ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر >

باي ناھىيىسى

باي ناھىيىسى


باي ناھىيىسىنىڭ باي دىگەن نامى ھەققىدە قىسقىچە مەزمۇنى:باي ناھيىسى يىپەك يولىغا جايلاشقان  ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى جاي بولۇپ، ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغىنىغا  (2011-يىلىغىچە) 129يىل بولغان بولسىمۇ،باي دىگەن بۇ يەر نامىنىڭ قاچان قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىلمى ئاساسقا ئىگە، قايىل قىلارلىق،بىرلىككە كەلگەن بىر چۈشەنچە ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلمايۋاتىدۇ.بۇ ماكاندا ياشىغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى بىلىشى زۆرۈر ھەم ھەقلىق.   بۇ ماقالىدە باي ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول   يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقى ،بۇ جاينىڭ ئەينى زاماندا قايسى بەگلىككە تەۋە  زىمىن ئىكەنلىكىبايان قىلىنىپ، باي دىگەن نامنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقى،كىم تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالغانلىقى،بايدىگەن سۆزنىڭ قانداق مەنالەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇلاھىز قىلىنىدۇ.

 ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:    يىپەك يولىنىڭ ئاساسى لىنىيىسىگە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان باي ناھيىسى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ،ئومۇمى يەر مەيدانى 19100كۋادرات كىلومېتىر.ئۇ شىمالداتەڭرى تېغى ئارقىلىق  موڭغۇلكۈرە،تېكەس ناھيىلىرىگە،،جەنۇپتا چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھيىسىگە تۇتىشىدۇ،غەرىپتە ئونسۇ ناھيىسى بىلەن ،شەرقتە كۇچا ناھيىسى بىلەن خوشنا.       

باي ناھيىسى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،تاغ دەريالىرى گۈزەل،تۇپرىقى مۇنبەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، قېزىلما بايلىقلىرى كۆپ ،گۈزەل ، باي بىر ماكان.بۇ جاينى كىشىلەر ئەزەلدىن باي يۇرت دەپ تەرىپلىشىدۇ . گىولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ناھىيە تەۋەسىدىن ھازىرغىچە   يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، نېفىت،سۈرمە،تۇز،  قۇرۇنتاش، گېپىس،تەببى گاز  قاتارلىق 63 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى 1).مۇزات،قاپسىلاڭ،تەلۋىچۈك،قاراسۇ،قىزىل قاتارلىق 5 دەريا پۈتۈن ناھيىنى مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن قىزىل سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلۇپ،كۇچا توقسۇ ناھيىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.باي ناھيىسىنىڭ داۋانچى يېزىسىدىنلا  24نېفىت قۇدۇقى قېزىلىپ، يىلىغا500مىڭ توننا نېفىت ئېلىنماقتا.قىزىل يېزىسىدىكى《قارا 2-گازلىقى غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە يەتكۈزۈشتىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر(2).ئۇنداقتا بۇ يەردە ياشايدىغان  مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتا بۇ جاينى قانداق نام بىلەن ئاتىغان؟《باي》دىگەن نام قاچاندىن باشلاپ قوللۇنۇلغان؟《باي》دىگەن سۆز قانداق مەنالەرگە ئىگە؟ باي خەلق چۆچەكلىرىدە رىۋايەت قىلىنىشقچە،زامانى ئەۋۋەلدە باي سۇلىرى مول، ياپ-يېشىل ئوت-چۆپ يەلپۈنۈپ تۇرغان،يايلاقلىرى مال-چارۋىلارغا تولغان. پۇقرالىرى ئىناق- ئىجىل ئىشچان،تۇرمۇشى باياشات  بىر ماكان بۇلۇپ،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يۇرتتا قەھەتچىلىك يۈز بىرىپ،پۇقرالار تىرىكچىلىك ئىزدەپ يۇرتنى تاشلاپ سىرىتلارغا چىقىپ كېتىپتۇ.بۇ يۇرتتىن چىقىپ كىتىپ،كۇچادا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان  پالتاخۇن ئىسىملىك بىر بوۋاي ئوغلى تۇرسۇنغا بىر ئامال قىلىپ، ئۆز يۇرتىڭنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشقىن دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.پالتاخۇننىڭ ئوغلى تۇرسۇن تاش قاچىلانغان 120تاغارنى 40خېچىرغا يۈكلەپ،يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ:«كىمدە-كىم ئۆز يۇرتىغا قايتىپ تېرىقچىلىق قىلىپ  3يىل قاتتىق ئىشلىسە بىر خېچىرلىق ئالتۇن-كۈمۈش ئىنئام قىلىنىدۇ »دەپ جاكارلاپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر يۇرتىغا قايتىپ پۈتۇن ۋۇجۇدى بىلەن قاتتىق ئىشلەپ تاغارلىرى ئاشلىققا،باغلىرى مىۋە-چىۋىگە،يايلاقلىرى پادىغا تولۇپتۇ.تۇرسۇناخۇن يۇرت ئاقساقاللىرىنى يىغىپ:«جامائەت تەر تۆكۈپ تاپقان ھوسۇل ئالتۇن-كۈمۈش دىگەن شۇ،مېنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك ئالتۇنلىرىم يوق »دەپ ئۆزىنىڭ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جامائەتنى ئالدىغانلىقىنى ئىقرار قىپتۇ.جامائەت ئالدانغىنغا غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن يۇرتنى باي قىلغانلىقىغا رازى بولۇشۇپتۇ،ئۇزاق زامان نامرات ئۆتكەن بۇ يۇرت شۇنىڭ بىلەن 《باي》دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.  يۇقارقى رىۋايەتتىكى   تۇرسۇناخۇننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ يۇرت باي بولۇپ،كېيىن باي دەپ ئاتىلىپ قالغانلىق- بىر رىۋايەتتىن ئىبارەت،بۇنى پەقەت بۇ يۇرتنىڭ باي-باياشاتلىقىدىن خەلق ئېغىزىدا بارلىققا كەلگەن رىۋايەت دەپ چۈشىنىشكىلا بولىدۇ.  ئۇنداقتا بۇنام كىم تەرىپىدىن قويۇلغان؟      

