سەنجەر مازى خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى


سەنجەر مازى خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

 

چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى بەشكېرەم بوستانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قازئېرىق كەنتىدە سەنجەر مازى خوجام مازىرى ناملىق بىر مەشھۇر مازار بۇلۇپ، ئۇ مازاردا ياتقان كىشى خەلقىمىزنىڭ جانلىق تىلىدا «سەنجىر مازى خوجام»  ياكى « زەنجىر مازى خوجام » دېگەن نامدا ئاتىلىپ كەلمەكتە.

خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن تارىخىي ماتېرىياللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئەينى دەۋىردىكى بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ مەركىزى بولغان «قاز ئېرىقتا ئورۇن تۇتۇپ ياتقان سەنجەر مازى خوجام قاراخانلار دەۋرىدە قۇرۇلغان ‹ساجىيە› مەدرىسنىڭ نوپۇزلۇق مۇدەررىسلىرىدىن بولۇپ، كۆپ تالىپلارنى يېتىشتۈرگەن ۋە كىتاب يازغان ئۆلىما كىشى ۋە شائىر ئىدى، دېگەن رىۋايەت بار» ① بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر قازئېرىق كەنتىدە يەنە سىدىق بۇغراخان مازىرى بولغانلىقى، شۇنىڭدەك قازئېرىق كەنتىگە يانداش كەنىتلەردىن بۇچا كەنتى بىلەن چۇمبۇس كەنتىدە ئابدۇللا بۇغرا مازىرى بىلەن ئوسمان بۇغراخان مازىرى قاتارلىق قاراخانلار دەۋرىگە تەئەللۇق مازارلارنىڭ بولغانلىقىدەك ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ، سەنجەر مازى خوجام مازىرى بولسا، دەل مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق كاتتا ئەسىرىدە «ئۇستازىم» دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف قەشقەرىنىڭ ② مازىرى دەپ قارايدىغانلارمۇ بولغان. شۇڭا 1989-يىللىرى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى جەرياندا توپلانغا ماتىرياللارغا ئاساسەن 1982-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ  تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىبراھىم مۇتئى بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان تەرىپىدىن يېزىلغان«ھەزرىتى موللام» مازىرىنى نۇقتا قىلىپ ئوپالدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن دوكلات»نىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشىغەرىي تىلغا ئېلىنغاندا «بۇ زاتنىڭ مازىرى قەشقەر قازئېرىقتا دېيىلىۋاتىدۇ» ③ دەپ ئىزاھلىغان.بىراق خەلقىمىز ئىچىدە سەنجەر مازى خوجام مازىرىدىكى زاتنىڭ ئىسمى «سەنجەر»بۇلۇپ، «ماز» دېگەن شەھەردىن يۇرتىمىزدىكى ئىسلامىيەتنى كېڭيتىشكە ياردەم بېرىشكە كەلگەن.ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئادەت بويىچە «سەنجەر مازىرى» دەپ ئاتالغان ھەم كېيىچە قەبرىسى مۇشۇ جايدا قالغان.شۇڭا بۇ مازار ئۇ مۇبارەك زاتنىڭ نامىغا باغلىنىپ،« سەنجەر مازى خوجام مازىرى» دەپ ئۇلۇغلانغان دەيدىغان رىۋايەتمۇ بار.دەرھەقىقەت، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە دۇنيا يەر ناملىرى لۇغىتىدىمۇ «ماز»(马兹) ياكى «مازې» (马泽) دەپ ئاتىلدىغان يەر ناملىرىنىڭ مەۋجۇدلىقى ④؛ ئەينى دەۋىردە، يەنى تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بۇلۇپ 10 يىلدىن كېيىن، ئۇدۇن(خوتەن) ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا يېنىۋالغانلىقتىن، قەشقەردىكى ئىسلام قۇشۇنلىرى بىلەن ئۇدۇندىكى بۇددا قۇشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ بولغانلىقى، شۇ چاغدا ئىسلام قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن خارەزم، ئەنجان، ئوش، شاش، تەبرىز، كاسان قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن پىدائىي كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىر مۇنچىللىرى جەڭدە قۇربان بولۇپ، جەسەتلىرى مۇشۇ تۇپراقتا قالغانلىقى ⑤؛ شۇنىڭدەك دىيارىمىىزدا ئىسلامنى كېڭەيتىشكە خالىسانە ياردەم بەرگەن ئىسلام پىدائىيلىرىنىڭ يۇرتىمىز تارىخىدىكى شانلىق نەمۇنىسى بولغان قارا ساقال ئاتام، شامپادىشاھ قاتارلىق تارىخىي شەخىسلەرگە دائىر مازارلارنىڭ چاقماق دەريا ۋادىسىغا ئۇرۇنلاشقانلىقىدەك رېئال پاكىتلار نەزەرگە ئېلىنسا، كېيىنكى رىۋايەتلەرنىڭ بەلگىلىك تارىخىي ئاساسى بارلىقى مەلۇم بۇلىدۇ. تارىخىي ماتىرياللارنى ئاختۇرغىنىمىزدا «رەۋزەتۇل ئاشىقىن» ناملىق قوليازمىدىكى«سەھىد بۇرھانىدىن قىلىچ بولسا، سۇلتان ئىلىك مازىنىڭ نەۋرىللىرى ئىدى. سۇلتان ئىلىك مازى بولسا سۇلتان سەنجەر مازىنىڭ كۈيئوغۇللىرى ئىدىلەر. سۇلتان سەنجەر مازى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كۈيئوغلى،  يەنى نەسەبى تۈركان خېنىمنىڭ كۈيەلىرى (ئەرلىرى) ئىدى» ⑥ دېگەن مەلۇماتلار كۆزگە چېلىقىدىغان بۇلۇپ، بۇ مەلۇماتتىكى «سۇلتان سەنجەر مازى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كۈيئوغلى، يەنى نەسەبى تۈركان خېنىمنىڭ كۈيەلىرى(ئەرلىرى)ئىدى» دېگەن جۈملە ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر.شۇنداق ئىكەن تۈركان خېنىم كىم؟

