مېندېلېيېۋ


Dmitri MendeleevDmitri Mendeleev
1869-يىلى ئىلىم-پەن تارىخىدا بىر زور كەشپىيات بارلىققا كەلدى، ئۇ بولسىمۇ ئىنگلىز «ئىلمىي تەتقىقاتتىكى چوڭ تۆھپە» دەپ ئاتىغان ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى. بۇنىڭ ئىختىراچىسى روسىيىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ خىمىك مېندېلېيېۋدۇر. مېندېلېيېۋ 1834-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا خىمىيىگە ھەۋەس قىلغان. ئانىسى ئۇنى ئەتراپتىكى ئەينەك زاۋۇتىغا ئويناتقىلى ئاپارغاندا، ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلاتى ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان. ئۇ ئىشچىلارنىڭ ساپ رۇدىنى ئوچاققا تاشلىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ يەردىن بىر تال قىپ-قىزىل چوغنى ئېلىپ، تۆمۈر نەيچىنىڭ بىر ئۇچىدا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، بىردىنلا تەخسە، چىنىگە ئوخشاش ئەينەك بۇيۇملارغا ئايلانغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا، بۇ سىرنى جەزمەن ئېچىش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئۇ 16 يېشىدا پېتېربۇرگ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ تەتقىق قىلىدۇ، 1854-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا «خىمىيە ئاساسلىرى» دىن دەرس بېرىدۇ. 1856-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ. 1869-يىلدىن ئىلگىرى، كىشىلەر خىمىيۋى ئېلېمېنت بولغان ھىدروگېن، ئوكسىگېن، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدى. لېكىن بۇنداق بىلىم يەككە-يېگانە بولۇپ، ئېلېمېنتلارنىڭ خاسلىغىلا بايقىلىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تەتقىق قىلىنمىغان، تېخى مەلۇم بولمىغان ئېلېمېنتلارنى ئالدىن مۆلچەرلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. ئۇ چاغدا، بىرەر يېڭى ئېلېمېنت تېپىلىپ قالسا، خۇددى بىر چاقىرىلمىغان مېھمان كېلىپ قالغاندەك، پۈتۈنلەي كۈتۈلمىگەن ئىش بولاتتى.مېندېلېيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ئېلېمېنتلارنىڭ خىمىيۋى خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئاتوم خۇسۇسىيىتى ئۈستىدە ئىزلىنىشكە ھەم ئۇلارنىڭ ئاتوم مىقدارنى تېپىپ چىقىشقا بەل باغلىغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ مۇشۇ رەتسىز قالايمىقان، بىر تالاي ئېلېمېنتلار ئۈستىدە ئىزلىنىدۇ، تۈرلۈك ئېلېمېنتلارنىڭ نامىنى كارتوچكىلارغا يېزىپ قويىدۇ، ھەربىر كارتوچكىغا شۇ ئېلېمېنتنىڭ توغرا ئۆلچەنگەن ئاتوم مىقدارىنى ھەم ئەڭ ئاددى خىمىيلىك تەڭلىملەر بىلەن كۆرسىتىلگەن ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرىنى يېزىپ قويىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كارتوچكىلىرىنى ئاتوم مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈك رېتى بويىچە رەتلەپ، ھەمىشە كىچىك كارتوچكىلارنى ئۈستەلگە تىزىپ قويۇپ تەتقىق قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن كېلىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئېلېمېنتلار كارتوچكىلىرىنى خۇددى قارتا ئوينىغاندەك ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈپ، بىردەم يىغىپ، بىردەم چېچىۋېتىپ، قاتتىق پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بارلىق خىمىيۋى ئېلېمېنتلار ئوتتۇرىسىدا جەزمەن ئىچكى باغلىنىش بارلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ. بۇنداق ئىشەنچ ئۇنىڭ ئىلىم-پەننىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا قەتئىي بوشاشماي يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە مەدەت بېرىدۇ. بۇنداق باغلىنىشنى قايسى ئۇسۇل بىلەن تاپقىلى بولىدۇ؟ ئۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرى بۇنىڭدا ئاتوم مىقدارىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ. توغرا پىكىرنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە توغرا ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. مېندېلېيېۋنىڭ ئۇسۇلى ئىلگىرىكىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرىكىلەر خۇسۇسىيىتى ئوخشاپ كېتىدىغان ئېلېمېنتلارنى بىر گۇرپپا قىلىشقا ئىنتىلغان. بۇنداق تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى قاتمال ئۇسۇل بولۇپ، پەقەت مەلۇم بولغان ئېلېمېنتلارنى رەتلەپ تۈرگە ئايرىش رولىنىلا ئوينايتتى، بۇنىڭ بىلەن باشقىچە قىياس قىلغىلى، يېڭى ئېلېمېنتلارنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايتتى. مېندېلېيېۋ بولسا خىمىيۋى خۇسۇسىيىتى ئېنىق بولمىغان، لېكىن ئاتوم مىقدارى بىر-بىرىگە يېقىن بولغان ئېلېمېنتلارنى بىر-بىرىگە يانداشتۇرۇپ تىزىپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئېلېمېنتلارنىمۇ بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى ئاخىرى تېپىلىدۇ، مېندېلېيېۋ بىرىنچى قېتىم ئېلان قىلغان ئېلېمېنتلار دەۋىرى جەدۋىلىگە شۇ چاغدىكى خىمىيە ئالىملىرىغا مەلۇم بولغان 63 ئېلېمېنتنىڭ نامىلا تىزىلىدۇ. بۇ جەدۋەلدە 33 كاتەكچە بوش قالدۇرۇلىدۇ. بۇ دۇنيادا تېخى تېپىلمىغان 33 خىل ئېلېمېنت بار دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ شۇ چاغدىكى خىمىيە ئالىملىرى تازا ئىشىنىپ كەتمىگەن بىر ئىش ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مېندېلېيېۋ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ تەبئىي سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ مەلۇم بولمىغان ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىشتە قوللىنىشى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بۇ ماقالىسىدە، دۇنيا بويىچە تېخى تېپىلمىغان ماددىلارنىڭ تەپسىلىي خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ ماقالە پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ، ھەر قايسى ئەللەردىكى ئالىملار ئايرىم-ئايرىم تەجرىبە قىلىپ، تېخى مەلۇم بولمىغان ئېلېمېنتلارنى ئىزلەيدۇ.