يىپەك يولدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- بەدەلئارت


يىپەك يولدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- بەدەلئارت


خوجا نىياز

 (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى)


  بەدەلئارت-ئۇچتۇرپان ناھيسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تەڭرى تاغ تىزمىلىرىنڭ دېڭىز يۈزىدىن 4264 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بەدەل تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان. ئۇ ئۈچتۇرپاندىن قىرغىزىىستانغا ئۆتۈشتىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى، ئۇنىڭ ئەتراپدىكى 5-4 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ چوققىسى-خانتەڭرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەتتىكى تاغ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بەدەلتاغ ئېغىزىنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي يايلاق، يايلاقتا قاتمۇ- قات ئىگىز تاغلار، تاغلارنىڭ ئۈستى قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان، تاغ ئەتراپلىرىنىڭ سۈيى، ئوت-چـۆپلىرى مول، تۈرلى-تۈمەن خىل گۈل، ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، نەچچە ئونمىڭ تۇياق مال-چارۋىلار، ياۋا قۇش، ھايۋاناتلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بىمالال يايلىيالايدىغان گۈزەل، چىمەنتاغ-ئۇچتۇرپاننىڭ شىمالى تاغ يايلىغىدۇر. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا، «يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرسى» دە ۋە باشقا ئەسەرلەردە بۇ قەدىمكى «يىپەك يولى» دىكى مەشھۇر ئۆتكەل- «بەدەلئارت » ھەققىدە توختالغان. بۇ ئادەتتىكى تاغ نېمە ئۈچۈن 2000 - يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قەدىمى كىتاپلاردا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنى، شەرق غەربتىكى ھەر قايسى ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مۇھىم قاتناش يولى، جايلاشقان ئورنىنىڭ ناھايىتى ئىستىراتىگىيىلىك مۇھىملىقىدىن بولغان. ئۈچتۇرپاننىڭ شىمالىي تەرىپى تەڭرى تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن 150 كىلومېتىر دائىرىدە چېگىرلىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئۈچتۇرپاندىن قىرغىزىستانغا ئۆتۈشكە بولىدىغان يەتتە تاغ ئېغىز يولى بار. بىراق بۇ يوللارنى بەدەل تاغ ئېغىزى يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ يوللار ئانچە قولايلىق ئەمەس، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ مۇرەككەپ. بەدەلئارت يولى بىرقەدەر چوڭ يول بولۇپ، ئەتراپىدا سۇ، ئوت-چۆپ مول، قاتناشقا قۇلايلىق. شۇڭلاشقا، قەدىمدىن بۇيان شىنجاڭ خەلقى (بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ خەلقى) ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرى بىلەن 1950-يىللارغا قەدەر مۇشۇ بەدەلئارت چىگرا ئېغىزى يولى بىلەن تۈرلۈك سودا قاتناش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلرى قىلىپ كەلگەن.
  ئۈچ بالىق (ئۈچتۇرپان) مۇشۇ سودا كارۋانلىرى يولىدا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇشتا، تۈرلۈك مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇلىشىدا ۋە مەدەنىيەت تارقىتىشتا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولۇپلا قالماستىن، غايەت زور ئىقتىقسادى قىممەت يارتىشتىمۇ موھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن، خەن سۇلالىسنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن باشلانغان يىپەك يولى خېشى كارىدورى، قاشتاش ئۆتكىلى، قۇم-ئاتادىن ئۆتۈپ، ئالدى قۇش خانلىقىنىڭ يارغولىدىن كىرورانغا، ئۇ جايدىن قارا شەھەر، چېدىر، كۈسەن، قۇم ( ئاقسۇ)، ئۇچ ئارقىلىق بەدەلئارتىن ئۆتۈپ قىزىل قورغانغا، ئسسىق كۆلگە، بالاساغۇن ، تالاس شەھەرلىرىدىن ئۈتۇپ، پەرغانە، كانگيە( ھازىرقى سەمەرقەنت ئەتراپلىرى)، ئارشاك (ئىران)، ئىراق، ئاناتولىيە (ھازىرقى تۈركىيە تەۋەسدە)، ۋىزانتىيە (ئىستانبۇلنى پايتەخىت قىلغان شەرقى رىم ئىمپىريىسى)، قاتارلىق ئەللەرگە باراتتى. بەزىدە يىپەك يولى ئۇچىدىن كاشغەرگە، ئۇنىڭدىن ئەركەشتام ئارقىلىق پەرغانىگە بېرىپ يۇقارىقى يوللارغا قوشۇلاتتى. دېمەك، مۇشۇ يوللار ئارقىلق ئۈزۈلمەي ئۆتكەن سودا كارۋانلىرى جۇڭگو بىلەن غەرپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى سودا-سېتىق ئشلىرىنى ئنتايىن راۋاجلاندۇرغان. بۇ ھەقتە ئەسىرلەر شاھىدى بولغان بەدەلئارتنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يازما خاتىرلەردىن يېقىنقى زاماندىكى يازما خاتىرلەرگىچە ھەرخىل تىلدا، تۈرلۈك شەكىلدە، خىلمۇ - خىل تەرىپلىنىپ كېلىشى، يامانسۇ تاغلىردىكى قىيا تاش رەسىملىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى بەلگىلەر (يېزىققا ئوخشاش)، بەدەلئارت قەلئەسى ۋە ئۇنىڭدىكى قەدىمكى تام رەسىملەر، يېقىنقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ( 1956- يىلى يۈسۈپ بەگ مۇخلىس باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزېيى، ئارخىئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترىتى خادىملىرى، 1984-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىئولوگىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى تەكشۈرگەن)دە قولغا چۈشكەن ماددىي پاكىتلار (ئىران ساسانىلار سۇلالىسى ۋە كۇشان خانلىقىغا ئائىت تەڭگىلەرنىڭ تېپىلىشى)؛ ئۇچ (ئۇچتۇرپان) نىڭ غەربىگە جايلاشقان «ئويتال» دېگەن جايدىكى قەدىمكى زامانغا ئائىت قەبرە، مەشئەل قورغىنى(چوختا-تۇر)، قەدىمكى ئۆتەڭلەرنىڭ خارابە ئىزلىرى ۋە خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان تۆۋەندىكى تارىخى قوشاق بەدەلئارتنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان چوڭ قاتناش يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مەسلەن :: 

مېنىڭ ئېتىم موللابارات، 
بەدەلئارتىن ئېتىڭنى تارت. 
