مانموخان سىنگى



مامونخان سىنىگىمامونخان سىنىگى


مانموخان سىنگى

ئىنگلىزچە: Manmohan Singh

خەنزۇچە: 曼莫汉·辛格

دىنى: شىك دىنى مۇرىتى

 

مانموخان سىنگى 1932-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ھىندىستان تەۋەلىكىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، ھىندىستاننىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىئونى، كونگرېس پارتىيىسىنىڭ مەرتىۋىلىك پېشقەدەم ئەربابى. نۆۋەتتىكى ھىندىستان باش مىنىستىرى.

قىسقىچە تارىخى

1957-يىلىدىن 1965-يىلغىچە پەنجاب ئۇنىۋېرىسىتېتى (ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى چاندىگار شەھرىگە جايلاشقان) دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 1969-يىلدىن 1971-يىلغىچە دېھلى ئۇنىۋېرىسىتېتى ئىقتىساد ئىنىستىتوتىدا خەلقئارا سودا پرافېسسورلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1996-يىلى پەخرىي پرافېسسور شان-شەرىپىگە ئېرىشكەن؛ 1971-يىلدىن 1972-يىلىغىچە ھىندىستاننىڭ تاشقى سودا مىنىستىرلىكنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ 1972-يىلىدىن 1976-يىلغىچە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ 1976-يىلى (يېڭى دېھلى) ماخاتما گەندى ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پەخرىي پرافېسسورى بولغان؛ 1976-يىلىدىن 1980-يىلغىچە ھىندىستان زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى، قوشۇمچە ھىندىستان زاپاس پۇل بانكىسىنىڭ ۋە ئوقەتچىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇدىرى ھەمدە ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن؛ 1985-يىلدىن 1987-يىلغىچە ھىندىستان پىلانلاش كومېتىتىنىڭ  ئىجرائىيە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، 1990-يىلىدىن 1991-يىلغىچە ھىندىستان باش مىنىستىر  خوجىلىق ئىشلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1991يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى ئومۇملاشتۇرغان، ھىندىستاننىڭ ئىلگىرىكى پىلانلىق ئىگىلىك يولىدىن ۋاز كېچىپ، بازار ئىگىلىكىگە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2004-يىلى 5-ئايدا ھىندىستان كونگرېس پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق كۈتۈلمىگەن يەردىن سايلامدا غەلبە قازانغاندىن كېيىن، خەلق ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كونگرېس پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سونىيە گەندى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان چاغدا، سونىيە گەندى چەتئەلدە تۇغۇلغانلىقى سەۋەپلىك 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى رەت قىلدى ھەمدە سابىق مالىيە مىنىستىرى سىنگىنى ۋەزىپە ئۆتەشكە تەۋسىيە قىلدى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سونىيە گەندى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى، كونگرېس پارتىيىسىنىڭ پېشقەدەم ئەربابى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى مامونخان سىنگى 5-ئاينىڭ  22-كۈنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ شىك دىنى مۇرىتىدىن بولغان تۇنجى ھىندىستان باش مىنىستىرىغا ئايلاندى.

2009-يىلىدىكى سايلامدا، كونگرېس پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق يەنە بىر قېتىم غەلبىگە ئېرىشىپ، ئۇدا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇردى، سىنگى يەنە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتىدى،ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2014-يىلغىچە بولىدۇ.

مەنبە: ۋېكىپىدىيە

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 932 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-12-21