فەررۇخىي


فەررۇخىي

ئەسلى ئسمى ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبىن جۇلۇغ فەررۇخىي. ھاياتىغا ئائىت مەلۇماتلار كەم. ئې بېرتېلس، ئە.بىرائون.يارىپكا ۋە باشقا يىرىك ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئەسلى سېئستانلىقتۇر. كونا قوليازما مەنبەلىرىدە كەلتۈرۈلگەن  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاتىسى سېئىستان ھاكىمى خەلەف ئبىن ئەھمەد سارىيىدا خىزمەت قىلغان، ئاتىسى سېئىستان ھاكىمى خەلەف ئىبىن ئەھمەد سارىيىدا خىزمەت قىلغان، 1033_يىلى مەملىكەت سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىي تەرىپىدىن زەبىت ئېتىلگەچ، فەررۇخىي سېئىستانلىق بىر مەھەللىۋى فېئودال خىزمىتىگە كىرىپ كۈن كەچۈردى. كېيىن چاغانيان ھاكىمى ئەمىر ئەبۇلمۇزوففەرئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد، ئۇندىن كىيىن غەزنەۋىيلەدىن  ئەبۇ يەقۇب يۇسۇف،ئەبۇ ئەھمەد، مۇھەممەد ۋە ئاخىرى سۇلتان مەھمۇد سارىيىدا مەلىك ئۇششۇ ئەرالىق* قىلغان. دېمەك ،ئۇنىڭ قىسمىتى ھەم ئاشۇ زامانلاردا ئۆتكەن كۆپچىلىك ئىستېدات ئگىلىرىنىڭ تەقدىرگە ئوخشاش _زامانە زەيلى بىلەن ساراي شائىر بولغان.بىراق، باي ئەدەبىي مىراسى شەرق كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ  رەڭمۇ رەڭ نەمۇنىسى  سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئىلىنغاندەك، ئىلمىي ئەسەرلىرى ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆگىنىشتە دەستۇرلاردۇر. ئاتاقلىق ئىران ئالىمى رىزا قۇلىخان ھىدايەتنىنڭ كۆرسىتىشچە،فەررۇخىىي 1037_1038_يىلى ۋاپات بولغان.شائىرنىڭ  281 شېئىرىي ئەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىۋانى تېھراندا 1932_ۋە  1957_يىللىرى چاپ قىلىنغان.

     .ئۇستاز فەررۇخىي ئەسلى  تېرمېزلىك بولۇپ ، ئونسۇرىيىنىڭ [1] شاگىرتىدۇر.زېھنى ساغلام، ياخشى خۇلق ئەتۋارىي كىشى. ئۇستاد رەشىدىن ۋاتۋات ئېيتۇپتۇركى، مۇتاناببىي [2] ئەرەبىستاندا قانداق بولغان بولسا، فەررۇخىي ھەم  ئەجەمدە شۇ تەرىقىدىدۇر. بۇ ھەر ئىككى فازىل سۆزنى ساددا قىلىپ ئېيتىشقان.

  ئۇستاد فەررۇ خىينى پاساھەتتە تەڭدىشى يوق دىيىشىدۇ ۋە شېئر سەنئىتىگە ئائىت 《تەرجىمان ئالبەلاغە》ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۈملىسىدىندۇر. پازىللار ھەمىشە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مىسال كەلتۈرىدۇ. فەررۇخىيىلىك دىۋانى ماۋەرە  ئۇننەھىردە شۆھرەت تاپقان . ئەمما ھازىر خۇراساندا تىلغا ئېلىنمايدۇ.

 مەلىك ئۇششۇ ئەرالىق _شائىرلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي تەمىنات ۋە مەنسەپ.* 

 [1] ئۇنسۇرىي ___غەزنەۋىيلەردىن سۇلتان مەھمۇد ۋە سۇلتان مەسئۇد (1031_1041) سارىيىدا ياشىغان كاتتا شائىر. ئەسلى ئىسمى  ئەبۇلقاسىم ھەسەن ئىبىن ئەھمەد ئۇنسۇرىي بەلخىي (960-1089).

 [2] مۇتاناببىي__مەشھۇر قەسىدەنەۋىس ئەرەب شائىرى. ئەبۇ ئەلتەييىب (915_965)

مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنىرى 2006-يىلى 6-سان

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 366 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-04