«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»غا تولۇقلىما


«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»غا تولۇقلىما

ئىمىر غىياس

(«شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمى 830043)

  مەن يېقىندا مەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆزۈم ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قايتىدىن بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئىنىچكە مۇتالىئە قىلدىم. نەتىجىدە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ناملىرى، ئۇلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى، قاتلاملىرى، كېلىپ چىقىشى، ئۆزگىرىشلىرى، ئىملاسى ۋە بۇ مەكتەپلەر بىلەن قۇيۇق ئالاقىسى بار مۇھىم شەخسلەرنىڭ ئىسمى، قۇرۇلمىسى ، ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردەناھايىتى مۈجمەل مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدىم ھەمدە ئەسلىمىچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى زىددىيەتلىك قاراشلىرىنى تارىخىي چىنلىققا ۋە يەر ناملىرى ئىلمىگە ئۇيغۇن ھالدا جىددىي ئوڭشىۋېتىش ياكى بۇ ھەقتە مەخسۇس بەس- مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.

   19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئىكىساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەر ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نامايەندىلەردىن بىرى. بۇ مۇھىم نامايەندىلەر ھەققىدە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس،بەلكى خەنزۇ تىلى ۋە چەتئەل تىللىرىدىمۇ نۇرغۇن ماقالىلەر، ئەسلىمىلەر، كىتابلار يېزىلدى، نەشىر قىلىندى ۋە يېزىلماقتا. بۇ مۇھىم نامايەندە ھەققىدىكى ھېس قىلغانلىرى ۋە بىلگەنلىرىنى داۋاملىق ئوتتۇرى

غا قويۇپ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تەتقىقاتىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بارلىق ئىلىمخۇمار ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىىدۇر.

    لېكىن مۇساباي جەمەتى تەسىس قىلغان جەدىدچە، يەنى يېڭىچە مەكتەپلەر ھەققىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئەڭ بالدۇر، ئەڭ قىزغىن، ئەڭ كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ، يەنە شۇ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ خاتالىقنى ئەڭ كۆپ سادىر قىلغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى سادىر قىلغان خاتالىقلار ھەتتا بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چەت ئەللىك قەلەمكەشلەرنىڭمۇ شۈبھىلەندۈرۈپ قويدى. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى سادىر قىلغان خاتالىقنىڭ كۆپلۈكى ئادەمنى بەكمۇ خىجىل قىلىپ قويىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى مەسئۇلىيەتچان تەتقىقاتچى يالقۇن روزى ئەپەندى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ماھىيەتلىك خاتالىقنى ئەستايىدىل تۈزىتىش بىلەن بىللە بەزىبىر «ھېسسىيات تىپىدىكى» ئالدىراڭغۇ ۋە بىپەرۋا قەلەمكەشلەرنىڭ نېمە قىلىپ قويغانلىقى ۋە قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ قويدى. بولمىسا  ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ قاچان ۋە قانداق قۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئېغىر خاتالىقنى پەرقلەندۈرمەي يۈرۈۋېرەركەنمىز. شۇنداق. يالقۇن روزى ئەپەندى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى قانداق ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە، قايسى مەزگىلدە، قانداق رەۋىشتە، قانچىلىك كۆلەمدە بارلىققا كەلگەن دېگەن مەسىلىلەرنى ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەرگە باغلىغان ھالدا نەق ماددىي پاكىتلار ئاساسىدا قايىل قىلارلىق يورۇتۇپ بەرگەن ھەمدە ئىسمائىل غاسپىرالىچە تۇنجى جەدىدچە مەكتەپنىڭ دىيارىمىزدا ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن 1899-يىلى كۈزدە بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى مۇنتىزىم جەدىدچە مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىن (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دارىلمۇئەللىمىن» مۇ دېيىلىدۇ) نىڭ 1914-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئەمما، ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى شانلىق نەتىجە بولغان بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى، ئېتىمولوگىيەسى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئېڭى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە بۇ مەكتەپلەرنىڭ نامىنى يېزىش، ئاتاش جەھەتتىكى بىپەرۋالىق، ئېلىشمانىلق ۋە زىددىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تۈزۈك بىر نېمە دېمىگەن. دەرۋەقە، يالقۇن روزى ئەپەندى بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىغا دائىر ئىلگىرى مەتبۇئاتلىرىمىزدا دېيىلمىگەن ئىنتايىن قىممەتلىك پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ ئىنىچكە مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمىگەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت فۇنكىسىيەسىنى قايسى نام بىلەن قانداق رەۋىشتە يۈرگۈزگەن؟ زادى قايسى دەۋردە قايسى سۆزنى نام قىلىپ قوللانغان؟ دېگەن مەسىلە ئايدىڭلاشماي قالغان. بۇ سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ يالقۇن روزى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچان ۋە قانداق بارلىققا كەلگەن دېگەن مەسىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەل يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلە ئاشۇ مائارىپنى بارلىققا كەلتۈرگەن مەكتەپلەرنىڭ قانداق نامنى قوللانغانلىقى، قانداق كىملىك ۋە سالاھىيەتنى ئىپادىلىگەنلىكى، بۇ ناملارنىڭ قانداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغانلىقى ۋە قانداق لېكسىكىلىق مەنىلەرنى بىلدۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە ئىدى. مېنىڭچە يالقۇن روزى مۇنداق ئىنىچكە مەسىلە ھەققىدە توختالمىغىنى ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى ئەتەي قاچۇرۇۋاتقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» دېگەن ماقالىسىدە نۇقتىلىق ھەل قىلماقچى بولغىنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى زادى قاچان ھەم قانداق باشلانغانلىقىنى تۈزىتىش ۋە ھەل قىلىش بولغانلىقتىن، بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ناملىرىنى ئاتاش جەھەتتىكى باشباشتاقلىق، مەنمەنلىك، ئېنىقسىزلىق ۋە ئېلىشمانلىقنى مەخسۇس بىر تېما سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇلاھىزە قىلىش خۇددى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى قاچان ھەم قانداق باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ۋە ئىلگىرىكىلەرنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش جەريانىغا ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولغانلىقتىن، ئەگەر يالقۇن روزى ئەپەندى1914-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان دارىلمۇئەللىمىننىڭ ناملىرىدا يۈ ز بەرگەن ئېنىقسىزلىق ۋە زىددىيەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتمىسەم، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ئۇنىڭ قاراشلىرىغا ھەقىقىي قايىل بولغان، ئۇنى قىزغىن قوللاۋاتقان، ئۇنىڭغا يېقىندىن مەدەت بېرىۋاتقان مەن پېقىرغا نىسبەتەن زادى ئاقىلانىلىك بولمايدىغاننىڭ ئۈستىگە، مەتبۇئات ساھەسىدىكى ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە ئىلمىي بەس-مۇنازىرىگە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان يالقۇن روزى ئەپەندىنى سەمىمىي قوللىغانلىق بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» ناملىق ماقالىسىنىڭ داۋامى ياكى تولۇقلىمىسى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ بۇ ماقالەمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.

  بۇ قېتىم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ ئۆتمۈشىگە دائىر ماقالىلەرنى قايتىدىن ئوقۇپ كۆرگىنىمدە ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ ناملىرىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە مۈجىمەللىك، پاكىتسىزلىق ۋە بىنورماللىق مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى. مېنىڭ دىققىتىمنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ماقالىلەر ئالدى بىلەن ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 13-سانىغا بېسىلغان «ئاتۇش ناھىيە ئىكساق كەنتىدە يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپىنىڭ دۇنياغا كېلىشى» ناملىق ماقالىسى؛ ئاندىن ج ك پ ئاتۇش ناھىيەلىك كومىتېتى بىلەن ئاتۇش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىكساق مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش – تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى »غا ئاساسەن «ئاتۇش ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىش ئشخانىسى »1985-يىلى 8-ئايدا تۈزگەن ۋە نەشىر قىلغان «مەشئەل»ناملىق ژۇرنال ۋە ئۇنىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر؛ ئاندىن ياپونىيەلىك قەلەمكەش ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ ياپونچە «شەرقىيەت (تويو)ئىلمىي ژۇرنىلى »نىڭ 78-توپلام 1-سان 1996-يىلى 6-ئايدىكى نەش             رىدە ئېلان قىلىنغان،ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندى تەرىپىدىن ياپونچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «قەشقەردىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى-مۇساباي جەمەتى ۋە يېڭىچە مائارىپ»ناملىق ماقالىسى؛ئاندىن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىلدىن بۇيانقى ئالاقىدار سانلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ ،2012-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان«شىنجاڭدىكى يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى-لاي قەلئەنىڭ سىرى»ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن بىر يۈرۈش ئوخشاش تېمىدىكى ماقالىلىرىدىن ئىبارەت. باشقا ئاپتورلارنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىغا دائىر ماقالىلىرىدە مېنىڭ بۇ ماقالەمنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك قىممىتى بار ئۇچۇر ۋە پاكىت تېپىلمىغانلىقتىن ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. مانا مۇشۇ ئەھۋالدا مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغان يۇقىرىقى ماقالىلەردىن بولۇپمۇ «مەشئەل»نىڭ ماقالىلىرىدىكى مۈجمەللىك، ئېلىشمانلىق مېنى قانچە ئەپسۇسلاندۇرغان، ئۇ ئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىكى غۇۋالىق، چولتىلىق، بىتەرەپلىمىلىك مېنى قانچە ئويلاندۇرۇپ ۋە تەئەججەپلەندۈرۈپ قويغان بولسا، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىدىكى قىممەتلىك يېڭى ئۇچۇرلار مېنى شۇنچە سۆيۈندۈردى ۋە مېنى شۇنچە ئىلھاملاندۇردى، شۇنداقلا يەنە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئىكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ نەق تارىخىي نامىغا دائىر يەنە بەزىبىر مەسىلىلەر مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا تۇيۇقسىز تۈرتكە بولدى.

مەن قارىسام ئىكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ نامىنى ھازىرغىچە ھەركىم ھەرخىل يېزىپ كەپتۇ، ئۇ ئۇنداق يازسا، بۇ مۇنداق يېزىپتۇ، ھەتتا بىر ئاپتورمۇ ھېلى ئۇنداق يازسا،ھېلى مۇنداق يېزىپتۇ، قەلەمنى خۇددى بىرسى مەجبۇرىي تۇتقۇزۇپ قويغاندەك بولۇشىغا يېزىپ كەپتۇ. مۇھەررىرلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرەر«قىسىنچىلىقى» باردەك ئۇلارغا قاتتىقراق تەلەپ قويۇپ بۇ ئېلىشمانلىقنى تۈزەي دېمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەتبۇئاتلىرىمىزدا«قايسى مەكتەپ»،«نېمە مەكتەپ»،«قاچانقى مەكتەپ» دېگەن مۇھىم ئۇقۇملار ئارىلىشىپ، ئېلىشىپ كېتىپ «بىر قورۇ» دا ئوخشاش تىپ ۋە ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر قانچە مەكتەپ تەڭلا قۇرۇلغاندەك مەنە-ئۇقۇم شەكىللىنىپ قاپتۇ. مەسىلەن: ئىبراھىم نىياز ئەپەندى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىدە ئىكساقتا قۇرۇلغان تۇنجى يېڭىچە مەكتەپنى«ئاتۇش دارىلمۇئەللىمىن»، «ئاتۇش-ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى»، «ئىكساق مەكتىپى» قاتارلىق ئۈچ خىل نام بىلەن ئاتىغان بۇلۇپ، بۇلاردىن ئاخىرقىسىنىڭ قايسى ۋە قاچانقى مەكتەپنى بىلدۈرۈشتە، ئۇنىڭ باشتىكى ئىككىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە مۈجىمەللىك كېلىپ چىققان. ماقالىدا بۇ ئۈچ خىل نامنىڭ تارىخىي ئېتمولوگىيەلىك ئاساسى ۋە لېكسىكىلىق مەنىسى ئېنىق پەرقلەندۈرۈلمىگەنلىكتىن، بىرى، ئىدارە (مەكتەپ) نامىنى خالىغانچە يېزىش؛ يەنە بىرى، ئۇقۇم-مەنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، مۈجمەللەشتۈرۈپ قۇيۇش نۇقسانى يۈز بەرگەن، گويا بىر جاي-بىر ئورۇندا ئوخشاش تىپلىق ئۈچ مەكتەپ بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلغاندەك غەلىتە ئۇقۇم-چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈپ قويۇلغان. ناۋادا، ئۈچىلىسى ئايرىم-ئايرىم ئۈچ مەكتەپنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئۇلار قايسى ۋاقىت، قايسى ئۇرۇندىكى نېمە ۋە قانداق مەكتەپنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ ناملار قانداق تارىخىي ۋە ئېتىمولوگىيەلىك ئاساسقا ئىگە؟ قانداق لېكسىكىلىق مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ ماقالىدىكى باياندىن بۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئادەتتە مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ «كىچىك سىستېما» ئادەم،مالىيە، بۇيۇم، زامان، ماكان، ئىش قاتارلىق ئالتە ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى مۇشۇ ئالتە خىل ئامىل بىر-بىرىنى شەرت قىلغان ۋە ئۆز-ئارا بىرىكىپ كەتكەن ھالدا بىر مەكتەپنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ نامى- ۋىۋىسكىسى بولسا ئۇنىڭ قۇرۇلغان جايى،ۋاقتى، تامغىسى، خاراكتېرى، ئالاھدىلىكى، داۋاملىشىش جەريانى، خادىملىرى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھالدا كونكېرىت لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە بولىدۇ، مۇشۇ ئامىللار ئۆز-ئارا يېقىندىن شەرت قىلىنمىغان، ئوخشاش ماكان ۋە ئوخشاش دەۋىردىكى باشقا مەكتەپلەردىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا ھېچقانداق مەكتەپنىڭ كىملىك تارىخىنى سۈپىتى ۋە قىممىتى بار تارىخىي ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر مەكتەپنىڭ كىملىك تارىخىنى پەقەت ئۇنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي نامىنى قوللىنىش، ئۇنىڭ ھەرقايسى ئامىللىرىنى لوگىكىغا ئۇيغۇن ھالدا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان تارىخىي ئاساسقا ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر، ئۇنداق بولماي كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئەسلىمىچىلەر ۋە قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن قۇيۇلغان پاكىتسىز، خىيالىي نام بىلەن بايان قىلغاندا ئۇنىڭ مەزمۇنىغا كېيىنكى دەۋرنىڭ نەرسىلىرى ئارىلىشىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئەسلىي تارىخى خۇنۈكلىشىپ قالىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن يۇقىرىقى ئۈچ خىل نامنى ئىكساقتا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئىسمىنى ئاپتورنىڭ پاكىتسىز ھالدا ئۈچ خىل ئاتىشىدىن ۋە ئىككى مەكتەپنى ئۈچ مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئىبارەت دەپ قارايمەن.

  ئىكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ نامى «مەشئەل» ژۇرنىلىدا تېخىمۇ كۆپ خىل، تېخىمۇ قالايمىقان، تېخىمۇ ئېلىشمان يېزىلغان. مەسىلەن، ئىكساقتا يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىقنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان يۇقىرىقى نامىدىنمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «مەشئەل» ژۇرنىلىدا ئاتالمىش«1885-يىلى» ۋە «1907-يىل» لىرى ئىكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ نامى «ئاتۇش ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى» (مۇقاۋىدا)، «ئاتۇش ئىكساق ھۈسەينىيە مەكتىپى» (كىرىش سۆزدە)، «ئىكساق يېڭى مەكتىپى» (كىرىش سۆزدە)، «ئاتۇش ئىكساق يېڭى مەكتىپى» (كىرىش سۆزدە)،«ئىكساق مەكتىپى» (1-بەت)،«ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى» (3-بەت)، «ئۇيغۇر يېڭى مەكتىپى» (7-بەت)، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» (20-بەت)، «ئىكساق ھۈسەينىيە مەكتىپى» (38-بەت)، «ئاتۇش» ئىكساق يېڭى مەكتىپى» (61-بەت)؛ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» (11-بەت)، «مەكتىپى ھۈسەينىيە» (11-بەت)،«ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» (14-بەت)، «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى» (14-بەت)، «ئىكساق يېڭى مەكتىپى» (15-بەت)، «ئىكساق يېڭى پەننىي مەكتىپى» (36-بەت)، «ئىكساق پەننىي مەكتىپى» (38-بەت)، «ئىكساق مەكتىپى» (38-بەت) قاتارلىق 18 خىل يېزىلغان. بۇ 18خىل «نام» دىن باشتىكى ئون خىلنى ئاتالمىش «1885-يىل» قۇرۇلغان تۇنجى جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولسا، كېيىنكى سەككىز خىلى ئاتالمىش «1907-يىل» ئىكساقتىكى مەھبۇددىن ئەجەمى دېيىلىدىغان شۆھرەتلىك بىر زات دەپنە قىلىنغان گۈمبەزنىڭ يېنى (ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم مازىرىنىڭ ئالدى؟) غا سېلىنغان تۇنجى جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىننىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان. ئەڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، بۇ 18 خىل «نام» نىڭ،بولۇپمۇ ئاۋۋالقى ئون خىلىنىڭ بەزىلىرىنىڭ كونتېكىست ئىچىدە قايسى زامان ۋە قايسى ماكاننى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىغىلى بولمايدۇ. ئاپتورلار قولىغا قەلەمنى ئېلىپلا بۇ ئىككى خىل ھادىسە ۋە شەيئىنىڭ نامىنى ئۇنى تەركىب ئېتىدىغان شەرتلىك ئامىللارغا تەدبىقلىمايلا خىيالىغا كەلگەنچە يېزىۋەرگەن بولغاچقا، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇكەممەل بىرلىكى، مەزمۇنىنىڭ كونكرېتلىقى ۋە چىنلىقى ئەمەلگە ئاشمىغان: ئىدارە-ئورگان (مەكتەپ) ناملىرىنى ئىگىسى قويغان ئىسىم بىلەن ئاتاش، بىر خىل بولۇش، ئۆلچەملىك بولۇش پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىنمىغان؛مۇھەررىرلەر بىلەن كوررېكتورلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان. نەتىجىدە بىر خىل شەيئىنىڭ كۆپ خىل نامى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ كىملىكىدە غۇۋالىق، چولتىلىق، زىتلىق يۈز بەرگەن. بىز مەسىلىنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا يالقۇن روزى ئەپەندى ئىسپاتلاپ چىققان، تۇنجى جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىن قۇرۇلغان «1914-يىلى» دىن ئىلگىرىمۇ ئىكساقتا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردە يەنە باشقا جەدىدچە مەكتەپنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈردۇر. چۈنكى، بۇ مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويمىساق يۇقىرىقى 18 خىل «نام» نىڭ يېتەرسىزلىكىنى قايىل قىلارلىق كۆرسىتىپ بېرەلمىگەننىڭ سىرتىدا ئۆزىمىزمۇ تەتقىقاتتا قىزىققانلىق، بىپەرۋالىق خاھىشىنى سادىر قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا بىز 1914-يىلدىن ئىلگىرىلا چاقماق دەريا ۋادىسىدا، ئۈستۈن- ئاستىن ئىككى ئاتۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا يالتىراپ تۇرغان گۆھەر يۇرت ـ ئىكساقتا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئارا مەھەللە كەنتىدىمۇ ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن قېرىنداش جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن قۇرۇلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە سېلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە «مەشئەل» ژۇرنىلىغا بېرىلگەن پەخرىدىن ئەپەندىم ئىسىملىك شاھىدنىڭ «ئىلىم-پەن بۇلىقىنى قېزىش ـ شەرەپ» ناملىق ئەسلىمىسىدە: «مەن 1911-يىلى سەككىز يېشىمدا ئىكساق ئارا مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردىم. بۇ مەكتەپ...شۇ دەۋرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان باھاۋۇدۇن مۇسابايېف تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكساق مەكتىپىنىڭ تارمىقى ئىدى» دېيىلگەن بولسا؛ سەيپىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 1-قىسىم 143- 146- بەتلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بايان يېزىلغان. شۇڭا بىزنىڭ بۇ شاھىدلارنىڭ بۇ بايانىغا ئىشەنمەسلىككە باھانىمىز يوق. چۈنكى، ئۇلار ئاشۇ ۋەقەلىكنىڭ ھەقىقىي شاھىدى تۇرسا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيەلىك قەلەمكەش ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىمۇ مۇساباي جەمەتىنىڭ 1907-يىلدىن بۇرۇنمۇ ئىشقىلىپ مائارىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى ئېھتىماللىقنى ئىنكار قىلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىسە؛ ئوخشاشلا يالقۇن روزى ئەپەندىمۇ ئىشەنچىلىك تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا 1899-يىلى ئىكساقتا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئىسمائىل غاسپىرالىچە (يېڭىچە) مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما، بۇ ئەسلىمىچىلىرىمىز ۋە قەلەمكەشلىرىمىزمۇ بۇ مەكتەپلەرنىڭ نەق ۋىۋىسكا نامىنى ئەسلەپ بېرىشكە ۋە ئىسپاتلاپ چىقىشقا ئامالسىز قالغان. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار بۇ مەكتەپلەرنىڭ كىملىكىنى «مەكتەپ» سۆزىدىن ئىبارەت بىر كونكرېت ئۇقۇم- يۇرت نامىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى زامان ۋە ماكانغا تەدبىقلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئارقىلىق بىزگە بىلدۈرمەكچى بولغان. يۇقىرىقى باشتىكى ئون خىل «نام» مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوتتۇرىغا چىققاچقا 1914-يىلدىن بۇرۇن ئىكساقتا مەيدانغا كەلگەن بۇ يېڭى ھادىسە – جەدىدچە مەكتەپنىڭ نامى ئون خىل ۋارىيانتقا كۆپىيىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «مەكتىپى ھۈسەينىيە» بىلەن «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دىن باشقىلىرى ھەرگىزمۇ تارىخىي نامغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئادەتتە تارىختا مەلۇم بىر نام بىلەن مەيدانغا كەلگەن مەلۇم بىر ھادىسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ نەق ۋىۋىسكا نامى ئۇنتۇپ كېتىلگەن؛ پەقەت ئورنى، ۋاقتى ۋە جەريانىلا كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغان، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىش ۋە ئۇنى ئەسلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان ئەھۋالدا ئەشۇ ھادىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان سۆزلەرنى تاللاپ نام قىلىپ قوللىنىش يۈزىسىدىن بارلىققا كېلىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇ قىممەت جەھەتتىن نەق تارىخىي نامنىڭ ئورنىنى باسالمىسىمۇ، تارىختا يۈز بەرگەن، نامى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ھادىسىنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىدىن بىزگە مەلۇم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئەپسۇسكى، تەقلىدىي نام «ئۇچىسى» غا ئارۋاڭ- سارۋاڭ، جالدۇر-جۇلدۇر «كىيىم» لەرنى كىيىپ ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق غەلىتە «ياسىنىپ» سەھنىگە چىققاندا ئۇنى جەزمەن سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك. چۈنكى، ئەلمىساقتىن بېرى ھېچقانداق بىر مەكتەپ كۆپ ۋارىيانتلىق ياكى كۆپ ئىسىملىك ئاتىلىشى ئامالسىزلىق ۋە بىپەرۋالىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى رەڭلەشتۈرۈپ ۋە چاكىنلاشتۇرپ قويىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەسلىمچىلەر ۋە قەلەمكەشلەر شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى 18 خىل «نام» نىڭ ئىچىدە پەقەت «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن»، «مەكتىپى ھۈسەينىيە» («ھۈسەينىيە مەكتىپى») نىڭلا بەلگىلىك تارىخىي ۋە ئىىمىي قىممىتى بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ساقلاپ قېلىپ، قالغانلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلىۋېتىش كېرەك.ئەمما، بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ «مەشئەل» ژۇرنىلىنىڭ تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممىتىنى تامامەن ئىنكار قىلىۋېتىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. بۇ ژۇرنالدىمۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنى تەتقىق قىلىشتا سەك قارىغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار بار، ئەلۋەتتە . تېخىمۇ قىزىق يېرى شۇكى، ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپنىڭ نامى خەنزۇچىدىمۇ ئوخشاشلا ھەر خىل يېزىلغان ۋە شۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. مەسىلەن، «مەشئەل» ژۇرنىلىغا ليۇجېنجياڭ ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلگەن بېغىشلىمىدا 衣克沙克学校 (ئىكساق مەكتىپى) دەپ يېزىلغان بولسا، فۇ بىن ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلگەن بېغىشلىمىسىدا 衣克沙克小学 (ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى) دەپ يېزىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تامامەن بىر خىل ۋە ئۆلچەملىك يېزىش شەرت قىلىنغان بىر خىل ھادىسىنىڭ نامى خەنزۇچىدىمۇ ئارىلىشىپ ۋە مۈجمەللىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. چۈنكى، «مەكتەپ» ئۇقۇمىنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچمۇ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىمۇ، تېخنىكوممۇ، ھەتتا ئىنىستىتوت ۋە ئۇنىۋېرىسىتېتلارمۇ بار، ئۇ لېكسىكىلىق مەنە جەھەتتىن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما،«باشلانغۇچ مەكتەپ» بولسا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىپتىدائىي مەكتەپنىلا بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى«مەكتەپ» كە قارىغاندا خېلىلا تار، ئاۋۋالقىسى كەڭ ئۇقۇم، كېيىنكىسى تار ئۇقۇمدۇر. تىل ئىستېمالدا بۇ پەرققە سەل قارىغاندا ئەنە شۇنداق لېكسىكىلىق ۋە لوگىكىلىق خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئەينى چاغدا ئىكساقتا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىر نەچچە جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەيدىغان بىرلا جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىن قۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ شۇ مەزگىلدە «ئىكساق مەكتىپى» ياكى «ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى» دەپ ئاتالمىغانلىقىدەك ئەمەليەتنى ئويلاشقاندىمۇ، بۇ مەكتەپنىڭ خەنزۇچە «ئىكساق مەكتىپى» ۋە «ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپى» دېگەن ئۇقۇمدا يېزىلىشى تارىخىي ۋە ئىلمىي جەھەتتىن خاتا بولغان.

  شۇ نەرسە ئېنىقكى ئىكساقتا 1914-يىلدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ قانداق ۋىۋىسكىلارنى ئاسقانلىقى، قانداق ناملارنى قوللانغانلىقى مەلۇم ئەمەس؛ 1914-يىلى قۇرۇلغان جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىننىڭمۇ قانداق ۋىۋىسكىنى ئاسقانلىقى، قانداق تانغىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس (ئەلۋەتتە ۋىۋىسكا ۋە تامغا قانداق بولسا ناممۇ شۇنداق بۇلىدۇ ). بۇ ھەقتە ھېچقانداق يازما پاكىت قالدۇرۇلمىغان. بۇنداق بولۇشى بەلكىم بۇ مەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش خىزمىتىنى جىددىي يولغا قويغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن ئۆمەر بايغا ئوخشاش نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ ئارىلىشىشى، قارشى چىقىشى، كاشىلا پەيدا قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەقىپ قىلىنىش، توختاپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى؛ ھەتتا 1917- 1919-يىللىرى ئارىلىقىدا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىنىڭ 2-قېتىم ئىكساقتىكى بارلىق مەكتەپلەرنى تاقۇتقۇزۇۋەتكەنلىكى ۋە ۋىۋىسكا بىلەن تامغىلارنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىكساقتىكى جەدىدچە مەكتەپلەر ئەنە شۇنداق جاپالىق قۇرۇلۇش، توختاپ قېلىش، يەنە ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا ۋىۋىسكىلىرى ۋە تامغىلىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇش شەرتىگە دۇچ كەلگەن، ئەسلىگە كەلگەندە يەنە باشقا ۋىۋىسكا ۋە تامغا ئىشلىتىلگەن بولسا، بەلكىم قىسقا ۋاقىت «لەپىلدەپ» تۇرغان ۋىۋىسكىلار كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن ئاسانلا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

