ھېلاكۇخان تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىندى.

 ئابباسىيلاردا ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىقلاردا ئالىي بىلىم يۇرتى سۈپىتىدە تەسسىس قىلىنغان مەدرىسلەرنىڭمۇ خاس كۇتۇپخانىسى بار ئىدى.باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسىنىڭ كۇتۇپخانىسى شۇ دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى ھىسابلىناتتى. نىزامۇل مۇلك تەرىپىدىن 1067-يىلى قۇرۇلغانبۇ مەدرىسە ۋە كۇتۇپخانىنىڭ باشقا مەدرىس ۋە ئۆرنەك بولغانلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ.نىزامىيە مەدرىسىدىن قالسا ئەڭ مەشھۇر مەدرىسە مۇستانسېرىييە مەدرىسى ئىدى. 1234-يىلى قۇرۇلغان بۇ مەدرىسنىڭ كۇتۇپخانىسى 《خىزانەتۇل كۈتۈب》دەپ ئاتالغانىدى. خەلىپە مۇستانسېرىي (1226-1242)  ئۆزىنىڭ خاس كۇتۇپخانىسىدىن تاللاپ چىققان 290 ھارۋا كىتابنى بۇ كۇتۇپخانىغا تەقدىم قىلدى.كۇتۇپخانىدا 80مىڭدىن كۆپرەك كىتاب قويۇلغانلىقى مەلۇم. 1258-يىلى موڭغۇل قوشۇنلىرى باغدادقا بېسىپ كىرگەندە بۇ كۇتۇپخانا ۋەيران قىلىندى. موڭغۇل ئەسكەرلىرى كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى سېتىۋەتتى، يەنە بىر قىسمىنىڭ مۇقاۋىسىنى چىقىرىپ ئۇنى ئات جابدۇقلىرى قىلىپ ئشلەتتى. بۇ مەزگىللەردە يەنە جامائەت ۋە چوڭ مەسچىتلەرنىڭمۇ كۇتۇپخانىسى بولغانلىقى مەلۇم.

