ئۇمەير ئىبنى سەئىد

ئۇمەير ئىبنى سەئىد مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دادىسى ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئانىسى بىلەن ئىككىسىنى كەمبەغەل ۋە يوقسۇل ھالەتتە تاشلاپ ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاخىرى مەدىنىدىكى ئەڭ باي، ئەڭ كۈچلۈك ئەۋس قەبىلىسىدىن بولغان جۇلاس ئىبنى سۇۋەيد دېگەن كىشى بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇمەير 10 ياشقا توشمايلا مۇسۇلمان بولغان ھەمدە كۆپ ۋاقىتلىرىدا مەسچىتتە بولۇشى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلغان (تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس). كېيىن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن شامغا ئەمىر بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئاشۇ تەقۋادار ئابىد ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ بىز ئۇ توغرىسىدا مۇشۇ كىتابىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىدا سۆزلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئاجايىپ تەقۋادارلىقى ۋە ئالىيجانابلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدۇق. ئەمدى بىز تۆۋەندىكى بەتلەردە ئۇنىڭ قېرىندىشى بەلكى تەقۋادارلىق، ئالىيجانابلىق تەڭداشسىز روھى بۈيۈكلۈك جەھەتلەردە ئۇنىڭ قوشكېزىكى توغرىسىدا توختىلىمىز. ئۇنىڭ ئىسمى ئۇمەير ئىبنى سەئىد، مۇسۇلمانلار ئۇنى «ئۆزىنىڭ سىردىشى» دەپ ئاتايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى پەزىلەتلىك، ئەقىللىق، نۇرلۇق بولسىمۇ يەنىلا ھەممىسى بىردەك ئۇنىڭغا شۇ نامنى بېرىش ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق شان-شەرەپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دادىسى سەئىد قارى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە «بەدرى» غازىتىغا ۋە باشقا غازاتلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان. تاكى «قادىسسىيە» ۋەقەسىدە شېھىت بولغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، دىنى ئىسلامغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇ ئوغلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۆزى بىللە ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىق ھاياتلىق غوۋغالىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ئاللاھنىڭ مېھرابىدا مۇقىم ئىبادەت قىلىشقا كىرىشكەن، ئالدىدا ماڭغۇچىلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جامائەت نامىزىدا ئالدىنقى سەپتە ئولتۇرغاندىن ۋە شېھىتلەر قاتارىدىن بولۇش ئۈچۈن جىھادنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغاندىن باشقا يەرلەردە سىزنىڭ ئۇنى ئۇچرىتىشىڭىز تەس. ئاشۇ ئىككى خىل ئىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنى خىلۋەتكە ئېلىپ ياخشى ئەمەللىرى، تەقۋادارلىقى ۋە روھىي سالاھىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى. ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن يىغلايتتى. مەيلى قانداق يەردە بولسۇن ئۆزىنى ئاللاھ تەرەپكە كېتىۋاتقان مۇساپىر دەپ قارايتتى. ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭغا بولغان چىن دوستلۇقنى سالغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇنى كۆز قارچۇغىنى ئاسىرىغاندەك ئاسرايتتى. ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىمانى، ساپ قەلبى، ئېغىر سىماسى، ئۆزگىچە خىسلەتلىرى، قاملاشقان قىياپىتى ئۇنىڭ بىلەن سورۇنداش بولغان ياكى ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمگە خۇشاللىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلايتتى.