  ئەمدى ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ «قەشقەردىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى – مۇساباي جەمەتى ۋە يېڭىچە مائارىپ» ناملىق ماقالىسى مەخسۇس ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەلىك ماقالە بولسىمۇ، بۇ ماقالىدىمۇ ئوخشاشلا ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە  باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدە پەقەت 1914-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەھمەد كامال مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» نىڭ قۇرۇلغان چاغدىكى نامىلا بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت بۇ نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىرەر قىممىتى بار ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ماقالە تېمىسىنىڭ مەخسۇس «مۇساباي جەمەتى ھەققىدە ۋە يېڭىچە مائارىپ» قا بېغىشلانغانلىقىنى ئويلاشقاندا بۇ ماقالىدە ئىكساق يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نامى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى، ھەتتا 1914-يىلى قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ ۋىۋىسكىسى، تامغىسى، قوللىنىش جەريانى ھەققىدىمۇ ھېچنىمە دېيىلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ ماقالە تېمىسىنىڭ مۇشۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نەق كىملىك نامى ئاستىدا ئېنىق تاپشۇرۇلماسلىقى، يەنى ماقالە تېمىسىنىڭ مۇشۇنى جەزمەن شەرت قىلىدىغانلىقى ھېسابقا ئېلىنمىغانلىقى بۇ ماقالىدىكى يادرولۇق مەزمۇننىڭ غۇۋالىقى ۋە چولتىلىقىنى بەلگىلەپ قويغان. بۇنداق بولۇشى بەلكىم ئۇئىشى شىنچىرو ئەپەندىنىڭمۇ ئۆزى پايدىلانغان «ۋاقىت» گېزىتى (بۇ ئورېنبۇرگدا تارقىتىلغان رۇسىيە جەدىدچىلىرىنىڭ ۋەكىللىك نەشر ئەپكارى بولمىش تاتار تىلىدىكى گېزىت) نىڭ 1906-يىللىق 2-سانىدىن 26-سانىغىچە، 1918-يىللىق 1-سانىدىن 26-سانىغىچە بولغان سانلىرى بىلەن تاتارچە «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1908-يىللىق 1-سانىدىن 1918-يىللىق 1-سانىغىچە بولغان سانلىرىدىن، جۈملىدىن باشقا مەتبۇئاتلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن ئىكساقتا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ نەق نامىغا دائىر بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. بۇنى ئۇنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىگە بېرىلگەن 22- بەتتىكى ئىزاھاتتىكى «لېكىن مۇساباي جەمەتىنىڭ 1907- 1908-يىللىرىدن بۇرۇنمۇ ئىشقىلىپ مائارىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى ئېھتىماللىقنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ» دېگەن جۈملىسىدىن ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر «ۋاقىت» گېزىتى بىلەن «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ يۇقىرىقى سانلىرىدا 1914-يىلدىن ئىلگىرى ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەۋەر بېرىلگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا، ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭمۇ بىزنى بۇ ھەقتىكى قىممىتى بار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆز ماقالىسىنى تۈگۈل مۇساباي جەمەتىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىچە مائارىپىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا بېغىشلىغان تۇرۇقلۇق ھېچبولمىغاندا 1914 -يىلى قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى توغرىسىدا تۈزۈك بىر نېمە دېمىگەنلىكى، مۇلاھىزىسىنى شۇ نام ئاستىدا قانات يايدۇرمىغانلىقى ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان چولتىلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولۇپ قالغان. بەلكىم ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ ئىشەنچىلىك ئۇچۇر – پاكىتقا ئېرىشەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇ ئەجەبا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ھادىسىنىڭ نامىنى تەرك ئېتىپ تۇرۇپ ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى قايىل قىلارلىق يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى بىر ئەجەللىك بوشلۇق ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بىر- بىرىنى شەرت قىلىدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىنى تەرك ئېتىپ تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن بۇنىڭغا ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇشنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلىمىغاندۇر!؟

   ئەمدى بىز يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ 1914-يىلى ئىكساقتا باھاۋۇدۇنباي تەرىپىدىن قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىپ، كېيىن «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزگەن «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» ناملىق ماقالىسىدە مەلۇمات بېرىپ: ئەھمەد كامالنىڭ «تۇلۇق ئىسىمى ھەبىبزادە ئەھمەد كامال بولغاچقا، ئۈستۈنئاتۇش خەلقى ئۇ باشقۇرۇۋاتقان بۇ مەكتەپنى ‹ھەبىبزادە دارلمۇئەللىمىن› دەپ ئاتاشقان. ئەھمەد كامال ئۆز كىتابىدا بولسا بۇ مەكتەپنى ‹ئىتتاھاتى دارىلمۇئەللىمىن› دەپ ئاتىغان. باھاۋۇدۇنباي 1915-يىلى ئورېنبۇرگدا باستۇرغان ‹ئېلىپبەيى تۈركى› ناملىق ئېلىپبە كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىدا بولسا ‹قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن› دەپ يېزىلغان. ‹ھۈسەينىيە مەكتىپى› دەپ ئاتاش ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش » دەپ يازغان بولسا؛ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلغان «20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى »ناملىق يەنە بىر ماقالىسىنىڭ 25- ئىزاھاتىدا: «بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىئھمەد كامالنىڭ ئەسىرىدە ‹ئىتتىھات ۋە تەرەككى دارىلمۇئەللىمىن› دەپ يېزىلغان » دەپ يازغان. يالقۇن روزى ئەپەندى يەنە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلغان «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ناملىق يەنە بىر ماقالىسىدە:«ئەھمەد كامال ئۆز ئەسلىمىسىدە ‹ئاتۇش دارىلمئەللىمىن› دەپ ئاتىغان » دەپ يازغان.

   دېمەك، يالقۇن روزى ئەپەندى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى شانلىق سەھىپە ـ 1914-يىلى ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىننىڭ نەق نامى توغرىسىدا بىزنى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردا شۇ چاغقىچە ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى مىكرو مەلۇماتىدىن باشقا  دائىر ھېچقانداق يازما پاكىت بېرىلمىگەنىدى.                                                                                                                                            شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەلەمكەشلەر ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ شۇ چاغدا قانداق ۋىۋىسكا نامىنى قوللانغانلىقىغا دائىر بىرەر يازما پاكىتقا ئېرىشەلمەي ئارماندا يۈرگەنىدى. ئارىدىن 100يىلچە ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يالقۇن روزى ئەپەندى بەرگەن بايىقى ئۇچۇر ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئىكساقتا مەيدانغا كەلگەن جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ شۇ چاغدا قويۇلغان نەق نامىنى پەرەز قىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مۇشۇ مەندىن ئېيتقاندا،يالقۇن روزى ئەپەندى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تەتقىقاتى ساھەسىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلدى. ئەمما، يالقۇن روزى ئەپەندى تەمىنلىگەن بۇ ئۇچۇردىمۇ تارىختىكى ئىدارە- ئورگان (مەكتەپ) ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلمىلىكىگە مۇخالىپ مەزمۇننىڭ بارلىقىمۇ سېزىلىپ قالدى. مەسىلەن: يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئۈچ پارچە ماقالىسىدىن ئەينەن ئۈزۈپ ئېلىنغان، ئوخشاش بىر خىل ھادىسىنىڭ تارىخىي نامىغا بېغىشلانغان يۇقىرىقى ئۈچ كەلىمە نەقىلدە كۆرسىتىلگەن ئالتا خىل نامدىن «ھەبىبىزادە دارىلمۇئەللىمىن» بىلەن «ھۈسەينىيە مەكتىپى» نامەلۇم ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ قەلىمىگە، «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» باھاۋۇدۇنباينىڭ قەلىمىگە، «ئىتتاھتى دارىلمۇئەللىمىن»،«ئىتتىھات ۋە تەرەككى دارىلمۇئەللىمىن»،«ئاتۇش دارىلمۇئەللىمىن» قاتارلىقلار بولسا ئەھمەد كامالنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھەممىسى لېكسىكىلىق مەنە جەھەتتىن 1914-يىلى ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان. ھالبۇكى، بۇ ئالتە خىل نامنىڭ ھېچقايسىسى بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئۇ قۇرۇلغان چاغدا قويۇلغان نامى ئەمەس. بولۇپمۇ، بۇ ئالتە خىل ئىچىدە ئىدارە-ئورگان (مەكتەپ) ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلمىيلىكىگە مەزمۇن دەل دەل ئەھمەد كامالنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئۇچ خىل نامدا ئېغىر خاتالىق يۈز بەرگەن. بىز بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئۆز نۆۋىتىگە قالدۇرۇپ، ئەمدىكى دىققىتىمىزنى يالقۇن روزى ئەپەندى كۆرسەتكەن ئالتە خىل نامغا ئاغدۇرۇپ، ئاندىن بۇ ئالتە خىل نامغا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى تەرىپىدىن خىيالەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان يۇقىرىقى سەككىز خىل نام بىلەن ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» دېگەن نامنى قوشساق، ئۇ ھالدا 1914-يىلى قۇرۇلغان  دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى ئون نەچچە خىلغا بارىدۇ (ئەلۋەتتە باشقا مەتبۇئاتلاردىكىنى دېمىگەندە). قۇرۇلمىسى – تۈزۈلىشى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغان بۇ ئون نەچچە خىل نامىنىڭ ھەممىسى لېكسىكىلىق مەنە جەھەتتىن پەقەت مۇشۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭلا كىملىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ 1914-يىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىكساقنىڭ باشقا مەھەللىلىرىدە قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەر بىلەن ھېچقانداق ئېتىمولوگىيەلىك مۇناسىۋىتى يوق. خوش، ئۇنداقتا، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتقان بۇ مەشھۇر دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى نېمىشقا مۇشۇنداق كۆپ خىل ئاتىلىپ قالىدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىدە نېمىشقا مۇنچىۋالا كۆپ خىللىق، پاكىتسىزلىق ۋە ئېلىشمانلىق يۈز بېرىدۇ؟ يەنە كېلىپ يالقۇن روزى ئەپەندى كۆرسەتكەن «ئىتتاھاتى دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نام بىلەن «ئىتتىھات ۋە تەرەككى دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىملاسى ئوخشىمىغاننىڭ سىرتىدا يەنە بۇ ئىككى نام بىلەن قۇرۇلما ۋە ئىملا جەھەتتىن تامامەن بىردەك بولۇش شەرت بولغان ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى كۆرسەتكەن «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» دېگەن نامنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىملاسى ئوتتۇرىسىدىمۇ نېمىشقا مۇنداق پەرق يۈز بېرىدۇ؟ مانا بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدىغان ۋە جاۋاپ بەرمىسە بولمايدىغان مەسىلىدۇر.

