ئەمئەق بۇخارىي

 

ئەمئەق بۇخارىي


 .ئەبۇ نەجىپ شەھابىدىن ئەمئەق بۇ خارىي قاراخانىلاردىن خىزىرخان «1079-1080» سارىيىدا مەلىكۇ ششۇئەرا بولغان. بۇ 11-ئەسىرنىڭ 40-50 يىللىرى ھارىسىدا تۇغۇلۇپ . رىزاقۇلىخان ھىدايەتنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا 1147-يىلى ۋاپات بولغان . ئۇ پارس -تاجىك كلاسسىك ئەدەبىياتىتارىخىدا باھار گۈزەللىكى، ئاشق ۋە مەشۇق لاتاپىتى. مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ بىشەپقەتلىكى تەقدىر بىۋاپالىقى تەرەننۇم قىلغان قەسىدىلىرى بىلەن مەشھۇر . ئەمئەق قەسىدىلىرىدە ئىلتىزام ئۇسلۇبىدىن كەڭ پايدىلىنىلغان. ئۇ ھەم كۆپ ساراي شائىر كەبى، ئۆمرى ئاخىرىدا قاراخانىلارنىڭ سارىيىدا كېتىپ، ئاخىرقى ھاياتىنى جەمئىيەت ئىشلىرىدىن خالىي ئۆتكۈزگەن .

ئۇ ئۇلۇغ شائىرلار خۈملىسىدىندۇر. سۇلتانسەنجەر [1] زامانىدا ياشاپ ، «يۈسۈف» قىسىسىنى نەزم قىلغانكى ، ئۇنى ئىككى بەھر بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ . ئۇستاد رەشىدىن ۋاتۋات ئاڭا ئىزدەش ئىدى، ئۇنىڭ ئېيىتقانلىرىنى «ھەدايىق ئۇ سېھىر» دا مىسال تەرىقىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن . ئۇنىڭ ئوغلى ھەمىدە ئىبىن ئەمئەق ھەكىم سۇزانىيزامانىدا ئۆتكەن ۋە ئۇنى لايىق كۆرگەن .ئۇشبۇ قىتئە ھەمىدنىڭكىدۇر:

تۈش كۆرۈپمەن كېچە ئادەم ئاتانى،

قولى ھەۋۋا قولىنى تۇتقان ئېردى.

 سورىدۇم:«نەبرەڭمۇ سۇزانىي سېنىڭ؟» [2]

«ئۈچ تالاق، ھەۋۋا ئەگەر، بولسا» دېدى؟

ئەمئەق بۇخارىي مەرسىيە ئېيتىش بابىدا بىنەزىر بولغان ئەبۇ تاھىر خاتۇنى«تارىخى ئالى سالجۇق» («سالجۇقىيلار خانەدانى تارىخى») [3]كىتابىدا مۇنداق دېگەن:«سۇلتان سەنجەرنىڭ سۇلتان مەھمۇد ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن لىكىشاھ نىكاھىدا بولمىش ماھمۇلىك ئىسىملىك قىزى ۋاپات بولدى. سۇلتان سەنجەر ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى كۆپ دىلتەك ۋەخاپا بولدى. ئەمئەقنى ماھمۇلىك خاتۇنغا مەرسىيە ئېيتسۇن، دەپ بۇ خارادىن چاقىرتىدۇ. ئەمئەق بۇۋاقىتتا كەكسەيىپ ، قۇۋۋىتىدىن كەتكەن ، ئاجىز بولۇپ قالغانلىقىدىن ، ئۇزۇندىن -ئۇزاق مەرسىيە ئېيتماسلىققا ئىجازەت ئالدى ۋە مانا بۇ بېيتنى ئېيتتى. بۇ ۋاقىئە باھار ئەيئامىدا بولغان ئىدى .مەرسىيە:

تىندى بوستان سەھنىدە نەگاھان گۈل كۈلگىسى،

كەتتى تۇپراق قەئرىگە بېركىنىپ جىسمۇ ئىسى.

گەر بۇلۇتتىن جىققا ھۆل بولدى دەرەخ ياپراقلاردى،

قالدى سۇسىز، ۋادەرىخ، ياڭى بوستان نەرگىسى.

بۇمەرسىيەنى ئەمئەق ياخشى ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە كەلتۈرۈش مۈشكۈل.

