«تارىخي رەشىدىي» دە بابۇر سىيماسى




تارىخىي رەشىدىيتارىخىي رەشىدىي

«تارىخي رەشىدىي» دە بابۇر سىيماسى

 

ھۆرمەتجان فىكرەت

16-ئەسىردىكى ئاتاغلىق تارىخشۇناس، ئەدىب ۋە دۆلەت ئەربابى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر (1449-1551) ئۆزىنىڭ مەشھۇر «تارىخي رەشىدىي» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى زامانداشلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك مىرزا ھەيدەر دەپ ئاتالغان.

مىرزا ھەيدەرنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۇسەيىن سۇلتان مەھمۇدخان (1487-1503) بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن بولۇپ، 1483-يىلى ئۇنىڭ سىڭلىسى خوبنىگار خانىم (يۇنۇسخاننىڭ كىچىك قىزى) غا ئۆيلەنگەن ۋە كۆرەگان (خاننىڭ كۈيئوغلى) ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 1495-يىلى ئۆرە تۆپە ۋىلايىتىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ بىر نەچچە يىل تاشكەنتتە سۇلتان مەھمۇدخان ھۇزۇرىدا ياشىغان. مىرزا ھەيدەر مانا شۇ ۋاقىتلاردا، يەنە ھىجىرىيە 905-يىلى مىلادى 1499-يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلغان. مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خوبنىگار خانىم زوھورىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم (يۇنۇسخاننىڭ ئوتتۇرانچى قىزى) بىلەن ئاچا-سىڭىل بولۇپ، بۇ جەھەتتىن مىرزا ھەيدەر بابۇر پادىشاھ بىلەن ئاچا-سىڭىلنىڭ بالىلىرى، يەنى نەۋرە ئاكا-ئىنى ئىدى.

1503-يىلى سۇلتان مەھمۇدخان ئەخسىدا شەيبانىخان لەشكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. مۇھەممەد ھۇسەيىن ئۆرە تۆپەنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئاۋۋال قارا تېگىنگە ئۇ يەردىن كابۇلغا زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. 1506-يىلى بابۇر خۇراسانغا كەتكەن ۋاقىتتا مۇھەممەد ھۇسەيىن ھاكىمىيەتنى ئىگەللەشكە ئۇرۇنغانلار توپىغا قوشۇلۇپ قالىدۇ. ئەمما بۇ سۇيقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بابۇر خۇراساندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەختىنى ئىگەللەشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ گۇناھىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇھەممەد ھۇسەيىن خىجالەتچىلىكتىن بابۇرنىڭ يېنىدا تۇرالماي ئاۋۋال قەندىھارغا، ئۇ يەردىن پەرغانىگە كېتىدۇ.1509 -يىلى ئۇ شەيبانىخاننىڭ پەرمانى بىلەن قەتلى قىلىنىدۇ.