ئۇ ھېچ كىشى ۋە ھېچ نەرسىنى دىندىن يۇقىرى كۆرمەيتتى. ئۇ بىر كۈنى يېقىن دوستى «جۇلاس ئىبنى سۇۋەيد ئىبنى سامىت» نىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىۋېتىپ ئۇنىڭ: «ئەگەر ھېلىقى ئادەم راست ئېيتىدىغان بولسا ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئىشەكتىنمۇ يامانراق بولىمىز» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ «ھېلىقى ئادەم» دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى ئىدى. «جۇلاس» دېگەن بۇ كىشى ئىسلامنى قورقۇپ قوبۇل قىلغانلاردىن ئىدى. ئۇمەير ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تىنچ قەلبىدە غەزەپ ۋە گاڭگىراش ئۆرتىنىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ھېسابلاۋاتقان ئادەم ئاشۇنداق ناچار تەلەپپۇز بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىل تەگكۈزىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئىنكار قىلغان بۇ گەپلەرگە نىسبەتەن مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا تونۇش پەيدا بولغان ئىدى. ئۆزى ئاڭلىغان بۇ گەپلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈش كېرەكمۇ؟ لېكىن يەتكۈزسە قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى سورۇننىڭ ئامانىتىنى ساقلاش زۆرۈر تۇرسا! ئۇنداقتا ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان بۇ گەپلەرنى قەلبىگە يوشۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈشى كېرەكمۇ؟ لېكىن ئۇنداق قىلسا قانداق بولىدۇ؟ بۇ چاغدا ئۇنىڭ ۋاپادارلىقى ۋە ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق ئۇلارنى گۇمراھلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھىدايەت يورۇقلۇقىغا چىقارغان ۋە پەيغەمبىرىگە بولغان دوستلۇقى نەدە قالىدۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ بۇ گاڭگىرىشى ئۇزۇنغا بارمىدى، چۈنكى ساپ قەلب ئادەمگە ئاخىرى بىرەر چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ دەرھاللا خۇددى بىر كۈچلۈك ئادەم تەقۋادار مۇسۇلمانغا خاس ئىش قىلىپ جۇلاسقا مۇنداق دېدى: «ئى جۇلاس، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىشىلەر ئىچىدىن مەن سېنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى، مېنىڭچە سەن ئەڭ ياخشى، ئەڭ سېخىي ئادەم ئىدىڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشىنى بەكمۇ يامان كۆرەتتىم، مېنىڭچە سەن ئەڭ ياخشى، ئەڭ سېخىي ئادەم ئىدىڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يېتىپ قېلىشىنى بەكمۇ يامان كۆرەتتىم، لېكىن سەن ھېلىقى شۇنداق بىر سۆزنى قىلدىڭكى، ئۇنى تارقاتسام ساڭا چوقۇم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، تارقاتماي سۈكۈت قىلسام چوقۇم مېنىڭ دىنىمنى ھالاك قىلىدۇ. ئەمما دىننىڭ ھەققىنى ساقلاش ھەممىدىن ئەۋزەل، شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەن گەپلىرىڭنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىمەن» بۇ گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن ئۇمەيرنىڭ تەقۋادار قەلبى تامامەن خۇشاللاندى، چۈنكى ئۇ بىرىنچىدىن، گەدىنىدىكى مەجلىسنىڭ ئامانىتىنى ساقلاشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ۋە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتەك گۇناھتىن ساقلىنىپ قالغان ئىدى. ئىككىنچىدىن، دىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ قورقۇنچلىق مۇناپىقلىق خاھىشىنى پاش قىلغان ئىدى، ئۈچىنچىدىن، ئۇ جۇلاسقا ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تونۇپ گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئىستىغپار تىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئەگەر شۇنداق قىلسا ئۇمەيرنىڭ كۆڭلى ئارام تاپاتتى. ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايتتى.
لېكىن جۇلاس گۇناھى بىلەن ئەزۋەيلەپ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ياكى ئۆزرە ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئېغىز گەپنىمۇ قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمەير ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا مەن سېنى سېنىڭ گۇناھىڭغا شېرىك قىلىدىغان بىرەر ۋەھىي نازىل بولۇشتىن ئاۋال گەپلىرىڭنى چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېنىق يەتكۈزىمەن» دېگەن ھالدا ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «جۇلاس» نى ئىزدەپ ئادەم ئەۋەتكەندە ئۇ دېگەنلىرىنى ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالدى. ھەتتا ئاللاھقا يالغاندىن قەسەم ئىچتى. لېكىن قۇرئان ئايەتلىرى بىزگە ھەق-ناھەقنى ئايرىپ بەردى:
«ئۇلار يەنە مۇناپىقلار ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى). ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن بايان قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تۆۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ. يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ». جۇلاس، بولۇپمۇ ئۇنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەگەر ئۇ گۇناھىنى تونۇپ تەۋبە قىلسا («ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر») ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلۇغ ئايەتنى كۆرگەندىن كېيىن دېگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى. دېمەك، ئۇمەيرنىڭ ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىدە جۇلاس قىلغانلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك نۇرلىرى بىلەن ئۇنى ئورىغان ھالدا ئۇنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئى يىگىت، قۇلىقىڭ ساڭا ۋاپا قىلدى، پەرۋەردىگارىڭمۇ سېنى تەستىقلىدى» دېدى.
