«قەشقەر» ۋە «سۇلى» نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى

«قەشقەر» ۋە «سۇلى» نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى

ھاجى ئابدۇراخمان باقى

 

1.«قەشقەر» نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى

جۇڭگونىڭ «خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە»، «ۋېينامە»، «سۈينامە»، «كونا تاڭنامە»،«يېڭى تاڭنامە»، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» قاتارلىق تارىخىي كىتابلاردا «قەشقەر» دېگەن بۇ نام «سۇلې» (疏勒 )دەپ خاتىرلەنگەن .«ۋېي سۇلالىىسى تارىخىدىن قىسقىچە بايان» دا، «جىيې شى» (竭石)، «گاۋسېڭ تەزكىرىسى» دە، « گاۋسېڭ تەزكىرىسىنىڭ داۋامى» دا، «شالى» (沙勒 ) «بۇددا مەملىكىتى خاتىرىلىرى» دە«جىيې چا» (竭叉) ،«بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربى يۇرت خاتىرىسى» دە «چۈشا» (去沙) ، «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» دا «كېشىخار» (可失哈耳)، «يۈەن سۇلالىسى مەخپىي تارىخى» دا،  «چىسىخائېر» (乞思哈尔)، «مىڭ سۇلالىسى تارىخى» دا  ① «خاشىخائېر» (哈失哈尔) دەپ خاتىرلەنگەن.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ،چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەت ـ ئالاقىلىرىدە «كاشگار» (喀什喝尔) دەپ يېزىلىشقا باشلىغان.

«قەشقەر» نامى تاڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىردىكى ھۆججەت – ۋەسقىلەردە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتە مىلادىيە  ئەسىردە ئۆتكەن كورىيەلىك راھىب خۇي چاۋنىڭ «ھىندىستاندىكى بەش دۆلەت خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە: «پامىردىن بىر ئاي يول يۈرۈپ سۇلېغا يېتىىپ كەلدۇق، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆزلىرى ‹جىيا شىچىلىگو(伽师袛离国) دەپ ئاتايدىكەن» ② دېيىلگەن. خۇي چاۋ بىلەن زامانداش بولغان قەشقەرلىك ئالىم خۇي لىن (慧林) ئۆزىنىڭ «بارچە نوملارنىڭ ئىزاھى» (一切经音义) ناملىق ئەسىرىدە قەشقەرنى «迦师估黎» (Kashgiri)  دەپ تىلغا ئالغان. ③ «ئوكيانۇس» تا : «سۇلې» غەربىي ئەلدىكى دۆلەت نامى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹چۈشا (去沙)›، ‹جىياشىچىلى(伽师袛离) دەپ ئاتالغان » ④ دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە» دە مۇنداق دېيىلگەن: «سۇلې (سۇللۇغ) يەنە qiexia  去沙دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئايلانمىسى 5000 چاقىرىمدىن ئارتۇق. خان جەمەتىنىڭ فامىلىسى پېي ،ئۆزلىرىنى (ئامۇ جۇ) دەپ ئاتىشىدۇ. jiashi ياكى (伽师)  qieshi شەھىرىدە تۇرىدۇ. تۈرك خانلىقى قىزىنى ئۇلارغا خانىشلىققا بەرگەن.» ⑤ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان   去沙ۋە 伽师 قاتارلىقلارنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزى (qas  قاش) دېگەنلىك بولىدۇ. مىلادىيە 727- يىلى قاش شەھىرىدىن ئۆتكەن چاۋشىيەنلىك راھىب خۈي چاۋ بۇ شەھەرنى گەرچە سۇلې (سۇللۇغ) دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، يەرلىك خەلقىنىڭ (伽师袛离)  «  jiashiqil»دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.⑥ خۈي چاۋ ئاتىغان بۇ نام 伽师估黎 ئاھاڭ جەھەتتىن بىر –بىرىگە ئوخشىىشىپ كېتىدىغان سۆزلەر بۇلۇپ ، «kashgiri» دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تىرانسىكرىپىسىيە قىلىنىشى، ئۇ «kashgar» دېگەن سۆزگە بەك يېقىن كېلىدۇ. دېمەك، مىلادىيە ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا «قاشقارا» ياكى «قەشقەرى» دېگەن بۇ نام مەۋجۇت بولۇپ، خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، سۇلې (سۇللۇغ) دەپ خاتىرلەشنىڭ ئورنىغا «قاش» دەپ خاتىرلەنگەن. خۇي چاۋ بەرگەن مەلۇماتتىن «قاشقارى» دېگەن شەكىل (نام) خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە سۇلې (سۇللۇغ) نامى ئىشلىتىلگەن دەۋرلەردىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ مىلادىيە - ئەسىرلەردىكى يەرلىك خەلق تىلىدا ئاللىقاچان «قاشقارى» ياكى «قەشقەرى»شەكلىگە مۇقىملىشىپ بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.⑦

