ماددىي كاپىتال، جىسمانىي كاپىتال ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال توغرىسىدا

 

ماددىي كاپىتال، جىسمانىي كاپىتال ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال توغرىسىدا

ئابدۇۋەلى ھىمىت نىزامى

 

كاپىتال دېگىنىمىز-بازاردا پايدىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ بولۇپ، كاپىتال نەزەرىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ كاپىتالغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى،شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئامىللىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئىزدىنىپ كەلدى. لېكىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىي ئاستا، ياراتقان ماددىي بايلىقمۇ كۆپ ئەمەس بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا مەخسۇس ئقتىسادشۇناسلقنى تەتقىق قىلىدىغان پەنمۇ شەكىللەنمىگەن ئىدى. 18-ئەسىرنىڭ كېيىنىكى يېرىمىدىن باشلانغان سانائەت ئىنقىلابى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلاندى، ماددىي مەھسۇلاتلار زور دەرىجىدە ئاۋۇدى. مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى 1776-يىلى ئەنگىلىيەلىك ئادام سىمىس (Adam Smith) نىڭ «مىللىي بايلىق نەزەرىيەسى» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن باشلاپ رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەندى.ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبيېكتى بولغان «كاپىتال» بۈگۈنگە قەدەر ماددىي كاپىتال، جىسمانىي كاپىتال ۋە ئجتىمائىي كاپىتالدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نۇقتىدىن تەتقىق قىلىندى. ماركىسنىڭ «كاپىتال» دېگەن ئەسىرى ماددىي كاپىتالنى تەتقىق قىلىپ، 19-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ مەشھۇر ئەسەر بولغان ھەم بۈگۈنگىچە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسا،20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلاردىن سكۇلتىز "جىسمانىي كاپىتال" نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نوبىل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە "بىلىم ئىگىلىكى قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ماددىغا ئەھمىيەت بىرىشتىن ئادەمگە ئەھمىيەت بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 21-ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە، غەرب جەمئىيەتشۇناسلىرى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن پېئىر بوردېئو، كولمان، لىن نەن، پۇتنان قاتارلىقلار «ئىجتىمائىي كاپىتال» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرغا  قويۇپ، «كاپىتال» نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

