IBM ھەققىدە



دەرىجىدىن تاشقىرى تېخنىكا ئىمپېرىيىسى (IBM) ۋە ئۇنىڭ

تېخنىكا يۆلىنىشى ھەققىدە


    كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى شىددەتلىك ئىلگىرلىشىگە تۈرۈتكە بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە سىز مەيلى  جان بېقىشنى مەيلى نام چىقىرىش ۋە  مەيلى مىللەت ياكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاز-تولا خەيرىلىك خىزمەت قىلىش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق مەقسەتتە بۇ كەسىپكە ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ياكى قىزىقسىڭىز، مەزكۇر ساھەنىڭ دۇنيادىكى ئومۇمى ئەھۋالىنى شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى گىگانىتلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشىڭىزمۇ  ئەقەللى بىر قائىدە ئەلۋەتتە، بولۇپمۇ سىز تېخىمۇ شۇنداق!!!

  دەل شۇ مەقسەتتە بۇكەسىپ ھەققىدە ئاز-تولا  ماتىريال مالتىلاپ بېقىۋىدىم، پايدىلىنىش قىممىتى بار ئېسىل ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالدىم. تۆۋەندە بىز شۇ ھاسىلات بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ قەدىمى، ئەڭ باي IT شىركىتى IBM ۋە ئۇنىڭ  تېخنىكا يۆلىنىشى ھەققىدە توختىلىمىز.

  بىز توختالماقچى بولغان مەزكۇر شىركەت ( International Business Machines CorporationIBM  دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تەتقىقات-سودا-ئىلىكتىرون تېخنىكا شىركىتى بۇ ساھەنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە IBM نىڭ ئىزناسى بار دىسەك ھەرگىز ئاشۇرىۋەتكەن ھىسابلانمايمىز. شۇنداقتىمۇ  مەزكۇر شىركەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كەسىپ يۆلىنىشى ھەربى سانائەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. IBM ئامېركا  ۋە ئىسرائىلىيەنىڭلا ئەمەس دۇنيادىكى نۇرغۇن تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە باشقا ھەربىي سانائەتلىرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزلا مەزكۇر شىركەتنىڭ قانچىلىك زور تەسىر دائىرىگە ۋە ئەمەلى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن كۇپايە. تۆۋەندە بىز  شىركەتنىڭ بىرقىسىم  ئورگان ئۇچۇرلىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى .

  شىركەتنىڭ تولۇق ئاتىلىشى : خەلقئارالىق سودا ماشىنىسى (International Business Machines Corporation) ئۇدۇل تەرجىمە.   

  شىركەت ئادىرسى : ئامېركا نىيۇ-يورك شەھىرى .

  قۇرۇلغان  ۋاقتى : 1911- يىلى

  شىركەت قۇرغۇچىللىرى : Tomaswaston & Charles Ranlett Flint

  شىركەت  سانائىتى : كومپيۇتېر يۇمشاق دىتال ، قاتتىق دىتاللىرى ، IT مۇلازىمىتى ،   خەلقئارالىق ماشىنا مۇلازىمىتى

  كەسىپ لىنىيىسى : ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى.

 شىركەت خاراكتىرى : خەلقئارالىق شىركەت   

 شىركەت  شۇئارى : قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتەيلى!

 شىركەتنىڭ يىللىق كىرىمى : 106 مىليارد 916مىليون ئامېرىكا دوللىرى (2011-يىلىدىكىسى).      

 خىزمەتچى سانى : 399 مىڭ 409 كىشى

شىركەت لىدىرى : VirginiaRometty            

  نۆۋەتتە بىز IBM توغۇرلۇق  مۇشۇنچىلىك ئۇچۇرلار بىلەن چەكلىنىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۇق. ھالبۇكى كومپيۇتېر تارىخىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى ۋاقىتلىرىنى تىلغا ئالساقمۇ يەنىلا  IBM نىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇشى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي ئىشلار سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى ياكى باشقا ھەربى سانائەت ئىشلىرىدا يەنىلا IBM نىڭ ئەڭ مۇھىم رول ئوينىشى، گەرچە قۇرۇلغىنىغا بىر ئەسىر بولۇپ قالغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچە ئىزچىل تەرەققى قىلىشى ئۇننىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان ۋە يارىتىۋاتىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا كومپىيۇتېرنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرسەكمۇ IT ساھەسىدە بىر 100 يىللىق شىركەتنىڭ بولۇشى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىر ئىش.

   ئەلۋەتتە IBM توغرىسىدا بۇنچە جىق توختىلىشىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن مىسىلسىز تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنىلا بىلدۈرمەيدۇ. ئەگەر تېمىدىن چەتنەپ كېتىش خەۋپى بولمىسا IBM نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قاتىل ئارمىيەلەر ئۈچۈن قانچىلىك زور  تېخنىكىلىق ياردەملەرنى قىلغانلىقى ھەربىر IBM مەھسۇلاتىنىڭ ئونمىڭلارچە ئىنساننىڭ قىنى بەدىلىگە سىناقتىن ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈستىدىكىدىنمۇ ئەتراپلىق توختالغان  بولاتتىم.


پايدىلانغان مەنبەلەر: ۋىكىپىدىيە (Wikipedea.com)، گوگىل ۋە باشقا ئىزدەش ماتورلىرى …

 ئىزھات:  يۇقارقى پارچىدە تىلغا ئېلىنىغان ماشىنا ئىلىكتىرونلۇق سانائەتتىكى ئەقلى ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛  <=(information tecnologey) IT ئۇچۇرتېىخنىكىسى



مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 271 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2014-01-07