قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ شىنجاڭدىن تېپىلىشى

قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ شىنجاڭدىن تېپىلىشى

گۈلمېھرى ئەلى پاشا

(شىنجاڭ پېداگوگىگا ئۇنۋېرىسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتوتى 2010-يىللىق 4-سىنىپ 830054)


   شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردى باشلاپلا كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە مۇشۇ ئاساستا يېڭى ئۆزگىچە شانلىق مەدەنىيەت يارىتىلغان، مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، خارابە ئىزنالىرى، يازما يادىكارلىقلار ساقلانغان، تېپىلغان ۋە داۋاملىق بايقىلىۋاتقان جاي. بۇ يەردىكى خەلقلەر ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، قەدىمكى ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانىي يېزىقى، بىراھمى يېزىقى (بۇ يېزىقى بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا قەدىمكى كۈسەن ۋە كىنگىت يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر سەيياھ، راھىبكالان شۇنزاڭنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يېزىقى ئەنەتكەك ‹ھىندى› يېزىقىنى مەنبە قىلغان بولۇپ كۈسەن ۋە كىنگىتلىكلەر بۇ يېزىققا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن)،قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى (نېستۇرىيان يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، تۈبۈت(تىببەت) يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى ۋە ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن ئەرەب يېزىقى، ئەرەب ئىلپبەسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن خاقانىيە يېزىقى قاتارلىق بىر مۇنچە يېزىقىنى قوللانغان ۋە بۇ يېزىقلاردا ئۆز تىلىنى خاتىرىلىگەن.

  ئاتاقىلىق ئارخېولوگلىرىمىز، تىلشۇناسلىرىمىزدىن ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقەييۇم خوجا ۋە ئاتاقلىق تىلشۇناس، مەرھۇم تۇرسۇن ئايۇپ يازغان«قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرى»ناملىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم تارماقلىرىدا ئالىم-ئۆلىما، مەشھۇر ئەدىب-سەنئەتكارلار، تىلشۇناسلار، تارىخشۇناشلار، تېۋىپلار يىتىشىپ چىققانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋرلەردە ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە سانسىكىرىت، قارۇشتى، سوغدى يېزىقى قاتارلىقلانىمۇ خېلى پۇختا ئىگىلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەن بۇ ماقالەمدە ئېلىمىزدە، جۈملىدىن شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقى ۋەسىقىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە قەدىمكى يېزىقشۇناسلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، قارۇشتى يېزىقى ۋەسىقىلىرىنىڭ تېپىلىشى، تەتقىق قىلىنىشىغا دائىر ئەھۋاللار ئۈستىدە قىسقىچە توختالماقچىمەن.

   قارۇشتى يېزىقى(غەرب ئالىملىرى كارۇشتى يېزىقى دەپ ئاتايدۇ) ئەسلىدە قەدىمقى قەندىھار (ماگادخا) ئېلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىلىم ئەھلى قارۇشتى يېزىقىنىڭ قەدىمكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستاننىڭ ئۆرپ- ئادەت، تىل –يېزىقلىرى، جۈملىدىن ماخاستىرى تىلى،پاك تىلى، ماگادخى تىلى قاتارلىقلار ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. كېيىنچە كەڭ مەندىكى غەربىي يۇرت(جۈملىدىن ھازىرقى شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خېلى كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قا تارالغان. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يېزىق ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاندا قۇرۇلغان توز ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانى ئاسۇكا (ئاشۇكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قەندىھارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا ئېلان قىلىنغان قانۇن-پەرمانلاردا قوللىنىلغان. خېلى كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ «قارۇشتى يېزىقى دەسلەپتە قەندىھاردىن كېلىپ چىققان» دېيىشتىكى مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى شۇكى،ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن ئاسۇكا دەۋرىگە تەئەللۇق ئابىدىلەر تېپىلغان. بۇ ئابىدىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە، ھىندىستاننىڭ  مائۇرا خاندانلىقىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئېلان قىلغان قانۇنلىرى ئوخشاش بولمىغان يېزىقلاردا يېزىلغان. ھىندىستانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا براھمى يېزىقى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان؛ ئافغانىستاننىڭ قەندىھار رايونىدا گرىك يېزىقى ۋە ئارامې يېزىقى قوللىنىلغان؛ ئافغانىستاننىڭ لاگمان رايونى ۋە پاكىستاننىڭ راۋالپىندى رايونىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى تاكساسلا دېگەن جايىدا ئارامې يېزىقى قوللىنىلغان؛ پاكىستاننىڭ پىشاۋەر رايونىدىكى مانساھرا ۋە شاھبازگاھ دېگەن بۇ ئىككى جايىدىلا قارۇشتى يېزىقى قوللىنىلغان.

   مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قارۇشتى يېزىقى قەندىھاردىن ھىندىقۇش تېغىنىڭ جەنۇبىغا كىرگەن. بۇ يەردىكى گرېكلاشقان خانلىق – باكتېرىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىككى خىل يېزىقتا قوش تىللىق قىلىپ نۇرغۇن پۇل قۇيدۇرغان، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە گرېك يېزىقى، يەنە بىر يۈزىگە قارۇشتى يېزىقى چۈشۈرۈلگەن. بۇ يېزىقىنىڭ كېيىكى دەۋرلەردە قوللىنىلغان ۋاقتى شىنجاڭدىن تېپىلغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان قەدىمكى پىشامشان (چەرچەن) بەگلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋاشمانا (ۋاسمانا) دەۋرىگە تەئەللۇق قارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈك، بۇ يېزىققا دائىر ئەڭ كېيىنكى يازما يادىكارلىق ھېسابلىندۇ. ئۇ 2-ئەسىردىن 5-ئەسىرگىچە ئۇدۇن (خوتەن)، پىشامشان، كۈسەن(كۇچا)قاتارلىق جايلارغا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئىشلەتكەن بوغۇملۇق يېزىق بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە ئۆتكەن قەدىمكى ھىندىستان پادىشاھى ئاسۇكانىڭ قەبرە تېشىدا بايقالغان. شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقى ئاساسلىقى  قەندىھار ۋە ئۇدۇن تىلىدا خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئوڭدىن-سولغا يېزىلغان، دەۋرلەر ۋە تېپىلغان ئورۇنلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن قارۇشتى ھەرپلىرىنىڭ سانى ئوخشاش ئەمەس، ئومۇمەن 43-57-گىچە ئەتراپىدا ھەرپ بولغان.

قارۇشتى يېزىقىدا كۈسەن(كۇچا)نىڭ كۇسى (kuci)،ئاگنى (قاراشەھەر) نىڭ ئارگى (argi)، كىروراننىڭ كىروراينا ( Kroraina)، چەرچەننىڭ چالمادان(calmadana)، ناھىيەنىڭ ئاۋانا (awana)، كەنتنىڭ گراما (grama)، شەھەرنىڭ ناگارا (nagara)، دۆلەتنىڭ راجا (Rajaئاقسۆڭەكنىڭ ئارى(ari)، باجگىرنىڭ ئاگېتا(ageta) دەپ ئاتىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، قارۇشتى يېزىقى تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەردە بارلىققا كېلىپ، مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، 5-ئەسىرلەردە ئىستېمالدىن قېلىپ ئۈلۈك يېزىققا ئايلانغان. قارۇشتى يېزىقى خەنزۇچە ماتېرىاللاردا «卢文» دەپ يېزىلىدۇ.