ئاتىسى قەتل قىلىنغاندا اتىسى قەتل قىلىنغاندا ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن مىرزا ھەيدەر ئۆزىنىڭ تەربىيىچىسى مەۋلانا مۇھەممەد بىلەن بۇخارادا –ئۇبەيدۇللاخاننىڭ نىكاھىدىكى ئاچىسى يېنىدا تۇرىۋاتقانىدى. شەيبانىخان ئۇنىمۇ قەتل قىلىش ئۈچۈن بۇخاراغا مەخپىي ئادەملەرنى ئەۋەتىدۇ. بۇنى بايقىغان تەربىيىچىسى مەۋلانا مۇھەممەد تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇنى ئېزىقتۇرۇپ، مىرزا ھەيدەرنى دەرۋىش قىياپىتىدە ياساندۇرۇپ قاچۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار بەدەخشانغا-مىرزاخان(1507-1521) نىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بابۇر مىرزاخانغا خەت يېزىپ، مىرزا ھەيدەرنى كابۇلغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مىرزا ھەيدەر كابۇلدا 1512-يىلغىچە بابۇرنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن 17 ياش چوڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر مىرزا ھەيدەرگە ئاتىلارچە غەمخورلۇق قىلىپ ئۇنى تەربىيەلەيدۇ،بىلىم-ھۈنەر ئۆگىتىدۇ. بابۇرنىڭ كۆرسەتكەن غەمخورلۇقلىرى ھەققىدە مىرزا ھەيدەر ئۆزىنىڭ «تارىخىي رەشىدىي» ناملىق ئەسىرىدە چوڭقۇر مىننەتدارچىلىق بىلەن مۇنداق يازغانىدى: «تەلىيىم » ئېيى ۋە بەختىم يۇلتۇزى نەسلىك ۋە پالاكەت ئورنىدىن ئۆتۈپ شەرەپ ۋە ئىستىقبال بۇرجىدا تۇغدى. نەچچە مۇددەت پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇشۇنداق پاراغەت خاتىرجەملىك بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدۇق. ھەمىشە پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا باراتتىم، پادىشاھ ماڭا نۇرغۇن ياخشى ۋەدىلەر ۋە چىرايلىق تەكلىپلەر بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشكە، كەسىپ ۋە پەزىلەت ئۆگىنىشكە ئەمىر قىلاتتى. كىچىككىنە پەزىلەت ياكى ئىقتىدار ھاسىل قىلغىنىم ئاشكارە بولسا، نەچچە ھەسسە ئىلتىپاتلار ۋە ئىنايەتلەر قىلاتتى ھەمدە ئۇنى چوڭلارغا بايان قىلىپ ئاپىرىن-تەھسىن قىلاتتى.قىسقىسى، شۇ مۇددەت ئىچىدە ماڭا پادىشاھ شۇ قەدەر مېھىر-شەپقەت ۋە ياخشىلىقلارنى قىلدىكى، مىھرىبان ئاتامنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا گويا يىتىملىك ۋاقتىدىكى غۇربەت ۋە كۈلپەتلا ئىدى.»

مىرزا ھەيدەر كىچىكىدىنلا ناھايىتى زېرەك ھەم پەم-پاراسەتلىك، قولى ئەپچىل، ئىشچان ھەم تىرىشچان، ئىلىمگە ھېرىسمەن بولغاچقا، تەقدىر شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ نەگىلا تاشلىمىسۇن، ئۇ بىلىم–ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە ئۇستاز ئىزدەيدۇ. بۇ جەھەتتە تەقدىرمۇ ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئارىسىدا بۈيۈك سەلتەنەت ئىگىلىرىدىن زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇر ۋە سەئىدخانلار بولغاندىن تاشقىرى يەنە نەقىشبەندىيە تەرىقىتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى «سىلىسىلەتۇل ئارىفىن» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى مەۋلانا مۇھەممەد قازى ۋە يەنە شۇ دەۋرنىڭ بۈيۈك سىمالىرىدىن بىرقانچىسى بار ئىدى. بۇنداق ياخشى مەنىۋى مۇھىت مىرزا ھەيدەرنى ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدە تەربىيە ئېلىپ، كامالەتكە يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى.« تارىخىي رەشىدىي» دىنمۇ بۇنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.

بابۇر ئۆزىنىڭ «بابۇرنامە» سىدە مىرزا ھەيدەرنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىستىداتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق يازىدۇ: «ئۇنىڭ قولىدىن خەت يېزىش، رەسىم سىزىش، ئوق ئېتىش قاتارلىق ھەممە ئىش كېلىدىكەن، شېئىردىمۇ قابىلىيىتى بار. ماڭا خېتى كەلدى، قەلىمىمۇ يامان ئەمەس.»