  ئەلھەزەر، قۇرۇلمىسى،شەكلى ۋە ئىملاسى تامامەن ئوخشاش بولۇشى شەرت قىلىنغان بىر مەكتەپنىڭ نامىنىڭ بۇ ئاپتورنىڭ قولىدا مۇنداق، ئۇ ئاپتورنىڭ قولىدا ئۇنداق، ھەتتا بىر ئاپتورنىڭ قولىدىمۇ ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق، بىرىنچى ئابزاستا بىر خىل، ئىككىنچى- ئۈچىنچى ئابزاسلاردا يەنە بىر خىل يېزىلىشى ئىنتايىن بىنورمال ئەھۋال. بۇ ماھىيەتتە بىپەرۋالىق ۋە ھاماقەتلىك قىلىپ بىر خىل ھادىسە- شەيئىنى بىر قانچە خىل ھادىسە -شەيئىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ نەتىجىسىدۇر.

   دېمەك، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى بۇ داڭلىق داىلۇئەللىمىننىڭ يۇقىرىقىدەك ئون خىل يېزىلىشى ۋە ئاتىلىشى يالقۇن روزى ئەپەندى ئىسپاتلاپ چىققان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ قاچان، قانداق ۋە نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقى مەسىلىسىگە بىۋاستە چېتىلىدىغان ۋە بۇ مەسىلىنىڭ جەريانى، چىنلىقىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدىغان، زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ناچار ئادەت. مېنىڭ مۇنداق دېيىشىمنىڭ ئىلمىي زاكونى شۇكى، بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ قۇرۇلغان چاغدىلا بىراقلا بىر قانچە خىل نام بىلەن ئاتىلىشى، يېزىلىشى، خىزمەتلەرنىمۇ شۇنداق كۆپ خىل نام ئاستىدا قانات يايدۇرۇشى زادى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بۇ ئەقىلغىمۇ سىغمايدۇ. چۈنكى، ئىدارە- ئورگان ناملىرى تارىخىدا بىر ئورۇن، يەنى بىر مەكتەپ بىرلا ۋاقىتتا ئەزەلدىن مۇنداق كۆپ خىل نام بىلەن ئاتالمىغان، پەقەت بىرلا خىل نام بىلەن ئاتالغان، يەنە كېلىپ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن تارىخىي نام تېخىمۇ شۇنداق بولغان. بۇنداق تارىخىي نام تارىخنىڭ مەھسۇلى ۋە ئىسپاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلما، شەكىل ۋە ئىملا جەھەتتىن مۇتلەق بىر خىل ۋە مۇقىم بولىدۇ. مەسىلەن، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» نى «ھۈسەينىيەنىڭ مەكتىپى»، «ئىكساقتىكى ھۈسەينىيەنىڭ مەكتىپى» دەپ يېزىشقا بولمىغاندەك تۇراقلىق بولىدۇ. ئۇ شۇ مەكتەپنىڭ  ۋىۋىسكىسى ۋە تامغىسىلىق رولىنى ئويناپ مۇقەددەس كىملىك سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. بىز ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئون نەچچە خىل يېزىلىشىدىن شۇنى روشەن ھېس قىلىپ يەتتۇقكى، تارىختىكى بىر مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ نەق ۋىۋىسكا نامى بىلەن ئاتالماي ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق ئاتىلىپ ئۇنىڭ نامىنىڭ كۆپ خىل ۋارىيانتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىرى قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ غايىسى بويىچە يەنە باشقىدىن نام بېرىپ ئاتىشىدىن؛ يەنە بىرى، بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئۇنى خىيالىغا كەلگەن سۆز بىلەن يېزىشىدىن بولىدۇ.

   بىز ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن 1899- يىلى قۇرۇلغان تۇنجى جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئون خىل نام بىلەن، 1914-يىلى قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئون نەچچە خىل نام بىلەن ئاتىلىشى ماھىيەتتە مۇشۇ يېڭى شەيئى – جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي كىملىك نامىنى ھەر كىم ھەر خىل ئاتاش خاھىشىنىڭ، يەنى بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئىگىسى قويغان ئىسىم بىلەن ئاتىماسلىقنىڭ، ئىزدىنىپ بېقىشقا جۈرئەت قىلمىغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىر مەسىلە سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىققىنىمزدا ئەلۋەتتە يالقۇن روزى ئەپەندى بىلەن ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقىرىقى بىر قانچە خىل نامنىمۇ مۇشۇ خىل خاھىشنىڭ تېخىمۇ تىپىك نەتىجىسى دەپ قارايمىز. ئەمىسە 1914- يىلى ئېچىلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئۇلارنىڭ ئۈزۈندىلىرىدە يەتتى خىل يېزىلغانلىقىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرگۈلۈك؟ ئەمما، يالقۇن روزى ئەپەندىمۇ، ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىمۇ بۇ ناملارنى ئەھمەد كامالنىڭ ئەسلىمىسىدىن ئۈزۈپ ئالغان بۇلۇپ، ھەر ئىككىلا ئاپتور ئەھمەد كامالنىڭ ئەسلىمىسىدىكى ناملارنىڭ سەۋەنلىكى ۋە يېتەرسىزلىكىگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلمىغان، بولۇپمۇ يالقۇن روزى ئەپەندى ئەھمەد كامالنىڭ قەلىمىدە مەسىلە بارمۇ- يوق دېگەن مەسىلىنى زادى ئويلاشمىغان. يالقۇن روزى ئەپەندى «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن»، «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن»، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دېگەن ناملاردىن باشقىلىرىنى ئەھمەد كامالنىڭ ئەسلىمىسىدىن ئۈزۈپ ئالغان بولسا، ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىمۇ «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» دېگەن نامنى ئوخشاشلا ئەھمەد كامالنىڭ ئەسلىمىسىدىن ئۈزۈپ ئالغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئەھمەد كامالنىڭ ئۆزى مۇدىر بولغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى ئۈچ خىل يېزىلىشى تامامەن خاتا بولغان. چۈنكى، ئىدارە- ئورگان (مەكتەپ) ناملىرىمۇ كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىغا ئوخشاش تۇراقلىق بولىدۇ. مەكتەپ بىر ئاممىۋى ياكى كوللېكتىپ ئورگان بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەتتە ئۇنىڭ خىزمەت فونكسىيەسى ئۇنىڭ ئىگىسى قويغان ئىسىمى –ۋىۋىسكىسى ۋە تامغىسىدىكى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن نامى ئارقىلىق جارى قىلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭمۇ شۇ بويىچە ئاتىشى ۋە ئىش بېجىرىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ تارىخنى يېزىشتىمۇ مۇشۇ شەرت پىرىنسىپ قىلىنىدۇ. نامشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەكتەپ ناملىرىمۇ بىر تىلنىڭ تۇراقلىق تەركىبلىرى كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ ئېنىقلاش-بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتدە زىچ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، تەركىبىدىكى سۆزلەرنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا، ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشقا، باشقىدىن بىرەر سۆزنى قوشۇپ قويۇشقا  بولمايدىغان، يەنى بىرىكمە شەكلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدىغان، نۇتۇق ۋە ماقالىلەردە بىر سۆزگە ئوخشاش ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندىغان سۆزلەردۇر. مېنىڭچە باھاۋۇدۇنباينىڭ ئەستايىدىل پىلانلىشى ۋە سالدۇرۇشى نەتىجىسىدە ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش جەريانىنى، بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئۈستىگە قانداق ۋىۋىسكا ئېسلغانلىقىنى، ئىجتىمائىي ئالاقىدە قانداق تامغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ھەتتا، بۇ دارىلمۇئەللىمىنگە مۇدىر بولغان ئەھمەد كامالنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىنى ئۈچ خىل يېزىشى ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس. ئەگەر، ئەھمەد كامال ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، مەردانە، يىراقنى كۆرەر قەلەمكەش بولغان بولسا، ئۆزى باشقۇرۇپ تۇرغان مەكتەپنىڭ نامىنى نامشۇناسلىق ئىلىمىگە مۇخالىپ ھالدا ئۈچ يىل يازمايتتى. ئۇ بىر مەكتەپنىڭ نامىنى خىيالىغا كەلگەنچە ئۈچ خىل يازغان بولغاچقا بۇ ئۈچ خىل نامدىن زادى قايسىسىنىڭ بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىردىنبىر تارىخىي نامى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولماسلىق مەسلىسى كېلىپ چىققان. ئادەتتە مۇنداق مەسىلە تەتقىقات ياكى ئىجادىيەتتە تەجرىبىسىز، بىپەرۋا، قىزىققان، پوچى قەلەمكەشلەردە كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. ئەھمەد كامالنىڭ ئۆزى مۇدىر بولغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ پەقەت بىرلا ۋىۋىسكىسى ۋە نامى بارلىقىنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يەنە يەر نامى ئىلىمىگە مۇخالىپ ھالدا ئۈچ خىل يېزىشى بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ تارىختىكى نامىنى غۇۋالاشتۇرۇۋەتكەن. بىز بۇنىڭدىن شۈبىھلەنمەي ۋە ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ۋە تەنتەكىلىكىنى ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ «قەشقەردىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى- مۇساباي جەمەتى ۋە يېڭىچە مائارىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ 31-ئىزاھاتىدىكى ئەھمەد كامالنىڭ ئەسىرىگە باھا بېرىپ يازغان: بۇ ئەسەر «ئەسلىمە بولغاچقا، ئەمەلىيەتنىڭ بۇرمىلانغان ياكى كۆپتۈرۈلگەنلىك ئېھتىماللىقى بارلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار» دېگەن جۈملىسىگە تەدبىقلاپ چۈشەنسەك، ئەھمەد كامالنىڭ مەكتەپ نامىىنى ئاتاش ۋە يېزىشتا ھەقىقەتەن تەجربىسىز، بىپەرۋا، پوچى قەلەمكەش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق بىلىۋالالايمىز. ئۇنىڭ بىر دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى خالىغانچە ئۈچ خىل يازغانلىقى ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئېيتقاندا بەكمۇ ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغان، ئەمما بىز ئۈچۈن ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس شۇڭا ئەھمەد كامالنىڭ بىزنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىمىزدىكى شانلىق سەھىپە بولغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى ئۈچ خىل يازغانلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز. شۇنداق بولغاندا بىز ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» دەپ ئاتىغانلىقىنىۇ ئوخشاشلا قوبۇل قىلالايمىز. چۈنكى، ئەھمەد كامالنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ يۇقىرىقى ئۈچ خىل نامنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتھاد» ئەمەلىيەتتە «ئىتتىھاتى دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ يەنە بىر بۇزۇلغان ۋارىيانتى، يەنى ئۇ «ئىتتاھاتى دارىلمۇئەللىمىن» بىلەن «ئىتتىھات ۋە تەرەككى دارىلمۇئەللىمىن» دىن قايسىسىنىڭ ئىلمىي نام ئىكەنلىكى پەرقلەندۈرۈلمەيلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نام.لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى بۇ نامنىئەھمەد كامالنىڭ ئەسىرىدىن ئۈزۈپ ئالغان ئەھۋال ئاستىدا ئەھمەد كامالنىڭ قەلىمىدە مەسىلە بار بولىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەسىلە بار قەلىمىدە پايدىلانغان ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ قەلىمىدىمۇ مۇقەرەر ھالدا مەسىلە يۈز بەرگەن بولىدۇ.

