مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىرىنى ئېچىش

 



مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىمۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى


مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىرىنى ئېچىش

 

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ دىنى خاراكتېردىكى سىياسىي تەشكىلاتى. ھەسەن بەننا  1928- يىلى ئىسمائىلىيە شەھىرىدە قۇرغان، ئىككىنچى يىلى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلگەن. ھەسەن بەننانىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى «زامانىۋىلىق ھەرىكىتى، سۈننىي مەزھىپىنىڭ يولى، سوپى مەزھىپىنىڭ ھەقىقىتى، سىياسىينىڭ كوللېكتىپى، تەنتەربىيە تەشكىلاتى، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى، ئىقتىساد شىركىتى، جەمئىيەتنىڭ غايىسى»، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى 1933-يىلى قاھىرەدە باش شتابىنى تەسىس قىلدى، 50 رايوندا تارماق ئورگان قۇردى، سۇرىيە، سۇدان، ئىئوردانىيە، پاكىستان قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە ياچېيكا، مەكتەپ، مەسچىت ۋە سودا شىركەتلىرى بار. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبىرى « باش يېتەكچى» بولۇپ، قارمىقىدا يېتەكچىلىك ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان، ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى فۇنكىسىيىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئەزالارنىڭ تەشكىلاتقا كىرىش شەرتى بولسا: ياخشى ئەخلاق-پەزىلەت ۋە دىنى تەربىيەنى ھازىرلىغان بولۇشى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ پروگراممىسى ۋە ھەرىكەت پىلانىغا تولۇق بويسۇنۇشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى، ئىمزا قويۇپ تىزىملىتىشى ھەمدە ئەزالىق ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 4 دەرىجىگە بۆلىنىدۇ، ياردەمچى قېرىنداشلار (ھىمايىچى) رەسمىي قېرىنداشلار (رەسىمىيەت ئۆتەپ رەسىمىي ئەزا بولۇپ كىرگەنلەر )، ھەرىكەتتىكى قېرىنداشلار (ھەر تۈرلۈك ئەمەلىي ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار) ۋە جىھادچى قېرىنداشلار. مىسىرنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 500 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. ھازىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ زادى قانچىلىك ئەزاسى بارلىقى قەتئىي مەخپىي بولۇپ، سىرتتىكىلەر بىلىشكە ئامالسىز. تەسىرى كۈچى ئوتتۇرا شەرق ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئاممىۋى تەشكىلات. بەزىلەر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەشكىلى ئەڭ مۇستەھكەم، دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ تەسىرى كۈچكە ئىگە ئىسلام سىياسىي گۇرۇھى دەپ قارايدۇ.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتى

كۆپ قېتىم مىسىر ئىنقىلابىغا قاتناشقان، يەرلىك دائىرىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بەزىدە سوغۇق بەزىدە قىزغىن.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىزچىل سىياسىيغا قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە قويۇق ئاشقۇنلۇق تۈسىنى ئالغان. ئۇ سىياسىي جەھەتتە «قۇرئان كەرىم» نى ئاساس قىلغان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى، ئىسلام شەرىئىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، مىسىر يەنىلا فەرۇق پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مىسىر خان جەمەتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ تەشكىلاتنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە ھەسەن بەننانى قەستلەپ ئۆلتۈردى. قىساس ئېلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى كېيىنكى مىسىر پرېزىدېنتى ناسىر قاتارلىق كىشىلەرگە ياردەملىشىپ 1952-يىلى فەرۇق پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.

لېكىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن دەھرىي مىللەتچىلىكنىڭ  ۋەكىلى ناسىر ھاكىمىيىتى قەتئىي سىغىشالمايدۇ، ئىككى قېتىم ناسىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى، قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىدى.  سادات تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىر مەزگىل مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئۆزىگە قاراتتى. بىراق، 1978-يىلى سادات بىلەن ئىسرائىلىيە ياراشقاندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قاتارلىق گۇرۇھلار تەرىپىدىن «ئازغۇن» دەپ قارالدى.

1981-يىلى، سادات سۇيقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سۇيقەسكە قاتناشتى دەپ قارىلىپ تازىلاشقا ئۇچرىدى.

