مۇھەممەت سىىدىق رەشىدىي ۋە «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» ھەققىدە


مۇھەممەت سىىدىق رەشىدىي ۋە «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» ھەققىدە

 

تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

 

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تەسەۋۋۇپ پەلسەپىۋىي ئېقىم سۈپىتىدە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىيە، زۇلۇم، خۇراپاتلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى مەنىۋىي نارازىلىق نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان. بۇ ئەمەلىيەتتە مەزكۇر تەلىماتنىڭ پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنى شەرھىلەش ۋە ئاۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەدەبىيات –تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭمۇ بارلىققا كېلىش ھەم تەرەققىي قىلىش جەريانى بولغان.

تەسەۋۋۇپ-تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى غايىۋى مەزمۇن، بەدىئىي سەنئەت ۋە ئوبرازلار سېستىمىسى جەھەتتىن يۈكسەك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ساھابىلىرى، ئەۋلىيالار، ماشايىخلار، سوپىلار ۋە قەلەندەرلەر توغرىسىدا كۆپلىگەن قىسسە، تەزكىرە ھەم داستانلارنى روياپقا چىقارغان. بۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى فەرىددىن ئەتتار (12-ئەسىر) نىڭ «مەنتىقۇت تەير» (قۇش نۇتۇقى) ، نەسىردىن رەبغۇزى (14-ئەسىر) نىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، ئابدۇراھمان جامى (15-ئەسىر) نىڭ «نەفەھاتۇل-ئۇنس» (دوستلۇق شاماللىرى)، ئەلىشىر نەۋايى(15-ئەسىر) نىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» (گۈزەللەر مەجلىسى) قاتارلىق ئەسەرلەردىن ئىبارەت.

مۇھەممەت سىدىق رەشىدىينىڭ «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» ناملىق يېڭى ئەسىرى تۈركى خەلقلەر،  جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن ساپ تەسەۋۋۇپىي-پەلسەپىۋى ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بەدىئىي تەپەككۇر تارىخىمىزنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن بېيىتقۇچى نادىر يادىكارلىقتۇر. ھالبۇكى ئەسەرنى ئەتتار «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» سىنىڭ تۈركىي تىلىدىكى ئەركىن تەرجىمىسى، دېگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس.

1999-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان «كونا شەرق يول باشچىلىرى»① ناملىق كىتابتا ئەسەر مۇئەللىپى ھامىدجان ھامىدى مۇھەممەد سىدىق ۋە ئۇنىڭ يېڭى تېپىلغان ئەسىرى «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى سىما بولغان كاتتا ئۆزبېك شائىرى، نەسىرى، تەرجىمانى ۋە ئالىمى مۇھەممەد سىدىق رۇشدى ھەم ئۇنىڭ ئىلمىي-ئەدەبىي مىراسى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا ئەدىب قوقان، ياركەنت، شەھەرلىرىدە: كاشىغەر، خوتەن دىيارلىرىدا ياشىغان. مەزكۇر تەزكىرەسىنى بولسا خوتەندە تۇغۇلۇپ، ياركەنت ھاكىمى بولغان خاجە كەفەكبەگنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يازغان. مۇھەممەد سىدىق بۇ ھەقتە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان:

قارىغاندا كۈرەشتىم تاغ بىلە،

قازدىم ئول تاغنى تىرناغ بىلە.

مۇھەممەد سىدىقنىڭ تەخەللۇسى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۆتمۈشتە بۇنداق تەخەللۇس قوللانغان شائىر ئۇچرىمايدۇ. بۇ جەھەتتىن «رۇشىدىي» ئۆزىگە خاس تەخەللۇس. لۇغەت مەنىسى <ھىدايەت> يەنى <توغرا يولغا كىرگەن كىشى> دېمەكتۇر. ئېھتىمال، «ئەدىب ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد (12-ئەسىر) ئىستىداتىغا ئىقتىدا قىلىپ مەزكۇر تەخەللۇسنى قوللانغان» دۇر.

بىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، گەپنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدا بايقالغان يېڭى بىر نامايەندە ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تونۇش بولۇپ كېلىۋاتقان 18-ئەسىردىكى يىرىك ئەخلاقشۇناس، مۇتەسەۋۋۇپ ئالىم مۇھەممەد سىدىق توغرىسىدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئوڭايلا بايقايمىز. يەنى يۇقىرىقى تەتقىقاتتىكى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيات –تۈركىي» ۋە ئۇنىڭ ئاپتورىغا ئالاقىدار بەزى بايانلارمۇ دىققىتىمىزنى تارتماي قويمايدۇ.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە مەنبەلەردە، ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىدىن 18-19-ئەسىرلەردە ياشىغان ئەرشى، زەلىلى، خىسلەت، ئەلى ئاخۇن ئارەزى، تەجەللى، تۇرسۇن مۇھەممەد ئەلەم غۇربىتى، مەھمۇد قارى، سۇلايماناخۇن (تەخەللۇسى:سېسىق) مىر ھەسەن سەبۇرىي (سەدايى؟)، خۇشھال غەرىبىي قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ قوقان ئەدەبىي مۇھىتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ياكى شۇ زامان پاراكەندىچىلىكى سەۋەبىدىن پەرغانىدە ياشاپ قالغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، مۇھەممەد سىدىقنىڭ مەلۇم ۋاقىت قوقاندا تۇرۇپ قالغانلىقىغا ئائىت ماتېرىيال يوق. مەلۇمات مۇئەللىپى بۇنىڭغا ئەسلى مەنبەدىن پاكىت كۆرسەتمىگەن ياكى بۇ كېيىنكى تەتقىقاتىنى كۈتىدىغان مەسىلىدۇر.