ھەقىقەتەنمۇ«تارىخىي رەشىدىي» نى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا مىرزا ھەيدەرنىڭ ھەرخىل گۇرۇھتىكى ئادەملەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى، كىشىلىك ھايات، دۇنيا ھەققىدىكى پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلىرى، ئۆز دەۋرىنىڭ مەنىۋى ھاياتى ھەققىدە توختالغان ئورۇنلاردا ئېيتىپ ئۆتكەن 60 تىن ئارتۇق ئەسەرلەرنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، بىز تارىخشۇناس ئالىمنىڭ بىلىم دائىرىسى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئالدىنقى قاتاردا بولغانلىقىغا شۈبھىمىز قالمايدۇ.

«تارىخىي رەشىدىي» ئىككى جلددىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ 2-جلدى ئاۋۋال، 1-جلدىنى كېيىن يازغان ھەم ئۇلارغا «مۇختەسەر» (قىسقىچە تارىخ) ۋە «تارىخىي ئەسىل» (ئەسلى تارىخ) دەپ نام بەرگەن، ئومۇمىي كىتاب نامىنى «تارىخىي رەشىدىي»دەپ ئاتىغان.

ئەسەرنىڭ 1-جلدى ھىجىرىيە 951-،952 –يللىرى (مىلادىيە 1544-،1546-يىللىرى) يېزىلغان. ئۇنىڭدا تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن تارتىپ تاكى ئابدۇرەشىدخانغىچە 200 يىللىق تارىخ مۇپەسسەل بايان قىلىنغان. تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن باشلانغان شەرقىي چاغاتاي خانلىقى بىلەن مىلادىيە 1370-يىللىرى ماۋارەئۇننەھر ئاساس قىلىنىپ بارلىققا كەلگەن تېمۇرىيلەر دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر؛ تېمۇرىيلەرنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى؛ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى مەھمۇدخاننىڭ تېمۇرىيلەردىن بولغان ئۆمەر شەيخ، ئەھمەد شەيخلەر بىلەن بولغان ئىجابىي ۋە سەلبىي ئالاقىلىرى؛ مەھمۇدخاننىڭ ئاخىرى تاشكەنتنى ئىگىلىشى؛ ماۋارە ئۇننەھرگە ئۆزبېك خانى شەيبانىخاننىڭ بېسىپ كىرىشى؛ مەھمۇدخان بىلەن شەيبانىخان ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار؛ ئاخىرى مەھمۇدخاننىڭ شەيبانىخان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ئەسەرنىڭ 2-جىلدى ھىجىرىيە 948-،951-يىللىرى (مىلادىيە 1541-1544 يىللار) يېزىلغان. ئۇ ئەسلىمە تەرىقىسىدە يېزىلغان بولۇپ، مىرزا ھەيدەر ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ھالدا شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخىسلەر، جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللار بايان قىلىنغان. يەنى مىرزا ھەيدەر كۆراگاننىڭ ھىجىرىيە 905-يىلى تاشكەنتتە دۇنياغا كېلىشى، ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۆزىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى، تارىخىي پائالىيەتلىرى؛ شەيبانىخاننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى؛ ئۇنىڭ قىرغىنچىلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر؛ زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇر (1483-1530-يىللار) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا دائىر تەپسىلاتلار؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم ۋىلايەت ۋە شەھەرلەر ھەم ئۇ يەرلەردىكى ئاھالىنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار؛ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك يەر جاي ناملىرى؛ ئېتنوگراپىيىلىك ماتېرىياللار؛ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار؛ موغۇل خانلىقىنىڭ زېمىن دائىرىسى ۋە خانلارنىڭ نەسەبىگە دائىر بايانلار خاتىرىلەنگەن.

بىز تارىخىي« رەشىدىي» دە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغان بۇخارا، خۇراسان، ھېرات شەھەرلىرى ۋە بۇ يەرلەردىكى مەدەنىيەت گۈللىنىش ئەھۋالىغا دائىر قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۇچرىتىمىز.