مەلۇمكى، تۈركەن خېنىم غەربىي قاراخانلار خانىدانلىقىنىڭ مەلىكىلىرىدىن بىرى تۈركان خاتۇن بۇلۇپ، قاراخانلار خانلىقىنىڭ خانى تابغاچ بۇغراخاننىڭ قىزى ⑦ ئىدى. ئۇ ئەسلىدە سالجۇقىيلار خانىدانى مەلىكشاھقا ياتلىق قىلىنغان ھەم ئۇنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولغان. شۇڭا تەزكىرىلەردە «تۈركەن خاتۇن ئىراندا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن سالجۇقىيلار پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى شاھى مەلىك شاھ ئەبۇ فەتھى جالالىدىن ئىبنى ئالىب ئارسلان ئىبنى چاغرىبەگنىڭ خوتۇنى. ئۇ ئەقىللىق، تەدبىرلىك ئايال بۇلۇپ ھاكىميەت ئىشلىرىدا ئېرىگە ھەرقاچان يول كۆرسىتىپ مەسلىھەت بەرگەن. تۈركان خاتۇن ئەقىل-پاراسىتى، تەدبىرلىك سىياسەتلىرى بىلەن مەلىكشاھنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشكەن...تۈركان خاتۇن مەلىكشاھتىن مەھمۇد ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغقان بۇلۇپ، مەلىكشاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلىنى تەخىتكە چىقىرىش ئۈچۈن ئۆگەي ئوغلى بەركيارىق بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۇ كۆپلىگەن مەسچىت، مەكتەپ، شىپاخانىدەك خەيرى-ساخاۋەتلىك مۇئەسسەلىرىنى بىنا قىلغان. ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئالىي نوپۇز بىلەن ياشىغان تۈركان خاتۇن مىلادىيە 1094-يىلى رامىزان ئېيىدا باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا تۈركان خاتۇن مەلىكشاھ ۋاپاتىدىن كىيىنكى تەخىت تالىشىش ماجرالىرىغا بىۋاستە ئارلاشقان. چۈنكى مەلىكشاھ ۋاپاتىدىن كېيىن سالجۇقىيلاردىكى تەخىت تالىشىش كۈرىشى 25 يىل (مىلادىيە 1092-يىلدىن 1117-يىلغىچە) داۋام قىلىپ، مەلىكشاھنىڭ كىچىك ئوغلى سۇلتان سەنجەرنىڭ تەخىتكە چىقىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. سۇلتان سەنجەر مىلادىيە 1117-يىلدىن 1157-يىلغىچە توپ-توغرا 40يىل سالجۇقىيلار تەختىدە ئولتۇغان. يەنە بەزى تەتقىقات ماتىرياللىرىغا قارىغاندا سۇلتان سەنجەرمۇ غەربىي قاراخانلارخانى مۇھەممەد ئارسلانخاننىڭ قىزى، يەنى غەربىي قاراخانلار  مەلىكىللىردىن يەنە بىرى-تۈركان خاتۇننى نىكاھىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ خانىشى قىلغان ھەم بۇ مەزگىلدە ئاجىزلاپ كەتكەن غەربىي قاراخانلارنى ھىمايىسىگە ئالغان. دېمەك، تارىخىي ماتىرياللاردا قەيت قىلىنغان تۈركان خاتۇن ئىككى بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىرى سالجۇقىيلار ھۆكۈمدارى مەلىكشاھنىڭ خوتۇنى، يەنە بىرى مەلىكشاھنىڭ كىچىك ئوغلى سۇلتان سەنجەرنىڭ خوتۇنىدۇر «رەۋزەتۇل ئاشىقىن» ناملىق قوليازمىدا تىلغا ئېلىنغان «سۇلتان سەنجەر» سالجۇقىيلار خانىدانى مەلىكشاھنىڭ ئوغلى سۇلتان سەنجەرنى، «تۈركان خېنىم» سۇلتان سەنجەرنىڭ خانىشى تۈركان خاتۇننى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان. چۈنكى تەزكىرىدىكى «سۇلتان سەنجەر مازى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان كۈيئوغلى» دېگەن جۈملە سۇلتان سەنجەرنىڭ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئەمەس، بەلكى نەۋرىلىرىدىن ياكى ئەۋرىلىرىدىن بىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ «كۈيئوغۇل»بولغانلىقنى بىلدۈرسە، «نەسەبى تۈركان خېنىمنىڭ كۈيەلىرى (ئەرلىرى) ئىدى» دېگەن جۈملىدىكى «نەسەبى تۈركان خېنىم» دېگەن سۆز كۆرسىتىدىغان خانىش «تۈركان خاتۇن بىلەن بىر نەسەبتىن بولغان خېنىم»، يەنى مەلىكشاھنىڭ خانىشى بولغان تۈركان خاتۇننى ئەمەس، بەلكى مەلىكشاھنىڭ كېلىنى، يەنى ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى سۇلتان سەنجەرنىڭ خانىشى بولغان تۈركان خاتۇننى كۆرسىتىدۇ .