ئات ئاتاڭچە بولسمۇ، 
قاق قۇزۇقنى باغلا يات. 
  شۇنمۇ ئېيتماي بولمايدىكى، يىپەك يولى تۈگۈنىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيىتقاندا، بۇنداق سودىىنڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ،  شەرق بىلەن غەربتىن كەلگەن سودىگەرلەر، ھەر بىر ئۆتەڭلەردە باج تۆلەشكە مەجبۇر ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزلىرى بۇ سودىدىن كۆپلەپ پايدا ئالاتتى. بۇنداق كۆپ پايدىغا ۋە بۇ زېمىننڭ باياشاتلىقىغا كۆزى قىزارغان قوشنا ئەللەر پۇرسەت تاپسا لەشكەر تارتىپ بۇ زىمىننى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپمۇ كۆرەتتى. «خەننامە. جاڭ چىيەنىنڭ تەرجىمھالى » دىن مەلۇم بولىشىچە، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن  ۋۇدى غەربى يۇرتتىن ئتتىپاقچى ئىزدەپ، ھونلارنى ئارىغا ئېلىپ قورشاپ يوقۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 138 -، 119 - يىللىرى جاڭ چىيەننى غەربى يۇرتتىكى توخرى (ياۋچى) ۋە ئۇيسۇن خانلىقىغا  ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. جاڭ چىيەن ھەمراھلىرى بىلەن بىر نەچچە مىڭ ئات، كالا، قويلارنى ھەيدەپ، ئالتۇن-كۈمۈش، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ، چاڭئەندىن يولغا چىقىپ، ھازىرقى گەنسۇئۆلكىسى ئارقىلىق كۇچا، ئۇچ ، بەدەلتاغ ئېغىزى ( 别达里跋达岭 ) دىن ئۆتۈپ، ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى قىزىل قورغان (ھازىرقى ئىستاغ) غا بارغان. قىزىل قورغان بەدەل تاغ ئېغىزىدىن 50 چاقىرىم يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ جايدىن پەرغانىگە ۋە كانگىيەگە بارغىلى بولاتتى. جاڭ چىيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قايتاشىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ياقىسنى بويلاپ كۆكئارىت، كاشغەر، يەكەن، خوتەن، چاقىلىق ئارقىلىق ئۆز ئېلىگە قايتقان. ئۇلار غەربىي يۇرتتىكى 36  دۆلەتنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، تەبئىي مۇھىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، سىياسى، ئىقتسادىي تۈزۈمى، قاتناش يوللىرى، ھەربىي مەدەنىيەت ئەھۋالىرى توغرىسدا ئۇچۇقلىمىغا ئىگە بولغان. غەربىي خەن ھۇكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا غەربىي رايوننى ئىگىلىشى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال- ئۇچۇقلىما(ئاخپارات ) بىلەن تەمىنلىگەن. «تاڭ دەۋرىدىكى «غەربكە ساياھەت » ناملىق 12 توملۇق كىتابنىڭ يازغۇچىسى، مەشھۇر بۇددا ئالىمى شۇەنزاڭ (602-664) مىلادى 627-يىلى ھىندىستاندىن بۇددا نوملىرنى ئەكېلىش ئۈچۈن چاڭئەندىن غەربكە قاراپ يولغا چىققان. بۇ چاغدا شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، شۈەنزاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قارا قۇچۇ (ئىدىقۇت) ، كىنگىت ( قارا شەھەر )، ئاق قۇچۇ( كۇچا )، بالۇكا ( قۇم، يەنى ئاقسۇ) ، ئۇچ قاتارلىق خانلىقلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، بەدەل داۋاندىن ئېشىپ ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىي ساھىلىنى بويلاپ مېڭىپ، مىلادىنىڭ 628-يىلى باھار ئايلىرىدا غەربىي تۇۈرۈك خانلىقىنىڭ پايتەختى توخماققا يېتىپ بارغان، ھەمدە تۇرپان قوچۇ خانلىقى (مىلادى460-640) ) نىڭ ئۇلۇغ خاقانى كۇي ۋىنتاي، (623-640) خانىشى ئاسىنا بىكەنىڭ ئۇلۇغ خاقان - تۈن يابغۇغا تۈرك تىلى، تۈرك يېزىقى بىلەن يازغان مەكتۇبنى تاپشۇرغان. ئۇ بۇ يەردە غەربىي تۈرك خاقانى- تۈن ياپغۇ قاغانىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشغا ئېرىشكەن. تۇن يابغۇ قاغان تاڭ سىڭنى نۇرغۇن سوۋغا-سالام، كىيىم-كېچەك، تەرجىمان قۇشۇپ، بىر تۈرك بېگىنىڭ يول باشچىلىقىدا يولغا سالغان. ئۇلار يول يۈرۈپ ئافغانستانغا كەلگەندە، تۈن يابغۇ قاغانىڭ چوڭ ئوغلى ئافغانىستان ۋالسى تاردۇشاد بىلەن قەندۇز شەھرىدە كۆرۈشۈپ قىزغىن كۈتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان، ئاندىن پاكىستان ئارقىلىق ھىندىستاندىكى بۇددا سەنئەت مەركىزى-ئالاندا ئىبادەتخانىسىغا بارغان. ئۇ ھىندىستاندا 17يىل بۇددىزىم ئىلىمى ئۆگەنگەن. تاڭ سىڭ ھىندىستاندىن قايتىشىدا تاڭ سۇلالىسى شەرقى تۈرۈك خانلىقىنى  يوقاتقان (مىلادى 630-يىلى )، ئەمدى غەربىي يۇرتنى ئىگەللەپ تۇرۇۋاتقان غەربىي تۈرك خانلىقنى قانداق يوقۇتۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تۈزۈۋاتقان، كۆرۈنۈشتە تۈرك خانلىقى بىلەن تىركىشىۋاتقان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، تاڭ شۇەنزاڭ مىلادى 645-يىلى كۆكئارتتىن ئېشىپ كاشغەر،  خوتەن، لوپنۇر كۆلىنىڭ جەنۇبى ئارقىلىق چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن. 
  دېمەك، تاڭ شۇەنزاڭمۇ غەربكە سەپىرىدە كۆك تۈرك خانلىغىدىكى مەشھۇر خەلقئارالىق قاتناش يولى-بەدەلئارت تاغ ئېغىز يولى بىلەن ماڭغان. «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا: «ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ1000 چاقىرىم يول يۈرسە بەدەلتاغ ئېغىزى( 勃达岭) غا بارغىلى بولىدۇ، غەربكە 200 چاقىرىم يول يۈرسە كۆك ئارت(پامىر) غا بارغىلى بولىدۇ ....بەدەل تاغ ئېغىزىدىن شىمالغا مىڭ چاقىرىم ماڭسا سۈيئاپ شەھرىگە بارغىلى بولىدۇ، سۇيئاپنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىسسىق كۆل بار، سۈيئاپنىڭ غەربىي تەرىپىدە توقماق شەھرى بار» دېيىلگەن. كۆك تۈرك خانلىغى دەۋرىدە (مىلادى 552- 745 - يىلغىچە) ئۇچ (ئۇچتۇرپان) گۈللەنگەن شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بەدەلئات يولى، يىپەك يولى ۋە سودا -ئالالە ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان. فىئوداللىق مۇناىسىۋەتلەر تەرەققىي قىلىپ، چوڭ يەر ئىگىلىرى ، چارۋا ئىگىلىرى ، پاختا يىپ باپكارچىلىقى ، توقۇلما بۇيۇملار، كىگىز قۇيۇش، كىگىز ھارۋا ياساش، كىگىزدىن ھەرخىل تۇرمۇش بويۇملىرى ياساش، قوي، كالا، ئات قاتارلىق ھەرخىل مال- چارۋا تېرىلىردىن تۈرلۈك كىيىم- كېچەك، ئاياق تەييارلاش بولۇپمۇ «كۆمۈر قېزىپ، پولات تاۋلاپ ھەرخىل ئەسۋاب، ئۇرۇش قوراللىرى ياساش بىلەن داڭ چىقارغان تۈرۈكلەر»، غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ گۇ

ۈللىنىشى ۋە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شەرق-غەرب قاتنىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن تۆھپە قوشقان. ۋىزانتىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى سودىدا كۆپلەپ پايدا ئالغان ۋە يىپەك يۇلى خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان. 
