ئىپارخان ۋە يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدا ئىزدىنىش


ئىپارخان ۋە يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدا ئىزدىنىش

ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى

 

ئەسىرلەر مابەينىدە تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان تۇمارىس، مەختۇمسۇلا، مەلىكە ئاماننىساخان، ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم، شەپقەت ھەمشىرىسى، رىزۋانگۇل قاتارلىقلار بىزنىڭ روھىيەت كۆكىمىزدىكى چولپانلىرىمىز بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش ئەدىبلىرىمىزگە يۈكسەك غورۇر، قايناق ئىلھام ۋە چەكسىز ئىپتىخار تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ، چۈنكى، ئۇلار مەيلى رىۋايەتلىك ۋە مەيلى رېئال شەخىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇرت-قوۋمىگە يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلارنى قىلىپ،  ھاياتىنى مەناغا ئىگە قىلىپ ياشىغان چىن ئىنسانلاردۇر.  شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەتلىرى زامانىمىزدىكى ۋە كەلگۈسىدىكى خانىم-قىزلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر ئىچىدە ئىپارخان بىلەن يەتتە قىزلىرىم زامانداش ئۆتكەن رېئال شەخىسلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ نام-شەرىپى ۋە ھاياتىي پائالىيىتى خۇددى بىر يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجان تىزىقلىرىدەك ئۆز-ئارا زىچ باغلىنىدۇ.  مەن دەل «يەتتە قىزلىرىم» نىڭ يۇرتىدا تۇغۇلغان ۋە ھازىرغىچە مۇشۇ يۇرتتا ياشاپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇزۇندىن بېرى بۇ مەسىلىگە قىزىقىپ بەزى ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردىم.  گەرچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەم ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىلگەنلىرىمنى كەڭ كىتابخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بۇ ماقالىگە قەلەم تەۋرەتتىم.

             ئىپارخان كىم؟

مەلۇمكى، ئىپارخان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان گۈزەل ئايال، شۇنداقلا ئىپارخان تېمىسى يەنە يالغۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزچىل تەتقىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر تارىخى شەخىس.  بولۇپمۇ ئىپارخاننىڭ ئەسلىي ئىسمى، يۇرتى، نەسەبى، چىيەنلۇڭ خان ئوردىسىدىكى ئىش-پائالىيىتى، قانداق ۋاپات بولغانلىقى، قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىغىچە تارىخ تەتقىقاتچىلىرى تالاش-تارتىش قىلىپ كېلىۋاتقان تېما.  بىز خەنزۇ ۋە چەت  ئەل تارىخچىلىرىنىڭ ئىپارخان ھەققىدىكى قارىشىدىن قىسقىچە مۇنداق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز:

«ئىپارخان يوڭجىڭنىڭ 12-يىلى (مىلادى 1734-يىلى)  9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان.» ① «ئىپارخان چىيەنلوڭنىڭ 25-يىلى 6-ئايدىن 53-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئوردىدا 28 يىلنى بېشىدىن كەچۈرگەن.» ② «تارىخىي كىتابلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنڭغا  رۇڭ فېي (شاھبانۇ) دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن.» ③ «ئىپارخان ئوردىدا تۇرمۇش جەھەتتىن يۇقىرى تەمىناتقا ئىگە بولغان.» ④ «ئىپارخان چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىيەنلوڭ خاننىڭ قىرىقتىن ئارتۇق توقال، خانىش، شاھبانۇسى ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق شاھبانۇسىدۇر.  ئۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قىزى بۇلۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ ئۆز يۇرتى يەكەندىن ناھايىتى يىراق پايتەخىتكە كېلىپ،   يىگىرمە سەككىز يىللىق ھاياتىنى ئوردىدا ئۆتكۈزگەن.» ⑤ «ئىپارخان ئوردىدا ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئاشپەز ئىشلەتكەن.» ⑥
پادىشاھ ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۇرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.  ھەتتا ئۇ يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ» : ‹ئەل-يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل- قىزلىرىمزىنىڭ بىكاردىن-بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن› دېگەن.  بۇ سۆزنى ئاڭلىغانلار قورقۇپ چۆچۈپ كېتىشكەن. گەرچە پادىشاھ ئۇنىڭ رايىنى ياندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،  لېكىن ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلى بارماي بىرقانچە يىللار ساقلىغان.  خان ئانا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن پادىشاھقا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان.  پادىشاھ سىرتقا چىقىپ كەتكەندە، خان ئانا ئىپارخاننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.  ئىپارخان دەپ ئاتالغان، ھەربىيچە ياسانغان، قىلىچ ئېسىپ ئۆرە تۇرغان بۇ قىزنىڭ كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، بىر قاراشتىنلا ئۇنىڭ ئىپپەتلىك ۋە شىجائەتلىك قىز ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.» ⑦ «ئۇ چىيەنلوڭنىڭ 53-يىلى (مىلادى 1788-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.» ⑧ «ئىپارخان ئەمدىلا بېيجىڭغا كىرگەن چاغدا، خان غەربلىك رەسسام رومبېرانتقا ئىپارخاننىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئوردىغا ئېسىپ قۇيۇشنى تاپىلىغانىكەن.  ئىپارخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ رەسىم ئايرىم ساقلانغان. مىنگو قۇرۇلغاندا ئاندىن ئاشكارا بولغان.» ⑨ «رومبېرانت ئىپارخاننىڭ رەسىمىنى سىزغاندا يەتمىش ياشلاردا ئىدى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر داڭلىق ئەسىرى. ئىپارخاننىڭ رەسىمى ئەمەلىي تەسۋىرىي رەسىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوبراز تەمكىن، رەڭدار، سۇباتلىق، كۈچلۈك ۋە ئۆزگىچە يارىتىلغان؛ بېشىغا دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيگەن ئىپارخاننىڭ تۇرقىدىن ئايال پالۋانلارغا خاس جەسۇرلۇق مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.  بۇ رەسىم رىۋايەت سۈپىتىدە ھازىرغىچە تارقىلىپ ئېسىل رەسىم بولۇپ كەلمەكتە.» ⑩

