مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ ئاساسچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان


مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ ئاساسچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان

ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى : شەيخۇلئىسلام ئەبۇ ھەنىفە ( ئىمام ئەززەم)

ئا. قۇتۇبى

ئىسلام قامۇسى ۋە ئىسلامى تارىخى ماتېرىياللاردىن تاللاپ رەتلەندى. ئاللاھ ئا. قۇتۇبى قېرىندىشىمغا رەھمەت قىلسۇن.

ئۆزگەرتىپ رەتلىگۈچى: ئا. ئۇيغۇرى


توللۇق ئىسمى: نۇئمان ئىبنى سابىت زۇتى . ئىمام ئەززەم ( ئاللاھ ئىمام ئەھمەدكە رەھمەت قىلسۇن)


نوئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتى ئەل فارىسى ھىجرىيەنىڭ 80 (مىلادىيەنىڭ 699 ) - يىلى(ئىراقنىڭ) كۇفە شەھىرىدە پارس ئىرقىدىن بولغان ئافغانىستانلىق سودىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ئىسلام تارىخچىلىرنىڭ قارشىچە ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دادىسى سابىتنىڭ نەسەبى ساھابىلەردىن سالمان ئەل فارىسقا تۇتىشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. ئەبۇ ھەنىپەنىڭ دادىسى سابىت كۇفە شەھىرىدىكى بىر ئىسلام ئۆگنىش مەركىزىدە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ بىلەن كۆرۈشكەن. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ سابىتقا دۇئا قىلغان ئىدى. ئەبۇ ھەنىفە ئىلىمنىڭ كامالىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئىمام ئەززەم ( قالتس ئىمام) دەپ ئاتالغاندۇر.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇفىدە ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش ۋە ئىجتىھاد ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ھاللىق تىجارەتچى ئىدى.كۇفە شەھىرى ئەينى زاماندا ئىراقنىڭ بارلىق فىقھى (قانۇنشۇناسلىق) ئالىملىرى توپلاشقان جاي بولۇپ، بۇ خىل مۇھىت ئۇنىڭ بۇ ساھەدە پىشىپ يېتىلىشىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئەبۇ ھەنىفە شۇ دەۋىرىدىكى 4000 دىن ئارتۇق ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىۋاستە مەنپەئەتلىنەلىگەن ئالىم بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ساھابىلەردىن بىۋاستە بىلىم ئالالىغان تابىئىندۇر. ( ھىجىرىيە 120 - يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ساھابە ئىمام ھاممىد ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۇستازىدۇر).

ئۇ ئىلىم- ئىجتىھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىشنىمۇ تاشلىمىغان. ئۇ ئىلىمدا ئۆلىمالارغا ئۈلگە بولغىنىدەك، تىجارەتتىمۇ تىجارەتچىلەرگە ئۈلگە ئىدى. ئۇ تىجارەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنەتتى.

1 ـ ئۇنىڭ كۆزى توق ، تاماخورلۇقتىن يىراق ئىدى .

2 ـ ناھايىتى ئامانەتدار ئىدى.

3 ـ ئەپۇچان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىچى تارلىقتىن ساقلىغان ئىدى.

4 ـ ئۇ دىنىنى ناھايىتى چىڭ ساقلايتتى ھەم قاتتىق ئىبادەتگوي ئىدى. ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتاتتى، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى.

كۆپىنچە كىشىلەر تىجارەتتىكى سۈپەتلىرىدە، ئۇنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىتاتتى.

بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفىگە بىر يىپەك كىيىم ئېلىپ كەلدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:

بۇنى قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ خوتۇن:

يۈز دەرھەمگە، دېدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە:

بۇ يۈزدىن جىق پۇلغا يارايدۇ، قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ ئايال يەنە يۈزنى قوشتى، ئىمام ئەبۇھەنىفە:

يەنىلا ئەرزان بولۇپ قالدى، دەۋەردى ھەتتا ئۇ كېيىمنىڭ باھاسى تۆت يۈزگە چىقىۋېدى، ھېلىقى ئايال:

مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز؟ دەپ خاپا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇھەنىفە:

سىز بىر ئادەم ئېلىپ كېلىڭ، باھا قويۇپ بەرسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كېلىپ باھا قويۇپ بەردى.

ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۇ كىيمنى بەش يۈزگە ئالدى. ئىمام ئەبۇھەنىفە مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ بىخوتلىقىدىن پايدىلىنىۋالمايتتى. يەنە كېلىپ ئەگەر خېرىدار ئاجىز ياكى دوستى بولسا پايدا ئالمايتتى، بەزىدە تېخى ئالغان پايدىسىنىمۇ قوشۇپ بېرەتتى.

بىر قېتىم بىر ئايال ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ قېشىغا كېلىپ:

مەن بىر ئاجىز خوتۇن، سەن بولساڭ بىر ئىشەنچلىك ئادەمسەن، ماڭا بۇ كىيىمنى ئىزىغا بەرگىن ـ دېدى.

بۇنى تۆت دەرھەمگە ئېلىڭ ـ دېدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.

مەن بىر قېرى ئايالمەن، مېنى مازاق قىلماڭ، دېدى ئۇ ئايال.

مەن ئەسلىدە ئىككى كىيىم ئالغان ئىدىم، بىرىنى ئىككىسىنىڭ پۇلىدىن تۆت دەرھەملا كېمىغا ساتقان ئىدىم، بۇ كىيىم ماڭا تۆت دەرھەمگە قالغان، دېدى ئىمام ئەبۇھەنىفە.

ئۇ يەنە ھەرقانداق شەكلىك نەرسىدىن ناھايىتى ھەزەر ئەيلەيتتى.

بىر قېتىم ئىمام ئەبۇھەنىفە بىر مالنىڭ ئەيىبىنىڭ بارلىقىنى، ساتقىچە چوقۇم خېرىدارغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى شېرىكىگە ئېيتىپتۇ، شېرىكى مالنى ساتقىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئەيىبىنى دىمەستىنلا سېتىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مالنى ئالغان ئادەمنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئىمام ئەبۇھەنىفە بۇ ئەھۋالنى بىلىپ شۇ مالنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپتۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، ئىمام ئەبۇھەنىفە ئاللاھنىڭ بەرىكەت بېرىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ پايدا ئالاتتى. ئۇ مال- دۇنياسىنى ئۇستازلىرىغا، شاگىرتلىرىغا ۋە ھەدىسشۇناسلارغا بېرىپ: "ئۆز ھاجەتلىرىڭلارغا ئىشلىتىڭلار،ئاللاھ تائالادىن باشقىغا رەھمەت ئېيتماڭلار. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ مېلىمنى بەرمىدىم، پەقەت، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە قىلغان پەزلى ـ مەرھەمىتىدۇر" دەيتتى.

ئىمام ئەبۇھەنىفە ناھايىتى ئېسىل كىيىنىپ، پاكىزە ۋە رەتلىك ياسىنىپ يۈرەتتى.

ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ زامانداشلىرىدىن فۇزەيل ئىبنى ئىياد مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەبۇھەنىفە فىقىھ ساھەسىدە تونۇلغان كاتتا فىقھىشۇناس ئىدى، شۇنداقلا كاتتا بايلاردىن ئىدى. ئۇنىڭ قېشىغا بىر نەرسە ئۈمىد قىلىپ كەلسە، ئۇ ئۈمىد قىلىنغىنىدىن ئارتۇق ياخشىلىق قىلاتتى. كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئېغىر بېسىق ئىدى، ھەتتا مەسىلىلەرگە ھالال ياكى ھارام دەپلا جاۋاپ بېرەتتى، ھەقنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئۈلگە ئىدى".

