خۇبەيب ئىبنى ئەدىي

جامائەت. ئەمدى بۇ قەھرىمانغا يول بوشىتىڭلار. ھەر جاي، ھەر ماكاندىن چوڭ-كىچىك ھەممىڭلار تېز كېلىپ پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن تەڭداشسىز پىداكارلىق دەرسىنى ئاڭلاڭلار. سىلەر ئېھتىمال بۇنىڭدىن ئىلگىرى سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى تەڭداشسىز پىداكارلىق دەرسى ئەمەسمۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن. توغرا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تەڭداشسىز، ئاجايىپ بايانلار ئىدى. لېكىن ھازىر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا قۇربان بېرىش سەنئىتىدە يېڭى بىر ئۇستاز تۇرىۋاتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ھازىرلىق قىلالمىساڭلار نۇرغۇن ياخشىلىقلار قولۇڭلاردىن كېتىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئى ھەر قايسى خەلق ۋە يۇرتتىكى بارلىق ئەقىدە ئىگىلىرى، ئى ھەر قايسى دەۋىر ۋە زاماندىكى بۈيۈكلۈك ئاشىقلىرى، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار، سىلەرمۇ مەغرۇرلۇق پاتقىقىغا پېتىپ ئۇلارغا ئىشىنىشنى خاتا چۈشىنىپ كېلىۋاتقانلار، ئاشۇ مەغرۇرلۇقىڭلار بىلەن كېلىڭلار، تېز سۈرئەتتە ھازىر بولۇپ، ئاللاھنىڭ دىننىڭ كىشىلەرنى قانداق تەربىيلەيدىغانلىقىنى، جاھاندا ئاشۇنداق كاتتا شەرەپ، تىز پۈكمەسلىك، تەۋرەنمەسلىك، پىداكارلىق ۋە ئىخلاسمەنلىكنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپ قويۇڭلار. يىغىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەت ئۆزىگە ئىخلاس قىلغۇچىلارغا قانداق مۆجىزە خاراكتېرلىك بۈيۈكلۈك ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. دارغا ئېسىقلىق تۇرغان بۇ تەننى كۆرىۋاتامسىلەر؟؟ ئۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى دەرسىمىزنىڭ تېمىسى، ئى ئىنسان ئەۋلادلىرى! توغرا، ئالدىڭلاردىكى دارغا ئېسىقلىق تۇرغان بۇ تەن بىزنىڭ ئۆگەنمەكچى بولغان دەرسىمىز، بىزنىڭ ئۇستازىمىزدۇر. ئۇنىڭ ئىسمى «خۇبەيب ئىبنى ئەدىي». «خۇبەيب ئىبنى ئەدىي» ! بۇ ئۇلۇغ ئىسىمنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار، چۈنكى ئۇ ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق مەزھەپ، ھەر قانداق ئىرق ۋە ھەر قانداق دەۋىردىكى بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز شەرەپ ئېلىپ كەلگۈچىدۇر. ئۇ مەدىنىدىكى «ئەۋس» قەبىلىسىدىن ۋە ئۇ يەردىكى ئەنسارلاردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان ۋە ئالەملەرنىڭ تەربىيلىگۈچىسى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولۇپ، روھىي ساپ، ئىمانى مۇستەھكەم، دىلى سەزگۈر ئىدى. «بەدرى» غازىتى بولغاندا قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا ئۆز قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇشرىكلارنىڭ بىرى «ھارىس ئىبنى ئامىر ئىبنى نەۋفەل» ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ قۇرەيشنىڭ مەغلۇپ بولغان قالدۇق ئەسكەرلىرى مەككىگە قايتىپ بارغاندا «ھارىس» نىڭ بالىلىرى ئۇرۇشتا دادىسىنى ئۆلتۈرگەن خۇبەيب ئىبنى ئەدىي دېگەن بۇ مۇسۇلماننى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېسىلىرىدە چىڭ ساقلىۋېلىشقان ئىدى.