ئەمدى مۇھەممەد سىدىقنىڭ تەخەللۇسىغا كەلسەك، «رۇشىد » توغرا يول تېپىش، توغرا يولغا چۈشۈش، يېتىلىش» ③ مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بۇ سۆزگە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچى «ئى» قوشۇلغاندىكى «رۇشىدى» شۇ ھەركەتنىڭ ئورۇنلىغۇچىسىنى كۆرسىتىدۇ. لۇغەتلەردە بۇ سۆزگە «توغرا يول ياكى ئۆز يولىنى تاپقان،«يېتۈك،  باتۇر» دېگەندەك ئىزاھلار بېرىلگەن. گەرچە مۇھەممەد سىددىقنىڭ «ئىبنى رۇشىد ئىستىداتىغا ئىقتىدا قىلىپ مەزكۇر تەخەللۇسنى قوللانغانلىقى» نى تامامەن ئەقىلدىن مۇستەسنا قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى مۇئەللىمى ئابلىمىت ئەھەدنىڭ ئاپتورنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «سىددىقنامە» قوليازمىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئەدىبنىڭ تەخەللۇسى «مۇھەممەد سىددىق ئەل-مەلەققەب بىن-رەشىد (رەشىدى دەپ لەقەبلەنگەن) » بولغان . دېمەك، ئەدىبنىڭ تەخەللۇسىنى شۇنداق دەپ بىلىش ۋە تەتقىقاتلاردا مۇشۇنداق بىرلىككە كەلتۈرۈپ يېزىش مۇھەممەد سىددىق رەشىدىنىڭ ئەرەب، پارس تىللىرى ئالىمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيىتىگىمۇ، مەنبەشۇناسلىق ۋە تېكستولوگىيە ئىلىمىنىڭ قائىدىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ يۇقىرىقىلار 18-ئەسىر مۇئەللىپى ھەققىدىكى يۈزەكى مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ ئويلاندۇرىدىغىنى مۇھەممەد سىددىقنىڭ كەڭ كىتابخانىلارغا تونۇش بولغان ئەسىرى «سىددىقنامە» قوليازمىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى: «بۇ كىتابنى يېشىم يەتمىش بەشكە يەتكەندە» قەيت قىلىنغان. نەزمە:

قارىغاندا كۈرەشتىم تاغ بىرلە،

قازدىم تاغنى تىرناق بىرلە

دېگەن بېيىتنىڭ رەشىدىنىڭ بىز توختىلىۋاتقان يېڭى ئەسىرى-«تەزكىرەتۇل –ئەۋلىيات تۈركىي» نىڭمۇ يېزىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدىغان بېيىت سۈپىتىدە تەكرار ۋە ئوپمۇ ئوخشاش قوللىنىلغانلىقىدىن ئىبارەت.

ئەجىبا بىر ئاپتورنىڭ ئىككى ئەسىرىنىڭ قانداق ھالەت ۋە قانداق چاغدا يېزىلغانلىقىنى ئوخشاش بىر بېيىت ئارقىلىق ئىزاھلىشى مۇمكىنمۇ ياكى بۇ كاتىپلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن ئىككى خىل ئىسىم بىلەن ئاتالغان بىر ئەسەرمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا ئىزدەنگۈچىلەر ئېيتقاندەك، «سىددىقنامە» قوليازمىسى ناھايىتى چىرايلىق نەستەلىق خېتىدە كۆچۈرۈلگەن خېتى بولۇپ، چوڭ-كىچىك ماۋزۇ ۋە ئەرەبچە ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسى قىزىل سىياھدا يېزىلغان بولسا،« كونا شەرق يولباشچىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ رەشىدىگە بېغىشلانغان «ئىرپانى بىلىملەر قامۇسى» دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا،«تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركى» مۇ ئاجايىپ سىپتا قەغەزگە گۈزەل نەستەلىق خېتى بىلەن كۆچۈرۈلگەن. بايان تەرتىپى، ئايەت، ھەدىس ۋە نەقىللەر قىزىل رەڭدە يېزىلغان. ئومۇمەن قوليازمىلار 18-19-ئەسىرلەردە قەشقەر نەپس كىتابەت سەنئىتىنىڭ يارقىن ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان.