ئىمام ئەبۇھەنىفە ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە ئۇ بەزى ئۇزۇن ياشىغان ساھابىلارنى كۆرگەن تابىئىدۇر. ئۇ كۇفەدىكى ئالىملاردىن ئىلىم ئىگەللەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مەككىدە ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھتىن، مەدىنىدە ئىمام مالىك قاتارلىق ئالىملار بىلەن ئىلمى سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ ناھايىتى ئۆتكۈر پىكىرلىك بولۇپ مۇنازىرىلىشىشتە يېتىلگەن ناتىقلاردىن ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھاياتىدا 22 باتىل پىرقە بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئىسلامنى قوغدىغان.

ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ فىقھى ھەققىدە ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان كىتابى يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ زامانىدا كىتاب يېزىش ئىشلىرى تېخى ئومۇملاشمىغان ئىدى. بەزىلەر "ئەلفىقھۇل ئەكبەر" دىگەن كىتابنى ئىمام ئەبۇھەنىفىگە مەنسۇب قىلغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىتابنى ئۇنىڭ يازغانلىقى ئېنىق ئىسپاتلانمىغان. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرى شاگىرتلىرى تەرەپىدىن خاتىرىلەنگەن ياكى ئىمام ئەبۇھەنىفە ئۆزى ئېيتىپ بېرىپ خاتىرىلەتكۈزگەن، ئاندىن شاگىرتلىرى شۇ پىكىرلەرنى ئۆز كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان.

چوڭ شاگرتلىرىدىن ئەبۇيۈسۈف ۋە مۇھەممەد(ئىمام شافىئىنىڭ ئۇستازى) ئىككىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئەبۇ ھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى توپلاپ كىتاب قىلىپ ئىككىسىگىلا "ئاسار" دەپ نام بەرگەن. كىيىنكىلەر ئىمام ئەبۇھەنىفە رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى بىر كىتاب قىلىپ توپلىغان، كىيىنچە بۇ كىتاب "مۇسنەدۇ ئەبى ھەنىفە" دىگەن نام بىلەن نەشىر قىلىنغان.

ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتىكى پىرىنسىپى:

"تارىخى باغداد"تا ئىمام ئەبۇھەنىفەنىڭ سۆزى ئۆز تېكىستى بويىچە مۇنداق كەلتۈرۈلگەن: "مەن فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇنىڭدا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تۇتىمەن. ئەگەر ئۇ ئىككىسىدىلا بولمىسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ قارىشىنى خالىسام، شۇنىڭكىنى ئالىمەن. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بار يەردە باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئالمايمەن. ئەمما ئىبراھىم نەخەئى، شەئبى، ئىبنى سىيرىن، ھەسەن، ئەتا ۋە سەئىد ئىبنى مۇسەييىب قاتارلىقلار (بۇلار ئەبۇ ھەنىفىگە زامانداش تابىئى ئالىملاردۇر)غا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئىجتىھاد قىلغان كىشىلەردۇر، مەنمۇ ئۇلاردەك ئىجتىھاد قىلىمەن."

ئۇ فىقھى ھۆكۈم چىقىرىشتا تۆۋەندىكى يەتتە نەرسىگە تايىنىدۇ:

1 ـقۇرئان كەرىم: ئىسلام شەرىئىتىدە قۇرئان كەرىم بارلىق مەنبەلەرنىڭ مەنبەسىدۇر.

2 ـ سۈننەت: سۈننەت رىۋايەت قىلغانلارنىڭ سانىغا قاراپ: مۇتەۋاتىر، مەشھۇر ۋە ئاھاد دەپ ئۆچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

مۇتەۋاتىر دىگىنىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر مۇنچە كىشىلەر ئاڭلىغان، ئۇنى يەنە بىرمۇنچە كىشىلەر رىۋايەت قىلغان، رىۋايەن قىلغۇچىلارنىڭ يالغانغا بىرلىككە كېلىۋېلىش ئېھتىمالى بولمىغان ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسلەر ئىمام ئەبۇھەنىفىنىڭ نەزىرىدە ھۆججەتتۇر.