مىلادى 715- يىلى تۈركلەردىن تۈركەش قەبىلىسىنىڭ چېۋىش ئۇرۇقىغا مەنسۇپ سۇلۇ قاغان تۈركەش قەبىلىرىنى قايتا ئويۇشتۇرۇپ 200 مىڭدىن ئارتۇق تۈركىي ئاھالىنى ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىغا توپلىغان. ھەمدە سوياپ شەھىرىدە ئۆزىنى «قاغان» دەپ ئېلان قىلغان، شۇ يىلى لەشكەر تارتىپ تاشبالىق (ئۇچ) ۋە بارخان (ئاقسۇ) قاتارلىق جايلارنى ئۆز قول ئاستىغا كىرگۈزۈۋالغان. 717-يىلى 7- ئايغا كەلگەندە سۇلۇق قاغان يەنە ئەرەب قوشۇنلىرى ۋە تىبەت قوشۇنلىرى بىلەن ئىتتپاق تۈزۇپ، تاڭ سۇلالىسى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، سۇياپ، كاشغەر،خوتەن، بارخان (ئاقسۇ) ، تاشبالىق (ئۇچ) قاتارلىق شەھەرلەرنى720-يىلى كۇچانى ئۆز تەسىر دائىرسىگە ئېلىۋالغان. شۇ يىلى تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ جىياخۇي ئەل بولغان بىر قىسىم قارلۇق ۋە تۈرك قوشۇنلىرىنى باشلاپ، كۇچاغا تېگىش قىلىپ سۇلۇ قاغاننى چېكىندۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا خانىش جىن خېنى ياتلىق قىلغان⑤.بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ تۈركەش سۇلۇ (سۇرۇك ) قاغانىڭ ھەربىي يۈرۈشى ئۇچتىكى بەدەلئارت يولى بىلەن بولغان. 
  مىلادى 751-يىلى تاڭ خانلىقىدىن دۇخەن دېگەن كىشى ئەنشى قورۇقچى بېگى-گاۋشەنجى باشچىلىقىدىكى تاڭ قوشۇنلىرىغا ئەگىشىپ، ئەرەب ئېستلاچى قوشۇنلىرىغا قارشى قىرغىستاندىكى تالاس دەرياسى بويىدا بولغان ئۇرۇشتا، گاۋشىيەنچى باشچىلىقىدىكى تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كۆپچىلىكى يېڭىلىپ، دوخەنمۇ ئەسىرگە چۈشكەن، 762-يىل قويۇپ بېرىلگەن. دوخەن دېڭىز ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «سەپەر خاتىرسى»دېگەن كىتابنى يازغان.  ئۇنىڭدا :«بەدەلتاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ 1000 چاقىرىم يول يۈرسە، چۇ دەرياسىغا بارىدۇ، دەريانىڭ شەرقىدە ئىسسسق كۆل بار، شىمالىي تەرپىدە سۇياپ، تالاس شەھرى بار» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا گاۋشەنجىنڭ ھەربىي يۈرۈشىمۇ بەدەلئارت داۋانى ئارقىلىق بولغان. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن جادەن ( مىلادىنىڭ 785- يىلدىن 805- يىلغىچە ساياھەت قىلغان ) نىڭ « ئەتراپتىكى ياتلارنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇساپىسى» دېگەن خاتىرسىدە يول ئارقىلىق مۇنداق خاتىرلەنگەن :«ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ غەربكە ماڭغاندا ئاق ئات دەرياسى ( كۇچادىن 60 چاقىرىم يىراقلىقتا ) دىن ئۆتىمىز ، ئۇندىن غەربكە 180چاقىرىم ماڭغاندا جۈپىلوچى ( 俱毗罗碛-قىزىل ؟) غا بارىمىز. ئاندىن ئاچچىق قودۇقتىن ئۆتۈپ 120 چاقىرىم يول ماڭغاندا جۈپىلوچېڭ( 俱毗罗成سايرام) غا بارىمىز، ئۇ يەردىن يەنە 60 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئاشىيەنچېڭ ( 悉言成باي) غا بارىمىز، ئۇ يەردىن يەنە 600 چاقىرىم يول ماڭغاندا بارخان بالىق (拔换城يەنى قەدىمكى قۇم姑墨国- ئاقسۇ بەگلىكى ) غا بارىمىز ، بۇ ۋېي رۇڭ قەلئەسى ( 威戎城 ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇ قۇم ئايمىغى (姑墨洲) بولۇپ جەنۇبىي تەرىپى تارىم دەرياسى (监思浑河) غا يېقىن . غەربىي شىمالغا ماڭغاندا بارخان دەرياسى拔换河) دىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە 120 چاقىرىم يول يۈرسە كىچىك تاشبالىق小石) غا بارغىلى بولىدۇ. يەنە 20 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئۇچ تەۋەسىدىكى قۇم ئېرىق (葫芦河بەزى ماتېرىياللاردا توشقان دەرياسى دەپمۇ كۆرسىتىلگەن) دەرياسىغا بارغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە 60 چاقىرىم يول يۈرگەندە چوڭ تاشبالىق(大石城)قا بارغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇچ (乌赤) بولۇپ ئونسۇ ئايمىقى (温宿) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، غەربىي شىمالغا 30 چاقىرىم ماڭغاندا سۇلۇ چوققىسى (ھازىرقى قارتال مازىرى )غا بارغىلى بولىدۇ. يەنە 40 چاقىرىم يول يۈرگەندە بەدەلئارت别达里) قا بارغىلى بولىدۇ. يەنە 50 چاقىرىم ماڭغاندا دون دوچىك (顿多城- بەلكىم ئويسۇن خانلىقى دەۋرىدىكى قىزىل قورغان بۇلشى مۇمكىن-ئاپتۇردىن ) غا بارىدۇ. بەدەلئارت بىلەن ئىسسق كۆلنىڭ ئارلىقى 120چاقىرىم كېلىدۇ، بەدەل بىلەن سۇييئاب (توقماق ) نىڭ ئارلىقى 490چاقىرىم كېلىدۇ » دەپ كۆرسىتىلگەن. يۇقارىقى مەلۇماتلاردا كۆرسۈتۈلگەن كۇچا بىلەن ئاقسۇ ، ئاقسۇ بىلەن ئۇچ(ئۇچتۇرپان) ، ئۇچتۇرپان بىلەن بەدەل، بەدەل بىلەن ئىسسقكۆل ۋە سۇياپ ئارلىقى ئوتتۇرسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھازىرقى ئەمەلىي ئارلىقلاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا، گەرچە ئازراق پەرق كۆرۈلسىمۇ(ئېھتىمال يول ئوتتۇرسىدىكى بەزى ئۆتەڭ - قۇنالغۇ چۈشۈپ قالغان بولۇشى، يول-مەنزىللەر ئەسىلدىكى ئورنىدىن يۆتكەلگەن-ئۆزگەرگەن  بولۇشى مۇمكىن - ئاپتوردىن ) ھازىرقى ئەمەلىي ئارلىق سانى بىلەن يېقىنلىشدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بەدەل تاغ ئېغىزى يولى شەرق بىلەن غەرب، يەنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ناھايتى چوڭ قاتناش يولى بولغانلىقى ناھايتى ئېنىق. 
  ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى( مىلادىيە 605- 846 )دە ئادالەت قۇچقان قاغان (保义可汗 ) غەربىي يۇرتقا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەشبالىقتا 10 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن، كۇچادا 10 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن، بارسىغان ۋە بالاساغۇندا 20 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن تۇرغۇزغان»غەربىي يۇرتنى قوغداپ، يىپەك يولى ۋە سودىسنى گۈلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان . 
  كۆك تۈرك خانلىغى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنڭ ئورۇن باسارى- قارخانىيلار سۇلالىسى(مىلادى 850-يىلدىن1212- يىلغىچە ) 10-ئەسىردىن باشلاپ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ھايات ساھەلىرنىڭ ھەممسىدە گۈللىنىش باسقۇچقغا كىرگەن، بولۇپمۇ مەشھۇر «يىپەك يولى» ئوتتۇرا لىنىيىسىنىڭ  قەشقەر شەھرىنى، شىمالىي لىنىيىسىنىڭ بالاساغۇن بىلەن بارسىخان، ئۇچ  شەھەرلىرىنى قاتناش تۈگۈنلىرى قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپا بىلەن شەرقى ئاسىيانى بىر-بىرىگە باغلايدىغان قۇرۇقلۇق يولىنىڭ قارخانىيلار سۇلالىسى زېمىنىدىن ئۆتكەنلىكى، قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن راۋاجلىنىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. قارخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇچ شەھرى زور گۈللىنىشلەرگە ئىگە بولغان، بازارلار ئاۋاتلىشىپ تۈرلۈك سودا سارايلار، مېھمانخانىلار، كارۋان سارايلار قۇرۇلۇپ شەھەر سودىسى راۋاجلىنىپ يىپەك يولىدىكى مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بىرگە ئايلانغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنڭ باشكەنتى- ئوردۇ كەنىت- كاشغەردىن، يازلىق پايتەخىت بالاساغۇنغا بېرىشتىكى تۈرلىك ئالاقىلەرمۇ ئۇچ ئوردۇ خانى نىڭ قۇشۇلىشى ئارقىلىق بەدەلئارت تاغ ئېغىزى يولى ئارقىلىق بولغان. ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇ توغرۇلۇق:«تۈركى تىللار دىۋانى » ئەسىردە :«ئۈچ مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى »، «توشقان دەرياسى ئۇچ شەھەرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى»، «بەدەلئارت-ئۇچ بىلەن بارسىغان ئوتتۇرسىدىكى داۋان » دەپ ناھايتى ئۇچۇق كۆرسەتكەن. 
  غەربىي قارا قىتان خانلىقى، مۇڭغۇل، چاغاتاي، يۇەن سۇلالىسى دەۋرىلىرىدە شۇنداقلا يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋردىمۇ (مىلادى1514-1678-يىللارغىچە ) بەدەلئارت تاغ ئېغىزى داۋاملىق مۇھىم سودا- قاتناش يولى ، ھەربىي لەشكەرلەر ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈپ تۇردىغان يول ئىدى. چۈنكى ئۇچتىكى بەدەلئارت يولىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا، شەرقتە كۇچاغا، غەربتە قەشقەرگە، شىمال تەرەپكە ماڭسا ئىلىغا، شەرقى جەنۇپقا ماڭسا غوروچۆل ئارقىلىق، يەكەن ، خوتەنلەرگە بارغىلى بولاتتى . ئۈچ بالىق ۋە بەدەلئارت دەل يىپەك يولى ئوتتۇرسىدىكى مەركىزى بىكەت ئىدى. 
