جامېس ئې.روسمان


James RothmanJames Rothman
جامېس ئې. روسمان(James Rothman). جامېس ئې. روسمان 1950-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس شتاتىنىڭ خېيۋىر خىل (Haverhill) شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ يالې ئۇنىۋېرسىتېتى بىئو-مېدىتسىنا پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ پروفېسسورى، يالې داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. روسمان چېچەككە قارشى تۇرۇش تەتقىقاتىدا (راندىي ۋ.شېكمان ۋە توماس س. سۈدخوف بىلەن بىرلىكتە)، 2013-يىللىق نوبىل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇ يەنە 1996-يىلى پادىشاھ فەيسال خەلقئارالىق مۇكاپاتقا، 2002-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوئۇسا گروس ھورۋىتىز (Louisa Gross Horwitz Prize) مۇكاپاتىغا ھەم ئاساسلىق مېدىتسىنا تەتقىقاتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئالبېرىت لاسكېر (Albert Lasker Award) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مائارىپ
روسمان يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىنىڭ فىزىكا باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانىغا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئو-خىمىيە تەتقىقاتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە ماسساچۇسېتىس تېخنىلوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ھارۋېي لودىش (Harvey Lodish) بىلەن بىرلىكتە پەردە ئاقسىلىنىڭ گلىكوزىلىشىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بىلەن دوكتورئاشتىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. روسمان 1978-يىلىدىن باشلاپ سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئو-خىمىيە فاكۇلتېتىدە ئوقۇدى، ئۇ نيۇيوركقا كېلىپ مېمورىيال سىلوۋىن-كېتتىرىڭ (Memorial Sloan-Kettering) راك كېسەللىرى مەركىزىنىڭ ھۈجەيرە بىئو-خىمىيە ۋە بىئو-فىزىكا فاكۇلتېتىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى، پرىنسىتون ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىدى، بىرلا ۋاقىتتا مېمورىيال سلون-كېتتىرىڭ راك تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ باش رەئىسى بولغان. ئۇ 2003-يىلى سىلوۋىن-كېتتىرىڭ مەركىزىدىن ئايرىلىپ،  كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلۇقى ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىئولوگىيە پروفېسسورى ھەم كولۇمبىيە بىئو-خىمىيە مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولدى. روسمان دۆلەتلىك تەبئىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئەزاسى.
1995-يىلى، روسمان ئامىرشام (Amersham) دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئىلمىي دوكلاتى يىغىنىغا قاتناشتى. 2003-يىلى ئۇنىۋېرسال ئېلىكترون ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەم ئۇ ئۇنىۋېرسال ئېلىكترون ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەندى.

مەنبە: Wikipedia دىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 584 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-10