 «قەشقەر» دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدە ھەر خىل ماتېرىياللاردا ئوخشاشمىغان تەبىرلەر بېرىلگەن. «جۇڭگونىڭ قەدىمكى، ھازىرقى  يەر ناملىرىى قامۇسى» دا:«‹خاش، قاش(Kash)، خار، غار(gar) قىشلىق ئۆي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەردە نۇرغۇن رەڭلىك خىشلاردا سېلىنغان ئۆيلەر بولغاچقا (رەڭلىك خىشلاردىن ياسالغان ئۆيلەر كۆپ شەھەر شەھەر مەنىسىدە)، شۇنداق ئاتالغان ۋە ياكى «‹خاش، قاش(Kash)خار، غار(gar)› ئىجاد قىلماق، ياراتماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلې تۇتۇق مەھكىمىسى مۇشۇ يەردە قۇرۇلغان بولغاچقا، ‹تۇنجى قېتىم بەرپا قىلماق، ئەمدىلا يولغا قويۇلماق› دېگەن مەنىدىكى نام بىلەن ئاتالغان»⑧ دېيىلگەن. «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسىگە شەرھى» دېگەن كىتابتا:«伽师袛离،伽师信离 يەنى kasyar伽师، بىلەن (yar) نىڭ قۇشۇلۇشىدىن كەلگەن. بۇ قەدىمكى ساك تىلىدا رايون، دۆلەت دېگەن مەنىدە» دەپ خاتىرلەنگەن.⑨ گېڭ شىمىن ئەپەندى:«قەشقەر-كاش (kax) بىلەن چار (qar) ئىككى خەتتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. (كاش) خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردىكى佉沙، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،佉沙(كاش)نىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز قىلىنىشى. (چار)قەدىمكى ئۇدۇن تىلى، (دۆلەت) ياكى (رايون) دېگەن مەنىنى، (كاشچار) بولسا佉沙国دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (كاشچار) كېيىن ئۆزگىرىپ، بۈگۈنكى (قەشقەر) ھالىتىگە كەلگەن دەيدۇ.⑩

«كاشغار» ئاتالغۇسى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بەزى قاراشلار بار. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «كاشغار» پارس تىلى بۇلۇپ، «كاشىنكار» سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. «كاش» سىرلىق خىش، «كار» ئىشلەنگەن، يەنى سىرلىق خىش، «كار»ئىشلەنگەن، يەنى «سىرلىق (كاھىش) خىشلاردىن ياسالغان جاي» دېگەن مەنىدىن كەلگەن دەيدۇ...«قەشقەر» سۆزى «قاشقار» سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. «قاش» ئاتالغۇسى ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ، «قاشتېشى»نى بىلدۈرىدۇ. «غار» سۆزى قەدىمكى ئالتاي تۈركىي تىلى سىستېمىسىدا «دەريا» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. «قاشغار» بولسا «قاشتېشى بار دەريا» ياكى «قاشتېشىىدەك سۈزۈك سۇلۇق دەريا» مەنىلىرىدە كەلگەن بۇلۇشى مۇمكىن (11)دەپ قارايدۇ. «قەشقەر»تۈرك تىلىدا«يېشىل كاھىشلىق ئىمارەت»، «قاشتېشى شەھىرى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. (12)

بەزىلەر يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ لېۋىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈپتۈز بىر قاش بۇلۇپ، ئۇ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى كۆركەم، ئىگىزلىك جەھەتتە كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىب قىلدىغان بولغاچقا، بۇ شەھەر شۇ گۈزەللىكى بىلەن تەسۋىرلىنىپ، «قاشنىڭ قىرى»دەپ ئاتالغان ئىدى، دېيىشىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، «قەشقەر-ئۇيغۇرچە سۆزدىن كېلىپ چىققان. قەش-ھەر تۈرلۈك رەڭ، خەر-خىشتىن ياسالغان بىنا. بۇ شەھەرنىڭ يېرى مۇنبەت، ئۇنىڭدا خىشتىن يسالغان ئۆيلەر كۆپ، شۇڭلاشقا قەشقەر دەپ ئاتالغان» دەيدىغان قاراشمۇ بار. «قەشقەر» دېگەن نامدىكى «قاش» سۆزىنى رىچتوفىېن تۈركىي تىلىدىكى قاشتېشىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.«قاش» دېگەن بۇ سۆز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە ئۇچرايدۇ. ئالىم ئۆز ئەسىرىدە «قاش» سۆزلەمىگە:«قاشتاش. بۇ بىر خىل سۈزۈك تاش بۇلۇپ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ.ب ۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈمامىدىن، ئۇسسۇزلىقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ»دەپ يېشىم بېرىدۇ. ئەگەر، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ با  يانىنى قوبۇل قىلغاندا، ئېنىقكى«kashدۆلىتى»، «kashرايونى»، «kashشەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «قەشقەر» نامى تۈركىي تىلى بىلەن قەدىمكى ساك (خوتەن) تىلىنىىڭ قۇشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، «قاشتېشى دۆلىتى»، «قاشتېشى شەھىرى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

2. «سۇلې» نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدا

«تىلشۇناسلىقنىڭ ئېتمولوگىيە تارمىقى مىللىي تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى،كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، ھازىرقى زامان ئىستېمال دەۋرىگە يېتىپ كېلىش ئەھۋالىنى ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىدۇ. قەشقەر تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا –يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە جايلاشقان قەدىمكى بوستانلىق. ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا قەشقەرنىڭ خەن دەۋرىدىكى نامى«سۇلې» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ نام ئەڭ ئاۋۋال «خەننامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە ئۇچرايدۇ.