   1867-يىلى يازدا قەشقەرىيە سۇلتانى-بەدۆلەت ياقۇپ بەگ ئۇچتۇرپان شەھىرىنى قايتا كېڭەيتىپ قۇرۇپ، شەھەر سېپىللىرىنى ئۇزارتىپ، تاغ ئۇستىگە قاراۋۇلخانىلارنى ياسىتىپ، يوللارنى تۇتاشتۇرۇپ خېلى مۇستەھكەم بىر قورغانلىق شەھىرىنى بەرپا قىلغان، بەدەلئارىت قورغىنىغا ئەسكەرلەر تۇرغۇزغان. كېيىن چار پادىشاھ سودىگەرلىرى بىلەن چەكلىك سودا ئالاقە ئىشلىرى ئېلىپ بارغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ روسىيەگە ئەلچە قىلىپ بەلگىلەنگەن خان مۇپەتتىشى زېڭ جىزى(قوشۇمچە ئەنگىليە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچى ئىدى) لوندوندىن ئەنگىليەگە بېرىپ ، 1881-يىلى 2- ئاينىڭ 24-كۇنى «جوڭگو- رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى » ۋە «قايتا تۈزۈلگەن قۇرۇقلۇق يولى سودا نىزامنامىسى» ۋە ئۇنىڭ قۇشۇمچە شەرتنامىلىرى ئىمزالىغان . شەرتنامىدە :« روسىيە سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ مۇڭغۇليە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى سودىسدا ۋاقتىنچە باج تاپشۇرماسلىق، روسىيە سودىگەرلىرنىڭ مۇڭغۇليە، شىنجاڭ چىگىرلىردىكى 35 قاراۋۇلخانىدىن كىرىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش»  دېگەنلەر بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن روسىيە سودىدا ئۆمەك تەركىبىكىدىكى قازاق، قىرغىز، تاتار سودىگەرلىرى ئۇچتۇرپانغا كېلىپ سودا قىلىشقا باشلىغان. شەرتنامە بويىچە «بەدەل ئېغىزى» ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىدا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن 1915 -يىلى 5 -ئاينىڭ 14-كۈنى روسىيە سودىگەرلىرى «بەدەلئارت ئېغىزى»دىن ئۆتۈپ ئۇچتۇرپانغا كېلىپ سودا قىلغان. 1917- يىلى رۇسىيەدە ئوكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان مەزگىللەردە بولشىۋىكلارنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن بىر قىسىم قىرغىزلار بەدەلئارتتن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇچتۇرپان، ئاقچى تەۋەلىرىگە قېچىپ چىققان. 1921- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى-شىنجاڭ سودا شىركىتى ئاقسۇدا ئش بېجىرىش ئورنى قۇرغان، ئۇلار يەرلىك سودىگەرلەرئارقىلىق، ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلار، كالا-قوي، ئات تېرىلىرى، يۇڭ، ئۈچەي، رەۋەن قاتارلىقللارنى ئۇچتۇرپان بەدەل چىگرا ئېغىزىغا توشۇپ كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېكەر، گەزمال، ھاراق، تاماكا، سەرەڭگە، سىر، ئەينەك، ئاق قاڭالتىر، تۆمۈر ھەرە، چىراق، ئۇرۇس مىقى قاتارلىق بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرغان. 1933-يىلى 4-ئايدا كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى يول باشچىسى تۆمۈر ئېلى قوزغىلاڭ قىلىپ ئۇچتۇر پانغا كەلگەندە، خوجا نىيازھاجى، مۇسۇل مۇھىتى، ھەمدۇللا ئاخۇن قاتارلىقلارنى بەدەل چېگرا ئېغىزىغا ئەۋەتىپ خەلقتىن توپلىغان مال- چارۋىلارغا قورال سېتىۋالغان، 4-،5- ئايلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى-شىنجاڭ ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ «ئۇچتۇرپان چېگرا تاموژنا باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئدارىسى» باشلىقى- ئوسمان ھاجى ، ھاشىم ئاقساقال(ئابدىكېرىم ئابباسوپنىڭ دادىسى)، ئېلى ئەھمىدى، ياقۇپ سەئىد (سەنمۇ) قاتارلىقلار تاشقى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. تاشقى سودا ئشلىرى تارمىقىدا بۇ ئىشقا كېرەكلىك خادىملارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۇلار«سۇتۇق بۇغراخان مەكتىۋى»نى ئاچقان. 1933-يىلى10-ئايلاردا باي شىجاڭ ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خۇجا نىياز ھاجىنىڭ بۈيۈك ئىشلىرى ئۈچۈن 80 مىڭ تۇياق قوي ئىئانە توپلاپ، ئۇچتۇرپانلىق باي ھاشىم ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد بايغا تاپشۇرۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مالغا قورال ئالماشتۇرغان 1935-يىلى ئۇچتۇرپان بەدەلئارت ئېغىزى تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايتى گۈللەنگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى سودىگەرلىرى بەدەلئارت تاغ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇچتۇرپاندا تۈرلۈك سودا شىركەتلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتكەن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئۇچتۇرپانغا توپلانغان بولۇپ. شۇ چاغدا ئۇچتۇرپان شەھرىدە 38 ئورۇندا تۈرلۈك سودا شىركەتلىرى ۋە سودا ئورۇنلىرى قۇرۇلغان. ئۇچتۇرپاندا مەدەنىي ھايات جانلىنىشقا باشلىغان . 1937- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتە بېسىلغان پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئانا تىلى، ھېساپ، ئوقۇش كىتاۋى، جۇغراپىيە، تارىخ، تەبىئەت، بوتانىكا، زوئولوگىيە، ئاناتومىيە قاتارلىق دەرىسلىك كىتابلار ۋە ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىن ئەسەرلىرى، شۇ قاتاردىكى سىياسىي كىتاب بار ئۇيغۇر سودا كارۋانلىرى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنىپ مەكتەپلەر گە تارقىتىلغان، دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. بەدەلئارت ئېغىزى مەدەنىيەت تارقىتىش يولى بولۇپ قالغان. رۇس ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى؛ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، قول چىراق، ۋېلىسپىت، سۈرەتكە تارتىش ئاپىراتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بەدەل يولى ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن. 1939- يىلىي ئۇچتۇرپان خەلقى تۇنجى قېتىم سوۋېتتىن كەلتۈرۈلگەن كىنو كۆرگەن. 1940 - يىلى3-ئاينىڭ 2- كۈنى شىنجاڭ- سوۋېت ئىتتىپاقى ىسودا ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ ياشنىشى ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان خەلقى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇچتۇرپان سوۋېت ئىتتىپاقى قارا كۆل خەلقئارا تاشيولىنى ياساش ( ئۇچتۇرپاندىن بەدەل ئارتقىچە، بەدەلئارتتىن قىرغىزىستان جۇمھۇريىتى قارا كۆل شەھرىگىچە بولغان تەخمىنەن 300 كىلومېتىر) قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جاپالىق ئەمگەك 1944-يىلغىچە داۋاملاشقان. نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئېغىر ئەمگەك، ئاچارچىلىق، جۇدۇن، تاياق زەربىسى، پىشىتلاش، قېچىشتا تاغ قاپتالىرىدامۈكۈنۈپ ئۆلگەن. 1945-يىلى 3-ئايىنىڭ 5- كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1- بىڭتۇەن 2-جۈن پىيادىلەر 5-شى پارتكومى ئۇچتۇرپانغا يېتىپ كېلىپ خەلق ھاكىميىتىنى قولىغا ئالغان. ئۇچتۇرپان چېگراسىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەرلەر ئاجرىتىلغان. 4-ئايدا يېڭىئاۋات يېزىسىدا يېزا ئىگىلىك 1-دىۋزىيىسى (农一师) 4-تۇەنى قۇرۇلغان ھەمدە بەدەلئارت يولىمۇ شۇ چاغدىكى سىياسى ۋەزىيەتتە تاقالغان. 1966-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى1 مىليۇن 460 مىڭ يۇەن پۇل ئاجىرىتىپ دۆلەت مۇداپىئە يولى يەنى يامانسۇدىن بەدەلئارتقىچە بولغان يولنى تۈزەشتۈرۈپ ياسغان. 1967-يىلى قاتناش باشلىغان .  
1993-يىلدىن باشلاپ بۇقەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەشھۇر ئۆتكەل- خەلقئارالىق قاتناش يولى بەدەلئارت ئېغىزىنى ئېچىش خىزمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ جىددىي ئىشلەنگەن، ئىككى تەرەپ (شىنجاڭ ئاقسۇ بىلەن قىرغىزىستان) سودىدا گۈللىنىش، ئىلىم- پەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇشقا كېلىشكەن.  2000-يىلدىن باشلاپ ۋىلايەت رەھبەرلىرى قىرغىستانغا چىقىپ قايتا-قايتا تەكشۈرۈش يول ئورنىنى بېكىتىش، كېتىدىغان راسخوت قاتارلىق مەسىلەر ئۈستىدە كېڭىشكەن. 2003- يىلى ئۇچتۇرپان زىندان دەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىغان زىندان تاغ چىگرا ئېغىزى (بۇنى يېڭىئارت مەھەللىسى نامى بىلەن يېڭىئارت چېگرا ئېغىزى دەپ ئاتاشمۇ ئوتتۇرغا قويۇلغان ) نى ئېچىش توغرىسدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ كېلىشكەن (بۇ يولنىڭ قارا قول شەھرىدىن ئېنگېلچەككە بولغان ئارىلىقى 145 كىلومېتىر بولۇپ،  يولى راۋان، پەقەت زىندان تاغ ئېغىزىدىن باشلاپ تۇمشۇق، ئاقسۇ شەھرىگىچە بولغان تۈز ئارىلىقى 90 كىلومېتىر، يولنى ياسىسا ياكى زىندان تاغ ئېغىزىدىن ئۇچتۇرپان شەھرىگىچە بولغان تەخمىنەن 30  كىلومېتىر يولنى ياسىسا بولاتتى).  لېكىن «زىندان چىگرا ئېغىزى» «بەدەل چىگرا ئېغىزى » غا قارىغاندا تۆت پەسىلدە داۋاملىق قاتناش ئېلىپ بېرىشقا قولايسىز، يوللىرى بەك خەتەرلىك، تىك تاغلار كۆپ، يول يېنىدا چوڭقۇر زىندان دەرياسى ئاقىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا كېتىدىغان راسخوت مەسىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ يول توختىلغان (ئەمما قىرغىزىستان تەرەپكە نىسبەتەن زىندان چىگرا ئېغىزى ، دەل قىرغىزىستان تەرەپنىڭ پويىز، ۋوگزال، ئايرۇپورت، جايلاشقان ئېنگېلچەك(engelchek )شەھىرىگە ئۇدۇل كەلگەچكە، چىقىم كۆپ كەتمەيتى ). 