ماگېللان


Ferdinand MagellanFerdinand Magellan
يەر شارى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردە، نۇرغۇن سىرلىق ھېكايىلەر بار ئىدى. مەملىكىتىمىزدە قەدىمكى زاماندا «دۈگىلەك زېمىن» توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر تارقالغان. بەزىلەر چوڭ زېمىن غايەت زور دۈگىلەك گۈمبەز، بۇ دۈگىلەك گۈمبەز تېگى يوق چوڭقۇرلۇقتىن كۆتۈرلۈپ چىققان، دېيىشكەن. بۇ رىۋايەتلەر، ئەمىلىيەتتە يەر شارىنىڭ ھەقىقەتەن قانداق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، كاپتالىزىمنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا «جۇغراپىيىلىك چوڭ كەشپىياتلار» دەۋىرىگە قەدەم قويدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دېڭىزچى ماگېللان ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، يىراق دېڭىز سەپىرىنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەر شارىنىڭ دۈگىلەكلىكىنى دەلىللەش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
ماگېللان 1480-يىلى پورتۇگالىيىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياشلىق دەۋىرىدىلا كۆپ قېتىم كېمە ئەترىتىگە قاتنىشىپ يىراق شەرققە بارغان. 1519-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ماگېللان 270 نەپەر دېڭىزچىنى باشلاپ، 5 ھەربى كېمە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ سېنلۇكار پورتىدىن يولغا چىققان. ماگېللاننىڭ 5 ھەربى كېمىسى دەسلەپ دولقۇنلار يېرىپ ئىلگىرلىگەن، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دەھشەتلىك بوران-دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئاسمان-پېلەك دولقۇن ئۇلارنىڭ ھەربى كېمىلىرىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان، دېڭىزچىلار كېچە-كۈندۈزلەپ ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرغان، ئۆز ئورۇنلىرىدىن ئايرىلماي تاماقمۇ يېيەلمىگەن ۋە ئۇيقۇنىمۇ ئۇخلىيالمىغان. بەزىلەر يېرىم يولدا قۇربان بولغان، لېكىن كېمە-ئەترىتى ئاخىرى بوران-دولقۇن ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا يېتىپ بارغان.
1520-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇلارنىڭ كېمە ئەترىتى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، پايانسىز تىنچ ئوكيانغا كىرگەن. بۇ مەزگىل دەسلەپكى ياز پەسلى بولۇپ، بوران-دولقۇنمۇ يوق، ھاۋامۇ ئىللىق ئىدى، بۇ بىپايان كەڭ سۇ دۇنياسى دەھشەتلىك دولقۇن بولىدىغان ئاتلانتىك ئوكيانغا سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن كۆپ تىنچ ئىدى. تىنچ ئوكيان دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. ماگىللان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىغا كەلگەندە، بىر يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار غەلبە بىلەن كېتىۋاتقاندا، بەختسىزلىك ۋەقە يۈز بەردى. ماگېللان 1521-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ يەر شارىنى بىر ئايلىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاران يېرىمى ئورۇنلانغان ئىدى، قەھرىمان دېڭىزچىلار ماگېللاننىڭ جەسىتىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، داۋاملىق غەربكە قاراپ ماڭىدۇ.
ئۇلار ھىندى ئوكياننى كېسىپ، ئۈمىد تۇمشۇغىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، كۈر مىڭ مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، ئاخىرى 1522-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسپانىيىگە قايتىپ كەلدى، بۇ ئاجايىپ سىرلىق غەلبە خەۋىرى، دېڭىزچىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن دېڭىز شامىلىدەك، تېزدىن پۈتۈن ئىسپانىيىگە تارقالدى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. ساياھەتچىلەر يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ كەلگەندە، 270 دېڭىزچىدىن ئاران 18ى قالغان. 5 ھەربىي كېمىدىن ئاران بىرى قالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ساياھىتى ئۇلۇغ ساياھەت بولغان، چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە تۇنجى قېتىم قەھرىمانە ئەمىلىيەت ئارقىلىق يەر شارىنىڭ دۈگىلەكلىكىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ كىشىلەر يەر شارىنىڭ شەكلى توغرىسىدا ئېيتىپ كەلگەن تۈرلۈك سۆزلەرگە خاتىمە بېرىلگەن. ماگېللاننىڭ ساياھىتى ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 575 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-30