1.  ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى سوغدى تىلى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« فونېتىكىلىق جەھەتتىىن سوغدى تىلى (S) ۋە (L) دىيالېكىتلىرىغا بۆلۈنىدۇ...‹S›تىلى بويىچە، سوغدىلارنىڭ ئىسمى  Suodياكىsuodak  دېيىىلسە،‹L› دىيالېكتىدا بۇ سۆزsuil ياكىsulik دېيىلگەن.قەشقەر ئەتراپىدا ياشايدىغان سوغدىلارنىڭ تىلى (L) دىيالېكىتىغا مەنسۇپ بولسا كېرەك. قەشقەرنىڭ قەدىمكى ئىسمى ‹سۇلې› سۆزى ‹سۇلۇق› سۆزىدىن كەلگەن.»

2.  جىيەن بوزەن ئەپەندى:«‹سۇلې›قەدىمكى ھون تىلىدا ‹سېرىق› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق كۆرسىتىدۇ:«داغۇر ۋە شىبە تىللىرىىدا‹›نى‹sara›،ئۇيغۇرتىلىدا‹serek›، قەدىمكىسىيانپىي تىلىدا ‹sarag› دەيدۇ. مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە ‹sarag› ئىسىملىك بىر دەريا  بولۇپ، تەرجىمىسى‹سېلىنگادەرياسى›بولىدۇ...saragنىڭ تەلەپپۇزى ‹疏勒›دىكىsarag بىلەنيېقىن كېلىدۇ. سېلىنگادەرياسى خەنزۇچە قەدىمكى كىتابلاردا بەزىدە سېرىق دەريا 黄河 دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. گەنسۇنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دۇنخۇاڭ ئەتراپىدىمۇ‹سۇلې دەرياسى›دېگەن بىر دەريا بار...سېرىق دەريا دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ قەشقەردىكى ‹سۇلې دەرياسى›(ھازىرقى قىزىل دەرياسى)نىڭ مەنىسىىمۇ سېرىق دەريادۇر، چۈنكى سۇلې بەگلىكى جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا كېلىشتىن ئاۋۋال قۇرۇلغان بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھونلار تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىنىغا كۆپ يىل بولغان ئىدى. ھونلار ياشىغان سېلىنگا دەرياسى ۋادىسى بىلەن سىيانپىي، مۇڭغۇل، ئۇيغۇر، قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ياشىغان جايى يېقىن، ئۇلارنىڭ تىلى ناھايتى ئوخشىشىدۇ. شۇڭا (疏勒) سۆزى ھون تىلىدىكى ‹سېرىق() مەنىسىنى بېرىشكە ھەقلىق، يەنە بىر تەرەپتىن، قەشقەر ئەتراپىنىڭ توپىسى قېلىن،ب اھاردا قار مۇزلار ئېرىگەندە سۇلې دەرياسىنىڭ سۈيى سېرىق رەڭگە كىرگەچكە ‹سېرىق دەريا(黄河) دەپ ئاتالغان.»

3.ياپونيە ئالىمى بەينياۋ كۇجى ئەپەندى«سۇلې»نامىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:«بۈگۈنكى قەشقەر خەن دەۋرىدە‹سۇلې›دەپ ئاتىلاتتى. تۈركىي تىلىدا سۇ،有水سۇلۇق دېيىلىدۇ. قەشقەر رايونىنىڭ ئوت-چۆپى مول بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.»

سۇلې نامىغا بېرىلگەن يۇقىىرىقى تەبىرلەردىن بىز مۇنداق چۈشەنچىگە كېلىمىز:بىرىنچى، «سۇلې»نامىسۇلېدا ياشىغان سوغدىلارنىڭ نامىدىن   كەلگەن. ئىككىنچى، «سۇلې» نامى تۈركىي تىلىدا «سۇلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى بىز يۇقىرىقى يەكۈنلەر ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم تەھلىل يۈرگۈزۈپ كۆرەيلى:

بىرىنچى قاراشتىكىدەك، ‹سۇلې› نامى سۇلېدا ياشىغان سوغدىلارنىڭ نامىدىن كەلگەن دېيىلگەندە بۇ نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە(سۇلې-قەشقەر) كېلىش جەريانىنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا سوغدىلار كىم؟ بۇ يەرگە قاچان، قانداق كەلگەن؟

   سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ئىران خەلقىنىڭ بىرى.ئۇلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى -ئەسىرلەردىن،مىلادىيە-ئەسىرلەرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا، بۇلۇپمۇ يىپەك يولى ۋاستە قىلىنغان سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەردە چوڭ رول ئوينىغان ئىدى.

