قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى




قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىقاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى

قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى


ئىنگلىزچە: Cairo University

خەنزۇچە: 开罗大学

قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىلگىرىكى مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 1908-يىل 12- ئاينىڭ 21-كۈنى رەسىمىي قۇرۇلغان، مىسىر ۋە پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىدا ئەڭ قەدىمىي ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ بىرى.

مەنبەسى

19-ئەسىردىن باشلانغان مىسىر مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىسىرنىڭ  بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى، ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن دىندىن ھالقىغان پەننىي ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدىغان (مەسىلەن: ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدەك) مىسىر ئۇنىۋېرىسىتېتى قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

20-ئەسىرنىڭ بېشىدا مىسىرنىڭ بىرقىسىم مۇتەپەككۇرلىرى، مەسىلەن مۇھەممەد ئابدۇ، مۇستافا كامال،  مۇھەممەد فارىد، قاسىم ئامىن، سائاد زاغلول قاتارلىقلار لېبېرالىزملىق ئىدىيىنىڭ ماياكىنى قۇرۇشقا دەۋەت قىلدى، ھەر قايسى ئىلىم ساھەسىنىڭ ۋە ئاساسىي ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئىلىملەرنىڭ جانلىنىشىدا رول ئوينىغان مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ساھەسى ۋە ئىلىم ساھەسىنىڭ ئىلگىرلىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭدى.

ئەمما، ھەر قايسى تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان بېسىم ۋە قارشىلىقلار، مەسىلەن مىسىرنى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى ئەۋەليىن بارىڭ قاتارلىق مۇتەئەسسىپ زاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

ئەمما ھەم بەزى قوللىغۇچىلار بەش كىشىنى مىسىر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارايدۇ.

پادىشاھنى ھىمايە قىلغۇچىلار پادىشاھ ئەخمەد فۇئادنى قۇرغۇچى دەپ قارايدۇ.

مىللەتپەرۋەرلەر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەر باش ۋەزىر مۇستافا كامالنى قۇرغۇچىسى دەپ قارايدۇ.

ئۇممە پارتىيىسىدىكىلەر ۋە ۋافد پارتىيىسىدىكىلەر سەئىد زاغلول، مۇھەممەد ئابدۇ، قاسىم ئامىننىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدۇ.

ئەمما دەسلەپكى تەكلىپنى ئەرمىنىيە ئەمەلدارى ياقۇب ئارتىن ۋە سۇرىيە مۇخبىرى جۇرجى زەيدان بەرگەن دەپ قارىلىدۇ. 1894-يىلى، ياقۇب ئالىي مەكتەپنىڭ ئاساسى بولالايدىغان ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. جۇرجى زەيدان ئۆز قەلبىدىكى يېڭىچە ئۇنىۋېرىسىتېتنىڭ ئىككى خىل لايىھىسى تەكلىپىنى بەردى.

1900-يىلى، ھىلال مىسىر ئالىي ئىنىستىتۇتى (Egyptian College School) نى قۇرۇشنى، بۇنداق بولغاندا مىسىرلىقلارنىڭ يىراق ياۋروپاغا ئوقۇشقا چىقىش زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلىقى تەكلىپىنى بەردى. يەنە بىر خىل ئەندىزە ئامېرىكا دىن تارقاتقۇچىسى بېيرۇتتا قۇرغان سۇرىيە پروتېستانت ئىنىستىتۇتى.

1908-يىل، مۇستافا كامال ۋە قاسىم ئامىن ئاقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى. مىسىر پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پادىشاھ ئابباسⅡ بۇ تۈرنى قولىغا ئالدى. (ئابباس ھىلىم پاشا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)

1908-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاساسىي قانۇن كېڭەش پارلامېنت زالىدا ئابباسⅡ ۋە باشقا ئەمەلدارلار ھەمدە مەشھۇر زاتلارنىڭ قاتنىشىشىدا، مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى رەسىمىي قۇرۇلدى. مىسىردىكى داڭلىق مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ ئەھمەد لۇتفى سەئىد تۇنجى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.

تەرەققىيات جەريانى

1925-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى پەرمان ئېلان قىلىنىپ، دۆلەتلىك ئۇنىۋېرىسىتېت نامىدا مىسىر ئۇنىۋېرىسىتېتى قۇرۇلدى ھەمدە تۆت ئىنىستىتۇت: سەنئەت، ئىلىم-پەن، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋە قانۇن ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلاردىن تەشكىل قىلىندى. شۇ يىلى تىببىي ئىنىستىتۇت ۋە دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتى قوشۇلدى.

1935-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان خان جەمەتىنىڭ 91-نومۇرلۇق پەرمانىدا : قۇرۇلۇش، يېزا-ئىگىلىك ۋە ئالىي سودا، مال دوختۇرلۇق مەكتىپى مىسىر ئۇنىۋېرىسىتېتىگە قوشۇۋېتىلدى.

1940-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 27-نومۇرلۇق پەرماندا مىسىر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ نامىنى فۇئاد Ⅰ ئۇنىۋېرىسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

1953-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى  پەرمان ئېلان قىلىپ، فۇئاد Ⅰ خەلقئارا ئۇنىۋېرىسىتېتى دېگەن نامىنى قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتى دەپ ئۆزگەرتتى.

1996-يىلى كومپيۇتېر ئىنىستىتۇتى ۋە ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى قۇرۇلدى.

قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئاساسلىق ئىنستىتۇتلىرى

تۆۋەندىكىلىرى قاھىرە ئىنىستىتوتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئىنىستىتوتلىرى :

1.قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى        1816-يىلى قۇرۇلغان

2.تىببىي ئىنىستىتۇتى           1827-يىلى قۇرۇلغان

3.دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتى      1829-يىلى قۇرۇلغان

4.مال دوختۇرلۇق ئىنىستىتۇتى    1827-يىلى قۇرۇلغان

5.يېزا-ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى      1823-يىلى قۇرۇلغان

6.قانۇن ئىنىستىتۇتى             1868-يىلى قۇرۇلغان

7.پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى    1872-يىلى قۇرۇلغان

8.سودا ئىنىستىتۇتى           1837-يىلى قۇرۇلغان

ئىلىم ئورگانلىرى

نۆۋەتتە قاھىرە ئىنىستىتوتىدا 27 ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت قاتارلىق ئورگانلار بار.

قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى

تىببىي ئىنىستىتۇتى

كومپىيوتېر ۋە ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى

دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتى

 يېزا- ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى

فىزىكا ئىنىستىتۇتى

سىياسىي ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى

ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى

ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتى

ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى

سودا ئىنىستىتۇتى

ئالاھىدە مائارىپ ئىنىستىتۇتى

پەرۋىش ئىنىستىتۇتى

قانۇن ئىنىستىتۇتى

فىزىكىلىق داۋالاش ئىنىستىتۇتى

چىش دوختۇرلۇق ئىنىستىتۇتى

مال دوختۇرلۇق ئىنىستىتۇتى

تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى

يەسلى مائارىپ ئىنىستىتۇتى

ستاتىستىكا تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى

ئافرىقا قىتئەسى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى

دۆلەتلىك راك كېسەل تەتقىقات ئورنى

شەھەر ۋە رايون پىلانلاش ئىنىستىتۇتى

مائارىپ تەتقىقاتى تەتقىقات ئورنى

مەملىكەتلىك لازېر نۇرى ئىلىم-پەن تەتقىقات ئورنى

ئېچىۋىتىلگەن مائارىپ مەركىزى

قاھىرە ئۇنىۋېرىسىتېتى ئەرەب تىلى تىل مەدەنىيەت مەركىزى

مەشھۇر مەكتەپداشلار

سادام ھۈسەيىن : ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدىنتتى

نەجىب مەھفۇس : نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى

بوتروس گالى : ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى

مۇھەممەد بارادى : خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش ئىش بىجىرگۈچىسى

ياسىر ئارافات : پەلەستىن مىللەت ھوقۇقى ئورگىنىنىڭ رەئىسى

زاھىي ھاۋاس : مەشھۇر مىسىر ئارخېئولوگى

كوئىكې يۇرىكو : ياپونيەنىڭ داڭلىق ئايال سىياسىيونى

ھەر نۆۋەتلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى

ئەھمەد لۇتفى سەئىد 1925-يىل 3-ئايدىن 1941-يىل 5-ئايغىچە؛

ئەلى ئىبراھىم 1941-يىل 9-ئايدىن 1947-يىلى 1-ئايغىچە؛

ئىبراھىم شەۋقىي 1947- يىلى12-ئايدىن 1949-يىلى 11-ئايغىچە؛

مۇھەممەد كامال مۇسلى دوكتور ئۇدا ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن 1949-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ، 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1957-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ؛

ئابدۇۋاھاپ مورو 1951-يىلى 5-ئايدىن 1953-يىل 6-ئايغىچە؛

ئەھمەد زەكى 1953-يىل 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە؛

سەئىد مۇستافا سەئىد دوكتور  1958-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە؛

ئەھمەد بەدەۋى دوكتور 1961-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە؛

مۇھەممەد نەجىب ھەشاد 1964-يىلى 1-ئاينىڭ7-كۈنىدىن 1966-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە؛

مۇھەممەد مۇسلى ئەھمەد دوكتور 1967-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 1969-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە؛

جەبىر جاد ئابدۇرەھمان 1969-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە؛

ھەسەن مۇھەممەد ئىسمائىل دوكتور 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 1975-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە؛

سۇفى ھەسەن ئەبۇ تالىب 1975-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1978-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە؛

ئىبراھىم جامال بەدران دوكتۇر 1978-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 1980-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە؛

ھەسەن ھەمىدى ئىبراھىم دوكتور 1980-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈندىن 1985-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛

ھېلىم ئىبراھىم دوكتۇر 1985-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛

مۇھەممەد نەجىب ھۈسنى دوكتۇر 1987-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛

مامون مۇھەممەد سالامە دوكتۇر 1989-يىلى 1-ئاينىڭ9-كۈنى 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛

مۇفىد مۇھەممەد شىھاب دوكتۇر 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 1997-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە؛

فەرۇخ ئىسمائىل دوكتۇر 1997-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 1999-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە؛

نەجىب لىللاھى جوھەر 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە؛

ئەلى ئابدۇرەھمان يۈسۇف دوكتۇر 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە؛

ھىسام كامىل دوكتۇر 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

 ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى جەبىر جات ناسىر .

 

مەنبە: ۋىكىپېدىيە تورىدىن گۈلئايشەم تەرجىمە قىلدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1139 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-04