گيورگى مارگۋېلاشۋىلى



گيورگى مارگۋېلاشۋىلىگيورگى مارگۋېلاشۋىلى

گيورگى مارگۋېلاشۋىلى

ئېنگىلىزچە: Giorgi Margvelashvili

خەنزۇچە: 格奥尔基•马尔格韦拉什维利

گيورگى مارگۋېلاشۋىلى 1969-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى گرۇزىيە پايتەختى تىبلىستا تۇغۇلغان، 1992-يىلى گرۇزىيە تىبلىس دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ۋېنگىرىيە بۇداپىشىتى ئوتتۇرا ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىئولوگىيە ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن ((1993-1994) ھەمدە 1998-يىلى تىبلىس دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

مارگۋېلاشۋىلى گرۇزىيەنىڭ ئوبزورچىسى، سىياسىئونى بولۇپ، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە،  بىدزىنا ئىۋانىشۋىلى (Bidzina Ivanishvili) رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابىنېتتا گرۇزىيە مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرى بولغان. 2013-يىلى 2-ئايدا گرۇزىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بولغان. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىۋانىشۋىلى رەھبەرلىكىدىكى  گرۇزىيە چۈش ئىتتىپاقى (Georgian Dream coalition) ئىتتىپاقى مارگۋېلاشۋىلىنى 2013-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گرۇزىيە پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتىغا كۆرسەتكەن. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گرۇزىيە پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ پرېزىدېنتلىققا سايلانغان. گرۇزىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان %90 تىن يۇقىرى سايلام رايونىدىكى بېلەتنى ئىستاتىستىكىلىشىچە، گيورگى مارگۋېلاشۋىلى %62 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، سايلامدا غەلبە قىلغان.

مارگۋېلاشۋىلى تاكى 2013-يىلغىچە توي قىلمىغان، مۇخبىرلارغا شەخسىي تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: ۋىكىپېدىيە

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 426 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-29