سوغدىلار سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنبەت سوغدىيانە تۇپرىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، قەدىمكى چاغلاردا «سوغدىيانلار» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ جەنۇبى چېگراسى تۆمۈر قاپقا بۇلۇپ (بوغال ئۆتكىلى)بۇلۇپ، بۇ ئۆتكەنىڭ جەنۇبىدا توخرىلار ياشىغان. غەربىدە سوغدىلار، قاڭقىللار(بۇلار تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن خەلق)غا قوشنا ئىدى. شەرقتە سوغدىلار پەرغانىگە چېگرىداش ئىدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،سوغدىلار سودىگەرچىلىككە ماھىر بۇلۇپ،ناھايتى كەڭ دائىرىلىك سودا بىلەن شۇغۇللانغان،بۇلۇپمۇ يىپەك يولىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە گۈللىنىشى نۇرغۇن سوغدىلارنىڭ شەرققە بېرىشىغا سەۋەب بولدى.دۈنخۇاڭ،تاجىكىستاندىن تېپىلغان سوغدىچە ھۆججەتلەرنىڭ مىلادىيە ئەسىرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى (22) نى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،«1907-يىلىسىتەين تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لوپنور كۆلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى خەن دەۋرىگە ئائىت تۇر خارابىسىدىن تاپقان مىلادىيەئەسىرگە ئائىت دەپ ھېسابلانغان بىر پارچە سودا ھۆججىتى»(23)نى سوغدىلارنىڭ تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋاقتى دەپ ھېسابلانغاندا ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ مىلادىيەدىن كېيىنكى ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. دېمەك بىز مۇشۇ ۋاقىتنى سوغدىلارنىڭ قەشقەر(سۇلې)دا ياشاپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋاقتى دەپ پەرەز قىلساق، «سۇلې»نامى مىلادىيە ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، ھونلار بۇ رايونغا قاچان كەلگەن؟

مەلۇمكى، ھونلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇڭغۇل چۆللۈكىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلق ئىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى باتۇر(مودۇن) ئۆز ئاتىسى تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ، ھونلارغا تەڭرىقۇت بولغاندىن كېيىن، ھونلار تېز قۇدرەت تېپىىپ، «شەرقتە دۇڭخۇ‹تۇڭگۇس›لارنى، غەربتە توخرىلارنى مەغلۇب قىلغان، جەنۇبتا لۇفەن خانىنى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەيان خانىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان» بولۇپ، چېگرىسى«شەرقتە خۈەيخې،چاۋشىيەنلەر بىلەن تۇتىشاتتى»(24)،

«شىمالدا خۈنيۈ، چۈشى، دېڭلىڭ، قىرغىز(خاكاس)، شىنلى ئەللىرىنى  بويسۇندۇرۇپ،»25، موڭغۇل چۆللۈكىدە قۇللۇق تۈزۈمدىكى چوڭ بىر دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 176-يىلى باتۇر تەڭرىقۇت خەن خاقانىغا يوللىغان مەكتۇبىدا:«تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىپاھ بەگلەرنىڭ خىل، ئاتلارنىڭ قاۋۇللۇقى ئارقىسىدا توخرىلار تارمار قىلىندى، قىرىپ تاشلاندى. قالغانلىرى ئەسىر ئېلىندى. روران، ئۇيسۇن، ئوغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 ئەل تىنجىتىلدى، ھەممىسى ھونلارغا تەۋە بولدى. بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بۇلۇپ ئۇيۇشتى»26 دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر بۇ تەھلىلدىكى خۇلاسىنى تولۇق كۈچكە ئىگە دەپ قارىغىنىمىزدا «سۇلې» نامى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنى ھونلار بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.

ئىككىنچى خىل قاراش «سۇلې»نامى تۈركىي تىلدا «سۇلۇق»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. يەر-جاي ناملىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش ئەھۋالىدىن سۆز ئاچقاندا ،يەر-جاي ناملىرى «مۇشۇ جاينىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى، تەبىئي شەرت-شارائىتى، مەشھۇر كان بايلىقلىرى ،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى،ئاتاقلىق كىشىلىلىرى، قەھرىمانلار نامى، شۇ ئورۇننى تاپقۇچىلارنىڭ نامى، يۈز بەرگەن تەبىي ھادىسىلەر...قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن قۇيۇلغان[27]بولۇپ، ئۇ جۇغراپىيەلىك تەبىي شەرت-شارائىتلار ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىسىم ۋە تارىخىي شەرت-شارائىت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىسىم دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، ھەم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تارىخىي تەرەققىيات،خانلىقلار ئالمىشىشى،مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ۋە مەدىنىي ھاياتىنىڭ يۈكسىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، «سۇلې»دېگەن ناممۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھادىسىلەر، بولۇپمۇ يىراق قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دۇنيادا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھادىسىلەر ۋە تىل-يېزىققا ئوخشاش مەدەنىيەت ئامىللىرى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ،ئارلاشما دىنىي ئېتقاد، مەنبەداشلىقى كۆپ  خىل بولغان تىل –يېزىق قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ ھال تېخىمۇ رېئال يوسۇندا يەر-جاي ناملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىشىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا، تۈركىي تىلىدا «سۇلۇق»مەنىسىنى بېرىدىغان «سۇلې» نامى قايسى خىل ئامىلغا ياكى تۈركىي تىلى سىستېمىسىدىكى قايسى مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن؟