مەشھۇر ھەدىس بولسا، مۇتەۋاتىردىن تۆۋەنرەك ھەدىستۇر، ئەمما شۇ دەۋىردە(ھىجرىيە 3 ـ ئەسىرلەردە) مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇش زۆرۈر. ئەمما شەكسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئەمما ئاھاد بولسا، بىر ياكى ئىككى ئادەم ئارقىلىقلا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، بۇنى ئەمەل ـ ئىبادەتلەردە دەلىل قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئېتىقادىي مەسىلىلەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

3 ـ ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى: ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسىنى تۇتۇش كېرەك دەپ قاراپ ساھابىلارنىڭ سۆزى بار يەردە باشقىسىنىڭ سۆزىنى ئالمايدۇ.

4 ـ ئىجمائ. بۇ، مەلۇم بىر ئەسىرنىڭ مۇجتەھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى بىرەر ھۆكۈمدە بىرلىككە كېلىشى دېگەنلىكتۇر.

5 ـ قىياس: بۇ ھەرگىزمۇ دەلىل بار تۇرۇقلۇق قىياس قىلىش بولماستىن، بەلكى دەلىل بولمىغان ياكى ھەدىسنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسى قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىگە يەتمىگەندە ئاندىن شەرىئەتنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا ئاساسەن قىياس قىلىش بولۇپ، قىياس قىلغاندىن كېيىن سەھىھ ھەدىس تېپىلسا ۋە ھۆكۈم ھەدىسكە مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ ھەدىس ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرگەن بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈم ھەدىسكە زىت كېلىپ قالسا، ئۇ ھۆكۈمدىن دەرھال يېنىۋېلىش كېرەك.

6 ـ ئىستىھسان: كۈچلۈك دەلىل ياكى بىرەر كۈچلۈك سەۋەبكە ئاساسلىنىپ قىياسقا خىلاپ ھالەتتە چقىرىلغان ھۆكۈمدۇر.

7 ـ ئۆرپ ـ ئادەت: ئەگەر قۇرئان، ھەدىس ۋە ساھابىلارنىڭ پەتىۋاسى بولمىغاندا ۋە ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقان جاينىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى شەرىئەتكە خىلاپ بولمىسا، شۇ ئۆرپ ـ ئادەت شەرىئەتكە دەلىل بولالايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋىردە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر ئەلمەنسۇر ئۇنى قازىلىققا تەيىنلەيدۇ. ئەمما ئەبۇ ھەنىفە مەن بۇ ئۇرۇنغا لايىق ئەمەس دەپ رەت قىلىدۇ. خەلىپە ئەل مەنسۇر ئەبۇ يۈسۈپنى قازىلىققا تەيىنلەيدۇ.ئىككىنچى قېتىم خەلىپە ئەل مەنسۇر ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنى شەكلىنىپ قالغان مەسىلىلەردە قازىلىق قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مەن بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ رەت قىلىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەن بۇ ئورۇنغا مۇۋاپىق ئەمەس دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان خەلىپە ئەل مەنسۇر سەن يالغان گەپ قىلما يالغانچى دەيدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خەلپىگە ھۆرمەتلىك خەلىپە سىلە مەندەك يالغانچىنى نېمە دەپ قازىلىققا تەيىنلەيلا دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جاۋابىغا ئاچچىقى كەلگەن خەلىپە ئەل مەنسۇر ئۇنى زىندانغا سولاپ ئۇرۇپ قىيناشقا بۇيرۇيدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە زىنداندا تۇرۇپ ئۇنى يوقلاپ كەلگەنلەرگە مۇددەرسلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ سالامەتلىكى ناچار تاماق ۋە ياخشى كۈتۈلمەسلىك سەۋەبىدىن كۈنسىرى ناچارلىشىپ ھىجىرىيە 150 (مىلادىيەنىڭ 767 ) - يىلى 68 يېشىدا باغداتتا ۋاپات بولىدۇ. ( ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. ئاميىن).