گەرچە بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە كۆچۈرۈلۈش تېخنىكىسىدىكى قىسمەن ئوخشاشلىقلار كىشىگە بۇلار بىر كىتابمۇ قانداق دېگەن تەسىرات بەرسىمۇ، لېكىن بىز دەسلەپتە ئىگىلىگەن بەزى پەرقلىق پاكىتلار بۇلارنىڭ مۇھەممەد سىددىقنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئىككى خىل ئىجادىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتللايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش مۇمكىن:

«سىددىقنامە» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى يۇقىرىقى بېيىت ( ئوخشاش) تىن كېيىن «ھىجرىيە مىڭ ئىككى يۈز (مىلادىيە  1785-1786ە) دە باشلىدىم. ئىككى يۈز بىر (مىلادىيە1787-1786) دە، زۇلقەئدە (مىلادىيە11 -ئاي) ئېيىنىڭ ئون بەشى ئازنا كۈنى تامامىغا يەتكۈزدۈم»، دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇ چاغدا ئاپتور يەتمىش بەش ياشتا ئىدى.«تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى يۇقىرىقى بېيىت (ئوخشاش) تىن كېيىن:

تۆت يىل ئوتتۇرىسىدا چەكتىم رەقەم،

نە ئىلىك ئارام ئالىپ،نە قەلەم.>>

دېمەك بۇ ئەسەر 1870-يىلى يېزىپ تاماملانغان.

«سىددىقنامە» باشقا بىر ئەسەر بىلەن بىرگە تۈپلىنىپ كۆچۈرۈلگەن. جەمئىي 102 ۋاراق. قوليازمىنى خوتەنلىك موللا مەقسۇد ئىسىملىك كاتىپ ھىجرىيە 1269-يىلى كۆچۈرگەن.

«تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» بولسا 382 ۋاراقلىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، قوليازمىنىڭ كاتىپى ۋە كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى نامەلۇم. ئەمما كىتابنى مۇقاۋىلىغۇچى سەييىد مۇھەممەد ئاتلىق كىشى بولۇپ،مۇقاۋىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابنى سېتىۋالغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇن مۆھۈرلەنگەن.

رەشىدى 1787-يىلى ۋەشمىگىرنىڭ ئەسىرىنى «تەرجىمەئى قابۇسنامە» نامىدا پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان. دېمەك، «سىددىقنامە»-«قابۇسنامە» تەقلىدىدە يېزىلغان ئەخلاقى-تەلىمى ۋە دىداكتىكىلىق ئەسەر. خۇلاسە شۇكى،ئوخشاش ھەسبى ھال بېيىتى ھەر ئىككى ئەسەرنىڭ مۇھەممەد سىددىق رەشىدى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدىكى بىر ئەسىرلىك پەرق بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. ئومۇمەن، ئەسەر ھەققىدىكى بايانلاردا مۇنداق ئىككى خىل خاتالىقنىڭ سادىر بولغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس: بىرى ،«تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» نىڭ يېزىلغان ۋاقتى «تارىخقا مىڭ ئىككى يۈز توقسان ئەردى» ئەمەس، بەلكى «تارىخقا مىڭ بىر يۈز توقسان ئەردى» بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئەسەر 1780-يىلى يەنە  «سىددىقنامە» دىن تەخمىنەن ئالتە-يەتتە يىل بۇرۇن يېزىلغان بولىدۇ-دە، بۇ مۇھەممەد سىدىق رەشىدىنىڭ 1710-يىلى تۇغۇلغانلىق ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ: ئىككىنچىسى، ئەسەرنىڭ 382 ۋاراق ئەمەس، بەلكى 382 بەت ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇلار كاتىپ ياكى «كونا شەرق يولباشچىلىرى» مۇئەللىپىنىڭ سەۋەنلىكىدۇر بەلكىم. بىز بۇنداق ئىلمىي مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ قوليازمىسىغا تايىنىش مۇھىم، دەپ قارىساقمۇ، ھازىرغىچە بۇ مەنبە بىزدە ئوچۇق ئېلان قىلىنمىدى. چەتئەل تەتقىقاتى ۋە ئەسەرنىڭ ئۆزبېكچە ۋارىيانتى ئارقىلىق مۇھەممەد سىدىق رەشىدىنىڭ مۇشۇنداق يېڭى ئەسىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۇق. ئۇنداقتا مەزكۇر تەزكىرەدە قانداق دىنىي-تەسەۋۇپىي مەزمۇننىڭ ئالغا سۈرۈلگەنلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەدىب ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق كۆرگەن. ئەتتار، جامى، نەۋايى ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە ئەرەبى ۋە فارىسى مەنبەلەردىن «شەرھۇل-قۇلۇب» ،«كەشفۇل-ئەسرار»، «مەغرىفەتۇل-نەفس» ھەم «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيا» قاتارلىق ئونلاپ كىتابلاردىن ئىجادىي پايدىلانغان. ئەسەر مۇقەددىمىسىدە مۇئەللىپ «ئەرەبى ئىبارەت» لەر ۋە «فارىسى ئەلفاز» بىلەن يېزىلغان كىتابلارنىڭ تۈركىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ مۇتائىلە قىلىشى ئۈچۈن ناقۇلاي بولۇش، زامانداشلىرى ئارىسىدا مۇقەددەس كىتابلارنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئالىملارنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەبلىك ئاممىباب ئۇسلۇبتا مەزكۇر ئەسەرنى يېزىپ چىققانلىقى تەكىتلەنگەن: رەشىدىنى ئىجادىيەتكە ئىلھاملاندۇرغان ئامىللارنىڭ يەنە بىرسى، ئۆز دەۋرىدە تاش-يۈرەك،مېھىر-مۇھەببەتسىز، نامەرد ۋە خائىن كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ ،«ماشايىخلار سۆزىنى ئەل-ئۇلۇسنىڭ ئۇنتۇپ» جەمئىيەتتە مەنىۋىي زەئىپلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىمۇ مۇھىم بىر سەۋەپ بولغان.