مېنىڭچە، مۇشۇ ئىككىنچى خىل قاراش «سۇلې» نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى «سۇلې» نامىنىڭ «سۇلۇق» مەنىسىنى بېرىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، بۇ رايونىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىىتى يەر-جاي ناملىرىنىڭ قويۇلۇش ئالاھىدىلىكىنى ھېسابقا ئالغاندا، بۇ نام بىر قەدەر مۇۋاپىق قۇيۇلغان. مېنىڭچە، «سۇلې» نامىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى سوغدىلارغا باغلىغاندىن كۆرە، ھونلارغا باغلىغان ئەقىلگە مۇۋاپىق.

1)    ۋاقىت جەھەتتىن ئالغاندا،ھونلارنىڭ بۇ جايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى سوغدىلاردىن بۇرۇن، يەنى ئالدىنقىسىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئەسىر ئەتراپىدا، كېيىنكىسىنىڭ مىلادىيە ئەسىر (ئەگەر سوغدى يېزىقىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى مىلادىيە ئەسىر ) (28) دەپ قارىغىنىمىزدا، لوپنوردىن تېپىلغان سوغدىچە ھۆججەتنىڭ مىلادىيە ئەسىرگە تەئەللۇق بولۇشى گۇمان تۇغدۇرىدۇ.

2) «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» دەپ بايان قىلىنغىنىدەك، بېشبالىق ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا سوغدىلارنىڭ بەش كەنتى بولغان، يەتتىسۇ، تەڭرىتېغىنىڭ  ھەرقايسى مۇھىم ئۆتكەللىرى، لوپنور رايونى، تاڭغۇت يولى (خېشى كارىدورى) ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىمۇ سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ كەنىتلىرى بولغان [29] بولسىمۇ،ئەمما بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك يېرى بولمىسا كېرەك.چۈنكى،مەيلى قەدىدە بولسۇن ياكى ھازىرقى زاماندا بولسۇن ،سودىگەرلەر ئۈچۈن يۇرتنىڭ ئۆگىيى بولغان ئەمەس، ئەلۋەتتە.

 3) «سۇلې» قەدىمكى بىر بەگلىكنىڭ نامى. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى چوقۇم شۇ بەگلىكنى قۇرغان خەلققە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. قەدىمكى چاغدىكى «سۇلېلىقلار» دەپ ئاتالغان خەلق سوغدىلىقلار بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، «سوغدىلار تارىم رايونىدا بەگلىك قۇرمىغان(30) ئەگەر قەشقەردە سوغدىلار ياشىغان، شۇڭا ئۇنىڭ نامى «سۇلې» دەپ ئاتالغان دېيىلگەندە، بۇ يەكۈن كىشىنى تۇلۇق قايىل قىلالىشى ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بەزى ماتىرياللاردا سوغدىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن چوڭ رول ئوينىماي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي جەھەتتىن چوڭ رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىندۇ.(31) «سۇلې» قەدىمكى ھون تىلىدا «سېرىق»، تۈركىي تىلىدا «سۇلۇق» مەنىسىنى بېرىدىغان بولغاچقا، بۇ يەردىكى «سېرىق» ۋە «سۇلۇق» مەنىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

4) بەزىلەر قەشقەرنىڭ قەدمكى نامى «سۇلې»نى سوغدى-قەدىمكى ئىران تىلىدا «ئىلاھىي جاي» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، گەنسۇدىكى سۇلې دەرياسىنىڭمۇ مەنىسى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ.(32) ئەمەلىيەتتە بۇنداق «سۇلې» نامىدىن ئېلىمىزدە ئۈچى بار. بىرى، قەشقەرنىڭ قەدىمكى نامى «سۇلې»، ئىككىنچىسى،تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى جىمسار ئەتراپىدىكى سۇلې. ئۈچىنچىسى، گەنسۇ-خېشى كارىدورىنىڭ غەربىدىكى سۇلې دەرياسىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ «سۇلې» ئوخشاشلا، قەدىمكى تۈركىي تىلىدا «سۇلۇق» مەنىسىنى بېرىدۇ.(33)

5) «خەننامە» ۋە «كېيىنكى خەننامە»دىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە سۇلې بەگلىكى مەۋجۇت بولغان بولۇپ، قەشقەر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىدىكى كاشىغەر شەھىرى (ھازىرقى مارالبېشىنىڭ غەربىدە) ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئىدى. يەكەن دەرياسى ۋادىسىدا ساكرائۇل (ھازىرقى يەكەن) ۋە چاكۇكا (ھازىرقى قاغىلىقنىڭ شىمالىدا)، كاۋانتا (ھازىرقى تاشقورغان) قاتارلىق ئۈچ بېقىندى بەگلىك بار ئىدى. زېمىن دائىرىسى ئاساسەن ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىغا توغرا كېلەتتى. -ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، سۇلې بەگلىكىنىڭ مەركىزى غەربتىكى كاشغار شەھىرىگە (بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرى ئەتراپى) غا كۆچۈرۈلگەن.»(34)

قەشقەر قەدىمدە شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان «يىپەك يولى»نىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان ۋە قوشۇلىدىغان مۇھىم جايى بولغان. شۇڭا، قەشقەر قەدىمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر ئەدىب، مۇتەپپەككۇر، ئالىم ۋە سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.

