نىزامىي ئەرۇزىي سەمەرقەندىي


نىزامىي ئەرۇزىي سەمەرقەندىي


 ئەسلى ئىسمى نەجمىدىن ئەھمەد ئىبىن ئۆمەر ئىبىن ئەلى نىزامىي ئەرۇزىيدۇر. 12_ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت قىلغان شائىر ھەم ئەدىب. ئۆمرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى بامىيان (ھازىرقى ئافغانىستان)دا ئۆتكۈزگەن ۋە غۇر  شاھزادىلىرىدىن شەمسىدىن مۇھەممەدنىڭ دەبرى _كاتىبى بولغان . دەلەتشاھ سەمەر قەندىي ئۇ ھەقتە كەلتۈرۈۋاتقان مەلۇماتلارنىڭ بەزىلىرى خۇسۇسەن، «ۋىسۇ رامىن»داستانى مەسىلىسى ھەقىقەتتىن يىراقتۇر. ئەسلىدە بۇ ئەسەرنى فەخىرىدىن ئەسەد جۇرجانىي (6-ئەسىر) يازغان. مەلۇمات كەلتۈرۈلگەن ئەسەر 1156-1157 يىللاردا يىزىلغان «چورمەقالە» دۇر. نەسرىي ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە . ئەسەر 1899-يىلى ئەبرائون تەرىپىدىن ئىنگلىز، 1963-يىلى س. بايۋىسكىي ۋە ز.بارا جېيكا تەرىپىدىن رۇس ، ئوردو ۋە تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . شۇنىڭدەك، كۆپكىنە تاش باسما نەشرلىرى قوليازما نۇسخىلىرى ھەم مەۋجۇت . «چورمەقالە» نىڭ ئىلمىي، تەتقىقىي مەتىنلىرى مىرزا مۇھەممەدخان قەزۋىنىي ۋە مۇھەممەد مۇئىن تەرىپىدىن 1909-يىلى ھەمدە 1957-يىللاردا نەشر قىلىنغان.

ئۇ پازىل ۋە نازۇك تەبىئەتلىك ئادەم،  ئەمىر مۇئىززىينىڭ شاگىرتلىرى جۈملىسىدىن. شېئىر ئىلمىدە ماھىر بولۇپ ‹ۋىسۇ رامىن›[1]داستانىنى نەزم قىلغان. بۇ داستاننى ئۇلۇغ شەيىخ نىزامىي گەنجىۋىي[2] ‹خەمسە› دىن ئەۋۋەل يازغان دېيىشىدۇ. ‹چورمەقالە›ناملىق كىتابى نىزامىي ئەرۇزىينىڭ نەسرىي ئەسەرلىرى جۈملىسىدىندۇر. بۇ كىتاب ئەدەب، ھېكمەت، شېرىن سۆھبەتلەر ھەمدە پادىشاھلارنىڭ مۇراسىملىرىغا ئالاقىدار ئەمەلىي مەسلىھەتلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلار ساھەسىدە غايەت پايدىلىقتۇر. مانا بۇ بېيىت نىزامىي ئەرۇزىي پۈتكەن ‹ۋىسۇ رامىن›داستانىدىكى، ئۇنىڭدىن بۇ داستاننىڭ نەزمى مەلۇم بولۇر:‹بېيىت›

ئارەشنى پايەنداز دەرلەر، تەرەف يوق، ئامۇلدىن[3] ئاتسا گەر مەرۋگە يېتەر يوق.گەپ شۇنىڭدىكى، ئارەش تەھمۇراسىنىڭ [4] جيەنى بولۇپ، مەملىكەتلەرنى تەقسىم قىلدى ۋە ئامۇل چېگراسىدىن تائابىۋاردۇر[5] مەرۋگىچە ۋە جەيھۇننىڭ نېرىقى ساھىلىدىن تا سەمەرقەند خۇجەندكىچە بىر تام سالدۇردىلەركى. ئۇنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرمۇ مەۋجۇت. مەملىكەتنى تەقسىملەۋاتقان پەيىتتە. ئارەش تاغىسىدىن بىر يوق قىلىنغان يەرنى ئاڭا ئاجىرىتىپ بېرىشنى سورىدى، تاغىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلدى. ھۆكۈما ئاڭا ئاتاپ بىر كاۋاك ئوقنىڭ ئىچىنى سىماب ۋە دورىلار بىلەن تولدۇرۇپ بەردى. كۈن چىققاندا ئۇنى ئاپتاپقا قارىتىپ ئاتتى.

ئاپتاپ ھارارىتى ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ، ئوق ئامۇلدىن مەرۋىگىچە يەتتى. بەزى تارىخ كىتابلىرىدا شۇنداق يېزىلغان، لېكىن بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ،چۈنكى ھەر قانداق ئۆلچەمدە ئۇچقۇر ئوق تۆت چاقىرىم مۇساپىگە يېتىدۇ، خالاس بىراق ئۇلۇغ شەيخ ئارەزىي...شەيخۇل رەئىس ئەبۇ ئەلى سىنا..بۇنداق

ھادىسىنى ئىنكار قىلمىغان ۋە ھېكمەتتىن ئۇزاق ئەمەس، دەپ ئېيتقان ئىمىش. بۇنىڭ شەرھى شۇكى، سەمەر قەنددە شېراز، خارازىمدا باغداد، ھېراتتا گۇجارەت قىشلاقلىرى بولغاندەك، مەرۋدىن بىر سەخ يەردە ئامۇل ئاتالمىش بىر قىشلاق بولسا ھەم ئېھتىمال. 


[1] ‹ۋىسۇرامىن›ـ پەخىردىن ئەسەد گۇرگانىي قەلەمىگە مەنسۇپ،

[2] نىزامىي گەنجەۋىي ـ ئەزەربەيجان ئۇلۇغ كلاسسىك شائىرى[1141-1209]

[3] ئامۇل –كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا بولغان قەدىمىي شەھەر.

[4] تەھمۇاس- قەدىمكى ئىران پېشدادىيلار سۇلالىسىدىكى ئىككىنجى ھۆكۈمدار،

[5] ئەبىۋەرد- ھازىرقى ئاشخابادىن 12كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبتا.ئاشخابات بىلەن كەئەھكەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىك ئوتتۇرا ئەسىر شەھىرى.

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنىرى 2006-يىلى 6-سان

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 376 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-11