قارۇشتى يېزىقى ئەسلىدە سانسىكرىتچە«Kharosthi» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى«khara»-«ئىشەك» دېگەن مەنىنى؛ «ostha» -«كالپۇك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا قارۇشتى يېزىقى-«ئىشەك كالپۇكى يېزىقى» دېگەن مەنىدە. «ئىشەك كالپۇكى» قەدىمكى ھىندىستان رىۋايەتلىرىدىكى بىر ئەۋلىيانىڭ ئىسمى. سۇي سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جى ساڭ يازغان «ساتا ساستىرا تەپسىرى» نىڭ1-جىلىدىدا مۇنداق دېيىلگەن:«ئىلگىرى براھما ھايات چېغىدا 72 ھەرپ بىلەن بۇ ئالەم نىجات تاپىدۇ. بۇ- قارۇشتى كىتابىدۇر، دېگەن ئىكەن. بۇ ئالەمدىكىلەرنىڭ براھمىغابولغان ھۆرمىتى بارا-بارا سۇسلىشىپ قاپتۇ. نەتىجىدە ئۇ نەپسىنى بۇزۇپ، ھېلىقى كىتابنى(7 ھەرپنى-ت) يىغىپ يۇتۇۋېتىپتۇ. پەقەتA  ھەرپى بىلەن O ھەرپىلا ئۇنىڭ كالپۇكىدىن يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.كىشىلەر بۇنى قەدىرلەپ ھەرپلەر شاھى دەپ بىلىپتۇ. شۇڭا O ھەرپىنى تۆت شاندا (بۇددا ئىلاھى) نىڭ ئۈستىگە قويۇپتۇ، SAھەرپىنى ياسا-سۇترا (براھمانا ئايەتلىرى -ت) نىڭ بېشىغا قويۇپتۇ ... (vipsyin) دا: گويا براھما براھمانا كىتابىنى بەرپا قىلغان، ئەۋلىيا قارۇشتى قارۇشتى كىتابىنى بەرپا قىلغان. ئۇلۇغ براھما سۇتراپىتاكانى بەرپا قىلغان» دېيىلگەن.

مارك ئاۋرېل سىتەيىن يازغان «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ «قارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكنى تۇنجى قېتىم قېزىش» دېگەن يىگىرمە ئۈچىنچى بابىدا، سىتەيىننىڭ قارۇشتى يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنى تۇنجى قېتىم تېپىش جەريانى مۇنداق دەپ خاتىرىلەنگەن:«... يېتەرلىك ئۇزۇق ۋە سۇ ئېلىپ تۆگە بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان تارماق ئەترىتىمنى ئۇزىتىپلا، ئالدىراپ ئىبراھىم ئاخۇن دورغا بىر يىل بۇرۇن قارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكلەرنى تاپقان خارابىلىققا يېتىپ كەلدىم. ...چېدىردىن شەرققە قاراپ بىر مىل ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن، ئىبراھىم ئاخۇن دورغا باشلاپ بارماقچى بولغان خارابىلىىقىنى كۆردۈم. ئۇ شامالدا يىمىرىلىپ كەتكەن ئويمان يەردە گويا بىر كىچىك دۆڭدەك چوقچىيىپ تۇراتتى. دۆڭگە چىقىۋاتقىنىمدا، خارابىلىقتىكى چىرىپ كەتكەن توم، يوغان ياغاچلارنىڭڭ يادنامىسى بولغان ياغاچ پارچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن خەت يېزىلغان ئۈچ تارشا پۈتۈكنى تېپىۋالدىم. دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن تام ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر ئۆينىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن تارشا پۈتۈكلەرنى كۆردۈم ... ئۆينىڭ تازىلىنىشى بىلەن تارشا پۈتۈك تېپىلغان يەردىن ۋە ئوچاق بىلەن تۇتاش بولغان غەربتىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىن ئىككى باغلام ئەتراپىدا ئۈستىگە خەت يېزىلغان تارشا پۈتۈك تېپىلدى ... مەن ئۆز قولۇم بىلەن تارقىلىپ كەتكەن تارشىلارنى ئەستايىدىل ئىزدەش ئارقىلىق. 85 پارچە تارشا پۈتۈكنى تېپىپ چىقتىم. شىمال تەرەپتىكى ئۆيلەرنى تازىلىغاندا، بۇ سان ھەسسىلەپ كۆپەيدى ... تارشىدىكى تېكىست قارۇشتى يېزىقىدا ئوڭدىن سولغا قارىتىپ توغرىسىغا يېزىلغان بولۇپ، خەت يېزىلغان ئىچكى تەرىپى بىر- بىرىگە قارىمۇ-قارشى باغلانغانىكەن، تارشىنىڭ ساپال تامغا بېسىلغان سىرتقى يۈزىگە ئوخشاش يېزىق شەكلىدە قىسقا جۈملىلەر يېزىلغان، يېزىلغان ئورنى ۋە شەكىلگە قاراپ، ئۇنىڭ تارشا ئىچىدىكى ھۆججەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، تارقاتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى ئادرېسى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولاتتى ...»

بىز سىتەيىننىڭ بۇ مەلۇماتىدىن قارۇشتى يېزىقىدىكى قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلىشىدىن ئىبراھىم ئاخۇن دورغا قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى مۇھىم رول ئينىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.