ۋېنگىرىيەلىك ئالىم ج.فارماتتا «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە «قەشقەر» دېگەن نامنىڭ قەدىمكى ھىندى-ياۋروپا تىللىرى ئىچىدىكى ھىندى-ئىران تىلىغا (يەنى ئارىيان تىلىغا) مەنسۇپ نام ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قەدىمكى «كاستى» دېگەن خەلق (مىللەت) نامىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

نۆۋەتتە، تەتقىقاتچىلار قەدىمكى قەشقەر بەگلىكىنىڭ ئاھالىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. لېكىن تا ھازىرغىچە مەيلى چەتئەل تەتقىقاتچىللىرى بولسۇن ياكى مەملىكىتىمىز تەتقىقاتچىللىرى بولسۇن، بۇ مەسىلىدە تېخى بىرلىككە كەلگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغىنى يوق. بەزىلەر:«قەدىمكى قەشقەر بەگلىىكىنىڭ ئاھالىسى سوغدىلار ئىدى، قەشقەرنىڭ سۇلې دېگەن ناممۇ ئەنە شۇ سوغدى مىللەت نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر:«قەدىمكى قەشقەر بەگلىكىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ساكلار ئىدى» دەيدۇ. ئېلىمىز ئالىمى مېي سۈن ئەپەندىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ قەدىمكى قەشقەرلىكلەر دەپ ئاتاش توغرىدەك قىلىدۇ.

