سەئىد ئىبنى ئامىر

قايسىمىز بۇ ئىسىمنى بىلىمىز؟ بۇندىن بۇرۇن قايسى بىرىمىز بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باققان؟ مېنىڭچە ھەممىمىز بولمىغان تەقدىردىمۇ كۆپلىرىمىز بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان. ماڭا ھازىر سىلەر بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەئىد ئىبنى ئامىر دېگەن بۇ ئادەمنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى سورىماقچى بولۇۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىسىلەر. توغرا، ھازىرلا ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتتا ساھابىلىرىنىڭ بىرى، گەرچە ئۇنىڭ ئىسمى باشقا مەشھۇر ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىدەك جاراڭلىق بولمىسىمۇ، چوقۇمكى ئۇ نامسىز كاتتا تەقۋادارلارنىڭ بىرىدۇر. ھېچقانداق مۆمىن مەيلى تىنچ مەزگىللەردە بولسۇن ياكى جىھاتتا بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ قالمايدىغان بۇنداق قىلىش پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىسىگە ئايلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇشلار ۋە غازاتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. سەئىد «خەيبەر» ئازاد بولۇشنىڭ ئالدىدىلا مۇسۇلمان بولغان، ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان. شۇ ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىسلام بىلەن ئاشۇ بەيئەت ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى، پۈتۈن كەلگۈسىنى قۇربان قىلغان. ئىتائەتچانلىق، پەرھىزكارلىق، ئالىيجانابلىق، تەقۋادارلىق، ئېسىللىك قاتارلىق ئۇلۇغ پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداش ۋە دوست بولغان بۇ پاك ئىنساندا تېپىلاتتى. بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئۇچراشماقچى ۋە ئۇنى كۆرمەكچى بولغان ۋاقتىمىزدا سەزگۈز بولۇشىمىز، كۆزىمىز غەلەت بولۇپ قاچۇرۇپ قويماسلىقىمىز ۋە ياكى ئىنكار قىلىپ سالماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقۇدەك ھېچ ئىشىنى بايقىيالمايمىز. بەلكى بىز قوشۇن ئەزالىرى ئىچىدە چاچلىرى پاخپايغان، ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ باسقان، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە سىرتقى تۇرقىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەللىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان بىرەيلەننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز خالاس.
ئەگەر بىز كىيىم-كېچەكلىرى ۋە سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ماھىيىتىگە باھا بەرمەكچى بولساق، ئېنىقكى ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەر قانداق ئېسىل كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەتتىنمۇ چوڭقۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ ئاددىي-ساددىلىقى يىرتىق كىيىملەرنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان. سەدەپنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان گۆھەرنى بىلەمسىلەر..؟ ئۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇئاۋىيەنى شامنىڭ ۋالىيلىقىدىن ئېلىپ تاشلىغاندا ئولتۇرغۇزىدىغان بىرەرسىنى ئىزدەپ ئەتراپلىرىغا قارىدى. ئۇ زېمىننىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ۋالىي ئۆتكۈزگەن خاتالىق ئۈچۈن، ئاللاھ ئىككى ئادەمدىن، بىرى ئۆمەردىن، يەنە بىرى خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىدىن سوراق قىلىدۇ دەپ ئىشىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋالىيلىرى ۋە ياردەمچىلىرىنى تاللاشتىكى پرىنسىپى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق، ئەستايىدىللىق ۋە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن تاللايتتى. كىشىلەرگە باھا بېرىشتە تېخىمۇ سەزگۈرلۈك قىلىپ ئىنتايىن ئەتراپلىق ئويلايتتى. ئەينى ۋاقىتتا شام ناھايىتى چوڭ شەھەر بولۇپ، ئىسلام