قەيس ئىبنى سەئىد ئىبنى ئۇببادە

گەرچە ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ ئەنسارلار ئۇنىڭغا خۇددى بىر پېشقەدەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلار دائىم: «ئەگەر پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىمىزنى خەجلەپ ئۇنىڭغا ساقال سېتىۋالالىغان بولساق چوقۇم شۇنداق قىلاتتۇق» دېيىشەتتى، چۈنكى ئۇ كوسا (ساقالسىز) بولۇپ قەۋمىنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى بويىچە ئېيتقاندا ئۇنىڭغا پېشقەدەملىك سۈپەتلىرىدىن پەقەت ئەرلەر يۈزلىرىگە تاجىغا ئوخشاش قىسىدىغان ساقاللا كەم ئىدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئۇنىڭ ئىچكى ئۇلۇغلۇقى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى پېشۋالىقى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈزىگە ساقال ئۈندۈرۈش بەدىلىگە مال-مۈلۈكلىرىدىن ۋاز كېچىشكە رازى بولۇشقان بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سېخىيلىق بۇ ئائىلىنىڭ خىسلىتىدۇر» دەپ ماختىغان، ئەرەب ئائىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي، ئەڭ جەمەتلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان قەيس ئىبنى سەئىد ئىبنى ئۇببادەدىن ئىبارەت. ئۆزى توغرىسىدا: «ئىسلام بولمىغان بولسا مەن ئەرەبلەر بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ھىيلە ئىشلەتكەن بولاتتىم» دېگەن بۇ كىشى ناھايىتى دانا بولۇپ، چارە-تەدبىر، ماھارەت، زېرەكلىك دېگەنلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېشىپ تۇراتتى، چۈنكى ئۇ زېھنى ئۆتكۈر، چارە-تەدبىرلىرى كۆپ، ئەقىل-پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
«سىففين» ئۇرۇشى بولغان كۈنى ئۇ ئەلى بىلەن بىرگە مۇئاۋىيەگە قارشى تۇرغان ئىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ مۇئاۋىيە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى بىر ياكى بىر قانچە كۈندىلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان ھىيلە-نەيرەڭلەرنى پىلانلاپ چىقاتتى، لېكىن ئۇ سەزگۈرلۈكىدىن ئېتىلىپ چىققان بۇ نەيرەڭلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئۇنىڭ خەتەرلىك، يامان ئىكەنلىكىنى بايقايتتى ۋە ئاللاھنىڭ «ھىيلە-مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ» دېگەن ئايىتىنى ياد ئېتىپ، «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇئاۋىيە بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن غەلبە قىلسا شەكسىزكى، ئۇ دانالىق بىلەن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئېھتىياتچانلىقىمىز ۋە تەقۋادارلىقىمىزدىن غەلبە قىلغان بولىدۇ» دېگەن ھالەتتە ھىيلە-مىكىرلىرىنى دەرھال ئىنكار قىلاتتى ۋە ئاللاھتىن ئىستىغپار تىلەيتتى. ئۇلۇغ كاتتىباشلار ئائىلىسىدىن چىققان بۇ «خەزرەج» قەبىلىسىدىن بولغان ئەنسارى ئېسىل ئەخلاقلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس ئالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ بىز تەرجىمىھالىنى كېيىن بايان قىلىدىغان سەئىد ئىبنى ئۇببادەنىڭ ئوغلى، يەنى خەزرەج قەبىلىسىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى سەئىد مۇسۇلمان بولغان چاغدا، ئۇ ئوغلى قەيسنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئېلىپ بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بۇ بالامنى سىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىشقا بېرەي» دېگەن ھالدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىكى ئۈستۈنلۈك ۋە ياخشىلىقنىڭ بارلىق ئىزنالىرىنى كۆرۈپ ئۇنى يېنىدىن ئايرىمىغان، كېيىن ئۇ يەنە داۋاملىق شۇ يېقىنلىق دەرىجىسىنى ساقلاپ قېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىزچىل تۈردە خىزمەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «قەيس ئىبنى سەئىد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەتەن خۇددى پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان ساقچىغا ئوخشاش ئىدى».
مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئالدىدا قەيس كىشىلەرگە ھىيلە بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئۇلار بۇنى كۆتۈرەلمەيتتى، مەدىنە ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەم ئۇنى ھىيلىگەر دەپ ئېتىراپ قىلىشاتتى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلام ئۇنىڭغا كىشىلەرگە ھىيلىگەرلىك بىلەن ئەمەس بەلكى ئىخلاسمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەتتى، ئۇ ئىسلامغا ۋاپادار ئوغۇل بولغاچقا ھىيلىگەرلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئەمدى ئۇنداق قاقشاتقۇچ ھىيلە-مىكىر توقۇمايدىغان بولغان ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە، ئۆزىنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى سېغىنىپ «ئىسلام بولمىغان بولسا ئەرەبلەر بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن بولاتتىم» دېگەن مەشھۇر سۆزنى تەكرارلايتتى. ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى ئىچىدە سېخىيلىقتىن باشقا ئۇنىڭ دانالىقىنى بېسىپ چۈشىدىغان يەنە بىر خىسلىتى يوق ئىدى. قەيس خەير-ساخاۋەتتە قەدىمى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا سېخىيلىقتىن ئىبارەت بۇ خىسلەت ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۈزەكى نەرسە ئەمەس ئىدى. قەيس ئائىلىسىنىڭ ئەينى زاماندىكى سېخىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە كۈندۈزى يېقىن ئەتراپتىكى ئېگىزلىككە چىقىپ خالىغان مېھمانلارنى تاماققا چاقىرىدىغان، كېچىسى ئوت ياندۇرۇپ كېچىدە يۈرگۈچىلەرنى جەلپ قىلىپ زىياپەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسى بار ئىدى، كىشىلەر «كىمكى گۆش-ياغ يەيمەن دېسە دۇلەيم ئىبنى ھارىسەنىڭ ئۆتىڭىگە بارسۇن» دېيىشەتتى، دۇلەيم ئىبنى ھارىسە بولسا قەيسنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ئىدى. مانا مۇشۇنداق يىلتىزلىق ئائىلىدە قەيسكە سېخىيلىق ۋە كەڭ قورساقلىق خىسلەتلىرى سىڭدۈرۈلگەن ئىدى.
بىر كۈنى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر ئۇنىڭ سېخىيلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ: «ئەگەر بۇ يىگىتنى سېخىيلىققا قويۇپ بەرسەك، دادىسىنىڭ بارلىق مال-مۈلۈكىنى تۈگىتىۋەتكۈدەك» دېيىشكەن بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ: «ئوغلۇمنى بېخىلىققا ئۈندەپ مېنى ئەبۇ قۇھافە بىلەن ئىبنى خەتتابدىن توسماقچى بولغان كىم ئۇ؟» دەپ ۋارقىرىغان. بىر كۈنى قەيس قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ بىرىگە زور مىقداردا قەرز بېرىپ تۇرغان، ھېلىقى ئادەم ئالدىن دېيىشكەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قەرزنى قايتۇرۇپ بەرگەندە ئۇ: «بىز بەرگەن نەرسىنى قايتۇرىۋالالمايمىز» دەپ ئالغىلى ئۇنىمىغان. ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا سېخىيلىق بىلەن باتۇرلۇق بىرگە بولۇشتەك بىر خىل ئۆزگەرمەس خۇسۇسىيەت بار. توغرا، ھەقىقىي سېخىيلىق بىلەن ھەقىقىي باتۇرلۇق قوشكېزەك بولۇپ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەگەر سىز بىرەر ئادەمدە سېخيلىقنى بايقاپ باتۇرلۇقنى بايقىمىسىڭىز، بۇنى سىز سېخىيلىق ئەمەس، بەلكى مەغرۇرلۇق ۋە نام-شۆھرەتكە بېرىلىشنىڭ ساختا ۋە مەنىسىز كۆرۈنۈشىدۇر دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىز باتۇرلۇقنى بايقاپ سېخىيلىقنى بايقىمىسىڭىز بۇنى سىز باتۇرلۇق ئەمەس، بەلكى چىرىكلىك ۋە تەنتەكلىكنىڭ قىسقىغىنا ئۇرغۇشى دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. قەيس ئىبنى سەئىد ئوڭ قولى بىلەن سېخىيلىقنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە شۇ قولى بىلەن باتۇرلۇق بىلەن شىجائەتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قاتناشقان ھەممە غازاتلاردا ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قاتناشقان غازاتلاردىمۇ ئۇ بۇ خىل باتۇرلۇقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ھىيلە-مىكىرنىڭ ئورنىغا سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلغان، قۇۋلۇق، ئۇستاتلىقنىڭ ئورنىغا ئەينەنلىك ۋە يۈزمۇ-يۈز تاقابىل تۇرۇشنى ۋاستە قىلغان باتۇرلۇق شۇ كىشىگە كۆپ قىيىنچىلىق ۋە خاپىچىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ، قەيس ئادەتتىن تاشقىرى ھىيلىگەرلىكنى تاشلاپ سەمىمىيلىك ۋە ئەينەنلىكنىڭ ئاساسىدىكى باتۇرلۇقنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەندىن باشلاپ شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خاپىلىقلارنى قاقشىماستىن ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ھەقىقىي باتۇرلۇق ئۆزىگە سادىق بولۇش ۋە ھەقىقەتكە ئىخلاس قىلىشتىن كېلىدۇ. مانا قارايدىغان بولساق، ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە قەيس خىلۋەتتە ئولتۇرۇپ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك ھەقىقەتنى ئىزدەيدۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەلى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئەلى تەرەپتە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە باتۇرلۇقىنى نامايەن قىلىدۇ. «سىففين» «جەمەل» ۋە «نەھرەۋان» ئۇرۇشلىرىدا قەيس بۇ ئۇرۇشلاردىكى باتۇر قەھرىمانلارنىڭ بىرى بولغان ئىدى. كېيىن ئىمام ئەلى مىسىرغا ۋالىي قىلىپ قويدى.