2004- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ چاڭئەن قىرغىزىستان جۇمھۇريىتىنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمالىيوف كۇبانچىبېك بىلەن كۆرۈشكەن، « ئىككى تەرەپ بەدەل ئارت چېگرا ئېغىزى يولىنى ياساش مەسىلىسىنى كېڭەشكەن. جۇمالىيوف كۇبانىچبېك :«ئالدى بىلەن مەبلەغنى ھەل قىلىش كېرەك . سىلەر تەرەپتە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە گوروھ شىركەتلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلسا ، ھەق ئېلىش ئارقىلىق تۇلۇقلىما بېرىمىز. ئىسسقكۆل ئوبلاستى مول كان بايلىقلىرىگە ئىگە، ئەگەر جۇڭگو تەرەپ  قىرغىزىستانغا مەبلەغ سېلىشنى خالىسا بۇنى كېلىشسەك بۇلىدۇ»دېگەن. شۇندىن بۇيان بۇ يولنى ئېچىش، ئىككى تەرەپ پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سودا، ساياھەت ئىشىلىرىنى يولغا قويۇش، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتدار بولۇش قاتارلىق ئىشلار بۇ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇ يول ھازىر يامانسۇ يېزىسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كۆجۈم مەھەللىلىرىنى ئارىلاپ غەربىي شىمال تەرەپكە ئەگىلىپ، كېيىن غىڭ سايغا چىقىپ ئاندىن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن تاغ ئارىسىغا كىرىپ چىگرىغا بارىدۇ.. ئوتبېشى يېزىسىدىن بەدەلگىچە بولغان چىگرا مۇداپىئە تاشيولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 74 كىلومېتىر كېلىدۇ. يامانسۇ يېزىسىنىڭ كۆجۈم مەھەللىلىرى ئاخىرلاشقىچە قاراماي ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېرىسى پۈتۈنلەي شېغىللىق يول. ئەسىرلەر مابەينىدە  دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە تىنىمسىز قاتناپ تۇرغان كارۋانلارنىڭ تۆگىسىنىڭ قوڭغۇراق ساداسى ئىزچىل جاراڭلاپ تۇرغان، ئەمدىلىكتە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىلىۋاتقان بۇ يول يېقىن كەلگۈسىدە يەنە تارىختىكى شۆھرىتىگە لايىق خەلقئارا تاشيولغا ئايلىنپ قالغۇسى.  
ئىزاھات: 
[1] «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2002-يىلى 8-باسمىسى ئۇيغۇرچە 39- بەتكە قاراڭ 
[2]فاڭ يىڭ كەي:«شىنجاڭ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى»(بىڭ تۇەن پارتىيە مەكتىۋى ۋەمائارىپ ئىنىستىتوتى ئۈچۈن دەرىسلىك)1992-يىلى خەنچە نەشرى1-قىسىم41- بەتكە قاراڭ. 
 [3] «سۈينامە».15- جىلىد، «جاڭ سۇن شېڭ ھەققىدە قىسسە» 
[4]،[6]زېڭ ۋېنۋۇ :« جۇڭگونىڭ غەربىي رايۇننى باشقۇرۇش تارىخى» خەنچە 129-،130-بەتكە قاراڭ. 
[5]ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىساسىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى » 1991-يىلى بېيجىڭ ،ئۇيغۇرچە نەشىرى، 440- بەتكە قاراڭ 
[7] «يېڭى تاڭنامە.جۇغراپىيە تەزكىرسى»،2-كىتاب،جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى خەنزۇچە،1149- بەتكە ۋە «جۇڭگو ئىسلام تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار »، نىڭشىيا خەلق نەشرىياتى،1982-يىل خەنزۇچە نەشرى، 4-بەتكە قاراڭ. 
[8]چىيەن بوچۇەن :« شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى »، 1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 223 - بەتكە ۋە تەمىم ئىبنى بەھىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھىتىنامىسىغا قاراڭ. 
[9]يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇ بىلىگ » 1984 يىلى، بېيجىڭ،«مىللەتلەر نەشرىياتى» ئۇيغۇرچە نەشرى،788-،789-بەتلەردىكى 3815-غەزىلىدە: «نېمە دەر ئىشىتكىن ئۇچ ئوردۇ خانى، ئۇنىڭ ئەلگە مەشھۇر دۇرۇس سۆزىنى»دەيدۇ

[10]«شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» ئۇيغۇرچە، 2001-يىلى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى7- قېتىملىق نەشىرى 409- 410-بەتكە قاراڭ. 
[11] «شىنجاڭ تارىخى ماتىرياللىرى» 12- قىسىم ئۇيغۇرچە 124-،125- بەتلەرگە قاراڭ. 
[12] «ئاقسۇگېزىتى» 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۇندىكى سانى 1- بەتكە قاراڭ

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 763 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-16