قارۇشتى (كارۇشتى) يېزىقى دېگەن نامنى 1890-يىلى فرانسىيەلىك ئالىم لوكوپېرې (Terrien de lacouperie) تۇنجى قېتىم قوللانغان. ئۇ سانسىكرېت تىلىدا يېزىلغان «LAlita vistara» (لالىتا ۋىستارا – يەنى كارامەت ئويۇن) دېگەن كىتابىنىڭ 10-باب 29-پاراگىرافىدىن بۇ خىل يېزىقنىڭ سانسىكرىتچە نامىنىڭ «kharosthi» ئىكەنلىكىنى تاپقان. يەنە تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن داۋشى يازغان «法苑珠琳» (بۇددا قائىدىلىرىدىن گۆھەرلەر) دېگەن كىتابىنىڭ 15-جىلىد «بۇدداھلار بابى، ساياھەت قىممتى»دىن «قارۇشتى يېزىقى» دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى -«卢文» نى تاپقان.

1896-يىلى، ھىندىستاندىكى قەدىمكى يېزىقشۇناسلىقى بويىچە نوپۇزلۇق بولغان گېرمانىيەلىك ۋىبول ئۆزىنىڭ «ھىندىستان قەدىمكى يېزىقشۇناسلىقى» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە لاكوۋپېرىيىنىڭ دەلىلىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، كېيىن ئىلىم ساھەسىدىكىلەر قارۇشتى دېگەن بۇ نامنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى بۇ خىل يېزىقنىڭ نامى جەھەتتە ساقلانغان قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرلگەن.

1928- 1929-يىللىرى، ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە ئالىمى خۇاڭ ۋېنبىي ئەپەندى جۇڭگو بىلەن شىۋېتسىيە بىرلىكتە تەشكىللىگەن غەربىي شىمال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن بىللەتارىم ئويمانلىقىغا بېرىپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ خوتەننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئاق سېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن خەنزۇچە-قارۇشتى يېزىق چۈشۈرۈلگەن بىر دانە مېتال پۇل تېپىۋېلىپ، ئۇنى «خوتەن يارمىقى» دەپ ئاتىغان. كېيىن، بۇ پۇلنىڭ تېپىلىش ئەھۋالىنى شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دوكلاتى-«يارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيەسى ھەققىدە خاتىرە»گە كىرگۈزۈپ بايان قىلغان. 1962-يىلى، شىيا نەي ئەپەندى «خوتەن يارمىقى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە بۇ پۇل ئۈستىدە ئەتراپلىق تەتقىق يۈرگۈزگەن. ئۇ بۇ پۇلغا «خەنزۇچە – قارۇشتىىچە يېزىقى چۈشۈرۈلگەن پۇل» (khroticoins-Bilingualsino) دەپ رەسمىي نام بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىل پۇلنىڭ ئويما يېزىقى ۋە يىل دەۋرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى ساقلىنىپ كەلگەن خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزەتكەن. قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى يېشىپ ئوقۇشقا ياۋروپالىق ئالىملاردىن پىرىنسېپ، لاسسېن، نورس ۋە كۇنىگام قاتارلىقلار زور تۆھپە قوشقان. بۇددا دىنىنىڭ ئېلىمىزدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە ساياھەتچىلىرى، راھىبلىرى ۋە تەرجىمەشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدە قارۇشتى يېزىقىىغا دائىر بىر مۇنچە خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان. بۇ يېزىق ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن لياڭ سېڭيۇ يازغان «ترى پىتاكا» نىڭ 1-جىلد «غۇزچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نوملارنىڭ ئاھاڭ ۋە مەنبەسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر» دېگەن كىتانىغا تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«قەدىمدە كىتاب بەرپا قىلغۇچىلار ئاسەن ئۈچ كىشى بولۇپ، چوڭنىڭ ئىسمى براھما، ئۇنىڭ كىتابى ئوڭدىن سولغا يېزىلغان، ئىككىنچىسى قارۇشتى، ئۇنىڭ كىتابى سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئۈچىنچىسى ساڭ شىيى، ئۇنىڭ كىتابى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يېزىلغان. براھما بىلەن قارۇشتى ھىندىستاندا تۇرغان، خۇاڭدى دەۋرىدىكى ساڭ شىيى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىدى. براھما بىلەن قارۇشتى يېزىقىنىڭ قائىدىلىرىنى پاك ئاسماندىن ئالغان. ساڭ شىيى قۇشقاچ ئىزىنى تەقلىد قىلغانلىقتىن ... براھما يېزىقى بىلەن قارۇشتى يېزىقى دۇنيادىكى مۇقەددەس يېزىق بولۇپ قالغان. شۇڭا ھىندىستاندىكى ئەللەر ئۇنى ساماۋىي كىتاب دەپ ئاتىغان.» تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن راھىب شۈەن يىڭ يازغان« بارلىق سۇترالارنىڭ شەرھىسى» نىڭ 27-جىلدىدا :«قارۇشتى كىتابى شىمالدىكى چېگرا جايلاردا ياشايدىغان خەقلەرنىڭ كىتابى» دېيىلگەن. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر دۈەن چېڭشى يازغان «يۇياڭدىكى خاتىرىلەر» نىڭ11- جلدىدا:«غەربىي يۇرتتا ئىشەك كالپۇكى كىتابى، نېلۇپەر ياپرىقى كىتابى ...قاتارلىق 64 خىل كىتاب بار ئىكەن» دېيىلگەن.

