ئۇيغۇر شەھەر فولكلورى ھەققىدە


ئۇيغۇر شەھەر فولكلورى ھەققىدە

پاتىگۈل ئابلا

 

      شەھەر فولكلورى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال فولكلورنىڭ ئۆزى ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، فولكلور مەلۇم بىر مۇستەقىل ئىلمى ئاتالغۇ بولۇپ شەكىللەنگەندىن بۇيان، كەڭ ئىلىم ئەھىللىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، مەتبۇئات ۋە ھەرخىل ئىلمىي سورۇنلاردا كەڭ قوللىنىپ، مەلۇم ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى فولكلوردىن ئىبارەت مۇشۇ پەن مەلۇم دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تارماق پېنى-بىز دەۋەتقان شەھەر فولكلورى پەيدا بولغان.

فولكلور (ئۆرۈپ ئادەت ئىلمى ) بۇ ئاتالغۇ ئېنگىلىز تىلىدىكى «Folklore» دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنى ئەنگىلىيەلىك فولكلورشۇناس  ۋىليام تومىس 1946-يىلى ساكسون تىلىدىكى «خەلق ئاممىسى»، «خەلق ئارىسىدا» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان(folk) دېگەن سۆز بىلەن « ئاقىل-پاراسەت»، « ئىلىم» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان (Lore) دېگەن ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ياسىغان. بۇ سۆزنىڭ ئۆزئالدىغا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى خەلق ئارىسىدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ھادىسلىرى دېگەنلىكتۇر.ئۇ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن  ھەرخىل ئۆرۈپ-ئادەت ھادىسلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ.

فولكلور بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتكە ئالاقىدار قىسمىنى، شۇنداقلا شۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەننىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. فولكلورنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ ماددىي، ئجتىمائىي، مەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرى، جۈملىدىن ئېتىقاد، ئىدىيەۋى ئەخلاق چۈشەنچىللىرى، كۆڭۈل ئىچىش شەكىللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ فولكلور مەدەنىيتى شۇ مىللەتنىڭ ياشاش ئادىتى، تۇرمۇش شەكلى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مىللىي خاسلىقى ۋە روھىي دۇنياسىنى تەشكىل قىلىدىغان موھىم تەرەپ، ئۇنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئاڭنىڭ يادروسى، بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنىڭ جەۋھىرى، ھاياتى كۈچى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. شۇڭا مىللەتنىڭ فولكلور مەدەنىيتىنى، يىزا فولكلور مەدەنىيتى بىلەن شەھەر فولكلور مەدەنىيتىنى ئۆگىنىشنى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالى، يىزا قشلاقلاردىكى ساقلىنىشى ۋە ئۇنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەسلىسىگىلا قاراتماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى، ئۇنىڭغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش، قانداق قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمىز كىرەك.

   جۇڭگو ھازىرقى زامان فولكلورشۇناسلىقى بۈگۈنگىچە 90 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى بېشتىن كەچۈردى. بۇ 90 نەچچە يىللىق ئەگرى-توقاي تارىخىي  تەرەققىيات جەريانىدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىن باشقا دەۋىرلەردە فولكلورشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەن بىر ئىزىدا توختاپ قالغىنى ياكى چېكىنگىنى يوق. بۇ ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىرقانچە تارماق ئىلىملەرنىمۇ شەكىللەندۈردى .گەرچە جۇڭگودا فولكلوردىن ئىبارەت بۇ ئىلىم 19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پەيدا بولغان بولسىمۇ، شىنجاڭدا فولكلور دىگەن ئاتالغۇ80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرغا چىققان.

