زەيىد ئىبنى سابىت

سىز قۇرئان كەرىمنى ئوڭ قولىڭىز بىلەن تۇتۇپ ۋاراقلىرىنى ئۆرۈپ ئۇنىڭ گۈزەل باغچىسىدا شېرىن-شېكەر مېۋىلەردىن سۈرىمۇ-سۈرە، ئايەتمۇ-ئايەت، ھوزۇر ئالغىنىڭىزدا قۇرئاننى ئەنە شۇنداق رەتلىك، ئوقۇشقا قولايلىق ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، سىز رەھمەت ئېيتىشقا ۋە قەدرىنى بىلىشكە قەرزدار بولغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە «زەيىد ئىبنى سابىت» دەپ ئاتىلىدىغان بۈيۈك بىر زاتنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. قۇرئاننى كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى تىلغا ئېلىنسىلا بۇ ئۇلۇغ ساھابە داۋاملىق يادلىنىدۇ، قۇرئاننى جەملەش، رەتلەش ۋە يادلاش شەرىپىگە ئىگە بولغۇچىلارنى ئەسلەش ئۈچۈن شەرەپ گۈللىرى تىزىلغاندا زەيد ئىبنى سابىت ئەڭ كۆپ گۈلگە ئېرىشىدۇ. ئۇ مەدىنىلىك ئەنسارى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ يەرگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندا 12 ياشقا كىرگەن ئۆسمۈر ئىدى. ئۇ ئائىلىسىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىگە نائىل بولغان ئىدى. ئاتا-ئانىلىرى ئۇنى «بەدرى» غازىتىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ لېكىن يېشى ھەم تېنى كىچىك بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتۇرىۋەتكەن ئىدى. «ئۇھۇد» غازىتىدا ئۇ بىر توپ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇجاھىدلار سېپىنىڭ بىرەر يېرىگە بولسىمۇ كىرىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالۋۇرۇپ بېرىشتى. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بۇ خىل ئارزۇلىرى بالىلارنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كىچىك چەۋەندازلارغا سۆيۈنگەن ھالدا نەزەر تاشلىدى. ئۇ بۇ قېتىممۇ ئۇلارنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرمايدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «رافىئە ئىبنى خەدىيچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىرسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كىچىك نەيزىنى ئېلىپ ئوڭ قولى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماھارەت كۆرسىتىشكە باشلىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۆزلىرى كۆرىۋاتىدىلا، مەن بىر مەرگەن، ئوبدان نەيزە ئاتالايمەن، مېنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىمغا رۇخسەت قىلسىلا» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رازىمەنلىك تەبەسسۇمى بىلەن ئەمدى يېتىلىۋاتقان بۇ يۇمران قەھرىمانغا بەرىكەت تىلەپ ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ دوستلىرى جانلىنىپ كەتتى-دە، «سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب» دەپ ئاتىلىدىغان، يەنە بىرسى بىلەكلىرىنى ئەدەپ بىلەن چىقىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇسكۇللىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، بۇ چاغدا ئائىلىسىدىكى بەزى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا يان بېسىپ: «سەمۇرە رافىئنى يىقىتىۋېتەلەيدۇ» دەپ قوشۇپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مېھرىبان تەبەسسۇمى بىلەن سالام يوللاپ ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت قىلدى. زەيىد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر قاتارلىق قالغان ئالتە ئوغۇلچاقمۇ بەزىدە يالۋۇرسا، بەزىدە يىغلاپ، بەزىدە بىلەكلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىقىرىپ ئۇرۇش سېپىغا قوشۇلۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتى، لېكىن ئۇلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك، بەدەنلىرى يۇمران بولغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كېيىنكى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇنداق قىلىپ زەيىد ھىجرىيەنىڭ 5-يىلىدىكى «خەندەك» غازىتىدىن باشلاپ ئاللاھ يولىدىكى غازات ھاياتىغا قەدەم قويدى.