قارۇشتى يېزىقىنىڭ ئوقۇپ يېشىلىشىگە چ.ماسسون، چ.پىرىنسېپ، چ.لاسسىن، ئې. مورس، ئا. كۇنىھاملار، بولۇپمۇ چ.پىرىنسېپ زور تۆھپە قوشقان. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى چ.پىرىنسېپىنىڭ تەتقىقاتىدۇر. چۈنكى قارۇشتى يېزىقىنىڭ ئوقۇپ يېشىلىشى ئاساسەن ئۇنىڭ قەدىم زاماندىكى ھىندىستان شاھى ئاسۇكانىڭ ئابىدىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئاساسىدا بولغان. 1847-يىلدىن باشلاپلا ئاسۇكا ئابىدىسى كىشىلەرگە مەلۇم بولغان ھەمدە 1801-يىلى ئۇنىڭ يېزىق نۇسخىسى بېسىپ چىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىرى 1837-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن پىرىنسېپ تەرىپىدىن ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇ ئالدى بىلەن قەدىكى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال رايونىدا كەڭ تارقالغان قارۇشتى يېزىقىغا تۇتۇش قىلغان، ئاندىن ئۇ قارۇشتى يېزىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر خىل قەدىمكى ھىندىستان يېزىقى – براھمى يېزىقىنى ئوقۇشقا كىرىشكەن.ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بوپار دېگەن جايغا يېقىن بىر ئىبادەتخانىدا قىسقا ھەم ئاددىي يېزىلغان براھمى يېزىقىدىكى يادنامىلەر بار ئىكەن، پىرىنسېپ ئۇنىڭغا «مەلۇم كىشىنىڭ سەدىقىسى ... دېگەن مەنىدە دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇنىڭدىكى بەزى خەتلەرنىڭ ھىندىستاننىڭ ئاممىباب تىلىدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھىندى تىلىدىكى خاز ئاتالغۇلارنىڭ شەكلىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، بىر مۇنچە خاس ئاتالغۇلارنى ئارقا-ئارقىدىن يېشىپ چىققان. پىرىنسېپنىڭ تەتقىقاتى ئەنگلىيەلىك پالى تىلى ئالىمى گ.تورنورنىڭ يادىمىگە ئېرىشكەن. پالى تىلى ئاسوكا ئابىدىسىدىكى خەتلەرنىڭ بىر مۇنچىسىنى تورنورنىڭ پالى تىلى جەھتتىكى بىلىمىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تونۇغان. تورنور پالى تىلىدا يېزىلغان «ئارال تارىخى» دا ئاسۇكانى «piyadsi» (پىيادسيەنى كۆرۈشكە ئامراق پادىشاھ) دەپ ئاتىغان. شۇڭا، ھىندىستان ئابىدىلىرىدىكى پىيادسى – ئاسۇكادۇر دەپ كۆرسەتكەن.بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئاسۇكانىڭ نامى زادىلا كۆرۈلمىگەن، تاغ باغرىدىكى قىيا تاشلارغا ئويۇلغا قانۇن پەرمانلار ھەقىقەتەن ئاسۇكا ئېلان قىلغان قانۇن-پەرمانلاردۇر.

