ئەھەت داموللا ھاجى


ئەھەت داموللا ھاجى


  ئاپتورى:خوجا نىياز

(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن)


ئەھەت داموللاھاجى 20-ئەسىردە ئۇچتۇرپاندا ياشىغان ، ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئىسلام دىنى بىلىمى،كۆپخىل تىل بىلىش ئىقتىدارى،يۇرت يەر-ناملىرىنى ئېنىقلاش، تارىخلارنى ئېنىقلاش، يېزىش ئىشلىرىدا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ئەلنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، تۇنۇلغان جامائەت ئەربابىدۇر.

ئەھەت داموللاھاجى 1925-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاچىتاغ يېزىسىدا ياقۇپ     ئائىلىسىدە تۇغۇللغان. 1932-يىلغىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بولغان. 1932-يىلدىن باشلاپ  1952 -يىلغىچە ئۇچتۇرپان، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسى، مارالۋېشى ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا شەخسىيلەر ئاچقان  ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە تەربىيە  ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1938-يىلدىن 1941-يىلغىچە ئۇچتۇرپان قولتۇق مەھەللىسى، يېڭى مەھەللىدە ئابدۇللا داموللامدا قاتارلىقلاردا ئۇقۇپ سەيىھۇل بۇخارى(ئىككى دەپتىرى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ، تۈگەتكەن. 1941-يىلدىن 1945- يىلغىچە ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە شۇ دەۋىرنىڭ ئاتاغلىق قازىسى دانىش داموللامدا ئوقۇغان.كېيىن مارالبېشى، كەلپىن قاتارلىق جايلاردىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردا بىلىم ئۆگەنگەن.ئۇ ھاياتىنىڭ 20يىلىنى ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈش،ئەرەپچە، پارىسچە ،ئوردۇچە ئۆگۈنۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپخىل مۇتەداۋىل كىتاپلارنى ئوقۇش ئۆگۈنۈش ،تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن.بۇ جەرياندا كۆپلىگەن جاپا، يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى يېڭىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن باش تارتمىغان.يۇرتى ئۇچتۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن باشلاپ ئاچىتاغ(يانقىر)يېزا جايتاغ(جايتاش)كەنتىدە نۇرغۇن شاگىرت- ئىزباسار لارنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن. ئىسلام دىنى ئەقىدىسىنى كىشىلەرگە توغرا چۈشەندۈرۈپ، روھانىيلىق،  خۇراپاتلىق، يارامسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىق ، بىلىمسىزلىك - ساۋاتسىزلىق قىلمىشلارغا قارىتا دەل ۋاقتىدا شەرىئەتتىن پاكىت كەلتۈرۈپ كىشىلەرنى قائىل قىلىپ، دۇرۇس ئىش قىلىشقا،بىلىم ئۆگۈنۈشكە ئۈندىگەن. ،ئاتا-ئانا،بالا-چاقا ئوتتۇرسىدىكى، ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى ، ئۈتەشكە تىگىشلىك ھۇقۇق، مەجبۇرىيەت،مىھر- مۇھاببەت، قوشنا- قۇلۇم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت-ئېلىم بىرىم ئىشلارنى ھەدىسلەردىن ئاساس كەلتۈرۈپ،قائىل قىلىپ ئەلنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئۇرۇنئالغان. يۇرتتا بىرمەزگىل يامرىغان ھاراقكەشلىك، قىمارۋازلىق قاتارلىق چاكىنا ئىللەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا پايدا ئەكەلمەيدىغانلىقىنى خەلققە جاكارلاپ يۇرتنىڭ تىنىچ ،خاتىرجەملىك بۇلىشىغا تۆھپە قوشقان.

   ئەھەت داموللا ھاجىنىڭ داڭقى ئۇچتۇرپان ناھىيە تەۋەسىدىن ھالقىپ قوشنا يۇرت ئاقسۇ،ھەتتا قەشقەرگىمۇ تارقالغان،جامائەت سورۇنلىرىدا ئەدەپ ئەخلاق،ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن تەلىم بەرگەن.  داموللامنىڭ ئىسلام دىنى بىلىمى،يۇقۇرى بۇلۇپلا قالماي،يەنە ئەرەپ،پارىس،ئوردۇ تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلەتتى،كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يىغىپ ساقلىغان، ئەرەپ،پارىس،ئوردۇ تىللاردا يېزىلغان ھەرقانداق ئەسەرلەرنى بىۋاستە تىنىمەي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيتى.ئۇ كىشى 1979-يىلى ئۆزقۇلىدا يۇشۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن بىرقانچە تارىخي ئەسەرلارنى بۇلۇپمۇ «رەۋزەتۇلساپا»قاتارلىق رايۇنىمىزدا كەم تېپىلىدىغان ئەسەرلەرنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى پەن-تەتقىقات باشقار مىسىدىن كەلگەن تارىخچى ھاجى ياقۇپ،ئىبراھىم مۇتىئى باشچىلىقىدىكى كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ،بۇ ئەسەر ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىن تېپىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارىدا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى پەن تەتقىقات باشقارمىسىدا ساقلانماقتا.

ئەھەت داموللا ھاجى يەنە 1980- يىل لاردىن باشلانغان يەرناملىرىنى ئېنىقلاش ،ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىدىمۇ چوڭ رول ئوينىغان. ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مەشھۇرجايلار تەزكىرسى، يەرناملىرىنى ئېنىقلاش، كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋېتلىك جايلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ بېرىش،ئەل-يۇرت تارىخىنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇ كىشىنىڭ كېيىن ئېتىپ بېرىشىچە،  ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسى كېڭەش،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەرنى يىغىپ ساقلاش ئىشخانىسىدىكى يولداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن «قىسقىچە ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق تەخمىنەن 287بەتلىك قوليازما ئەسەر يېزىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشكە تاپشۇرغان،كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەرنى يىغىپ ساقلاش ئىشخانىسىدىكى يولداشلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ئەسەردە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئوغۇزخان دەۋرىدىن باشلاپ چاغاتاي دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلەر،يەكەن خانلىقى، خوجالار دەۋرىدىكى ئاقسۇ،ئۇچتۇرپاندا بولغان ۋەقەلەر قىسقىچە  يېزىلغان.

1988-يىلى 6-ئايدا سەھۇدى ئەرەبىستانىغا ھەج قىلغىلى بارغان، بۇ جەرياندا جۇڭگۇ ھەج ئۆمىكى بىلەن سەھۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە تەرجىمان ،ئالاقىچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەج سەپىرىدىكى كۈرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ بىلىمى، تالانتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ، ئەل- جامائەتنىڭ،مۇناسىۋېتلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ نامى شۇ چاغدىلا ئېلىمىز ۋە سەھۇدى گېزىت-ژورنال، رادىئولىرىدا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنغان.بۇنىڭ بىلەن سەھۇدى ۋە پاكىستاندىكى ئىسلام دىنى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ( ئائىلە-بالاجاقىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كىلپ ئولتۇراقلىشىش) قەغىزى بېرىلگەن.ئەمما ئۆز يۇرتى ،ۋەتىنىنى ئەلا بىلگەن ئەھەت داموللا ھاجى ئۇلارغا رەھمىتىنى بۈلدۈرۈپ،ئۇجايغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى رەت قىلغان.

1996-يىلى7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەھەت داموللا ھاجى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان،ئەل يۇرت خەلقى بۇ ئالىم سۈپەت كىشىگە بولغان ھۆرمىتىنى بۈلدۈرۈپ،جايتاغ مەسچىتى يېنىغا دەپنە قىلغان.


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 755 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-11