ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد

ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەرقەم» نىڭ ئۆيىگە بېرىپ دىنى تەلىماتنى باشلاشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمان بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئالتىنچىسى بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى تېگىل بولسۇن! ئۇنداقتا ئۇ ئىسلامنى بۇرۇن قوبۇل قىلغانلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن ۋاقتىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ چاغدا يېڭىدىن بۇرۇتۇم خەت تارتقان يىگىت بولۇپ، ئۇقبە ئىبنى ئەبى مۇئيتنىڭ قويلىرىنى بېقىۋاتاتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇبەكرى يېنىمغا كېلىپ: «ئى يىگىت، بىز ئىچكۈدەك سۈتۈڭ بارمۇ؟» دېدى مەن «بۇ قويلار باشقىلارنىڭ ئامانىتى، سىلەرگە سۈت بېرەلمەيمەن» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا قويۇڭنىڭ ئارىسىدا قوچقارغا قويمىغان يىللىق ساغلىق بارمۇ؟» دېدى، مەن «بار» دەپ ساغلىقنى تۇتۇپ ئېلىپ كەلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساغلىقنى باغلاپ قويۇپ يېلىنىنى سىلاپ ئاللاھقا دۇئا قىلدى، بۇ چاغدا بىردەمدىلا يېلىنىغا سۈت كەلدى، ئاندىن كېيىن ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا ئوتتۇرى ئويمانلىشىپ كەتكەن بىر تاشنى ئېلىپ كېلىۋىدى سۈتنى ئۇنىڭغا ساغدى، ئەبۇبەكرى، كېيىن مەن ئۇ سۈتتىن ئىچتۇق، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېلىنغا قاراپ: «يىغىل» دېۋىدى، يىغىلىپ ئۆز ئەسلىگە قايتتى، ئۇ ئىشلاردىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: «بۇ سۆزنى ماڭىمۇ ئۆگىتىپ قويسىلا» دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سىز ئۆگىتىلىسىز» دېدى». دېمەك، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىشەنچلىك پەيغەمبىرىنىڭ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ تېخى سۈت بېرىش شارائىتى بولمىغان، يېلىننى سىلىغاندىن كېيىن دەرھاللا ئىچىدىغانلارغا ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە رىزقىدىن ئىچىشلىك، ساپ سۈت بېرىشنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا تېخى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاددىي مۆجىزە كۆرىۋاتقانلىقىنى، پات يېقىندىلا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ ھىدايەت ۋە نۇرغا توشقۇزىدىغان مۆجىزىلىرىنى كۆرۈدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. بەلكى شۇ چاغدا ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئيتنىڭ قويلىرىنى باقىدىغان ئاجىز، كەمبەغەل مەدىكار بولغان ئۆزىنىڭ، ئىسلام دىنى ئۇنى چىن ئىمانى بىلەن قۇرەيشنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، كاتتىباشلىرىنىڭ زومىگەرلىكىنى مەغلۇب قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئاشۇ مۆجىزىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىدى.
مانا مەككە چوڭلىرىدىن بىرەرسى ئولتۇرۇپ قالغان سورۇننىڭ يېنىدىن يەرگە قارىماي، قەدەملىرىنى ئاستىلاتماي ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ يىگىت مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كەبىنىڭ يېنىدىكى چوڭلار ۋە قۇرەيشنىڭ پۈتۈن كاتتىباشلىرى يىغىلىپ ئولتۇرۇشقان سورۇنغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىدا ئۆرە تۇرۇپ كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ئاللاھنىڭ قۇرئانىنى تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ: «مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىفزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى) ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى، كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرۇجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ. ئوت-چۆپلەر، دەل-دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ)». ئۇ داۋاملىق قىرائەت قىلىدۇ، بۇ چاغدا قۇرەيشنىڭ داھىيلىرى دەھشەتلىنىپ كۆرۈۋاتقان كۆزلىرى، ئاڭلاۋاتقان قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي قالىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرىغا مۇش تەڭلاۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ ئۆزلىرى ئىچىدىكى بىر چاكار، چوڭلىرىدىن بىرىنىڭ قويىنى باقىدىغان بىر قويچى، ئەرزىمەس يالاڭتۆش ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەردىن بىرەرسى بۇ ئۆزگىچە كۆرۈنۈشنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ بولسا زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسا، مەككىدە قۇرئاننى ئەڭ دەسلەپ ئۈنلۈك جاكارلىغان كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇشقان ئىدى، ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قۇرەيشلەر بۇ قۇرئاننى پەقەت ئۈنلۈك ئاڭلاپ باقمىدى، ئاراڭلاردىن كىم ئۇنى ئۈنلۈك تىلاۋەت قىلىپ ئۇلارغا ئاڭلىتىدۇ؟ دېدى. بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد: مەن ئاڭلىتاي دەپ جاۋاب بەردى، ئۇلار: ئۇلارنىڭ ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا يامان نىيەت بولسا توسۇپ قالالىغۇدەك جەمەتلىك بىر ئادەمنى ئەۋەتەيلى دېيىشىدۇ، ئۇ: شۈبھىسىزكى ئاللاھ مېنى توسۇپ قالىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەتىسى ئەتتىگەندە مېڭىپ چاي ۋاقتىغا ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈنكى سورۇن تۈزگەن يېرىگە بارىدۇ، قارىسا قۇرەيشلەر ئۇ يەردە ئولتۇرۇشقان ئىكەن، ئۇ شۇ يەردە ئۆرە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «بىسمىللاھىر-رەھمانىر-رەھىيم» (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) دېگەندىن كېيىن ئۇلارغا قاراپ: «مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى» دەپ تىلاۋەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار ئويلانغاچ: «ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ ئۇ مۇھەممەدكە نازىل بولغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇۋاتىدىغۇ؟ دېيىشىدۇ ۋە ھەممىسى بىراقلا يوپۇرلۇپ بېرىپ ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇشقا باشلايدۇ، ئەمما ئۇ قىرائەتنى ئاللاھ توختاشنى خالىغان يەرگىچە داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ، ئاندىن كېيىن يۈزلىرى، بەدەنلىرى يارىلانغان ھالدا ساھابىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز سېنىڭ مۇشۇنداق بولۇشۇڭدىن ئەنسىرەيتتۇق دېيىشىدۇ، ئەمما ئۇ: «دۈشمەنلەرنىڭ كارايىتى چاغلىق، ئەگەر خالىساڭلار، ئەتىمۇ يەنە بارىمەن دەيدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار: ئۇلار ياقتۇرمايدىغان قۇرئاننى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ بولدۇڭ دەيدۇ».
توغرا، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد تۇيۇقسىز، ۋاقتىدىن بۇرۇن سۈتكە تولغان يېلىننى كۆرگەن چېغىدا، ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش كەمبەغەللەر، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن قۇياش نۇرىنى، كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى بېسىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە خىزمەت كۆرسەتكەن كۈنىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدى. بۇ كۈنگە ئاز قالغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن ئىدى. لېكىن بۇ كۈن تېزلا يېتىپ كېلىپ كەمبەغەل، ئاتاقسىز چاكار يىگىت مۆجىزىلەر ئىچىدىكى مۆجىزىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ ھايات قاينىمىدىلا ئەمەس، ھەتتا ھايات قاينىمىدىن يىراق يەردىمۇ كىشىنىڭ كۆزىگە چېلىقمايتتى. ئۇنىڭ نە ئىقتىسادى، نە جىسمانىي، نە ئابرۇي جەھەتتە ئورنى يوق ئىدى. مال-مۈلكى تېخى يوق، تېنى تېخى ئورۇق، يۈزى تېخى تۆۋەن ئىدى. لېكىن ئىسلام دىنى ئۇنىڭغا كەمبەغەللىكنىڭ ئورنىغا كىسرانىڭ خەزىنىلىرى ۋە قەيسەرنىڭ كانلىرىدىنمۇ كۆپ مال-مۈلۈك، جىسمانىي ئاجىزلىقىنىڭ ئورنىغا زومىگەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ تارىخنىڭ رەپتارىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك كۈچلۈك ئىرادە، ئابرۇي يوقلىقىنىڭ ئورنىغا تارىختىكى ئالىملارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدىغان ئىلىم-ھېكمەت، شان-شەرەپ ۋە ئۆلمەس نام-ئاتاق ئاتا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەققىدە: «سىز ئۆگىتىلىسىز» دەپ خەۋەر بەرگىنىدەك، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆگەتتى، نەتىجىدە ئۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ فىقھى ئالىمى، پۈتۈن قارىلارنىڭ سۇلتانىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن 70 سۈرە ئۆگەندىم، بۇنىڭدا ھېچكىم ماڭا يېتىشەلمەيدۇ». خۇددى ئاللاھ ئۇنىڭ ئېزىلىش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك يىللىرىدىمۇ قۇرئاننى ئۈنلۈك جاكارلاپ ئۇنى مەككىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىتىش يولىدا ھاياتىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىشىشىغا تەۋەككۈل قىلغانلىقىغا مۇكاپات بېرىشنى ئىرادە قىلغاندەك، ئۇنىڭغا قۇرئاننىڭ لەۋزىنى ئاجايىپ تىلاۋەت قىلىش، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇپ: «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتۇڭلار» دەيتتى. ئۇلارغا ئۇنىڭ قىرائىتىگە تەقلىد قىلىشنى، ئۇنىڭدىن قۇرئاننى قانداق تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلاتتى، ئۇ مۇنداق دەيتتى: «كىمكى قۇرئاننى خۇددى نازىل قىلىنغان ۋاقتىدىكىدەك ئۆز ئەينى قىرائەت قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتەك قىرائەت قىلسۇن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزەلدىن قۇرئاننى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى.
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: «ئى ئابدۇللاھ، ماڭا قىرائەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئابدۇللاھ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، قۇرئان سىلىگە نازىل قىلىنغان تۇرسا، سىلىگە مەن قىرائەت قىلىپ بېرەمدىمەن؟» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مەن قۇرئاننى باشقىلاردىن ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد «سۈرە نىسا» دىن قىرائەت قىلىپ باشلاپ: «بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشنى (يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ» دېگەن يەرگە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يىغا بېسىۋېلىپ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقتى ۋە قولى بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدقا: «بولدى، بولدى، ئى ئىبنى مەسئۇد» دېگەن مەنادا ئىشارە قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نېمىتى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاندىن قانداق بىر ئايەت نازىل بولسا مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن نازىل بولغانلىقىنى بىلىمەن، ھېچكىم ئاللاھنىڭ كىتابىنى مەندىن ياخشىراق بىلمەيدۇ، ئەگەر تۆگە بىلەن بارىدىغان يىراق يەردە بىرەر ئادەم ئاللاھنىڭ كىتابىنى مەندىن ئوبدانراق بىلسە مەن چوقۇم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، بولمىسا مەن ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ھېسابلانمايمەن». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقان. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ توغرىسىدا سۆزلەپ «ئۇنىڭ ئىچى فىقھى ئىلمىگە توشۇپ كەتكەن» دەيدۇ. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردا بۇ ئالىم بار يەردە مەندە ھېچ ئىش سورىماڭلار، ئۇ قۇرئان فىقھى ئىلمىدە تالانت ئىگىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى پەرھىزكارلىق ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتىمۇ يۇقىرى ئورۇن تۇتاتتى.
