ئۇنتۇلماس مائارىپچى ھۆرلىقا ئاپپاي

ئۇنتۇلماس مائارىپچى ھۆرلىقا ئاپپاي

يالقۇن روزى

 

نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە ـ ئورگانلاردا، مەكتەپ ـ مەھەلىلەردە بىر تۈركۈم ئېسىل سۈپەت ئاپپايلار بار ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ـ كېيىن پېنسىيەگە چىقىپ، ئاخىرقى ئۆمۈرلىرىنى ياشاپ بىر ـ بىرلەپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاپ كەتتى. بۇ ئاپپايلار يۈرۈش ـ تۇرۇشىنىڭ سىپايىلىكى، كىيىنىڭ ـ تارىنىشىنىڭ رەتلىكلىكى، گەپ ـ سۆزىنىڭ ئورۇنلۇقلۇقى، مۇئامىلىسىنىڭ مۇلايىملىقى بىلەن ھەرقانداق كىشىدە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغايتتى. گەرچە ئۇلار تۈرلۈك كەسىپ ۋە تارماقلاردا ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىي ھالىتى، پېداگوكلارغا خاس ئالىيجاناب ئوبرازى بىلەن ئەتراپقا ئىللىقلىق بەخش ئېتەتتى.  مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگە ئالاھىدە ھۆسىن قوشاتتى. مانا بۇلار ئادىمىيلىكنى ئەلا بىلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش، باشقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، بەھرىمان بولۇپ ياشاشنى ئەمەس، بەلكى بېغىشلاپ ياشاشنى ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى دەپ قاراش، ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا راۋا كۆرمەسلىك، ھەرقانداق ئەھۋالدا پىرىنسىپنى تەرك ئەتمەسلىك، بىلىمنى ۋە بىلىم ئەھلىنى چوڭ بىلىش، قۇرۇق شان ـ شەرەپكە، پۇل، مال ـ دۇنياغا ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ ئورتاق خىسلىتى، ئۇلار ئۆز جەمەتى ئىچىدىلا ئەمەس، كەڭ جەمئىيەتتىمۇ سۆيۈملۈك ئانا دەپ ھۆرمەتلىنىپ ‹‹ ئاپپاي ›› دەپ ئاتىلاتتى.                                                                                 

ئۈرۈمچىدىكى ئەنە شۇنداق ئاپپايلارنىڭ بىرى بولغان تۆھپىكار مائارىپچى ھۆرلىقا ئاپپاي بۇ يىل، يەنى 2013- يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى 84 يېشىدا ئۇ ئالەمگە ئۇزاپ كەتتى. گەرچە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھۆرلىقا ئاپپاي ئۇ ئالەمگە كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر مائارىپ مۇنبىرىدە ئۆتكەن مەنىلىك ھاياتى، ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى كىشىلەرگە قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالدى.                                                                                                  

ھۆرلىقا ئاپپاينىڭ تۇلۇق ئىسىم ـ فامىلىسى ھۆرلىقا نازىرى بولۇپ، بەزىدە ھۆرلىقا سۇلتان دەپمۇ ئاتالغان، ھۆرلىقا ئاپپاي 1929- يىلى 1- ئايدا ئۈرۈمچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دادىسى، 11 ياشقا كىرگەندە ئانىسى قازا تېپىپ ئۆزىدىن تۆت ياش چوڭ ئاكىسى ئابلىز نازىرىنىڭ ھىمايىسىدىكى ناتىۋان قىز ھالىتىدە كۆپ مۇشەققەتلەرنى تارتقان، ھۆرلىقا ئاپپاي قارا قىسمەتنىڭ قۇچىقىدا قارا يېتىم بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، ئوقۇشقا ئوتتەك ئىشتىياقى بار قىز ئىدى، شۇڭا تۇرمۇشتا ھەر قانچە ئېغىر كۈنلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ئوقۇش ئىرادىسىدىن يانماي 1944- يىلى قىزلار گىمنازىيەسىنى پۈتكۈزگەن قىزلارلا ئەمەس، ئوغۇللارمۇ ساناقلىقلا ئىدى. ھۆرلىقا ئاپپاي خىزمەت قىلغان ‹‹ ئۆلكىلىك قىزلار 2- ئوتتۇرا مەكتىپى ›› شۇ چاغدا شىنجاڭ بويىچە بىردىنبىر قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى ئىدى، بۇ مەكتەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرى ناھايىتى زور بولغان، مەكتەپتە بۇرھان شەھىدنىڭ خانىمى رەشىدە ئاپپاي، مۇدىر سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خانىمى ئايىم ئاپپاي مۇئاۋىن مۇدىر بولغان. 1950- يىلىدىن كېيىن ‹‹ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزلار 2- ئوتتۇرا مەكتىپى ›› دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.                                                                      