1837-يىلى، پىرىنسېپ بىر پارچە ئاسۇكا قانۇنىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئوقۇپ يېشىپ، ئاسۇكا ئابىدىلىرىدىكى تىلنى تەتقىق قىلىشقا ئاساس سالغان. ئۇ يەنە ئاسۇكانىڭ غايەت زور قىيا تاشقا ئويۇلغان باشقا ئىككى پارچە قانۇنىنى ئوقۇپ يېشىشكە كىرىشكەندە، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەن  ۋە ھاۋا كىلىماتى ياراشمىغانلىقتىن، ئاخىر 1840-يىلى ۋاپات بولغان. پىرىنسېپ يېزىپ قالدۇرغان «ھىندىستان ئارخېئولوگىيەسىگە دائىر ماقالىلەر توپلىمى» 1858-يىلى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى دۇنياغا مەلۇم بولغان. كېيىنكى خىزمەتلەرنى گېرمانىيەلىك گ. بۇخلېر، فراسىيەلىك س. سېنارت ۋە نورۋېگىيەلىك س. كونوۋ قاتارلىق تىلشۇناسلار داۋاملىق ئىشلىگەن.

ئېلىمىزدە قارۇشتى يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى ئەڭ ئاۋۋال ئەنگلىيەلىك بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى قولغا چۈشۈرگەن. ئەنگلىيەلىك فورسىيىس «جەزىرىدىكى چوڭ قۇملۇقتا كۆمۈلۈپ قالغان شەھەرلەر ھەققىدە» دېگەن تېمىدىكى يازما دوكىلاتىدا، ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇچە –قارۇشتىچە يېزىقتىكى قۇيدۇرۇلغان ئىككى دانە تۆمۈر پۇل تېپىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى دانە تۆمۈر پۇل ئەمەس، مىس پۇلدۇر. ئۇ يەنە بۇ پۇلدىكى قارۇشتى يېزىقىنىمۇ خاتا ئوقۇپ، بۇ پۇللارنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە ئۆتكەن باكتېريەدىكى گركلاشقان خانلىقنىڭ ئاخىرقى  خانى ھېرمائېئۇس زامانىدا قۇيۇلغان پۇل دەپ قارىغان.

فورسېيىسىنىڭ  بۇ پۇلنى تېپىشى قارۇشتى يېزىقى تارىم ئويمانلىقىدا يوقىلىپ مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا چىققان ئىش. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ خاتا چۈشەنگەنلىكى تۈپەيلىدىن،كىشىلەر ئەينى چاغدا تارىختا قارۇشتى يېزىقىنىڭ ھىندىستان تېررىتورىيەسىنىڭ سىرتى – ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونى (غەربىي يۇرت) دىمۇ تارقالغانلىقىنى ھېس قىلالمىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزدىكى تارىخىي مىراسلارنى رەتلەپ، نەشرگە تەييارلىغۇچى ئىلىم ئەھلىنىڭ بىرى، نوپۇزلۇق تىلشۇناس لىن مېيسۈن قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ئوقۇش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «قۇم بارخانلىرىدىن تېپىلغان قەدىمكى ۋەسىقىلەر» (沙海古卷) ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى يازدى.

بۇ كىتاب 1988-يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇ يەنە غەربىي يۇرتتىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قارۇشتى يېزىقى ھەققىدىكى ئىلمىي ئەسەردىن باشقا، يەنە «كىروران ۋە نىيەدىن تېپىلغان خەت- چەكلەر»،«كىروران» قاتارلىق ئون پارچە قەدىكى يېزىققا دائىر ئىلمىي ئەسەرنى يازغان.

قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىگىلىك، تۈرلغك خەت-چەك، ئىقتىساد، دىن، ئالايلۇق، لىن مېيسۈن يازغان «جۇڭگودىن تېپىلغان قارۇشتى پۈتۈكلىرىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق ئىلمىي ماقالىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىن، كونكرېت ئېيتقاندا، ئۇدۇن (خوتەن) دىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئىچىدە قارۇشتىچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن مېتال پۇل، قارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغان «داراماپادا سۇترا» نىڭ پۇچۇلغان ۋاراقلىرى (فراگمېنتلىرى)، نىيەدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈك، كەمتۈك ۋاراق، لاتىغا يېزىلغان پۈتۈكلەر، شۇنداقلا مىرەن ۋە كۈسەن (كۇچا)دىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا چېتىلدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشى، ئوقۇلۇشى، ئىزاھ قىلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئەينى زاماندىكى تارىخىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە دىنىي ئەھۋالى، ئۆرپ-ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قارۇشتى يېزىقىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭدا ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى تارىخى پۈتۈلگەن، ئۇنىڭدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، ئەيىنى ۋاقىتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جۈملىدىن  دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، ئارخېئولوگىيەلىك قىدرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ ئاپتونۇم رايونىمىزدىن قارۇشتى يېزىقى ۋە باشقا ئۆلگەن يېزىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تېپىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىدىكى تېخى ئېچىلمىغانسىرلارنىڭ ئېچىلىشى  ۋە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنىڭ تولدۇرۇلۇشى شۈبھىسىز. چۈنكى ئۇلارنى قېزىش، ئېچىش،تەرجىمە قىلىش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش ھەربىر ھەقدانىڭ، ئىلىم ئەھلىنىڭ مەجبۇرىيىتى.

دېمەك تىلغا تارىخنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ. قەدىملى غەربىي يۇرتلۇقلار، جۈملىدىن، يىراق ئەجدادلىرىمىز ئىشلىتىپ ئۆز ھاجەتلىرىدىن چىققان، ئۆزتارىخى، كۇلتۇرىنى ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق رەۋىشتە يېزىپ قالدۇرغان ئاشۇ ۋەسىقىلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس- ئەلۋەتتە! قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىدا سارغىيىپ ياتقان تەۋەرۈك يادىكارلىقلارنى بىرلەپ- ئىككىلەپ قېزىلىپ ئىلىم ئەھلىگە ئاشكارلانغاندىن كېيىنلا يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنىڭ يۇرۇتۇلمىغان تەرەپلىرىنى يەنىمۇ تولۇقراق بىلىشكە قادىر بولالىدۇق ۋە بولالايمىز. مەيلى قارۇشتى يېزىقى بولسۇن، مەيلى ئەجدادلار قوللانغان باشقا يېزىق ۋەسىقىلىرى بولسۇن ھەممىسىلا جاھاننامە ئەينىكىدەك بىزنى يىراق ئۆتمۈشكە باشلاپ بارىدۇ،تارىخنىڭ پۇچۇلانغان، چېقىلغان ئەينەكلىرىنى، داغلىرىنى قايتىدىن تازىلاش ۋە ياساشقا  تەقەززا قىلىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىسى بولغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن تېپىلىشى ۋە ساقلىنىشى، ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىش تارىخنىڭ پۇچقاقلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ جۇلالىنىشى ئۈچۈندۇر. يۇرتىمىزنىڭ تارىخى مەيلى قېزىلغان ياكى تېخىچە ئېچىشنى كۈتۈپ كۆمۈلۈپ ياتقان بولسۇن ئۇنى ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر.

 

پايدىلانمىلار:

1.    لىن مېيسۈن:«قۇم بارخانلىرىغا كۆمۈلگەن ۋەسىقىلەر» (خەنزۇچە)، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى، 1988-يىل نەشرى

2.    لىن مېيسۈن:«جۇڭگودىن تېپىلغان قارۇشتى پۈتۈكلىرىدىن ئومۇمىي بايان»،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىللىق 3-سانى (ئەزىز يۈسۈپ تەرجىمىسى)

3.    مارك ئاۋرىل سىتەيىن (ئەنگلىيە): «قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىل 1-نەشرى، (تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماخمۇت ئابدۇۋەلى، ئەلى غۇپۇر، مەردان سەيپۇللا)

4.           ۋ. روكشىل (ئەنگلىيە): «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانى

5.           «شىنجاڭ ئىنسكىلپىدىيەسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1-قىسىم

6.    گۈلمېھرى ئەلى پاشا :«يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار»،ئاسىيا كىندىكى گېزىتى 2013-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانى

تەھرىرلىگۈچى: تۇرسۇنئاي ئابلەت


مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2013-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 510 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-24