ئەمىر مۇئىززىي

ئەمىر مۇئىززىي


ئەسلى ئىسمى  ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبىن  ئابدۇمالىك مۇئىززىي. سەلجۇقىيلاردىن مەلىكشاھ ۋە سۇلتان سەنجەر (1118_1157)سارىيىدا مەلىك  ئۇششۇ ئەرالىق*مەنىسىپىنى تۇتقان قەسىدەنەۋس شائىر. رۇبائىيلىرى بەدئىي دەرىجىسى جەھەتتىن رۇداكىي رۇبائىيلىرىدىن زەئىپ . دىۋانى ساقلانغان. شېئىرلىرىدىن ئايرىم پارچىلەر بەيازلاردا ساقلىنىپ قالغان. ئەمىر مۇئىززىي 1147_يىلى ۋاپات بولغان.

ئۇلۇغلار ۋە پازىللار جۈملىسىدىن. بىر مۇنچە ۋاقىت ئىلىم كەسىپ قىلدى ۋە دانىشمەن بولۇپ يېتىشتى.

شېئىر ئىلىمدە زامانىسىنىڭ يېتۈك كىشىسىدۇركى، ئەسلى[1] نىسا ۋىلايىتىدىندۇر. دەسلەپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋە خۇرا ساندىن  ئىسپاھانغا سۇلتان مەلىكشاھ [2] خىزمىتىگەبارغان ھەمدە ئەمىرلىك مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلگەن .《چەھار مەقالە》ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى نىزامىي ئەرۇزىي سەمەر قەندىي دەپتۇركى:《ئوتتۇز نەپەر پازىل ۋە مۆتىۋەر  كىشى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. دانالىق ۋە نازۇكلۇقتا ئەمىر مۇئىززىيىدەك كىشىنى كۆرمىدىم. ئەمىر مۇئىززىينىڭ بىرىچى شۆھرەت تېپىشى ، سۇلتان مەلىكشاھ دەر گاھىدا مەلىك ئۇششۇ ئەزالىققا تەيىنلىشىگە سەۋەب شۇ ئىكەنكى، ھېيت كېچىسى سۇلتان ۋە ئەركانى دۆلەت  يېڭى ھېيىت ئېيىنى تاماشا قىلىش مەقسىتىدە قەسىر تېمىغا چىقىدۇ، ئەمما ئۇلۇغلار ۋە باي-بايانلار ھەر قانچە ئۇرۇنمىسۇن، يېڭى ئاينى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. سۇلتاننىڭ كۆزى تەسادىپەن ئايغا چۈشىدۇ ۋە مۇبارەك قولى بىلەن ئۇنى بارچە ئۇلۇغلارغا كۆرسىتىدۇ. كەمالى ئەمىر مۇئىززىيىنى غايە ياخشى كۆرگەنلىكى

ۋە شادلىقىدىن  شۇ ئاندا يوق شېئىرنى ئېيتىشنى بۇيرىدى. ئۇستاد ھەم ۋاقىت تەقەززاسى  بىلەن مانا بۇ نەبىس رۇبائىينى  ئىنشا قىلىپتۇ ۋە يېڭى ئاينى پەقەت تۆت تەشبىھ بىلھ بىلەن تەسۋىرلەپتۇ.

ئەي!ھىلال، سەن كامانى پادىشاھدۇرسەن.

ياەۇد يەر زىنەتى _قاشى يادۇر سەن.

نەغەل سەن _ساپ تىللا ئەشيادۇرسەن.

ياھۇد زەررىن سىرغەيىن سەمادۇرسەن .

 . سۇلتانغا بۇ رۇبەئىي ماقۇل كېلىپ ، ئەمىر مۇئىززىيىنىڭ مەرتىۋىسى شۇ قەدەر راۋاج تاپتىكى، سۇلتان رۇم[3] ئەلچىلىكىنى ئاڭا بەردى ۋە ئېيتىشلىرىچە، ئسپاھانغا قىرىق قاتار تۆگىگە ئارتىلغان قىممەتباھا مانا ئەۋەتكەن .

ئەمىر مۇئىززىينىڭ دىۋانى مەشھۇر ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان . ھاقانىي ئۇنىڭ ئىزدىشى، رەشىدىدىن ۋاتۋات بولسا ئاڭا مۇنكىر كەلگەن . ئەمىر مۇئىززىي ئىككى قاپىيەلىك قەسىدىنى ئاختۇرار ئىدى. ئۇنىڭ مەتلەئى بۇدۇر:

. ھەتتا گۈل ياپراقىدىن ھەم توزىتاي ، ئەي گۈل بەدەن، كى تاپمىش پەرۋەرىش جەننەت دايەسىدىن بۇ بەدەن ، ئەبۇ تاھىر خاتۇنىي《مۇناقىپ ئۇششۇ ئەزا》كىتابىدا يېزىپتۇكى، شائىرلاردىن ئوتتۇرا ھېساپتا يۈز كىشى بۇ قەسىدىگە نەزىرە بەستەلىگەن، لېكىن  ھېچكىم ئەمىر مۇئىززيىدەك ئېيتالمىغان. ئەبۇ تاھىر  خاتۇنىي يەنە دەپتۇركى مېنىڭ پىكىرىمچە ، ئەمىر مۇئىززىي بۇ قەسىدىنى ئۇسۇرىيىدىن كۈچلۇكرەك ئېيتقان …       

[1]نىسا-ئەنتىك دەۋىر ۋە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ  يىرىك شەھەرلىرىدىن :قەدىمكى پارقىيە دەۋلىتى پايتەختى. ئوتتۇرا ئەسىردە ۋىلايەت مەركىزى. خارابىلىرى ئاشخابادنىڭ شەرقىي تەرىپىدە .

[2]سۇلتان مەلىكىشاھ-سەلجۇقىپلار سۇلالىسىدىن  ئۇچۇنچى ھۆكۈمدار (1072-1092)                                                                                                                                                                                                                                                                                                               

[3] رۇم_ ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ھازىرقى تۈركىيە ۋە گرېتسىيەنىڭ بىر قىسمى شۇ نام بىلەن ئاتالغان                   

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىنىڭ 2006-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 384 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-07