خەتكۈچ: شاكىرە؛ كولۇمبىيە؛ چولپان؛ لاتىن گراممىي مۇكاپاتى؛مۇزىكا؛
چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشShakira Isabel Mebarak Ripoll
شاكىرانىڭ تولۇق ئىسمى شاكىرا ئىزابىل مۇبارەك بولۇپ 1977-يىلى2-ئاينىڭ 2-كۈنى كولۇمبىيەنىڭ كارايىپ دېڭىزى قىرغىقىدىكى Barranquilla دىگەن بىر كىچىك بازىرىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى لىۋانلىق ئەرەپ، ئانىسى كاتالونىيە(ئىسپانىيەنىڭ ئاپتونۇم ئۆلكىسى)لىك بىلەن ئىتالىيىلىكتىن تۇغۇلغان كولۇمبىيەلىك بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئەرەپ ۋە لاتىن ئىرقىنىڭ خارەكتىرىنى روشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئورۇنلاش ئىقتىدارى پەۋقۇلادە يۇقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ جىسمىدا قىزغىنلىق بىلەن سالاپەت يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىشىپ مىسلىسىز بىر مەنزىلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈنچە ـ مارجان سودىسى قىلاتتى، دادىسى تېخى ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىقمۇ قىلىپ قوياتتى. دادىسىنىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن توققۇز بالىسى بار بولۇپ، شاكىرا ئۇنىڭ كېيىنكى ئايالىدىن بولغان بىردىن بىر پەرزەنتى ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمۇ ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالقىنىدا دىگۈدەك ئەتىۋارلىق چوڭ بولىدۇ. دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ شىئېر يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى شاكىرا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان سەنئەت مۇكاپاتلىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئامىرىكا «دەۋىر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىدىكى شەخس، لاتىن سەنئىتىنىڭ دۇنيادىكى بىر ماركىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
1998-يىلى شاكىرا ئۆزىگە «لاتىن ناخشا خانىشى»لىق تاجنى تەقدىم ئەتكەن «Donde Estan Los Ladrones»ناملىق پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. بۇ پىلاستىنكا لاتىن ئامىرىكىسى ۋە ئامىرىكىدا 11 ھەپتىگىچە ناخشا پىلاستىنكىلىرى رەت تەرتىپىنىڭ 1-ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە بۇ پىلاستىنكا بىلەن ئۇ 44-نۆۋەتلىك «لاتىن گىرامۋىي» سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 2000-يىلى ئۇنىڭ«Ojos Asi»ۋە«Octavo Dia» ناملىق ئىككى پىلاستىنكىسى بىرلا ۋاقىتتا «لاتىن گىرامۋىي» سەنئەت مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئۇنىڭ لاتىن ئامىرىكىسى ۋە ئامىرىكىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.
2001-يىلىغا كەلگەندە ئۇ«Laundry Service»ناملىق ئېنگىلىز تىلىدا تارقىتىلغان ناخشا پىلاستىنكىسى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا يۈرۈش قىلىدۇ. مەزكۇر پىلاستىكىدىكى ناخشىلارنىڭ سۆزى ، مۇزىكىسى ۋە فىلىم ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى شاكىرا ئۆزى ئىشلىگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لاتىن تىللىق ئاۋامنىڭ نەزىرىدە جېننىفېر لوپېزدىن كېيىنكى تەڭداشسىز دۇنياۋى چولپانغا ئايلىنىدۇ.
2000-يىلى تەسادىپى پۇرسەتتە شاكىرا شۇ چاغدىكى ئارگېرنتىنا پرىزدېنتى فېرناندونىڭ ئوغلى ئانتونىئو بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدىن ھازىرغىچە شاكىرا ئانتونىئو ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قىزىق تېما بولۇپ كەلدى، شاكىرامۇ مۇخبىرلارغا بىز توي خېتى دىگەن ھۆججەتكە ئېھتىياجلىق بولمىساقمۇ ناھايىتى ياخشى ئائىلە قۇرۇۋالدۇق، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. .
شاكىرانىڭ ناخشىلىرىدىن قىزغىنلىققا تولغان لاتىن مەنزىرىلىرىنى ۋە سەلدەك باستۈرۈپ كېلىۋاتقان تولغىما ئۇسلۇپنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. لىۋانلىق دادىسىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىدا يەنە ئۆزگىچە بولغان ئوتتۇرا شەرقچە ئالاھىدىلىكلەرمۇ چاقناپ تۇرىدۇ. بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا زور ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ يىلغىچە شاكىرا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەييارە ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن بىراقلا لاتىن ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا «Oral Fixation 2»،«Fijacion Oral 1 Vol.1»پىلاستىنكىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. باررسىلونا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋە بۇ يىلقى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باش ناخشىلىرىنى ئورۇندايدۇ.
ھازىرغىچە شاكىرانىڭ 8 ناخشا پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. لېكىن شاكىرانى سۈپەتلەشكە لايىق سۆز تېپىش تولىمۇ تەسكە توختايدىغان بىر ئىش. بەزىدە ئۇ قىزغىنلىقى گۈلخاندەك يېنىپ تۇرغان ئىسپان قىزلىرىغا ئوخشىسا، بەزىدە ئۇ جانان چىنىدەك نازۇك، ئاجىز ئاياللارغا ئوخشايدۇ. ئۇ كىشىگە ھەم جەزىبىلىك، ھەم جىلۋىگەر، ھەم يۈگەنسىز،ھەم مۇلايىم قاتارلىقلارغا ئۆخشاش سىرلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. كۈنىگە سانسىز ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرىدىغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇ ئۆز خاسلىقى بىلەن نۇر چېچىپ كېلىدۇ. ئەڭ قىممەتلىكى بەلكىم شۇ بولسا كېرەك.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1
>