      بىرىنچى، ماددىي كاپىتال. ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلىمى پەن بولۇپ شەكىللەنگەن ۋە مەخسۇس پەن سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىۋاتقان 230 يىل مابەينىدە، غەرب ئىقتىسادشۇناسلىق كاپىتالىنى يەر، ئەمگەك كۈچى تەبئىي بايلىق، ماشىنا-ئۈسكۈنە ۋە پۇل قاتارلىق بايلىقلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ ئىسپاتلاپ ۋە شەرھلەپ كەلدى. مىللىي بايلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ يولى بولسا كاپىتال جۇغلاش ۋە ئىش تەقسىماتى ۋە ئىش تەقسىماتى ئېلىپ بىرىش، كاپىتال جۇغلاش بولسا ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاساسى دەپ ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلار كاپىتالنى پۇل شەكىلدە ئىپادىلەنگەن مەبلەغ ۋە ماددىي شەكىللەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى دەپ قارىدى. كاپىتالنى ماددىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ ئۇنى پۇل- مۇئامىلە كاپىتالى، سودا كاپىتالى، سانائەت كاپىتالى، يىزا-ئىگىلىك كاپىتالى دېگەندەك نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىدى. ماركىس بولسا كاپىتالنى مۇنداق شەرھلىدى: "كاپىتال بىر تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى. ئۇ بولسا بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، يەنى بۇرژۇئازىيە جەمئىيتىنىڭ  ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى. ئۇ بولسا بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى،يەنى بۇرژۇئازىيە جەمئىيتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى. كاپىتال ماددا ئەمەس،بەلكى بەلگىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت. كاپىتال كاپىتالىستلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن، كاپىتالىستلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنلغان قوشۇمچە قىممەت."ماركىس بىلەن دەۋرداش ۋە ماركىستىن كېيىن ئۆتكەن ئىقتىسادشۇناسلار كاپىتالنى ماددىي نوقتىدىن تەتقىق قىلىپ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ  تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئىككىنچى، جىسمانىي كاپىتال. جىسمانىي كاپىتال دېگەن بۇ سۆز ئىنگىلىزچە (Human Capital)، خەنزۇچە (人力资本)، دېگەن سۆزدىن تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئادەم جىسمىدا ئىپادىلەنگەن ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئىقتىدارنى كۆرسىتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە ئىقتىسادشۇناسلار سكۇلتىز (Schultz,1960) ۋە جونسون (Johnson,1960) قاتارلىقلار "جىسمانىي كاپىتال" نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىياتى ۋە ئامېرىكا ئقتىسادىنىڭ ئېششىنى ئاساسلىقى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ پەن- مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىك خادىملارنىڭ، مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆچمەن بولۇپ كېلىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىشى، يەنى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ماتېماتىكىلىق، ئىستاتىسىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلاپ چىقتى. سكۇلتىز بۇ نەتىجىلىرى بىلەن نوبىل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىقتىسادشۇناس بېكىر: (Becker,1963) «جىسمانىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئاساسلىقى مائارىپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۆتكىلىشى ۋە كۆچمەنلەرنى كىرگۈزۈشكە بولغان خىراجەتلەرنى كۆرسىتىدۇ» دەپ شەرھلىدى، يەنى ئادەملەرنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تەن ساپاسىنى ياخشىلاش، دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىرىمىگە ۋە ئىستىمالىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغنى جىسمانىي كاپىتال دەيمىز. جىسمانىي كاپىتال ئاساسلىقى ئادەمنىڭ جىسمىدا مۇجەسسەملەشكەن، ساغلاملىق، تەجىرىبە، بىلىم،ئەقلىي قابىلىيەت، ئىقتىدار ئەخلاق، ساپا ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش سەۋىيەسى قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ يىغىندىسى. بۇ ئامىللار ھەربىر ئادەمنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، ئەمگەك قابىلىيتى، يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن مەبلەغ سىلىنىپ، مۇشۇ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئېرىشكەن كىرىمى جىسمانىي كاپىتالنىڭ نەتىجىسى (ئۈنۈمى) ھىسابلىنىدۇ.