«تارىخىي رەشىدىي»18-19-نئەسىرلەردە مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ۋە مۇھەممەدنىياز ئىبنى ئەبدۇلغەفۇر قاتارلىق ئەدىب ۋە تەرجىمانلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەرجىمىلەرنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى تاشكەنت، سانكت پېتىربۇرگ، لوندونلاردىكى قوليازما فوندلىرىدا ساقلانماقتا. بۇ قىممەتلىك مەنبەلەر 1895-يىلى ئەنگىلىيەلىك ئې.د.روس(ssoR.D.E) تە رىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 1983-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق كىتاب قىلىنىپ نەشىر قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر تىلىدا بولسا ئاۋۋال «بۇلاق ژۇرنىلى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانىدىن باشلاپ 5،6 يىللىق سانلىرىدا بېرىلدى. نىھايەت،2007 -يىلىغا كېلىپ، شىنجاڭ ىەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق كىتاب قىلىنىپ نەشىر قىلىندى.

«تارىخىي رەشىدىي» نىڭ مەزكۇر نەشىرى مۇھەممەد نىياز ئىبنى ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ سانكت پېتىربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان0759.C  فوتو فىلىم نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھەممەد ئىبنى ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ بېرىتانىيە كۇتۇپخانىسى ھىندىستان كىتابلىرى بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان 1.Turki.MSS نومۇرلۇق قوليازما نۇسخىسىنىڭ كوپىيەسى، مۇھەممەد نىياز ئىبنى ئەبدۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان 290.SM نومۇرلۇق قوليازمىنىڭ فوتو فىلىم نۇسخىسى، مۇھەممەد سىدىق  كاشغەرىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىنىڭسانكت پېتىربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان 569.C قوليازما نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى قاتارلىق بىرنەچچە نۇسخىلاردىنمۇ پايدىلىنىلغان. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا «تارىخىي رەشىدىي» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى بىرقەدەر تولۇق، مۇكەممەل نەشرى نۇسخا دېيىشىمىز مۇمكىن.

«تارىخىي رەشىدىي» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇش جەريانىدا مۇئەللىپ مىرزا ھەيدەرنىڭ بابۇرغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى، ئىخلاسى، بولۇپمۇ بابۇرنىڭ ئىنتايىن شىجائەتلىك ۋە مۇرۇۋەتلىك، كۆڭۈل-كۆكسى كەڭ پادىشاھ ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان مەزمۇنلار مەندە قىزىش قوزغىدى.

«بابۇر پادىشاھ—دەپ يازىدۇ مىرزا ھەيدەر-ھەرخىل ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، تۈرلۈك ئېسىل خىسلەتلەر بىلەن بېزەلگەن پادىشاھ ئىدى. ئۇنىڭ ھەممە خىسلەتلىرى ئىچىدە شىجائەت ۋە مۇرۇۋەتى زىيادە ئىدى»؛ «بابۇر پادىشاھنىڭ ۋۇجۇدى ۋە سۈپىتى مۇرۇۋەتتىن ئىبارەت ئىدى»، « ياخشىلىق ۋە مۇرۇۋەت بابۇر پادىشاھنىڭ خاس سۈپىتى ئىدى.» شۇنىڭ بىلەن مەندە ئەسەردىكى بابۇرنىڭ پەزىلەتلىرى تەرىپلەنگەن مەزمۇنلارنى بىر جايغا توپلاپ، بابۇرنىڭ زاماندىشى ۋە قېرىندىشى مىرزا ھەيدەر قەلىمى ئاستىدىكى بابۇر سىيماسىنى سىزىپ كۆرۈش پىكرى تۇغۇلدى.

«تارىخىي رەشىدى» نىڭ بىرىنچى كىتابىدا سەئىدخاننىڭ ۋەقەلىرى ئارىسىدا بابۇرنى بىر-ئىككى ئورۇندا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن باشقا كۆپ مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. «ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىسمىنى بابۇر پادىشاھ قويۇپ بەرگەن ئىكەن. بابۇر پادىشاھنىڭ مۇبارەك نەپەسلىرىنىڭ بەرىكىتىدىن ئابدۇرەشىدخان سۇلتان سەئىدخاندەك ئاتىنىڭ ئورنىدا قارار تاپتى.»

