مالى جۇمھۇرىيىتى




مالىمالى


مالى جۇمھۇرىيىتى


خەنزۇچە: 马里共和国

ئېنگلىزچە:The Republic of Mali

نوپۇسى: 14 مىليون 517 مىڭ 176، دۇنيا بويىچە 65-ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۆلەت زېمىنى: 1 مىليون 240 مىڭ 192 كىۋادرات كىلومېتىر

نوپۇس زىچلىقى: 11.7/km2

ھۆكۈمەت تىلى: فرانسوز تىلى، بامبالا تىلى

پايتەخت: باماكو

مالى جۇمھۇرىيىتى غەربىي ئافرىقىدىكى بىر ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، شىمالىي تەرىپىدە ئالجىرىيە بىلەن، شەرق تەرىپىدە نېگىر بىلەن، جەنۇب تەرىپىدە بۇركىنا فاسو ۋە كوتىدىۋا بىلەن،غەربىي جەنۇب تەرىپىدە گۋىنېئا بىلەن، غەرب تەرىپىدە ماۋرىتانىيە ۋە سېنېگال بىلەن چېگىرلىندۇ، غەربىي ئافرىقىدىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ مەركىزى بىلەن چېگىرلىنىدۇ، كۆپ قىسىم ئاھالىسى جەنۇب تەرىپىگە توپلاشقان بولۇپ، نېگىر دەرياسى ۋە سېنېگال دەرياسىنى مەنبە قىلىدۇ. مالى ئىلگىرى فرانسىيەگە قاراشلىق سۇدان دەپ ئاتالغان بولۇپ ،ئۇنىڭ نامى مالى ئىمپېرىيەسىنىڭ نامىدىن كەلگەن.

تارىخى



دۆلەت بايرىقىدۆلەت بايرىقى


تارىختا ساھىل بەلبېىغىدا (بۈگۈنكى مالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر قاتار ئىمپېرىيەلەر بولۇپ، گانا ئىمپېرىيەسى، مالى ئىمپېرىيەسى، سوڭخاي ئىمپېرىيەسى (Songhai Empire) قاتارلىق ئىمپېرىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىمبۇكتۇ بولسا بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ سەھرايى كەبىردىن ھالقىغان سودىسىنىڭ مۇھىم شەھىرى ۋە ئىلىم-پەن مەركىزى. 1591-يىلى سوڭخاي ئىمپېرىيەسى ماراكەشنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئۇدا ئاجىزلاشقان.

1880-يىلدىن باشلاپ فرانسىيە مالىغا تاجاۋۇز قىلىدى. فرانسىيە مۇستەملىكىسى فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى سۇدان يەنە مالىنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1959-يىلى ، مالى ۋە سېنېگال مالى فېدېراتسىيەسىنى تەشكىل قىلدى. 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، مالى فېدېراتسىيەسى فىرانسىيەدىن مۇستەقىل بولدى، نەچچە ئايدىن كېيىن سېنېگال فېدېراتسىيەدىن چېكىنىپ چىقتى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مودىبو كىيتا (فرانسوزچە:  Modibo Keïta) نىڭ رەھبەرلىكىدە مالى جۇمھۇرىيىتى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.

مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپ تاكى 1991-يىلغىچە قەدەر بىر قاتار مۇستەبىتلەر مالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 1991-يىلىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش سىياسىي ئۆزگىرىش، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1992-يىلى، ئەلفا ئۆمەر كونالى مالىدا تۇنجى قېتىم كۆپ پارتىيەلىك ، دېموكراتىك سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلاندى، ئۇ 1997-يىلى يەنە بىر قېتىم سايلاندى. ئۇ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ئىسلاھات، پارىخورلۇققا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى.

2002-يىلى، ئامادو تومانىي تورې (فرانسوزچە: Amadou Toumani Touré) مالىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى، تورې 1991-يىلىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىدىكى مۇھىم شەخىس. 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، تورې قايتا سايلاندى.