ھۈزەيفە ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھىدايەتكە باشلىشى، گەپ-سۆزلىرى جەھەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇددىن بەكراق ئوخشايدىغان يەنە بىر ئادەمنى كۆرمىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلىملىك ساھابىلىرى ئۇنى ئاللاھقا بەك يېقىن دەپ قارايدۇ» بىر كۈنى بىر توپ ساھابە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ (ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسۇن) نىڭ يېنىغا يىغىلىپ ئۇنىڭغا: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىنمۇ ئەخلاقى گۈزەلرەك، ئۆگىتىشى سىلىقراق، سۆھبەتكە ماھىرراق، تەقۋادارلىقتا چىڭراق يەنە بىر ئادەمنى كۆرمىدۇق» دېدى. ئەلى: «سىلەرگە ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى، سۆزۈڭلار چىن قەلبىڭلاردىن چىققان چىن سۆزمۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «شۇنداق دېگەندىن كېيىن: «ئى ئاللاھ، مەن سېنى گۇۋاھچى قىلىمەن، ئى ئاللاھ مەنمۇ ئۇلار دېگەنگە ئوخشاش دەيمەن، بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق دېيىشىممۇ مۇمكىن، ئۇ قۇرئاننى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى ھالالنى ھالال دەپ، ھارامنى ھارام دەپ تونۇدى، ئۇ دىندا فىقھى، سۈننەتتە ئالىمدۇر» دەپ ئىلتىجا قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز توسۇپ قېلىنساق ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىناتتى، بىز غايىب بولساق ئۇ ھازىر بولاتتى». ئۇلار بۇ سۆزلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېچقايسىمىز ئېرىشەلمىگەن پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ، يەنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە باشقىلاردىن كۆپرەك كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك ھەمسۆھبەت بولالايدۇ، دېمەكچى ئىدى. دەرۋەقە ئۇ باشقىلاردىن سىرىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىرىنى بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا: «سىر ئىگىسى» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن پەقەت ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدلا بار ئىدى» دەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ تەقۋادارلىقى، ھوشيارلىقى ۋە روھىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن مۇسۇلمانلارغا مەسلىھەت سالماي بىرەرسىنى ئۇلارغا ئەمىر قىلماقچى بولسام، چوقۇم ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنى ئەمىر قىلغان بولاتتىم». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا «سىلەر ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتۇڭلار» دېگەن تەۋسىيىسى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. دېمەك، مۇشۇنداق ياخشى كۆرۈش بىلەن مۇشۇنداق ئىشىنىش ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە رۇخسەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ساھابىلىرىمۇ ئۇ توغرىسىدا: «بىز توسۇپ قېلىنساق ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىناتتى. بىز غايىب بولساق ئۇ ھازىر بولاتتى» دەيتتى. ئەمەلىيەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بۇ خىل ئىمتىيازغا لايىق ئىدى، گەرچە بۇنداق يېقىن مۇناسىۋەت ئارىدىكى تەكەللۇپلارنى يوقىتىۋېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئۇنىڭ ئەكسىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تېخىمۇ ئىززەتلەيدىغان، ئەيمىنىدىغان ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئېھتىمال ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنكى ھەدىس بايان قىلىش ھالىتى ئۇنىڭدىكى بۇ گۈزەل ئەخلاقنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسنى ئاز رىۋايەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ھەدىس بايان قىلماقچى بولۇپ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم» دەپ لەۋلىرىنى مىدىرلاتقان ھامان ئۇنتۇپ قېلىپ ھەرپ ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ جىددىيلىشىپ پۈتۈن بەدىنىگە تىتىرەك ئولىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ھادىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىشلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى.