    ئىككىنچى  دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب ئەللىرى پەن-مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ساھەلەرگە بولغان سېلىنمىنى ئاشۇردى. پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرلۈپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىىياتىنى  ئىلگىرى    سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىككى تەرەققىي تاپقان دۆلەت زېمىنى كەڭرى، بايلىقى مول بولغان ئەللەردە ئەمەس، زېمىنى كىچىك، بايلىقى كەمچىل بولغان، لېكىن پەن-مائارىپ، ئىلمىي تەتقىقات، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن، جىسمانىي كاپىتالغا زور دەرىجىدە مەبلەغ سالغان ياپونىيە ۋە ئىسرائىلىيە بولۇپ قالدى. س.سكۇلىز جىسمانىي كاپىتالنى ماكرو ۋە مىكرو جەھەتتىن تەھلىل قىلدى. ماكرو جەھەتتىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆلەتلەر ئارسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل-پۇل ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ياكى ماددىي ئاساسنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بولماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى، جىسمانىي كاپىتالنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، بىلىم ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئوتتۇرغا قويدى. مىكرو جەھەتتىن بىر ئادەمنىڭ جىسمانىي كاپىتالىنىڭ شەكىللىنىشىدە تېببي ساقلىقنى ساقلاش خىراجىتى، مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيەسى، چوڭلار مائارىپى ۋە خىزمەت ئورنىدا تەربىيەلەش تۈزۈمى، ئەمگەك كۈچىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۆتكىلىشى ۋە كۆچمەنلەرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق چىقىملار جىسمانىي كاپىتالنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ جىسمانىي كاپىتالنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. جىسمانىي كاپىتال نەزەرىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە غەرب ئەللىرى ھەقسىز مائارىپ ۋە ھەقسىز داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى زور كۆچ بىلەن يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئجتىمائي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن پەيلاسوپ، ئالىملارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئادەمگە بولغان تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھلىگەن. ئەپلاتۇن «غايىۋى دۆلەت» دېگەن كىتابىدا بىلىم ۋە ئۆگىنىش-ئىجادىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بىر ئادەم دۆلەت باشقۇرغۇچىغا ئايلانماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىشى، مول بىلىملەرنى ئىگىلىشى، كۈچلۈك تەن ۋە ياخشى خىسلەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ ئوتتۇرغا قويغان. ئارستوتېل:"تەلىيىگە ئەمەس تېخنىكىسىغا تايىنىدىغان ئادەم چوقۇم ئەڭ ياخشى يەردە خىزمەت قىلىدۇ، جىسمانىي ئەمگەكنى ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئادەم ئەڭ جاپالىق شارائىتتا ئىشلەيدۇ، ئادەتتە ئالدىنقىسىنىڭ كىرىمى كېيىنكىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ " دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئىقتىسادشۇناس پىگۇ(1877-1959): "بارلىق مەبلەغ سىلىش ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئادەمنىڭ سالامەتلىكى، ئەقلىي قابىلىيتى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مەبلەغ سېلىشتۇر" دەپ ئوتتۇرغا قويغان. مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ئىنساننىڭ سەككىز پەزىلىتىنى مۇنداق شەرھلىگەن: «بىرىنچى، بىلىم ئېلىش؛ ئىككىنچى،بەپسىنى يىغىش؛ ئۈچىنچى، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش؛ تۆتىنچى، راست سۆزلىمەك؛ بەشىنچى، خالىس ۋە ئادىل بولماق؛ ئالتىنچى، كىشىلەرگە ئازار بىرىشتىن يىراق بولماق؛ يەتتىنچى، باشقىلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرمەك؛ سەككىزىنچى، ھايالىق بولماق.» ئەجدادلىرىمىزمۇ بىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن ۋە ئىنسان پەزىلىتىنىڭ بىرىنچىسى، ئەڭ مۇھىم سۈپىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.

ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس س.سكۇلتىز جىسمانىي كاپىتال نەزەرىيەسى ۋە يىزا ئىگىلىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن 1979-يىلى نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم ھازىرقى زامان جىسمانىي كاپىتال نەزەرىيەسىنىڭ بوۋىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ 1929-يىلىدىن1957-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېششىدا، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا قوشقان تۆھپىسى ماددىي كاپىتالنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا قوشقان تۆھپىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ جىسمانىي كاپىتال نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق مەسلىسىگە تەدبىقلىغان بولۇپ، جىسمانىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش يەنى مائارىپ، تەربىيەلەش ۋە سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاشقا مەبلەغ سېلىش  ئارقىلىق ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش تەرەقىقىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېششى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ 2000-يىلى ئېلان قىلغان "ئېشىشنىڭ سۈپىتى" دېگەن تەتقىقات دوكلاتىدا ماددىي بايلىق، تەبئىي بايلىق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى دەپ ئوتتۇرغا قويغان. دۇنيادىكى 192 دۆلەتنىڭ بايلىق ساقلىنىش مىقدارىنى ئىستاتىسكا قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ماددىي بايلىق، تەبىئىي بايلىق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ نىسبىتى 16:20:64 دەپ ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى مائارىپ سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق جىسمانىي كاپىتالغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق جىسمانىي كاپىتالغا ئايلاندۇرۇش يولى بىلەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زوردەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