XX-ئەسىردىن باشلاپ چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىللىرى قەشقەر رايونىدىن تاپقان قەدىمكى ھۆججەتلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ،  قەدىمكى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ تىل-يېزىقى ھەققىدە  كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى قەدىمكى قەشقەرلىكەرنىڭ تىلىنى قەدىمكى ساك تىلى ياكى ساك تىلىنىڭ بىرخىل شېۋىسى دەپ قارىسا، بەزىلىرى قەدىمكى ئۇدۇن تىلى بىلەن ناھايتى يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان ئىران تىلىغا يېقىن تەۋە، بىراق ئۇ يەرلىك تىل دەپ قارىدى. بەزىلەر ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇدۇن-ساك تىلىدىن پەرىقلىنىدىغانلىقىغا ئاساسلىنىپ، ئۇنى«تۇمشۇق تىلى» دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتتە، 1897-يىلىلا روسىيەلىك پېتىروۋىسكى ئۇنى قەدىمكى «قەشقەر تىلى» دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 1992-يىلى قارۇشتى يېزىقى تەتقىقاتچىلىرى تۇمشۇق ۋە توققۇز سارايدىن تېپىلغان بارلىق يازما ھۆججەتلەرنى تەتقىىق قىلىپ، ئۇلارنى يەنە خەنزۇزچە ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەرگە ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، «قەدىمكى قەشقەر تىلى»دەپ ئاتاشنىڭ ئىلمىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن، قاراخانلار دەۋرىدە قەشقەرنى مەركەز قىلىغان كەڭ رايون «خاقانىيە ئۆلكىسى» دەپ ئاتىلاتتى. «خاقانىيە تىلى» دېگەن ئاتالغۇ ئەنە شۇ ئۆلكە نامىدىن كەلگەن. ئەھمەد يۈكنەكى بۇ تىلنى «قەشقەر تىلى» دەپمۇ ئاتىغان. شۇڭا-ئەسىردە «خاقانىيە تىلى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن «قەشقەر تىلى» دېگەن ئاتالغۇ -ئەسىردىمۇ بىر مەنىدە ئىشلىتىلگەن. شۇنداق ئىكەن، -ئەسىرلەردىمۇ «قەشقەر» دېگەن نام كەڭ قوللىنغان. ئىككىنچىدىن،«شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» (قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخا 5-باب، 78-بەت،9 -قۇر)دا قەشقەر «كەش بالىق» دېيىلگەن، قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا «بالىق» شەھەر دېگەن بولىدۇ. خەنزۇچە مەنبەلەردە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە «قەشقەر»«سۇلېگو» (疏勒国) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. شۈەنزاڭ بۇ شەھەرنى «چۇشاگو»(去沙国)دەپ ئاتىغان. بۇ «كەش بالىق»نىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردە «竭石»(جىيېشى)، «竭叉»(جىيېچا)، «迦舍» (جىياشې)، «伽师»(جىياشى)، «去沙»(چۈشا) دېگەندەك  خىلمۇ خىل شەكىللەردە يېزىلغان يەر ناملىرى «كەش» ياكى «كاش» دېگەن نامىنىڭ ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل خەنزۇچە خەتلەر بىلەن يېزىلغان ئاھاڭ تەرجىملىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئاھاڭ تەرجىملىرى ئىچىدە «جىياشىدىلى»(伽师袛离) ياكى «جىياشىجىلى»(伽师吉黎) دېگەنلەر «كاشغەر» دېگەن ئىسىمنىڭ خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ئەڭ كونا ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر. دېمەك، خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇزاق مۇددەت «سۇلې» دەپ ئاتىلىپ  كەلگەن بۇ يەرلىك ئىسىمى شۇ دەۋردىلا يەرلىك خەلق تەرىپىدىن «كاشغەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۈچىنچىدىن، قەشقەرنىڭ «سۇلې» دەپ ئاتىلىشىغا كەلسەك،بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ ئىسىمنى «سوغلاق» ياكى«سوغداق» دېگەن مىللەت ئىسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ (سوغدى تىلىدا (ل) تاۋۇشى بىلەن «د»تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىش ھادىسىسى بار. سوغدى تىىنىڭ بىر شېۋىسىدە بۇ مىللەت نامى سوغداق دېيىلسە، قەشقەر ئەتراپىدا ياشايدىغان سوغدىلار شېۋىسىدە سوغلاق دېيىلىدۇ.) خېرمان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇ پىكىرگە فىرانسىيە ئالىمى پېللىئوت:««رەسمىي ھۆججەت ئاساسى يوق» دەپ قوشۇلمايدۇ. «سوغداق» دېگەن ئىسىم تۈركىي خەلقلەرنىڭ «سوغداق»لارنى ئاتىشى. قەشقەردىن باشقا لوپنۇر ۋە دۇنخۇاڭ ئەتراپىدىكى دەريالارنىڭمۇ «سۇلې» دەپ ئاتىلىشى بۇ يەرلەردىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردە سوغدى سودا مەركىزى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئىسىمنى بەزى ئالىملار تۈركىي تىلىدىكى «سۇلىق» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېسىمۇ، لېكىن بۇ پەرەزدىنلا ئىبارەت. بۇنىڭمۇ ھازىرچە ھېچقانداق يازما ھۆججەت ئاساسى يوق. تۆتىنچىدىن، «كاشىغار»دېگەن ئىسىمغا كەلسەك، بۇ ئىسىم «كاش»(خەنزۇچە伽师) بىلەن «غار» دېگەن ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن. قەدىمكى ساك تىلىدا «غارى» دېگەن سۆز «رايون، مەملىكەت» ياكى «شەھەر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى»نى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «غار»نى بالىق دەپ تەرجىمە قىلىپ، كاشىغەرنى«كەش بالىق» دەپ ئىپادىلىگەن. بۇ ئىسىم تەركىبىدىكى بىرىنچى سۆز «كەش» ياكى «كاش»قا كەلسەك، بەزى ئالىملار:«بۇ سۆز قەدىمكى ھىندى مەنبەلىرىدە ئۇچرايدىغان ھىمالايا تاغلىرىدا ياشايدىغان ‹كاشال› دېگەن قەبىلە ئىسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك» دەيدۇ. خوتەن ساك تىلىدىكى «ساڭغۇت يولىغا ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن ھۆججەتتە قەسقەر «گاسجاڭ» دېيىلگەن. بۇ ھۆججەتتىن مەلۇم بولىشىچە، خوتەن ھۆكۈمدارى ۋىساراسىياخا قەشقەر ھۆكۈمدارىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەندىن كېيىن قەشقەردە «گاسونا» (قەشقەرلىق) دېگەن نامدا بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى سالدۇرغان. خوتەن ساك تىلىدا بۇغۇم بېشىدا كەلگەن «گ» تاۋۇشى قەدىمكى ھۆججەتلەردە ئومۇمەن «ق» ياكى «خ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خوتەن ساك تىلىدىكى «گا» سۆزى قاشتېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرىقى ھۆججەتتە «يۈيمىن» شەھىرى «گاكامانا» دېيىلگەن. بىزگە مەلۇم، خەنزۇچە () «قاشتېشى» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ پاكىتلاردىن قارىغاندا، كاشىغەردىكى«كاش» سۆزى قاشتېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىدۇ.

دېمەك، «كاشىغەر» دېگەن ئىسىم «كاش+غار» دېگەن ئىككى سۆزدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بىرىنچى سۆز قاشتېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچى سۆز «شەھەر»دېگەنلىك بۇلىدۇ.

ئىزاھلار:

  ئادىل مۇھەمەد تۇران:«قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،2001-يىلى 12-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىىلىشى،57-بەت.

  گېڭ شىمىن :«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتى ۋە مەدەنىيەت ۋەسىقەلىرى»،«شىنجاڭ تەزكىرىسى»1988-يىلى3-ئاي 4-نەشرى،53-بەت.