بابۇر ھەققىدىكى ئاساسىي مەلۇماتلار كىتابنىڭ 2-قىسمىدا بولۇپ،2،7،10،11،12،19،22،24،25،29-بابلارغا مەركەزلەشكەن. بولۇپمۇ 7-ۋە 10-بابلاردىكى بايانلاردا بابۇرنىڭ باي ۋە گۈزەل مەنىۋىي دۇنياسى روشەن كۆزگە تاشلىنىدۇ. «بابۇر پادىشاھنىڭ نەسەبى ۋە ئۇنىڭ موغۇل پادىشاھلىرىغا قېرىنداش ئىكەنلىكى بايانى» دەپ ناملانغان 7-بابتا بابۇرنىڭ تۇغۇلىشى، نەسەبى، 12 ياشتا تەختكە ئولتۇرۇشى ۋە باشتىن كەچۈرگەن ئېغىر سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، مۇئەللىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بابۇر پادىشاھ تارىخنىڭ 888-يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئالتىسى تۇغۇلدى. مەۋلانا مۇنىر مەرغىنانى ئاجايىپ ئالىم ئىدى، ئۇلۇغبېك مىرزىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ئىدى. ئۇ كىشى بابۇرنىڭ تۇغۇلغان تارىخىنى «شەشى مۇھەررەم» دېگەن سۆزدىن چىقاردى. ھەزرىتى ئىشان-- ئۇنىڭ سىرلىرى مۇقەددەس بولغاي-زوھورىددىن مۇھەممەد ئىسمىنى قويۇپ بەردى. بۇ ۋاقىتلاردا چاغاتاي ئۇلۇسى ناھايىتى ئۇلۇغ ئىدى، بۇ زاماندىكىگە ئوخشاش ئادەتتىكىچە ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ تىللىرىغا زوھورىددىن مۇھەممەد دېگەن سۆز ئېغىر كېلەتتى، شۇ سەۋەپتىن بابۇر دېگەب سۆزنى لەقەم قىلىپ قويدى. يارلىقلاردا«زوھورىددىن مۇھەممەد بابۇر» دەپ يازاتتى.مۇشۇ سەۋەپتىن بابۇر پادىشاھ ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولدى.

بابۇر پادىشاھنىڭ نەسەبى مۇنداق: «ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا كۆراگان سۇلتان ئەبۇ سەئىدكۆرەگاننىڭ ئوغلى، سۇلتان ئەبۇ سەئىد كۆرەگان بولسا سۇلتان مۇھەممەد مىرزىنىڭ ئوغلى، سۇلتان مۇھەممەد مىرزا بولسا مىرانشاھ مىرزىنىڭ ئوغلى، مىرانشاھ مىرزا بولسا ئەمىر تېمۇرنىڭ ئوغلى. بابۇر پادىشاھنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم <سۇلتان> يۇنۇسخاننىڭ قىزى، يۇنۇسخان بولسا <سۇلتان>ئۇۋەيىسخاننىڭ ئوغلى، <سۇلتان>ئۇۋەيىسخان بولسا شىر ئەلىخاننىڭ ئوغلى، شىر ئەلىخان بولسا مۇھەممەد خاننىڭ ئوغلى، مۇھەممەد خان بولسا خىزىر خاجەخاننىڭ ئوغلى، خىزىر خاجەخان بولسا تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئوغلىدۇر.»