ئەمما ئىسلام تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە خەلىپە ئەل مەنسۇر تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلغان كۈنى باغداد شەھىرىگە ئادەملەر سەللىدەك ئاقىدۇ. جىنازا نامىزى 6 قېتىم ئوقۇلىدۇ. جىنازا نامىزىغا 50 مىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

مالىكى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى: شەيخۇل ئىسلام ئىمام مالىك

ئى. ئابدۇلئەزىز

توللۇق ئىسمى: ئىمام ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئامىر ئەلئەسبەھى

شەيخۇل ئىسلام ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسون!) ھىجريە 93 ( مىلادى 711) - يىلى بۈيۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەھىرى مەدىنىدە، ئەسلى شەجەرىيەسى يەمەنگە تۇتۇشىدىغان بىر ئەرەب ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىمام مالىكنىڭ بوۋىسى، يەمەندىكى بەزى ۋالىيلاردىن شىكايەت قىلىپ مەدىنەگە كېلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئىلىم سەپىرى ۋە ئۇستازلىرى:

مالىك تۇغۇلغان زاماندا، مەدىنە شەرىئەتنىڭ مەنبەسى، ئالىملارنىڭ چىرىقى ئىدى. مالىك ئائىلىسى مەدىنىگە كېلىپلا ئىلىم بېغىغا قەدەم قويۇشقا باشلىغان، بۇۋىسى ئەڭ چوڭ تابىئىى ۋە ھەدىس رىۋايەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىمام مالىكنىڭ تاغىسى ئەبۇ سۇھەيىل نافئى بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەدىس ئىلمىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

مالىك، بۇ ئىلىم بىلەن نەفەسلىنىدىغان جەمئىيەتتە ئىلىم دۇنياسىغا قەدەم تاشلايدۇ. بىرىنچى بولۇپ، قۇرئاننى يادىلاش بىلەن باشلايدۇ. ئۇ ئائىلىسىگە، تاغىسىغا ئوخشاش ئۆلىمالارنىڭ دەرىسخانلىرىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قويىدۇ، بۇ ئىشنى ئائىلىسى خۇرسەنلىك بىلەن قوللايدۇ، بۇ ئىشقا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن كىشى ئانىسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بولىدۇ. ئىمام مالىك، ئانىسىغا ئۆلىمالارنىڭ مەجلىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش رىغبىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئانىسى ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كىيملەرنى كىيدۈرۈپ، بېشىغا سەللە ئوراپ: "ھازىر بېرىپ يېزىشنى باشلىغىن" دەپ ئىلىم دەرۋازىسىنى ئېچىپ بىرىدۇ. بۇ بۈيۈك ئانا ئىمام مالىكنىڭ شەكلىگىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، بەلكى قايسى ئالىمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوقۇشنى، نېمە ئوقۇشى لازىملىقىنى دەپ بالىسىغا كۆرسەتمە بېرىپ تۇرىدۇ.

ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ دەرىسخانلىرىدا، قۇشقا ئوخشاش، بىر دەرەختىن يەنە بىر دەرەخكە قۇنۇپ، خالىغان مېۋىلەرنى تاللاپ ئېلىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ھەدىس شوناس ئابدۇرراخمان ئىبنى ھورموزنى (ھىجريە 117ـ يىلى ۋاپات بولغان) ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئۇستاز تۇتىدۇ. ئىمام مالىك ھەدىس ئىلمىنى نافئى مەۋلە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئەبىززىناد ۋە ئىبنى شىھاب ئەززۇھەرىلاردا ئۆگەنگەن بولسا، فىقھى ئىلمىنى رابىئە ۋە يەھيا ئىبنى سەئىدتە ئۆگەنگەن. ئىمام مالىك، ئىلىم ئېلىش يولىدا قاتتىق تىرىشچان بولغان بولۇپ، بو يولدا ھېچقانداق نەرسىنى ئاياپ قالمىغان، ھەتتا قىسىقچىلىق زامانلىرىدا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى سېتىپ بولسىمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىمام مالىك ئىلىم يولىدا ئۇستازلارنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆتۈرىدۇ، بۇ توغرىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن تىك چۈشتە، نافئىنىڭ نىڭ ئۆيىگە كېلەتتىم، مېنى قاقىرام ئىسسىقلىقتىن ساقلايدىغان بىرەر دەرەخ يوق ئېدى، نافىئنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم، ئۇ ئۆيىدىن چىققان تەقدىرمۇ، ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىپ، يەنە بىرەر سائەتكىچە ساقلايىتتم، ئاندىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ سالام بېرىپ، بىرەر ھەدىس توغرىسىدا سوئال سورايىتتىم، ئۇ جاۋاب بېرەتتى. ئۇنىڭدا چوسلۇق بار ئىدى".

