ھەسەن روھانى



ھەسەن روھانىھەسەن روھانى

ھەسەن روھانى

خەنزۇچە: 哈桑•鲁哈尼

ئېنگلىزچە: Hassan Rouhani

ھەسەن روھانى ئىراننىڭ سىياسىئونى، دېپلوماتى، ئىران يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى بولغان، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى 2013-يىللىق ئىران پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، ئىراننىڭ پرېزىدېنتى بولغان، 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

ھەسەن روھانى 1948-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىمنان ئۆلكىسىنىڭ سورھە شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1960-يىلدىن باشلاپ سىمنان دىنىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1961-يىلى قۇم شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ قۇم دىنىي مەكتىپىدە ئىسلام شەرىئىتى ئۆگەنگەن، سابىق ئايتەتۇللاھ ھۈمەينىنىڭ سادىق مۇرىتى، كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن. 1980-يىلىدىن 2000-يىلغىچە ئىران پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئىراق ئۇرۇشىدا 1982-يىلدىن 1988-يىلغىچە ئالىي دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

روھانى 1989-يىلدىن 2005-يىلغىچە ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان، 2000-يىلدىن باشلاپ ئىران مۇتەخەسسىسىلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھاتەمى پرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە، 2003-يىلدىن 2005-يىلغىچە ئىران يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى بولۇپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيەلەر بىلەن ئۇران قۇيۇلدۇرۇشنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن.

روھانى 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى ئىسلاھاتچىلارنىڭ بىردىنبىر نامزاتى ئەلىف تۇيۇقسىز سايلام رىقابىتىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، روھانى ئىسلاھاتچىلارغا قوشۇلدى، ئۇمۇ ئىسلاھاتچىلارنىڭ رەھبىرى ھاتەمى ۋە رافسانجانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

6 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتىدا باشقا 5 نامزات بىردەك قاتتىق قول مۇتەئەسسىپلەردىن بولۇپ، روھانى مۆتىدىل مۇتەئەسسىپ شەخس. ئۇ ئەمەلىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن نىسبەتەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. ئۇ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئۈمىدكە تولغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جازاغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا ياكى جازانى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن.

ئىران ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، پۈتكۈل سايلامغا 36 مىليون 704 مىڭ 156 پارچە بېلەت چۈشكەن، روھانى 18 مىليون 613 مىڭ 329 بېلەتكە ئېرىشىپ، يېرىمدىن ئارتۇق بېلەت بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا سايلانغان، ئاساسلىق رەقىبى مۇھەممەد باجىر قالىبوف پەقەت 6 مىليون 77 مىڭ 292 پارچە بېلەتكە ئېرىشكەن.

ئىران ئايەتۇللاھسى ھامىنىي 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى روھانىنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىنى رەسىمىي بېكىتتى، روھانى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، روھانى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، بۇ ئامېرىكا ۋە ئىران پرېزىدېنتلىرىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۆھبەتلىشىشى بولۇپ، سۆھبەت مەزمۇنى يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىكەن.

ھەسەن روھانىنىڭ ئاتىسى ھەج ئەسەدۇللاھ روھانى (2011-يىلى قازا قىلغان) سىمنان شەھىرىدە سودىگەر بولۇپ، ھەم سىياسىي پائالىيەت بىلەن شوغۇللانغان، مۇھەممەد رىزا شاھ پەھلىۋىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن 1962-يىلى قولغا ئېلىنغان. ئانىسى نۆۋەتتە سىمناندا قىزى بىلەن تۇرماقتا.

روھانىي 1969-يىلى نائىمە روھان بىلەن توي قىلغان ھەمدە 2 ئوغۇل ۋە 2 قىز بالىلىق بولغان، چوڭ ئوغلى 1994-يىلى 4-ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھەمدە تېھراندىكى بەخست زەھرا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

روھانى پارس تىلىدىن سىرت، ئىنگلىز تىلى، گېرمان تىلى، فرانسۇز تىلى، رۇس تىلى ۋە ئەرەب تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. ئەنگلىيە گلاسگوۋ كالېدونىيان (Glasgow Caledonian) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.


مەنبە: ۋىكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 942 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-05