ئەمدى «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامغا كەلسەك، ئۇ ئەھمەد كامالنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۈستۈنئاتۇش خەلقى 1914-يىلى ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى ئاتاشتا قوللانغان نام بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ مەكتەپ قۇرۇلغان چاغدىلا ۋىۋىسكا ۋە تامغا سۈپىتىدە قۇيۇلغان نام ئەمەسلىكى بارغانسېرى ئايدىڭلاشماقتا. مەسىلەن، ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى بىلەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتىگە مەنبە بولغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تارىخىي مەنبەلەردە «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامنىڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم بولمىغان. بۇنداق ئەھۋالدا بىز « ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامنىمۇ نەق تارىخىي نام دەپ قارىيالمايمىز. بۇ نامنى بەلكىم 1917-يىلى ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئەھمەد كامالنى كۇچاغا سۈرگۈن قىلىۋەتكەن ياكى 1919-يىلى ئۇنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۈستۈنئاتۇش خەلقى ئۇنىڭ ئىكساق يېڭى مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقى- ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن سەل كېيىنرەك قوللانغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئەمەلىيەتنى ئويلاشقاندا، بىز «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامنى بۇ دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامنى بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نەق تارىخىي نامى ئەمەس، بەلكى بىر ئادەتتىكى ھۆرمەت نامى دەپ قارايمىز.

ئەمدى «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن نامغا كەلسەك، بۇمۇ ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىننىڭ نەق ۋىۋىسكا نامى ئەمەس. لېكىن، بۇ نام بۇ دارىلمۇئەللىمىن قۇرۇلۇپ كېيىنكى يىلى- 1915-يىلى باھاۋۇدۇنباي ئورېنبۇرگدا باستۇرغان ئېلىپبە كىتابىدا قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ «ئورۇنباسار» نامى دەپ قارايمىز ۋە بۇ نامنىڭ يازما پاكىتقا ئىگە بولغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنۈش ھېس قىلىمىز، بۇ نامنىڭ تارىخىي قىممىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. باھاۋۇدۇنباي تەجرىبىسى مول، غايىسى يۈكسەك، جۈرئىتى كۈچلۈك، تەدبىرلىك ئادەم بولغاچقا ئىناقلىق ۋە ئۆملۈكنى، ئومۇملۇق ۋە پۈتۈنلۈكنى نەزەردە تۇتۇپ، شۇ چاغدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەدەب قېلىۋاتقان تەرەپبازلىق ۋە يۇرتۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، بولۇپمۇ شۇ مەزگىلدە قەشقەرلىك قېرىنداشلار بىلەن ئاتۇشلۇق قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك ۋە كېلىشمەسلىك زىددىيىتى يۇمشىتىش ۋە پەسەيتىشنى، يېڭى مائارىپ ئۈچۈن بىرىنىڭ كەڭ قورساق، بىرىنىڭ ئەپۇچان بولۇش خىسلىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بۇ دارىلمۇئەللىمىننى يەنە شۇنداق ئاتاشنىمۇ مۇناسىپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمدى «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دېگەن نامغا كەلسەك، ئۇمۇ ئوخشاشلا بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ۋىۋىسكا نامى ئەمەس، بۇ ھەقتە ھېچقانداق يازما خاتىرە قالدۇرۇلمىغان. بۇ نام بەلكىم نۇ دارىلمۇئەللىمىننى 1917- 1919-يىللىرى ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2-قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاقاتقۇزۇۋەتكەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي باھاۋۇدۇنباينىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن (كونكرېت ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دارىلمۇئەللىمىن 1914-يىلى 4- ئايدا ئېچىلىپ تۆت –بەش يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلۇش، تەقىپ قىلىنىش، توختاپ قېلىش، يەنە ئەسلىگە كېلىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. مۇشۇ جەرياندا بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان ۋىۋىسكىمۇ ئالمىشىش، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ نامىمۇ ئۆزگىرىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەسلىدىكى نامى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەھۋال ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ قۇرۇلغان دەۋرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەردە بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ۋىۋىسكا نامى خاتىرىلىنىپ قالغان بولاتتى. دېمەك، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دېگەن نام مۇشۇنداق جەريانلاردىن كېيىن بۇ دارىلمۇئەللىمىنگە ئۈستۈنئاتۇش خەلقى تەرىپىدىن قويۇلغان نامدۇر. كېيىنچە بۇ نام لېكسىكىلىق مەنە جەھەتتىن ئىكساقتا 1899-يىلى قۇرۇلغان تۇنجى جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ، 1914-يىل 4-ئايدا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىمۇ، ئومۇمەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئاتۇشتا قۇرۇلغان باشقا بارلىق مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتكەن.