ئىمام مالىك ئىلىم تەھسىل قىلىشنى، ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئىلمى، ۋە ساھابىلارنىڭ پەىۋالىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، شەرىئەت ئىلمىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئىلىملارنى ئۆگىنىشكە قەدەم قويغان.

سۈپەتلىرى:

1ـ تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى: ئاللاھ تائالا ئىمام مالىكقا ئادەتتىن تاشقىرى تۇتۇۋىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان بولۇپ، بىر كۈنى ھەدىس ئالىمى ئىبنى شىھاب ئەززۇھەرىدىن يېزىۋالماستىن، 31 ھەدىس ئاڭلاپ، بىر ئازدىن كېيىن ئۇستازىغا بىرەر ھەدىسنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي دەپ بەرگەن.

2ـ ئىمام مالىكنىڭ قەلبىنى ھېكمەت نۇرى بىلەن يورۇتقان ئىخلاس ۋە تەقۋالىق: ئۇ ئىلىمنى ئاللاھ ئۈچۈنلا ئۈگەنگەن بولۇپ، ئۆزىنى شەخسىي غەرەزلەردىن، ھاۋايى ـ ھەۋەسلەردىن ساقلاپ، پەقەتلا ئۆزىنى ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈنلا ئاتىغان.

ئىمام مالىك، بىرەر پەتىۋا بېرىشتە ، ئالدىراپ جاۋاب بەرمەيىتتى. ئەگەر بىر كىشى بىرەر مەسىلە توغرىسىدا سوئال سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا: ھازىر كېتىپ تۇرۇڭ، بۇ مەسلىگە قاراپ جاۋاب بىرەي دەپ ئۇ كىشىنى قايتۇراتتى. ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنپ مۇنداق كېلىدۇ: ئۇ بىر كۈنى 30 مەسىلىدە سوئال سورلۇپ، بېرسىگە جاۋاب بېرىپ 39 غا بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىمام مالىكنىڭ بىردىنبىر كىتاۋبى "مۇۋەتتا":

ۇ كىتاب، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى جۇغلىغان بىرىنچى كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام مالىك كىتاۋبنى ئۇمەۋىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە، ئەبۇ جەئفەر ئىبنى مەنسۇرنىڭ زامانىدا يېزىشقا باشلاپ، ھارون ئەل راشىدنىڭ واقتىدا تاماملىغان. ھارون ئەل راشىد خەلىپىلىكتىكى بارلىق يەرلەرگە، ئىمام مالىكنىڭ بۇ كىتاۋبىنى بىر تۇتاش يۈرگۈزۈشنى ۋە كەبە شەرىفكە ئېسىپ قويۇشنى ئىمام مالىكقا دېگەندە؛ ئىمام مالىك، ئىسلام زېمىنىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى، ھەممە يەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆرپـ ئادەتلىرى بارلىقىنى، بۇنداق قىلغاندا كىشىلەرگە تەسلىك بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى دەپ، بۇ ئىشقا رازى بولمىغان.

"مۇۋەتتا" نى ئىمام مالىك قىرىق يىل ئىچىدە يېزىپ پۈتتۈرگەن. بۇ كىتاب ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئىمام مالىك ئۇنى فىقھى تەرتىپى بىلەن رەتلەپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن «مۇۋەتتا» ھەدىس ۋە فىقھى كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مالىكى مەزھىپىنىڭ تارقىلىشى:

مالىكى مەزھىپى، ئىمام مالىكنىڭ تالىپلىرىنىڭ ھارماي تېرىشچانلىق قىلىشلىرى، ۋە ئىمام مالىكنىڭ كىتاۋبى "مۇئەتت" نىڭ تەسىرى بىلەن گۈللەنگەن.

