ۋولت رېد


Walter ReedWalter Reed
ۋولت رېد 1851-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئون نەچچە ياش ۋاقتىدىلا تىببى ئىلىمنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن. 1869-يىلى ئۇ تېخى 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا يېزىدا دوختۇرلۇق قىلىشقا باشلىغان. كېيىن دوختۇرلۇق مەكتىپىگە كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نيۇيوركتىكى بىر دوختۇرخانىغا قايتىپ بېرىپ ئىشلىگەن. 1875-يىلى، ياش رېد ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى داۋالاش ئەترىتىگە قاتناشقان. ئۇ جۇدۇن-چاپقۇنلاردا 18 يىل قاتراپ، مەملىكەت بويىچە ئارمىيە تۇرۇشلۇق جايلارنى ئارىلاپ چىققان ھەم نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىغان. ئۇنىڭ دوختۇرلۇق تېخنىكىسى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى، بولۇپمۇ تۈرلۈك جىددى كېسەللەرنى داۋالاش ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۆچمە دوختۇرلۇق ئىشى داۋامىدا، تىببى دەرسلىكنى بىرەر سائەتمۇ تاشلاپ قويمىغان. ئۇ 1893-يىلى ۋاشىنگتون قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ پروفېسسور بولغان. ئۇ «باكتېرىيىلىك كېسەللەر» نى مەخسۇس تەتقىق قىلغان.
1898-يىلى، ھەربىي لاگېردا بىردىنلا «كېزىك كېسىلى» تارقىلىپ، بىر مۇنچە جەڭچىلەر ئۆلۈپ كەتكەن. رېد شۇ چاغدا مەسئۇل دوختۇر ئىدى. ئۇ ئاخىرى تەتقىق قىلىپ كېسەلنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىپ چىققان. كېزىك كېسىلى چىۋىننىڭ كېسەل مىكروبىنى تارقىتىشى بىلەن پەيدا بولغان. ئۇ دەرھال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كېزىك كېسىلىنى توساپ قالغان. 1899-يىلى، كۇبادا «سېرىق قىزىتما كېسىلى» پەيدا بولۇپ، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن، ئامېرىكىنىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارىمۇ ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە رېدنى كېلىپ قۇتقۇزۇش ئىشىغا ياردەم بېرىشقا چاقىرغان. رېد ئۈچ دوختۇرنى باشلاپ، كۇباغا بارغان، ئۇلارنىڭ بىرى باكتېرىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر جېش لاجېر ئىدى. ئۇلار كۇباغا بېرىش بىلەنلا دەرھال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە يېڭى قۇرۇلغان «سېرىق قىزىتما كېسىلى» ئۆزىنىڭ بېشىغىمۇ كېلەي دەپ قالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ھېچكىمگە قارىماي كېسەللەر ئىچىدە ئۈزلۈكسىز كۈزىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئۇ كۇبادا بىر دوختۇرخانىنىڭ «سېرىق قىزىتما كېسىلى» نى پاشا تارقىتىدۇ، دېگەن داۋلىنى قويغانلىقىنى، لېكىن بۇ سۆز كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغانلىقىنى بىلگەن. رېد بۇ سۆزنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كېلىپ، پاشىنىڭ تۇخۇمىدىن نەچچە يۈز پاشىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ «سېرىق قىزىتما كېسىلى» بار كىشىلەرنى چاقتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقات گۇرۇپىسىنىڭ ئەزالىرىنى چاقتۇرغان، دېگەندەك 2 كىشى «سېرىق قىزىتما كېسىلى» بولۇپ قالغان.
دەرۋەقە، دوختۇر رېدنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇنداق تەجرىبىنىڭ ئوبىكتى بولغان، «سېرىق قىزىتما كېسىلى» نى زادى پاشا تارقىتامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئۇ سېرىق قىزىتما كېسىلى بىلەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەدىيىلىنى يېپىنىپ، كىيىملىرىنى كىيىپ يېتىپ باققان. ئەمما ئۆينىڭ ھەممە دەرىزىلىرىگە پەردە تارتىپ، بىرمۇ پاشىنى كىرگۈزمىگەن. مۇشۇنداق بىر نەچچە كۈن سىناق قىلىش نەتىجىسىدە ھېچكىم «سېرىق قىزىتما كېسىلى» بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن دوختۇر رېد ھەقلىق يوسۇندا يۇقىرىغا دوكلات يوللاپ: «سېرىق قىزىتما كېسىلى» نى باشقا نەرسە ئەمەس، دەل سېرىق قىزىتما كېسىلى بولغان ئادەمنى چاققان پاشا تارقىتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن پاشا يوقىتىشتىن باشلاپ، كۇبا ئارىلىدىكى «سېرىق قىزىتما كېسىلى» ئاخىرى يوقىتىلغان. رېدنىڭ كەشپىياتى ئارقىسىدا، «سېرىق قىزىتما كېسىلى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تىزگىنلەنگەن. ئەپسۇسكى، رېد پۈتۈن يەر شارىدا «سېرىق قىزىتما كېسىلى» مەڭگۈگە يوقىتىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرەلمىگەن. ئۇ 1902-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى 51 يېشىدا ئۆتكۈر سوقۇر ئۈچەي بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ۋاشىنگتوندىكى بىر دوختۇرخانا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئۇ ئىنسانىيەتكە ئەجەللىك كېسەل-سېرىق قىزىتما كېسىلىنى تىزگىنلەپ بەردى».
«101 ئالىم» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 400 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-10-02