مۇبارەك تەختكە چىققاندىن كېيىن، ساداتنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى زالىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۆلۈش، پارچىلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى بارلىق كۈچى بىلەن ئۆزگە تارتتى. تۈرلۈك يوللار بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئۆزىگە قاراتتى. 1982-يىلى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئاشقۇن ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن ئارىلىق ساقلىدى ھەمدە ۋاستىلىق ھالدا پارلامېنت سىياسىيسىغا قاتنىشىشقا باشلاپ، قانۇنلۇق سىياسىي پارتىيىگە ئۆزگەردى. 2005-يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى پارلامېنتتىكى 454 ئورۇندىن 88 ئورۇنغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچىلەرگە ئايلاندى. 2010-يىلىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىر بېلەت بىلەن غەلبە قىلالمىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سايلامدا كۆز بويامچىلىق بارلىقىنى ئەيىپلىدى، شۇڭا ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشنى بايقۇت قىلدى.

مۇبارەك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مىسىردىكى داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتتىكى ئەڭ چوڭ غەلبە قىلغۇچى بولۇپ قالدى.

ھۆرلۈك ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى قۇرۇلۇپ، سايلامدا مىسىرنىڭ تۇنجى خەلق سايلىغان پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقتى.

2011-يىلدىكى مىسىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ سائاد قەتتانى رەھبەرلىكىدىكى ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسىنى قۇرۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرلا ۋاقىتتا مەزكۇر پارتىيەنىڭ 2011-2012 يىلىدىكى مىسىر پارلامېنت سايلىمىدا يېرىم ئورۇننى تالىشىغانلىقىنى جاكارلىدى. مورسى پارتىيە رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى، ھېسسام ئەل-ئەرىيان مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، مۇھەممەد ئاساس قەتتانى باش سېكرىتار بولدى، ئۈچىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى مىسىر خرىستىئانلىرىنىڭ زىيالىيسى رەفىق ھەبىبنى پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلاش ئارقىلىق بۇ پارتىيىنىڭ كۇپىتلارغا ھەم خانىم-قىزلارغا تۇتقان ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى رەئىسى مۇھەممەت مورسى 2012-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا سابىق باش مىنىستىر ئەھمەد شەفىقنى يېڭىپ، مىسىر تارىخىدىكى تۇنجى خەلق سايلىغان پرېزىدېنت بولۇپ قالدى.

مىسىر ئاساسىي قاتلام ئاممىسىدا يۇقىرى شۆھرەتكە ئېرىشتى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مىسىردىكى ئەزالىرى 500 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى، ئەزالىرى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا تارقالغان، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنى ئاساس قىلغان.

ئۇ مۇسۇلمانلارنى غەرب ئىدىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىنى بايقۇت قىلىپ، ئىسلام دىنى تۇرمۇشىغا قايتىشقا چاقىرىق قىلدى. 70 يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قۇدرەت تاپتى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نەچچە مىليونلىغان ئاممىسى بار ئىكەن. ھەربىر تارمىقىدا مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانا، بانكا، مېدىيە، كۇلۇب قاتارلىق كوللېكتىپلار بولۇپ، «بەش ئەزاسى تولۇق» كىچىك جەمئىيەتكە ئايلاندى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىدا زىيالىيلار ئىنتايىن كۆپ.

 مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدا قوللاشقا ئېرىشكەن بولۇپ، دائىم خەي-ساخاۋەت قىلىدۇ ھەم ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولغان ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بىلەن خەلقنى تەربىيلەيدۇ.

پۇقرالار مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئومۇمەن ھەممىسى دېگۈدەك ھۆرمەتلەيدۇ. تۆۋەنكى قاتلام خەلق ئاممىسى تېخىمۇ شۇنداق.

 

قاھىرە خەلق ئاممىسى تۈزلا قىلىپ: «گەرچە بىز خەلق ئاممىسىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى ياقتۇرمىساقمۇ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنى تېخىمۇ خالىمىساقمۇ، لېكىن مەن يەنىلا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ياخشى كۆرىمەن، كىشىگە ئۈمىد ۋە ئىستىقبال بېغىشلايدۇ» دېگەن ئىدى.

تەرجىمىدە: گۈلسۈم

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        

                                                                                                                                                                                                                                                                                                                  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 18

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1505 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-23