ئۇنىڭ ئىمان-ئىسلامغا تولغان ۋۇجۇدى تېز سۈرئەت بىلەن شانلىق تەرەققىي قىلىۋاتاتتى. ئۇ بىر مۇجاھىدلىق تالانتىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى زىيالىيغا خاس خىلمۇ-خىل، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ،  توختاۋسىز قۇرئان يادلايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىينى خاتىرلەپ بېرەتتى. ئىلىم-ھېكمەت ئۆگىنەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن سىرتقا دۇنياغا دىنى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ پادىشاھلارغا خەت ئەۋەتىشكە باشلىغاندا زەيىدنى ئۇلارنىڭ بەزى تىللىرىنى ئۆگىنىشكە بۇيرىغان، بۇ چاغدا ئۇ تېزلا ئۆگىنىۋالغان ئىدى. زەيىد ئىبنى سابىت ئەنە شۇنداق تېز سۈرئەتتە كۆزگە كۆرۈنۈپ يېڭى جەمئىيەتتە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. شەئبي مۇنداق دەيدۇ: «زەيىد ئىبنى سابىت ئۇلاققا مىنمەكچى بولىۋىدى، ئىبنى ئابباس يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىزەڭگۈنى تۇتۇپ بەردى، بۇ چاغدا زەيىد ئۇنىڭغا: «ئى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى» نېرى تۇرۇڭ دېۋىدى ئىبنى ئابباس: «ياق، بىز ئالىملىرىمىزغا ئەنە شۇنداق قىلىمىز دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى». قەبىيسە مۇنداق دەيدۇ: «زەيىد مەدىنىدە مەيلى ھۆكۈم قىلىشتا بولسۇن ياكى پەتىۋا بېرىشتە بولسۇن ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتا بولسۇن ۋە ياكى پەرىزلەرنى ئادا قىلىشتا بولسۇن ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى». سابىت ئىبنى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ:  «مەن زەيىدتىن باشقا ئائىلىدە خۇشچاقچاق سورۇندا ھۆرمەتلىك يەنە بىر ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم». ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر زەيىد ئىبنى سابىتنى ئىلىم-ھېكمەتكە كامالەتكە يەتكەن دەپ بىلەتتى». ھەمراھلىرىنىڭ ئۇنى يۇقىرىقىدەك قايتا-قايتا تەرىپلەشلىرى، تەقدىر ئۇنىڭغا پۈتۈن ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قۇرئان كەرىمنى جەملەشتەك خىزمەتنى ئۆتەشكە نېسىپ قىلغان بۇ ئادەمگە بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن: «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى، ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر، ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىنى بىلدۈردى» دېگەن گۈزەل ئايەتلەر بىلەن ۋەھىي باشلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە يول ئالغاندىن تارتىپ ۋەھىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەر دائىم ھەمراھ بولۇپ تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە ئاللاھنىڭ نۇرى ۋە ھىدايىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئاسمانغا قارايتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلىك جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر غازاتتىن بىكار بولسا يەنە بىر غازاتقا قەدەم قويدى، بىر سۇيقەستنى بىتچىت قىلسا يەنە بىر سۇيقەستكە دۇچار بولدى. شۇ ئارقىلىق ئۇ يېڭى بىر دۇنيانى بارلىققا كەلتۈرىۋاتاتتى. ۋەھىي داۋاملىق چۈشۈۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تەرەپتىن تىلاۋەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبلىغ قىلاتتى. بىر تۈركۈم مۇبارەك كىشىلەرنىڭ تۇنجى ۋاقىتتىن باشلاپ قۇرئانغا بولغان قىزغىنلىقى قوزغىلىپ، بەزىلەر كۈچىنىڭ بارىچە يادلىسا، يەنە بەزىلىرى يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇش ئارقىلىق قۇرئاننى ساقلاپ قالاتتى. تەخمىنەن 21 يىل جەريانىدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا قۇرئان بىر ئايەت، بىر ئايەتتىن ياكى بىر قانچە ئايەت، بىر قانچە ئايەتتىن نازىل بولۇپ تۇردى، بىز ھېلى ئېيتىپ ئۆتكەن يادلىغۇچىلار ۋە خاتىرلىگۈچىلەرمۇ ئاللاھنىڭ مەدەتلىرى بىلەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. قۇرئان باشقىلار تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇلغان كىتاب بولماستىن بەلكى يېڭى بىر خەلقنى ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق تەبئىيىتىنىڭ قانۇنىيىتى ئاساسىدا تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈرىدىغان، ئىلاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ قەلبى، تەپەككۇرى ۋە ئىرادىسىنى تەدرىجىي شەككىلەندۈرىدىغان يولباشچى بولغاچقا، قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماستىن بەلكى كىشىلەرنىڭ تولۇق قانائەتلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان يېتەكچى بولغاچقا تەدرىجىي ھالدا بىردىن-بىردىن نازىل بولغان. شۇ ۋەجىدىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان كرزىسلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ تارقاق ھالدا نازىل بولۇشى زۆرۈر ئىدى.