ئۆز تارىخچىلىرىمىزمۇ ئىپارخان ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ بارغان.  تارىخچى موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ئەمىنىيە» ناملىق كىتابىدا ئىپارخان ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ : «بىلىملىك دانىشمەن كىشىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىن تارقىلىپ كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرىكى زاماندا خاقانىي چىن ئالتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەن چاغدا، ئۈچتۇرپاندىن ئاپتاپ مەسەللىك ساھىبجامال بىر ئايال ئەسىرگە چۈشكەنىكەن، مەنسەپدارلارنىڭ كۆزى بۇ ئايالغا چۈشۈپ، خاقانىي چىنغا بۇنىڭدىن لايىقراق ۋە بۇنىڭدىن ياخشىراق سوۋغات تېپىلمايدۇ دەپ ئويلاپتۇ. باشقا تارتۇق، پىشكەش، سوۋغا-سالاملار بىلەن بىرلىكتە بۇ ئايالنىمۇ خاقانىي چىننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىپتۇ.  خاقانىي چىن ناھايىتى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپتۇ. ئۇنى باشقا خانىش، مەلىكىلىرىدىن ياخشىراق كۆرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە خاقان كىرىپ كەلسە بۇ ئايال يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. «يەر يۈزىدە مېنىڭدىن چوڭ پادىشاھ بولمىسا، نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغاندۇ› دەپ ئويلاپ سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئايال :«مېنىڭ يۇرتۇمدا يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، مېۋىسى ئالتۇندىن، يېلىمى ئەتىردىن بىر خىل دەرەخ بار ئىدى.  شۇنى سېغىنىپ يىغلايمەن» دەپتۇ.› خان بۇنى ئاڭلاپ دەرھال:«ئۇچتۇرپاندىن شۇ خىل دەرەخ ئېلىپ كېلىنسۇن. مۇنداق دەرەخ مېنىڭ بېغىمغا لايىق ئىكەن» دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئۇچتۇرپاندىكى مەنسەپدارلار يارلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان ھاكىمى رەھمىتۇللا بەگكە : ‹جىگدە كۆچىتىنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ پۇقرالارغا كۆتۈرتۈپ، ئۆزۈڭ باش بولۇپ بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ خاننىڭ ئىلتىپاتىنى كۆرۈپ قايتقايسەن› دەپ ئەمىر قىلىپتۇ.  رەھمىتۇللاھ بەگ نائىلاج بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، نۇرغۇن پۇقرالارغا جىگدە كۆچىتىنى كۆتۈرتۈپ، چېرىكلەرنىڭ قوغداپ نازارەت قىلىشى بىلەن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىپ، تۆت پوتەي يەرگە بارغۇچە ناھايىتى كۆپ جەبىر-جاپا چېكىپتۇ.  بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ جىگدە كۆچىتى كۆتۈرگەن ھاشارچى پۇقرالار بىرلىشىپ : ‹جىگدە كۆچىتىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بارغۇچە نۇرغۇنلىرىمىز نابۇت بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىدىكەنمىز. قارشىلىق كۆرسىتىپ جىگدە كۆچىتىنى ئېلىپ بېرىشىتىن قۇتۇلمىساق بولمايدىكەن› دەپ مەسلىھەت قىلىپ رەھمىتۇللاھ بەگنى خەۋەردار قىلىپتۇ. رەھمىتۇللاھ بەگمۇ قوبۇل تۇتۇپ، جىگدە كۆچىتىدىن كالتەك ياساپ، ئالدى بىلەن نازارەت قىلىپ بىللە ماڭغان چېرىكلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ، ئاندىن ئارقىسىغا يېنىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئامبال باشلىق مەنسەپدارلارنى ئۆلتۈرۈپ شەھەرنى قولغا ئاپتۇ....»  

«تارىخى ھەمىدى» دە بۇ ۋەقە مۇنداق بايان قىلىنغان : «ئەلقىسسە، بىرمۇنچە ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بەرگەن نۇرغۇن خەۋەر رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، بۇرۇنقى زاماندا، يەنى فەغفۇرچىنى بۇ يەتتە شەھەرنى تەسەررۇپ قىلغان چاغدا، جامالى جاھان ئارا ئاپتاپ نۇرىدەك ۋە تەڭدىشى يوق يەككە گۆھەردەك ئون ئالتە ياشلىق بىر قىز مەنسەپدارلارنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ قاپتۇ.  ئۇلار ‹ئۇلۇغ خانغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئارزۇ قىلغۇدەك مەھبۇب سوۋغا-سالام ۋە تۆھپە بولماس› دەپ، فەغفۇرچىنىڭ خىزمەتلىرىگە تارتۇق ۋە تۆھپە قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىكەن...(داۋامى يۇقىرىقى بايانلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش).»

ئىككى كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن بايانلاردىكى پەرق شۇكى، «تارىخىي ئەمىنيە» دە چىيەنلوڭ خانغا تارتۇق قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئىپارخان ئايال دېيىلگەن.  «تارىخى ھەمىدى» دە بولسا قىز دېيىلگەن.  ئىپارخان توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىمۇ كۆپىنچە ئۇنىڭ قىز ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.

ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاچاتاغ يېزىسىنىڭ ئوتۇر تۇيۇق (5-كەنت) 3-مەھەللە تەۋەسىدە بىر جاي بولۇپ، «خوتۇن ھويلا» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ ئەتراپتىكى نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر بۇ جاينىڭ نامى ھەققىدە «بۇنىڭدىن 250 يىللار ئىلگىرى مۇشۇ جايدا ماكان تۇتقان بىر ئائىلىنىڭ ناھايىتى گۈزەل بىر قىزى بولغانىكەن.  ئۇ قىز بويىغا يەتكەندە، يۇرت سورىغۇچىلارنىڭ نەزىرى بۇ قىزغا چۈشۈپ، بېيجىڭدىكى چىيەنلوڭ خانغا تارتۇق قىلىپتۇ.  ئۇ قىزنىڭ ئەسلىي ئىسمى ئىپارخانمۇ ياكى باشقىچە ئىسمى بارمۇ بۇنىسى نامەلۇم، ئىشقىلىپ كېيىنچە ئىپارخان دەپ ئاتىلىپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىپارخان تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاشۇ ئۆي ئەل ئاغزىدا ‹خوتۇن ھويلا›، يەنى ‹خانغا يارىغان خوتۇن چىققان ھويلا› دەپ ئاتىلىپتۇ. شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە  شۇنداق ئاتىلىدۇ» دەپ چۈشەنچە بەردى.  يەنە بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەر : «ئۇنداق ئەمەس، ئەينى چاغدا ئۇچتۇرپاندا پارتىلغان ‹جىگدە يېغىلىقى› قوزغىلىڭى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن بۇ يۇرتتىكى ئاھالىنىڭ ھەممىسى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇچتۇرپان بىرمەزگىل ئادەمسىز چۆل قالغان.  كېيىن مۇشۇ جايغا خوتەندىن كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ماكانلاشقان.  شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جاي ‹خوتەن ھويلا›، يەنى‹خوتەنلىكلەر ماكانلاشقان ھويلا› دەپ ئاتالغان، كېيىن بەزى كىشىلەرنىڭ خوتەن دېگەن سۆزنى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ خوتۇن دەپ ئاتىشى نەتىجىسىدە ‹خوتۇن ھويلا› دەپمۇ ئاتالغان» دېيىشتى.  بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ زادى قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە كەسكىن ھۆكۈم قىلالمىدىم.

