قەتران ئىبىن مەنسۇر تېرمىزىي


قەتران ئىبىن مەنسۇر تېرمىزىي

 

سالجۇقىيلاردىن سۇلتان سەنجەر ‹1118-1157›زامانىدا ئۆتكەن يېتۈك شائىر ۋە ئالىم. دىۋانىغا مۇرەببە، مۇخەممەس، ئىككى قاپىىيىلىك تەرجىبەند، قەسىدە ژانىرلىرىدا يېزىلغان شېئىرلىرى كىرگۈزلگەن.مەشھۇر «گىر شاسپنامە» 1065-1066-يىللىرى يېزىپ تۈگىتىلگەن  ۋە «لۇغەت پارس»ناملىق ئەسىرى بار. مۇتەللىپ ئەسەد تۇسىينىڭ ئېيتىشىچە ، پارس تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى تۈزۈشكە دەسلەپ قەتران ھەرىكەت قىلغان . لېكىن ئۇ ئۆز لۇغىتىگە ھەممىگە مەلۇم كەڭ ئستېمالدىكى ئاددىي سۆزلەرنىلا كىر گۈزگەن مەقسەتتە دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىي تىلغا ئېلىۋاتقان ‹قەۋسىنامە›شۇ لۇغەت بولسا ئېھتىمال.

ئۇ شائىرلارنىڭ ئۇستازلىرى جۈملىسىدىندۇر. ئەسلى تېرمىزدىن ، لېكىن بەلختە تۇرغۇن بولغان. ئۇنىڭ دىۋانى ئىراقىي ئەجەمدە مەشھۇردۇر . سۇلتان سەنجەر زامانىدا بەلخ ھاكىمى ئەمىر ئەھمەد قوماچقا بېغىشلاپ «قەۋسىنامە» كىتابىنى يازغان . رەشد سەمەرقەندىي، لەۋۋاھىي، روھىي شەمسى سىمكاش ، ئەدنانىي ، پىسارى خۇمخانە،  شۇنىڭدەك  بەلخ ھەمدە ماۋرە ئۇننەھىرىنىڭ كۆپچىلىك شائىرلىرى قەرتانغا شاگىرت بولغانلاردۇر.

قەرتان ھاياتىنىڭ سوڭقى يىللىرىدا ئىراققا باردى  ۋە ئاشۇ يەردە ھايات كەچۈردى. ئۇ شېئىردا ماھىر ئىدى ۋە بۇ ئىلىمدە كىتابلارنى ھەم پۈتكەن. رەشىددىن ۋاتۋات ئېيتقانكى:«مەن ئۆز دەۋرىم  شائىرلىرىدىن پەقەت قەرتانغىلا تەن ئالىمەن . باشقىنى بولسا ئىلىم يۈزىسىدىن ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئۈچۈن شائىردەيمەن.»

قەرتان تۇرفا شەكىللەردىكى مۇرەببەئى، مۇخەممەس، ئىككى قاپىيىلىك شېئىرلار ۋە باشقا ژانىرلاردا كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن . مانا بۇ ئىككى قاپىيىلىك ئۇنىڭكىدۇر:  

تۆكتى ئاسمان پەريادىن تاپقاچ بۇلۇتلار زەر گەۋھەر،

تۆكتى بۇستان ، جەبىرىدىن تاپقاچ، گەۋھەر- زەر ئۇزرەزەر. 

قايدا كىم گۈلزار ئولۇر ، ئاندىن جاھان گۈلزار ئولۇر،

گۈلزاردازار ئولۇر، تۈن قوشلار يىغلار باراۋەر ھەر سەھەر.

بۇ زېمىن  شاد ئولدى ، ھەردەم ياغسا يامغۇر ، ھەم يانا ،

ئەقرا بالار تۆكسە كۆزدىن تۇپراققا گۆھەر ھەر سەپەر.

 

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىنىڭ 6-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 371 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-18