مۇئاۋىيە ئۇزۇندىن مىسىرگە كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ئۇنى كەلگۈسى تاجىدىكى قىممەتلىك گۆھەر دەپ بىلەتتى. قەيس بۇ يۇرتنىڭ ۋالىيلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساراڭلىقى تۇتۇپ، گەرچە ئۇ ئىمام ئەلى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان تەقدىردىمۇ قەيسنىڭ ئۆزىنىڭ مىسىرغا ۋالىي بولۇش ئىشىغا مەڭگۈ توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ پۈتۈن ئۇستىلىقنى ئىشقا سېلىپ ئەلىنىڭ ئالدىدا قەيسكە قارشى ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشكە باشلىدى، ئاخىرى ئىمام ئەلى ئۇنى مىسىردىن چاقىرىپ ئېلىپ كەلدى. قەيس قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھوشيارلىقى ۋە دانالىقىنى قانۇنلۇق ئىشلىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ئۇ سەزگۈلۈكى بىلەن مۇئاۋىيە ئۇنى ئەلىگە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ ئۆزىگە مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئەلىگە بولغان دوستلۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئاۋىيەگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەلى ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ھەقىقەتكە مايىللىشىشتىن ئىبارەت دەپ تونۇدى.
شۇنداق قىلىپ ئەلى مېنى مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىدىن قالدۇرىۋەتتى دەپ ئازىراقمۇ ئاغرىنىپ باقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قارشىسىدا ۋالىيلىق، ئەمىرلىك ۋە مەنسەپ-ئەمەل دېگەنلىك ھەممىسى ئەقىدىسى ۋە دىنىغا خىزمەت قىلىدىغان قوراللاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ مىسىرغا ۋالىي بولۇشى ھەقىقەتكە خىزمەت قىلىشنىڭ بىر ۋاستىسى بولسا، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئەلى بىلەن بىرگە تۇرۇشىمۇ ئەلۋەتتە ئەھمىيەت جەھەتتە ئۇنىڭدىن ھەرگىز قېلىشمايدىغان ۋاستە ئىدى. ئەلى شەھىد بولۇپ، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ئىخلاسمەنلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىدۇ، ئۇ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىمام ئەلىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەتەرلەرگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئۇنى قوللايدۇ. مۇئاۋىيە ئۇلارنى قىلىچلىرىنى بىلەشكە مەجبۇرلىغان چاغدا قەيس ئىمام ئەلىگە قارىلىق تۇتۇش ئۈچۈن بەش مىڭ ئادەمنىڭ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ مەيدانغا چىقىدۇ، ئەمما ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھالاكەتلىك ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ كونا يارىسىغا مەلھەم سۈرۈش ئۈچۈن مۇئاۋىيە بىلەن ئىتىپاق تۈزىدۇ، لېكىن قەيس قايتا-قايتا تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ھەسەننىڭ ئەيبى قانچە توغرا بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قاراپ ئۇلارنى يىغىپ: «خالىساڭلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە باتۇرلۇق كۆرسىتىمەن، بۇ چاغدا ئالدىرىغانلار جېنىڭلاردىن ئايرىلىسىلەر، خالىساڭلار سىلەرگە تىنچلىق بېرىمەن، دەيدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئىككىنچى يولنى تاللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەقدىرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ كۈچلۈك دۈشمىنىدىن ئۆزىگە ئاراملىق بەرگەنلىكىدىن كۆڭلى خۇشاللىققا چۆمگەن مۇئاۋىيەدىن ئۇلارغا تىنچلىق بېرىدۇ.
ئىسلام دىنى ھىيلىگەرلىكنى ياۋاشلاتقان بۇ كىشى ھىجرىيەنىڭ 59-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردە ۋاپات بولىدۇ، «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىيلە-مىكىر، ئالدامچىلىق، دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان بولسام ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ مەككار ئۈممىتى مەن بولاتتىم» دېگەن بۇ «ھىيلىگەر» ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ھاياتلىقتا راستچىل، ئوچۇق، سادىق، سېخىي، باتۇر بىر ئەرنىڭ سىماسىنى قالدۇرۇپ خاتىرجەم ھالدا دۇنيادىن كېتىدۇ. توغرا، ئىسلامغا ئالاقىدار بولغان ھەر قانداق بىر ئىشقا نىسبەتەن چەكسىز ۋاپادارلىق قىلىدىغان بىر ئەرنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 685 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-11