  باغدادتىن باشقا يەنە دەمەشق، قاھىرە، بەسىرە، مولو، بوخارا، ئەندۇلۇسىيە ۋە ماراكەش قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە نۇرغۇنلىغان كۇتۇپخانىلار تەسسىس قىلىندى. مەسىلەن، مولو شەھرىدە 12 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، بىر قېتىمدا 200 پارچە كىتاب ئالغىلى بولاتتى.11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاھىرەدىكى ھەرقايسى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 1مىلىيۇن 200 پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان خەلىپىلىك كۇتۇپخانىسىدا ساقلىىنىۋاتقان كىتاب200مىڭ پارچىغا يەتكەنىدى. ئۈمەۋىيلەرنىڭ خان جەمەتىدىن بولغانئەبدۇلراخمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەندۇلۇسىيەدىكى كوردوۋا ئۈمەۋىيلەر خەلىپىلىكى دەۋرىدە(756-1031)كۇتۇپخانا قۇرلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ مەزگىلدە كوردوۋانىڭ ئۆزىدىلا70يەردە كۇتۇپخانا قۇرۇلدى. بۇنىڭمۇ بىر قىسمى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى، بىر قىسمى خۇسۇسيلارنىڭ ئىلىكىدىكى كۇتۇپخانىلار ئىدى.بۇنىڭ ئىچىدە كىتابقا تولىمۇ ھېرىسمەن ۋە ئەرەب ئىسلام تارىخىدىكى پۈتۈن خەلىپىلەر ئىچىدە ئەڭ بىلىملىك كىشى ھېسابلانغان ھاكىم Ⅱ تەرىپىدىن قۇرۇلغانساراي كۇتۇپخانىسى ناھايىتى مۇنتىزىم بىر كۇتۇپخانىغا ئايلاندى. ئۇ قايرېۋان، ئىسەندىرىيە، شام، باغداد قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرىگە مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئادەملەرنى ئەۋەتىپ كىتاب ئۇچۇرى توپلىدى. بۇ خادىملار ئاشۇ مەركىزى شەھەرلەردىكى كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ سېتىۋىلىشقا ۋە كۆچۈرۈشكە تېگىشلىك كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلىدى. ھاكىمⅡ بۇ خادىملار ئارقىلىق شەرىقتە يېزىلغان ياكى كۆچۈرۈلگەن كىتابتىن بەزىدە شەرقلىقلەردىنمۇ بۇرۇن خەۋەردار بولاتتى. ئۇ ئاشۇ خادىملار ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى(ئورىگىنالىنى) ئۆز كۇتۇپخانىسىغا قويۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ساراي كۇتۇپخانىسىغا قويۇلغان كىتابلارنىڭ سانى 400 مىڭ پارچىدىن ئاشتى.كىتابلارنىڭ كاتولوگى بولسا 44 توپلام بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىرى 50 ۋاراق(بەت) تىن تاشكىل تاپقان. بۇ كۇتۇپخانا ئەينى چاغدىكى ياۋرۇپادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە تەرتىپى ھەممىدىن ياخشى كۇتۇپخانىغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، تولىدۇ شەھرىدىكى كۇتۇپخانىدىمۇ نۇرغۇن ئەرەبچە كلاسسىك ئەسەرلەر ساقلاندى. ئەندۇلۇسىينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كىتاب بازارلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر كۇرتۇبا بازىرى بولۇپ،بۇ ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ ياۋروپا كۇتۇپخانىسى ئىدى. كىتاب بازارلىرى شەخىسلەرنىڭ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇشىغا قۇلايلىق ياراتتى.خۇسۇسىي كۇتۇپخانىلاردىن ئىبىن فۇتەيسىنىڭ كۇتۇپخانىسىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.ئىبىن فۇتەيسىنىڭ كۇتۇپخانىسى ساراي كۇتۇپخانىسىدىن قالسىلا كۇرتۇبا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ھېسابلىناتتى. بۇ كۇتۇپخانىدا بىر مۇدىر ۋە ئالتە كىتاب كۆچۈرگۈچى خادىم خىزمەت قىلغان. ئەبىن فۇتەيسىنىڭ ئۆزىمۇ كىتاب توپلاشقا بولغان ھەۋىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە كىتابلارنىڭ ناھايىتى ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغانلىقى بىلەن داڭق چىقاردى. لېكىن، تارىختىكى مەشھۇر ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى رىملىقلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغىنىدەك، ئەندۇلۇسىيەدىكى بۇ كۇتۇپخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى كېيىن ئىسپانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلدى. شۇنى تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، ئەرەبلەرنىڭ ئىندۇلۇسىيە يەنى ئىسپانىيەدىكى ھۆكۈمىرانلىقى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئەڭ ئاۋۋال ئېلىپ كىرگىنى قەغەزچىلىك تېخنىكىسى بولدى. قەغەزچىلىك تېخنىكىسى ئىسپانىيەگە، ئۇيەردىن ئىتالىيەگە، فىرانسىيەگە، ئاندىن پۈتكۈل ياۋرۇپاغا تارقالدى.كۇتۇپخانىچىلىقمۇ ياۋرۇپادا يېڭى بىر مەدەنىيەت مۇھىتى پەيدا قىلدى. شۇڭا قەغەز بىلەن كىتابمۇ ئەرەبلەرنىڭ ياۋرۇپاغا قالدۇرغان مىراسلىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەرەبلەردە مەيدانغا كەلگەن بۇ كۇتۇپخانىلار ئەسلىدە سىرتقى مەدەنىيەتنڭ ئەرەبلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى بولسىمۇ، لېكىن ئەرەبلەر بۇ ساھەدە ئەرەبلەر زور ئۇتۇققا ئېرىشىپ، يۇقىرى پەللە ياراتتى.بولۇپمۇ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىچىلىق ساھەسىدە ئەرەبلەر دۇنيا مىللەتلىرىگە ئەڭ چوڭ ئۆرنەك بولدى. ئاشۇ كۇتۇپخانىلاردا ساقلانغان كىتابلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغاندىن سىرت،مەزمۇنىمۇ، دىن، سىياسىي، ئىقىساد،جۇغراپىيە، تارىخ، پەلسەپە،ئاستىرۇنومىيە،ماتېماتىكا،فىزىكا،خىمىيە، زوئولوگىيە، بوتانىكا،تېبابەتچىلىك،مەدەنچىلىك،لۇغەتچىلىك،ئەدەبىيات،ئىستىلىستىكا،گرامماتىكا ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. مەيلى دۆلەت كۇتۇپخانىسى بولسۇن، ياكى شەخسىي تەرىپىدىن قۇرۇلغان خۇسۇسىي كۇتۇپخانىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك خىزمەت تەرتىپى ۋە مەسئۇل خادىملار بولغان. كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى《ساھىب》ئىدارە ۋە مالىيە ئىشلىرىگە مەسئۇل كىشى 《مازىن 》، ئوقۇرمەنلەرگە ئىھتىياجلىق كىتابنى تېپىپ بەرگۈچى《مۇناۋىل》، تازىلىقچى《فەرراش》، كىتاب مۇقاۋىلىغۇچى《مۈستەنسىخ》دە ئاتىلاتتى. كۇتۇپخانىلار سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ،مۇلازىمەت ئۇسۇلىمۇ ئاساسەن كۈنىمىزدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە ئوخشايتتى. ئەپسۇس، بۇ كۇتۇپخانىلاردىكى كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى. يۇقىردىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بۇنىڭغا ئوت ئاپىتى، كەلكۈن، ئىسيان ، مەزھەپ توقۇنۇشلىرى، قانلىق ئۇرۇشلار ۋە كەپ كۆلەملىك ئىستېلا ھەركەتلىرى سەۋەب بولدى. باغداد قاھىرە ، كوردوۋا، تولېدۇ، بوخارا ۋە نىشاپۇر كۇتۇپخانىلىرى ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق مەزگىللىرىدە ئېغىر  زىيانغا ئۇچرىدى.ئەھلى سەلپ يۈرۈشى ۋە موڭغۇل ئىستىېلاسى بۇ ساھەدە ناھايىتى چوڭ ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلدى.