ماشايىخلار ھەققىدىكى بۇ كىتابتا ئىلگىرى كۆپ يېزىلغان پەيغەمبەرلەر زىكرىنى قوشسا ھەجىمىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى مەقسەت قىلغان مۇتەسەۋۇپ ئالىم ئەسەردە 95 ياش ئەۋلىيا توغرىسىدا توختىل 83 بۈزرۈكۋار بايانى بىلەن كۇپايىلەنگەن. بۇنىڭغا ئېھتىمال ياكى ئەدىبنىڭ ئرى يار بەرمىگەن ياكى كاتىبلارنىڭ «تاللاش» لىرى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

يېزىلىشچە «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» كۆپ جەھەتتىن ئورىگىنال ئەسەر بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باب ئىسىملىرى زىكرى تەرزدە ۋە ھەربىر باياندا ئاۋۋال توختىماقچى بولغان شەيخ-ئەۋلىيانىڭ پەن-مەدىنىيەت، دىن، ئەدەبىيات ئالىمىدە تۇتقان ئورنى، تەسەۋۇپنىڭ قايسى مەسلىكىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئىلمىي كامالى ۋە قايسى ساھالەر بىلەن شۆھرەت قازانغانلىقى نەسىرىي شېئىر (سەج) ئۇسلۇبىدا يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ئەۋلىيانىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى، بىلەن ئالغان شەھەرلىرى، ئۇستازلىرى، مەلۇم تەسەۋۋۇپى پىرقىگە قوشۇلۇپ، ئىشقىي ئىلاھىي يولغا كىرگەنگە قەدەر قىلغان ئىشلىرى، تارتقان رىيازەتلىرى ۋە تۆۋىسىگە سەۋەب بولغان غايىۋى ۋەھىيلىرى گۈزەل ئۇسلۇبتا بايان قىلىنىدۇ.

ئەدىب مۇھەممەد سىدىق باشتا كىتابخاندا مەلۇم شەخس ھەققىدە تەسەۋۋۇپ قوزغىتىپ، كېيىن«كەلتۈرۈبتۇرلەركىم» باشلانمىسى بىلەن شۇ كىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى: «نەقىل قىلىبدۇرلەركىم»،«نەقىلدۇركىم»،«دەبتۇرلەركىم» كىرىتمىلىرى بىلەن ئۇنىڭ سەبداشلىرى، مۇرىدلىرى ۋە زامانداشلىرىنىڭ سۆھبەتلىرى، خاتىرىلىرى ھەم ھېكايىلىرىنى شەرھىلەپ ئىلمىي ئەسەرنىڭ بەدىئىي جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاندىن «دەبتۇر» باشلانمىسى ئارقىلىق باياننى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر ماشايىخنىڭ ھەدىسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن پەندى-نەسىھەتلىرى، دىنىي چۈشەنچىلەر، تەسەۋۋۇپ تەلىماتىغا ئائىت مۇلاھىزىلىرى ۋە ئىبرەتلىك خۇلاسىلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن. بۇنداق ئوبرازلىق ئەقلىي يەكۈنلەر ۋە پەلسەپىۋىي ماقالىلەر تىپىك شەرقچە دانىشمەنلىكنىڭ سەمەرىسى بولۇپ، ئۇ ئالەمچە ھېكمەت ۋە غايىۋى ئېستىتىك مەزمۇننى ئىپادىلىگەن. شەيخ سەمنۇن مۇھىب تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن رەشىدىنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى تەبىرى پىكرىمىزنىڭ جانلىق دەلىلى: «تەسەۋۋۇپ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، سەن ھېچكىمنىڭ مۈلكى بولمىغايسەن ۋە ھەرقانداق نەرسىمۇ سېنىڭ مۈلكۈڭ بولمىغاي! »

ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكنى بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر مۇقەددەم، شۇنچىلىك مەنىلىك،دادىل، چوڭقۇر ۋە دۇنياۋى پەلسەپە يۈكسەكلىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇش پەقەت تەسەۋۋۇپ مۇتەپپەككۇرلىرىغا خاس بولغان تەپەككۇر تېرەنلىكى ۋە ئىسيانكارلىقى ئىدى. بۇ ھازىرقى زامان ئىنگلىز تەسەۋۋۇپشۇناسى تېرىمىمىنگىمنىڭ تەسەۋۋۇپقا بەرگەن «ھازىرقى ۋاقىتتا تەسەۋۋۇپقا مەلۇم بىر ئۆلچەم بىلەن ئېنىق تەبىر بېرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى پەندە پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ، كۆپ يۆنىلىشكە ئىگە ۋە ھەددىدىن تاشقىرى رەڭگارەڭ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى، جۈملىدىن ئىسپانىيە، سېتسىلىيە ھەمدە بالقانغا كەڭ تارقالغان بۇ دۇنيا قاراش ھەققىدە مەلۇم بىر خۇلاسە شەكىللەنگەن ئەمەس» ⑧، دېگەن تەبىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما، ئەلۋەتتە!

كېيىن رەشىدى بىزگە كۆپلىگەن پىر-ئەۋلىيالارنىڭ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. بۇلاردىن ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى، جۈملىدىن شېئىرىيتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە خوتەن قارا سايدا مازىرى بار دەپ قارالغان تەسەۋۋۇپلار پىرى ئىمام جەئفەر سادىق (765-699) نىڭ بارچە زامانلار، جۈملىدىن ھازىر ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك دېداكتىكىسىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.«بەش كىشىنىڭ سۆھبىتىدىن ھەزەر قىل؛ ئاۋۋال يالغانچى، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتتە بولساڭ، ھەمىشە پۇشايمان يەيسەن؛ ئىككىنچى، ئەخمەق ۋە ساددا كىشى. پايداڭغا ئىش قىلماقچى بولىدۇيۇ، ئەمما ئەھۋال ھەمىشە زىيىنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؛ ئۈچىنچى، بېخىلكىم، ھەل قىلغۇچ ۋاقىتتا ساڭا ئەسقاتمايدۇ. تۆتىنچى، قورقۇنچاقلار، جانغا كۈچ كەلگەندە سېنى تاشلاپ قاچىدۇ؛ بەشىنچى، ئىمانسىز پاسىقلار. بىر لوقمىنىڭ تەمەسىدە سېنى يېرىم لوقمىغا ساتىدۇ» .

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى،«مۇئەللىپ نەسىھەت ۋە پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلەردىن كېيىن مۇرشىدنىڭ ئۆلۈم جەريانلىرىنى يازىدۇ. ئاندىن شاگىرتىنىڭ ھەرخىل چۈش مەنزىرىلىرى تەسۋىرى ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھى تەقدىرىنى كۆرسىتىپ، ھەربىر كىشى ھەققىدىكى باياننى باش-ئاخىرى ماسلاشقان، نىسپى مۇستەقىل ھېكايە دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئىبراھىم ئەدھەم، بايەزىد بەستامى ۋە ئەبۇل ھەسەن ھەرەقانىيلار زىكرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

بۇلاردى باشقا «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» دە تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلىم-پەننىڭ مەلۇم ساھەلىرىدە ئەسەر يېزىپ، ئۇستازلىق دەرىجىسىگە يەتكەن، رېئاللىقتىن ھالقىغان كۈچ ۋە ئىلاھىي قۇدرەتكە ئىگە زاتلاردۇر. مەسىلەن، ھەكىم ئەت-تىرمىزى ئىلمۇ-ئەمەل، پەلەكىيات، ھايۋاناتشۇناسلىق ۋە تەپسىر ساھەسىدە كىتابلار يېزىپ «ھەكىم ئەل-ئەۋلىيا» ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان. رابىيە ئەدەۋىيە يېگانە ئايال ئەۋلىيا بولۇپ، سېھىرلىيەلەيدۇ ۋە مۇئەللەقتە تۇرالايدۇ. ئەبۇ تۇراپ نەقشەبى قولىنى تۆمۈرچىلەر ئوچىقىغا تىقالايدۇ ۋە پۇتى بىلەن سىزغان بۇلاقلار قايناپ چىقىدۇ. ھەبىب ئەجەمى ۋە ئىبراھىم ئەدھەملەر سۇ بىتىگە دەسسەپ سەريادىن ئۆتەلەيدۇ، دەرەخنى ئۆزى بىلەن ماڭغۇزالايدۇ. ھەسەن بەسىرى،بايەزىد بەستامىلەر روھشۇناسلىق ئىلمىگە كامىل بولۇپ، بولغۇسى ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. ئەبۇل ھەسەن ھەررە قانى شىر،ئىلان،يولۋاسلار بىلەن ياشىيالايدۇ، دەرەخنىڭ ئۇچىدا تۇرۇپ يەردىكى پالتىنى ئالالايدۇ. ئۇلار ئۇچقۇر ئاياغلار بولۇپ قىسقا ۋاقىتتا بىردەم ئۇ شەھەردە بولسا، بىردەم بۇ يۇرتتا يۈرەلەيدۇ. مەنسۇر ھەللاج قول ئىشارىسى بىلەن پاختىنى چىگىتتىن ئايرىيالايدۇ ياكى ئۇنى مامۇققا ئايلاندۇرالايدۇ. بەزى شەيخلەر ئارىفلارنىڭ كۈندە بىر قېتىم، مۆمىنلەرنىڭ ئىككى قېتىم ئوزۇقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.بىر شەيخ يەتتە دانە ئۈزۈم يېيېش،باشقا بىرسى ئالمىنى ھىدلاش بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇلار نازاكەت بابىدىمۇ ئۈلگىلىك ئىسانلار بولۇپ،بايەزىد بەستامى تائەت

-ئىبادەتنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن مەسجىدكە بارغۇچە گېلىنى قاقمىغان، ھەتتا ياراتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى زىكرى قىلىشتىن ئاۋۋال ئاغزىنى سۇ بىلەن چايقىغان.

ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ خۇداگۇيلار ئۆز تەرىقىتى ۋە مەزھىپىنى باشقىلارغا مەجبۇرلىمىغان. بەزىلىرى پۈتۈن ئۆمرىنى شاگىرىت تەربىيەلەشكە سەرپلەپ، ئۇلارنى «ئۇچار قۇشلىرىم » دەپ تەرىپلىگەن. تېخىمۇ ھېكمەتلىكى، بۇ پەدەرى بۈزرۈكۋارلارنىڭ كۆپچىلىكى قپلى گۈل كەسپى ئۇستاكارلار بولۇپ، مۇرىد ياكى زاكاتچىنىڭ ئىنئامىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمگىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان.—ھەر بىرىگە بىردىن ھۈنەر ئۆگىترىشىمدىكى بائىس، مەندىن كېيىن قالسا پالانىنىڭ ئوغلىمەن دەپ يورۇق يۈزى بىلەن ياشغاي! ئەلنى غاجاش ياكى تەمەگەرلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ روزىغاي تەۋرەتكەي!

ئايرىم شەخسلەرنىڭ تەڭرى يادى ياكى جەننەت ئۈمىدىدە ئۆزلەتتە ئولتۇرۇشنىڭ سەۋەبى، ئەينى دەۋرنىڭ سىياسى-ئىجتىمائىي كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن شۇ يول بىلەن تۈگىمەس جەبرى-زۇلۇملاردىن تەسكىن تاپماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم باسقۇچلۇق تەھسىل پىلانىنى مەقسەت قىلغان.

مۇھەممەد سىدىق رەشىدى ئۆز تەزكىرىسىدە شەرقنىڭ پەلسەپىۋى، دىنىي قاراشلىرى، جۈملىدىن تەسەۋۋۇپ تەلىماتى ۋە ماھىيتى ھەم ئۇنىڭ يۈزلەپ لۇغەت مەنىلىرى ھەققىدە كەڭ مەلۇمات بېرىدۇ. «كىتابنى ئوقۇسىڭىز،-دەپ يازىدۇ تەتقىقاتچى،- دانىشمەن ماشايىخلار بايانلىرى ئارىسىدا شەرىئەت، زاھىد-تەقۋا، پەرھىزكارلىق، رىيازەت، ئىما-ئىشارەت، كارامەت، تەۋھىد، ۋەھدەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ھەقىقەت كەبى تەسەۋۋۇپ بىلىملىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلار؛ ئۇۋەيسلەر،مالامىتىيلەر، تەيفۇرلار ۋە ئاھىيلار كەبى مەزھەبلەر بىلەن يېقىندىن يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىسىز، ماتېرىياللاردا ئاندا-مۇندا ئۇچراپ قالىدىغان مۇرشىد-مۇرىدلىق، زاھىدلىق، دەرۋىشلىك، سۇپىلىق، ئارىفلىق، كامىللىق، مۇرىۋەتلىك، جۇمەردلىك ۋە شەيخلىق قاتارلىق تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ئىستىلاھلىرىنى چۈشىنىۋالالايسىز» .⑨