لېكىن، بىز تارىخچى ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنيە» ناملىق كىتابىدىكى «بىلىملىك دانىشمەن كىشىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىن تارقىلىپ كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرىكى زاماندا خاقانىي چىن ئۇچتۇرپاندىن ئاپتاپ مەسەللىك ساھىپجامال بىر ئايال ئەسىرگە چۈشكەنىكەن...» دېگەن دەلىلىگە، يەنە شۇ كىتابتا ئىپارخاننىڭ شەرتلىك ھالدا «مېنىڭ يۇرتۇمدا يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، مېۋىسى ئالتۇندىن، يېلىمى ئەتىردىن بىر خىل دەرەخ بار ئىدى. شۇنى سېغىنىپ يىغلايمەن» دېگەن بايانىغا؛ چىيەنلوڭ خاننىڭ جىگدە ئالۋىڭىنى پايتەخىت بېيجىڭغا يېقىنراق بولغان قۇمۇل، پىچان، تۇرپان قاتارلىق يۇرتلارغا چۈشۈرمەستىن، بىۋاستە ئۇچتۇرپانغا چۈشۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتقا؛ مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانىدىكى «چىيەنلوڭ خان لەشكەرلىرى ئۇچتۇرپانغا كېلىپ نۇرئەلاخاننى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى» دېگەن بايانىغا؛ ئىپارخان بىلەن يەتتە قىزلىرىمنىڭ زامانداش ئىكەنلىكى ۋە ئوخشاشلا «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىغا باغلىنىشلىق شەخىسلەر ئىكەنلىكىگە؛ شۇنداقلا يەنە كەسكىن ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان «خوتۇن ھويلا» دېگەن يەر نامىغا ئاساسەن ئىپارخاننىڭ ئەسلىي يۇرتى ئۇچتۇرپان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز.  ئەمما بىز بۇنداق قىياس قىلىش ئارقىلىق ئىپارخاننى گۆرىدە تىنىچ ياتقىلى قويماي، ئۇنىڭ يۇرتىنى تالىشىپ مىللەتنىڭ چوڭ ئىللىتى بولغان يۇرتۋازلىق شوئارىنى قايتىدىن بازارغا سالماقچى ئەمەسمىز. ئىپارخان مەيلى ئۆزيۇرتىنىڭ قەيەر بولۇشى ۋە كىمنىڭ پەرزەنتى بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر ئارىسىدىن چىققان،  ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئۈلگە بولالايدىغان ئايال.

ھەممە يازما مەنبەلەردە ۋە خەلق ئېغىزىدا ئىپارخاننىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.  مېنىڭچە، ئىپارخان گۈزەل بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ۋە ئەقىل –پاراسەتلىك بىر قىز (ياكى ئايال) بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى، ئەينى چاغدا چىيەنلوڭ خان ھۇزۇرىدا جىگدىنى «مېنىڭ يۇرتۇمدا يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، مېۋىسى ئالتۇندىن، يېلىمى ئەتىردىن بىرخىل دەرەخ بار ئىدى» دەپ تەرىپلەپ، ئۆمرىدە جىگدىنى كۆرۈپ باقمىغان كىشى تاڭ قېلىپ، بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغۇدەك دەرىجىدە مۇبالىغە قىلماي، «مېنىڭ يۇرتۇمدا ئاياللار چېچىنى يۇغاندا ئىشلىتىدىغان يېلىم چىقىدىغان جىگدە دەپ ئاتىلىدىغان بىر مېۋىلىك دەرەخ بار ئىدى....» دەپلا تەرىپلىگەن بولاتتى. شۇنداق تەرىپلىگەندە چىيەنلوڭ خانمۇ جىگدە دەيدىغان بۇ دەرەخكە ئۇنچە قىزىقمىغان ۋە جىگدە يېغىلىقى قوزغىلىڭىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان جىگدە ئالۋىڭىنى چۈشۈرمىگەن بولاتتى.

ھېلىمۇ ئېىسىمدە، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە ھامىدىن نىزام دەيدىغان بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بولۇپ، بىر قېتىم ئەدەبىياتتىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن بولغان ئوخشىتىش ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق ئىككى كۇبلېت قوشاقنى مىسال كەلتۈرگەنىدى:

دېھقاننىڭ قىزى،

ئاناردەك يۈزى.

چولپاندەك كۆزى،

چاقماقتەك سۆزى.

 

تۆمۈر تەنلىك ئۆسۈملۈك،

يوپۇرمىقى كۈمۈشتۇر.

ئالتۇن رەڭلىك مېۋىسى،

بەكمۇ تاتلىق يېمىشتۇ.

مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ ئىككى كۇبلېت قوشاققا (كېينكى بىر كۇبلېت قوشاق قوشاققىمۇ، تېپىشماققىمۇ ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ) باغلاپ تۇرۇپ سۆزلىگەن بايانىغا كۆرە، ئەينى چاغدا ئىپارخاننىڭ چىيەنلوڭ خانغا جىگدىنى ئاشۇنداق شائىرانە تىل بىلەن تەرىپلەپ بېرىشى ئۇچتۇرپاندىن بېيجىڭغا  جىگدە كۆچۈرۈش ئالۋىڭىنى ۋە ئاخىىرىدا «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

ئىپارخان گۈزەللىكى تۈپەيلى چىيەنلوڭ خانغا تارتۇق قىلىنغان. ئۇ چىيەنلوڭ خان ھۇزۇرىغا بارغاندىن كېيىن تاكى ئاخىرقى نەپسىگىچە پاكلىقىنى ساقلاپ، يۇرتىغا چەكسىز ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ ياشىغان. بۇنى تۆۋەندىكى بايانلاردىن ئېنىق ھېس قىلالايمىز: «خانىشلىق مەرتىۋىسىگە كەلسەك، ئۇ بۇنى ئەمەلىيەتتە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر قۇبۇل قىلمىغان. جەڭدە ئېلىپ يۈرگەن شەمشىرىنىمۇ زادىلا يېنىدىن ئايرىمىغان.  ئۇ خاننى ئۆلتۈرۈپ ئىنتىقام ئېلىشقا كۆپ قېتىم تەمشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.  ئادەتتە ئۇ ئوردا ئىچىدە بەش ۋاخ نامازنى ئۇقۇپ بولۇپلا قورۇ ئىچىنى ئايلانغان.  ياكى كېنىزەكلەر بىلەن پاراڭلاشقان.  ئۇ خاننى كۆرگەن ھامان تەلەتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلە قىلغان. ۋەھالەنكى، خان ئۇنىڭ زىبا بويى، گۈزەل چىرايىغا شەيدا بولغاچقا نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن. بۇنىڭدىن ئىپارخاننىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى پاك ساقلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.»  