1953- يىلى ئۈرۈمچىنىڭ ئاساس مائارىپىدىكى كىشىلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان مائارىپ ئوچىقى بولغان بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ھۆرلىقا ئاپپاي، ئۆزىنىڭ تۇغما مائارىپچىغا خاس قابىلىيەت، خىسلەتلىرى ۋە توپلىغان تەجرىبە، ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ، ئۇزاققا قالماي مەكتەپتىكى ئەڭ قابىل ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە تونۇلغان، بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە بېغىشلىغان بۇ ياش ئوقۇتقۇچى شۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ مائارىپ سېپىدىكى چولپان بولۇپ قالغان، كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا قايىللىق نەزەرى بىلەن قاراشقان، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭغا سۆيۈنۈش نەزەرى بىلەن بېقىشقان، يۈزلىگەن ئاتا ـ ئانىلار ئۇنىڭغا مەمنۇنىيەت نەزەرى بىلەن تىكىلگەن، كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىغان بۇ ياش مۇئەللىم ئۆزىنىڭ نەتىجە ـ ئۇتۇقلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى، باشقىلىرىنى دېمىگەندىمۇ ئىنىستىتۇتتا ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلگەندە بىرى تۆت ياشقا، يەنە بىرى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن ئىككى ئوغلىنى بېقىپ ئىللىق ئائىلىسىنى سوۋۇتماي ئۈچ يىل ئالىي مەكتەپتە بىيو ـ خىمىيە ئۆگىنىش ئىنتايىن جاسارەتلىك ھەم پاراسەتلىك، شۇنداقلا يۈكسەك غايىگە ئىگە قىزلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.                                       

1956- يىلىدىن 1959- يىلىغىچە، يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزلار ئوتتۇرا 2- مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ نامىدا يېڭىدىن تەشكىللىنىپ، ئوغۇل ـ قىزلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگىچە بولغان 14 يىلدىمۇ بۇ مەكتەپتىمۇ 1000 دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەن، بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كېيىنكى كۈنلەردە جەمئىيەت سەرخىللىرى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق ـ قۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا قاسىم، خىمىيە 1- تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ماھىنۇر ئابدۇللا، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانىسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئالىي دىكتورى رۇقىيە ھاجى ۋە تۇرسۇنئاي ساقىم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى سادەت ئىمىن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىر  ۋىراچى دوكتور ئادالەت قاسىمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختورخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى زۇلپىيە خانبانا قاتارلىقلار بار.                                                          

مانا مۇشۇ سەرخىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى ھۆرلىقا ئاپپاي قاتارلىق سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىنى دائىم ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ھەم ھاياجان بىلەن تەرىپلىشىدۇ. مۇئەللىم، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا ھۆرلىقا ئاپپاي قاتارلىق قابىل ئوقۇتقۇچىلىرى كېلىدۇ.                                               

ھۆرلىقا ئاپپاي 1953- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە بولغان 33 يىللىق مائارىپچىلىق ھاياتى خەلقىمىزنىڭ سانسىزلىغان ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەشتەك ئەھمىيەتلىك خىزمەت بىلەن ئۆتكەن مەنىلىك ھايات، بۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئاساس مائارىپ ئىشلىرىدا ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئاۋانگارت ئوقۇتقۇچى، ئۇنىڭ ۋاپاتى سانسىزلىغان شاگىرتلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۈچۈنلا ئېغىر ماتەم ھېسابلىنىپ قالماستىن، مۇنەۋۋەر  مائارىپچىلارنى، پىشقان پېداگوكلارنى قەدىرلەيدىغان كەڭ ئاۋام ئۈچۈنمۇ بىر ئېغىر ماتەم. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر ماتەمكى، مىللىي مائارىپ ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا، مائارىپ ھەققىدىكى سورۇن سۆھبەتلەردە ھۆرلىقا ئاپپاينىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يېڭى مائارىپىنىڭ 2- ئەۋلاد ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاۋانگارت مائارىپچى ئىكەنلىكى دائىم دېگۈدەك قەيت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاساس مائارىپىغا سىڭدۈرگەن ئۆچمەس تۆھپىسى ھاياجان بىلەن تەرىپلىنىدۇ.                                          

مۇھەررىر : ئەسئەت مەسئۇدى

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى 


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 509 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-31