 بۇ كۇتۇپخانىلار تارىختىكى مىسىر، ھىندىستان، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، گرىتسىيە ۋە غەربىي ياۋروپا كۇتۇپخانىلىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، دۇنياۋى مەدەنىيەت ئامبىرىغا ئايلاندى. شۇڭا بۇ كۇتۇپخانىلاردىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر بۇرۇن مىللەت ۋە رايون تەۋەلىكىدىن ناھايىتى چەكلىك دەرىجىدە ھالقىيالىغان ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئەرەب تىلىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە بىر يەرگە جۇغلاپ ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئەرەب جەمئىيتىدە يېڭىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئايلاندۇلدى.باغدادنى مەركەز قىلغان يېڭى بىر مەدەنىيەت دەۋرى يارىتىلدى. بەش ئەسىر داۋام قىلغان بۇ مەدەنىيەت تارىختا《ئەرەب مەدەنىيتى》ياكى《ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيتى》دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ۋە دۇنيا مەدەنىيتىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ كۇتۇپخانىلارنىڭ دۇنياۋى تەسىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى ئالدى بىلەن ياۋرۇپادا كۆرۈلدى. ياۋرۇپادا 14-ئەسىردە  باشلانغان ئويغىنىش ۋە ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىنىڭ ئىدىيۋى، ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئاساسلىرى كۆپ خىل بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك رول ئوينىغىنى تەرجىمە ،تىجارەت ئالاقىللىرى ،ئەھلىسەلپ يۈرىشى ۋە مەدىرىسلەرنىڭ تەسىرى ئىدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تەرجىمە دەل غەربلىكلەرنىڭ دەل12-ۋە13-ئەسىرلەردە تولېد ۋە سالېرنودا قۇرۇلغان تەرجىمە مەكتەپلىرى ئارقىلىق ئەرەب كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانغانئەرەبچە ئەسەرلەرنى لاتىنن تىلىغا تەرجىمە قىلىش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئاخىردا شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش كىرەككى، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئالىملاردىن ئابدۇلھەمىد ئبىن تۈرك، خارەزمى، فارابى، بىرۇنى، ئىبىن سىناۋە جەۋھەرى قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىپ، كېيىن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئايلانغىنىدەك، 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مەھمۇد كاشىغەرى تەرىپىدىن يېزىلغان《دىۋان لۇغەتىت تۈرك》ناملىق مەشھۇر لۇغەتنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇسىخىسىمۇ ئەرەبلەرنىڭ باغداد ياكى شامدىكى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانغان نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈلگەنىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 《قۇتادغۇبىلىك》ناملىق سىياسەت كىتابىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئۈچ نۇسخىسى ئىچىدە ئەرەب يىزىقىدىكى《قاھىرە نۇسخىسى》مىسىردىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغانىدى.

ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ خادىمى

تەھرىرلىگۈچى: ھەزرىتى ئەلى بارات


مەنبەسى:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن مۇنبىرى ژۇرنىلى 2010- يىللىق 3-سان

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 383 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-21