 جىسمانىي كاپىتالنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى-ساغلاملىققا مەبلەغ سېلىش بولۇپ، «ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرمۇش ئەمەلىيتىدىن يىغىنچاقلاپ چىققان. پەن-تېخنىكىسى يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ سەۋىيەسىي يۇقىرى بولۇشتىن باشقا يەنە تەن ساپاسىمۇ ياخشى، ئوتتۇرچە ئۆمرىمۇ ئۇزۇن. ھازىر غەرب ئەللىرىدە "بىلىم ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش" دېگەن كۆزقاراش ئومۇملاشقان بولۇپ،"نۇرغۇن كىسەللەر بىلمەسلىكتىن، ئالدىنى ئالماسلىقتىن، كىتاب-ژورنال ئوقۇماسلىقتىن بولىدۇ" دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرغا قويغان .مۇتەخەسىسلەر بىر ئادەمنىڭ كىسەل بولۇشىدا %60 ئامىلنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە، %15 ئامىلنىڭ تۇرمۇش موھىتىغا، %15 ئامىلنىڭ ئىرسىيەتكە باغلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاران %10 ئامىلنىڭ داۋالىنىش شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2008-يىللىق دۇنيا سەھىيە سىتاتىستىكا يىلنامىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 84 ياش بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھەممىدىن ئۇزۇن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋستىرالىيە، كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەر بولۇپ78 ياش، جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ 72 ياش بولغان. ياپونىيە مۇتەخەسىسلىرى ئۇزۇن مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئادەم ئۆمرىنىڭ جىنسىي پىشىپ-يېتىلىش ۋاقتىنىڭ 10 ھەسسىسى ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى، يەنى ئىنسانلار ئۆمرىنىڭ چېكى 108 ياشتىن 145 ياش ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ياپونىيەدە ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك سالامەتلىككە ئائىت كىتاب بار. خارۋارد ئۇنىۋىرسىتېتى تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا رەسمىي تەربىيە ئالغان ۋاقتى 12يىلدىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ تەربىيە ئالغان ۋاقتى قسقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئۆمرىنىڭ 18 ئاي ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بىر ئادەمنىڭ ئاغرىماي سالامەت بولۇشىنى مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ئېيتقاندەك، بىلىم ئېلىش ۋە نەپسىنى يىغىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

لېكىن، بۈگۈنكى دۇنيا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، بىر دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ۋە ھەرقايسى قاتلام كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى تەرەققىيات، باي-نامىراتلىق، كىرىم پەرقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، نۇرغۇن ئىجتىمائي مەسىلە ۋە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كېڭىيىشى تەرەققىي تاپقان ئەللەردە توختىماي يۈز بىرىپ تۇرىۋاتقان ئىش تاشلاش ھادىسلىرىنى، زوراۋانلىق قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرپ چىقاردى. تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىقئىجتىمائي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماددىي كاپىتال ۋە جىسمانىي كاپىتالدىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كاپىتال. ئىجتىمائىي كاپىتال ئۇقۇمىنى ئەڭ دەسلەپتە فىرانسىيەلىك جەمئىيەتشۇناس  پېئىر بوردېئۇ(Bourdieu,1980) ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار جەمىئىيەتشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە باشقۇرۇش ئىلىمى نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىجتىمائىي كاپىتال نۇقتىسىنى شەرھلىدى. پېئىر بوردىئونىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي كاپىتال بىر جەمئىيەتنىڭ كوللىكتىپ ئىگە بولغان رېئال ياكى يوشۇرۇن بايلىقلىرىنىڭ يىغىندىسى، ئۇ ئاساسلىقى جەمىئىيەت كوللىكتىپ ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋەت تۈرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئىجتىمائىي كاپىتال مۇنداق ئىككى خىل ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ: (1) ئىجتىمائىي توپ ياكى ئىجتىمائىي تورنىڭ كۆلىمى؛ (2) شەخىس ئىگە بولغان كاپىتال؛ (ماددىي كاپىتال ۋە جىسمانىي كاپىتال) نىڭ مىقدارى.