ئەمدى ئۆلىما ئالىم مۇھەممەد سىددىقنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە كەلسەك، مۇئەللىپ ئەينى دەۋرنىڭ يېتۈك شائىرى، ۋارىسى، بىلىمدانى، تەسەۋۋۇپشۇناسى ۋە تىلشۇناسى بولغاچقا، «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيات-تۈركىي» دە ئىقتىباس قىلىنغان ئەرەبچە، پارسچە شېئىرلارنى ئۇيغۇرچىغا ئەسلى ۋەزنى بويىچە تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارۇز نەزەرىيەسى جەھەتتىكى بىلىمى ۋە ئىلمىيلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. تۈركىيگۇي ئەدىب سۈپىتىدە ئۇچرىغان ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنى ئۆز جايىدا ئىزاھلايدۇ ياكى شۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە تەڭدىشىنى قويىدۇ. مەسىلەن، « نەزارە» سۆزىنى «قارىماق»،« ۋاستىچى» سۆزىنى «ئارىچى»،« باغۋەن» ئىبارىسىنى «مېۋىچى» مەنىداشلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. كىتابتا يەنە يۈزلەپ ئېتنوگرافىك نام ۋە جۇغراپىيىلىك ئاتالمىلارنىڭ ئېتىمۇلوگىيىسى ۋە مەنىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئالىدىغان بولساق،« ئەجەم» ئاتالغۇسى ئىلمىي رىسالىلەردە ۋە ئىزاھلىق لۇغەتلەردە «ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر-تۈركىيلەر ۋە تاجىكلار...»⑩، دەپ شەرھلەنگەن بولسا، « تەزكىرەتۇل ئەۋلىيات-تۈركىي» بۇ سۆزگە تېخىمۇ كونكرېت، جانلىق ۋە فولكلورىستىك چۈشەنچە بەرگەن. رەشىدى بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: «بەسرەلىك شەيخ ئەبۇ شەقانىنى خەلق ھەبىب ئەجەم دەپ ئاتايدۇ. ئەبۇ شەقامۇ ئۆزىنى مەن <ئەجەمى> يەنى تۈرك مەن (تۈرك)، قەلبى ئەرەبى، دەپ خىتاب قىلغان. < ھەبىب> بولسا خۇدانىڭ دوستى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ». دېمەك،«ئەجەم» دىن ئىبارەت قەۋملەر ئېتنونىمنى ئەرەبلەردىن باشقا تۈركىيلەر ۋە تاجىكلار...دەپ ئەمەس، ئومۇمەن ئەرەب بولمىسىمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خەلقلەر، دەپ تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىش توغرا ۋە مۇكەممەل بولسا كېرەك. بۇ نۆۋىتىدە بىزنىڭ نەۋايىنىڭ «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ئەسىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق.«تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» نىڭ لېكسىكىسى باي، ئىستىلىستىكىسى ماھارەتلىك بولۇپ، بۇ جەھەتتىن مۇھەممەد سىدىق رەشىدىنى كىلاسسىك ئۇيغۇر نەسىرى ۋە تارىخىي ھېكايىچىلىق ژانىرىنىڭ ماھارەتلىك ئۇستازى، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. نەقىل ۋە رىۋايەتلەردە خەلق ئېغىز ئىجادىغا خاس فىرازىلوگىيلىك بىرىكمىلەر، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش ۋە تەجنىسلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا « زار-زار چۇن ئەبرى نەۋباھار يىغلىدى» ، «ئۆمۈر كېمىسى ئەجەل گىردابىغا يەتتى»،«ئالەمى پانىدىن دەرۇل بەقاغا رېھلەت قىلدى»،«مەرىپەت دەرىخىنى پىكىر-ئەندىشە سۈيى بىلەن سۇغاردى»،«ھەيرەت بارمىقىنى چىشلىدى» قاتارلىقلار مىسال.

ئاپتور ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى شەيخلەر مەدھىيەسى بىلەن خاتىمىسىدىكى ماشايىخلار مۇناجاتىدا سەج(قاپىيىلىك نەسىر) سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان. بايانلاردا دەبدەبە ۋە سۆز ئويۇنى قىلىشنىڭ ئورنىغا سۆز-جۈملىلەرنىڭ مېغىزلىق بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. نەقىل دىيالوگلىرىدىكى پىكرى تېرەنلىك بىزنى شۇنچىلىك جەلىپ قىلىدۇكى، خۇلاسىگىچە نەپسىمىز جىددىيلىشىپ، كېيىن ئالەمچە ھىكمەت دېڭىزىغا غەرق بولىمىز.

