پاۋلوۋ


Ivan PavlovIvan Pavlov
ئىۋان پېتروۋىچ پاۋلوۋ روسىيىنىڭ بۈيۈك فىزىئولوگى. پاۋلوۋ 1849-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ريازان شەھىرىدىكى بىر پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىدىكى پاۋلوۋ تەسەۋۇرچان بالا ئىدى. ئۇ دادىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىزلىقتا ئىشلىگەندە، جانلىق مەۋجۇداتلار دۇنياسىدىكى تۈرلۈك غەلىتە ھادىسلەرگە ھەمىشە دىققەت بىلەن نەزەر سالاتتى. ئۇ ھەمىشە چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىدا ئۇدا بىر نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، بۇ ئۇششاق ھاشارەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى كۈزەتكەن. پاۋلوۋ كىچىكىدە دىنىي تەربىيە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تەبئىي پەنگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان. 1869-يىلى، ئۇ پېتېربۇرگقا بېرىپ ئوقۇغان. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئادەم فىزىئولوگىيىسى ۋە پاتالوگىيە بىلىمىنى يەنىمۇ تولۇقلاش ئۈچۈن، 1874-يىلى تاشقى كېسەللەر ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىغا كىرگەن. ئۇ يەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە چەتئەلگە چىقىپ 2 يىل ئوقۇغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت زېھنىي كۈچىنى ئىلىم-پەن ئىشىغا بېغىشلىغان. ئۇ ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ۋە چوڭ مېڭە فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ بۇ تېمىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەندە، ھەمىشە خۇددى بىر ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن ئوۋچى ئۆزى ئوۋلىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشكە نەپىسى تاقىلداپ كەتكەندەك بىتاقەت بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ئائىلىسىنى تاشلىغان، بالا-چاقىسىنى ئۇنتۇغان، تۇرمۇش ھەر قانچە مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋەرگەن، بىر قېتىم ئۇنىڭ ئاغىينىلىرى تۇرمۇشتا قوشۇمچە قىلار دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇنىڭغا بىر ئاز پۇل يىغىشىپ بەرگەن، لېكىن ئۇ بۇ پۇلغا بىر مۇنچە ئىت سېتىۋالغان. دېمەك، ئۇ ئىتقا ئىنتايىن قىزىققان، ئىت ئۇنىڭ تەجرىبە قىلىش ئىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرت ئىدى.
ھازىرقى زامان ئاشقازان فىزىئولوگىيىسى پاۋلوۋنىڭ تەتقىقاتىدىن كېيىن رەسمىي بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى زور كەشپىياتى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: «ئوزۇقلۇق ئاشقازانغا كىرمەستىنلا، ئاشقازان سۇيۇقلۇق ئاجرىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئوزۇقلۇق ھايۋاننىڭ ئاغزىغا تېگىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ ئاشقازىنى سۇيۇقلۇق چىقىرىپ بولىدۇ. ئۇ بۇ يەكۈننى دەللىلەش ئۈچۈن مەشھۇر «يالغان ئوزۇقلاندۇرۇش تەجرىبىسى» نى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بىر يۈرۈش ئالاھىدە تاشقى ئوپراتسىيىنى لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئىتنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنى ئوتتۇرىدىن كېسىۋېتىپ، ئاندىن كېسىلگەن ئىككى ئۇچىنى بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ، تېرىگە تىكىپ قويىدۇ. تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىدە تەجرىبە قىلىنغان ئىت يېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۆشۈكتىن چىقىپ ئاش يېگەن قاچىغا چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىت ئوزۇقلۇقنى ئارقا-ئارقىدىن بولۇشىچە يەۋېرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن يالغان ئوزۇقلاندۇرۇش بولىدۇ. كېيىن، ئۇ يەنە كىچىك ئاشقازان ئوپراتسىيىسىنى قىلىدۇ. ئاشقازاننىڭ بىر قىسمىنى پۈتۈن ئاشقازاندىن ئاجىرتىۋېتىدۇ. ئەمما نېرۋىسىنى ئۈزىۋەتمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىچىك ئاشقازان ئوزۇقلۇق چۈشسىمۇ، لېكىن ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، سۇيۇقلۇق چىقىرىۋېرىدۇ. بۇ چاغدا ئاشقازانغا سېلىپ قويۇلغان نەيچە ئارقىلىق، كۆپلەپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى يىغىۋېلىنىپ، ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. پاۋلوۋ بۇ تەجرىبىنى داۋالاش ئەمىلىيىتى قىلىپ، ئىتتىن ئالغان ساپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئۈچەي، ئاشقازان سىستېمىسىدىكى كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالىملار «يالغان ئوزۇقلاندۇرۇش تەجرىبىسى» نى 19-ئەسىردىكى ئەڭ زور تۆھپە قوشقان تەجرىبە دەپ ماختاشقان. شۇڭا 1904-يىلى پاۋلوۋ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.