مۇسۇلمانلار «بەدرى» غازىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەدىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن يېڭى جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قايتا كىرىشتى. خۇبەيب ئۆزىدە تەقۋادارلارغا خاس خاراكتېر ۋە ئابىدلارغا خاس ئىشتىياق يېتىلدۈرگەن ئىخلاسمەن ئىدى. ئۇ يەردە ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئىبادەتكە كىرىشىپ كەتتى، كېچە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى، كۈندۈزى روزا تۇتاتتى، پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى پاكلايتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ساھابىلىرى ئىچىدىن ئون كىشىنى تاللاپ يوشۇرۇن ئەھۋال ئىگىلەشكە ئەۋەتمەكچى بولدى، خۇبەيبمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. «ئاسىم ئىبنى سابىت» نى ئۇلارغا باش قىلدى. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن بۇ بىر جامائە كىشى يولغا چىقىشتى. ئۇلار مېڭىپ مەككە بىلەن «ئەسەفان» نىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا «ھۈزەيل» قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان «بەنۇھەييان» دېگەن يۇرتقا ئۇلارنىڭ يولغا چىققانلىق خەۋىرى يېتىپ باردى. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ماھىر 100 مەرگەن توپلىشىپ ئۇلارنىڭ ئىزىنى قوغلاپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئەگەر ئۇلار قۇملۇقتىن ساھابىلەر تاشلىۋەتكەن بىر دانە خورما ئۇرۇقىنى تېپىۋالمىغان بولسا چوقۇم يولدىن ئادىشىپ قالغان بولاتتى. ئۇلار بۇ ئۇرۇغچىنى ئەينى دەۋىردە ئەرەبلەردە راۋاج تاپقان ئىزچىلىق قائىدىلىرى بويىچە تەھلىل قىلىپ: «بۇ مەدىنىنىڭ خورمىسىنىڭ ئۇرۇقى ئىكەن، شۇ بويىچە ئىزدەيلى، بەلكىم ئۇلارنى تېپىۋالارمىز» دېيىشتى. ئۇلار يەرگە تاشلانغان ئۇرۇقچىلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ ئاخىرى يىراقتىن ئىزدەۋاتقان نىشاننى بايقاشتى. ئون ساھابىنىڭ باشلىقى ئاسىم ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ھەمراھلىرىنى ئېگىز تاغ چوققىسىغا چىقىۋېلىشقا بۇيرىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي 100 مەرگەن يېتىپ كېلىپ تاغ باغرىدا ئۇلارنى مەھكەم قورشىۋالدى ھەم ئۇلارغا چېقىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندىدى. بۇ چاغدا بۇ 10 كىشى بۇيرۇق كۈتۈپ ئەمىرى «ئاسىم ئىبنى سابىت ئەنسارى» غا قاراشتى. ئۇ: «مەن بولسام، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەرگىز مۇشرىكنىڭ كاپالىتىگە ئۆتمەيمەن. ئى ئاللاھ، بۇنى پەيغەمبەرلىرىگە يەتكۈزۈپ قويسىلا» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇ 100 مەرگەن ئۇلارغا ئوق ئېتىشقا باشلىدى. ئوق ئۇلارنىڭ ئەمىرى ئاسىمغا تېگىپ شېھىت بولدى، كېيىن يەنە يەتتە ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شېھىت بولدى. ئەمدى ئۇلار قالغانلارنى تاغدىن چۈشسە يامانلىق قىلماسلىققا ئۈندىگىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ كىشى يەنە خۇبەيب ئىبنى ئەدىي ۋە ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى «زەيىد ئىبنى دىسسىننە» نى تۇتۇۋېلىپ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ قويدى، ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولسا مەرگەنلەرنىڭ يامان غەرىزىنى بىلىپ، ئاسىم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش شېھىت بولۇش نىيىتىگە كېلىپ شەرەپ بىلەن شېھىت بولدى. شۇنداق قىلىپ مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىن ئىمانى ئەڭ كۈچلۈك، ۋەدىگە ئەڭ ۋاپا قىلىدىغان، ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېپىللىكىگە ئەڭ چوڭقۇر ئىشىنىدىغان بۇ سەككىز كىشى ئالەمدىن ئۆتتى.