كولمان (Coleman,1990) «جەمئىيەت نەزەرىيەسسىنىڭ قۇرۇلمىسى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: ھەربىر ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەنلا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كاپىتالغا ئىگە بولىدۇ: ئىرسىيەت ئارقىلىق تەبىئىي شەكىللەنگەن جىسمانىي كاپىتال، تۇغۇلۇشىدىنلا ئىگە بولغان ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنىدىغان يەر، پۇل قاتارلىق ماددىي كاپىتال؛ ئادەم ئۆزى ياشاپ ئىجتىمائىي مۇھىتتا شەكىللەنگەن ئجتىمائىي كاپىتال. جۇڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى لىن نەن دەيدۇ: «ھەربىر ئادەمدە ئىگە بولىدىغان ۋە پايدىلىنىدىغان ئىككى خىل بايلىق بولىدۇ، شەخسىي بايلىق ۋە ئجتىمائىي بايلىقتىن ئىبارەت. شەخسىي بايلىق- شەخىس ئىگە بولغان بايلىقنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ماددىي بايلىق ۋە دىپلوم، ئۇنۋان قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۆپ خىل بولىشى سەۋەبىدىن، ھەربىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئجتىمائىي بايلىققا ئىگە بولىدۇ.»⑥پېئىر بوردىئو بىلەن كولمان ۋەكىللىكىدىكى جەمئىيەتشۇناسلار «ئجتىمائىي كاپىتال» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ئۇنى شەرھلىدى. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تورى بىر تۈرلۈك قىممەتكە ئىگە بولغان، پايدىلانغىلى بولىدىغان بايلىق بولۇپ، مۇشۇنداق ئىجتىمائىي تور مۇناسىۋەتلىرىگە مەبلەغ سېلىنغاندا، بۇنىڭدىن ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسى مەنپەئەتلىنىپ قالماستىن، يەنە بۇنىڭدىن تەشكىل، كوللىكتىپ ۋە دۆلەتمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي كاپىتال بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ئىگە بولغان بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن پەيدا بولغان بايلىقنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ (1)مال مۈلۈك: ئىقتىسادىي بايلىق؛ (2) ھوقۇق: سىياسىي بايلىق؛ (3) نام-ئابروي: ئىجتىمائىي بايلىق.⑦

باربېرى (Barbierri,1996) ئىتالىيەنىڭ مىلان رايونىدا 500 نەپەر يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دادىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان چاغدىكى كەسپى ئورنىغا روشەن تەسىر كۆرسەتىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەم بۇئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپىتال كۆزقارىشىنى ئىسپاتلىغان.⑧غەرب تەتقىقاتچىللىرى دادىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ بالىنىڭ مائارىپ تەربىيەسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، مائارىپ تەربىيەسى ياخشى، خىزمەت ئورنى يۇقىرى، كىرىمى كۆپ كىشىلەرنىڭ دائىم ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە، ياخشى ئىجتىمائىي كاپىتالغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇنى جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققان. كارخانا باشقۇرۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالغا قويۇلىدىغان تەلەپ كەسپىي ئىقتىدارىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.

       خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر كارخانىسى بولغان IBM  شىركىتى ۋە مىكروسوفت شىركىتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، باشقۇرۇش سەۋىيەسى جەھەتتە دۇنيادىكى باشلامچى كارخانىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىللىرى، درېكتورلار،  CEO(يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار) كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى بولماستىن، بەلكى باشقۇرۇش، ئىقتىساد، قانۇن پەنلىرىدە  يۇقىرى ئوقۇتۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىلىمى ۋە تەجىرىبىسى مول بولغان كەسپىي باشقۇرغۇچىلاردۇر. لىن نەن قاتارلىق ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر 1998-يىلى«ئىجتىمائىي كاپىتال جىسمانىي كاپىتالغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، ھەتتا جىسمانىي كاپىتالدىنمۇ موھىم.» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. بوكسىمان فلاپ قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر 1998-يىلى گوللاندىيەلىك دىرېكتورلارنى تەتقىق قىلىپ مۇنۇلارنى بايقىغان: ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ قىمممىتى تۆۋەن ۋاقىتتا جىسمانىي كاپىتالنىڭ شەخىسنىڭ كىرىمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقىرى بولغان چاغدا جىسمانىي كاپىتالنىڭ شەخىسنىڭ كىرىمىگە كۆرسۈتىدىغان تەسىرى كىچىك بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىسمانىي كاپىتالى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىجتىمائىي كاپىتالى تېخىمۇ يۇقىرى كىرىم ئەكېلىدۇ. ئەگەر شەخىسنىڭ جىسمانىي ۋەئىجتىمائىي كاپىتالى ئوخشاشلا تۆۋەن ئورۇندا بولسا ئجتىمائىي كاپىتالى ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتالدىمۇ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭسىزلىك مەۋجۈت بولۇپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىدا ئوخشاش ئىجتىمائىي كاپىتالغا ئىگە بولغان ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، خىزمەت تىپىش تەشكىلدىكى خىزمەت ئورنى، ئۇنۋان كەسپى شۆھرىتى ۋە كىرىمى جەھەتتە ئەرلەر ئاياللاردىن پايدىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئاياللارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.