دىنى كىرىشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئۇ يەردە تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولغان ھەم تىجارەت مەركىزى، باياشاتلىق يايلىقىغا ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئازدۇرۇشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۆمەرنىڭ قارىشىدا ئۇ يەرگە ۋالىي بولۇشقا ھەر قانداق شەيتاننىڭ كۈشكۈرتۈشىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئەۋلىيا ياكى ئىبادەت قىلغۇچى، ئىتائەتچان، ئىلتىجا قىلغۇچى تەقۋادارلا لايىق كېلەتتى. ئۆمەر: «تاپتىم، سەئىد ئىبنى ئامىرنى ۋالىي قىلايلى» دەپ توۋلىدى. كېيىن سەئىد مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەرنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئۆمەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا «ھىمسى» گە ۋالىي بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆزرە ئېيتىپ: «ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، مېنى ئازدۇرمىسلا» دەپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا ئۆمەر ۋارقىراپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلىنى ھەرگىز قويىۋەتمەيمەن. ئامانىتىڭلارنى خەلىپىلىكىڭلارنى مېنىڭ گەردىنىمگە ئارتىپ قويۇپ مېنى تاشلىۋېتەمسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى قايىل قىلارلىق بولغاچقا سەئىد بىردەمدىلا قايىل بولىدۇ. توغرا، ئۇلار ئامانەتلىرى ۋە خەلىپىلىكلىرىنى ئۇنىڭغىلا تاشلاپ قويۇپ يۈرىۋېرىشى ئادىللىق ئەمەس. سەئىد ئىبنى ئامىرغا ئوخشاش كىشىلەر باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمىسا، ئۇنداقتا ئۆمەرنىڭ باشقۇرۇش يۈكلىرىنى كۆتۈرۈشىگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟
ئاخىرى سەئىد «ھىمسى» غا ماڭدى. ئۇ يېڭى توي قىلغان ئايالىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىۋالدى. ئايالى ئەزەلدىن ناھايىتى چىرايلىق ئىدى. مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆمەر سەئىدكە خېلى كۆپ پۇل-مال بەردى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئايالى ئۇنىڭ رەپىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆمەر بەرگەن پۇل-مالدىن پايدىلانماقچى بولدى-دە، سەئىدكە ئەر-ئايال ئىككەيلەنگە كېرەكلىك كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئېشىپ قالغىنىنى ساقلاپ قويۇش تەكلىپىنى بەردى. بۇ چاغدا سەئىد ئۇنىڭغا: «مەن سىزگە بۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىكرەك بىر ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ھازىر سودا-سېتىق تەرەققىي قىلغان، بازىرى راۋاجلانغان بىر شەھەردە تۇرىۋاتىمىز، شۇنداق بولغاندىن كېيىن قولىمىزدىكى پۇل-مالنى بىز ئۈچۈن تىجارەت قىلىپ كۆپەيتىپ بېرىدىغان بىرەرسىگە بېرەيلى» دېدى. ئايالى: «ئەگەر ئۇ ئادەم تىجارىتىدە زىيان تارتسىچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «مەن ئۇنىڭ تىجارىتىدە زىيان تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلاي» دېدى. ئايالى بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «ئۇنداق بولسا شۇنداق قىلايلى» دەپ قوشۇلدى. سەئىد سىرتقا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئاددى تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بىر قىسىم نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. ئاندىن كېيىن قالغان ھەممە پۇل-مېلىنى كەمبەغەللەر ۋە موھتاجلارغا تارقىتىپ بەردى. كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىۋەردى. ئايالى ئۇنىڭدىن ئارىلاپ تىجارەتلىرىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى، قانچىلىك پايدا تاپقانلىقىنى سوراپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئۇ: «تىجارەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، پايدىمىز بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرەتتى.
