ھەكىم ناسىر خۇسراۋ

 

ھەكىم ناسىر خۇسراۋ


ئەسلى ئىسمى ئەبۇ مۇئىنددىن ئەلقۇبادىيانىني ئەلمەرۋەزىي «1004-1088». پارىس- تاجىك شېئىرىيىتى كلاسسىكى، پەيلا سوپ ، ئالىم. غايىۋى جەھەتتىن ئىسلامغا نىسبەتەن قارشىلىقتا بولغان ئىسمائىيلىيلەر ئەقىدىلىرىنىڭ تەرەپدارى. «ساياھەتنامە»، «رۇشنايىنامە»، «سائادەتنامە»، «زادۇلمۇسافىردىن» كەبى ئەخلاقىى، نەسىھەتچىل ئەسەرلىرى مەشھۇر. ئون ئىككى مىڭ بېيىتتىن ئىبارەت قەسىدە، غەزەل، قىتئە ۋە رۇبائىيلەردىن  تۈزۈلگەن دىۋانى تېپىلغان.

ئۇ ئەسلى ئىسپاھاندىن. ئۇنىڭ توغرىسىدا  تۈرلۈك قاراشلار بار بەزىلەر، ئۇ دانا ۋە مۇۋەھھىد دېسە، بەزىلەر ئاڭا تەنە قىلىپ، دەھرىي ۋە تەناسىخ مەزھەبىگە مەنسۇپ ئادەم دېگەن … قانداق بولمىسۇن، پازىل كىشى بولۇپ ئۆتكەن. «ھۆججەت» تەخەللۇسى بار. سەۋەب شۇكى، ئۆلىما ۋە ھۆكۈما بىلەن بەسلەشكەندە ھۆججەت دەلىلى مۇستەھكەم ئىدى. ئەۋۋەل ئىسىاھاندىن غىلا ۋە رۇستەمدەرگە باردى. ئاشۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى  بىلەن بەھىس-مۇنازىرىلەر قىلدى. ئاڭا قەسىت قىلىشتى . خۇرا  سانغا قاچتى. خۇراسانغا جۆنەش ۋاقتىدا شەيخلەر شەيخ ھەزرەت ئەبۇلھەسەن ھەرەقانىي [1] نىڭ سۆھبىتىگە داخىل بولدى. ھەزرەت شەيخكە كارامەت يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئەھۋالى ئايان بولغان ئىدى. مۇردلىرىغا ئېيتتى؛«ئەتەن پالان رەڭلىك ھۆججىتى ئادەم پالان تەرزدە خانىقا ئىشىكى يېنىغا كېلىدۇ. ئاڭا ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىڭلار، ئەگەر ئىمتىھان يۈزىسىدىن، ئىلمى زاھىردىن سورىسا، ئېيتىڭلاركى ، بىزنىڭ شەيخىمىز دېھقان ۋەئامى ئادەم ، دەپ. ئاشۇ كىشىنى مېنىڭ ھوزۇرۇمغا ئېلىپ كىرىڭلار.» ھەكىم ناسىر خانىقا ئىشىكى يېنىغا كەلگەندە، مۇردلار ئەۋۋەل شەيخنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قىلدى. ئۇنى شەيخ ھوزۇرىغا ئېلىپ كىردى.

شەيخ ئاڭا ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتتى. ھەكىم ناسىر دېدى؛ «ئەي بۇزرۇكۋار، ئىستەر ئىدىمكى، سۆھبىتىڭنى تاپسام، كېيىن ھال ئەھلى پاناھىدىن  جاي ئالسام ». شەيخ تەبەسسۇم  قىلدى ۋە دېدى :«ساددا دىلسەن. بىزلەر بىلەن سۆھبەتلىشەلەيسەن، ئاخىر نەچچە يىل ئۆتتىكى نافىس ئەقىلگە ئەسىرسەن. مەن مەردلەر خىزمىتىگەقەدەم قويغان بىرىنچى كۈنۈمدىن باشلاپ ، بۇ مەككارە نافىس ئەقىل -ب. ئەھمەدوۋ چادىر بۇرچەگىنى بەنت ئەتكەن  ئىدىم . ئۇنى تالاق قىلدىم .» ھەكىم ناسىر دېدى :«شەيخكە ئەقىل نۇقسانلىقى قانداق مەلۇم بولدى. ئېيتقانلىرىدەك، ئەقىلنىڭ ئەۋۋەلى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدۇر، بۇ مەيداندا قۇرسلۇق قىلما، نۇقسانلىق ئەقىل-بۇ سېنىڭ ۋە پۇرسىنانىڭ [2] ئەقىلدۇر.چۈنكى ھەر ئىككىڭلار ھەم مەغرۇرسىز. بۇڭا دەلىل تۈنۈگۈن ئېيتقان قەسىدەڭكى، گۇمان قىلدىڭكى، «كۈن-پاياكۈن» نىڭ گەۋھەرى ئەقلىدۇر. غەلەت ئىش قىلدىڭ. ئەسلىدە ئاشۇ گۆھەر دەل

ئىشىقتۇر》 ۋە شەيخ ئاشۇ قەسىدە مەتلەئىنى مۇبارەك تىللىرىغا ئالدى. ئۇنىڭ مەتلەئى بۇدۇر؛         

يەتتە گۈمبەز  تامىنىڭ نەقىشى ئېرۇر ئىككى گۇھار، كائىناتتا نېمە بلسا بارىدىن يۈكسەك تۇرار .