لىن نەن 1989-يىلى ئجتىمائىي كاپىتال نەزەرىيەسىنى جۇڭگۇ جەمىيتىگە تەدبىقلاپ:«جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئجتىمائىي مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەتداشلىق، ساۋاقداشلىق يۇرتداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۈچلۈك كۈچلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. شەخىس ئۈچۈن جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا ئىقتىسادىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي ئورۇندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئورۇن بولىدۇ. ئىقتىسادىي ئورۇن بايلىقنىڭ توپلىنىشى ۋە تەقسىماتى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. بايلىق ماددىي كاپىتال، نام-ئابروي ئىجتىمائىي كاپىتال بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي ئورۇننىڭ  يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى شەخىسنىڭ جەمئىيەتتىكى ھوقۇقى ۋە ۋە تەسىر دائىرسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساقلاش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئۆز ئارا ئىشەنچ ئجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمىئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ئاشۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە موھىم رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتشۇناس پۇتنان (Putnan,2001)نىڭ قارىشىچە، تەرەققىي قىلغان رايۇنلاردا ھەرخىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار  بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، يەنى پۇتبۇل كۇلۇبى،پىدائىلار جەمئىيەتلىرى، تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرى دېگەندەك. بۇنداق رايوندىكى كىشىلەر دائىم ئاممىۋى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ، ئۆز-ئارا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بىرقەدەر ئىناق بولۇپ ،كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالى مول بولىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتال، يەنى ئىشەنچ،قائىدە ھەمكارلىق تورى قاتارلىقلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە توپلىنىشى ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سەۋىيدىكى ھەمكارلىق، ئىشەنچ پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىششى ۋە كوللىكتىپ پاراۋانلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ.⑪بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،مول ئجتىمائىي كاپىتالغا ئىگە بولغان جەمئىيەتتە ئىناق ۋە مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ياخشى بولغان ئجتىمائىي ئىقتىسادي تەرەققىيات مەيدانغا كېلىدۇ.

  پۇتناننىڭ كۆزقارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئىجتىمائىي كاپىتالنى سىياسىيشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن ئىزاھلاشقا بولىدۇ: ئىجتىمائىي كاپىتال-پۇقرالارنىڭ ئىشەنچ، ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىنىڭ يىغىندىسى. ئۇ ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش،ئىشەنچ، چۈشىنىش ۋە ھېسىداشلىق قىلىشتىن ئىبارەت سوبيېكتىپ دۇنياسىدا مەۋجۇت بولىدىغان ئالاھىدىلىك. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئاساسلىقى  ئائىلە، دوستلۇق، مەھەللە، خىزمەت ئورنى، شۇنداقلا كوللىكتىپ ۋە شەخىسىي تۇرمۇش بىلەن باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تۈرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتال بولسا جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر تۈرۈك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بېكىتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.⑫