مالىكى مەزھىپى بىرىنچى بولۇپ ۋۇجۇتقا كەلگەن يېرى، ھىجاز زېمىنىدا تارقالغان. شۇنىڭدەك، ئىمام مالىكنىڭ ھايات واقتىدا مىسىردىمۇ تارقالغان. ھازىر بولسا شىمالى ئافرىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى، تۇنىس، ئالجىرىيە ۋە ماراكەش، ۋە كۆپىنچە ئافرىقا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەزھىپى مالىكى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاپاتى:

ھىجرەت دىيارىنىڭ ئىمامى ئىمام مالىك، دۇنياغا ئىلىم نۇرىنى چېچىپ، بىزنىڭ شەرىئەت فىقھىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر تۈۋرىكىنى تۇرغۇزۇپ بېرىپ، ھىجرىيەنىڭ 179 ( مىلادى 795)ـ يىلى بۇ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئاللاھ ئىمام مالىكتىن رازى بولسۇن، ۋە رەھمىتى ئاستغا ئالسۇن. ئامىن

شافىئى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى : شەيخۇلئىسلام ئىمام شافىئى

تەرجىمە قىلغۇچى: نامەلۇم ( ئالاقىلاشسىڭىز ئىسمىڭىز ئېلان قىلىنىدۇ)


ئىسلام قامۇسى ۋە ئىسلامى تارىخى ماتېرىياللاردىن تاللاپ رەتلەندى. ئاللاھ ئا. قۇتۇبى قېرندىشىمغا رەھمەت قىلسۇن.

ئۆزگەرتىپ رەتلىگۈچى: ئا. ئۇيغۇرى


توللۇق ئىسمى: ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەل شافىئىيدۇر ( ئاللاھ ئىمام ئەھمەدكە رەھمەت قىلسۇن)

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەل ئابباس ئىبنى ئوسمان ئىبنى شافىئىيدۇر. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 135 ـ يىلى (مىلادىيە 767 ـ يىلى) پەلەستىندىكى غەززە دېگەن شەھەردە دۇنياغا كەلدى. ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى بوۋىسى ئابدۇلمەننەفتا ئۇچرىشىدۇ.

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) يېتىم ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئانىسى ئۇنى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار يېتىلىۋاتقان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلسۇن، دەپ ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە پەلەستىندىن مەككىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا مەككە فىقھى ۋە ھەدىس ئالىملىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يېشى تېخى يەتتە ياشتىن ئاشمايلا قۇرئاننى يادا ئېلىپ بولۇپ ئىلىم سورۇنلىرىغا كېلىپ ـ كېتىشكە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلىم ئاتا قىلدى ۋە ئىلىم ئۆگىنىش ئىشتىياقىنى سالدى.


ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بىر تەەرەپتىن ئىلىم ئۆگەنگەچ ۋە ھەدىس يادا ئالغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىلىنى كۆندۈرۈش، تىلىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىدىكى بەزى ئەرەب قەبىلىرىنىڭ ئارىسىغا دائىم دېگىدەك بېرىپ تۇرىدۇ.