   ئىقتىسادنىڭ ئىششى ،شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىششى خەلقىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا جىددىي ئۆزگىرىش ياسىماقتا، بۇ ئۆزگىرىش ئەڭ ئاۋۋال شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ  كىيىم-كىچەك ،يۈرۈش-تۇرۇش، قائىدە-يوسۇن، ئۆرۈپ-ئادىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر شەھەر ئۇيغۇرلىرىدا يىڭىچە بىر  خىل دۇنيا قارا، قىممەت قارىشى، سەنئەت كۆز قارىشى، ئائىلە قارىشى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى شەكىللەندى. ئەمما يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بۇ يېڭىلىقلاردا كۆپىنچە باشقا ئەللەرنىڭ، باشقا مىللەتلەرنىڭ فولكلورنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ ئارلىشىپ ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، روشەن دەرىجىدە «شالغۇت» لاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيتىدە ناھايىتى تىز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنمەكتە. بىز بۇ يەردە ئۆزگىرىش تېز ھەم كۆرۈنەرلىك بولىۋاتقان ئۇيغۇر شەھەر فولكلورى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىمىز.

  شەھەر فولكلورى (Urban Folklore) دېگەن بۇ پەن 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيەلەردە  پەيدا بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىلىم ئەھىللىرى تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنىپ، فولكىلور ئىلمىنىڭ بىر تارماق سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقتى. ئۇنداقتا شەھەر فولكلورى دىگەن نېمە؟ بىز دەۋاتقان شەھەر فولكلورى شەھەردە ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى؛ ئېتىقات ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەخلاقىي چۈشەنچىلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ھەرخىل مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن يېڭىدىن پەيدا بولۇپ ئادەتكە ئايلىنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەت قىلىقلارنى؛ يەنى شەھەر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ كىچىك دېتاللاردىن تارتىپ ئۇلانىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلار ھەم دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىۋاتقان ئىش-ھەرىكەت، ئادەت-قىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز دەۋاتقان شەھەر فولكلورىنىڭ تەتقىقات ئوبىيېكتىدۇر.

    ئېلىمىز ئىلىم ساھەسىدە شەھەر فولكلورى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بەرگەنلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەھەر فولكلورى بىلەن بۈگۈنكى شەھەر فولكلورى ئۈستىدىلا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلرىدۇر. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى، تا بۈگۈنگىچە فولكلورى ئىلمى نوقتىسىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر شەھەر فولكلورى ئۈستىدە سېستىمىلىق تەتقىقات خىزمەتلىرى ئاساسەن ئشلەنمىدى. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب-ئازساندىكى ئىلمىي ژورناللاردا ئۇيغۇر شەھەر فولكلورىغا ئائىت بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، سىستېمىلىق تۈزۈلگەن بىر پارچە كىتاپ ياكى ئىلمىي ماقالىلەت توپلىمىنى تاپقىلى بولمايدۇ. دېمەك، شەھەر فولكلورى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بۇ ھەقتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئەھمىيەتلىك  بىر ئىشتۇر.  

    بىز نەزىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئەنئەنىۋى يېزا-قىشلاق فولكلورى بىلەن زامانىۋى شەھەر فولكلورى ئوتتۇرسىدا ناھايىتى چوڭ پەرىقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەگەر بىز دىققەت-ئېتىبارىمىزنى ئۆز تۇرمۇشىمىزغا قاراتساق، شەھەر فولكلورىنىڭ ئېنىق ئىپادىللىرىنى ئېىنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددىي فولكور ئادەتلىرى، يەنى ماددىي بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى، قاتناش-تىرانسىپورت ۋە ئۆزئارا ئالاقە ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك كىيىم كىچەك ئادەتلىرى، ئولتۇراقلىشىش ۋە ئۆي ئىچىنى بېزەش ئادەتلىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. مەسىلەن، ماددىي بويۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە ئىلغارلىشىش، كەسىپلىشىش، ماشىنىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. مەيلى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسۇن، ئىلگىركىدەك تارقاق، چىچىلاڭغۇ مەشغۇلات ئېلىپ بىرىشكە خاتىمە بېرىلىپ، مەلۇم دەرىجىدە كۆلەم شەكىللەندى. قاتناش-ترانسپورت ئالاقىسىدە شەھەر ئىچى ۋە شەھەر ئەتراپى قاتارلىق يېقىن مۇساپىگە ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئارقىلىق، يىراق مۇساپىلەرگە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، پويىز ياكى ئايروپىلان قاتارلىق زامانىۋى قاتناش ۋاستىسى ئارقىلىق قاتنايدىغان بولدى. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك  ۋە ئولتۇراقلىشىش ئادەتلىرىدە ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزنى ئاز-تولا ساقلاپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، غەرب ۋە ئەتراپىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز.