  ماددىي كاپىتال كىشىلەرنىڭ مۇقىم مۈلىكى ۋە بانكىدىكى ئامانەت پۇلى شەكىلدە، جىسمانىي كاپىتال كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى بىلىمى ۋە ساغلام تەندە، ئىجتىمائىي كاپىتال كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ماددىي كاپىتال شەكىللىك بولۇپ ، كۆرگىلى بولىدۇ. جىسماننىي كاپىتال بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال شەكىلسىز بولىدۇ. ئجتىمائىي كاپىتال تەشكىل ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تىرەك،ئىشەنچنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەرتۈرلۈك  ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە كوللىكتىپ ئىچىدە كەڭ تۈردە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەڭ كىچىك ئجتىمائىي كوللىكتىپ بولغان ئائىلىدە، بىرقەدەر چوڭ بولغان ئىجتىمائىي توپ ئارىسىدا، ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەتتىن ئىبارەت چوڭ كوللىكتىپ ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەربىر شەخىسنىڭ تەرەققىياتى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەلۇم بىر شەخىسنىڭ گەرچە يېتەرلىك ماددىي كاپىتالى بولمىسىمۇ، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جىسمانىي كاپىتالنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلىسە، ئۆز ئەتراپىدىكى ئىجتىمائىي كاپىتالدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانسا، جەمئىيەتتە نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ماددىي ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە قىلالايدۇ.

  قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىل:«پۈتۈنلۈك ئايرىمىلىقنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭ بولىدۇ» دېگەن. ماركىس:«ئادەم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي تورنىڭ تۈگۈنى» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئىشلىتىلىشى شەخىسنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئىشلىتىلىشى شەخىسنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.جەمىئىيەتتە "ئىشەنچ" كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قويۇقلاشقانسىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ. شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي كاپىتالمۇ ئىشلەتكەنسېرى ئازايمايدۇ ۋە ئۇپرىمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ موللىشىپ كۈچىيىپ بارىدۇ.

دېمەك بىز ئەتراپىمىزدىكى مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقان، بىزنى قوللايدىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىن ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ياخشى ئىناۋىتىمىزگە تايىنىپ تولۇق پايدىلىنالىساق، يەتمەكچى بولغان نىشانغا ئوڭۇشلۇق يېتەلەيمىز.

ئجتىمائىي كاپىتالنى شەخىسنىڭ ئىجتىمائىي كاپىتالى،كوللىكتىپنىڭ ئجتىمائىي كاپىتالى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي دىگەن تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئىجتىمائىي كاپىتال بولسا بازار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇشىتكى ئاساس ۋە ۋاستە. ھۆكۈمەتنىڭ رولى ئادىللىقتا، بازارنىڭ رولى ئۈنۈمدە، ئجتىمائىي كاپىتالنىڭ رولى بولسا ھەمكارلىقتا ئپادىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئورنىتىلىشى، جۇغلىنىشى ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلىشى شەخىس، جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بىسىشى ۋە ئىناقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ.

 ئىجتىمائىي كاپىتالدا يەنە گورۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىق، مۇناسىۋەت تارتىپ ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشتەك پاسسىپ، ناتوغرا تەرەپلەرمۇ مەۋجۈت. جۇڭگو جەمئىيتى"مۇناسىۋەت جەمئىيتى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيتىدە ئائىلە-جەمەت كۆزقارىشى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئائىلە-جەمەتتىن باشقا تېخىمۇ كەڭرى بولغان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچ تۇيغۇسى يىتەرسىز. شۇڭا ئىجتىمائىي كاپىتال ئائىلە، ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوستلاردىن ئىبارەت تار مۇناسىۋەت چەمبىرىك ئىچىدە مەۋجۈت. بۇچەمبىرەك سىرتىدىكى كىشىلەرگە ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارايدۇ. گەرچە جۇڭگۇ جەمئىيتى «مۇناسىۋەت جەمئىيتى» بولسىمۇ، بۇخىل مۇناسىۋەت تار دائىردىكى شەخسىي مۇناسىۋەت بولۇپ، كۆپ ھاللاردا مۇناسىۋەت تارتىشىش، ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشتەك پۇرسەتپەرەسلىككە شارائىت يارىتىپ بەرگەن، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە كۈچى ئاجىز بولۇپ كەلگەن.⑬