سوپىلار دۇنيانى سىمۋول ۋە مەجازلار ئارقىلىق شەرھلىگەچكە بەزى پەلسەپىۋى ئابستىراكىتلىق ھەم ئىشارىۋى تەلقىنلەرنى ئىدراك قىلىش قىيىن. بۇنداق ئەھۋاللارغا رەشىدى مەسئۇلىيەت بىلەن ياندىشىپ، ئۆز قاراشلىرىغا قانائەتمىگەنلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەرەبچە، پارسچە مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئەدىبنىڭ يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە پاراسەت ساھىبى ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىدۇ. شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، كىتابتا باياب قىلىنغان پىر-ئەۋلىيالار ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا كامال تېپىپ، مەنىۋىيەتنىڭ رەۋنەقى ئۈچۈن تۆھپە ياراتقان، ئەمما ئىسىملىرى ئەتتارنىڭ «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» (يەتمىش ئىككى شەيخ زىكرى بار)، ئابدۇراھمان جامىينى « نەفەھاتۇل-ئۇنس» 616(مۇتەسەۋۋۇپ سۆزلەنگەن) ۋە دەۋلەتشاھ سەمەرقەندى (1435-1495) نىڭ «تەزكىرەتۇل-شۇئەرا» (155 شائىر بايان قىلىنغان) سىغا كىرگۈزۈلمىگەن نامايەندىلەرمۇ بار. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا رەشىدىنى ناۋايىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئۇلۇغ تەزكىرىچى، مەزكۇر ئەسەرنى تەزكىرىچىلىك تارىخىمىزنى بېيىتىش رولىنى ئوينىغان مۇنەۋۋەر مەنبە دېيىشكە ھەقلىقمىز.

مۇھەممەد سىدىق ئۆز-پىكىرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە دەلىللەپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن رۇداكى، فىردەۋسى، ھافىز شىرازى، سەئىدى قاتارلىق شەرق كىلاسسىكلىرىدىن نەقىل ئالغان.گەرچە «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» ساپ تەسەۋۋۇپى-نەزىرىيىۋى ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەخلاقى، تەربىيەۋى ۋە ئەدەبىي ئەھمىيىتى زور. ئۇنىڭدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل ۋە ھەدىسلەر ئىبرەت ھاسىلاتى، ئەقىل مېۋىسى سۈپىتىدە بىزنى ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەشكە، كامىللىق مەقامىغا ئېرىشىشكە، مۇراد-مەقسەد يولىدا ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە، كىشىلىك باراۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ.

بېرتېلس (1890-1957) «سۇپىزم ۋە سۇپىستىك ئەدەبىيات» ناملىق ئەسىرىدە «تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇسۇلمان شەرقىنىڭ مەدەنىي ھاياتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئېيتقاندەك، ئاخىرقى دەۋرلەر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ گويا تاللانمىلار كىتابى بولغان «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» ئۇيغۇر

بەدىئىي تەپەككۇر ئەنئەنىسى ئۇپۇقىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك دەۋرلەردىكى پەلسەپە-ئىجتىمائىي پىكىرلەر تارىخىمىزنى بېيىتىدۇ. فىلولوگىيە پېنىمىزنى تېخىمۇ كەڭ مەۋقەدە تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن زېمىن

 ھازىرلايدۇ.

رەشىدىنىڭ قوليازمىسى ھەمدە ئاپتور ھاياتلىقىدا ئونلاپ كىرىتمە، تۈزىتىشلىرى بىلەن تەھرىرلىنىپ قەشقەردە كىتاب قىلىنغان، دەپ قارالغان نۇسخىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بايقىلىشى «تەزكىرەتۇل-ئەۋلىيات تۈركىي» (رەشىدىنىڭ «سۇلتانۇل ئەۋلىيا» دەپ ئاتالغان ئابدۇقادىر جىلانى ھەققىدە يېزىلغان يەنە بىر ئەسىرىنىڭ بارلىقىمۇ مەلۇم) نىڭ شىنجاڭدا باشقا قوليازما ۋارىيانتلىرىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمايدۇ ھەم بىزنى ھەرۋاقىت ئەدەبىياتىمىزغا يېڭى تۆھپە بولۇپ قوشۇلغۇسى مەزكۇر ئەسەرلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى دىققەت مەركىزىمىزدىن مۇستەسنا قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

 

ئىزاھات:

①②⑨ ھامىدجان ھامىدى:« كونا شەرق يولباشچىلىرى» ،تشكەنت،1999 -يىلى نەشرى،294-295-،297،301-بەتلەر

③④⑩ «ئۆزبېك كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئۈچۈن قىسقىچە لۇغەت» (پەرسا شەمسىيىف قاتارلىقلار نەشىرگە تەييارلىغان)، تاشكەنت،1953-يىلى نەشرى،281،274،13-بەتلەر

⑤⑥⑦ ئابلىمىت ئەھەد: «مۇھەممەد سىدىق رەشىدى» ۋە «سىددىقنامە» ، شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى،2000-يىللىق 6-سان،52-بەت

⑧سۇلتانمۇرات ئالىم: «نەقىشبەندى ۋە نەۋايى» ، تاشكەنت، 1996-يىلى نەشرى،52-بەت

⑨بېرتېلس: «سۇپىزم ۋە سۇپىستىك ئەدەبىيات» ، موسكۋا، 1965-يىلى نەشرى،54-بەت

 

ئاپتور:شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستۇتىدا

 

تەھرىرلىگۈچى:ئوسمانجان مۇھەممەت

مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 934 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-28