روگېر بېكون


Roger Bacon Statue of Roger Bacon
روگېر بېكون-ئۇلۇغ ئالىم، ئۇ 106 ئاي ۋاقىت ئىچىدە چوڭ ئىلمىي ئەسەردىن ئۈچنى يازغان. ئۇ ھەقىقەت يولىدا ئىزلەنگەنلىكى، مۇدھىش قارا كۈچلەرگە تىز پۈكمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاقىۋەتتە ئەكسىيەتچىل دىننى جەمئىيەت ئۇنى 24 يىل تۈرمىدە ياتقۇزغان. روگېر بېكون 1214-يىلى ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. كېيىن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەن مەركىزى بولغان پارىژغا بېرىپ ئوقۇغان. ئۇ ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىپ، ئىلاھىيەت دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1250-يىلى، 36 ياشلىق بېكون پارىژدىن ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىگە لېكتورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە دەرس بەرگەندىن تاشقىرى، كىچىك ئۆيىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بەزى قىزغىنغان كىشىلەر روگېر بېكون قىلىۋاتقان ئىلمىي تەجرىبىنى ئىشىك يوچۇقىدىن ماراپ كۆرۈپ، بېكون زەگەرلىك قىلىۋېتىپتۇ، دېگەن ئىغۋانى تارقاتقان. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، بېكون سېھرىگەرلىك قىلالايدىكەن، دېگەن.
ئۇ چاغدا ئالېكساندىر دېگەن پىداگوك سوئال-جاۋاب شەكلىدە بىر كىتاپ يازغان، ئۇنىڭدا كىشىلەر بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسى يېزىلغان بولۇپ، كىتاپخانىلارنىڭ ئۇنى تولۇق يادلىۋېلىشى تەلەپ قىلىنغان. كىتاپتا خاتالىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بېكون ئۇنىڭغا زادى قوشۇلمىغان. ئۇنىڭ قەدىمكىلەرگە قارىسىغا بويسۇنمايدىغانلىقى، نوپۇزلۇقلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەيدىغانلىقى سېن-فرانسېسچىلارنىڭ يولباشچىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن روگېر بېكون تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدە ئۇنىڭ كىتاپ كۆرۈشىگە، بىرەر نەرسە يېزىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان، ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمىغان. روگېر بېكون روھىي جەھەتتىن ئازاپلانسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پىكىرى ھەرىكەتتىن توختاپ باقمىغان. ئۇ ھەر كۈنى تۆمۈر پەنجىرگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئويلانغان، شۇنداقلا كۈندە كاللىسىدا ئىلمىي ئەسەر يېزىپ ماڭغان. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ توپتوغرا 10 يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن.
بېكوننىڭ تۈرمىدىن چىققان ۋاقتى دەل ئۇنىڭ ئەنگلىيىلىك بىر دوستى باش روھانىي بولغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ئۇ ئىلىم-پەننى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، بېكونغا ئىلىم-پەن توغرىسىدا بىر كىتاپ يېزىشنى ئېيتقان. روگېر بېكون ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغاندىن كېيىن، تۈرمىدە ئويلىنىپ قويغان ئەسىرىنى 18 ئاي ئىچىدە بىراقلا يېزىپ چىققان. كىتاپ جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى زامان ۋە ھازىرقى زاماندىكى بارلىق ئىلىم-پەن بىلىملىرى يىغىنچاقلانغان، بۇ ئىلىم-پەن تارىخىدا بىر ئۇلۇغ نامايەندە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتاپتا بىزگە بۇنداق ئۆگەتكەن: «قۇلاق ئاڭلىغانغىلا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. يىغىنچاقلانغان ۋە ئويلاپ چىقىرىلغانغىمۇ ئىشىنشكە بولمايدۇ. تەبئىي پەندە تەجرىبە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. ئاسترونومىيە ۋە فىزىكىدا ماتېماتىكىنى ئاساس قىلىش لازىم». «تەجرىبە قىلىش ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى». بېكوننىڭ بىلىمى ناھايىتى كەڭ ئىدى، ئۇ شۇ چاغدىلا: «كەلگۈسىدىكى پاراخوت ۋە ئاپتوموبىللار جەزمەن مېخانىكىلىق يول بىلەن ھەيدىلىدۇ. ھارىۋىلارنى ئات سۆرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ھاۋادا ئۇچىدىغان ئايروپىلان، ئۇچار كېمىلەرمۇ جەزمەن كەشپ قىلىنىدۇ» دەپ ئالدىنئالا ئېيتقان. بېكون يەنە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ھەسەن-ھۈسەن قۇياش نۇرىنىڭ يامغۇر سۈيىگە چۈشۈش نەتىجىسىدە ئاسمانغا ئەكس ئەتكەن بىر خىل تەبىئەت ھادىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرگەن. بۇ ئىلمىي پىكىر ھەسەن-ھۈسەن خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، بىر خىل بەخت ئاتا قىلغانلىقى، خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ ئاسمانغا سىزغان سىزىقىنىڭ ئىزى دېگەن ئەپسانىلەرنى بىتچىت قىلىۋەتكەن. بېكون تەجرىبىۋى پەنگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ، پەقەت تەجرىبىۋى پەنلا تەبىئەتنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان. شۇڭا، كېيىنكى كىشىلەر ئۇنى «يېقىنقى زامان تەبئىي پېنىنىڭ پېشۋاسى» دېيىشكەن.
1278-يىلى باش روھانىي ئالماشقان، يېڭى باش روھانىي بېكوننىڭ ئەسىرىنى بىدئەتچىلىك سەپسەتە دېگەن. ئۇ روگېر بېكوننى چېركاۋغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا جازا بېرىشنى قارار قىلغان. روگېر بېكون «پېرخونلۇقىنىڭ ساختىلىقى» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، ئۆزىنى ئاقلىغان. ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سىلەر بۇ نەرسىلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى ئالۋاستىنىڭ ئىشى دېسەڭلار بولمايدۇ، سىلەر ئىلاھىيەتشۇناس ۋە پوپلار بۇ نەرسىلەرنى پېرخونلۇقنىڭ مەھسۇلى، بىر خرىستىئان مۇرىتلارنىڭ كۈچەپ رەدىيە بېرىشىگە ئەرزىمەيدۇ دەپ ھېسابلايسىلەر». شۇنىڭ بىلەن روگېر بېكون يەنە تۈرمىگە ئېلىنغان، ئۇ تۈرمىدە ياتقىنىغا 14 يىل بولغان چاغدا، دوستلىرىنىڭ قۇتقۇزۇشى ئارقىسىدا، ئاران تۈرمىدىن چىقىرىلغان. بۇ چاغدا ئۇ 78 ياشلىق بوۋاي بولۇپ قالغان. تۈرمىدە 24 يىل ياتقان بۇ ئۇلۇغ ئالىم، 1294-يىلى 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

«101 ئالىم» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 404 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-30