گەرچە خۇبەيب بىلەن زەيىد ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان بولسىمۇ لېكىن چىڭ باغلانغان بولغاچقا ئامال قىلالمىدى. ئاخىرى بۇ زالىم مەرگەنلەر بۇلارنى مەككىگە ئېلىپ بېرىپ مۇشرىكلارغا سېتىۋاتمەكچى بولدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خۇبەيبنى مەككىگە ئېلىپ كەلگەنلىك خەۋىرى تارقاپ ھارىس ئىبنى ئامىرنىڭ بالىلىرى «بەدرى» ئۇرۇشىدا تارتقان تالاپەتلىرىنى ئېسىگە ئالدى. خۇبەيب دېگەن بۇ ئىسىمنى ئېسىلىرىدە چىڭ ساقلىغان بولغاچقا قەلىبلىرىدە قايتىدىن ئۆچ-ئاداۋەت تۇيغۇلىرى قوزغالدى-دە، ئۇنى سېتىۋېلىشقا دەرھال ئالدىراشتى. ئۇلارنىڭ ئۇنى سېتىۋېلىشقا ئۆزلىرىنىڭ ئاداۋىتىدىن باشقا شۇ ئۇرۇشتا ئاتا-ئانىلىرى ۋە چوڭلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلقلەرنىڭ ئىنتىقام ئېلىشقا بولغان كۈچلۈك تەلىپىمۇ ھەيدەكچىلىك رول ئوينىدى. يەنە بىر مۇنچە كىشىلەر خۇبەيبنىڭ ھەمراھى «زەيىد ئىبنى دىسسىننە» گە نىجىس قوللىرىنى تەككۈزۈپ، ئۇنىمۇ ئازابلاپ قىيناشقا باشلىدى. خۇبەيب پۈتۈن قەلبى، ئىشلىرى ۋە كەلگۈسىنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا تاپشۇردى. ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن ئۆزىگە تاشنى ئېرىتىپ قورقۇنچنى تارقىتىۋېتەلەيدىغان كۆڭۈل ئارامى تېپىپ خاتىرجەم ھالدا ئىبادەتكە يۈزلەندى. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن، ئۇ بولسا ئاللاھ بىلەن ئىدى. ئاللاھنىڭ قولى ئۇنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، قەلبىدە ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ راھىتىنى ھېس قىلغاندەك بولاتتى. بىر كۈنى ھارىسنىڭ قىزلىرىدىن بىرى دادىسىنىڭ ئۆيىگە ئەسىر قىلىنىپ سولاپ قويۇلغان خۇبەيبنىڭ يېنىغا كىرىدى ۋە بۇ يەردە كۆرگەن ئاجايىپ ئىشنىڭ خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ چوڭ بىر ساپ ئۈزۈمنى يەپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ تۆمۈر زەنجىرلەر بىلەن ئىنتايىن مەھكەم باغلىۋېتىلگەن تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا پۈتۈن مەككە تەۋەسىدە بىر ساپ ئۈزۈم تۇرماق بىر دانە ئۈزۈممۇ بولمىسا، مېنىڭ ئويلىشىمچە بۇ رىزىقنى خۇبەيبكە ئاللاھ بەرگەن». توغرا، ئاللاھ خۇددى ئىمراننىڭ قىزى مەريەمگە رىزىق بەرگىنىدەك، بۇ ياخشى بەندىسىگىمۇ ئۆزى رىزىق بەرگەن: «زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم، بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى. مەريەم: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا-مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ».