 يۇقىرىقى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بايانلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئىپارخاننىڭ ھاياتىي كەچۈرمىشلىرى قانچىلىك سىرلىق، رىۋايەتلىك تۈس ئالغان ۋە زىددىيەتلەرگە تولغان بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تولىمۇ گۈزەل ئۇيغۇر قىزى.  ئەسىرلەر مابەينىدە تىللاردا داستان بولۇپ شۇ قەدەر شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ كېلىشىدىكى سىرمۇ دەل شۇ يەردە.

ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تۇنۇتىدۇ: بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغدىغىنى، يەنە كېلىپ بىر ئۆمۈر ئەقىدە-ئېتقادى،  ۋىجدان-غۇرۇرى، ھالال پاك-مېھنىتى بىلەن ياشىغىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ نەسەبىنى، ئۆزيۇرتىنىڭ ئابرۇيىنى، ھەتتا ئۆزقوۋمىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغدىغىنىدۇر. زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇنداق دەيدۇ : «مىللىي ئوبراز، مىللىي كىملىك نۇقتىسىدىن بىر ئادەم بىر مىللەت دېمەكتۇر. شەخىسنىڭ ھەركىتى بىر مىللەت ئوبرازىنىڭ سۈزۈك ئەينىكى ۋە ئىخچام كۆرۈنىشىدۇر....بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئوبرازىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خۇنۇكلىشىشى ــــ ئازغىنە كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللىي كىملىكىنى بۇلغىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.» 

ئىپارخاننىڭ خۇددى رىۋايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان تەرجىمھالى زامانىمىزدىكى ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن ھەربىر ئۇيغۇر خانىم-قىزىنى ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.  ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى بېيجىڭدا ياشاپ، ياخشى نام قازىنىپ مىللىتىمىزگە كەلتۈرگەن شان-شەرىپى بۈگۈنكى كۈندە ناتوغرا يوللاردا مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىللە مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك ئوبرازىغىمۇ داغ كەلتۈرگەن بەزى ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرىگە ۋەزنى ئېغىر سۇئال تاشلايدۇ.

               يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئىزدىنىش

يۇقىرىدا قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىپارخاننىڭ دىيارىمىزدىن تاللىنىپ، چىيەنلوڭ خاننىڭ خانىشى بولۇپ پايتەخىت بېيجىڭغا بېرىشى بىلەن «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭى شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى چوڭ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇ ئىككى ۋەقە بىر-بىرىگە توغرىدىن- توغرا چەمبەرچاس باغلىنىدۇ. بۇ قىلچە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت.  شۇنداقلا  يەنە بۇ ئىككى ۋەقە تۈرلۈك زىددىيەتلەرگە تولغان تەتقىقات تېمسى.

ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان سەۋەبى بىلەن باشلىنىپ، قەھرىمان «يەتتە قىزلىرىم» نىڭ شانلىق ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر 1980-يىللار مابەينىدە ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىنغان «تارىخى ئەمىنيە»، «تارىخى ھەمىدى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» (1-قىسىم)، «ئۇيغۇر تارىخى» (1-قىسىم)، (2-كىتاب)، «قەشقەرىيە» قاتارلىق  بەزى مەشھۇر تارىخ كىتابلىرىدا؛ «قاينام ئۆركىشى»،  «تۇرغاق خوجىلار» (2-قىسىم)،  «يەتتە قىزلىرىم» (داستان)، «شېھىتلەر گۈلىستانى ــ يەتتە قىزلىرىم» (پوۋېسىت)، «مۆلجەر تاغ بورانلىرى» (دراما) قاتارلىق ھەرخىل ژانېردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە بىرمۇنچە ماقالىلەردە تەكرار-تەكرار بايان قىلىنغان.

شۇ قېتىمقى جەڭ توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا مۇنداق قوشاق تارالغان:

باشئاقمىنىڭ يېنىدا ،

ناشىتۇڭنى مات قىلدۇق.

بىيەن تاخەينى خاندىدا،

تۇغۇلغانغا دات قىلدۇق. 

خاقانى چىن يەتتە شەھەرنى ئالغاندا، ئۇچتۇرپاننى پايتەخىت ئورنىدا قىلىپ خان، ئامبالنى ئۇچتۇرپاندا توختىتىپ، ئالتە شەھەرنىڭ مەنسەپدار ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىنى ئۇچتۇرپانغا قاراشلىق قىلىپ قويغان ئىكەن.  يۇقىرىقى ۋەقەدىن كېيىن ئۇلۇغ خان ئۇچتۇرپاندىن قايتىپ، ئادەملىرىنى قىرغىن قىلىپ، تامامەن يوق قىلىپ، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ، كۆچمەس قىلىپ ئولتۇرغۇزغان ئىكەن.  بۇ ۋەقەدىن بۇرۇن بۇ جاينىڭ نامى ‹ئۇچ› ئىكەن. شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلگىرىكى زاماندا، بۇ جايدا بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكتىن، مەنسۇرخان بۇ جاينىڭ ئادەملىرىنى بىر قېتىم قىرغىن قىلىپ، كونا تۇرپاندىن ئادەم ئەپكېلىپ ئاۋات قىلغان ئىكەن.  شۇڭلاشقا ‹ئۇچ› دېگەن سۆز ‹تۇرپان› سۆزى بىلەن قۇشۇلۇپ ‹ئۇچتۇرپان› ياكى ‹ئۇشتۇرپان› دەپ ئاتالغانىكەن.  بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن بولسا ئۇچتۇرپان يەتتە شەھەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك شەھەرلەرنىڭ بىرى قىلىنغان ۋە مەنسەپدارلارنىڭ دەرىجىسىمۇ پەسەيتىلگەن. خان، ئامبالنى ياركەنتتە تۇرسۇن دەپ يارلىق قىلغان ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇچتۇرپان خەلقىمۇ ھېلىمۇ ‹كۆچمەن› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر... شۇڭلاشقا بۇ جايدىكى ئادەملەر بىرقانچە پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەچكە، چېچىلاڭغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئۇلارنىڭ كاسىپ، ھۈنەرۋەنلىرى كەم، ئادەملىرى دېھقان، يەر-زېمىنى ئوبدان، غەللە ھاسىلى كەڭرى ۋە ئەزاندۇر.»