پاۋلوۋ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى توغرىسىدىكى بىلىمنى 30 يىل تەتقىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «مېڭە بىلەن ئالىي نېرۋىنىڭ پائالىيىتى قوش رېفلىكىستىن ھاسىل بولىدۇ: بىر خىل ھايۋان (جۈملىدىن ئادەم) دە تۇغما ھەرىكەت ئىقتىدارى بولىدۇ. مەسىلەن، بالا تۇغۇلۇش بىلەنلا يىغلايدۇ، ئىمىدۇ. بۇ شەرتسىز رېفلىكىس دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى ھايۋانلار ئۆزى ياشاۋاتقان كونكىرىت شارائىتنىڭ تەسىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ شەرتلىك رېفلىكىس دەپ ئاتىلىدۇ. شەرتسىز تەسىر بىلەن شەرتلىك تەسىر بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلگەن چاغدا، شەرتلىك رېفلىكىس ھاسىل بولىدۇ. پاۋلوۋ بۇ ھەقتە ئىتتىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەجرىبىنى «ماڭا پۇتۇڭنى بەر» دەپ ئاتايدۇ. ئىت ئالدىڭىزدا تۇرغان چاغدا، ئۇنىڭغا بىرىنچى قېتىم «پۇتۇڭنى بەر» دەپ قويۇپ، ئاندىن ئىتنىڭ پۇتىنى ئاستا سىلاپ ئۇنىڭدىن كېيىن كۆتىرىپ قويىسىز-دە، بۇ چاغدا دەرھاللا ئىتنىڭ پۇتىنى ئالقىنىڭىزغا قويىسىز ھەمدە ئۇنى گويا مۇكاپاتلىغاندەك قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى يىگۈزىسىز. مۇشۇنداق بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن، شەرتلىك رېفلىكىس ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭنى بەر» دېسىڭىز پۇتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئىت ئۈچۈن بىرەر نەرسە يېيىشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. تەجرىبە ئارقىلىق مۇنداق بىر مەسىلە ئىسپاتلانغان: نېرۋا سىستېمىسى بارلىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە رېفلىكىسلىق ئىنكاس بىلەن جاۋاپ بېرەلەيدۇ. بارلىق ھايۋانلار نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق ئوبىكتىپ دۇنيا بىلەن زىچ ئالاقە باغلىيالايدۇ.
بۇ ئۇلۇغ فىزىئولوگ 1884-يىلى لېكتورلۇق نامغا ئىگە بولغان، 41 يېشىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىنى قۇرغان. كېيىن، ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ دورىگەرلىك ئىلمىي پروفېسسورى، تەجرىبە تىببى ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىئولوگىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى بولغان. 1901-يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ خەۋەرچى ئاكادىمىگى بولۇپ سايلانغان. 1907-يىلى يەنە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىگى بولۇپ سايلانغان. ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى چار پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، پاۋلوۋ زۇلمەتلىك دەۋىردىن قۇتۇلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. چەتئەللەرنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە قارشى تۇرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پاۋلوۋنىڭ تەجرىبە ئىشىنى كۈچىنىڭ بېرىچە قوغدىغان، لېنىن ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پاۋلوۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىر قىسىم خىراجەت ئاجىرتىپ بەرگەن. پاۋلوۋ سوتسىيالىستىك ۋەتەننىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان غەمخورلۇقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنى تېخىمۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان.
ئۇ 1927-يىلى «چوڭ مىڭە ئىككى يېرىم شارنىڭ خىزمىتى ھەققىدە» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلغان. بۇ پاۋلوۋنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان چوڭ مېڭە نېرۋا پائالىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ ئىلمى يەكۈنى ئىدى. بۇ كىتاب دەرھال پۈتۈن دۇنيادا تەسىر قوزغىغان. پاۋلوۋ بۇ كىتابتا: «ئاڭ»، «روھىي پائالىيەت» دېگەنلەرمۇ «چوڭ مىڭە» دىن ئىبارەت مۇشۇ ماددى بۇلجۇڭ گۆش پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ئۇنىڭدىنمۇ مەلۇم مىقداردا ئېنېرگىيە سەرپ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ماتىرىيالىزىمنىڭ ئەڭ بىۋاستە ھالدا ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پاۋلوۋ 1936-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، 86 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىدە، ۋەتەنگە ۋە ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن، ياشلارنى سوتسىيالىستىك ۋەتەننىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا رىغبەتلەندۈرگەن.

«101 ئالىم» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 469 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-02