خۇددى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىر مۇنچە قارىلار ۋە يازغۇچىلار ئۆز ھاياتلىرىنى قۇرئاننى يادلاش ۋە خاتىرلەشكە ئاتاشتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئۇبەي ئىبنى كەئب، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ھازىر بىز سۆزلەۋاتقان ئۇلۇغ شەخس زەيىد ئىبنى سابىت قاتارلىقلار تۇراتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن. قۇرئان تولۇق نازىل بولۇپ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار دەرھاللا مۇرتەدلىك ئۇرۇشلىرىغا دۇچ كېلىپ قېلىشتى. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى خالىد ئىبنى ۋەلىد، زەيىد ئىبنى خەتتابلارنىڭ تەرجىمىھالىدا سۆزلىگەن يەمامە ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان قارىلار ۋە يادلىغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈگى كىشىنى چۆچۈتەتتى. مۇرتەدلىك ئۇرۇشىنىڭ ئوتى ئۆچۈشىگىلا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئالدىراپ بېرىپ قارىلار شېھىت بولۇپ تۈگەپ كېتىشتىن ئىلگىرى قۇرئاننى جەملەشكە جىددىي كىرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خەلىپە ئەبۇبەكرى سىدىق پەرۋەردىگارىغا ئىستىخار سېلىپ ساھابىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. كېيىن زەيىد ئىبنى سابىتنى چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: «سىز بىر ئەقىللىق يىگىت سىزدىن ھېچقانداق ئەيىب تاپالمايمىز» دەپ ئۇنى مۇشۇ ساھەدىكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە قۇرئان كەرىمنى جەملەشكە بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ شەرەپلىك ھەم ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
ئۇ بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى. ئۇ ئايەت ۋە سۈرىلەرنى قارىلارنىڭ دىللىرى ۋە باشقا خاتىرلەنگەن جايلاردىن كۆچۈرۈپ جەملەيتتى. ئۆز-ئارا سېلىشتۇراتتى. ئىلغايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى قۇرئاننى رەتلەپ تاماملىدى. قۇرئاننى پۈتۈن پەيغەمبەرلىك يىللىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ساھابىلەر، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قارىلار ۋە خاتىرلىگۈچىلەر بىردەك ئۇنىڭ خىزمىتىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىشتى. زەيىد ئۆزى ئۈستىگە ئالغان بۇ مۇقەددەس، ئۇلۇغ ۋەزىپىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مېنى قۇرئاننى جەملەشكە بۇيرۇغاندىن بىرەر تاغنى ئورنىدىن يۆتكەشكە بۇيرىغان بولسا، شۇ ماڭا ئاسانراق تۇيۇلار ئىدى». توغرا، زەيىدنىڭ بىر تاغ ياكى بىر قانچە تاغنى مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشى ئۇنىڭ بىر ئايەتنى نەقىل قىلىش ياكى بىر سۈرىنى تاماملاش جەريانىدىكى كىچىككىنە خاتالىقىدىن ياخشىراق ئىدى. ھەر قانچە ئاددىي بولسىمۇ بۇنىڭدەك سەۋەنلىكتىن باشقا ھەر قانداق قورقۇنچقا ئۇنىڭ قەلبى بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ تەۋپىق ھىدايىتى ۋە ئۇنىڭ «قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز» دېگەن ۋەدىسى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ زور مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇقىرى سەۋىيىدە تاماملىدى. بۇ قۇرئاننىڭ تۇنجى قېتىم جەملىنىشى ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم قۇرئان بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرۈلگەن ئىدى. گەرچە قۇرئاننىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت يۈزەكى بولسىمۇ تەجرىبىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا پۈتۈن قۇرئاننى بىر خىللاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مۇسۇلمانلار مەدىنىدىن ئايرىلىپ ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ بەيئەت قىلغۇچىلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكى دەۋىرىدە، كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن تىللىرى، ھەتتا ئىلگىرىكى ساھابىلەر بىلەن كېيىنكى ساھابىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان تىلى پەرقلىق بولغاچقا، رېئاللىق قۇرئان نۇسخىلىرىنىڭ بىردەك بولماسلىقىدەك ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتنى شەكىللەندۈردى. ئەنە شۇ چاغدا ھۇزەيفە ئىبنى يەمان باشچىلىقىدىكى بىر جامائە ساھابىلەر خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قۇرئاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەرۋەردىگارىغا ئىستىخار سېلىپ ھەمراھلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. خۇددى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەبۇبەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەيىد ئىبنى سابىتنى ياردەملىشىشكە چاقىرغاندەك، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇنى ياردەمگە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن زەيىد ساھابىلىرى بىلەن ياردەمچىلىرىنى يىغدى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ھەفىسەنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان قۇرئانلارنى ئېلىپ كېلىپ ياردەمچىلىرى بىلەن ئىشنى باشلىۋەتتى. زەيىدقا ياردەملىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ۋەھىينى خاتىرلىگۈچىلەر ۋە قۇرئاننى يادلىغان قارىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ناھايىتى ئاز خاتالىشىدىغان بولسىمۇ يەنىلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشاتتى.
ھازىر بىز چىرايلىق رەتلەنگەن بۈيۈك قۇرئاننى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا خۇددى ئۇلارنىڭ قۇرئاننىڭ يورۇق نۇرى بىلەن زۇلمەت قاراڭغۇلۇقنى يوقىتىپ، زېمىن يۈزىدە دۇرۇس بىر دىننى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان چاغلىرىدا بېغىشلىغان روھلىرى ۋە تارتقان جاپالىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىزغا ئوخشاشلا، ئۇلارنىڭ قۇرئان خاتىرلەش، جەملەش، رەتلەش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن ھېسابسىز جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 617 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-07