ئۇچتۇرپاندا دەسلەپ بورھانىدىن خوجا ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇد خوجا، ئۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بەگ بەلگىلىگەن كىشىلەر ھاكىميەت يۈرگۈزگەن چاغدا بىرقانچە يىل ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغان تارىخچى ئالىم موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ئەمىنيە» ۋە «تارىخى ھەمىدى» ناملىق مەشھۇر  تارىخ كىتابلىرىدا گەرچە «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭى توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يا ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى ۋە ياكى قەھرىمان يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئىسمىدىن ئۇچۇر بەرمىگەن.  موللا مۇسا سايرامى بىلەن زامانداش ئۆتكەن يەنە بىر  مەشھۇر شائىر ۋە تارىخچى موللا شاكىرمۇ خۇددى «زەپەرنامە» داستانىدا يازغاندەك :

قىلىپ قىرىق يىل مەن سۇخەنۋەرجىلىك،

قىلىپ ئەمرى مەئرۇپ جاھان گەشتەلىك.

يېتىپ ئاتمىش بىرگە ئەمدى قارىپ،

بۇ ئۇچتۇرپاندا مۇساپىر غەرىپ.

ئۇچتۇرپاندا خېلى ئۇزۇن ياشاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ توغۇرلۇق ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمىغان.

يەتتە قىزلىرىمنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىش-پائالىيەتلىرى بەزى تارىخى رومانلاردا ۋە باشقا ژانېردىكى بىرمۇنچە ئەسەرلەردە بايان قىلىندى.  ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرغىچە يەتتە قىزلىرىمغا خاس بېغىشلانغان «يەتتە قىزلىرىم» داستانى (ئىبراھىم قۇربان) ۋە شۇ داستان ئاساسلىق مەنبە قىلىنغان ئاساستا يېزىلغان «شېھىتلەر گۈلىستانى ـــ يەتتە قىزلىرىم» ناملىق بالىلار پوۋېستى (باتۇر روزى) ئېلان قىلىندى.  ئەپسۇسكى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تولىسى يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر بولغاچقا، گۇمانىي نۇقتىلار، ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت.

مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇللا تالىپنىڭ ئەينى چاغدا كىتابخانلار ئارىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان «قاينام ئۆركىشى» ناملىق تارىخى رومانىدا (11-بابىدا) زۆرۈرىيەت تۈپەيلى يەتتە قىزلىرىم توغرىسىدىكى ۋەقەلەر قىسقىچە بايان قىلىنغان. لېكىن، يەتتە قىز ئىچىدە پەقەت ئەڭ باتۇر ھېسابلىنىدىغان ۋە «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرسى بولغان بىر قىزنىڭ ئىسمى ئانارگۈل ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغان بولسىمۇ، باشقا ئالتە قىزنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان.

شائىر ئىبراھىم قۇرباننىڭ «يەتتە قىزلىرىم» داستانى (2294 مىسرادىن تەركىب تاپقان) دا قەھرىمان يەتتە قىزنىڭ ئوبرازى خېلى مۇۋاپىقيەتلىك يورۇتۇپ بېرىلگەن.  مەن شائىر ئىبراھىم قۇربان بىلەن بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردىم.  ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئەينى چاغدا يەتتە قىزلىرىم توغرىلىق يېتەرلىك تارىخى ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، داستاندا مايسىخاندىن باشقا قىزلارنىڭ ئىسمىنى ۋە بەزى ۋەقەلىكلەرنى توقۇلما قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، بۇ داستان نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يەتتە قىزنىڭ ئىسمى خۇددى راست ئىسىمدەكلا ئۆزلىشىپ قالدى ۋە يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان بەزى كىتابلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن بۇنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز:

ئاپتورى

ئەسەر نامى

قىزلارنىڭ ئىسمى

نەشىر قىىنغان ۋاقتى

ئابدۇللا تالىپ

قاينام ئۆركىشى

(داستان)

ئانارگۈل (باشقا قىزلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان)

1982

ئىبراھىم قۇربان

يەتتە قىزلىرىم

(داستان)

مايسىخان،دىلبەر، غۇنچەم، قەمبەرنىسا، زۆھرە (زۆھرەگۈل)، گۈلئايىم، ئەختەرنىسا

1984

ئىمىن ئەخمىدى، ئابلەت قەييۇم

مۆلجەر تاغ بورانلىرى (دراما)

مايسىخان، گۈلسارە، ھەجەر، زۆھرە، جەمىلە، گۈلجامال، زەينەپ

1985

ئابدۇۋەلى ئەلى

تۇرغاق خوجىلار (2-قىسىم، 13~15-بابلار)

مايسىخان، زۆھرەگۈل، غۇنچە قىز، قەمبەرنىسا، گۈلئايىم، دىلبەر، ئەختەرنىسا

2000

باتۇر روزى

يەتتە قىزلىرىم (پوۋېسىت)

مايسىخان، دىلبەر، غۇنچەم، گۈلئايىم، قەمبەرنىسا، زۆھرە (زۆھرەگۈل)، ئەختەرنىسا

2003

ئۇنداقتا يەتتە قىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمى نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن «يەتتە قىزلىرىم» دەپ ئاتالغان؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى توي قىلمىغان قىزلارمۇ ياكى ئاىسىدا توي قىلغانلارمۇ بارمۇ؟ ئۇلار ئەينى چاغدا ئۇچتۇرپاندا پارتىلغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەنمۇ ياكى مۆلجەر تېغىدا ياكى ئاقتوقاي تېغىدا ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەنمۇ ياكى ئىلگىرى-كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟ ئۇلار دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغاندا دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈشتىن كۆرە ئۆلۈمنى ئەلا بىلىپ تاغدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانمۇ ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنى چېپىپ ئۆلتۈگەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەسلىي قەبرىسى قەيەردە ئىدى؟.. مەن ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كەلدىم.  ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى تارىختىن ئاز-تولا خەۋىرى بار،  زېھنى ئۇچۇق نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ بۇ ھەقتە سۈرۈشتۈرۈپ كۆردۈم. ئىلگىرى بەزى كىشىلەردىن «ئۇچتۇرپاندا يەتتە يەردە ‹يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى› بار» دەپ ئاڭلىغانىدىم.  ئاشۇ قىممەتلىك ئۇچۇرغا ئاساسەن، بىر قانچە يىل جەرياندا بۇ مازارلارنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ، جەمئىي بەش ئۇرۇندىكى  «يەتتە قىزلىرىم» مازىرىنى تېپىپ زىيارەت قىلدىم.

بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۇچتۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئاقتوقاي تېغىنىڭ ئۈستىدىكى مەشھۇر «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى».  ئۇچتۇرپاندىن ئاقچى ناھىيەسىگە ۋە بەدەل چېگرا ئېغىزىغا بارىدىغان چوڭ قارىماي يولنىڭ بويىدىكى ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم دەررۇ كۆزگە چېلىقىدىغان بۇ قەبرە ئۇچتۇرپاندىكى ئەڭ مەشھۇر مازار بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى قەبرە 1986-يىللىرى ئەسلىدىكى قەبرىنىڭ ئورنىغا ناھىيەدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ ياسالغان بۇلۇپ، بىر مەزگىل مەخسۇس قوغدايدىغان، قەبرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە بېلەت ساتىدىغان ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان.  بۈگۈنكى كۈندە بۇ قەبرىستانلىق زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ خالىغانچە كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

مەن بۇ قەبرىنى كىچىكىمدىن ھازىرغا قەدەر تالاي قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلدىم.  ھەر قېتىم كەلسەم قەلبىمدە قەبرىدىكىلەرگە نىسبەتەن غايىبانە ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخار تۇيغۇسى جۇش ئۇرىدۇ. ئېگىز تاغنىڭ تۆپىسىدە ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىقى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئېگىز پېشايۋاننىڭ ئاستىدا يەتتە قەبرە قاتارلىشىپ ياتىدۇ.  بۇ قەبرىلەرنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى بىر ئابىدىگە «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ئۇنىڭ يېنىدىكى گۈمبەز شەكىلدىكى ئايۋاننىڭ ئىچىدىكى تاملارغا يەتتە قىزغا بېغىشلانغان غەزەل شەكىلدىكى گۈزەل شىئېرلار نەقىشلەنگەن. تارىختىن بۇيان، تالاي شائىرلىرىمىز بۇ قىزلارنىڭ شەنىگە بېغىشلاپ ئاجايىپ يالقۇنلۇق شىئېرلارنى يېزىپتۇ. ھازىرغىچە «يەتتە قىزلىرىم» توغرىسىدا يېزىلغان شىئېرلارنى توپلىسا چوڭ بىر مەرسىيە توپلىمى پۈتۈشى مۇمكىن.  بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى قەبرىنى ياساشتىن ئىلگىرىكى ئەسلىدىكى قەبرىنى ئېچىپ كۆرگەندە، تاغ ئۈسىتىگە ئويۇپ ياسالغان يەتتە قەبرىدە يەتتە ئايالنىڭ سۆڭەكلىرى بار ئىكەن.  ھازىرقى قەبرە ئاشۇ قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ياسالغان ئىكەن.

ئىككىنچى، ئاچاتاغ يېزا بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر-بىرىگە يېقىن بولغان ئىككى پارچە تاغ ـــ «ئاچاتاغ» نڭ يېنىدىكى (توقسۇن تېتىر كەنت 3-مەھەللە تەۋەسىدە) يالغۇز بىر كونا قەبرە بولۇپ، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» دەپ ئاتايدىكەن (ئاقتوقاي تېغىدىكى قەبرە بىلەن بۇ قەبرىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 30 كلومېتىر كېلىدۇ).

بۇ قەبرە كۈنگەي تەرەپتىكى كىچىك تاغدىن 100 مېتىر، تەسكەي تەرەپتىكى چوڭ تاغدىن 250 مېتىرچە يىراقلىقتىكى (كۈن پېتىش تەرەپتىكى) تېرەكلىك ئارىسىدىكى ئۈچ تۈپ دەرەخ ئارىسىدا بولۇپ، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ تاغنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى بىر جايدا تاغنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغىچە خۇددى تاغنى سىرلاپ قويغاندەكلا تۈز سىزىق شەكىلدىكى قاننىڭ رەڭگىدىكى بىر داغ بولۇپ، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر:«قەھرىمان يەتتە قىز دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ يۈرۈپ مۇشۇ تاغنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان.  دۈشمەنلەر ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ مۇشۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ تېنىدىن ئاققان قان تاغدىن ساقىپ چۈشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن تاغنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى قان ساقىپ چۈشكەن جايدا مۇشۇنداق داغ قالغان» دېيىشىدىكەن.  شۇنداقلا يەنە : «يەتتە قىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە شېھىت بولغان، قالغان قىزلارنىڭ جەسىتىنى كىشىلەر باشقا جايلارغا ئەكەتكەن. بۇ يەردىكى يالغۇز قەبرە بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قىزنىڭ قەبرىسى» دەپ قارايدىكەن.

مەن بىر قېتىم بۇ تاغقا چىقىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم.  تاغقا كۈنگەي تەرەپتىن چىقماق ئاسانراق، باشقا تەرەپلەردىن چىقماق قىيىن ئىكەن.  قان ئىزى بار جاينىڭ ئۇدۇلىدا يېرىم مو كەلگۈدەك بىر تۈزلەڭ بار ئىكەن.  بۇ تۈزلەڭدە يەر يۈزىدەكلا توپا بولۇپ، توپىمۇ قان رەڭگىدە ئىكەن.  مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتىم.  كۆز ئالدىمدىن قىلىچ ئوينىتىپ دۈشمەنلەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋاتقان ئەزىمەتلەر، قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭ ئاۋازى، ئالەمنى چاڭ كەلتۈرگۈدەك چۇقان-سادالار، ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلار، كېسىلگەن باشلار، شارقىراپ ئاققان قانلار...خۇددى ئۇرۇش كىنولىرىدىكىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتتى...

مەن بۇ تاغدىكى قان دېغى ۋە يالغۇز دەرەخ توغرىسىدا كۆپ سۈرۈشتۈردۈم.  مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ياشانغان ئىككىيلەن بۇ قەبرىدىكى قىزنىڭ ئىسمىنى ئانارگۈل دېيىشتى. مەرھۇم ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق بىئوگرافىك رومانىنىڭ «توققۇز بۇلاقتا بىر كۈن» ناملىق ئون بىرىنچى بابىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇچتۇرپانغا كەلگەندە توققۇز بۇلاقتا 97 ياشلىق شەيخ سۇلايمان بوۋايدىن «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭى ۋەقەسىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇ روماندا يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق يېزىلغان : «غەزەپكە كەلگەن ئاناگۈل ئاچاتاغ يېنىدا ـــ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئاشۇ تۇپراقتا ئالتە قىز سەپدىشى بىلەن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.»  