ئۇ مەزگىللەر دەل ئىمام مالىكنىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل مەدىنە تەۋەسىگە پۇركەتكەن ۋە كىشىلەر ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى قولدىن قولغا ئېلىشىپ ئوقۇيدىغان بىر مەزگىل ئىدى. شۇڭا ئىمام شافىئىي مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىكنىك يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدا ئوقۇماقچى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ مەككىدىن ئايرىلىپ ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئىىلگىرى ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى يادا ئېلىش قارارىغا كېلىپ ئۇ كىتابنى يادا ئېلىپ بولىدۇ. ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مەدىنىگە بېرىپ ئىمام مالىكتىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ئىمام مالىكقا ئۇنىڭ "مۇئەتتا" ئىسىملىك كىتابىنى يادقا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) شافىئىينىڭ ئۆزىنىڭ كىتابىنى يادقا ئوقۇغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ ناھايىتى راۋانلىقىدىن ھەيران قالىدۇ. بۇ ۋاقتىدا ئىمام شافىئىي ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ۋاقىت ئىدى. ئىمام شافىئىي شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى ئىمام مالىك (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھىجرىيەنىڭ 179 ـ يىلى (مىلادىيە 796 -يىلى) ۋاپات تاپقانغا قەدەر ئىمام مالىكنىڭ يېنىدا 16 يىل ئىلىم تەھسىل قىلدى. ئىمام شافىئىي بۇ جەريانىدا يەنە ئىبراھىم ئىبنى سەئد ئەنسارىي، ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئەددىراۋۇردىى ۋە مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبى فۇدەيك (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن!) قاتارلىق ئىماملاردىنمۇ ئىلىم تەھسىل قىلدى.

ئىمام شافىئىي ئۇستازى ئىمام مالىك ۋاپات تېپىپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىسلام خىلاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان باغدادقا كەلدى. ئۇ باغدادتا ئىمام ئەبۇھەنىيفە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئەششەيبانىي بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇدى ۋە بىر مۇددەت ئىمام مۇھەممەد ئەششەيبانىينىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام شافىئىيدا ھىجازنىڭ ئىلمىي بىلەن ئىراقنىڭ ئىلمى مۇجەسسەملەشتى. كېيىن ئىمام شافىئىي مەككىگە قايتىپ كېلىپ بۇ يەردە ئىلىم سورۇنى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئالىملارئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتناشتى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ بار ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ھەج مەۋسۈمىدە ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇپ قالدى. مەككىدە ئىمام شافىئىينىڭ شەخسىيىتى ۋە ھىجازنىڭ ئىلمى بىلەن ئىراقنىڭ ئىلمىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىھاد قىلىشتىكى يىڭى يولى قەد كۈتۈرۈشكە باشلىدى.

ئىمام شافىئىي مەككىدە توققۇز يىل تۇرغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 195 ـ يىلى (مىلادىيە 810 ـ يىلى) ئىككىنچى قېتىم باغدادقا كەلدى. ئۇ بۇ يەرگە ئىككى يىل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەزھىپىنى تارقاتتى ۋە ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ ئۇلۇنى قۇرۇش ئاساسىدا يېزىلغان "ئەل رىسالە" ئىسىملىك كىتابىنى يېزىپ چىقتى. باغدادتىمۇ ئىمام شافىئىينىڭ كاتتا شاگىرتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبۇسەۋر، زەئپىرانىي ۋە كىرابىسىي قاتارلىقلار ئىمام شافىئىينىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. كېيىن ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) باغدادتىن مەككىگە قايتىپ كېلىپ مەككىدە ئاز بىر مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 198- يىلى (مىلادىيەنىڭ 813- يىلى) يەنە باغدادقا قايتىپ كەلدى. بۇ ئىمام شافىئىينىڭ باغدادقا ئۈچىنچى قېتىم شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىشى بولۇپ قالدى . ئىمام شافىئىي بۇ قېتىم باغدادتا قىسقا بىر مۇددەتلا تۇرۇپ ئۇ يەردىن مىسىرغا كېتىپ قالىدۇ.

ئىمام شافىئىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) مىسىرغا كېلىپ ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بېرىشنى باشلايدۇ. ئاۋام خەلق ۋە ئالىملار ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھەرخىل ئىلىم ساھالىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر توپلىنىدۇ.

ئىمام شافىئى تۆۋەندىكى كىتابلارنى يىزىپ قالدۇرغان ئىدى.

1 ـ ئەل رىسالە

2 ـ كىتابۇل ئۇم


مەنبە: ئاق كەپتەر بلوگى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 16

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1196 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-11-04