مۇشرىكلار خۇبەيبنىڭ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسىنى تېتىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دوستى زەيىد ئىبنى دىسسىننەنى ئۆلتۈرگەنلىك خەۋىرىنى يەتكۈزدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا رەھمىتى ۋە خاتىرجەملىكىنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا زىياپەت بەرگەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇلار ئەگەر ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭدىنمۇ ئاۋال ئۇ مۇھەممەد ئىمان ئېيتقان پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولسا ئۇنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىمانى بىلەن سودىلىشىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خۇددى قۇياشنى ئوق ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولغان ئادەمگە ئوخشاش ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلىشمەيتتى. توغرا، خۇبەيبنىڭ ئىمانى قۇياشتەك قۇدرەتلىك، قۇياشتەك يىراق، قۇياشتەك ئوتلۇق ۋە قۇياشتەك نۇرلۇق بولۇپ يورۇقلۇق ئالماقچى بولغانلارغا يورۇقلۇق، ھارارەت ئالماقچى بولغانلارغا ھارارەت بېرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرماقچى بولغانلارنى كۆيدۈرۈپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار خۇبەيبكە خىزمەت ئىشلەپ نىشانىغا يېتەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپ، ئۆلۈمنى شۇ يەردە تاپىدىغان «تەنئىيىم» دېگەن جايغا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن خۇبەيب ئۇلاردىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئۆزى بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىش توغرىسىدا كېڭىشىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ رۇخسەت قىلىشتى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى، چىن ئىخلاسى بىلەن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. روھىدىن ئىمان ھالاۋىتى فونتاندەك ئېتىلىپ چىقتى. ئۈزۈلدۈرمەي ناماز ئوقۇشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارغا قاراپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر مېنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ ناماز ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغان بولساڭلار تېخىمۇ كۆپ ناماز ئوقۇغان بولاتتىم» دېدى ۋە قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ بەرگىن، پۈتۈنلەي يوقاتقىن» دەپ ئىلتىجا قىلدى. بەلكىم بۇ ئەرەبلەرنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى بولۇپ، ئادەمنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن.
ئۇلار خورما ياغىچىدىن چوڭ دار تەييارلاپ خۇبەيبنىڭ پۇت-قوللىرىنى ئۇنىڭغا مەھكەم باغلاپ تۇرغۇزدى. مۇشرىكلار بولسا ئىنتىقام ئالماقچى بولغانلىرىدىن كۆڭلى-قارنىلىرى ئېچىلىپ خۇشاللىق بىلەن ئوراپ تۇرۇشاتتى، مەرگەنلىرى نەيزە ۋە ئوقلىرىنى تەقلەپ تەييار بولۇپ تۇرۇشقان ئىدى. بۇ ۋەھشىيلەرچە تەييارلىقلارنىڭ ھەممىسى غەرەزلىك ھالدا دارغا ئېسىلغان (باغلانغان) بۇ قەھرىماننىڭ ئالدىدا ئالدىرىماي ئىشلەندى، ئۇ كۆزىنى يۇمۇپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىدىن ئاجايىپ خاتىرجەملىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نەيزىلەر ئېتىلىشقا، قىلچلار گۆشلىرىنى شىلىشقا باشلىدى. شۇ چاغدا قۇرەيش داھىيلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «سېنىڭ ئورنۇڭدا مۇھەممەد بولسا، سەن ئائىلەڭدە خاتىرجەم ياشاشنى ياخشى كۆرەمسەن؟». بۇ چاغدا خۇبەيب بوراندەك سىلكىنىپ بۇ گەپنى دېگۈچە شىردەك ھۆركىرەپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، گەرچە مەن ئائىلەمدە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىم بىلەن ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بىر تال تىكەننىڭ سانجىلىشىغىمۇ رازى ئەمەسمەن» دېدى. ئۇلار زەيىد ئىبنى دىسسىننەنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان چاغدا دېگەن بۈيۈك سۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى، ئىلگىرى زەيىد دېگەن شانلىق، ياڭراق سۆزلەرنىڭ ئۆزىنى بۈگۈنكى كۈندە خۇبەيبمۇ ئوخشاشلا دەۋاتاتتى. ئەينى چاغدا تېخى مۇسۇلمان بولمىغان ئەبۇ سۇفيان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقىنى باسالماي ئالقانلىرىنى ئۇرۇشتۇرغان ھالدا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئەزەلدىن مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مۇھەممەدنى ياخشى كۆرگىنىدەك كىشىنىڭ كىشىنى ياخشى كۆرگىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم» دېدى. خۇبەيبنىڭ يۇقىرىدا دېگەن باتۇرانە سۆزلىرى بەدىنىگە تېگىۋاتقان نەيزە، قىلىچلارنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يېتىشىگە سەۋەب بولدى. ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى ياۋۇزلارچە قىيناشقا باشلىدى. نەق مەيداندىن يىراق بولمىغان ھاۋا بوشلۇقىدا لاچىن قاتارلىق گۆشخور ياۋايى قۇشلار گويا تېخى سوۋۇمىغان يېڭى تەندىن مەززىلىك بىر ۋاقلىق ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ رەھىمسىز «قاسساپلار» نىڭ قايتىپ كېتىشىنى كۈتۈپ ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. لېكىن ئۇلار خۇددى ئۆز-ئارا سۆزلىشىۋاتقان تۇمشۇقلىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىشكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھاۋانى يېرىپ يىراق-يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ كېتىشتى. ئېھتىمال ئۇلار تەبئىي خاراكتېرى ۋە ئۆتكۈر پۇراش سېزىمى بىلەن دار تاختىيىغا باغلانغان تەندىن كېلىۋاتقان تەقۋادار، ياخشى بىر ئادەمنىڭ خۇش ھىدىنى سەزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن ياكى زىيان يەتكۈزۈشتىن خىجىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. قۇشلار ئىنساب قىلىپ پاك- دىيانىتىنى ساقلاپ كەڭ ئالەم قوينىغا ئۇچۇپ كەتتى. ھايۋان كەبى ياۋۇزلاشقان مۇشرىكلارمۇ ئۆچ-ئادەۋەتكە تولغان ئۇۋىلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. شەھىد بولغان بۇ تەن نەيزە ۋە قىلىچلارنى كۆتۈرگەن بىر جامائە قۇرەيشنىڭ نازارىتىدە قالدى. مۇشرىكلار خۇبەيبنى خورما ياغىچىدىن ياسالغان كىرىست شەكىللىك ئاشۇ دارغا باغلىغان ۋاقتىدا ئۇ ئاسمانغا قاراپ بۈيۈك پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى ئاللاھ، بىز پەيغەمبىرىڭنىڭ دىنىنى يەتكۈزدۇق، سەنمۇ ئەتىسى ئۇنىڭغا بىز دۇچار بولغان ئىشلارنى يەتكۈزۈپ قويغىن» دەپ ئىلتىجا قىلغان ئىدى. ئاللاھمۇ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تۇرىۋاتقاندا ئۇ ساھابىلىرىنىڭ مۇشكىلاتقا دۇچ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بىر جەسىتى مۇئەللەق ھالەتتە ئايان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ دەرھال مىقداد ئىبنى ئەمىر بىلەن زۇبەير ئىبنى ئەۋامنى يېنىغا چاقىرىپ دەرھال بېرىشقا بۇيرىدى. ئۇلار ئاتلىرىغا مىنىشىپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار ئاللاھ خالىغان مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن كۆزلىگەن جايىغا بېرىشتى ۋە ھەمراھلىرى «خۇبەيب» نى داردىن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ مۇبارەك تېنىنى قوينىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان پاك يەرگە دەپنە قىلدى. تا بۈگۈنگە قەدەر ھېچ كىشى خۇبەيبنىڭ قەبرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئېھتىمال شۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغاندۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ چاغدا تارىخ خاتىرسىدە، ھاياتلىق نېگىزىدە دار ئۈستىدىكى قەھرىمان سۈپىتىدە ئەبەدىل-ئەبەد ساقلىنىدۇ.

«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 7

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 699 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 7قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-21