لېكىن، بۇيەردە شۇنىمۇ ئېيتماي بولمايدۇكى، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دېگەن نامنىڭ يەنە «مەكتىپى ھۈسەينىيە» دېگەن ۋارىيانتىمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئىككى نام گەرچە بىر مەكتەپ نامىنىڭ ئىككى خىل ۋارىيانتى بولسىمۇ، پەيدا بولۇش ۋاقتى ۋە لېكسىكىلىق مەنىسى جەھەتتىن خېلى روشەن پەرققە ئىگە. ئەمەلىيەتتە كېيىنكىسى ئاۋۋالقىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرسە، ئاۋۋالقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىزگە مەلۇم، تۇنجى جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىن 2- قېتىم قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي يېڭىچە مائارىپنىڭ ساداسى ئۆي- ئۆيلەرگە ئاڭلىنىپ كەتكەن، بولۇپمۇ مەھمۇد مۇھىتى دەۋرى (1934- 1937) گە كەلگەندە شىنجاڭدا ئىلغارلىقنى، يېڭىلىقنى، يېڭى مائارىپنى، تەرەققىياتنى بايراق قىلغان مىسلىسىز كۆلەمدىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى قانات يېيىپ كەتكەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش، ئاقارتىش، يېڭىلاش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ئەينى دەۋردە چۈشكۈنلىشىپ، بىچارىلىشىپ كەتكەن خەلق بىردىنلا جانلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا بىر قانچە يىل ئىچىدە 7-8 يۈز يىللىق تەرەققىياتىنى بېسىپ ئۆتكەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇنىڭ روشەن بىر بەلگىسى مەكتەپ نامىلىرىنى ئاتاشتا ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، بۇرۇنقى خەۋەر- ئىگە قۇرۇلمىلىق مەكتەپ ناملىرىنىڭ شەكلى ئىگە- خەۋەر قۇرۇلمىلىق مەكتەپ ناملىرىنىڭ شەكلىگە، يەنى «مەكتىپى ھۈسەينىيە» دەپ ئاتاش «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرگەن. بۇنداق ئاتاشتا جۈملە ئىچىدە «ئىگىسى» نى ئالدىغا- تۆرگە قويۇش، «خەۋىرى» نى كەينىگە- پەگاھقا قويۇش ئارقىلىق ئىگىدارلىق ۋە كىملىكنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەش، مەكتەپ نامىنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، جەلپ قىلىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ مەكتەپنىڭ تەۋەلىكى، مەنسۇبىيىتى ۋە مۈلۈك ھۇقۇقىنى ئۇنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ نامىدا ئېلان قىلش ئارقىلىق ئۇنى سەرخىل ماركا ھالىتىگە ئەكېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. شۇڭا ئۈستۈنئاتۇش خەلقى، بولۇپمۇ ئىكىساقلىقلار دەۋرىنىڭ ساداسىغا يېقىندىن جۆر بولۇپ، جاسارەتلىك ۋە تۆھپىكار ھۈسەنباينىڭ ئىسمىنى ماركا ۋە تۇغ سۈپىتىدە نامايان قىلش، تونۇتۇش مەقسىتىدە «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نى بارا-بارا «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. «ھۈسەينىيە مەكتىپى» «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ ۋارىيانتى بولسىمۇ، ئۇ «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇلار پەيدا بولۇش ۋاقتى ۋە ئاتاش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. «مەكتىپى ھۈسەينىيە» چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئەنئەنىسىنىڭ يېزىق تىلى ئۇسلۇبىنى ئىپادىلىسە، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىق تىل ئۇسلۇبىنى ئىپادىلەيدۇ. پەيدا بولۇش ۋاقتى جەھەتتىمۇ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتاش «مەكتىپى ھۈسەينىيە» دەپ ئاتاشتىن مەلۇم مەزگىل كېيىن مەيدانغا كەلگەن. ئەلۋەتتە، چەت ئەللەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇ ئەللەردىكى يېڭىلىقلارنى بالدۇراق كۆرگەن، دۆلەت ئىچىدە خەنزۇ بايلىرى ۋە زىيالىلىرى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىپ تۇرغان زىيالىيلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەكتەپ نامىنى ئاتاشتا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىق تىل ئۇسلۇبىنى ئاللىقاچان قوللانغان بولۇش ئېھتىمالى بولغاچقا، بەلكىم «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتاش «مەكتىپى ھۈسەينىيە» دەپ ئاتاش بىلەن بىر دەۋردە مەيدانغا كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھەقتىكى شۇ دەۋر يېزىلغان يازما پاكىت بولمىغانلىقتىن كەسكىن ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ تۇنجى جەدىدچە دارىلمۇئەللىمىن 2-قېتىم توختاپ قېلىش قايتىدىن قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» (ياكى«مەكتىپى ھۈسەينىيە») نامىدا يۇقىرىقىدەك جەريانغا ئىگە بولغانلىقى بىر ئەمەلىيەت.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، «مەشئەل» ژۇرنىلىغا مەخسۇس «يېزىقچىلىق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن بېرىلگەن ماقالىدە ئەھمەد كامالنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھات مۇدىرى» دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى يېزىلغان. ئەھمەد كامالمۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە ئىكساقتا ئېچىلغان تۇنجى دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى تەركىبىدە «ئىتتىھات» (ئىتتاھات) سۆزىنى ئىشلەتكەن. بىز مۇشۇنداق نۇقتىدا يېزىقچىلىق گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئەھمەد كامالنىڭ بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى قايسى سۆز بىلەن يېزىش ھەققىدە ئۆز-ئارا كېلىشىۋېلىش، كۆچۈرۈۋېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بىۋاستە شاھىدلاردىن بولۇپ سۈپىتىدە ئوخشاش بىر ھادىسە ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئارلىقى يىراق ئەلدە تۇرۇپ ئۆزئارا كېلىشىۋالغاندەك «ئىتتىھات» سۆزىنى ئىشلەتكىنى ئويلاشقىنىمىزدا بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىغا «ئىتتىھات» سۆزىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى سۆزسىز مۇقىملاشتۇرالايمىز. ئەمما، «ئىتتىھات» سۆزىنىڭ بۇ دارىلمۇئەللىمىنگە نام قىلىپ تاللانغاندا ئۇنىڭ يەنە قايسى سۆز بىلەن قانداق بىرىكتۈرۈپ قوللىنىلغانلىقىنى، بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنىڭ قانچە سۆزدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىگە-خەۋەر قۇرۇلمىلىق ياكى خەۋەر-ئىگە قۇرۇلمىلىق تۈزۈلگەنلىكىنى كەسكىن مۇقىملاشتۇرالايمىز. چۈنكى، ھەر ئىككىىلا تەرەپ شاھىد بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاش بىر ھاسىسىنىڭ نامنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە يازغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئەھمەد كامالمۇ بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامىنى بىردەم ئۇنداق بىردەم مۇنداق يازغان تۇرسا، بۇ تۇراقلىق بىرىكمىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا يۆتكىگەن ۋە ئۆزگەرتكەن تۇرسا، بۇ ھالدا بىز قايسى پاكىتقا ئاساسلىنىپ بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ۋىۋىسكا نامىنى قانداق ئىسپاتلاپ چىقالايمىز؟! شۇنداقتىمۇ بىز بۇ دارىلمۇئەللىمىنگە «ئىتتھات» سۆزىنىڭ نامىنى قىلىپ تاللانغانلىقىدىن ئىبارەت يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئەينى چاغدىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ ئېنىقلىنىش- ئېنىقلاش ياكى بېقىندۇرۇش- بېقىنىش مۇناسىۋىتىدە بىرىكتۈرۈلگەن مەكتەپ ناملىرىنىڭ ئەلۋەتتە ئىگە- خەۋەر قۇرۇلمىلىق تۇزۈلىدىغانلىقىنى ئويلاشقىنىمىزدا ئەھمەد كامال ئوتتۇرىغا قويغان «ئىتتاھاتى دارىلمۇئەللىمىن» دېگەن جۈپ تەركىبلىك ئىبارىنى مۇشۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىردىنبىر ۋىۋىسكا نامى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ۋاھالەنكى، بۇ دارىلمۇئەللىمىن ئېچىلغان چاغدا ئۇنىڭ ۋىۋىسكا نامى پەقەت «ئىتتىھات («ياكى «ئىتتىھات») دېگەن بىرلا سۆزدىن تۈزۈلگەنلىك بولسىمۇ!