بىر كۈنى ئايالى ئۇنىڭدىن ئۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدىغان بىر يېقىنىنىڭ بار يېرىدە تىجارەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سوراپ قالدى. ئۇ يېقىنى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بۇ سوئالىنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرىدى ۋە كۈلۈپ قويدى، سەئىدنىڭ ئايالى ئۇنىڭ كۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە شەك چۈشتى-دە، يولدىشىدىن گەپنى ئېنىق دېيىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. بۇ چاغدا ئۇ ئايالىغا پۇل-مالنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكەنلىكى ئاشۇ كۈندىلا سەدىقە قىلىۋەتكەنلىكىنى دېدى. ئايالى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ پۇل-مالدىن ھېچقانداق پايدىلىنالمىغانلىقىنى ياكى ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالالمىغانلىقىنى ياكى ساقلاپ قويمىغانلىقىنى ئويلاپ ئەپسۇسلانغىنىدىن يىغلاپ كەتتى. سەئىد ئايالىغا قارىدى. غەمكىن، ئۈمىدسىز كۆز-ياشلىرى ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىۋەتكەن ئىدى. جەلىپ قىلارلىق بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ جەننەتكە دىل-كۆزىنى تاشلاپ ئۈلگۈردى. ئۇ جەننەتتە بالدۇر كۆچۈپ كەتكەن ئىلگىرىكى ھەمراھلىرىنى كۆردى ۋە ئايالىغا: «مېنىڭ ئاللاھ دەرگاھىغا بالدۇر كەتكەن ھەمراھلىرىم بار ئىدى. گەرچە ماڭا پۈتۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر بېرىلگەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇلارنىڭ يولىدىن تېيىپ كېتىشىنى خالىمايمەن» دېدى. ئەگەر ئايالى ئۆز گۈزەللىكىنى ئۇنىڭغا كۆز-كۆز قىلماقچى بولسا، ئۇ خۇددى گەپنى ئۆزىگىمۇ قاراتقاندەك قىلىپ: «ئۆزىڭىز بىلىسىز، جەننەتتە كۆزلىرى چوڭ، چىرايلىق ھۆر-پەرىلەر باركى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى زېمىنغا چۈشۈرۈلىدىغان بولسا پۈتۈن دۇنيانى نۇرغا توشقۇزالايدۇ، يورۇقلۇقى قۇياش بىلەن ئاينىڭ يورۇقلۇقىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ، دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ سىزنى ئۇلار ئۈچۈن قۇربان قىلىشىم ئۇلارنى سىز ئۈچۈن قۇربان قىلىشىمدىن ئەلۋەتتە ياخشى» دېدى. ئۇ سۆزنى باشلىغان ۋاقتىدىكىدەك كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تىنچ، رازىمەنلىك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. ئايالى سەئىدنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يولىغا مېڭىش، ئۇنىڭ پەرھىزكارلىقى ۋە تەقۋادالىقىنى ئۈلگە قىلىشتىن باشقا ئامال يوقلۇقىنى سەزدى-دە، تىنىچلىنىپ قالدى.
«ھىمسى» شۇ كۈنلەردە خەلقنىڭ تەرسالىقى ۋە ۋالىيلىرىغا قارشى چىقىشلىرى بىلەن «ئىككىنچى كۇفە» دەپ ئاتىلاتتى، يەنى ئۇ تەرسالىق ۋە جېدەلخورلۇقنى بۇرۇنقى ھەمراھى «كۇفە» دىن ئۆگەنگەندەك قىلاتتى. گەرچە «ھىمسى» لىكلەر خۇددى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تەرسالىق قىلىشقا ھېرىسمەن بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىلىرىنى ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىسى سەئىدگە مايىللاشتۇردى، ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. بىر كۈنى ئۆمەر ئۇنىڭغا: «شام خەلقى سىلىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەن» دېگەن. سەئىدمۇ جاۋابەن: «چۈنكى مەن ئۇلارغا ياردەم بېرىمەن ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن» دېگەن. لېكىن «ھىمسى» خەلقىنىڭ سەئىدكە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى قانچىلىك چوڭقۇر بولۇپ كەتكەن بولۇپ بولسىمۇ بۇ شەھەر خەلقى تەرسالىق، جېدەلخورلۇق جەھەتتە ئىراقتىكى «كۇفە» دىن قېلىشمايدىغان بولغاچقا خەلقنىڭ بەزى شىكايەتلىرىدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولمايتتى. بىر كۈنى ئۆمەر ھىمسىنى زىيارەت قىلىپ جامائەتتىن: «سەئىدكە قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سورىدى. بۇ چاغدا بەزىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن دات ئېيتتى. ئەمىلىيەتتە بۇ داد سەئىدنىڭ يەنە بىر بۈيۈكلۈك تەرەپلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان بولۇپ چىقتى. ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق! ئۆمەر ئۇلاردىن دات شىكايەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئېنىق بايان قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋىدى. ئارىدىن بىرەيلەن كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەيبى بار: بىرى، ئۇ تاكى قۇياش تىكلەنمىگۈچە بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقمايدۇ، يەنە بىرى، كېچىدە ھېچكىمنىڭ ئىشىغا جاۋاب بەرمەيدۇ، ئۈچىنچىسى: ئۇ ھەر ئايدا ئىككى كۈن سىرتقا چىقمايدۇ، بىزمۇ ئۇنى كۆرمەيمىز، تۆتىنچىسى، ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، لېكىن ھەر ھالدا بىزنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ بىخۇدلىشىپ قالىدۇ». ھېلقى كىشى گەپ قىلىپ بولۇپ ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئۆمەر بىردەم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى ئاللاھ، مەن ئۇنى بەندىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەپ قارايمەن. ئى ئاللاھ، مېنى نائۈمىدتە قويمىغايسەن» دەپ پىچىرلىدى، ئاندىن كېيىن سەئىدنى ئۆزىنى ئاقلاشقا چاقىردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەسلى مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى دېيىشنى خالىمايتتىم، شۇنداقتىمۇ دەي، سەۋەبى شۇكى، ئۆيدە ئايالىمغا ياردەملىشىدىغان خىزمەتكار بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا خېمىر يۇغۇرۇپ بېرىمەن، خېمىرنى ئۆرلىتىمەن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن نان ياقىمەن، ئاندىن چاشكا نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ سىرتقا چىقىمەن» دېدى. ئەنە شۇ چاغدا ئۆمەرنىڭ چىرايى ئېچىلدى-دە: «ئاللاھقا شۈكرى، ئىككىنچىسىچۇ؟» سەئىد يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «كېچىدە ئۇلارنىڭ ئىشىغا جاۋاب بەرمەسلىكىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنىڭمۇ سەۋەبىنى دېيىشنى خالىمايتتىم، ئەمدى دەي: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، مەن كۈندۈزنى ئۇلارغا، كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئىدىم، ھەر ئايدا ئىككى كۈن سىرتقا چىقماسلىقىم، شۇنىڭ ئۈچۈنكى، مېنىڭ كىيىملىرىمنى يۇيۇپ بېرىدىغان خىزمەتكار ياكى ئالماشتۇرۇپ كىيىدىغان ئارتۇق كىيىمىم يوق، مۇشۇ سەۋەبتىن مەن كىيىملىرىمنى يۇيۇپ قۇرىغىچە ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن، بەزى-بەزىدە بىخۇدلىشىپ قېلىشىم شۇنىڭ ئۈچۈنكى، مەن مەككىدە خۇبەيب ئەنسارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدى، قۇرەيشلەر ئۇنىڭغا: «مۇھەممەد سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسا، سېنى ساق-سالامەت قويىۋەتسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىسا ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆيۈمدە بالا-چاقىلىرىم بىلەن خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام ئولتۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر تىكەنگە چاغلىق نەرسىنىڭ سانجىلىشىغا رازى ئەمەسمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ گۆشلىرىنى پارچىلاپ دەرەخلەرگە ئېسىپ قويغان ئىدى، مەن شۇ چاغلاردا مۇشرىكلاردىن ئىدى، مانا ھازىر مەن ھەر قېتىم شۇ كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە، ئاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ شۇ كۈنى ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگىنىمنى ئويلىغىنىمدا، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ تەنلىرىم تىتىرەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەنە شۇنداق بىخۇد ھالەتكە كېلىپ قالىمەن». ئۇنىڭ تەقۋادارلىققا تولغان پاك ياشلىرى بىلەن نەمدەلگەن لەۋلىرىدىن چىققان سۆزلىرى ئاخىرلاشتى. ئۆمەر خۇشاللىقىنى بېسىۋالالماي «مېنى نائۈمۈدتە قويمىغان ئاللاھقا شۈكرى» دېدى-دە، سەئىدنى قۇچاقلاپ بۈيۈكلۈككە تولغان نۇرلۇق پېشانىلىرىگە سۆيۈپ كەتتى.