 بىر ئادەم قاتناشقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانچە كۆپ بولسا ئۇ ئىگە بولغان ئىجتىمائىي كاپىتالمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورىنىڭ كېڭىيىشى ئىجتىمائىي كاپىتالنىمۇ بېيتىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلاردا "دوستى كۆپنىڭ يولى كۆپ"، "پۇلۇڭ مىڭغا يەتكۈچە دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن" دېگەن ماقال-تەمسىللەردىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ھاياتلىق جەريانىدىكى مۇھىم رولى تەكىتلەنگەن. دۆلەتكە نىسبەتەن ئىيتقاندا، ئىجتىمائىي كاپىتال بىر دۆلەتنىڭ رىقابەت ئەمەلىي كۈچى ۋە يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. مېھرىبان ئانىلار مېھرىبان ئاتىلار ،يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرخىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دۆلەت ئىگە بولغان ئىجتىمائىي كاپىتالمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دۆلەت ئىگە بولغان ئىجتىمائىي كاپىتالمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شەخىسكە نىسبەتەن ئىيتقاندا ،ئىجتىمائىي كاپىتالدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانسا، ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇش بىلەن بىرگە، شەخىس قىلىپ بولالمايدىغان نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەرتەرەپلىمە تەرەققىيات پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولالايدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتال ماددىي كاپىتال ۋە جىسمانىي كاپىتالنىڭ زۆرۈر تولۇقلىمىسى بولالايدۇ. جەمئىيەت ۋە شەخىسنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر كاپىتال كەم بولسا بولمايدۇ.

 

ئىزاھلار:

«ماركىس، ئېنگىلىس تاللانما ئەسەرلىرى»، بىرىنچى توم خەلق نەشىرىياتى،1995-يىل خەنزۇچە نەشىرى،345-بەت.

   ②بېكېر:« جىسمانىي كاپىتال: بولۇپمۇ مائارىپ توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە تەجىرىبە تەھلىلى»، بىيجىڭ ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1987-يىل نەشىرى ،1-بەت.

③س.سكۇلتىز:«جىسمانىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا»، بىيجىڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى نەشىرىياتى،1990-يىل نەشىرى،1-،13-بەت.

④يەن جىروڭ:«ئىجتىمائىي كاپىتالغا مەبلەغ سىلىش توغرىسىدا»، بىيجىڭ ئۇنۋىرىستىتى نەشىرىياتى،2006-يىل نەشىرى،4-بەت.

   ⑤يەن جىروڭ:«ئىجتىمائىي كاپىتالغا مەبلەغ سىلىش» بىيجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرىياتى،2006-يىل نەشىرى،4-بەت.

   ⑥لىن نەن(ئامېرىكا) :«ئىجتىمائىي كاپىتال»، شاڭخەي خەلىق نەشىرىياتى،2005-يىل نەشىرى،24-بەت.

   ⑦لىن نەن(ئامېرىكا) :«ئىجتىمائىي كاپىتال»، شاڭخەي خەلىق نەشىرىياتى،2005-يىل نەشىرى،60-بەت.

   ⑧لىن نەن(ئامېرىكا) :«ئىجتىمائىي كاپىتال»، شاڭخەي خەلىق نەشىرىياتى،2005-يىل نەشىرى،84-بەت.

   ⑨لىن نەن(ئامېرىكا) :«ئىجتىمائىي كاپىتال»، شاڭخەي خەلىق نەشىرىياتى،2005-يىل نەشىرى،96-بەت.

   ⑩لىن نەن(ئامېرىكا) :«ئىجتىمائىي كاپىتال»، شاڭخەي خەلىق نەشىرىياتى،2005-يىل نەشىرى،110-بەت.

   ⑪پۇتتان(ئىتالىيە):«دېموكراتىيەنى ھەركەتلەندۈرەيلى:بۈگۈنكى زامان ئىتالىيە جەمئىيتىدىكى پۇقرالار ئەنئەنىسى»،جياڭشى خەلىق نەشىرىياتى،2001-يىل نەشىرى 98-بەت.

   ⑫كېنىس:«ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى دېموكراتىيەسى»، ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتى،2000-يىل نەشىرى،387-بەت.

   ⑬يەن جىروڭ :« ئىجتىمائىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش»، بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،2006-يىل نەشىرى 185-بەت.

    

ئاپتور: شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى سىياسىي ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى ، باشقۇرۇش پەنلىرى دوكتورى

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 514 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-30