مەن ئەھۋال ئىگىلىگەن كىشىلەر ئىلگىرى مۇشۇ روماننى ئوقۇغان بولسا ئېسىدە قالغىنى بويىچە قەبرىدە ياتقان قىزنىڭ ئىسمىنى ئانارگۈل دېدىمۇ ياكى ئەينى چاغدا ئابدۇللا تالىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە ماتېرىيال توپلىغاندا بۇ تارىخنى بىر قەدەر پىششىق بىلىدىغان بوۋاي-مومايلاردىن شۇنداق ئاڭلىغانمۇ، بۇنى ئېنىقلىيالمىدىم.  ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت مۇشۇ روماندىن باشقا ھازىرغىچە «جىگدە يېغىلىقى» توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك يەتتە قىزنىڭ رەھبىرىنىڭ ئىسمى مايسىخان ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغان.  بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىشقا پۇرسىتىم بولمىدى.  ھېلىقى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ قەبرە ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى مۇشۇ يەردە بار قەبرە ئىكەن.  ھازىرقى قارىماي يول ياسىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان بىلەن ئاقسۇ ئارىسىدىكى چوڭ يول ئاشۇ ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىن ئۆتەتتىكەن. ئىلگىرى كىشىلەر مۇشۇ يەردىكى كونا يولدىن ئۆتكەن چاغدا ئات-ئۇلاغلىرىدىن چۈشۈپ، قامچىسىنى بوينىغا سېلىپ مۇشۇ قەبرىگە دۇئا قىلىپ ماڭىدىكەنمىش.  بۇ يەردە يەنە ناھايىتى يوغان ئۈچ تۈپ تېرەك بولۇپ،  1958-يىللىرى ئۇ تېرەكلەر كېسىلىپتۇ.  تېرەكنى كەسكەن كىشى شۇ كۈنىلا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن مۇشۇ يەردە مەسچىت بولغانىكەن. كىشىلەر ھەمىشە بۇ يەردە نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ تۇرار ئىكەن. يېقىنقى مەزگىلدە تاغدىن قىيان كېلىپ قەبرىنىڭ ئورنىنى بۇزىۋېتىپتۇ. كىشىلەر ئۇ قەبرىنى قايتىدىن ياساپ قۇيۇپتۇ.

ئۈچىنچىسى،  ئاچاتاغ يېزىسى تەۋەسىدىكى «جايتاغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر-بىرىگە تۇتاش دېگۈدەكلا يېقىن بولغان ئىككى پارچە تاغنىڭ كىچىكىنىڭ تۆپىسىدە كاھىش بىلەن سېلىنغان كونىراپ كەتكەن قاتار يەتتە قەبرە بولۇپ، بۇنىمۇ كىشىلەر «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» دەپ ئاتايدىكەن (بۇ قەبرىنىڭ ئاچاتاغ بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 33 كىلومېتىر كېلىدۇ).

تۆتىنچى،  يەنە شۇ ئاچاتاغ  يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى خوتەن كەنتى (10-كەنت) نىڭ 2- مەھەللىسىدىكى چوڭ قەبرىستانلىقتا بولۇپ، مەن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگەن 90 ياشلادىكى شۇ كەنىتلىك كېرەم باقى دېگەن كىشىنىڭ شۇ قەبرىستانلىققا  بىللە بارغاندا چۈشەندۈرۈشىچە (بۇ كىشى مۇشۇ كەنىت تەۋەسىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ كىشى بولسىمۇ، لېكىن يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا باققاندا قەبرىستانلىقنى كۆرسىتىپ قويغاندىن باشقا بۇ قەبرىنىڭ تارىخىي ھەققىدە ھېچنەرسە دەپ بېرەلمىدى)، بۇرۇن شۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يالغۇز قەبرە بولۇپ، «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن.  ھازىر ئۇ قەبرە بۈككىدە ئۆسكەن زىرىق، ئازغانلار ئارىسىدا دەررۇ كۆزگە چېلىقمايدىكەن.  ئەمما كىشىلەر تا ھازىرغىچە بۇ قەبرىستانلىقنى «يەتتە قىزلىرىم زاراتگاھلىقى» دەپ ئاتايدىكەن.  شۇ مەھەللىنىڭ مەسچىتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكىدە «يەتتە قىزلىرىم مەسچىتى» دەپ ئاتىلىدىكەن.  (بۇ قەبرە بىلەن جايتاغدىكى قەبرىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر،  ئاقتوقاي تېغىدىكى قەبرە بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 31 كىلومېتىر كېلىدۇ).

بەشىنچى،  يېڭىئاۋات يېزىسى سۈرگۈن كەنتى (1-كەنت) نىڭ 1- مەھەللىسىدىكى تاغنىڭ قاپتىلىغا جايلاشقان كونىراپ كەتكەن قاتار يەتتە قەبرە بولۇپ، بۇ قەبرىلەرنىمۇ كىشىلەر «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» دەپ ئاتايدىكەن (بۇ قەبرە بىلەن ئاچاتاغ يېزا خوتەن كەنتىدىكى قەبرىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 14 كىلومېتىر، ئاقتوقاي تېغىدىكى قەبرە بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدۇ). بۇ قەبرىلەرنىڭ يېنىدا يەنە  كىچىك بىر مەسچىتمۇ بار ئىكەن.

بەش يەردىكى «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» دىن ئۈچ ئۇرۇندىكى قاتار يەتتە قەبرىنىڭ ئىككىسى تاغنىڭ تۆپىسىدە، بىرسى تاغنىڭ قاپتىلىدا، ئىككى يەردىكى يالغۇز قەبرىلەر بولسا يەر يۈزىدە ئىكەن.  ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئۇرۇندىكى «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» نىڭ دېرىكىنى ئالالمىدىم.  بەلكىم بۇنداق قەبرە پەقەت مۇشۇ بەش ئۇرۇندىلا باردۇر ياكى قالغان ئىككىسى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپمۇ كەتكەندۇ. مەشھۇر شەخىسلەرگە ئاتاپ ياسالغان قەبرە بىر يۇرت تەۋەسىدىلا بۇنداق كۆپ يەردە (بەش ئۇرۇندا) بولىدىغان ئىش باشقا جايلاردا ناھايىتى ئاز كۆرۈلسە كېرەك.