بۇ ئەخلاقتا گەۋدىلەنگىنى نېمە دېگەن چوڭ ھىدايەت ھە! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى-ھە! ئاللاھنىڭ كىتابى نېمە دېگەن ئۆتكۈر نۇر-ھە! ئىسلام دىنى نېمە دېگەن ئىلھامبەخش، ھوسۇللۇق مەكتەپ ھە! لېكىن يەر شارىدا مۇشۇنداق ئادەملەر كۆپمىدۇ؟ ئەگەر كۆپ بولسا، ئۇ زېمىن بولماستىن بەلكى فىردەۋىس جەننىتىگە ئايلانغان بولاتتى، توغرا، ئاللاھ بىزگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ فىردەۋىس جەننىتىگە ئايلىناتتى. ئەمما بۇ جەننەتنىڭ ۋاقتى تېخى كەلمىگەن بولغاچقا، بۇ دۇنيادا ياشاپ ئۆتكەن بۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەر داۋاملىق ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، كەم ئۇچرايدۇ. سەئىد ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. تۇتقان ئەمەللىرى ۋە ئۆتىگەن ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان تەمىنات كۆپ ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزى ۋە ئايالىغا يەتكۈدەك مىقداردا ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى كەمبەغەل ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بېرەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭغا: «ئاشقان بۇ تەمىناتنى تۇغقانلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا سەرپ ئەتسىلە» دېيىلگەندە ئۇ: «نېمە ئۈچۈن تۇغقانلىرىم ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا سەرپ ئەتكۈدەكمەن؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تۇغقانلارنىڭ رازىلىقىغا تېگىشمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەزەلدىن ئۇنىڭدىن: «ئۆزلىرى كەڭ-كۇشادە خىراجەت قىلسىلا، ئائىلە-تاۋاباتلىرىغىمۇ خەجلەپ بەرسىلە، ھاياتلىق نېمەتلىرىدىن بەھرە ئالسىلا دەپ تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ داۋاملىق ئۇلۇغ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيتتى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە ھېساب ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەملەيدۇ، مۆمىنلەرنىڭ كەمبەغەللىرى كەپتەردەك پەرۋاز قىلىپ ھېساب مەيدانىغا كېلىدۇ، ئۇلارغا: توختاپ ھېساب بېرىڭلار دېيىلسە ئۇلار: ھېساب بەرگۈدەك ھېچنەرسىمىز يوق دېيىشىدۇ، ئاللاھ: «بەندىلىرىم راست ئېيتىدۇ» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىشىلەردىن بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاشۇ تۇنجى جامائەنىڭ ئارقىسىدا قېلىشنى خالىمايمەن».
ھىجرىيىنىڭ 20-يىلى سەئىد نام-ئەمەل سەھىپىلىرى ئەڭ پاك، قەلبى ئەڭ تەقۋادار، ئىش-ئىزلىرى ئەڭ بۈيۈك ھالدا پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولدى. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىش، قەدەملىرىنى ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن ئاتىغان ئاشۇ بۇرۇنقى جامائەلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى. توغرا، ئۇ پەيغەمبىرى، تەربىيلىگۈچىسى ۋە ئىلگىرىكى پاك ھەمراھلىرىنى كۆرۈشنى ئەزەلدىن بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، مانا بۈگۈن دۇنيانىڭ ئۈستىنى ئېغىرلاشتۇرىۋاتقان ئەشيالىرى ۋە يۈكلىرىنى تاشلاپ، پەقەت پەرھىزكارلىقى، زاھىدلىقى، ئالىيجانابلىقى ۋە ئۇتۇقلىرىدىن ئىبارەت نام –ئەمەل تارازىسىنى ئېغىرلاشتۇرغان پەزىلەتلىرى، مەغرۇرلىنىش ئاجىزلاشتۇرالمىغان، ئۇنىڭ بىلەن دۇنيانى لەرزىگە سالغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ خاتىرجەم، يەڭگىل، ئازادە ھالدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. سەئىد ئىبنى ئامىر ۋە ئۇنىڭ بۇ دۇنياسى ۋە ئاخىرىتىگە، تارىخى ۋە مۇبارەك نامىغا چىن قەلبىمىزدىن سالام يوللايمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىبارەت ياخشى بەندىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمىز، ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى!
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 9

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 703 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 3قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-09