ئەمىر ئىبنى مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىلەن بىر يىل ئارىلىشىپ ئۆتتۈم، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم، پەقەت بىر قېتىم ھەدىس بايان قىلماقچى بولۇپ، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن...» دېيىشىگىلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى، ھەتتا مەن ئۇنىڭ پېشانىلىرىدىن چىپ-چىپ تەر چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم». مەسرۇق ئابدۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىزگە ھەدىس بايان قىلماقچى بولۇپ، «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى...» دېگەن ھامان پۈتۈن بەدىنىگە تىتىرەك ئولىشىپ ھەتتا كىيىملىرىمۇ تىتىرەپ كەتكەن ئىدى». ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى ئەنە شۇنداق يۇقىرى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ تەقۋادارلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭ ھوشيارلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن باشقىلاردىن كۆپرەك بىرگە ياشىغان بولغاچقا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ قەدرىنى توغرا چۈشىنەتتى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەيلى ھايات بولسۇن ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسۇن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. ئۇ مەيلى سەپەردە ياكى ئۆيدە بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمىغان، پۈتۈن دىنى پائالىيەتلەر ۋە غازاتلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان، «بەدرى» ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ھالاك بولغان ئەبۇ جەھىلنى يوقىتىشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەلىپىلىرى ۋە ساھابىلىرى ئۇنىڭ قەدرىنى بىلىپ مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئۇنى كۇفىدىكى زاكات خەزىنىسىگە باشلىق قىلىپ قويغان ۋە ئۇنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن چاغدا شۇ يەرخەلقىگە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنى ئۆزۈمدىنمۇ ئەۋزەل بىلىپ سىلەرگە ئەۋەتتىم، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىپ ياخشى ئۆگىنىڭلار» دېگەن. كۇفە خەلقى ئۇنى ئەڭ چوڭقۇر ياخشى كۆرگەن، ھالبۇكى، ئۇلار جېدەلخور، تەرسا، تىنچسىز خەلق بولغاچقا ئۇلارنىڭ بىرەر ئادەمنى بۇنداق ياخشى كۆرۈشى مۆجىزىگە ئوخشاش ئىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى كۇفىدىن ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ: «بىز بىلەن بىرگە تۇرسىلا، سىرتقا چىقمىسلا، بىز ھەر قانداق يامانلىقتىن سىلىنى قوغدايمىز» دېگەن، لېكىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئۇلارغا ئۇنىڭ روھىيىتىنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلۈكى ۋە تەقۋادارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىم زۆرۈر، كەلگۈسىدە پىتنە-پاسات، گۇمراھلىقلار كۆپىيىپ بەزى ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، مەن بىر پىتنە-پاساتلارنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان تۇنجى شەخس بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن». ئېھتىياتچانلىق بىلەن تۇتۇلغان بۇ پوزىتسىيە بىزگە ئۇنىڭ خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلغان چىرايلىق مۇئامىلىسىنى ئەسلىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ ئابدۇللاھنىڭ زاكات خەزىنىسىدىن ئالىدىغان تەمىناتى ئۈزىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئوسمان توغرىسىدا بىرەر ئېغىزمۇ يامان گەپ قىلمىغان، بەلكى ئوسماننىڭ دەۋىرىدە ئاغرىنىشنىڭ ئىنقىلابقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قوغداش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەرەپدارىدا بولغان، خەلىپە ئوسماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق خەۋىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە «ئۇنى ئۆلتۈرسەڭلار ئۇنىڭدەك يەنە بىر خەلىپىنى ھەرگىز تاپالمايسىلەر» دېگەن مەشھۇر سۆزنى ئېيتقان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ بىر قىسىم ساھابىلىرى: «مەن ئۇنىڭ ئوسماننى تىللىغانلىقىنى بىر قېتىممۇ ئاڭلىغان ئەمەس» دەيدۇ.
ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىقنى بەرگىنىدەك ئىلىم-ھېكمەتنىمۇ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدا ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ۋە ئۇنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن قاملاشتۇرۇپ ئىپادىلەشتەك ئىقتىدارى بار ئىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئۆمەرنىڭ بۈيۈك ھاياتىنى قىسقا ئىبارە، چوڭقۇر مەنا بىلەن ئاجايىپ خۇلاسىلىگەنلىكىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى: «ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئازادلىق، ھىجرەت قىلىشى ياردەم، ئەمىر بولۇشى رەھمەت ئىدى». بىز ھازىر «ۋاقىتنىڭ نىسبىيلىكى» دەپ ئاتاۋاتقان نەزىرىيە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا كېچە بولمايدۇ، كۈندۈزمۇ بولمايدۇ. ئاسمان ۋە زېمىننىڭ نۇرى ئۇنىڭ يۈزىنىڭ نۇرىدۇر». ئەمگەكنىڭ ئىنسان دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ياكى بۇ دۇنيالىق ئىش بىلەن ياكى ئۇ دۇنيالىق ئىش بىلەن مەشغۇل بولماي بىكار يۈرگەن ئادەمنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىمەن». ئۇنىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك ھېكمەتلىك سۆزلىرى بار ئىدى: «ئەڭ ياخشى توقلۇق كۆڭۈلنىڭ توقلۇقىدۇر، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر، ئەڭ يامان كورلۇق قەلىبنىڭ كورلۇقىدۇر، ئەڭ چوڭ خاتالىق يالغان ئېيتىشتۇر، ئەڭ يامان تاپاۋەت جازانىدۇر، ئەڭ يامان تائام يېتىمنىڭ تائامىدۇر، ئىپپەتلىك بولغانلارنى ئاللاھ ئىپپەتلىك قىلىدۇ، ئەپۇ قىلغانلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ». مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇددۇر. مانا بۇ جۇغى قۇچقاچچىلىك كېلىدىغان بىر ئەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھەم ئۇنىڭ دىنىغا ئاتىغان باتۇرانە ئۇلۇغ ھاياتىنىڭ ئازغىنا بىر قىسمىدۇر. ئۇ ئورۇق ھەم پاكار بولۇپ، بويى نورمال ئادەمنىڭ ئولتۇرغان ۋاقتتىكى ئېگىزلىكىگە تەڭ كېلەتتى. ئۇنىڭ پاقالچاقلىرى ئورۇق ھەم ئىنچىكە، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىسۋاك ياغىچى كېسىپ بېرىش ئۈچۈن ئەراك دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقتى، ساھابىلەر ئۇنىڭ پاقالچاقلىرىنىڭ ئىنچىكلىكىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىشتى، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ پاقالچاقلىرىغا قاراپ كۈلۈۋاتامسىلەر؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، بۇ ئىككى پاقالچاقنىڭ ۋەزنى ئاللاھنىڭ مىزانىدا ئەلۋەتتە ئۇھۇد تېغىدىنمۇ ئېغىردۇر» دېدى. توغرا، مانا بۇ ئىمانى ۋە چىن ئېتىقادى ئۇنى ياخشىلىق، ھىدايەت ۋە نۇر پېشۋالىرىنىڭ قاتارىدىن قىلغان ھېلىقى كەمبەغەل، ۋىجىك چاكاردۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ تەۋپىق-ھىدايىتى ۋە نېمىتى بىلەن گەرچە ئۆزلىرى زېمىن يۈزىدە تۇرسىمۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننىتى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن، ئەڭ دەسلەپ ئىمان ئېيتقان ئون ساھابىنىڭ بىرى بولۇش شەرىپىگە ئىگە بولغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خەلىپىلىرى بىلەن بىرلىكتە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئىشىكلىرىنى ئىسلام بايرىقى ۋە خاھىشىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئېچىپ بەرگەن، ئەينى زاماندىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىمپېرىيىگە ھازىرلىق قىلغان، گەرچە مۇسۇلمان دىيارىدا ھەر-خىل ئەمەل مەنسەپلەر كۆپ بولغان، مال-دۇنيا ئالدىلىرىدا ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان دەۋىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بەرگەن ئەھدىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ ئۇلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئالدىدا ئېزىپ كەتمىگەن، داۋاملىق كىچىك پېئىل بولۇپ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولى بويىچە ياشىغان. ئۇنىڭ داۋاملىق ئارزۇ قىلىدىغان، ئىنتىلىدىغان، ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي تەكرارلايدىغان پەقەت بىرلا ئارزۇسى بار ئىدى. بىز ئۇنىڭغا قۇلاق سالايلى، نېمە ئارزۇسى بارلىقىنى ئۆزى ئېيتىپ بەرسۇن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە «تەبۇك» غازىتىدا ئىدىم، ئوتتۇرا كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇرۇش مەيدانى تەرىپىدىن ئوتنىڭ شولىسىنى كۆردۈم، ئىزدەپ بارسام ئۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرى، ئۆمەرلەر بار ئىكەن، «ئابدۇللاھ زۇل بىجادە يىنىل مۇزەنى» دېگەن كىشى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار يەرلىك كولاۋاتقان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەرلىكنىڭ ئىچىدە ئىكەن، ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەر جەسەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇنۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن، ئۇ ئۇلارغا: «قېرىندىشىڭلارنى ماڭا سۇنۇپ بېرىڭلار» دەۋاتقان ئىكەن، ئۇلار ئۇنى سۇنۇپ بەرگەندىن كېيىن يەرلىككە قويۇشقا تەمشىلىۋېتىپ: «ئى ئاللاھ مەن ئۇنىڭدىن رازى بولدۇم، سىلىمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولسىلا» دېدى، مەن شۇ چاغدا: ئاشۇ يەرلىكتە ياتقىنى مەن بولسامچۇ كاشكى» دەپ ئارزۇ قىلدىم». مانا بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسى ئىدى. خۇددى سىلەر كۆرۈۋاتقاندەك ئۇ ئارزۇنىڭ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان شان-شەرەپ، بايلىق، مەنسەپ ۋە يۈز-ئابرۇي دېگەنلەر بىلەن پەقەت مۇناسىۋىتى يوق. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ ئاللاھ ھىدايەت بەرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەربىيلىگەن، قۇرئان يېتەكلىگەن قەلبى چوڭ، روھىيىتى بۈيۈك، ئىشەنچىسى مۇستەھكەم بىر ئەرنىڭ ئارزۇسىدۇر.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 15

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1142 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-10