  جۇلىيەنگۈن:«بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسىدىكى تارىخ-جۇغراپىيەگە ئائىت تەتقىقاتلار مەجمۇئەسى»،1984-يىل2-ئاي،خەنزۇچە نەشىرى،207-بەت.

     بىر توملۇق«سىخەي»1808-بەت.

  «يېڭى تاڭنامە» 221-جىلد،«قۇرىغار تەزكىرىسى. قەشقەر»، جۇڭخۇا كىتابچىلىك ئىدارىسى، 1976-يىلى نەشىرى، 6233-بەت، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1997-يىللىق 2-سان، 41-بەت.

  ⑦قۇربان نىياز:«ئۇدۇن-ساك يېزىقىدىكى بىر پارچە مەكتۇب ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىللەر»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1997-يىللىق2-سان 41-بەت

      

  «جۇڭگونىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان يەر ناملىرى قامۇسى»،سودا نەشرىياتى،1931-يىل خەنزۇچە نەشىرى،881-بەت.

  جى شىيەنلىن:«بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسىنىڭ شەرھى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىك ئىدارىسى،بېيجىڭ،1985-يىلى،خەنزۇچە نەشىرى،

12-جىلد ،996-بەت.

  يۈ ۋېيچىڭ:«شىنجاڭنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1986-يىلى خەنزۇچە نەشىرى،83-بەت.

  ئابلىمىت روزى:«يەر ناملىرى ھەققىدە بەزى مۇلاھىزىلەر»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئىلىمي ژۇرنىلى»، 1986-يىل3-سان، 119-بەت، 120-بەت.

     ئادىل يۇنۇس:«

  ئىبراھىم نىياز:«تارىختىن قىسقىچە بايانلار»، قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى،1988-يىل 9-ئاي نەشىرى،2-3-بەتلەر

  پېللىئوت:«قەشقەر ھەققىدە تەتقىقات»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»،خەنزۇچە،1986-يىللىق 1-سان،68-بەت

     .مەھمۇد كاشىغەرىي:«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»III توم،208-بەت.

  ئابلىمىت روزى:«ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى ۋە مەنبەسى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ  ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»،1991-يىللىق 2-سان ،94-بەت.

     «خەننامە،غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىك ئىدارىسى،

1962-يىل 1-نەشىرى، 1983-يىلى6-ئاي4-باسمىسى، «سۇلې بەگلىكى».

     «ئىبراھىم مۇتىئى ماقالىلىرى »، مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىل10-ئاي ئۇيغۇرچە

نەشرى،232-،235-،332-241-،242-بەتلەر.

  جىيەن بوزەن :«ھەققىدە»، «غەربىي يۇرت تارىخ مەجمۇئەسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1985-يىل خەنزۇچە نەشىرى،2-قىسىم 164-بەت،165-بەتلەر.

     ۋاڭ شىياڭ:«قەشقەرنىڭ نامى ھەققىدە»،«يىپەك يولى»ژۇرنىلى1987-يىللىق 4-سان،58-بەت.

(21)(22)«ئىبراھىم مۇتىئىي ئىلىمىي ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1990- يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى،232-،235-،332-241-،242-بەتلەر.

(23) يۈ تىيەنخېڭ:«غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»،83-بەت.

(24)(25)(26) «تارىخىي خاتىرىلەر»،400-.401-،402-بەتلەر.

(27) راھمان تۆمۈر شاھ:«يەر ناملىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ  ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»(تەبئىي پەن قىسمى)،ئۇيغۇرچە 1984- يىللىق 1-سان،81-بەت.

(28)(30) «ئىبراھىم مۇتىئىي ئىلىمىي ماقالىلىرى» ،مىللەتلەر نەشرىياتى1990-يىل

10-ئاي،ئۇيغۇرچە نەشرى.

(29) گابائىن:«قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى»،تۇرپان شەھەرلىك تەزكىرە ئىشخانىسى نەشىر قىلدۇرغان،1989-يىل 3-ئاي،خەنزۇچە نەشرى،11-بەت.

(31) نىيۇ رۇجېن:«سۇلې نامى ھەققىدە مۇلاھىزە»،«يەر ناملىرى بىلىملىرى»

 ژۇرنىلى ،خەنزۇچە1986-يىللىق4-سان 4-بەت.

(32) سۇ بىخەي:«سۇلې نامى ھەققىدە تەتقىقات»،«شىنجاڭ  ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»،1984-يىللىق3-سان،62-بەت.

(33) ئابدۇقەييۇم مۇسا:«قەدىمكى سۇلې شەھىرى ۋە ئۇنىڭ يىپەك يولىدىكى ئىقتىسادىي ئورنى»،«قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»،

2007-يىللىق 1-سان،50-بەت.

(34) يۈ ۋېيچېڭ:«شنجاڭنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈش تەرەققىياتى ۋە يەرناملىرى ھەققىدە تەتقىقات»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى خەنزۇچە نەشرى،

80-،81-بەتلەر.

ئاپتور:قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومىتېتى قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا.

تەھرىرلىگۈچى: مەرۇپجان مەمتىمىن

 

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2012-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 740 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-25