شۇنىڭدىن كېيىن مىرزا ھەيدەر بابۇر پادىشاھنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئەدەبىي ئىستېداتىغا توختىلىدۇ:« بابۇر پادىشاھ ھەرخىل سۈپەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، تۈرلۈك ئېسىل خىسلەتلەر بىلەن بېزەلگەن پادىشاھ ئىدى. ئۇنىڭ ھەممە خىسلەتلىرى ئىچىدە شىجائەت ۋە مۇرۇۋەتى زىيادە ئىدى، ئەمىر ئەلشىر نەۋايىدىن كېيىن تۈركىي تىلدا شېئىرنى ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك ئېيتمىغان بولغىيتتى. ناھايىتى نازاكەتلىك ۋە لاتاپەتلىك تۈركىي دىۋانى بار. يەنە« مۇبەييەن»ناملىق نەزمىي ئۇسلۇبتا يېزىلغان كىتابى بار، بۇ كىتاب ناھايىتى پايدىلىق ھەممە خالايىققا ياققان رىسالىدۇر. يەنە ئۇ تۈركىي تىلدا ئەرۇز رىسالىسى يازدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچكىم ئەرۇز ئىلمىنى تۈركىي تىل بىلەن مۇنداق ياخشى بايان قىلمىغان بولغىيتتى. يەنە ھەزرىتى ئىشاننىڭ ئاتىلىرىنىڭ رىسالىسىنى نەزملەشتۈرۈپ يېزىپتۇ. يەنە «ۋەقايىئى» ئاتلىق تۈركىي تىلدىكى تارىخ كىتابنى يېزىپتۇ. بۇ كىتاب ناھايىتى باغلىنىشلىق، تىلى ئىنتايىن پاكىز ۋە چۈشۈنۈشلۈك يېزىلىپتۇ. بۇ كىتاپتا ئۇ تارىختىن بەزى رىۋايەتلەر بايان قىلىنغۇسى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ< جەمەت > پادىشاھلىرى ئارىسىدا نەغمە ئىلمى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىم ۋە پەزىلەت جەھەتلەردە ئۇنىڭغا تەڭ كەلگىدەك كىشى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئۇ باشتىن كەچۈرگەن غارايىب ۋەقەلەر ۋە ئاجايىپ ئۇرۇشلار ھەقىقەتەن ئىنسان بالىسى ئىچىدە باشقىلارغا دۇچ كەلمىگەن بولغىيتتى.»

مىرزىخان بابۇر پادىشاھتىن بايسۇنغۇر مىرزا بىلەن سۇلتان مەسئۇد مىرزىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ قىساى ئۈچۈن خۇسرەۋ شاھنى قەتل قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، بابۇر پادىشاھ:« ئىككى نەپەر پاك پەرىشتىنى بىر ناپاك دېۋىگە تەڭلەشتۈرسەك، بۇ بىز ئۈچۈن يۈز مىڭ ئەيىب ئەمەسمۇ؟ » دەپ مىرزىخانغا نەسىھەت قىلىپ خۇسرەۋ شاھنى قەتل قىلىش پىكرىدىن قايتۇرىدۇ. « خۇسرەۋ شاھ-دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ مىرزا ھەيدەر –پادىشاھنىڭ ئەپۇ،ۋە مۇرۇۋەتىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ۋە نەقەدەر كامىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ھەر نەپەستە خىجالەت تەرلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كەتتى». مىرزا ھەيدەر بۇ ۋەقەنى بايان قىلىشنىڭ ئالدىدا «بابۇر پادىشاھنىڭ ۋۇجۇدى ۋە سۈپىتى مۇرۇۋەتىدىن ئىبارەت ئىدى» دېگەن تەرىپنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە يۇقىرىدىكى ۋەقەنى بايان قىلىدۇ. بۇ بايانلارنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق يازىدۇ: «پادىشاھ» خۇسرەۋ شاھنىڭ پۈتكۈل خەزىنە ۋە ئەسلىھەلىرىنى كەم-كۇتىسىز، تولۇق ھالدا پۈتۈنلەي خۇسرەۋ شاھنىڭ ئۆزىگە ياندۇرۇپ بەرسۇن دەپ ھۆكۈم قىلىپ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىنام قىلدى. ئاشۇ كۈنلەردە پادىشاھنىڭ ئىلكىدە پەقەت بىرلا ئات بار ئىدى، ئۇنى پادىشاھنىڭ ئانىسى مىنەتتى. قالغان ئەسلىھە ۋە ئەسۋابلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى مۇشۇنىڭدىنلا قىياس قىلىشقا بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، پادىشاھ مۇشۇنچىۋالا يوقسۇزلىقتا، قىيىنچىلىققا تۇرۇپمۇ، كامالەتكە يەتكەن ئالىي ھىممىتى ۋە ئۈستۈن نەزىرى بىلەن خۇسرەۋ شاھنىڭ ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ قالماي ئۆزىگە ئىنئام قىلدى. »