 ھەكىم  ناسىر شەيخدىن كەلگەن كارامەتنى كۆرۈپ، كۆزىتىپ ھەيران قالدى. چۈنكى ، بۇ قەسىدىنى ئۆتكەن  كېچە يازغان، ھېلىھەم  ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىدىن ھە كىمىنىڭ  شەيخ خۇسۇسىدىكى ئېتىقاد ۋە ئىخلاسى ئارتتى . بىر مۇنچە ۋاقىت شەيخ خىزمىتىدە  كۈن كەچۈردى. رىيازەت ھەم پاك باتىنى كەسىپ ئېتىش ئىلە مەشغۇل بولدى . كېيىن شەيخ ئاڭا سەپەر ئىجازىتىنى بەردى.

ھەكىم (ناسىر خۇسراۋ) خۇراسانغا  كەلدى ۋە مەجلىسلىرىدە كەمەيىپ، ئۆزىگە رام قىلغۇچى ئىلىملەردىن سۆز ئاشتى. ئۆلىما ئۇنىڭ قەستىگە چۈشتى. ئاشۇ چاغلاردا قازىكالان ئەبۇ سەھىل سەئلۇقىي خۇراساننىڭ ئۇلۇغى ئىدى ۋە نىشاپۇردا تۇرار ئىدى. ھەكىمگە  دېدى: «سەن پازىل ھەم ئۇلۇغ ئادەمسەن . كۆرۈراتىمەنكى،خۇراسەن ئۆلىماسى ساڭا قەست قىلىپ قويدى . چارىسى بۇ دىيارنى تەرك ئەتمەكتۇر.» 

ھەكىم نىشاپۇردىن  قېچىپ ، بەلخ ئەتراپىغا كېلىپ چۈشتى ۋە ئۇ يەردە  ھەم يوشۇرنۇپ كۈن كەچۈردى . ئاخىرى، بەدەخشاننىڭ كۇھستانىغا باردى. مانا بۇ قەسىدىنى ئۇ خۇراسان  ئەھلنىڭ شىكايىتىدە يازغان:

بۇ نالەم ساڭادۇر، ئاللاھى جاھان ،

كۆپ جەفا يەتكۈزدى ئەھلى خۇراسان .

نەقىلدىم ، ھەممە زات مەندىن بېزىپتۇر،

ياش قارى ، خېشۇيات ، ئاشىنايى ياران .

تابەمەن پەيغەمبەر ھۆكمىگە مەگەر،

دوستۇ يار دېمەدىم سېنى ھېچ قاچان.

مۇھەممەت پەيغەمبەر ئۈممەتلەر ئارا،

سېنىڭ پيغامىڭدىن يەتكۈزدى پەرمان.

ئىقرار مەن مەشھەردە ھېساب بەرگەيمەن ،

 كىتابنىڭ  سالمادى  دىلىمگە ئىمان.

بۇ قەسىدە ئۇزۇن ، ئۇندا «ھەكىم» ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى بايان قىلغان .

ناسىر خۇسرەۋنىڭ  دىۋانى 30 مىڭ بېيتتىن ئىبارەت ؛ ھەممىسى ھېكمەت ۋە نەسىھتتۇر ؛ سۇ خەنى مۇستەھكەم. يەنە نەزمىدە تىزىلغان «سەئادەتنامە» ۋە نەسىردە پۈتۈلگەن «كەنزۇلھەقايىق» كىتابلىرى ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۈملىسىدىندۇر.

 ئۇ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى زامانىدا مەيدانىغا چىققان ۋە شەيخۇل رەئىس ئەبۇ سىنا بىلەن ھەمئەسىر ئىدى.ئىككەيلەن ھەمسۆھبەت بولغان دېيىشىدۇر، لېكىن بۇ ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى  گەپ-سۆز ، بىرەر تارىخ كىتابىدا بۇنداق گەپنى ئۇچراتمىدۇق.

 ھەكىم ناسىر خۇسىراۋنىڭ قەبرىسى بەدەخشان قىشلاقلىرىدىن دەرەئى مۈلۈكاندىدۇر. كۇھىستان ئادەملىرىنىڭ ھەكىم ناسىر خۇسراۋغا ئېتىقادى ئارتۇق دەرىجىدە بولۇپ، بەزىلىرى ئۇنى «سۇلتان» دەپ ، بەزىلىرى «شاھ» دەپ ئاتايدۇ.

[1] شەيخ ھەزرەت ئەبۇلھەسەن ھەرەقانىي-مۇتەسەۋۋۇپ شەيخ ۋە ئالىم (1034-يىلى ۋاپات بولغان)

[2] پۇرسىنا-ئىبىنسىنا

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2006-يىلى 6-سان

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 438 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-12