ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى(1922-1282)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 5 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى(1922-1282)


   ئوسمان تۈركلىرى ئەسلىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوراسان ئەتراپىدا ياشايدىغان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كېيىن غەربكە كۆچۈپ ، كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ئۇلارنىڭ ئاتامانى ئەر توغرول رۇم سۇلتانلىقى بەرگەن ئانچە چوڭ بولمىغان ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى زېمىنى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بىر پارچە سۇيۇرغال يەرگە ئىگە بولغان . ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىل(تەخمىنەن 1282‏-‏-‏- 1326 يىللىرى)دە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، زېمىننى كېڭەيتىپ 1326- يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىنىڭ بۇرسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پايتەخىت قىلغان . ئوسمان تۈركلىرى تېز قۇدىرەت تاپقان .
   14- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئوسمان تۈركلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ ، 1362- يىلى ئادرىئانوپۇل(تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە دەپ ئاتىغان)نى ئىگىلەپ ، پايتەخىتنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرگەن . ئارقىدىن فراكىينىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1389- يىلى كوسوۋودا بالقاندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىينى بويسۇندۇرغان. تۆت يىلدىن كېيىن بۇلغارىيىنى بويسۇندۇرغان. 1396-يىلى نىكوپولدا ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بالقاندىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلىگەن . 15- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمان تۈرۈك ئارمىيسى شەرقىي رىم ئىمپىرىيسىگە ھۇجۇم قىلغان ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەخىتى كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قوزغىغان . ئۈچ ئەتراپنى دېڭىز ئوراپ تۇردىغان كونستانتىنوپولنىڭ قاتنىشى قولايلىق ، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ،  4- ئەسردىن5- ئەسرىگىچە رىم ئىمپېراتورلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سېپىل سوقتۇرغانىدى. غەرپ تەرەپتىكى سېپىل قوش سېپىل بولۇپ ، ھازىر ئىستانبولدا يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ سىرتىنى خەندەك ئوراپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە بىر مۇنچە ئىستھكام بولغاچقا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم ئىدى. دېڭىزدىن كېلىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى خالىچ قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەنجىر ئورنىتلغانىدى. خالىچ قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى كالاتىيە رايونى كونستانتىنوپولنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى ئىدى . گېنۇيالىقلار ئۇ يەردە تايانچ پونكىت قۇرۇپ ، سېپىل سوقتۇرغانىدى . ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەت(1481---1451يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان )قورغانغا ھۇجۇم قىلىشنى خېلى ئۇزاققىچە توختاتمىغان ،1453-يىلى ، ئوسمان تۈركلىرى كالاتىيە رايونىدىكى گېنۇيالىق سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىپ، گېنۇيالىقلارنىڭ مەزكۇر رايوندا سودا قىلىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن بۇ يەردىن يول ئېچىپ ، ئاخىرى زەنجىرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان . شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى يوقىتىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئوسمان تۈركلىرى پايتەختنى كونستانتىنوپولغا كۆچۈرگەن . 15- ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تۈركىيە پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىشغال قىلغان . يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى قىرىم خانلىقىنى ئىشغال قىلغان( - 1457يىلى)16-ئەسرنىڭ50-يىللىرىغىچە ، تۈركىيە ئارمىيسى ئاسىيادا تاشقى كاۋكاز ، ئىككى دەريا ۋادىسى ، سۈرىيە ، پەلەستىن ، مەككە، مەدىنەۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى، ئافىرىقىدا مىسردىن ئالجىرىيەگىچە بولغان كۆپ قىسىم رايونلارنى، ياۋروپادا بېلگىرادنى ئىشغال قىلغان ، يەنە ۋېنگىرىيەگە نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلغان ، 1459-يىلى ۋېنگىرىيە يىللىق ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان . ئىمپىراتور سۇلايمانI نىڭ زامانىغا كەلگەندە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى شەرقتە پارىس قولتۇغى، شىمالدا دون دەريا ۋادىسى، غەرپتە ۋېنا ۋە ماراكەش، جەنۇپتا سۇدان ۋە يەمەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقنى ئىشغال قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان.

     1683-يىلى ئسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋىناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولدى، ئاۋستىرىيە، پولشا، ۋە ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنلىرى غەربى سەپتىن, چارروسىيە شەرق ۋە شىمالدىن، ئىران شەرقى سەپتىن بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋېنگىرىيەنى ئاۋستىرىيىگە،  قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنى روسىيىگە، ئازەربەيجاننى ئىرانغا تارتقۇزۇپ قويدى. فرانسىيە-ئەنگىلىيەلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىمپىرىيەدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوللىشى، ئەرەپ قەبىلىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ تۈركلەرگە قارشى قويۇشى بىلەن 1821-يىلىدىن 1832-يىلىغىچە روسىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ گىرىتسىيە مۇستەقىللىقىنى قوللاپ ئېلىپ بارغان گىرىتسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىپ ئىمپىرىيەنىڭ ھۇلىغا دەز كەتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىدىكى ئىككى چوڭ مىللەت ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئۇرۇشى مىسىر-تۈركىيە ئۇرۇشى يۈز بەردى. روسىيەنىڭ زور ياردىمى ئارقىسىدا مۇستەقىللىقنى ئالغان سېربىيە، بۇلغارىيە، رومانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەن سۈپىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشى، ئەرەپلەرنىڭ ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا توپىلاڭ قىلىش نەتىجىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ئۈزۈل-كېسىل ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالدى.

   1-دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى ئاۋستىرىيە، گېرمانيەلەر بىلەن بىللە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ قولدىن كەتكەن شان-شۆھرىتىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ زىمىنىدىن مەھرۇم قىلدى. كۈنسېرى كىچىكلەۋاتقان دۆلەت زىمىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ھەركىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.  تۈركىيە مىللى قەھرىمانى مۇستاپا كامال گۈللىنىش ھەركىتى قوزغاپ مىللى پارلامېنت  ھۆكۈمىتى قۇردى، 1922-يىلى 11ئايدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەدVI نىڭ تۈركىيەدىن كېتىشى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە خاتىما بېرىلدى. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەسمى قۇرۇلدى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1058 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01