2012-يىلى 1-ئايدا، تۇئارېگلار شىمالدا يېڭىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى، مالىنىڭ شىمالىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇش باشلاندى.

 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر قسىم ئەسكەرلەر پايتەخت باماكودا سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، تورېنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئاساسىي قانۇننى توختاتقانلىقىنى، دۆلەت ئورگانلىرىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئەسكەرلەر 4-ئاينىڭ 6-كۈنى غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلدى، ئاۋام پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋاقتلىق پرېزىدېنت بولدى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى تورې ئىستېپا بەردى. جەنۇب تەرەپنىڭ ۋەزىيىتى تۇراقسىز چاغدا، تۇئارېگلار ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مالىنىڭ شىمالىي قىسىمىنى كونترول قىلدى.  2013-يىل 1-ئايدا، ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسلام قوراللىق كۈچلىرى جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى، فرانسىيە ئەسكەر چىقىرىپ مالى ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، تېز سۈرئەتتە شىمالدىكى بارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى قايتۇرۋالدى.

سىياسىي ئەھۋالى

مالىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مالى كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك دۆلەت دەپ بەلگىلەنگەن، مىللەت، دىنىي ئېتىقاد، رايون ياكى جىنىسىي پەرق ئاساسىدا پارتىيە قۇرۇش چەكلەنگەن بىردىنبىر دۆلەت. دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولسا پارلامېنىت، نۆۋەتتە پارلامېنتتا 147 نەپەر ئەزا بار. پارلامېنت ئەزاسى ھەرقايسى رايونلارنىڭ نوپۇس سانىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.



مەمۇرىي رايونلىرىمەمۇرىي رايونلىرى


مەمۇرى رايونلىرى

پايتەختنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

باماكو-Bamak-巴马科(پايتەخت رايونى)

گائو-Gao- 贾欧区域

كايېس رايونى –kayes卡伊地区

كىدالرايونى-kidal-基达地区

كولىكورو رايونى-koulikoro-库里克罗地区

موپتى-mopti莫普提地区

سېگو رايونى-sego塞古地区

سىكاسسو-sikasso埸加索地区

تىمبۇكتۇ-tombuktu,Timbuktu通布图地区

جۇغراپىيىلىك مۇھىتى

مالىنىڭ كۆپ قىسىمى دېڭىز يۈزىدىن 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پەلەمپەيسىمان يەرلەر، ئەڭ شەرق ۋە غەربىي قىسىمىدا بىر قىسم قۇم تاش، پەس تاغلىق رايون ۋە تىك قىيالار بار بولۇپ ئەڭ ئېگىز يېرى دېڭىز يۈزىدىن 800 مېتىر ئېگىزلىكتە. شىمالىي تەرىپى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىغا، ئوتتۇرا، جەنۇبىي تەرىپى ئىسسىق بەلباغ يېرىم قۇملۇق ۋە يايلىقىغا تەۋە.

مالى زېمىنىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق. شىمالىي تەرىپى ئالجىرىيەدىن سوزۇلغان ھىقار تاغ تىزمىسىدىن (Ahaggar Mountains) شەكىللەنگەن ئېگىزلىك. جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى نېگىر دەرياسىنىڭ بىپايان ئويمانلىقى.

مالىنىڭ كىلىماتى تروپىك بەلباغنىڭ ئىللىق ئىقلىمىدىن باشلاپ تاكى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ قۇملۇق ئىقلىمىغا سوزۇلىدۇ. جەنۇبىي قىسىمىنىڭ يىللىق  ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 مىللىلېتىرغا يېتىدۇ، شىمالىي قىسىمىدىكى بەزى رايونىدا يىل ئاخىرىغىچە يامغۇر ياغمايدۇ. جەنۇبىي نەم يايلاق بولۇپ، شىمالغا قاراپ چاتقال يايلاق، يېرىم قۇملۇق ۋە قۇملۇققا ئۆزگىرىپ بارىدۇ.