مەن تۆت يىل ئىلگىرى «ئۆمەرنىڭ ئالدىدا» دېگەن كىتابىمنى يېزىۋېتىپ ئۇمەير بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان ئىدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆمەر بىلەن بولغان ئىشى مېنى ئەڭ قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن ئىدى، بىردەمدىن كېيىن سىلەرنىڭمۇ بۇ ئاجايىپ بۈيۈكلۈكنى ھېس قىلىپ بېقىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشنى سىلەرگە ئەينەن بايان قىلىپ بېرىمەن. ئېسىڭلارد بولسۇنكى، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قول ئاستىدىكى ۋالىيلىرىنى تاللىغاندا خۇددى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك ئاجايىپ ئەستايىدىللىق بىلەن تاللايتتى، ئۇ ئۇلارنى زىيادە تەقۋادارلىقتىن ۋالىي بولۇشتىن قاچىدىغان، پەقەت ئۇ مەجبۇرلىغاندىلا ئاندىن قوبۇل قىلىدىغان تەقۋادار، پەرھىزكار، ئىشەنچلىك ۋە راستچىل كىشىلەر ئىچىدىن تاللايتتى. گەرچە ئۇ شۇنچە ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە تەجرىبىلىك بولسىمۇ ۋالىيلىرى ۋە ياردەمچىلىرىنى تاللاشتا تولىمۇ ئېغىر-بېسىق ۋە ئەستايىدىل ئىدى. ئۇ داۋاملىق: «مەن ئەمىر بولغان ۋاقتىمدا ئادەتتىكى خەلقتەك، ئەمىر بولمىغاندا ئەمىردەك تۇرىدىغان، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇلاردا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولۇۋالمايدىغان، خەلقكە ناماز ئوقۇپ بېرىدىغان، ھەقىقەت بىلەن تەقسىم قىلىدىغان، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەندە ئىشىكىنى تاقىۋالمايدىغان بىر ئادەمنىڭ ۋالىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى كۆپ تەكرارلايتتى. بىر كۈنى ئەنە شۇنداق كەسكىن ئۆلچەملەر ئاساسىدا ئۇمەير ئىبنى سەئىدنى «ھىمسى» شەھىرىگە ۋالىي بولۇشقا تەيىنلىدى، گەرچە ئۇمەير بۇ ۋەزىپىنى رەت قىلىپ قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ لېكىن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۇنى مەجبۇرلاپ تۇرىۋالدى. ئاخىرى ھېچقانداق ئامال قىلالماي ئاللاھقا ئىستىخار سېلىپ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالدى ۋە دەرھال يولغا چىقتى.、
گەرچە ئۇ: «ھىمسى» گە بارغىلى تولۇق بىر يىل بولغان بولسىمۇ مەدىنىگە ھېچقانداق باج ئەۋەتىپ بەرمىدى، ھەتتا ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىرەر پارچە خەتمۇ ئەۋەتمىگەن بولغاچقا ئۆمەر كاتىپىنى چاقىرىپ ئۇمەيرگە دەرھال قايتىپ كېلىش ھەققىدە بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىشكە بۇيرىدى. ئەگەر سىلەر رۇخسەت قىلساڭلار، مەن «ئۆمەرنىڭ ئالدىدا» دېگەن كىتابىمدىكى ئۇمەير قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەنلىك كۆرۈنۈشىنى ئەينەن نەقىل قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ:
بىر كۈنى مەدىنە كوچىلىرىدا سەپەر جاپاسىدىن چاچلىرى پاخپىيىپ چاڭ-توزان قونغان، زىيادە چارچىغانلىقتىن قەدەملىرى ئېغىرلاشقان بىر ئادەم پەيدا بولدى، ئۇ ئوڭ مۈرىسىگە تۇلۇم بىلەن ياغاچ تەخسە، سول مۈرىسىگە سۇ قاچىلانغان كىچىك تۇلۇمنى ئېسىۋالغان ئىدى. ھاسسىغا تايىنىۋالغان بولۇپ يۈكى ھېچقانچە ئېغىر ئەمەستەك قىلاتتى، ئۇ سالماق قەدەملىرى بىلەن ئۆمەرگە يېقىنلاشتى ۋە: «ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دەپ سالام قىلدى، ئۆمەر ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاندىن كېيىن ئۈستىۋېشى ۋە ھارغىن ھالىتىنى كۆرۈپ سورىدى:
-نېمە بولدى ساڭا، ئى ئۇمەير؟
-ھېچنىمە بولمىدى، ئۆزلىرى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدىلىغۇ، تېنىم ساق، قېنىم پاك، دۇنيانى ئىككى مۈڭگۈزىدىن تۇتۇپ سۆرەۋاتىمەن.