نېمە ئۈچۈن ئۇچتۇرپان تەۋەسىدە بەش يەردە يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى بولىدۇ ۋە ھەممىسىلا «يەتتە قىزلىرىم قەبرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىرەر خۇلاسىلىك يەكۈن چىقىرىشقا ئاجىزلىق قىلىمىز.  چۈنكى بۇ توغرىسىدا خۇددى «تارىخى رەشىدى»، «غازات دەر مۈلكى چىن» (چىن مەملىكىتىدىكى جەڭ)، «تارىخى ھەمىدى» دەك ئەينى چاغدىكى قوزغىلاڭغا بىۋاستە ئىشتىراك قىلغانلار ياكى شۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقانلاردىن بىۋاستە ئاڭلىغانلار يېزىپ چىققان ئىشەنچىلىك بىرەر تارىخى كىتاب، رىسالە ياكى تەزكىرە دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.  يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ تېخىچە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇچتۇرپان تەۋەسىدە ئۇ ۋەقەلەرنى بىلىدىغان ياشانغان كىشىلەرمۇ ئاساسەن ئۆلۈپ كەتكەن. مەن زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەتلا ئاچاتاغ يېزىسىدىكى جايتاغ كەنتىدىكى 80 ياشلارغا كىرگەن يۈسۈپ سىدىق دېگەن كىشى بۇ قەبرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر يەردە ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سۇئالىمغا : «ئەينى چاغدا يەتتە قىزنىڭ جەسىتىنى بىر يەردە قويسا، دۈشمەنلەر بۇ قەبرىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ دەپ ئەنسىرەپ مۇشۇنداق بىرقانچە يەردە قويغانىكەن» دېگەن مەلۇم ئاساسى بار جاۋابنى بەردى.

«يەتتە قىزلىرىم» ئىچىدە پەقەت مايسىخان توغرىسىدىلا رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغان. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مايسىخان 150 ئەتراپىدىكى ئەر-ئايال قوزغىلاڭچىنى تەشكىللەپ، تاغ-ئورمانلاردا، جىلغىلاردا يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ دۈشمەنلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. «مايسىخان جېڭى» ئۈچ ئاي داۋاملاشقان. كېيىن مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر ئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقايدىكى ئۇرۇشتا قورشاۋدا قېلىپ، ئاخىرى دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالغاندىن كۆرە ئۆلۈمنى ئەلا بىلىپ، نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەردلەرچە قۇربان بولغان. ھايات قالغان كىشىلەر قەھرىمان يەتتە قىزنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئاقتوقاي تېغىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ياسىغانىكەن.

بەزى ماتېرىياللاردا مايسىخان رەھمىتۇللا بىلەن ئەسمىتۇللانىڭ سىڭلىسى دېيىلگەن. يەنە بەزى ماتېرىياللاردا بولسا رەھمىتۇللانىڭ خوتۇنى دېيىلگەن. سىڭلىسى دېگەن قاراش سەل ئىشەنچىلىكرەك. «جىگدە يېغىلقى» قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بولغان رەھمىتۇللا بىلەن ئەسمىتۇللانىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىمۇ ھەرخىل مەنبەلەردە ھەرخىل بايان قىلىنغان. ئالايلۇق، «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» (ئۇيغۇرچە نەشىرى، 1-قىسىم) دا ئەسمىتۇللا رەھمىتۇللانىڭ ئوغلى دېيىلگەن. «قاينام ئۆركىشى» رومانىدا ئەسمىتۇللا رەھمىتۇللانىڭ چوڭ ئوغلى دېيىلگەن. «ئۇچتۇرپان تەزكىرىسى» (ئۇيغۇرچە نەشرى) دە ئەسمىتۇللا رەھمىتۇللانىڭ دادىسى دېيىلگەن. «يەتتە قىزلىرىم» داستانىدا ئەسمىتۇللا رەھمىتۇللانىڭ ئاكىسى دېيىلگەن. مۆلجەر تاغ بورانلىرى» ناملىق ئالتە پەردىلىك درامىدا، «تورغاق خوجىلار» ناملىق تارىخىي روماندا ۋە «يەتتە قىزلىرىم» پوۋېستىدا ئەسمىتۇللا رەھمىتۇللانىڭ ئىنىسى دېيىلگەن. مەن تارىخ توغرىسىدا بىلىمىم چولتا بولغاچقا، بۇنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئېنىڭ ھۆكۈم قىلالمىدىم. ئەمما بىرلا نەرسە ئايانكى، ھەقىقەت مەڭگۈ بىر، ھەرگىز بىر ياكى ئۈچ ئەمەس. تارىخ تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ مەسىلىلەرمۇ ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن.

قانداقلا بولمىسۇن، تاكى بۈگۈنگىچە ئۈچتۇرپان زېمىنىدا جەمئىي بەش يەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسى باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئەسىرلەر مابەينىدە خەلقىمىزگە،  بولۇپمۇ قىز-ئاياللىرىمىزغا چەكسىز ئىپتىخار، جاسارەت، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قەبرىنى كۆرگەن ياكى بۇ قىزلارنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئەقلى ئويغاق  ئىنسان ئاشۇ قىزلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتماي قالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاشۇ قەبرىلەر ۋە قەبرىلەردە ياتقان قەھرىمان قىزلار مۇشۇ يۇرتىنىڭ، مۇشۇ يۇرت خەلقىنىڭ، جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەڭگۈ ئىپتىخارىدۇر.

ئىزاھلار:

 

  ①②③④⑤⑥⑦⑧⑨⑩ «ئىپارخان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىل9-ئاي، 1-نەشىرى 15-، 25-، 29-، 73-، 90-، 95-، 114-،144-، 175-، 190-، 200- بەتلەر.

  موللا مۇسا سايرامى : «تارىخىي ئەمىنيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى 72-، 73-بەتلەر.

موللا مۇسا سايرامى : «تارىخىي ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل 12-ئاي 1-نەشىرى 204-، 205-، 206-، 207-،656-بەتلەر.

زۇلپىقار بارات ئۆزباش : «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، 2011-يىل 1-نەشىرى 180-بەت.

ئابدۇللا تالىپ : «قاينام ئۆركىشى»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1982-يىل 10-ئاي 1-نەشىرى، 198-،213-،215-،216-،250-بەتلەر.

«ئۇچتۇرپان خەلق قوشاقلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1991-يىل باسمىسى.

سۇخەنۋەرچىلىك ــ سۆز سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىش.

موللا شاكىر : «زەپەرنامە»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1980-يىللىق 2-سان 33-بەت.

ئاپتور : ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە

تەھرىرلىگۈچى : تۇرسۇنئاي ئابلەت

 مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2012-يىللىق 6-سان

 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1164 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-09