مۇھىم شەھەر-بازارلىرى

باماكو-Bamak-巴马科 (پايتەخت رايونى)

گائو-Gao- 贾欧

كايېس–kayes卡伊

كىدال-kidal-基达

كولىكورو -koulikoro-库里克罗

موپتى-mopti莫普提

سېگو رايونى-sego塞古

سىكاسسو-sikasso埸加索

تىمبۇكتۇ-tombuktu,Timbuktu通布图

سان-San-桑

دجېننى-Djenné

ئاھالىسى

مالىدا تەخمىنەن 20 مىللەت بولۇپ، مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى بامبارالار. بۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشىمايدۇ، لېكىن تىنچلىقتا بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. شەرقىي شىمالىدىكى سۇدان رايونىنىڭ ئاھالىسى ناھايىتى بۇرۇنلا شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلگەن، كۆپ قىسىمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا دۆلەت ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارمۇ بار. مالى ئۆزىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەت تارىخىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.

مالىلىقلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىم نوپۇسىنىڭ پاكىز سۇ مەنبەسى بار. ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 45 ياش. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامەت پەقەت 192 ياۋرو.

ھۆكۈمەت تىلى فرانسۇز تىلى، بىراق كۆپ  قىسىم مالىلىقلار فرانسۇز تىلىنى چەتئەل تىلى دەپ قارايدۇ، مالىدا كۆپ مىللەت تىلى بولۇپ، كۆپ قىسىم مالىلىقلار بۇ تىللارنىڭ كۆپىنچىسىنى بىلىدۇ. مائارىپ ئىقتىدارى جەھەتتە، 2010-يىلىدىكى سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا، 15 ياشتىن ئاشقان نوپۇس ئىچىدە پەقەت %33.1 ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالىغان، مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن مالىلىقلاردا ئەرلەر يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، ئەرلەر نوپۇسىنىڭ % 43.3 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئاياللار پەقەت %20.3 نى ئىگەللەيدۇ.

مالىنىڭ شىمالىدا ئىلگىرى دائىم تۇئارېگلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يۈز بېرەتتى. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئازاۋاد مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى ئۆزى تەلەپ قىلغان زېمىننى پۈتۈنلەي كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئازاۋادنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى.

دىنىي ئەھۋالى

%90 ئادەم ئىسلام دىنىغا، %5 ئادەم مەبۇتچىلىققا، %5 ئادەم خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. باشقا  ئىسلام دۆلەتلىرى مالىنىڭ ئىقتىسادىنى  بەلگىلىك دەرىجىدە قوللايدۇ.

ئىقتىسادىي ئەھۋالىي

مالنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ %2 تى تېرىلغۇ يەر بولۇپ، %80 ئەمگەك كۈچى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. نېگىر دەرياسى ۋە سېنېگال دەرياسى ۋادىسى ھەمدە جەنۇبتىكى كۆپ يېغىنلىق رايونلارغا دېھقانچىلىق يەرلىرى ناھايىتى زىچ جايلاشقان. يەر ياڭىقى، كۆممەقوناق، ئاققوناق ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ.

شىمالدا قۇرغاقچىلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مول-ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان بېسىم سەۋەبلىك يىللىق يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىر بولغان جايلاردا نۇرغۇن ئېتىزلىقلار بار، ئاساسلىقى مەھسۇلاتى بۇغداي ۋە يېشىل يەم-خەشەك.

يېقىنقى يىللاردا، مالى غەربىي ياۋروپادغا مېۋە-چېۋە ئېكسپورت قىلىپ مېۋە شەربىتى ياسىماقتا، مەسىلەن: ماڭگو، زەنجىۋىل، كركىدىيە  قاتارلىقلار.

 

مەنبە: ۋىكىپېىيەدىن گۈلئايشەم تەرجىمە قىلدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1158 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2015-05-01