بىر يىل ئۆتىدۇ، ئىككى يىل ئۆتىدۇ. تۆتىنچى يىلىغا بارغاندا، يېڭى ئېلېمېنت تېپىلىدۇ. 1875-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى فرانسىيىنىڭ ياش خىمىگى بۇئا بوتلان يالتىراق سىنىك كېنىدىن بىر خىل يېڭى ئېلېمېنتنى تاپىدۇ. ئۇنىڭ شۇ چاغدا تاپقىنى تەخمىنەن يۈزدە توققۇز گىرام ئېغىرلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭغا  «گاللىي» دەپ نام بېرىلىدۇ. مېندېلېيېۋ ئۆزىنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا ئالاقىدار بولغان بۇ يېڭى ئېلېمېنت گاللىينىڭ خۇسۇسىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. پارىژدا ئېلان قىلىنغان تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىدىن يېڭى ئېلېمېنت گاللىينىڭ خۇسۇسىيىتى مېندېلېيېۋ 4 يىلنىڭ ئالدىدا مۆلچەرلىگەن «ئاليۇمىن» تىپىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە يېقىن كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قاتتىقلىقى توغرىسىدا مېندېلېيېۋ ئۇنى تاپقۇچىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ، قاتتىقلىغى 4.7 ئەمەس، 5.9 غا يېقىن بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. بۇ دەرھال قاتتىق تەسىر قوزغايدۇ. ئەجىبا گاللىي دېگەن ئەمىلىي ئېلېمېنتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغان تاپقۇچى ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان مېندېلېيېۋدىن خاتا بولارمۇ؟ پاكىت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. گالىلېي تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئېلىش ۋە ئۇنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىسىدا، مېندېلېيېۋنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر تۈركۈم يېڭى ئېلېمېنتلار كەينى-كەينىدىن تېپىلىدۇ. جەدۋەلدىكى بوش قالغان كاتەكچىلەر بىر-بىرلەپ ئازىيىدۇ. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى توغرىسىدىكى نەتىجە دۇنيادا ئۆچمەس شان-شەرەپ قالدۇرىدۇ. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىنىڭ سىرى ئۈستىدىكى قىياسلار كىشىلەرنى ئاتوملارنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى سىرنى ئېچىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا قوزغايدۇ. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى ئاتوملارنىڭ تۈزۈلۈش دەرۋازىسىنى ئېچىشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالىدۇ. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى يېڭى پەن يادرو فىزىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇنداقلا كېيىنكى ئالىملارنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ سىرىنى ئېچىشى ۋە بۇ ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. كېيىن ئاتوملارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئېلېمېنتلاردا دەۋرى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ تۇرىدىغانلىقلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلمىي ھەم چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا مېندېلېيېۋ كەشپ قىلغان دەۋر قىلىش قانۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىلىدۇ ھەم بېيىتىلىدۇ.مېندېلېيېۋ بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتتىن تاشقىرى يەنە خىمىيىنىڭ باشقا ساھەلىرىدە مەسىلەن سۇنىڭ ئايرىلىشى، نېفىتنىڭ قېزىلىشى، ئىسسىز ئوق دورىسىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. فىزىكا ئىلمى جەھەتتىمۇ نەتىجە ياراتقان. تىرشچانلىق مېندېلېيېۋنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاساسىي شەرتلەرنىڭ بىرى. بەزىلەر ئۇنى تالانتلىق دېگەندە ئۇ كۈلۈپ قويۇپ: «ھە! تالانت دېگەن شۇنداق بولىدۇ، ئۆمۈرۋايەت تىرىشسا تېخىمۇ تالانتلىق بولىدۇ» دېگەن. ئۇ ھەمىشە كېچىلەپ ئىشلەپ ناھايىتى ئاز دەم ئالىدۇ. ئۇ «ئورگانىك خىمىيە» دېگەن كىتابنى يېزىشتا، ئىككى ئايغىچە ئۈستەلدىن قوزغالمىغان. مېندېلېيېۋنىڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىككى كۆزىنىڭ نۇرى كېتىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى ۋاپات بولۇپ كەتكەنگە قەدەر يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1907-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى (72 ياش) مېندېلېيېۋ ۋاپات بولۇشتىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، ھەدىسى ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ كىشى قورققىدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېتىپ ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلسا، ئۇ: «ھېچ ۋەقەسى يوق» دەپ، قولىدا قەلىمىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇرىۋەرگەن.

«101 ئالىم» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 517 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-03