    ئىجتىمائىي فولكلور نوقتىسىدىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئائىلە ئېڭى، ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەسىلەن، ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ئۆزگۈرۈش بولدى دېگىنىمىزدە شەھەرلەردە مېغىزلىق ئائىلىلەر(核心家庭) كۆپلەپ پەيدە بولماقتا، بىر ئائىلىدە ئەر-ئايال، پەرزەنتلا ياشايدىغان، چوڭلار ئايرىم ياشايدىغان، ياشلار چوڭلارنىڭ ھالىدىن بۇرۇنقىدەك خەۋەر ئالمايدىغان، چوڭلارنى ياشانغانلار كۈتۈش ئورنىغا ئاپىرىپ قويدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئائىلە ئېڭى مەسلىسى دېگەندە شەھەرلەدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئائىلە ئېڭى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى سۇسلاپ، ئائىلىنى ئۆزىگە يۈك، بىسىم ھىس قىلىدىغان، ئائىلىنى پەقەت قونالغۇ ئورنىدا كۆرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇرۇق-تۇققان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىدە بولسا شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، خىزمەت ئالدىراشلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇرۇق تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنى پات-پات يوقلايدىغان، ئۇلار بىلەن ھال مۇڭ بولىدىغان ئەھۋاللار سۇسلىشىپ، پەقەت ھىيت-بايرام، ئۆلۈم –يىتىم قاتارلىق ئالاھىدە كۈندىلا كۆرۈشىدىغان، باشقا چاغلاردا ھەممىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزغا باشقا مىللەتلەرنىڭ باشقا مۇراسىم ئادەتلىرىنىمۇ سىڭدۈرۋىتىدىغان ئەھۋاللار خىلى ئېغىرلاپ قالدى، ھەتتا بەزى مىللەتلەرنىڭ بەزى بايراملىرىنى ئاشۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ تەبرىكلەشتەك خاھىشلار پەيدا بولدى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئەنئەنىمىزگە يات تەبرىكلەش شەكىللىرى پەيدا بولدى. قىز-ئوغۇللار قۇرامىغا يەتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىلارنىڭ قوشۇلۇشى، قىز-ئوغۇل تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن نىكاھ ئوقۇپ، توي خېتى ئېلىپ ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئەلمىساقتىن تارتىپ كېلىۋاتقان بۇ ئەنئەنىدە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن ئۆزگىرۈشلەر كۆرۈلدى. يەنى توي مۇراسىمىدىن بۇرۇن قىز-ئوغۇل ۋە ئىككى تەرەپنىڭ دوستلىرى مەخسۇس ماشىنا بىلەن ساياھەت رايۇنلىرى ياكى مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈش، سىنئالغۇغا ئېلىش شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولغان  يېڭى فولكور ئادەتلىرىدۇر، ئەمدى بىز شەھەر فولكلورىنىڭ ئالاھىدىلىكى نوقتىسىدىن چىقىپ، شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا  پەيدا بولغان يېڭى فولكلور ئادەتلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى.