 《 باي》دىگەن نام تۇركچە  باي باياشات،ئاۋات دىگەن مەنىلەرگە ئىگەبولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەنزوڭ زامانىسىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى( قاغانى) سۈيىنگىل بۇ جاينى ئىگەللىگەندە بۇ يەرنىڭ ھەر خىل بايلىقى مول،ئادىمى زىچ ماكان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا《باي》 دەپ نام بەرگەن (3). تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا،باي ئىككى شەھەرگە ئايرىلغان بولۇپ، غەرپتىكىسى- ئارىيان (باي)شەھرى،شەرقتىكىسى سايرام شەھرى دەپ ئاتالغان ۋە ھەر ئىككىلىسى قۇم ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.كېيىنرەك كۈسەنگە قوشۇۋېتىلگەن.سوڭ سۇلالىسى دەۋ رىدە لىياۋغا(كىدانلارغا) قارىغان،يۈەن،مىڭ سۇلالىرى دەۋرىدە بەشبالىق(جىمىسار) غا قارىغان،چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ تۆتىنچى يىلى (1872-يىلى)ئىككىلا شەھەردە خەيرىيەت ئىشلىرى ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان.  گۇاڭشۈينىڭ سەككىزىنچى يىلى(1882-يىلى)7-ئايدا ئىككى شەھەر قوشۇۋېتىلىپ باي ناھيىسى تەسىس قىلىنغان(4). يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈيىنگىل قاغان- ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى (قاغانى)كۆلبېلگەبولۇپ،كۆلبېلگە  ئۆزىنى  قۇتلۇق بېلگە قاغان دەپ ئاتىغان،سۈيىنگىل دىگەن نامنى تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن تارتۇق قىلغان (5) .    كۆلبېلگە (骨力裴罗) غەربى رايوندىكى داڭلىق سىياسىيون، ھەربى ئالىم ،ئۇ  دەسلەپتە بىر كىچىك قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.كېيىن نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ،ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئۆز كۈچىنى تەدرىجى زورايتقان. كۆلبېلگە باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى تارمار قىلىپ، تىيەنباۋنىڭ 3-يىلى (مىلادى744-يىلى)ئۇيغۇر دۆلىتىنى رەسمى قۇرۇپ، ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ،ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىنى پايتەخت قىلغان. كۆلبېلگە مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن بولۇپ،تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا« سۈيىنگىل »(يەنى دىيانەتلىك قاغان)دەپ نام بەرگەن(6 ئۇيغۇر  ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگە باينى ئىگەللەشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ بۇ يەرنى قانداق نام بىلەن ئاتىغانلىقى ھەققىدە تارىخى ماتىرياللاردا خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.ئارىيان شەھرى دىگەن نامنىڭ  باي دىگەن ئىسىم بىلەن تەڭ قوللۇنۇلغانلىقى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قوللۇنۇلغانلىقى  ھەققىدىمۇ خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.لېكىن كۆلبېلگە باينى ئىگەللىگەندىن كېيىن يەنى مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە بولغان 3يىل ئىچىدە بۇ جايغا «باي»دەپ نام بەرگەن .شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن پۇقرالار بۇجاينى خان  قويۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەن ئاتاپ كەلگەن.تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى يازمىلىرىدىمۇ شۇ نام بىلەن خاتىرلەنگەن.  دىمەك،ئۇيغۇر  ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگە يەنى قۇتلۇق بېلگە قاغان تەخىتتە ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى يىلى يەنى مىلادى 747-يىلى بايغا «باي»دەپ نام بەرگەن دەپ ھىساپلىغاندا،2010-يىلىغىچە «باي»دىگەن يەر نامىنىڭ پەيدا بولغىنىغا 1263يىل بولغان بولىدۇ.        拜 "> –باي دىگەن ئۇيغۇرچە يەر نامىنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى يەنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،خەنزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئاخىرسىغا شەھەر(城)  دىگەن خەت قوشۇلۇپ،拜城دەپ ئاتىلىپ،بۇ جاينىڭ خەنزۇچە نامى قىلىپ قوللۇنۇلغان.   يۇقۇرىدىكىلەردىن باشقا يەنە《باي》ناھيىسىنىڭ بايخان شەھرى دىگەن نامىمۇ بار،لىكىن  ئارىيان شەھرى،بايخان شەھرى دىگەن ناملار ھەققىدە تارىخچى ئۇستاز ۋە كەسىپداشلارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىنى سورايمەن.   ( دوناي)         (پوچتا نومېرى:842300) ئادرېسى:  باي ناھىيە ئازاتىق يولى32  ئىزاھ: ①باي ناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《باي ناھىيە تەزكىرىسى》(拜城县志)5-بەت . ②1986-يىللىق 《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴)گە قاراڭ. ③《باي ناھيىسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى》 (拜城县地名图志)خەنزۇچە 1-بەت. ④1986-يىللىق 《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴) . ⑤ 《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى》(新疆社会科学研究)ئۇيغۇرچە نەشرى 1998- يىل 3-سان29-بەت  . ⑥باي ناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ،جۇڭگو مەدەنىيەت  نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《拜城人物传》 خەنزۇچە 1- قىسىم168-بەت 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 730 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-28