رىلې


Charles LyellCharles Lyell
مىلادى 1797-يىلى، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگلىيىدىكى كىننارىدا رىلې دېگەن بىر بالا تۇغۇلغان. رىلېنىڭ بالىلىق دەۋىرىدىكى ئەڭ چوڭ قىزىقىدىغىنى ھاشارەتلەرنى تۇتۇش ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ كېپىنەك تۇتۇشنى ياخشى كۆرەتتى. تۇتقان كېپىنەكلەرنى كىتاپقا قىستۇرۇپ قوياتتى، ھەر قېتىم كىتاپ كۆرگەندە، بۇ كېپىنەكلەرگە بىر قۇر تەپسىلى قاراپ چىقاتتى. شۇڭا كېپىنەكلەرنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىگى ۋە رەڭگى ئۇنىڭ مېڭىسىدە ئېنىق ئىدى. مانا مۇشۇ كىچىك رىلې ئاخىرى ئەنگلىيىنىڭ گىئولوگىيە ئالىمى ۋە بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ قالغان. رىلې 8 يېشىدا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان، 3 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن ئاغرىپ قالغان. ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدىمۇ چىرايلىق كىچىك كېپىنەكلەرنى ئەسلەپ تۇرغان. ئۇ: «ئۆيدە ئاغرىپ ياتقاندا بەك زېرىكىپ كەتتىم، ئۇلار ئۇچۇپ كەلسىلە كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى» دېگەن.
ئەمىلىيەتتە ئۇ تىنچ يېتىپ داۋالىنالمىغان. بىر كۈنى، ئۇ دادىسىنىڭ كىتاپ جازىسىنى ئاختۇرۇپ ھاشارەتلەر توغرىسىدىكى بىر كىتاپنى تېپىۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەن. ئۇ كىتاپنى سىنچىلاپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈن كىتاپتىكى داۋلىلار ۋە تۈرلۈك ھاشارەتلەرنىڭ سۈرەتلىرى چىرمىۋالغان. رىلې كېسەل بولۇپ ئۆيىدە يېرىم يىل تۇرغان بولسىمۇ، ھاشارەتلەر توغرىسىدىكى بىلىم جەھەتتە 10 يىل ئوقۇغاندەك بولغان. رىلې مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، دائىم دالىدىكى ئوت-چۆپلۈكلەرگە بېرىپ تۈرلۈك ھاشارەتلەرنى ۋە خىلمۇ-خىل كېپىنەكلەرنى تۇتقان. بەزىلەر ئۇنى ۋاقىتلىرىنى بىكار زايا قىلىۋاتىدۇ دەپ زاڭلىق قىلغان. رىلې مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىم سىلەر ئويلىغاندەك كۈلكىلىك ئەمەس، مەن ھاشارەتلەر بىلەن ھەرگىز نوقۇل قىزىقچىلىق ئۈچۈنلا ئېيتىشىۋاتقىنىم يوق، بەلكى ئۇلارنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن». ئۇزاق تەتقىق قىلىش ئارقىسىدا، رىلې نەچچە يۈز يىل ھاشارەت بىلەن تونۇشقان. ئۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ كېپىنەكنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. ئۇ كېپىنەكلەرنىڭ نەسلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئادىتى، ياشاش شارائىتى ھەم تەۋەلىگىنى ئايرىپ چىققان. 1814-يىلى، رىلې ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوكسىت تېخنىكومىغا كىرگەن. ئۇ يەردە گېئولوگىيىدىن دەرس بېرىدىغان بىر پروفېسسور بولۇپ، رىلې ئىلگىرى گېئولوگىيىنى ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدا نىسبەتەن ھۆرمەت پەيدا بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ گېئولوگىيىنى تەتقىق قىلىش ئىشىغا كىرىشكەن.بىزگە مەلۇم، زوئولوگىيىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ گېئولوگىيىنى چۈشىنىش كېرەك، چۈنكى يەر شارائىتى ھايۋاناتلارنىڭ تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار بولىدۇ. رىلې 1818-يىلدىن باشلاپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى فرانسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئىتالىيلەرنى كۆپ قېتىم ساياھەت قىلىپ، مول گېئولوگىيلىك بىلىملەرگە ئىگە بولغان. ئۇ 1828-يىلى سىسلى ئارىلىدىكى ئېتنا يانار تېغىنىڭ نېرىقى تەرىپىدە، ئۇ يەردىكى سېغىز توپىنىڭ ئىرلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى چوڭ تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ توپىسى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقىغان. بۇ توپىلاردا توپان سۈيى دەۋىرىدىكى چۆكۈندىلەر بار ئىدى. چۆكۈندىلەر ئىچىدە تاشقا ئايلانغان يۇمشاق تەنلىكلەر بار ئىدى، ئۇ مۇشۇ تاشقا ئايلانغان نەرسىلەرنى ھازىرقى زاماندىكى يۇمشاق تەنلىكلەرگە سېلىشتۇرۇپ، بىر خىل پىكىرنى قارارلاشتۇرغان، ئۇ مۇشۇ پىكىر بويىچە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىپ، گېئولوگىيىلىك دەۋىرنىڭ ئۈچىلەمچى دەۋىرىدىكى يەر قاتلىمىنى، قەدىمكى يېڭى دۇنيا دەۋىرى، ئىپتىدائىي يېڭى دۇنيا دەۋىرى ۋە يېڭى دۇنيا دەۋىرى دەپ ئايرىغان، كېيىن نۇرغۇن ئالىملار مۇشۇنداق ئايرىشنى قوللانغان. 1830-يىلى، رىلېنىڭ «گېئولوگىيە قائىدىلىرى» دېگەن بىرىنچى توپلىمى نەشىردىن چىققان. ئۇ بۇ كىتاپتا يەر شارى شەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. رىلې كونا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوقىلىشى، يېڭى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئىپادىلەنگەن قانۇنىيەتلەر بىلەن گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش تەلىماتىنى شەرھلەپ بەرگەن، لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ جايدىكى ھايۋاناتلار بىرلا ۋاقىتتا يوقالغان دەپ ھېسابلىغان. بۇ خاتا كۆز قاراشنى كېيىن دارۋىن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1831-يىلى، ئۇ لوندوندىكى پادىشاھلىق مەخسۇس مەكتىپىنىڭ گېئولوگىيە پروفېسسورى بولغان. 1835-يىلى، ئەنگلىيە گېئولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1838-يىلى ئۇنىڭ «گېئولوگىيە پروگراممىسى» دېگەن ئەسىرى نەشىر قىلىنغان. رىلېنىڭ ئەسىرى يېقىنقى زامان گېئولوگىيىسى ئۈچۈن ئىلمىي نەزىرىيىۋى ئاساس سېلىپ بەردى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ ھۆرمەتلىنىپ «يېقىنقى زامان گېئولوگىيىسىنىڭ پىرى» دەپ ئاتالدى.بۇ گېئولوگ ۋە بىئولوگ 1875-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 77 يېشىدا لوندوندىكى تۇرار جايىدا ۋاپات بولغان.

«101 ئالىم» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 429 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-09-30