بىراق، سۇلتان سەنجەرنىڭ غەربىي قاراخانلار خانى مۇھەممەد ئارسلانخانغا كۈيئوغۇل بولغان سالجۇقىيلار ھۆكۈمدارى سۈپىتىدە زادى قاچان شەرقىي قاراخانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن؟ قاچان ھەم قەيەردە يۈز بەرگەن جەڭدە شېھىت بۇلۇپ، بەشكېرەمنىڭ قازئېرىق كەنتىگە دەپنە قىلىنغان؟ دېگەندەك مەسىللەر قاراخانلار تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك  ھازىرغىچە يېشىلمىگەن تېپىشماقلار ئىچىدىكى يەنە بىر سىرلىق تېپىشماقتۇر.

ئىزاھلار:

① غەيرەتچان ئوسمان قاتارلىقلار:«قازئېرىقتا مائارىپ ۋە سەنئەت»، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى » 4-توپلام.

 ② مەھمۇد قەشقەرى:«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1-توم،456-بەت.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل نەشرى.

③ئىبراھىم مۇتئي، مىرسۇلتان ئوسمانوف:«‹ھەزرىتى موللام› مازىرىنى نۇقتا قىلىپ ئوپالدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن دوكلات»، «مەھمۇد كاشغەرىي»(ماقالىلەر توپلىمى)قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى1985-يىل نەشرى.

④«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە دۇنيا يەر جايلىرى ناملىرى لۇغىتى»1041-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

⑤ئابدۇرېھىم سابىت:«قاراخانلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق ئەللامە ھۈسەيىن فەيزۇللا كاشغەرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، ژۇرنىلى1990-يىل 1-سان.

⑥«رەۋزەتۇل ئاشىقىن»(ئاپاق خوجا جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇلھەمىد قارىھاجىدا ساقلانغان پارىسچە قوليازما).

⑦  ھاجى نۇرھاجى:«قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قارا خانلار»445-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىل نەشرى.

⑧نەزىرە مۇھەممەد سالىھ:«شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» 88-بەت، 89-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل نەشرى.

 

ئاپتور:قەشقەر شەھەرلىك 26-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى

تەھرىرلىگۈچى:تۇرسۇنئاي ئابلەت

 

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2012-يىللىق 6-سان

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 846 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-09