بابۇرنىڭ خۇراسانغا قىلغان ھەربىي يۇرۈشى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، قايتىپ كېلىشى كېچىكىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كابۇلدا « بابۇر خۇراساندا تۇتقۇن قىلىنىپتۇ» دېگەن خەۋەر تارقىلىدۇ. بابۇرنى بۇ تۇتقۇندىن قۇتۇلالمايدۇ دەپ ئويلىغان شاھبېگىم دەرھال بابۇردىن يۈز ئۆرۈپ ، نەۋرىسى مىرزىخاننى پادىشاھ قىلىپ ، ھاكىمىيەتنى ئىگەللەشكە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە مىرزا ھەيدەرنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىننىمۇ بۇ ھەركەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇلايدۇ. بابۇرنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى بەرباد بولىدۇ. نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالغان شاھبېگىمگە ياخشىلىق ۋە مۇرۇۋەت خاس سۈپىتى بولغان بابۇر پادىشاھ  خۇددى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاش تەزىم قىلىپ، ئەدەپ رەسمىيىتىنى بەجا كەلتۈرىدۇ ۋە «كىشىنىڭ ئانىسى بىر پەرزەنتىگە شەپقەت ۋە ئىلتىپات قىلسا، ئۇنى ئېغىر ئېلىپ مالال بولۇشقا يەنە بىر پەرزەنتىنىڭ نېمە ھەددى بولسۇن؟ مەن شۇ تاپتا ئۇزاق يولدىن ھېرىپ كەلدىم دەپ شاھبېگىمنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلىغان بولۇپ ياتتى، ئۇ شاھبېگىمنى خىجالەتچىلىكتىن چىقىپ، كۆڭلى تەسەللى تاپسۇن دېگەن غەرەزدە ئىدى»

بابۇردىكى بۇ ئالىجانابلىق، بۇ كەڭ قورساقلىققا مىرزا ھەيدەر قايىل بولغانلىقىدىن « بارىكاللا، ئاپىرىن بۇ ياخشىلىققا» دەپ تەسەننا ئېيتىشتىن ئۆزىنى تۇتالمايدۇ.بابۇر پادىشاھ مىرزاخان مۇھەممەد ھۇسەيىنلەرگىمۇ ئوخشاشلا كەڭ قورساقلىق بىلەن بۇرۇنقىدەكلا مۇئامىلە قىلىدۇ. « كەرەملىك بابۇر پادىشاھ بۇلارنىڭ خىجالەت غۇبارلىرىنى ئادەمگەرچىلىك ۋە ياخشىلىق سۇيى بىلەن يۇياتتى» ئەمما ئۇلار بابۇرنىڭ يېنىدا داۋاملىق تۇرۇشقا خىجىل بولۇپ، شاھبېگىمنى ئېلىپ قەندھارغا كېتىدۇ.