      مەنىۋى فولكلور ئادەتلىرى. (1) كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش خاراكتېرىدىكى سەنئەت فولكلورى. خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ شەھەرلەردە شەكلى ئۆزگەردى، تۈرى كۆپ خىللاشتى. مەسىلەن، يېزىدا بىر مەھەللىدىكى ھەممە كىشىلەر بازار كۈنى ياكى باشقا ئالاھىدە كۈنلەردە بىر يەرگە يىغىلىپ ھەرخىل قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، ھىيت بايرام كۈنلىرى ساما سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. شەھەرلەردە بولسا بۇندا پائالىيەتلەر ئاز ئۇچرايدۇ ھەم ئۇنى ئۆتكۈزۈشنىڭ شەكلى ۋە سورۇنى ئوخشىمايدۇ. (2)مۇراسىم ئادەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش. توي-تۆكۈنلەرنى غەربچە بېزەلگەن رېستۇرانلاردا ياۋروپاچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈندە تورت يېيىش، تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېنگىلىزچە ۋە باشقا تىللادا ئېيتىش قاتارلىقلار. (3) سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش.  كىشىلەرنىڭ سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، يەنى غەربنىڭ ناخشا مۇزىكىللىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان،چەتئەللەرنىڭ DVD پىلاستىنكىللىرىنى تالىشىپ سېتىۋالىدىغان، مىللىي مۇزىكىلارغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىغان، ئۇنى چۈشەنمەيدىغان، ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى.

      ماددىي فولكلور  ئادەتلىرى. ماددىي فولكلور ئادەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر يېمەك –ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ،تۇرالغۇ ئۆي ، قاتناش تىرانسىپورت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. (1) شەھەرلەردىكى قاتناش ترانسىپورت ساھەسىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولسا، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىللىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ، مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بەزى مەركىزى شەھەرلەردە ئاممىۋى ئاپتۇبوستىن سىرت، ھەرخىل تىپتىكى تاكسى ۋە شەخسىي ماشىنىلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. شەھەرلەردىكى قاتناش ۋاستىللىرى يېزىلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۆزىگە خاس بىر فولكلور ھادىسسىنى شەكىللەندۈردى. (2)يىمەك-ئېچمەك ئادىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولدى. تاماقنىڭ تۈرلىرى، ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلار، تاماق تەييارلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا ناھايىتى كۆپ يىڭىلىقلار پەيدا بولدى. (3) كىيىم –كېچەك جەھەتتىمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ چەتئەلنىڭ تەسىرى كۆرۈلدى. ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر بايرام كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن كىيىلمەيدىغان بولدى. (4) تۇرالغۇ ،ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئىچى ۋە تېشى ئالاھىدە بىزىلىدىغان، غەربچە تۈس بىرىش ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھەرخىل شەكىلدىكى خىرۇستال قاچا- قۇچىلارنى تىزىپ قويدىغان بولدى.

       يۇقىرىدا بىز ئۇيغۇر شەھەر فولكلورى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئۇيغۇر شەھەر فولكلورى ھەرگىزمۇ يەككە-يىگانە فولكور ھادىسسى ئەمەس، ئۇنىڭغا كۆپ قاتلاملىق فولكلور ھادىسسى سىڭىپ كەتكەن، يەنى ئۇيغۇر شەھەر فولكلورىنى ئەنئەنىۋى شەھەر فولكلورى ۋە يېزا فولكلورىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەنئەنىۋى شەھەر فولكلور ئادەتلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ فولكلور ئادەتلىرى، چەتئەلنىڭ ھەرخىل فولكلور ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلغان. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى فولكلور ئادەتلىرىگە، سىرىتتىن كىرگەن فولكلور ئادەتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بىرىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، بىز بۇ مەسىلىگە ئىلىم نوقتىسىدا تۇرۇپ توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ پۈتۈلەي ئىنكار قىلىش پوزۇتسىيسىدە بولماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى فولكلور ئادەتلىرىنى خۇراپاتلىق دەپ چەتكە قاقماسلىقىمىز، چەتئەلنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار فولكلور ئادەتلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەرگە ۋە چەت ئەللەرگە تونۇتۇشىمىز، شەھەر فولكلور تەرەققىياتىنى ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاراپ يىتەكلەپ، بۇ ئارقىلىق يېزا فولكلورىنىڭ تەەققىياتىغا يول ئىچىشىمىز كېرەك. چۈنكى كۆپىنچە ھاللاردا مەلۇم بىر خىل فولكلور ھادىسسى ئالدى بىلەن شەھەرلەردە پەيدا بولۇپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا يېزىلارغا قاراپ كېڭىيىدۇ. شۇڭا شەھەر فولكلورىنى تەتقىق قىلىش موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2012-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 673 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-25