-ئۈستۈڭدىكى نېمە ئۇ؟
-بۇ مېنىڭ تۇلۇمۇم، ئوزۇق-تۈلۈك قاچىلايمەن، بۇ مېنىڭ تەخسەم، ئۇنىڭ بىلەن تاماق يەيمەن، بۇ مېنىڭ چۆگۈنۈم، ئۇنىڭدا تاھارەت سۈيۈم بىلەن، ئىچىدىغان سۈيۈمنى ئېلىپ ماڭىمەن، بۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، دۈشمەنگە يولۇقسام ئۇنىڭ بىلەن تاقابىل تۇرىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەممە نەرسەم تەل مېنىڭ!
-مېڭىپ كەلدىڭمۇ؟
-ھەئە.
-مىنىدىغان ئۇلاق بېرىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟
-ئۇلار بەرمىدى، مەنمۇ سورىمىدىم.
-بىز ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى قانداق بېجىردىڭ؟
-سىلى ئەۋەتكەن ئۇ شەھەرگە بارغاندىن كېيىن ياخشى كىشىلەرنى يىغىپ ئولجا ۋە مال-مۈلۈكتىن ئايرىلىدىغان باجلارنى يىغىشقا بۇيرۇدۇم، يىغىلغان ماللارنىڭ ھەممىسىنى تېگىشلىك يەرلەرگە ئىشلەتتى، ئېشىپ قالغان بولسا سىلىگە چوقۇم ئالغاچ كېلەتتىم.
-بىزگە ھېچ نەرسە ئەكەلمىدىڭمۇ؟
-ياق.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەختكە چۆمگەن ھالدا: «ئۇمەيرنىڭ يەنە ۋالىي قىلىپ ئەۋەتىڭلار» دەپ خىتاب قىلدى. لېكىن ئۇمەير ئۆزىنى تارتقان ھالدا جاۋاب بېرىپ: «ئۆتكەن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىلىگىمۇ، سىلىدىن باشقىلارغىمۇ ئەمىر بولمايمەن» دېدى. يۇقىرىدا بىز سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىمىز سىنارىيە ياكى ئىجادىي دىئالوگ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىسلام گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان مەزگىللەردە ئىسلام پايتەختى مەدىنىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقە. شۇ دەۋردە ياشىغان ئاشۇ ئۇلۇغۋار كىشىلەر قانداق ئادەملەر بولغىيتتى..؟ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەزىدە ئارزۇ-ئارمانغا چۆكۈپ: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ماڭا ياردەملىشىدىغان ئۇمەيرگە ئوخشاش كىشىلەر كۆپرەك بولغان بولسا» دەيتتى، چۈنكى ساھابىلەر «ئۆزىنىڭ سىردىشى» دەپ تەرىپلىگەن ئۇمەير بىزنىڭ ماددىي ۋۇجۇدىمىز ۋە ھاياتىمىزدا تېپىلىدىغان ھەر قانداق ئىنسانىي ئاجىزلىقتىن خالىي ئىدى. بۇ ئۇلۇغ ئەۋلىياغا ۋالىي ۋە ئەمىر بولۇش سىنىقى تەقدىر قىلىنغاندا ئۇ بۇ سىناقتىن ئاجايىپ تەقۋادارلىق ۋە ئاجايىپ يارقىنلىق بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ «ھىمسى» گە ئەمىر بولغان مەزگىلدە مۇنبەر ئۈستىدە مۇسۇلمان ھاكىم ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى يارقىن سۆزلەر بىلەن كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا يەتكۈزگەن ئىدى: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئىسلامنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى ۋە مەزمۇت ئىشىكى باردۇر، قورغىنى بولسا ئادالەتتۇر، ئىشىكى بولسا ھەقىقەتتۇر، قاچانكى، قورغان بىلەن ئىشىك بۇزۇپ تاشلانسا ئىسلام بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ، پادىشاھ قاتتىق بولسىلا ئىسلام بىخەتەر بولىدۇ. پادىشاھنىڭ قاتتىقلىقى قىلىچ چېپىش بىلەن ياكى قامچا ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئادالەتنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بولىدۇ».
كېلىڭلار، ئەمدى بىز ئۇمەير بىلەن ۋىدالىشىۋاتقان، چەكسىز ھۆرمەت ئىچىدە ئۇنىڭغا سالام يوللاۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئۇستازلارنىڭ ياخشىسى، تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى، ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلغان پەزلى-مەرھەمىتى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىززەت-ئىكرام يۈزىسىدىن ھۆرمەت بىلدۈرەيلى. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ پاك ئەھلى-ئەۋلادلىرى، ياخشى ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكەتلىرى تېگىل بولسۇن.
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 637 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-06