مۇھەممەت باغراش

 يازغۇچى مۇھەممەت باغراش 1952- يىلى قارا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1965-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ تۆتىنچى شىركىتىدە شوپۇر، تەشۋىقات بۆلۈم كادىرى، 1982-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە «شىنجاڭ ئىشچىلىرى» گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1988 -يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىدى.

مۇھەممەت باغراشنىڭ بالىلىق دەۋرى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈزەل بوستانلىقتا ئۆتكەن. ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك دوستلىرى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ قوي باققان، مالچىلار، سالچىلار ۋە بېلىقچىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ شادلىق بىلەن قايغۇ، قەيسەرلىك بىلەن جاپا-مۇشەققەت، ئوڭۇشلۇق بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ئەمگەك تۇرمۇشىغا قىزىققان. ئۇلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق، دەريا بويلىرىنى چاڭ كەلتۈرىدىغان كۈلكە-چاقچاقلىرى، مۇڭلۇق ناخشا-كۈيلىرى ۋە قىزىقارلىق چۆچەك، لەتىپىلىرىگە مەپتۇن بولغان. مانا بۇلار مۇھەممەت باغراشنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان.

مۇھەممەت باغراش 1980-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا «سەپداش» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئىچىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا كۈچلۈك ئىلھام بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ «ساۋاب»، «رىزقى»، «ئالمىچى»، «ئادەملەر»، «ئېگىز بىناغا يانداشقان بوتكا»، «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت»، «ئاقساق بۇغا» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئوچېرىك ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەگەك قەلب، ئۆتكۈر كۆزلۈك تىرىشچان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. 1983-يىلى «ساۋاب»، 1987-يىلى «يادىكار» ناملىق ھېكايە توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «سوۋغات»، «سەھەر»، «يېشىل ۋادا» قاتارلىق كوللېكتپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن. «سەپداش» ناملىق ھېكايىسى 1981-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «ساۋاب» ناملىق ھېكايىسى 1982-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا؛ «ئادەملەر» ناملىق ھېكايىسى 1986-يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «گۈزەل ۋادا» ناملىق ھېكايىسى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشر قىلىنىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ «شەندەن» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئاقساق بۇغا» ناملىق پوۋېستى يېڭى دەۋر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلغان ھەمدە ھاياتى، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. بەزى ئەسەرلىرى ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى تەرىپىدىن بىر نەچچە پارچە باھا، ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان. «ئادەملەر»، «رىزقى» قاتارلىق ھېكايىلەر ياپون، ھىندى، تايلاند، رومىن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چەت ئەل كىتابخانلىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 294 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-05