ئەمدى بىز تۆۋەندىكى پاكىتنىمۇ كۆرۈپ باقايلى، يالقۇن روزى ئەپەندى «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىدە يەنە ئەھمەد كامالنىڭ ئەسلىمىسدىكى ئۇچۇلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «1915-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى...قەشقەر ياشلىرىنىڭ غەيرەت- شىجائىتى نەتىجىسىدە ‹ھىلالىيە›، ‹روشادىيە› دېگەن ۋىۋىسكىلار مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە ئېسىلدى» دەپ يازغان. بۇ نەقىلدىكى «ھىلالىيە»، «رەشادىيە» سۆزلىرىنى لېكسىكىق مەنە جەھەتتىن ئەگەر 1914-يىلى 4-ئايدا ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىن بىلەن ئىكساقنىڭ باشقا كەنتلىرىدە قۇرۇلغان جەدىدچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا بۇ ئىككى سۆز مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىردىنبىر ۋىۋىسكا نامى – نەق تارىخىي نامى بولۇپ چىقىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ نەقىلدىكى مەزمۇن زادى ئىكساقتىكى جەدىدچە مەكتەپلەر ئۈستىدە كېتىپ بارامدۇ، بۇنىسى تازا ئېنىق تازا ئېنىق ئەمەس. چۈنكى، يالقۇن روزى ئەپەندى بۇ نەقىلنىڭ ئورۇن-يۇرت تەۋەلىكىنى ئېنىق يازمىغان. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ نەقىلنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل مۇتالئە قىلساق، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ 1915- يىللىرى قەشقەردە قۇرۇلغان، باھاۋۇدۇنباينىڭ شاپائىتى ۋە ئەجرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جەدىدچە مەكتەپلەر ئۈستىدە كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ نەقىلدىكى «ھىلالىيە»، «رەشادىيە» دېگەن سۆزلەرنى 1915-يىلى قەشقەردە ئېچىلغان ئايرىم-ئايرىم ئىككى جەدىدچە مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكا نامى دەپ ئېيتساق خاتالاشقان بولمايمىز. بۇ قارىشىمىزنى رۇسىيەلىك ساياھەتچى نوشىراۋان يائۇشېفنىڭ 1914-يىلدىن 1917-يىلغىچە كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق يۇرتلارغا قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا يېزىپ چىققان «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى (بۇ زىيارەت خاتىرىسى «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرىدا ئابلىز ئورخۇننىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن ئېلان قىلىنىغان) دىكى مەزمۇنلار ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. مەسىلەن، نۇشىرۋان يائۇشېف ئۆزىنىڭ بۇ زىيارەتنامىسىدە 1915-يىل 8-ئايدىن بۇرۇن قەشقەردە قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەر  ۋە بۇ مەكتەپلەرگە ئاتۇشتىن ئەكەلدۈرۈلگەن ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ :«ھىجىرىيە 1334-يىلى بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىككىسىنى قەشقەرگە ئەكېلىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىككى مەكتەپ ئاچتى. بۇ چاغدا مەنمۇ قەشقەردە ئىدىم» دەپ يازىدۇ. يۇقىرىقى «ھىلالىيە»، «رەشادىيە» سۆزلىرى دەل مۇشۇ ئىككى جەدىدچە مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكا نامى بولۇشى ئېھتىمالىغا بەك يېقىن. ئەمما ناھايىتى ئەپسۇس، ئەھمەد كامالنىڭ «ھىلالىيە»، «رەشادىيە» نامىدىكى مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ياكى يۇرت-مەھەللە تەۋەلىكى ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەنگە ئوخشاش نوشىرۋان يائۇشېفمۇ قەشقەردە ئېچىلغان بايىقى ئىككى مەكتەپنىڭ كونكرېت ئورنى ۋە نامى ھەققىدە ھېچقانداق مالۇمات بەرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەھمەد كامال تەرىپىدىن بېرىلگەن يۇقىرىقى مەلۇمات 1914-يىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاتۇش ۋە قەشقەرلەردە ئېچىلغان مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تام ۋە دەرۋازالىرىنىڭ ئۈستىگە ۋىۋىسكىلىرىنى ئېسىپ شۇ زامانغا لايىق مەدەنىي ۋە زامانىۋى بىت رەۋىشتە ئىش باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. «ھىلالىيە»، «رەشادىيە» نامىدىكى ۋىۋىسكىلار دەل مۇشۇ خىل مەدەنىي پائالىيەتنىڭ يېڭىچە نامايەندىلىرى ئىدى. بۇندىن سەل ئىلگىرى، يەنى تاتارچە «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 1909-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى ماقالىسىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كېچىككەندىمۇ 1907- 1908-يىللىرى ئارىلىقىدا مۇساباي جەمەتى تەرىپىدىن غۇلجىدا قۇرۇلغان، سارا خانىم ئىسىملىك مۇئەللىمە ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان،ۋىۋىسكىسى ۋە تامغىسى «دارىلشەففەت» (دارىلشەپقەت؟) دەپ ئاتىلىدىغان دارىلئاجىزمۇ ئەنە شۇنداق مەدەنىي مائارىپ پائالىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىلىردىن ئىدى. مانا بۇ پاكىتلار ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بولغان جەدىدچە مەكتەپلەر ۋىۋىسكا ئېسىپ، تامغا ئويۇپ ۋە مەكتەپنى شۇ نامدا ئاتاپ مائارىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئىكساقتا قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ بىردىنبىر ۋىۋىسكا ناملىرى ھازىرغىچە مەلۇم بولمىسىمۇ، «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن»، «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن»، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» («مەكتىپى ھۈسەينىيە») قاتارلىقلار 1914-يىلى قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىننىڭ ۋاستىلىك تارىخىي نامى؛ بۇلاردىن «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» ئەھمەد كامال 1919-يىلى ۋەتىنىگە قايتۇرۋېتىلگەندىن كېيىن ئۈستۈنئاتۇش خەلقى ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن كېيىنچىرەك قويغان نام؛ «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» باھاۋۇدۇنباي تەرپىدىن 1915-يىلى قۇيۇلغان نام؛ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» ئىكساق خەلقى مۇساباي جەمەتىنىڭ ئىلىكىدىكى بارلىق جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ نامىنى ماركا ۋە تۇغ ھالىتىگە ئەكېلىش مەقسىتىدە قويغان ۋاستىلىك تارىخىي نام؛ «ئىتتىھاتى دارىلمۇئەللىمىن» بولسا بۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ بىردىنبىر ۋىۋىسكا نامى بولۇشى مۇمكىن. ئەھمەد كامال كۆتۈرۈپ چىققان «ئىتتاھاتى دارىلمۇئەللىمىن»، «ئىتتىھات ۋە تەرەككى دارىلمۇئەللىمىن»،«ئاتۇش دارىلمۇئەللىمىن» قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندى كۆتۈرۈپ چىققان «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» دېگەن ئىبارىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. شۇڭا مەن بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تەتقىقاتىدا يالقۇن روزى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى ئالتە خىل نامدىن «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن»، «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن»، «ھۈسەينىيە مەكتىپى» لەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ يازساق؛ ئەھمەد كامالنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ئۈچ خىل ئىبارە بىلەن ئۇئىشى شىنچىرۇ ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان يۇقىرىقى مەجرۇھ ئىبارىنى نام سۈپىتىدە قوللىنىپ يۈرمىسەك؛ ئىلگىرى مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئىملاسى خاتا قوللىنىپ يۈرمىسەك؛ ئىلگىرى مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئىملاسى خاتا تۇراقلىشىپ قالغان«ھۈسەينىيە» دېگەن ئىسىمنى ئەسىلىدىكى توغرا ھالىتىگە ئەكېلىپ «ھۈسەينىيە» دەپ يازساق؛ «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دېگەن تۇراقلىق بىرىكمىنىڭ تەركىبىگە يەنە باشقا سۆزنى قوشۇپ قويمىساق، تەركىبىدىكى بىرەر سۆزنى چۈشۈرۈپ قويمىساق، سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويمىساق؛ تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ ئىزچىللىق ۋە بىر خىللىقىغا ئەھمىيەت بەرسەك، ئەينەن يېزىش ۋە ئىپادىلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن. مۇنداق بولغاندا، بىرى، ھۈسەينىيە مەكتىپى» دېگەن نام بىلەن مۇندىن 1000 يىلچە ئىلگىرى مەھمۇد كاشغەرى ئوپالدا مۇدەررسلىك قىلغان «مەھمۇدىيە» ناملىق مەدرسنىڭ نامىنى، جۈملىدىن يەنە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى مەزگىلدە مۇھىتلار جەمەتى تەرىپىدىن تۇرپاندا قۇرۇلغان «مەقسۇدىيە مەكتىپى»،«مەقسۇدىيە قىزلار مەكتىپى»، «مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى»، گۈلەندەم ئابىستاي تەرىپىدىن چۆچەك شەھىرىدە قۇرۇلغان «گۈلەندەمىيە مەكتىپى» قاتارلىق جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ناملىرىنى پار كەلتۈرۈپ  ئۆلچەملەشتۈرۈش؛ يەنەبىرى، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى مەكتەپلەرگە نام بېرىش ئادىتىدىكى ئىزچىللىققا ۋارىسلىق قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئومۇمەن، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋىۋىسكا نامى – تارىخىي نام بىلەن ئاتالماي يۇقىرىقىدەك كۆپ خىل يېزىلىشى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا «شەخسىي ئىملا ئادىتى» بىلەن «شەخسىي نام بېرىش خاھىشى»نىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ  كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىتتۇر. ئەگەر، بۇ خىل خاھىش پاش قىلىنمايدىكەن، ئۇ بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدەك مەتبۇئات ساھەسىدە توسالغۇسىز يامراپ كېتىدۇ. ئادەتتە بۇنداق خاھىش قەلەمكەشلەر «قورساقنى تويغۇزمايلا ئاتاكىغا ئۆتكەندە» ياكى كۆڭۈللىرىگە مەلۇم بىر يامان غەرەزنى پۈككەندە، مۇھەررىرلەر كۆزىتىش ۋە پەرقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغاندا يۈ بېرىدۇ. مەن بۇ قېتىم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ نامىنى ئېنىقلاش جەريانىدا يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرىنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئىنىچكە مۇتالىئە قىلدىم. مۇتالىئە قىلىشىم چوڭقۇرلاشقانسېرى مېنىڭ يالقۇن روزى ئەپەندىگە بولغان قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم شۇنچە ئېشىپ باردى. يالقۇن روزى ئەپەندى بىر تەلەپچان مۇھەررىر، غۇرۇرلۇق تەتقىقاتچى. بۇ قېتىم يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىگە دائىر بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنى ئوقۇۋېتىپ مىننەتدارلىقىم ۋۇجۇدۇمنى توختاۋسىز لەرزىگە سالدى. بۇندىن كېيىن يالقۇن روزى ئەپەندى قەلىمىنى توختىتىپ قويمايدىغانلا بولسا «ھېسسىيات تىپىدىكى» رومانتىك، مەجنۇن تەتقىقاتچىلارنىڭ قالپاقىنى چوڭ-چوڭ كىيىۋېلىپ پاكىت ئىزدىمەي، ساختا نەرسىلەرنى ھاماقەتلەرچە بازارغا سالالمايدىغانلىقىنى، «شەخسىي ئىملا ئادىتى» بىلەن «شەخسىي نام بېرىش خاھىشى» نىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزنى خالىغانچە بوزەك ئېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئۇنىڭ قولىدا بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللار ساقلاقلىق تۇرماقتا. بۇ ماتېرىياللاردىن مېنىڭ بۇ ماقالەمدىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلاشقا، تۈزىتىشكە، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىدىكى  جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ناملىرىغا دائىر  باشقا ئۇچۇرلارنىمۇ ئاشكارىلاشقا يېتەرلىك ئاساسلارنى تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى، مېنىڭ ماقالەمدە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرۈلگەن بولسىمۇ تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

پايدىلانمىلار:

1.    ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى :«ئۇيغۇر تىلى لېكسېكولوگىيەسى ۋە تەتقىقاتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى

2.    مۇستاپا مۇھەممەت (باش تۈزگۈچى) :«چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىل 2-ئاي 1-نەشرى

3.    مىرسۇلتان ئوسمانوف : «ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي مازاىنىڭ قەشقەر ئوپالدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىنىش جەريانى»،

 «شىنجاڭ پېداگوگىگا ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىلىمي ژۇرنىلى»، 2009-يىل 1-سان

 

  تەھرىرلىگۈچى: ئوسمانجان مۇھەممەت

 

ئىلاۋە :شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2013-يىللىق 4- ساندىن ئېلىندى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 711 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-09