پازىللاردىن مەۋلانە ئەبۇ سۇلايمان زىكىرىيا كۇفىي «سۇۋارۇلئەقالىم» («ئىقلىملار سۈرىتى») [4] كىتابىدا ئېيتىپتۇردىكى، سۇلتانسەنجەر باغدادنى پەتىھ ئەتكەچكە سەمەررە (سامرا) [5] قەسىد قىلدى. سەمەررەنىڭ مەسجىدى جاماسىنىڭ ئالدىدا بىر غار بولۇپ ، شىئەلەر ئېتىقادىچە ، ئىمام ھەدىي ئاشۇ جايدىن چىقىشى كېرەك ئىمىش. شۇ سەۋەبتىن جۈمە كۈنلىرى بىر سامان ئاتنى ئۈمىد بىلەن ئاشۇرغان ئاغزىدا تۇتۇپ تۇرار ئىكەن….سۇلتان بۇ ھالنى  كۆزىتىپ، تەكشۈرۈش قىلىپ، سەۋەبىنى سوراپ بىلدى. بۈ گۈزەل ۋە تەڭدىشى يوق ئات ئاڭا يېقىپ قالدى. كېيىن ئاڭا مىندى ۋە دېدى:«بۇ ئات مەندە ئامانەت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر قاچان ئىمام چىقسا ، ئۆزۈم ئاڭا تاپشۇرىمەن.» ئېيتىدۇرلەدىكى، بۇ ھال ئاقىۋەتنى سۇلتانغا ياخشىلىق كەلتۈرمىدى . بۇنىڭدىن بىھۆر مەتلىك زەرافەت  يۈزىسىدىن  سۇلتانغا خۇش كۆرۈنسە ھەم ، مەقبۇل كۆرمىدى . يەنە ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرىدا  ئۇ ئۆلىما ۋە زاھىدلار مۇئاشنى توختىتىپ قويدى. بۇ ئاقىۋەت دۆلىتىنىڭ زاۋال تېپىشىغا سەۋەپ بولدى. غۇززلار [6] ئاڭا خۇرۇج قىلدى. سۇلتان ئەمىر بىر مۇنچەۋاقىت قاماقتا ياتتى . ۋىلايەتنىڭ كۆپ قىسمى، خۇراسان مەملىكىتى (ئىراق ئىراقىي ئەرەب ۋە ئىراقىي ئەجەم-ب.ئەھمەدوۋ)، بەلكى تامام جاھان مەمۇر قىسمنىڭ كۆپچىلىكى ئاشۇ غەۋغادا خاراپ بولدى … ئاخىرى تېرمىز قەلئەسىدە غۇزلار قولىدىكى تۇتقۇنلۇقتىن سۇلتان سەنجەر خالاس بولدى. لېكىن قېرىپ، مۇنكىللەم قالغان ئىدى. 551- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئونىنچىسىدە 《1156-يىل 3- مايدا》 مەرۋە شەھرىدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يېتىشتى.

__________________________

ئىزاھات:

[1] سۇلتان سەنجەر- سەلجۇقىيلار سۇلالىسىدىن 8-ھۆكۈمدار.

[2] ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا نەزەردە تۇتۇلدۇ.

[3] تارىخىي ئالىي سالجۇق-ئەبۇ تاھىر خاتۇنىنىڭ تارىخىي ئەسىرى. ئۇنىڭدا سالجۇقىيلار دەۋرىدىكى (1038-1194) ئىراق ۋە ئىراننىڭ سىياسىي ھاياتى بايان قىلىنغان. ئەسەر بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن.

 [4] «سۇۋارۋلئەقالىم»-ئىستاخرىيىنىڭ (10-ئەسىر) شەرق مەملىكەتلىرى جۇغراپىيىسىگە ئائىت كىتابى.

[5] سەمەرە-ئىراقتا ، دەجلە دەرياسىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر .

[6] غۇزلار- 1138-يىلدىن باشلاپ يەتتىسۇن تەرەپتىن ماۋارە ئۇننەھىرگە باستۇرۇپ كىرىشكە باشلىغان ۋە 1141-يىلىدا سەمەرقەند يېنىدا سۇلتان سەنجەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان قاراخىتايلاردۇر.

       

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىنىڭ 6-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 512 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-18