گلافكوس كلېرىدېس

 



گلافكوس كلېرىدېسگلافكوس كلېرىدېس

گلافكوس كلېرىدېس


 جەنۇبىي قىبرىس (جەنۇبىي سىپرۇس) نىڭ سابىق پرېزىدېنتى گلافكوس كلېرىدېس (Glafcos Ioannou Clerides) نىڭ شەخسىي دوختۇرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، كلېرىدېس 11-ئاينىڭ 15-كۈنى جەنۇبىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى نىكوسىيا (Nicosia) دىكى بىر دوختۇرخانىدا 94 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

كلېرىدېس 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنت نىكوس ئاناستاسىيادېس (Nicos Anastasiades) نىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئامما ئالدىدا نامايان بولغان.

گلافكوس  ئىئاننو كلېرىدېس 1919-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جەنۇبىي قىبرىسنىڭ پايتەختى نىكوسىيادا تۇغۇلغان، ئادۋوكات ۋە سىياسىئون لوننىس كلېرىدېس (Ioannis Clerides) نىڭ چوڭ ئوغلى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. 1942-يىلى، ئۇ ھەيدىگەن ئايروپىلان گېرمانىيەدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، ئۇ گېرمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەن. تاكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە تۈرمىدە ياتقان.

ئۇ ئۇرۇشتىن كېيىن لوندون پادىشاھ ئىنىستىتۇتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، 1948-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، كېيىن سىپرۇستا پراكتىكا قىلغان.

سىپرۇس 1960-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بىرلەشمە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشكەن. 1974-يىلى قىسقا مەزگىل مۇۋەققەت باش پرېزىدېنت بولغان.

2003-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتىنى مەغلۇپ قىلىپ، جەنۇبىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولغان. 1998-يىلى قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ، جەنۇبىي قىبرىسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان، 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋەزىپە مۇددىتى توشۇپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 94 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 370 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-16