مىرزا ھەيدەر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ كابۇلدا بابۇرنىڭ يېنىدا كەچۈرگەن غەم-تەشۋىشسىز ھاياتى ھەققىدە خاننىڭ ئۆزى سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: « خان(سۇلتان سەئىدخان) كابۇلغا كەلگەندىن كېيىن بابۇر پادىشاھ خاننىڭ قەدىمىنى تەۋەرۇك بىلىپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىززەت –ئىكراملار قىلدى»، خان ھەمىشە مۇنداق دەيتتى:« مەن كابۇلدىكى كۈنلەردە شۇ قەدەر خوشال –خۇراملىق بىلەن غەمسىز ھايات كەچۈردۈمكى، ھېچ كىشىنىڭ ئۆمرى ئۇنداق خۇشال ئۆتمىگەن بولغىيتتى. چۈنكى ھەممە ئىشلارنىڭ جاپالىقراقى بولغان سەلتەنەت زۆرۈرىيەتلىرىگە بابۇر پادىشاھ مەسئۇل ئىدى. سەلتەنەت ئىشلىرىنىڭ ئىگىلىرىگە دوستلار بىلەنمۇ، ياتلار بىلەنمۇ، ياخشىلار بىلەنمۇ، يامانلار بىلەنمۇ ئارىلىشىپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما مەن ئۇ كۈنلەردە شۇ قەدەر ئەركىن ۋە ئىختىيار ئىدىمكى، كىمنى خالىسام شۇنىڭ بىلەن ئارىلىشاتتىم، كۆڭلۈم خالىمىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشمايتتىم. ھىچكىمدىن ماڭا قىيىنچىلىق ۋە ئازار يەتمەيتتى، مانا بۇ ھەممە پاراغەتلەرنىڭ ئۇلۇغىدۇر. يەنە كۆڭلۈم ھەۋىسى مەي ئىچىشنى خالىسا توسالغۇسىز ۋە توختاۋسىز مۇيەسسەر بولاتتى. ھەممە كېرەكلىك ئەسۋابلارنى، خەج-خەرەجەتلەرنى پادىشاھ تەييار قىلىپ بەرگەننىڭ ئۇستىگە، زىيادە تەق قىلىپ قويغانىدى. ئىككى يېرىم يىل مۇددەت ئىچىدە شۇنداق غەم-ئەندىشىسىز، شاد-خۇراملىق بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزدۈمكى، غەم-ئەندىشە توزانلىرى كۆڭلۈم ئېتىكىگە زادىلا يېقىنلاشمىغانىدى.»

«تارىخىي رەشىدىي» دىكى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش بابۇرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ خىل تەرىپ ۋە تەۋسىپ (سۈپەتلەش) لەردە بىر تەرەپتىن مىرزا ھەيدەرنىڭ بابۇر پادىشاھقا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارچىلىقى ھۆرمەت ۋە ئىخلاسى كۆزگە تاشلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن بابۇرنىڭ تارىخىي شەخس سۈپىتىدە ۋۇجۇدىدا بۈيۈك سەلتەنەت ساھىبىلىرىدا ھازىر بولۇشقا تېگىشلىك قەتئىيلىك، كەسكىنلىك، باغرى كەڭلىك قاتارلىق ھۆكۈمدارغا خاس پەزىلەتلەر مۇجەسسەملەشكەنلىكى، مۇئەللىپ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا«شىجائەت مۇرۇۋىتى زىيادە»، « ۋۇجۇدى ۋە سۈپىتى مۇرۇۋەتتىن ئىبارەت» بۈيۈك ھۆكۈمدار بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولىمىز.

 

 

ئىزاھات:

①«تارىخىي رەشىدىي» نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇردى مىرزائەخمەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى،2007 -يىل. ئۇيغۇرچە نەشىرى، 1-قىسىم،511-،513-بەتلەر

②زوھورىددىن مۇھەممەد بابۇر:« بابۇرنامە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1989-يىل،13-14-بەتلەر

③مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»،ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،360-بەت

④مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،365-بەت

⑤مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،459-بەت

⑥مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،299-بەت

⑦مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،359-360-بەت

⑧مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،360-361-بەت

⑨ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،360-بەت

⑩مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،459-بەت

⑪مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،459-بەت

⑫مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،460-بەت

⑬مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان:« تارىخىي رەشىدىي»، ئۇيغۇرچە نەشىرى،1-قىسىم،503-504-بەت

مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 13

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1153 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-18